查看完整版本: [-- بىزدىكى ئاجىرىشىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> بىزدىكى ئاجىرىشىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2013-12-17 21:57

بىزدىكى ئاجىرىشىش

bdhgHjz  
     بۇ تېمامنىڭ ماۋزۇسى تولىمۇ تومتاق قويۇلۇپ قالغىننى ئۆزۈممۇ ھېس قىلدىم. لېكىن يازماقچى بولغانلىرىمنى شۇنداق ئاتاشنى توغرا تاپتىم. D+PUi!  
    يېقىندىن بېرى بىزنىڭ مەھەللىدىكى خولۇم- خوشنىلارنىڭ يېڭىلا توي قىلغان قىز -ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا بىر يىل بولا-بولمايلا <<ئاجىرىشىپ>>كەتكىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. مەھەلىمىز دوقمۇشىدىمۇ بىر نەچچەيلەن بىرگە بولسىلا مۇشۇ تېما ئۈستىدە مۇنازىرلىشىدىغان بولۇپ قالدى. ھازىر بۇرۇنقى ئاياللاردىكى غەيۋەتخورلۇق بىز ئەرلەرگە يۇقتى. ياق، يۇقتىلا ئەمەس بىزگە كۆچتى دېگەنلىك توغرا بولسا كېرەك. ھازىر دوقمۇشقا چىقساملا بىر توپ مەھەلىداشلىرىمنىڭ كىملەرنىڭدۇ ئۈستىدىن گەپ- چۆچەك قىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مەن تونۇيدىغانمۇ، تونۇمايدىغانلىرىمۇ بار. ئىشقىلىپ شەھرىمىزدە نىمە ئىشلار بولىۋاتقىنى بىزنىڭ دوقمۇشتىكىلەر ئالدى بىلەن بىلىدۇ. بۇ پاراڭلار كىمنىڭ قەيەرگە باشلىق بولدى، كىم -كىمنى يۆلىدى، كىم -كىمنىڭ تەخسىسىنى كۆتۈردى، كىم -كىمگە داستىخان سېلىپ نېمە نىمەتلەرنى چىقاردى؟ كىمنىڭ پۇلى بار، كىم قىماردا ئۇتتۇرۋەتتى، كىم شاپاقچىلىق قىلىۋاتىدۇ، قايسى سەتەڭنىڭ خۇلىقى نازلىق، كىم -كىمنىڭ ئاشنىسى، كىمنىڭ بالىسى ...نىم - نىم قېلىۋاتىدۇ، كىمنىڭ نەۋرىسى بەك ئەقىللىق، كىمنىڭ دۆت....ۋاي-ۋۇي ئىشقىلىپ شەھەردە بار ھەممە ئىشتىن بۇ دوقمۇشتىكىلەر ئالدىن خەۋەردار. بۇرۇن توي-تۆكۈنگە بارغان ئاياللىرى كوچا خەۋەرلىرىدىن ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرسە، ھازىر بىزنىڭ دوقمۇشتىكىلەر ئاياللىرىنى خەۋەرلەندۇرۇدۇ. مانا بىزنىڭ ئورنىمىزنىڭ ئۆزگەرگىنى بولماي نېمە؟.... xF+x I6  
- چىن باغدىكى يۈسۈپ سەررەڭنىڭ ئوغلى خوتۇندىن ئاجىرىشىپ كېتىپتۇ . - دېدى .چىرايلىرى قاپ-قارا ھامۇتكام تاماكىسىنى پۇقۇرتۇپ تۇرۇپ. D$ z!wV  
- ۋۇي، ئۆتكەندىلا تويىغا بىرىۋىدۇققۇ؟   Nuq/_x  
- شۇ ئىككى ئاي بولمىغان چىغى.. `"4EE}eQc  
- نېمىگە ئاجراشقاندۇ بۇ ياقتىن توي قىلىپ، ئۇ ياقتىنلا؟ aa]v7d  
- قىزنىڭ دېىيىشىچە سەرەڭنىڭ ئوغلى  بىجىرىم ئەمەسمىش... قىزنىڭ يېنىغا بىر قېتىممۇ بارماپتىمىش... /V c!N)  
- شۇ بۇ بالىلار ھازىر بالدۇرلا ھېلىقى ۋاڭبا دېگىنگە كىرۋىلىپ تور ئويناپ سېرىق نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئانالىزىم قىلىپ ئۆزىنى بۇزىۋاتىدۇ. IQ8AsV&'C  
-شۇنداق مىرشات تىۋىپنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق بالىلار ئۇنىڭ ئالدىغا كۈندە دېگۈدەك كېلىدىكەنمىش، قولغا كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن ئايال كىشىگە مەيلى تارتماسمىشقۇ؟.... _Z&R'`kg  
- سەرەڭ پۇلۇم كۆپ، بايلىقىم زور -دەپ ھەشەمەت بىلەن قىلغان بالىسىنىڭ تويىنى بەتخەجلىك قىلغانغا تويسۇن مانا! خوپ، بوپتۇ.... dI|/Xm>  
    گەپنىڭ ئاخىرى بايام بىز باشتا دېگەندەك غەيۋەتكە كۆچتى، سەرەڭنىڭ بۇرۇنقى بۇزۇقچىلىقلىرى، باي بولغاندىن كېيىنكى پىخسىقلىقلىرى...ھەممە-ھەممىسى دېيىلدى... =Y0m;-1M  
  ئويلاپ قالدىم؟ راست ھازىر بىزدە نېمە ئۈچۈن ئاجىرىشىش كۆپىيىپ كەتتى؟ ;k]pq4E  
  ئۆتكەندە بىر ئاغىنەمنىڭ ئىنىسى ئون كۈن بولمايلا ئاجىرىشىپ كەتتى؟ سەۋەبىنى ئاغىنە ھەم ئۇ ئىنىمىز ئالدىمىزدا چوڭ بولغاچقا كۆڭۈل بۆلۇپ سورۇدۇق. 9mZ1 a6,x  
- نېمە بولاتتى ئاغىنىلەر؟ بۇ قىزلار بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشكە، كۈندە يېڭى كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراقكەن. بىزنىڭ بۇ كېلىن پەقەت  << توي قىلغان >> دېگەن ئاتاق رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئىنىمغا توي قىپتىكەن. توي قىلىپلا ھەپتە ئۆتۈپ ئاجراشتى. تۆنۈگۈن بىرى كۆرۈپتۇ، كەچلىك ئويۇنخانىدا  بىرلىرى بىلەن ئىچىپ، چاشلىرىنى چۇۋۇپ سەكرەپ تانسا ئويناپ يۈرگۈدەك... ~ 5b %~:  
