查看完整版本: [-- ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن 10 سوئال سوراپ تۇرۇڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن 10 سوئال سوراپ تۇرۇڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-10 16:48

ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن 10 سوئال سوراپ تۇرۇڭ

ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن 10 سوئال سوراپ تۇرۇڭ

ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ،ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن يېڭى بىر كۈننى بەشلاي دىسىڭىز ،ئىشنى ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن سۇئال سوراشتىن باشلاڭ،بۇ سۇئاللار سىزگە كۈچ-قۇۋۋەت،ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ:
1. مېنىڭ نىمەم بار؟بىز دائىم ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئازاپلىنىپ يۈرۈيمىز -يۇ،ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى كۆرمەيمىز،يەنى ،تېنىمىزنىڭ ساغلاملىقى،قۇلىقىمىزنىڭ ئاڭلىيالايدىغانلىقى ،كۆزىمىزنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقى،ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈشكە مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقىمىز،ھەر كۈنى قوسىقىمىز تويغىدەك ئوزۇق-تۈلۈكىمىزنىڭ بارلىقى  ۋەھاكازالار.بىزدە <<قولدىكى مالنىڭ قەدرى يوق >>دەيدىغان گەپ بار .شۇڭا ئاغرىنىش زارلىنىشلارنى تاشلاپ،ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قەدىرلەيلى.
2.مەن نىمەمدىن پەخىرلىنىشىم كېرەك.قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭدىن پەخىرلەن.نەتىجىنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق،ھەر قېتىملىق مۇۋاپىقىيەت ئالغا بىر قەدەم ئىلگىرلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.سەن ھېلىلا بىر ئوڭۇشسىزلىقتىن غالىپ كەلگەنلىكىڭدىن پەخىرلىنىشكە،ناتۇنۇش بىر كىشىگە ياردەم قىلالغانلىقىڭدىن  ئۆزىڭنى بەختلىك ھىس قىلىشقا،بىر دوستۇڭغا ياردەم قىلالغىنىڭدىن كۈلۈمسىرەشكە ،يېڭى دوست تۇتقىنىڭدىن ياكى يېڭى بىر كىتاپ ئوقۇغىنىڭدىن خوشال بولۇشقا ھەقلىقسەن.
3. مەن نىمىدىن مىننەتدار بولىشىم كېرەك؟ ھەر كۈنى بىزنى مىننەتدار قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقىمىز،شۇنىڭدەك مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز،چۈنكى ئۇلار شەكىلسىز ھالدا بىزگە بەزىبىر ئىشلارنى ئۈگۈتىدۇ.ھاياتلىقتىكى ھەر بىر كۈن بىز ئۈچۈن قىممەتلىك سوۋغات.
4.قانداق قىلسام ھاياتى كۈچكە تولىمەن؟ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلالايدىغان ئاكتىپ ئىشلارنى قىلىشنى پىلانلاڭ .مەسىلەن:ئەزەلدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان،ئەمما ئۇزۇندىن بېرى ئالاقە قىلىپ باقمىغان كىشىلەرگە  تېلفۇن قىلىپ،ھال-ئەھۋال سوراپ قويۇڭ.خىزمەتداشلىرىڭىزغا مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىڭ،ئۇلار بىلەن خوشال ئامانلىشىڭ ياكى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن ئويناڭ.
5.بۈگۈن نىمە مەسىلىنى ھەل قىلالايمەن؟ئەتە بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىغان ئىزنى ئامال بار بۈگۈن بىر تەرەپ قىلۋېتىڭ،قولىڭىزدىكى ئىشنى شۇ كۈنى تۈگۈتىۋېتىڭ،قول تۇتۇدىغان ئىشلارنى باشقا يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلشقا تىرىشىڭ.
6.تۇرمۇشتىكى يۈكنى تاشلىۋېتەلەمدىم؟<<تۇرمۇشتىكى يۈك >>ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلۋاتقان كەچۈرمىش ياكى كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنداق ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىپ ،ئارتىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ئەڭ ياخشىسى ئۆتمۈشنى خۇلاسىلەپ،تەجرىبە -ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،ئېغىر يۈكتىن مەڭگۈ خالاس بولۇڭ.
7.مەسىلىگە قايسى نۇقتىدىن قارىسام مۇۋاپىق؟ئادەم ھامان باشقىلارغا تەكلىپ بېرىدۇكى،ئۆزىگە يول كۆرسىتەلمەي قالىدۇ،نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئىشلار بىزنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ئۇسۇلىمىزغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ،ئىش ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن  ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا كۈلگۈسى كىلىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.قايغۇ بىلەن خوشاللىق پەقەت بىزنىڭ  مەسىلىگە قايسى نۇقتىدىن قارىشىمىزغا باغلىق.
8.بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك؟باشقا كۈندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىپ قويۇڭ ،ئەگەر كونا ئادەت -قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۈگۈنۋالساق،تۇرمۇش ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىدۇ،بىز يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك .
9.بۈگۈن كىمنى قۇچاقلىشىم كېرەك؟قۇچاقلاش بىزنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىمىز.ئىلگىرى بىر پىسخىلوگ: ساغلام بولىمەن دىسەڭ  ،ھەر كۈنى ئاز دىگەندە سەككىز قېتىم قۇچاقلاش دىگەنىكەن.بەدەننىڭ تىگىشىشى ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللى ئېھتىياجى،ئۇ،ھەتتا كىشىلەرنىڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.
10.ھازىرلا تۇتۇش قىلسام بولامدۇ؟بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىماققا يامان ئەمەس تەكلىپلەركەن دەپ قالماڭ،شۇنىڭدەك يەنە تۇرمۇشتا بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنداش تەس دەپمۇ قالماڭ.ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك بولۇپ كىتىشى ناتايىن .تۇرمۇشنى مەززىسىز ئۆتكۈزەمسىز ياكى ئاكتىپ ھالدا يۇقىرى ئۆرلەشكە تىرىشامسىز ،بۇنى بەلگىلەش ھوقوقى ئۆزىڭزىنىڭ قولىدا .بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشسىڭىز يەنە نىمىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قوياتتىڭىز ؟

ozqan 2013-12-13 17:10
مەن بۇ سوئاللارنى يېزىۋالدىم ، ھەقىقەتەنمۇ مەنىلىك  ياشاشقا ئۈندەيدىغان سوئاللاركەن بۇ ...

مەرىپەت0999 2013-12-13 17:57
مەنمۇ يىزىۋالدىم،ھەقىقەتەن قىممىتى بار سوئاللاركەن.

tawpek 2013-12-17 20:30
4.قانداق قىلسام ھاياتى كۈچكە تولىمەن؟


ئاشۇ سۇئالنى بەكرەك سوراپ تۇرۇش زۆرۆركەن.

نۇرسىمانگۇل 2014-01-27 14:12
ھەقىقەتەن قىممىتى بار سوئاللاركەن.  

مىېھرىما 2014-01-27 14:59
بۇ  سوئاللا ھەقىقەتەنمۇ بىر-بىرىدىن مۇھىمكەن. بولۇپمۇ:

1. مېنىڭ نىمەم بار؟بىز دائىم ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئازاپلىنىپ يۈرۈيمىز -يۇ،ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى كۆرمەيمىز،يەنى ،تېنىمىزنىڭ ساغلاملىقى،قۇلىقىمىزنىڭ ئاڭلىيالايدىغانلىقى ،كۆزىمىزنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقى،ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈشكە مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقىمىز،ھەر كۈنى قوسىقىمىز تويغىدەك ئوزۇق-تۈلۈكىمىزنىڭ بارلىقى  ۋەھاكازالار.بىزدە <<قولدىكى مالنىڭ قەدرى يوق >>دەيدىغان گەپ بار .شۇڭا ئاغرىنىش زارلىنىشلارنى تاشلاپ،ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قەدىرلەيلى.
2.مەن نىمەمدىن پەخىرلىنىشىم كېرەك.قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭدىن پەخىرلەن.نەتىجىنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق،ھەر قېتىملىق مۇۋاپىقىيەت ئالغا بىر قەدەم ئىلگىرلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.سەن ھېلىلا بىر ئوڭۇشسىزلىقتىن غالىپ كەلگەنلىكىڭدىن پەخىرلىنىشكە،ناتۇنۇش بىر كىشىگە ياردەم قىلالغانلىقىڭدىن  ئۆزىڭنى بەختلىك ھىس قىلىشقا،بىر دوستۇڭغا ياردەم قىلالغىنىڭدىن كۈلۈمسىرەشكە ،يېڭى دوست تۇتقىنىڭدىن ياكى يېڭى بىر كىتاپ ئوقۇغىنىڭدىن خوشال بولۇشقا ھەقلىقسەن.

بۇ مەزمۇنلا مېنى ھەقىقى ئويغا سالدى. رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-01-27 22:44
‏ھەقىقەتەن ياخشى سۇئاللار ئىكەن . دىمىسىمۇ شۇنداق سۇئاللارنى سوراپ ، كۈنلىرىمىزنىڭ مەنىلىك ، خۇشال ئۆتىشىگە تىرشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك .  رەھمەت ، كۆچۈرۋالدىم .

ئارزۇيۇم 2014-06-09 18:43
ھەقىقەتەن ياخشى سۇئاللاركەن.بۇ سۇئالنى كۈندە ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرىشىمىز كېرەككەن.

ئارزۇيۇم 2014-06-09 18:44
بۇ سۇئاللارنى چۈشۈرۋالسام بولغۇدەك.

نوزۇگۇم 2014-06-12 17:13
راست ئادەم دىگەن  ئوزىدە  بار نەرسىىڭ قەدرىنى  بىلمەيدۇ  ،يوق  نەرسىنىڭ   ھەسرىتىنى  چىكڭدىكەنمىز    ،بۇ  ماتىريالدىن   ياخشى  بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم

ھاتەھاتەم 2014-06-19 10:46
مەسىلىگە قايسى نۇقتىدىن قارىسام مۇۋاپىق؟
مەن خىزمەتتىن چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا دائىم ئۇزەمگە مۇنداق تەسەللى بېرىمەن:«خىزمىتىم جاپالىق بولسىمۇ،كۆڭۈللۈك خىزمەت .نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھورمىتىگە ئېرىشىمەن. ھازىر خىزمىتى يوق ،خىزمەت ئىزدەپ يۇرگەن ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندە مەن بەك تەلەيلىك» مۇشۇ نۇقتىدىن تۇرۇپ ،ئويلىسىڭىز زارلانمايسىز.
نورمىدىن كۆپ خىزمەت تەقسىم قىلىپ قالسا، مېنىلا ئىشلىتىدۇ دىگەننىڭ ئورنىغا،مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھودىسىدىن چىقالايمەن،شۇڭا ماڭا ئىشىنىپ،مۇشۇ خىزمەتنى تاپشۇردى دەپ چ ۈشەنسىڭىز .شۇ بۈلۈنگەن خىزمەتنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلالايسىز ئۆزىڭىزگە بېسىم بولمايدۇ.

پاراسەت2 2014-06-20 12:52
ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن،ئائىلىسىگە نىسبەتەن،كەسپىگە نىسبەتەن،ھەر كۈنى ئۆزىمىزدىن سوئال سوراپ تۇرۇشىمىز كېرەك


查看完整版本: [-- ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن 10 سوئال سوراپ تۇرۇڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled