查看完整版本: [-- كۇنسۇلتاتسىيە لايھەسى: تۇراقلىق ئىبارىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس تەييارلىقلىرى -> كۇنسۇلتاتسىيە لايھەسى: تۇراقلىق ئىبارىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kichikoghul 2013-12-10 18:47

كۇنسۇلتاتسىيە لايھەسى: تۇراقلىق ئىبارىلەر

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ‹‹ئۇيغۇر تىلى مۇنبىرى››دىكى‹‹تۇراقلىق ئىبارىلەر››نىڭ كۇنسۇلتاتسىيە لايھەسى: 'Tskx  
|QQ(1#d  
1. ساۋاقداشلا،سىلەر باشلانغۇچ مەكتەپتە ماۋۇ   c=2πr  ئىپادىنى ئۆگەنگەنمۇ؟ بۇ نېمىنى ھېساپلايدىغان فورمىلا؟فورمىلادىكى «π»نىڭ مەنىسى نېمە؟«π»نىڭ تۇراقلىق قىممىتى چوڭ چەمبەردە قانچە بولىدۇ؟ كىچىك چەمبەردىچۇ؟ناھيىمىزدە قانچە؟ئىچكىرى ئۆلكىلەردىچۇ؟ ئۆزگىرەپتىمۇ؟ X_)I" `  
2.دېمەك،تۇراقلىق دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە ئىكەن؟ =>&~p\Aw  
بۇ سۆزنى چەمبەرگىلا ئىشلىتىپ قالماي يەنە ئانا تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆز-ئىبارىلەرگىمۇ ئىشلەتسەك بولارمۇ؟قانداق سۆزلەرگە قارىتا ئىشلەتسەك بولار؟ ئۆزگىرىدىغان،ئورنى مۇقىم بولمىغان سۆزلەرگىمۇ ياكى ئەكسىچە ئۆزگەرمەيدىغان،ئورنى مۇقىم بولغان سۆزلەرگىمۇ؟ G7KOJZb+D  
3. بۇ سائەتتە بىز  تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە كونسۇلتاتسىيە قىلىمىز. دىققىتىڭلار داۋاملىق ئېكىراندا بولسۇن. rT[b ^l}  
DYrci?8Ith  
ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىدىن كونسۇلتاتسىيە 9`CJhu  
AmUH]+5KT  
كونسۇلتاتسىيە ماۋزوسى: ! 
تۇراقلىق ئىبارىلەر e?\hz\^  
2ppJ;P{k  
كونسۇلتاتسىيە نىشانى:   ماقال، تەمسىل، ئىدىئوم، ھېكىمەتلىك سۆز ۋە تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىۋېلىش ۋە ئۇلارنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. RF~c/en  
}_Y\6fcd  
4.ئۇيغۇر تىلىدا تۇراقلىق ئىبارىلەردىن نېمىلەر بار ئىكەن؟ X1Kze  
N`vPt?@  
5.ماقال بىلەن ماقالە ئىككىسى  بىر گەپمۇ ياكى باشقا-باشقا گەپمۇ؟قايسى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئېغىزدا ئىجاد قىلىنىپ،يەنە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ بىزگە يېتىپ كەلگەن؟قايسىنى سىلەرگە ئوخشاش مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ۋە باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگەنگەن كەسىپ ئەھلىلىرى يازىدۇ؟ئۇنى بىز يازساقمۇ بولامدۇ؟ 2W/*1K}  
6. ماقالە ئىچىدە ماقال ياكى تەمسىللەرنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ماقال بىلەن ماقالىنىڭ قايسى ئىخچام بولىدۇ؟ oCK n  
|jKFk.M  
7.ئۇنداق بولسا سىز ماقالدىن بىرنى دەپ بېقىڭا! قېنى،سىزمۇ بىرنى دەپ بېقىڭ.دېگەنلىرى ماقال بولدىمۇ؟ \'B%lXh  
8.ئەمدى قايسىڭلار ئۆزۈڭلار ئوقۇغان بىرەر ماقالىنىڭ ماۋزوسىنى دەپ باقىسىلەر؟يەنىچۇ؟ O5JG!bGE_F  
9.سىلەر ماقالە يازساڭلار،مەن نەچچە يەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزىتىپ قويىدىنمەن؟ماقالنىمۇ شۇنداق بىرەركىم تەركىبىدىكى سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ياكى ئورنىنى يۆتكەپ تۈزىتىپ قويسا بولامدۇ؟نېمە ئۈچۈن؟ raZ0B,;eFu  
nwJc%0  
