ئۇيغۇر تىلىم ئۆلمىسۇن
ئەلھەمدۇلىللاھ. شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بۇبىر ئاي جەريانىدا مېنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ بەرگەن بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئەجرىڭلارنى بەرسۇن ئامىن! KE3;V2Ym f +8Ymw:D7a گەپنى نەدىن قانداق باشلاشنى بىلەلمىدىم، بەلكىم بۇ مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم بولسا كېرەك. ئەسلى مەنمۇ كۆپ ئىشلارغا ئارىلاشماي، سىڭگەن نېنىمنى يەپ ، باشقىلار توۋلىسا توۋلاپ جىم بولسا جىم بولۇپ سۇنىڭ ئېقىشىغا تۈكنىڭ يېتىشىغا بېقىپ ئىش كۆرىدىغان ياۋاش مۆمىن بەندە ئىدىم. شۇنداق خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقان مەنىسىز كۈنلىرىمنىڭ بىرى بەزى ئىشلار مېنى تۇيۇقسىز ئويلاندۇرۇپ قويدى. /F'sb[ Jk=I^%~ بىركۈنى زېرىكىشلىك ئىچىدە تەسەللى دورىسى ئىزدەپ ئۈندىدارىمنى ئېچىپ قارىسام بىر دوستۇم «ئەڭ ئاخىرقى دەرس» دېگەن ئەسەرنىڭ ئېنگىلىزچە خەنزۇچە نەشرىنى يوللاپ قويۇپتۇ. مەن توردىن ئىزدىسەم ئۇيغۇرچىسىمۇ باركەن. شۇنداق قىلىپ ئۈچ تىللىق نۇسخىسىنى ياساپ يوللىۋەتتىم. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ يەنە بىر دوستۇمنىڭ يوللىغان «ئۇيغۇرتىلى ئۆلمەيدۇ» دېگەن تېمىدىكى دىلنۇر رەيھاننىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى فرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنىستىتۇتىدا رەسمى ھالدا تولۇق كۇرس دەرسى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم گەرچە بۇ ماقالىنى بۇرۇن جەك تورخاتىرىسىدە كۆرگەن بولساممۇ ئۇ ۋاقىتلاردا پەقەت باشقىلارغا ئوخشاشلا تەسىرلەنگەن، ھاياجانلانغان، لېكىن ئۇ تەسىر ھاياجانلار پەقەت شۇ تور بەتتىلا قالغان ئىدى.ئەمما بۇ قېتىم تەسىرلەنمىدىم ھەم ھاياجانلانمىدىم. بۇقېتىم ئويلاندىم: e)#J1(j_ 3e;^/kf<9 بۇ يىل مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ئېنگىلىزتىلى ئۆتىۋاتقىنىمغا ئىككىنچى يىلى بولدى. مەن ئوقۇشتىن سىرت ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېنگىلىز تىلى ئۆتىمەن. ئۆتكەندىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىم ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىپ كەتسە، ئېنگىلىزچە ئۇچۇر يېزىشىپ كەتسە .....لېكىن قۇربان ھېيتتا happy festival to you دەپكەتسىچۇ؟ بۇ ۋاقىتتا مەن يەنە بىئارام بولىدىكەنمەن. يات تىلدا دېيىشكەن گەپ يۈرەكتىن ئەمەس پەقەت ئۆپكىدىن چىققاندەكلا. چىن يۈرەكتىن ئايەملىك سالام يوللاشماي ئادەم زاڭلىق قىلغاندەكلا. مەنچە بولغاندا ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگەنسە ئەمما ھېيتتا بىر قېتىم چىن يۈرىكىدىن ئۆز تىلىدا سەمىمىي ھالدا سالام يوللاپ قويسا نېمە بولىدۇ؟ p &"`RS#Z A5R قۇربان ھېيتتا توردا دوستلارغا ھېيتلىق سالام يوللىسام خەنزۇچە 同乐同乐دېگەن قىزغىن ھېيتلىق مۇبارەكلەشلەرنى تاپشۇرۋالدىم. 4V i`* ! g يەنە بىر تونۇش ئىنىمدىن بولسا 撒意思,我不会读دېگەن خەتنى تاپشۇرۋالدىم. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن خەنزۇچە خەت يېزىشىپ پاراڭلىشاتتىم. لېكىن مەنچە بولغاندا يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيتتىمۇ بولسا ئانا تىلىمىزدا چىن يۈرەكتىن چىقىرىپ مۇبارەكلەشسەك دەيدىغان ئۈمىدىم بار ئىدى. باشقىلار قورسىقىمدىكىنى بىلمىسە ئۇنىڭغا نەچارە. مەنمۇ سوغۇقلا 谢谢دەپلا رەسمىيەتنى بېجىرىۋەتتىم. ئويلاپ قالدىم كىچىك ۋاقتىمدا ھاشار چۆمۈلىسىنى كۆزەتكىلى ئامراق ئىدىم. ئۇلاربەكلا ئالدىراش، ئەمما شۇنچە كۆپ ھاشار چۆمۈلىسى چىغىرىسىدا ماڭغاندا زېرىكمەستىن بىر -بىرى بىلەن يۈزىنى يۈزىگە يېقىپ سالاملىشىپ ئاندىن ماڭاتتى. ھازىرقى چۆمۈلىلەرمۇ شۇنداق قىلامدىغاندۇ؟ LzXmb 7A <[\`qX ئويلىرىم قالايمىقان ئويلىناتتى، مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ يەنە ئويغا كېتەتتىم. بىرياپۇنلۇق ئۇيغۇرچە ناخشا توۋلاپ بەرسە؛ بىر فىرانسۇز ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ بەرسە؛ بىر ئامرېكىلىق ئۇيغۇرچە كىتابتىن بىرنى يازسا ھاياجانلىرىمـغا پاتماي دوپپامنى ئاسمانغا ئېتىۋېتىپ يالاڭباشتاق يۈرۈپكېتىپتىمەنيۇ ئەمما لېكىن بىراق ئەتراپىمدا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىم ئانا تىلدا پاراڭلىشالمىسا ، يازالمىسا، ئوقۇيالمىسا ئۇنىڭ بىلەن كارىم يوق ئەكسىچە ھاياجان ئىلكىدە ئېنگىلىز تىلى ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. مەندە نومۇس سەزگۈسى يوقمۇ ياكى يېتىلمىدىمۇ؟ مۇشۇ تەرىقىدە كېتىۋەرسە بىر كۈنلەردە ئوغلۇم مېنى «دادا» دەپ چاقىرماي "砸了爸爸"دەپ ياكى "what's up dad " دەپ چاقىرسا مەن قانداقراق ھېسياتتا بولارمەن؟ ئويلىغانسېرى كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. ئۈندىدار بىلەن كىيۇ كىيۇ نى ئاچىمەن ، سىيرىيمەن، تاقايمەن يەنە ئاچىمەن. كۆڭلۈم ئەمىن تاپىدىغاندەك ئەمەس. ئۆزۈمنى بەك يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.خىياللىرىم بەكلا قالايمىقان. تۇرۇپلا دانكونىڭ گەپلىرى ئېسىمگە كەپ قالدى: *4+"Lh.KS ^O<&f D ئېتىلغان تاشنى ئوي ئويلاش بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. `YLD`(\ y7
3VFb توغرا، مەن ھەرىكەتكە ئۆتەي. بەشىنچى باشقارما ھەرىكەتتە! O%(fx!c` vCxD~+zf شۇنداق قىلىپ مەن ئەتراپىمدىكى مىنكاۋخەن بالىلارغا ئېلىپبە ئۆتۈشنى نىيەت قىلدىم. ئالدى بىلەن تونۇش بىلىشلەرگە مەقسىدىمنى ئېيتتىم. ئۇلارئەتراپىدا مىنكاۋخەن بالىلار بولسا دەپ قويىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىر يەكشەنبىسى ئېنگىلىز تىلى ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ماڭغىلىۋاتسام دوستلاردىن تېلېفون كەپ قالدى. دەرس بارلىقىنى دېسەم خاپا بولۇپ بىزمۇ پەستىن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي چىقتۇق. ھۆرمەت قىلغاننى بىلىڭلار دەپ كايىپلا كەتتى. بالىلارغا بۈگۈن دەرسنى ئۆتەلمەيدىغىنىمنى دەپ ئۆزرە ئېيتىپ قويۇپ لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا چىقتىم. ئەسلى«ئاناتىل» تېمىسىدا پائالىيەت قىلغان ئىكەن. پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇپ كەتكىنىگە قارىماي يىگىت بېشىدىن بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىشىنى ئۆتۈندىم ۋە مېنىڭ ئېلىپبە ئۆتۈش نىيىتىمنى دېدىم. شۇنىڭ بىلەن «ئانا تىلىم -جان تىلىم، ئۇيغۇر تىلى ياشىسۇن!» تېمىسىدا تەشۋىقات باشلاندى. كىيۇكىيۇ ، ئۈندىدارلاردا تەشۋىق قىلدۇق. ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى ، جىم. بىرەر مىنكاۋخەننى تاپالمىدىم. ئېلىپبە كىتابلارنى باستۇرۇپ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا تىزىۋەتتىم. چوڭ قەغەزلىك تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى ئىشىكلەرگە چاپلىدىم. خەنزۇلار، خۇيزۇلار ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپ قوي دەپ ئۇچۇر يېزىشىپ كەتتى. يىغلىۋەتتىم. ئۈچىنچى ھەپتىسى بولغاندا ئالتە مىنكاۋخەن بالا دەرسكە كەپتۇ. خۇش بولدۇم. دوسكىغا «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن » دەپ ئىشنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم . ۋە ئاستىغا «ئانا تىلىم -جان تىلىم، ئۇيغۇر تىلى ياشىسۇن! » دەپ يازدىم. ئاندىن بالىلاردىن ئۇيغۇر تىلىدا قانچە ھەرپ بار دەپ سورىسام جىملا ئولتۇرۇشۇپ كەتتى ئارىدىن بىرسى قوپۇپ 26 دېگەنتى باشقىلارنى سەت كۈلىۋېتەمدىكىن دېسەم يەنە جىم ئولتۇرىشىدۇ. گەرچە كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسىمۇ چاندۇرماي تۇلىمۇ خۇشال كەيپىيات بىلەن ھاياجانلانغان ھالدا 32 ھەرپنى يازدىم ئاندىن بىر قۇر چۈشەندۈرۋەتكەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئانا تىلنى ئۆگىنىمىز ئالدى بىلەن كاللىدىن مۇشۇنى ئۆتكۈزەي دەپ ئويلاپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ كەتتىم. ئۇلار خۇددى ياپونچە كىنو كۆرگەندەك ھەيرانلىق ئىلكىدە ھاڭۋاققىنىچە تېلېفون ئويناپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاخىرىسىدا يۇمۇر ئېيتقان بولۇپ ئازراق زىتىغا تىگىپمۇ قويدۇم. ئەڭ ئاخىرىسىدا مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇردۇم: Wm"4Ae:B l@ H 1.ھازىر چىقىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تېلېفون قىلىڭ ۋە ئېلىپبە ئۆگىنىش ئۆگەنمەسلىكنى مەسلىھەت سوراڭ، ئەگەر ئۆگىنىپ نېمە قىلماقچىدىڭ دېسە بولدى مېنىڭ قەتئىي پىكىرىم يوق. "B4;,+4kR SHbtWq}T 2.ئەگەر سىزنىڭ قەتئىي ئۆگەنگىڭىز بولمىسا ئىسمىڭىزنى خالىسىڭىز ئۆزگەرتىۋېتىڭ. ئەممامىللىتى دەپ سوراپ قالسا ھەرگىز ئۇيغۇر دېگۈچى بولماڭ، بىزمۇ بۇندىن كېيىن كۆرىشىپ قالساق قېرىندىشىم دېيىشمەي يولداش دېيىشىلى. مۇشۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزدىن ھەرگىز ئۆگەنمىدى دەپ خاپا بولمايمەن. ئەمىسە ئاللاھقا ئامانەت، ئەتە كۆرۈشەيلى %Nhx;{ F\AX: شۇنداق قىلىپ ئەتىسى بىر قىز چىقىپتۇ. باشقىلارچۇ دەپ سورىسام « ئۇلار بىزنى مىنكاۋخەن دەپ تىللىدى ، بولدى بىز ئۆزىمىز ئۆگىنىمىز» دەپ چىققىلى ئۇنىمىدى دەيدۇ. مانا كارامەت ئەرنى ئەر، ئايالنى ئايال، مىنكاۋخەننى مىنكاۋخەن دېمەي نېمە دېگىلۈك؟ ھە بوپتۇ قانداق قىلسا مەيلى ئىشقىلىپ ئۆگەنسە بولىدۇ دېدىم. Vf'd*-_!Q< '0uhD.|G ئۇنى-بۇنى دەپ 9پارچە ئېلىپبە تارقاتقان بوپتىمەن. ئۈچ مىنكاۋخەنگە بىر ئاي ئېلىپبە ئۆتتۈم. ھەر ھەپتىسى سەككىز ھەرپ ئۆتۈپ بىر ئايدا تۈگىدى. باشقىلارنى سۈرۈشتۈرسەم ئۇلارمۇ ئېلىپبەنى ياتىقىغا ئاپىرىپ باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ساۋاتىنى چىقىرىپتۇ. 9 ئادەمدىن تۆتى ئۆگەنگەن بولسىمۇ ئىشقىلىپ تارتقان جاپالىرىمغا ئەرزىيدۇ دەپ قارىدىم. *@Y3oh}
S te
!S09( تۈنۈگۈن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى يىغىپ كېينكى قەدەمنى قانداق مېڭىش توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ قويدۇم. Y&_&s7z f=!VsR2o قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم مېنىڭ ئانام مەكتەپتە ئوقۇمىغان ساۋاتسىز ، لەۋلەشمىگەن تىل ئالدى تاتىراڭغۇ تاۋۇش، بېقىندى مۇرەككەپ ئۆگەي جۈملە دېگەنلەردىن ئەسلا خەۋىرى يوق، ئەمما ئانام ئۇيغۇر تىلىغا شۇنداق ئۇستا. 6,LubZFD \uq/x^?yo سىزلەرگە دېمەكچى بولغان مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار. HU-QDp%*r7 C?= P بىرىنچىسى: سىز مىنكاۋخەن ئۇنداق مۇنداق دەپ تىللاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ھەققىدە بىر ئويلاپ بېقىڭ. ئۇلارئانىسىدىن مىنكاۋخەن تۇغۇلمىغان. ھەممىمىز ئوخشاش ئىدۇق. بالىلاردا نېمە گۇناھ؟ سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان زىيالىي تۇرۇپ 32 ھەرپنى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئۆگىتەلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسىدىن گۇمانلىنىپ بېقىڭ. سىز بىر ئۇيغۇرغا 32 ھەرپنى ئۆگىتەلمىسىڭىز يېقىن كەلگۈسىدە بالىڭىزنى قانداق تەربىيەلەيسىز؟ ھازىر ئۇيغۇرچە يەسلىنى تاپقىلى بولمىسا يىگىرمە نەچچە مېلىيون ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئېلىپبە ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئانا تىل يەسلىسىنى كۈتۈپ ئولتۇرامدۇق؟ مۇشۇنچىلىك ئاددىي ئىش قولىڭىزدىن كەلمىسە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ جان باقماقچى؟ R:AA,^Z ym/fFm6h مىنكاۋخەن قېرىنداشلىرىم سىزلەر ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ شۇنچە مۇرەككەپ تەسۋىرىي يېزىقلارنى ئۆگىنەلىدىڭىزيۇ ئەمما شۇنچە ئاسان 32 ھەرپنى ئۆگىنەلمىگەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزدىن گۇمانلىنىڭ. باشقىلارنىڭ سىزنى ئەيپلىشى بەرھەقمۇ ئەمەس ئويلىنىپ بېقىڭ. ww{_c]My (NK9vW4F ئىككىنچىسى: تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، قېرىنداشلىرىڭىزنى چەتكە قاقماي ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىڭ. Xy5s^82? Hb(B?!M) مەن ئېلىپبە ئۆتىمەن دەپ داۋراڭ سالغاندا كىمگە ئۆتىمەن؟ -مىنكاۋخەنگە؛ قېنى ئەمىسە ئۇ مىنكاۋخەن؟ -ئىشقىلىپ بار. مانا مۇشۇنداق بولدى. ھەتتا مەن ئۆزۈم ئەتراپىمدا نۇرغۇن مىنكاۋخەن بارلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما بېرىپ بىرەرسىنى تۇتۇپ بېرەلمىدىم. بىز ئۇلارنى بەك يەكلەپ يېتىم قالدۇرۇپ قويۇپتۇق. قېرىندىشىمىز ئادىلە گەرچە مېنىڭ دەرسمگە چىققىسى بولسىمۇ ئەمما دەرستىن سىرت قوشۇمچە ئىشلەيدىغان بولغاچقا ۋاقتى يار بەرمەپتۇ. كىتابنى بېرەي دوستلىرىڭىز ئۆگىتىپ قويسۇن دېسەم دوستى يوقلىقىنى ئېيتقانتى كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار تۇرۇپ بىر قىز يالغۇز يېتىمدەك يۈرسە بۇ نېمە بولغىنى؟ ئۇنىڭغا دەرسكە چىقىڭ دېسەم خىجىل بولىدىغىنىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. يەنە بىر قىزغا بېرىپ دەرسكە ئېلىپ چىقىڭ دېسەم مەن تونىمايدىغان تۇرسام دەپ تۇرۋالدى. ھەي ئىنسانلار بۇ يەردە ئولتۇرىۋاتقانلار ھېچقايسىمىز تونۇشمايتتۇق. ھەتتاكى مەن تۇغۇلغاندا ئۆزۈمنى ھەم ئانام دادامنى تونۇمايتتىم .بۇ يۈگوڭنىڭ تاغ يۆتكىشىدەك تەس ئىش ئەمەس. ھەسەنۇل بەسرى-رحمەاللە -مۇنداق دەيدۇ: nL}5cPI
EQIo5 مۇئمىنلەردىن ئۆزلىرىڭلارغا كۆپ دوست تۇتىۋىلىڭلار،چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى شافائەت قىلىش مەرتىۋىسىغا ئىگە.ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشمىساق ئۇلارغا ھەقنى قانداق يەتكۈزىمىز؟ ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرىۋەتكەن كىشىنى ھېچكىم ھىدايەتكە باشلىيالمايدۇ، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس دەپ كۆزىمىزنى يۇمىۋېلىپ تىللاپ ئولتۇرساق ، جەمئىيەتتىن قاخشىساق ئىش تەتۈرىسىگە ماڭىدۇكى ھەرگىز بىز ئارزۇ قىلغاندەك بولۇپ قالمايدۇ. قازاننىڭ قېشىغا بارساڭ قارىسى يۇقار دېگەندەك مىنكاۋخەن بالىلارنىڭ مىجەزى باشقىچە بولۇپ قالىدىكەن ئەلۋەتتە بۇنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز قاتتىق سەۋرچان بولىشىمىز كېرەككەن. [;oCYb$9 |nk3^;Yf ئۈچىنچىسى: مەن لەنجۇدىكى سودا ئىنىستىتۇتىدىن يۈجوڭ ناھىيەسىگە چىقىپ 1500 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار مەكتەپتە ئېلىپبە ئۆتىمەن دەپ يۈرسەم سىزلەرنىڭ يۈزلىرىڭىز قىزىشمىسا سەت تۇرامىكى. ئويلاپ بېقىڭ بىر ئايدا بىر بالىغا ھەرپ ئۆگەتسىڭىز بىر يىلدا ئالتە ئاي ئۆگىتىمىز دەپ ھېسابلىساق 1000بالا مۇشۇنداق ئۆگەتسە مەكتەپتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ساۋاتىنى چىقىرىشقا ۋاقىت يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن قىلغىلى بولمىغۇدەك تەس ئىش ئەمەسكەن يول تېپىلدى، ئىشىك ئېچىلدى. ئەمدىكى ۋەزىپە بىز مۇشۇ يەردىن زەنجىرسىمان پارتلايمىز. ئەتراپىمىزدا بولسا بېرىپ ئۆگىتىمىز بولمىسا ئىزدەپ سوراپ تاپىمىز. كەلگۈسىدە ئۆزىمىز سىرتقا چىقماي ، بالىلىرىمىزنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ باققىلى بولمايدۇ. ئاشۇلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز ھەرىكەتكە ئۆتەيلى. -g/hAxb5 Q_"\Q/=?Do تەييارلىقتا ئىككى يىل بىر ياتاقتا ياتقان بىر دوستۇمغا بىزنىڭ قىلغان گەپلىرىمىز كار قىلمىغان ئەمما ئۇنىڭ بىر ئويۇنچى دوستى ھەقنى تېپىپتىكەن ئۇ ئاشۇ دوستىدىن تەسىرلىنىپ ھەقكە قايتقان. شۇڭا مەن دېمەكچى بۇ يەردە باشقىلارغا قارىغاندا مىنكاۋخەن قېرىنداشلىرىمنىڭ رولى تېخىمۇ زور بولىدۇ. شۇڭا سىزلەرمۇ كۆپراق كۈچ چىقىرىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم قىلغانلىرىڭىزنى ھازىر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بىر كۈنى سىزدىن ساۋاتىمنى چىقىرىپ قويغانتى دەپ خۇش بولىدۇ. سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. ھەربىرىڭىزلارنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بەرسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! JH]K/sC> sK=}E= ************************************************ 6Bm9?eU0 4oXb Pr> بۈگۈن بىر مىنكاۋخەن قىز ئۆزىنىڭ ئاللاھ خالىسا بۈگۈندىن باشلاپ ئورۇنغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ياخشى يولغا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بەك خۇش بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يېزىپتۇ. دوكتۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ باش سۈرەت ھەققىدىكى پەتىۋاسىنى ئېۋەتىپ بەرسەم باش سۈرىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋاپتۇ. I5);jgb iY/KSX^~O ************************************************* 7TX,
T|>9 "]-],K ئەزىز قېرىنداشلىرىم تىللاش ، زارلاش، قاخشاشلار بىلەن ئىش ئۆزگەرمەيدىكەن. ئەڭ مۇھىمى بىز ھەرىكەتكە ئۆتەيلى .ئۇرۇغ-تۇققانلارنىڭ، تونۇش -بىلىش دوستلارنىڭ ئارىسىدا بار بولىشى مۇمكىن. ئەمدىكى گەپ بىزدە قالدى ، ھەرىكەتلىنەيلى، تەشۋىق قىلايلى. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلساق ئەلۋەتتە ئەجىرگە ئېرىشىمىز! ھەربىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! xwzT#DXGJ gw3NS8
A+ ھۆرمەت بىلەن: ئىمىرغازى تۇرسۇننىياز. 8]0:1
{@ JF qf;3R 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى. لەنجۇ. _&
4its [7"}=9 |