مىېھرىما |
2013-12-15 23:45 |
ئالىپ ئەر تۇڭا داستانى
ئالىپ ئەر تۇڭا داستانى uk1IT4+ p;@PfhEz) تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئابلىكىم مۇھەممەت WDZEnauE \z_@.Jw{ ئىران پادىشاھى مەنۇ چىھرەىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خەۋرىنى ئالغان تۇران پادىشاھى پەسەڭ،ئىرانلىقلارغا ئۇرۇش ئاچماق ئۈچۈن تۈرك ئۇلۇسلىرىنى توپلىدى:«ئىرانلىقلارنىڭ بىزگە قىلغانلىرىنى قايتۇرىمىز،تۈركلەرنىڭ ئۆچىنى ئالىدىغان زامان كەلدى»دېدى. +b{\v1b ئوغلى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئىچىدە قانلىرى قاينىدى.دادىسىغا"«مەن ئارسىلانلار بىلەنمۇ سوقۇشالايمەن،ئىراندىن ئۆچ ئالايلى»دېدى. dI>oHMC ئۇنىڭ بويى چىناردەك،كۆكرىكى ۋەقوللىرى ئارسىلاننىڭكىدەك ،پىل كەبىي كۈچلۈك ئىدى،تىلى ئۆتكۈر قىلىچ كەبىي ئىدى.ئۇرۇش ھازىرلىقلىرى تەييارلىنىۋاتقاندا تۈرك شاھىنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئالىپ ئارىز سارايغا كېلىپ دادىسىغا:«داەا!سەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈكىسەن،مەنۇچېھرە ئۆلدى،ئەمما ئىران ئوردىسىدا بۈيۈك قەھرىمانلار بار. ئىسيان قىلمايلى،ئۇنداق قىلساق ۋەتىنىمىز خاراپ بولار»دېدى. p?}Rolk7 پەشەڭ ئوغلىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن مۇنداق دېدى:«ئالىپ ئەر تۇڭا بىرئارسىلان ،ئۇرۇشقا ئۆزىنى ئاتىدۇ،باھادىر بىر تىمساھتۇر،ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆچىنى ئالماقچى،سەن ئۇنىڭ بىلەن بىردەك بول.تۈزلەڭدە ئوتلار ياشارغاندا «ئامۇل»(ئامۇ دەرياسى دىمەكچى بولسا كىرەك)غا يۈرۈش قىلىمىز.ئىران ئاتلىرىنى يەر چىشلىتىپ،سۇلىرىنى قانغا بويايمىز.» +`[$w باھاردا تۈرك ئوردىسى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ بۇيرۇغى ئاستىدا ئىرانغا يۈرۈش قىلدى.دەھىستاندا ئىككى تەرەپ قارشىلاشتى. !{4p+peqJV تۈرك قەھرىمانلىرىدىن بارمان ئىرانلىقلار تەرەپكە ئىلگىرلەپ كەلدى.ئىران قوماندانى ئوردىسىنىلا باقتى.ياشلاردىن ھېچكىم قارشى چىقالمىدى.يالغۇز قۇمانداننىڭ قېرىندىشى قۇبادلا مەيدانغا چىقتى،ئۇ قېرىغان ئىدى.قېرىندىشى ئۇنىڭغا:«بارمان ياش،ئارسىلان يۈرەكلىكدۇر. Fc=8Qt^ بۇ كۈنگە قەدەر يېڭىلىپ باقمىدى،سەن ياشاندىڭ،قان ئاق چاچلىرىڭنى قىزارىتسا يىگىتلىرىمىز جەڭ مەيدانىدىن ئۈركۈپ كىتەر».قۇباد پەقەت ئاڭلمىدى:«ئىنسان دىگەن ئوۋ،ئۆلۈم ئۇنىڭ ئوۋچىسىدۇر»دىگەندەك جەڭگە چىقتى.بارمان ئۇنىڭغا:«باشىڭنى ماڭا بېرەي دەپ كەپسەن،بىرئاز ساقلىساڭ ياخشى بولاتتى.چۈنكى سېنىڭ ھاياتىڭغا قەسىت قىلغۇم يوق ئىدى.»دېدى. mb&b | |