10. ئەمدى بىز ماقالنىڭ جۈپتى تەمسىل بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. قېنى قايسىڭلار ئالدىن بىر تەمسىل دەپ باقىسىلەر؟يەنىچۇ؟ jG,^~ 5x  
11.تەمسىلنىڭمۇ ماقالغا ئوخشاش مەنىسى چوڭقۇر،تۈزۈلىشى پۇختا بولامدىكەن؟تىلى مەلۇم شىئېرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولامدىكەن؟مەسىلەن: قاپىيداش سۆزلەر بولامدىكەن؟ }G<A$*L1  
12.ئۇنداقتا ماقال بىلەن تەمسىلنىڭ پەرقى بارمۇ يوق؟قايسىدا ئوي-پىكىر بىۋاسىتە،ئۇدۇل ئېيتىلىدۇ؟قايسىدا ئوي-پىكىر باشقا شەيئىلەرنىڭ خۇسىيەتلىرى ۋاسىتە قىلىنىپ،ئەگىتىپ ئېيتىلىدۇ؟ l, -q:8  
(=tu~ ^  
13.كىم ماقالدىن بىرنى،تەمسىلدىن بىرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ يەنىچۇ؟ ;{"uG>#R  
14. ماقال بىلەن تەمسىلدە ئوي-پىكىر تولۇق ئاياقلاشقان جۈملە شەكىلىدە كېلەمدۇ؟ ياكى سۆز بىرىكمىسى شەكىلىدە كېلەمدۇ؟ lp5 b&I_  
15. ئانا تلىمىزدا ئوي-پىكىر تولۇق ئاياقلاشمايدىغان،سۆز بىركمىسى شەكىلىدە كېلىدىغان تۇراقلىق ئىبارىلەرمۇ بارمۇ؟ مەسىلەن نېمە بار؟ئىدىئومدىن بىرنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟يەنە كىم ئېيتىپ باقىدۇ؟ R)9FXz$).  
mtNB09E(  
16. «چىشىغا تەگمەك»دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئەسلى مەنىسى نېمە؟كۆچمە مەنىسىچۇ؟«قولىقى ئۇزۇن» دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئەسلى مەنىسى نېمە؟كۆچمە مەنىسىچۇ؟  83:qIfF  
17. ئىدىئوم قانداق مەنىدە قوللىنىلدىغان سۆز بىرىكمىسى ئىكەن؟ jq+:&8!8(e  
18.مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان(يېزىلغان)،ھەرقانداق زاماندا،ھەرقانداق ماكاندا،ھەرقانداق ئىنسانغا مەنپەئەت بېرىغان،يول كۆرسىتىغان جۈمىلەرنى نېمە دېسەك بولار؟ |bjLmGb  
19.قايسىڭلار ھېكىمەتلىك سۆزدىن بىرنى دەپ باقىسىلەر؟يەنىچۇ؟ d6"B_,*b  
20.ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كۆپىنچە قانداق كىشىلەر ئوتتۇرغا قويىدۇ؟سىلەر ياكى مەن يېزىپ ئوتتۇرغا قويساقمۇ بولامدۇ؟ OC2%9Igx0  
_2Fa .gi  
21. ماقال، تەمسىل، ئىدىئوم ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەردىن باشقىمۇ تۇراقلىق ئىبارىلەر بارمۇ؟ $ dHD  
22.«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»،«ئۈچ ئايرىلالماسلىق»«ئىلمىي تەرەققىيات»،«مىللىي بۆلگۈنچى»،«زوراۋان تىرورچى»،«ساپا مائارىپى»،«ئىجتىمائىي مۇقىملىق»….دېگەن يوقارقى سۆز بىرىكمىلىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ ياكى باشقا سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ دېمەك، بولارمۇ تۇراقلىق ئىبارىلەرگە كىرەمدىكەن؟ A*3R@G*h  
23. يوقارقىلارغا ئوخشاش كۆچمە مەنىدە كەلمەيدىغان،ئەمما مەنىسى ۋە قۇرۇلمىسى تۇراقلىق بولغان،يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆز بىرىكمىلىرى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. -!ERe@k(  
4(\7Or(''  
24. يەنە ماقال-تەمسىل ۋە ھېكىمەتلىك سۆزگە كېلەيلى. s&qr2'F+z  
بىز ماقال-تەمسىل ئىجاد قىلالايمىزمۇ؟ھېكىمەتلىك سۆزچۇ؟ pXHeUBY.  
ماقالە-ئەسەر يازالايمىزمۇ؟يازغان ماقالە ئەسەرلىرىمىزدەپىكىرىمىزنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن ئەجدادلار ئىجاد قىلغان ماقال-تەمسىل ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ پايدىلانساق بولامدۇ؟ "_/5{Nc$  
25. يوقارقىدەك ئەھۋالدا ئۆز جۈملىمىز تەركىۋىدە بىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن ماقال-تەمسىل،ھېكىمەتلىك سۆز ۋە پارچىلار نېمە(قانداق جۈملە)دەپ ئاتىلىدۇ؟ w^QqYUL${  
26.كۆچۈرمە جۈملىدە تىنىش بەلگىسى قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟ DX#F]8bWl  
27. ئەگەر كۆچۈرمە جۈملىنىڭ مەزمونى ئۆزگەرتمەي،قۇرۇلمىسىنى(شەكىلىنى)ئۆزگەرتىپ ئەستە ساقلىۋالساق ياكى يازساق، ئۇ قانداق جۈملە بولىدۇ؟ (Zu V5|N  
+v'n[xa1v  
28.كۆچۈرمە جۈملىنى ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇشتا قوش چېكىت ۋە قوش تىرناق ئىشلىتىلەمدۇ-يوق؟«….لىقى….،لىكى….،توغىرسىىدا،ھەققىدە نەسىھەت قىلغان،ئېيتقان،تەكىتلىگەن،يازغان….»دېگەن قوشۇمچە ۋە سۆزلەرنى كۆچۈرمە جۈملىنىڭ قايسى جۈملە بۆلىكىگە قوشۇش ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ؟  <(-4?"1  
29. تۆۋەندىكى كۆچۈرمە جۈملىنى قايسى ساۋاقداش ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ؟يەنىچۇ؟ BXo9s~5Q  
كۆچۈرمە جۈملە:⑴ لېنىن:«تارىخىنى ئۇنتۇلۇش ئاسىيلىقتىن دېەك بېرىدۇ»دېگەن. ⑵بىر پەيلاسوپ ئالدىنقى ئەسىرلەردىلا«بىلىم-كۈچ»دېگەن..... _d/ZaCx'i  
) BLoj:gYn  
كونسۇلتاتسىيە مەشىقى >~^##bIb  
1.تۆۋەندىكىلەرنىڭ تۇراقلىق ئىبارەلەرنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىڭلار. XG}pp`{o  
سۇ كېتىدۇ،تاش قالىدۇ،ئوسما كېتىدۇ،قاش قالىدۇ.(      )،دىلى يۇمشاق(       )،بىلىم—كۈچ.(       )،بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر،بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى.(      )،ئەقىل ياشتا ئەمەس،باشتا.(      )،ئاغزى ئىتتىك(     )،سورىغان بىلىم ئاپتۇ،ئۇيالغان كېيىن قاپتۇ.(        )،بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە بەخت ۋەدە قىلالمايدۇ،بەخت پەقەت ئەقدىڭىزگە بولغان ساداقىتىڭىزغا باغلىق.(      )،ھورۇننىڭ  ئەتىسى تۈگىمەس(      )،يىراق بولسا كىشنىشەر،يېقىن بولسا چىشلىشەر(      ). k|T0Bly3P  
)z?Kq0  
2.تۆۋەندىكىلەرنىڭ قانداق جۈملە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىڭلار. _Uz}z#jt  
مۇئەللىم:«تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار»دەپ نەسىھەت قىلدى.(    )، \4`2k  
مەكتەپ مودىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى.(         )، ئاپام:«كېيىملىرىڭىزنى توپا قلىۋەتمەڭ»دېدى.(       )،داداممۇنداق دېدى:«بالام يولنىڭ چېتى بىلەن مەكتەپكە بېرىپ،كەچتە يەنە يولنىڭ چېتى بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ».(        )،ئەخمەت ئەپەندىم ئاۋال باراۋەرلىك بولسا،ئاندىن تىنچلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.(         )،جاڭ جىجۇڭ  بولسا ئاۋۋال تىنچلىق بولسا،ئاندىن باراۋەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.(        )،«ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى جۇڭگو دېمىكۇراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى»دېگەن رەئىس ماۋزېدۇڭ.(         ) %U)M?UNjw  
AFSFXPl "  
تاپشۇرۇق: ماقالە يېزىش دەپتىرىڭلارغا ماقالدىن بەشنى،تەمسىلدىن بەشنى يېزىپ كېلىڭلار ھەم ھەر-بىرىنىڭ ئاخىرىغا تىرناق ئىچىگە ماقال ياكى تەمسىللىكىنى ئەسكەرتىڭلار. P&Q 5ZQb  

ozqan 2013-12-13 17:02
ياخشى تەييارلانغان تەييارلىقكەن ،  باشلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئۆزگىچىكەن ، سوئاللارمۇ ناھايىتى جانلىق ، ئەتراپىلىق لايىھەلىنىپتۇ ، ھارمىغايسىز ...

رەيھانگۇل 2013-12-16 13:56
ناھايىتى ئەتراپلىق ياخشى لاھىيىلەپسىز. بولۇپمۇ يېڭى دەرسكە باشلاش ئۆزگىچە چىقىپتۇ. يەنە يېڭدىن پەيدا بولىۋاتقان توراقلىق سۆز بىرىكمسى قاتارلىقلارنى قوشقىنىڭىز تېخىمۇ ياخشى بوپتۇ. zT~ GBC-IX  
s:cS 9A8  
تەكلىپ: دەرس تەييارلىقىغا قارىسام بۇنىڭ دىتالىمۇ بار ئوخشايدۇ. بولسا يوللاپ قۇيسىڭىز، ھەممىڭىز تەڭ پايدىلىنىپ تەڭ ئۆتسەك. ماۋسۇم ئاخىرى بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق يەرلەرگە بەكرەك كۆچىمىسەك، بالىلار ئىمتاھاندا ياخشى نۇمۇر ئالالمايدۇ.

گۇلچى 2013-12-19 11:29
ياخشى تەييارلانغان تەييارلىقكەن ،  باشلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئۆزگىچىكەن ، سوئاللارمۇ ناھايىتى جانلىق ، ئەتراپىلىق لايىھەلىنىپتۇ ، ھارمىغايسىز ...

مەرىپەت0999 2013-12-27 10:25
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!!مەۋسۈم ئاخىرىدا پايدىلانغۇدەك ماتىريال يوللاپسىز-ھارمىغايسىز!!!!

بابۇر0725 2014-02-17 16:30
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.ھارمىغايسىز

گۈلنىھال 2014-08-24 10:49
ياخشى لايىھەلىرىڭىزنى مۇنبىرىمىزدىن ئايىمىغايسىز قېرىندىشىم ، رەھمەت !


查看完整版本: [-- كۇنسۇلتاتسىيە لايھەسى: تۇراقلىق ئىبارىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled