查看完整版本: [-- نۆۋەتتىكى مائارىپنىڭ زۆرۈرلىكى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> نۆۋەتتىكى مائارىپنىڭ زۆرۈرلىكى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

turan69 2010-10-28 16:49

نۆۋەتتىكى مائارىپنىڭ زۆرۈرلىكى

نۆۋەتتىكى مائارىپنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە چەتئەلدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ رولى Ux 
تارىختىن بۇيان ئىلىم- مەرىپەت ﻫەربىرئىنسان ياكى بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئورنى، ﻫايات شەكلىنى بەلگۈلەيدىغان ﻫەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ كەلدى. بىلىمگە يۈزلەنگەن، تىرىشقان ﻫەرقانداق ئىنسان ئإز جەمىيتىدىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماستىن دۇنيانىڭ بۇرلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلىدى. W ][IHy<   
ﻫازىرقى زامان دۇنيا مىللەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىلىم- مەرىپەتكە، يىڭىلىققا قىزىققان مىللەت روناق تاپتى ۋە گۈللىدى . ئىزدېنىش، ئإگۈنۈش قىسقىسى مائارىپقا ئەﻫميەت بەرمىگەن مىللەتلەر قۇللۇقتا قالمىغان تەقدىردىمۇ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن جەمىيەت تۇرمۇشىنى ﻫەل قىلىشتەك ئاددى ۋە مەجبۇرى مەسئۇلىيەتنىڭمۇ ﻫإددىسىدىنمۇ چىقالماي تاشلىنىپ قالدى .
gI%n(eY  
قارايدىغان بولساق، غەرب ئەللىرى تارىختىن بىرى ئىلىم- مەرىپەتتىن يىراق ، چېچىلاڭغۇلۇق، قاراڭغۇ - زۇلمەت ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ ئإتكەن 2 ئەسىر ما بەينىدە ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ، بىلىم، ئىزدېنىش ﻫەمدە جاپالىق ئىشلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنياغا كۆرسەتتى. :Oj+Tc9A  
 ۋەﻫالەنكى، بىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم بۇندىن 14 ئەسىر بورۇن ئاللاﻫتىن پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامغا ۋەﻫىي ئارقىلق نازىل بولغاندا تۈنجى قېتىم " ئوقۇ" دېگەن بۇيرۇق بىلەن باشلانغانلىقى ﻫەممىگە ئايان. قۇرئان كەرىم باشتىن- ئاخىر ئىنسانىيەتنى ئوقۇشقا، بىلىشكە، كائىنات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. -|T^  
 دەرﻫەقىقەت، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا- ئاخىرەتلىك بەخت - سائادىتى بىلىم ئارقىلىقلا قولغا كىلىدىغانلىقىغا ﻫېچكىم شەك قىلالمايدۇ.
lt]U?VZ   
بىز ئۇيغۇرلار ﻫازىرقىي ۋەزىيتىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ئۈستىدە توختىلىدىغان بولساق، يەنىلا بىزگە لازىم بولغىنى بەلكى بىردىنبىر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز مإجىزە خارەكتىرلىك تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەشتۇر. كىسىپ ئېيتالايمىزكى، ئىلىمدىن باشقا نەرسە ئىنسانىيەتگە بەخت- سائادەت ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. /6fPC;l  
ۋەتىنىمىزدە بىر بۈلۈك ياش ئإسمۈرلەر باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئازساندىكى ياشلار مەخپىي مەدرىسىلەردە دىنىي بىلىملەرنى ئىگەللەش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالىسىمۇ كإپ ساندىكى ياشلار ئاساسلىق بىلىملەر، زامانىۋىي تېخنىكا ﻫەمدە ئەسىرلەر بويىچە ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنىغا ئائىت بىلىملەردىن مەﻫروم ياشىماقتا. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قوبۇل بولۇش ئۈچۈن يوقۇرى نومۇر ئېلىپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش، تالانتلىق بولۇش شەرت قىلىنماستىن ئەمەلدارنىڭ بالىسى ، پۇلى بار باينىڭ بالىسى بولۇش شەرت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .
s [!SG`&  
ئاز بىر ساندىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە تەقسىم بولغانلارمۇ پىلانلىق ﻫالدا ئۆزكەسپى، ئۈگەنگەن بىلىم، ئىختىساس دائىرىسى ئىچىدە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بىرىلمەيدو. مەسىلەن : تىل ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى يىزا ئىگىلىك- دىﻬقانچىلىق ساﻫاسىگە تەقسىم قىلنىدو ، بۇ بىر پاجىئە بولۇپ، ئۇمىي بىرمىللەت ئەۋلادى ئۆز ئىقتىدارى- تالانتىنى يوقىتىپ ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئاددىي بىر كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قۇلى بۇلۇپ ياشاشقا مەجبۇر بۇلۇپ ﻫايات قىممىتىنى يۇقىتىدۇ. c%dy$mkqgK  
ئاساسىي مەخسەت بولغان چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ياشلارغا كەلسەك، يەنىلا ئىجابىي تەرەپلەر يوق دىيىشكە بولمايدۇ ئەمما يىتەرلىك ئەمەس. 80- يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار تۇققان يوقلاش، بىلىم ئىگەللەش باﻫانىسى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىش پۇۇرسىتىگە ئىگە بولدى، نورغون ياشلار ﻫەتتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەر چەتئەللەردە ئوقۇش نىيتىدە قېپقېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىغا 20 يىل توشۇپ قالدى. ئوقۇغۇچىلىق ﻫاياتىغا نىسبەتەن 20 يىل دېگەن بىر ئإمۈر ئوقۇش يېشىدۇر. vP2QAGk <  
شۇنداق پۇرسەت قولىمىزغا كېلىپ 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، ئوقۇۋاتقان، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئىختىساسلىق ياكى جەمىيەتكە ئالاﻫىدە پايدىلىق بولغان زىيالىلارنى ئۇچرىتالمايمىز. ۋەتەن ئىچىدە مۇستەملىكە بېسىمى سەۋەبىدىن خالىغان بىلىمنى ئىگەللىيەلمىسەك ۋەتەن سىرتىغا چىقىپ، بېسىمدىن يىراق ئەركىن دۇنيادا پەۋقۇلئاددە تىرىشىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ﻫەرساﻫە بىلىملەرنى ئېلىشقا توغرا كىلەتتى. پەننىي بىلىملەرگە ۋەتەن ئىچىدە پۇرسەت باردىسەكمۇ دىنى بىلىملەردە بولسىمۇ ۋەتەندىكى مەرىپەتكە تەشنا ئۇسسۇز خەلق نىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرغۇدەك بىلم ئىگەللىدۇقمۇ؟ پاكىستان، مىسىر، سۈرىيە، يەمەن، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلاردەك دۆإلەتلەردە بىلىم تەﻫسىل قىلغان ياشلارنىڭ سانى مىڭلارچە دىسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز، شۇلاردىن ئىمتىياز ئىگىسى ئەمەس بەلكى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغانلار بەك ئاز. دېمەك، ئالتۇندىن قىممەتلىك بىلىم ئېلىش پۇرسەتلىرىنى ئەرزىمەس باﻫانە- سەۋەپلەربىلەن كەتكۈزۈپ قويدوق. بىرمىللەت ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەت تارىختا بىرەر قېتىم كەلسىمۇ داۋاملىق كەلمەيدۇ ، كإرىۋاتىمىز بىزلەرگە 20 يىل قويۇن ئاچقان قوشنا دۆلەت پاكىستان بۈگۈنكى كۈندە بىلىم ئېلىشتىن باشقا ﻫېچ ئىشقا ئارلاشمايدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تاقىلىۋاتىدۇ. w\ : b(I  
ﻫەرقايسى ساﻫادە ئوقۇۋاتقان دوسلارمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئإزىنىڭ قايسى تۈردىكى بىلىمگە ياكى كەسىپكە رىغبىتى بار ئۆزى بىلەن ئۆزى ئولتۇرۇپ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ شۇ پىلانى بويىچە بىلىم يولىنى تاللىشى كىرەك.
*l^'v9  
مەسىلەن دىنى بىلىم ئالغانلار ئەقىدە، تەپسىر، ﻫەدىس، فىقﻬى، تارىخ، دىن تەشۋىقاتى، شەرىئەت ۋە قانون دېگەندەك كەسىپلەردىن بىرىگە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇكەممەل يىتىشىپ چىقالىسا بەلكى دوكتورلوق، پروفېسسور ئۇنۋانلىرىغا ئىگە بولالىسا ئۈگەنگەن بىلىمى ئۇنىڭ ﻫاياتىدا تۈپتىن بورۇلۇش پەيدا قىلىدۇ ، جەمىيەتكىمۇ ئالاﻫىدە ﻫەسسە قوشالايدۇ. ۋاقىت ئإۆتىدۇ ، پۇرسەت كىتىدۇ يەنىلا ئۇيقدىن ئويغانمىساق، جاﻫالەت، ئاسارەت، خۇراپات، تەپرىقىچىلىك ۋە قانائەتچانلىق ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشمىساق بىزدەك بىر مىللەتنىڭ زاۋاللىقى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ئەمەسمۇ!... ]3,0 8JW=  
  w;(gi  
ياپونىيە، ئامرىكا ، ياۋرۇپا ۋە ئەرەپ ئەللىرىدە بىلىم ئالغان ۋە ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار، ئالىملار ۋەتەن سىرتىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساﻫەلەردە كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسىتىشى كىرەك ئىدى ئەپسۇسكى، بۇنداق ئەﻫۋال بىزلەردە يۈز بەرمەيۋاتىدۇ. ئاخىردا بارلىق ئوقۇغۇچى قېرىنداشلاردىن ئتىنىدىغىنىم مەن نىمە ئادەم؟ نىمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟ ئوقۇشتىن ئاساسى غايەم نىمە؟ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلىمەن؟ دېگەندەك سوئاللارنى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆز- ئۆزىگە قويۇشى لازىم.
kA_ 3o)J  
مەنبە:   
http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=214 ?Sqm`)\>4  

tawpek 2010-10-28 23:32
ئاچ قورساققا گەپ خوشياقمايدۇ  دە. \gkajY-?  
A& F4;>dms  
ئىختىسادى قىممەت يارتالمىغان بىلىم باشقىلارنىڭ دىققىتىنىمۇ تارتماۋاتىدۇ ھازىر.

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 11:22
ھەي مائارىپىمىزنىڭ چاتاق يىرى،ئۇگىنىشكە بولىدىغان،قوللىنىشتا قىيلىنىدىغان يىرى....................شۇ.

نەفىسە 2013-05-20 15:07
ھەي..............

مىېھرىما 2014-03-22 16:16
ئېسىل ياخشى تىما ئىكەن . سىزگە رەھمەت !!!

ياسىنجان510 2014-03-22 21:27
ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە يازما ئىكەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەلدىيار 2014-03-27 23:29
مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

گۈلنىھال 2014-04-20 11:31
‏مۇشۇنداق تىمىلارنى ھەممىمىز كۆرەلىگەن بولساق ، چۈشەنسەك ....


查看完整版本: [-- نۆۋەتتىكى مائارىپنىڭ زۆرۈرلىكى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled