yingiyoloqi |
2010-10-28 14:32 |
ئايالىمنى ئوقۇشقا ئەۋەتتىم
- مەن ئۆز كەسپىم بويىنچە ئىككى يىللىق قوشتىللىق تەربىيىلىنىشكە ئۈرۈمچىگە بارىدىكەنمەن . ئىككى كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇپ مىڭىشىم كېرەكئىكەن . / kK*%TP ئايالىم ئىشىكتىن كىرە-كىرمەيلا سۆزلەپلا كەتتى . تۇرقىدىن بەكلا خۇشالدەك قىلاتتى . ئۆزىمۇ ئۇزۇندىن بىرى ئىككى يىلدىن بىرى تەتىللەرنىڭمۇ تايىنى بولمىدى ، ياكى سەن بىر باشقا جايلارغىمۇ ئاپارمىدىڭ ، بەكلا چارچاپ كەتتىم ، ئوقۇش كەلسىمۇ باراتتىم دەپ ئارزۇ قىلىپلا تۇراتتى . دەقىقە تۇرۇپلا قالدىم . ;BH.,{*@B - نىمە بولدى ، بارغىلى قويمامسەن ؟ ئايالىم ئۈمۈد بىلەن ماڭا باقماقتا ئىدى .
b7\> = - ئاۋال كەچتە چوڭ ئۆيگە بىرىپ چوڭلارنىڭ پىكىرىنى ئالايلى . دىدىم كەسكىنلا . چۈنكى چوڭلار بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ دەپ ئويلايتتىم. بىر ئازدىن كىيىن باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىككى قىزىممۇ كىرىپ كەلدى. بىز- ئايالىم يەنە شۇ ئوقۇشقا بىرىشنىڭ خۇشاللىغىدا، بالىلىرىم بولسا چوڭلارنى ، باشقا تەڭتۈش نەۋرە تۇققان دوستلىرىنى كۆرۈش ئىستىكىدە ، مەن بولسام چەكسىز خىيالدا....كىتىۋاتىمىز . (i%bQZt^? - ئەجەپ بەلەن ئىش بوپتۇ، بارسىڭىز بىرىڭ ، نىرۋىڭىزنى ئارام ئالدۇرغاچ ، بىلىم ئىلىپ كىلەرسىز ، ھازىر تىل بىلمىسە بولمايدىغان ، ئاددىيسى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسىمۇ تەمتىلەپ قالىدۇ كىشى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپنىڭ كىيىنىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىمۇ شۇ..... -+1O*L! بۇ ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەم ئىنى -سىڭىللىرىنىڭ سۇئاللىق تىلەكلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىدى . دىمەك ئۇلار شەكسىز قوشۇلدى. مىڭەمدىن سوغۇق تەر چىقتى... uGC5XX^ - بىز نىمىمۇ دەيلى ، سىلەر ئوقۇغان ئادەم، بىرىشقا تىگىشلىك بولغان بولسا بارسىلا قىزىم. ئادەتتە كۆپ سۆزلىمەيدىغان ، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كەنت خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن داداممۇ قوشۇلغاندەك قىلاتتى . -بالىلارغا بىز بار ، كۈندە كەچتە بالىلىرىڭنى ئىلىپ كىلىپ تاماق يەپ كىتىڭ ، ئىشتىن كەچ قالغۇدەك بولسىڭىز ئوكىڭىز بىرىپ بالىلارغا قارىسۇن . دىمەك ئاناممۇ قوشۇلدى دىگەن گەپ... {v]L|e%
{ -ئوقۇسقا بىرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ياخشى ئىش ، ھەممىمىز تەربىيىلىنىشىمىز كېرەك ، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىشى ھەم بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىشى ، ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشكە مىھنەت سىڭدۈرىشى ئىنتايىن مۇھىم . بوپتۇ، بارساڭ بار. بۇ مىنىڭ تولۇق بىر كۈن ئويلانغاندىن كىيىن چىقارغان قارارىم ئىدى . ( ئەلۋەتتە ، ئايالىم نەچچە رەت ئۆتۈندى ) _`;KmD&5 - رەخمەت ساڭا، ئايالىم يىڭى توي قىلغان ۋاختىمىزدىكىدەك بوينۇمغا گىرە سىلىپ شوخلۇق قىلغىلى تۇردى.. |=YK2}; - خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە : تولۇق كۇرۇس سالاھىتىنى ھازىرلاپ بولغاندىكىن يەنە ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ ؟ ئوقۇشقا بارمىسا ، ئۆزىنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلغان ۋاقىت ھەم پۇلنى بالىلارنى تەربىيلەشكە ئىشلەتسە بولمامدۇ؟..... دىگۈچىلەرمۇ ، ھەرخىل چاقچاق ، ھەزىللەر بىلەن مەسخىرە قىلغۇچىلارمۇ بولدى . - خەقنىڭ نىمە كارى . سۆزۈم تۈگىمەستە ئايالىم يەنە سۆزلەپلا كەتتى . - كۆپرەك بىلىم ئالسام نىمە يامىنى بار ، ئاقىۋەت يەنە شۇ بالىلارنى تەربىيلەيدىغان گەپقۇ.... _ncBq;j{ - مەنمۇ بىر سىنىڭ خۇشاللىغىڭ ، بىلىم ئىلىشىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ باقاي دىدىم . پەرزەنتلىرىمىزمۇ سىنىڭ قەدرىڭگە بەكرەك يىتىدىغان بولۇپ چوڭ بولار ، گەرچە ۋاقىتلىق ئانا مىھرىدىن مەھرۇم بولسىمۇ . V':A! - يەنىلام مىنى قەلبىمنى سەن چۈشىنىسەن ، رەخمەت ساڭا.... Lw[=pe0e ھاۋا ناھايتى سوغۇق، شۇنداقتىمۇ بىكەت ئىچىدە ئادەملەر كۆپ ئىدى . ئايالىم خوشلىشىشقا كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە مەن بىلەن ئاددىيلا (كۆرىنىشتە ) خوشلۇشۇپ ماڭدى . بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇزۇتۇش ۋاختىدىكى سوغۇق ھىچقايسىمىزغا تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى. lmHQ"z 3G " بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بوپقالدىم . ئىدارىغا قايتىپ ئىشقا چۈشكەن بولساممۇ قولۇم ئىشقا بارمايتتى . كۆرىنىشتە تەبئى تۇرغىنىم بىلەن باشقىلارنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى . مەيلى ئاخشام بولسۇن ياكى بۈگۈن بولسۇن سەن قانچە كۆپ سۆزلىشىمنى تاما قىلساڭمۇ ، مەن پەقەتلا كۆپ سۆزلىمىدىم. پەقەت سىنىڭ بۇ ئوقۇشقا ماڭغان ھەربىر قەدىمىڭنىڭ ناھايتى زور بەدەلگە كەلگەنلىكى ۋە زور مەسئۇلىيەت ئۈستىگە بىسىلىدىغانلىقىنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىڭنى ، شۇنداقلا سالامەتلىكىڭنى ئاسراش ھەم ساداقەتمەنلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئاساسىدا بىلىم ئىلىشنى ئاساسى مەخسەت قىلىشىڭنى تەلەپ قىلدىم . چۈنكى بۇ پۇرسەت ئۆزلىگىدىن نىسىپ بولۇپ بىزنى ھىچقانداق بىر يول مىڭىشقا ، مۇناسىۋەت ئىزدەش ، پۇل خەجلەشتەك ناچار خاھىشلارغا ( بۇ تەرەپتە شۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇشقا ماڭىدىغانلار خىلى بار ) دۇچار قىلمىغان بولسىمۇ لىكىن ، سىنى بىزلەردىن ، ئائىلىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە كەلگەنىدى . مەن بۇ ھەقتە ساڭا دىمىگەن بىلەن كۆپ ئويلاندىم . ... بىلىمنى ئۆيدىن ئايرىلىپ ، ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئالمىسا ئالغىلى بولمامدىكەن ، ئوقۇشقا بارمىسىچۇ؟... Cn5"zDK$ ئايرىلىشنىڭ بەدىلى ئىغىرمۇ ؟! ياكى بىلىم ئىلىشنىڭ شەرىپى ئۈستۈنمۇ ؟!....ئاقىۋەت سىنى ، سىنى خۇشاللىغىڭنى ، بىلىم ئىلىپ ئەۋلاتلارغا تىخىمۇ ياخشى ، ئەتىراپلىق بىلىم بىرىدىكەن دەپ بارغىن دىدىم . " ئايالىم ئوقۇشقا ماڭغىلى ھايىت-ھۇيىت دىگۈچە بىر ئايدىن ئاشتى . مەنمۇ تاماق ئىتىشنى جاپاسىنى ، ئائىلە ئىشىنى جاپاسىمۇ تارتىپ باقتىم. ئاتا-ئانام ۋە ئوماق پەرزەنتلىرىم ۋە ئايالىمنىڭ كۈندە ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئەھۋال سوراپ ئۇرغان تىلىفۇنلىرى ماڭا تەسەللى ئىدى . 9FSa=<0wE مانا مەن ئەتكەن تاماقنى بۇرۇنقىدەك " ئانامدەك ئىتەلمەپسىز ، يىگۈم كەلمىدى " دىمەستىن تىزلا يەپ ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن قىزلىرىمغا قاراپ تۇرماقتىمەن . سالامەت قىزىم ئەتتىگەن بەكلا سەھەر تۇرغاچقىمىكىن بۇرۇنلا خوررەك تارتىشقا باشلىغانىدى . ئادالەت قىزىم " دادا ، سەنمۇ بالدۇرراق ئۇخلاپ ، ناشتىلىقنى بالدۇر تەييار قىلىپ بەر ، بولمىسا مەكتەپكە كىچىكىپ قالىدىكەنمىز . مەنمۇ سەن بىلەن تەڭ ئۇخلايمەن " دەپ مىنى ئۇخلىتىپ بولالماي يىنىك پۇشۇلداپ شىرىن ئۇيقىغا كەتتى . بۇلارنىڭمۇ دەرىس بىسىمى ئىغىر ئىدى . بالىلىرىم ئوقۇۋاتقان كىتاپتىكى %70 ئۇقۇمنى مەن چۈشىنىپ بولالمايمەن . شۇ ھالىمغا مەنمۇ بىر كادىر تىخى ...يەنە تىخى بالىلىرىمغا بولغان تەلەپنى چىڭ قويىۋالىمەن . ھىلىغۇ بۇ كەن تىخى ئۇلارنىڭ بىرسى كۆتىرەيدىغان ماتىرىيال سومكىسىنى مەن كۆتۈرۈپ 100مىتىر ماڭار-ماڭماي قولۇم تىلىپ كىتىدۇ . ... بەلكىم سەنمۇ چارچاپ بۇ چاققا ئيقىغا كەتكەنسەن . كىچە نىما ئانداق ئۇزۇن.... 7Ji'7$ تىلىفۇندا يىغلاپ كىتىشلىرىڭدىن ھەيرانمەن . بۇ سىغىنىش يىشىمۇ ياكى پۇشايمان يىشىمۇ ؟ مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بىلىم ئىلىش كېرەك . سەۋىيەڭنى ئاشۇرىدىغان ، ئەۋلات ئۈچۈن جاپا چىكىدىغان گەپقۇ شۇ !... بۇ بىر پۇرسەت . كۆز يىشى ھىچ نەرسىنى ھەل قىلالمايدۇ . ..شۇنداق دىگىنىم بىلەن كۆزلىرىمدىن ئىقىپ چۈشكەن ياش ساقاللىرىمنى ھۆل قىلىۋىتىپتۇ.... تاڭمۇ ئاتاي دەپتۇ . ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتەي . بالىلىرىمغا ياخشى بىر ناشتىلىق تەييار قىلاي..... +|dLR*s
|
|