    ئىچىمىز ئېچىشتى. بالىنىڭ تويىنى قىلدۇق -دەپ ئاتا-ئانىنىڭ نەچچە تۈمەن پۇلى سورۇلسا، ھاردۇقى چىقماي تۇرۇپلا ئاجراشسا نېمە دېگەن ئۇۋالچىلىق بۇ؟ بۇ بالىلار نىكاھنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈپ قېلىۋاتسا كېرەك؟ ئاشۇ تانسا، ئەشۇ ناتوغرا يۈرۈشلەر، ئەشۇ ۋاقىتلىق تىنى بەدىلىگە بىرىلىۋاتقان پۇللار ئۇلارغا ئەسقاتارمۇ؟ بۇنى بۇ ياشلار ئويلىماسمۇ؟ ئەگەر بىرەر يامان كېسەلگە دۇچار بولسا ئۇلار كەلگۇسىدە قانداق قىلار؟! N8TO"`wdbs  
   ئاجىرشىپ كەتكەنلەر نۇرغۇن. ئەگەر ئەر-ئايال بىرلىككە كېلەلمەي ئاجىرىشىپ كەتسە بۇنىڭ يولى باشقا، ھەر ئىككىسى جىدەلدىن قۇتۇلۇپ ئارامغا چىقىدۇ. لېكىن قەستەنلىك بىلەن ئائىلىنى، نىكاھنى بۇزسا بۇ گۇناھ ھېساپلانماسمۇ؟... ';%g^!lM a  
بىرىنىڭ ئاتا - ئانىسى كېلىننى پەس كۆرۇپ، كېلىننى خارلاپ مەجبۇرى ئاجراشتۇرۋىتىۋاتقان، ئوغلىنىڭ كۆڭلى بولسىمۇ لىڭتاسمىلىق قىلىپ ئاتا - ئانىسىغا ئىككى ئېغىز لىللا سۆزنى قىلىپ ئائىلىسىنى قوغداپ قالالمىغان، بىرلىرى مۇھاببەت- دەپ قاتتىق ۋاقىراپ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي داغ-دۇغا بىلەن توي قىلىۋىلىپ، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ خىزمىتى، تاپاۋىتى يوق تۇرۇپ بىر مەزگىل تويدىن چۈشكەن پۇللىرى بىلەن بىر-بىرىگە چىرمىشىپ بازارمۇ-بازار قاتراپ يۈرگەن، ئاندىن يانچۇق قۇرۇقدىنىپ قالغان، ئىشلەي-دېسە خىزمەتنى ياقتۇرمىغان، چوڭ يەرلەردە ئىشلەشنى، ئىشتاننىڭ قىرى بۇزۇلمايدىغان، چاچلىرىغا توپا قونمايدىغان خىزمەت قىلىشنى ئويلاپ ئادەتتىكى ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشنى نۇمۇس بىلىدىغان ئەر-ئاياللار ئاخىرى ئائىلىنى روناق تاپقۇزماق تۈگۈل جېنىنىمۇ باقالماي ئاجىرىشىپ كېتىۋاتقان. يەنە بەزىلىرى بىر-بىرىنىڭ خۇي پەيلىنى بىلىشمەي تۇرۇپلا چىراي-ھۆسنىگە بېقىپ توي قىلىۋىلىپ كېىلىشەلمەي ئاجىرىشىۋاتقان... 4=Zlsp  
   بىزدە ھازىر ئاجىرىشىشقا بانا كۆپ. كىچىككىنە قۇچاقتىكى بالىلار تىرىك يىتىم بولۇپ، بوۋا-مومىسىنىڭ قولىغا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاتا -ئانىنىڭ مېھرىدىن دىلى سۇ ئىچمەكتە يوق، تەمتىلەپ ماڭغىنىدىن باشلاپ تاكى مەكتەپكە بارغۇچە دىلى سۇنۇق ھالدا چوڭ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇ نارىسىدىلەرنى مۇشۇنداق  قىلىپ قويۇۋاتقان زادى كىم؟ بۇ گۇناھنى زادى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟... aum,bm/0J  
بالىلار بىزنىڭ كەلگۇسىمىز، ئۈمۈت يۇلتۇزىمىز! ئۇلار بىزنىڭ نەسەبىمىزنى ئۇلاپ ماڭغۇچىلار.  ياراملىق بالىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارنى ۋەتەنگە، مىللەتكە مېھنەت- ئەجىرلىك قىلىپ يىتىشتۇرۈش بىز ئاتا -ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزىمىز .شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ تويىنى قىلىشتىن ئاۋال بالىمىز ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن تۇرمۇشىنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالامدۇ-يوق، ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزالامدۇ يوق؟ دېگەنلەرنى كۆپرەك ئويلىشىمىز زۆرۇر بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. مەنچە ئالدى بىلەن توي قىلىشقا، نەۋرە كۆرۈشكە ئالدىرماي بالىلارنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۇلارنى  بىرەر كىرىمگە ئىگە قىلدۇرايلى. چىنىقتۇرۇپ، ئائىلىنىڭ نىمىلىگىنى، ئۇنىڭدىكى مەسئۇليەت تۇيغۇسىنى بىلدۇرىلى. ئۆرۇپ-ئادىتىمىز، بۇرچىمىز، نىكاھ كۆز قارشىمىز، ئائىلىمىزنى قوغداش، جۇپتىمىزگە سادىق بولۇش توغۇرلوق نەسىھەتتە ۋە ئۈلگۇدە بولايلى. ئائىلە دېگەندە كۈندە بايرام بولمايدۇ. جاپا- مۇشاقەتلىك كۈنلەر باشقا چۈشۈدۇ. مۇشۇ سىناقلارنى ئۇلارنىڭ يىڭىشىغا قويۇپ، ئۇلارغا سىرىتتىن يار-يۆلەكتە بولىلى، ئاجىرىشىمەن- دەپ پوتلىسىنى ئېقىتىپ كەلسىلا << ئاجراش >> دىمەيلى. ئاجىرىشىش بۇ نومۇس قىلارلىق ئىش. يەڭگىللىك شەيتان ئىشى بولغاچ بالىلىرىمىزنىڭ ھەم ئۆزۇمىزنىڭ نىكاھ  ئىشىدا داۋاملىق سەزگۈر، مەسئۇليەتچان بولايلى! \?Z dUY  
c/u;v69r  
مەنبە : ئەليۇرت تورى  پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللىدىم. +J} 41  

خەندان 2013-12-19 11:11
بۇ تىمغا نۇرغۇن ئادەم قىزىقسىمۇ بىراق ئەزەلدىن بىمىشمىزنى سىلكىپ باقمىدۇق ،بىزنىڭ مەكتەپتە ئاجراشقان ئاياللار 30%نى ئىگەللەيدۇ ئۇلارنىڭ كۆپى يولدىشى تالاغا قارىغان ياكى ئۆيدىكىلەر ئۆينىڭ ئىشنى ۋاقتىدا تۇگەتمىدى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ،كىم ئۆينىڭ ئىشنى تۇگىتەلەگەن ،شۇنداق دىگەنلەرنىڭ قىزلىرى خىزمەتكە چىقىۋىدى ‹‹قىزىم خىزمەت قىلمەن ،تاماق ئىتىمەن دەپ ،ئۆينى تۇتىمەن ›› دەپ ئورۇقلاپ كەتتى دەيدۇ،ئەجىبا كىلىنلەرچۇ ؟ ھەممىسى ئەمەس بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئازراق ئىشنى دەپ نۇرغان ئۆيلەرنىڭ بۇزۇلىشغا ،ئەرلەر كىچىككىنە ھىسياتنى دەپ بىر ئۆمۇر بالىلارغا ئازاپ ئىلىپ كىلۋاتىدۇ ،ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى ،مىللەت بىزنىڭ ،بالىلار بىزنىڭ ،ئاياللار بىزنىڭ .

مىېھرىما 2013-12-19 14:27
ناھيتىمۇ ئورۇنلۇق سۆزلىدىڭىز رەھمەت سىزگە.

ئەكبەرنىياز 2013-12-24 11:17
مېنىڭچە بۈگۈنكى دەۋردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش لاياقىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ . بالىلىرىمىزغا كۈندە قانچىلىك ۋاقىت ئاجرىتىۋاتىمىز ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز ، ئۆزىمىز ئۇلارغا قانچىلىك ئۈلگە بولىۋاتىمىز ؟ بۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ دوستلار !!!

ياسىنجان510 2013-12-24 15:10
ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ،مەجبۇرىيىتى،ئاتا-ئانىلىق سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشنى بىلمىسە ،بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى بالىلارنى يېتىم قالدۇرۇشتىن ئىبارەت رەھىمسىزلىك،ئەخلاقسىلىق تۈگىمەيدۇ.كونىلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ،توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى ئېچىپ، بىر كۆزۈڭنى يۇمىۋال دېگەن ئەمەسمۇ....

ياپراق 2014-03-18 22:43
ھازىرقى ئاتا-ئانلار چوڭقۇر بىر ئويلىنىپ باقايلى ،بىز ئائىلىمىزگە قانچىلىك بىر مەسئۇليەت نوقتىسىدا تۇرۇپ قاراپ باقتۇق................


查看完整版本: [-- بىزدىكى ئاجىرىشىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled