查看完整版本: [-- تولۇق ئوتتۇرا جۇغراپىيىسىدىن  دەرس تەييارلىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> جۇغراپىيە -> تولۇق ئوتتۇرا جۇغراپىيىسىدىن  دەرس تەييارلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-10-29 14:47

تولۇق ئوتتۇرا جۇغراپىيىسىدىن  دەرس تەييارلىقى

تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۋىلىڭ



下载:第三节地球的运动4




 




tawpek 2010-10-29 23:15
ھۆججەت ئورتاقلىشىش دىگەن تۈردىن مۇنبەر كودى دىگەننى كۆچۆرۆپ چاپلىسىڭىزلا   يۇقارقىدەك چىقىدۇ.

بولسا ھەممە پەننىڭ ماتىرىياللىرى جۇغلانسا تىخى ياخشى.

نەچچىنچى يىللىق ، قايسى دەرىسنىڭ تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى تونوشتۇرۇپ قويماپسىز.

koksangun 2010-10-30 11:24
مېنىڭ يېقىندا قىلىدىغان خىزمەتلىرىمنىڭ بىرى دەل مۇشۇ،ھازىر مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لاھىيىسىنى يىغىۋاتىمەن،بولسا ھەر قايسى مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تەييارلىغان كونسىپىك،دەرس لاھىيىلىرىنى ئەۋەتسە ، تورغا چىقىپ دەرس دېتاللىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى كېڭەيگەن بولاتتى.

tawpek 2010-10-30 11:26
لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردە ئوقوتقۇچىلارنىڭ كومپىيۇتىردا دەرىس تەييارلىشى چەكلەنگەن.

بارنى تاپساقمۇ دەپتەرگە كۆچۆرمىسەك بولمايدۇ.

arzu 2010-10-30 15:56
بىزمۇ كومپىيوتردا تەييارلىساق ئۇنىمايدۇ، مەيلى ئەمەسمۇ،  بولسىلا كۆچۈرمەك ئاسانغۇ.... ھەممىدىن يوقى يامان.

koksangun 2010-10-30 17:39
كومپيوتېردا تەيارلىغان دەرسنى قانداقسىگە چەكلەيدۇ،زامانىۋىي ـتېخنىكىغۇ ئۇ؟! كومپيۇتېردا تەييارلىغان دەرس ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئەمگەك مىۋىسى بولسا ئۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق نېمە گەپ ئۇ ئۆزى!؟
بۈگۈنكى مائارىپ زاماىۋىي تېخنىكىدىن يىراقلاپ كەتسە كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىدىغان تېخنىكا ساۋاتسىزلىقىغا كىم ئىگە بولىدىكەن؟
بەلكىم،جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغان بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارنىڭ تەييارلىغان دەرس ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى مۇستەقىل دەرس تەييارلىمايدىغاندۇ ،شۇڭا مەكتەپلەر شۇ خىل چارىلەرنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن-دە...
ياكى بەزى مەكتەپلەردە كومپيۇتېر سەپلەنمىگەن بولسا كومپيۇتېردا دەرس تەييارلاشنىڭ قىممىتى بولمىغاندۇ...
ئەمما،زامانىۋىي تېخنىكىنىڭ،بولۇپمۇ كومپيۇتېرنىڭ مەكتەپلەردە ئومۇملىشىشى مۇقەررەر تەرەققىيات ، ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ...
مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدا بۇ ساھەدە ئىزدنگۈچىلەر تۇنجى تۈركۈم تەۋپىقلار بولۇپ قالغۇسى دەپ ئىشىنىمەن...

tawpek 2010-10-31 22:29
ئىيىتقىنىڭىز توغرا،
مۇستەقىل تەييارلىماسلىقىمىزدىن قورقىدۇ. لىكىن مۇستەقىل تەييارلىمايدىغانلار يەنە ئوخشاشلا دەپتەرگە تەييارلىسىمۇ يەنىلا كۆچىرىدۇ.

ئىشقىلىپ بۇ بىر مەسىلە.

tunyukuk 2011-01-16 21:12
يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاللىبۇرۇنلا : «مائارىپنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرەيلى، زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرەيلى » دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. بۇ ئۈچ يۈزلەندۇرۇشنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

tawpek 2011-01-16 21:17
بىز بۇيەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قولدا قىلىپ كىيىن كومپىيۇتىرغا كىرگۈزۈپ تۈزەپ راۋرۇس بولوپ بولغاندا بىسىپ چىقىرىپ ئۇنى بىر-بىرلەپ يەنە قەغەزگە كۆچۆرۆپ ئاندىن تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرسىتىمىز. بولمىسا ئۆتمەيدۇ.


查看完整版本: [-- تولۇق ئوتتۇرا جۇغراپىيىسىدىن  دەرس تەييارلىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled