查看完整版本: [-- بۇ خىل ئۇسۇللارنى بىلىۋېلىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> بۇ خىل ئۇسۇللارنى بىلىۋېلىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-10 16:30

بۇ خىل ئۇسۇللارنى بىلىۋېلىڭ

1. زەردىڭىز قايناپ بىئارام بولسىڭىز ، تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان بىر پىيالە قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ ئىچىۋەتسىڭىز شۇ ھامان توختاپ قالىدۇ .

2. ئەگەر سىز ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان بولسىڭىز ، ئاچچىقسۇ قۇشۇلغان سەيلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلەيدۇ ياكى نورمال تۇرىدۇ ھەمدە قان تومۇرلىرىڭىز قېتىۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ .

3.يۈرەك قان تومۇر كېسىلىڭىز بولسا ، ناۋاتنى ئاچچىقسۇغا سېلىپ ئېرىتىپ ، تاماقتىن كېيىن بىر قۇشۇقتىن ئىچىۋەتسىڭىز ياكى يەر ياڭىقى( خاسىڭ مېغىزى) نى ئاچچىقسۇغا چىلاپ قويۇپ كۈنلۈكى ئەتتىگەندە ئون تالدىن يەپ بەرسىڭىز كېسەللىكنى داۋالاشقا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ .

4. ئېھتىياتسىزلىقتىن قايناق سۇدا قول - پۇتلىرىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالسىڭىز ، دەرھال يۇمشاق سوقۇلغان شۇلتىنى كۆيگەن ئورۇنغا سەپسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ، قاپىرىپ چىقىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ .

5. يۈرەك كېسىلىڭىز بولسا ، ئانار ، دولانا ، بۆلجۈرگەن ، تۇرۇپ ، سەۋزە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ . چۈنكى بۇلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بار . مايلىق يېمەكلىكلەر ، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەر ، قېنىق چاي ، ھاراق قاتارلىقلارنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ ، چۇنكى بۇلار يۈرەك كېسىلىگە پايدىسىز .

6. جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولسىڭىز ، سۈت ، تۇخۇم ، بېلىق ، پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قېلىڭ . شېكەر گلۇكوزا ، مۇراببا ، ھەسەل قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ .

سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولسىڭىز ، ھەر خىل كۆكتات، مۇراببا قاتارلىقلار ۋە مايسىزراق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ . ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى يېمەڭ ، ھاراقنى قەتئىي ئىچمەڭ .

مەنبە؛ ساغلاملىق سوۋغىسى

مەرىپەت0999 2013-12-13 17:52
تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزغا تەھمەت!!!

مەرىپەت0999 2013-12-13 17:52
رەھمەت دېمەكچى

ياسىنجان510 2013-12-14 19:33
تۇرمۇش  ساۋاتلىرڭىزدىن تەربىيە ئالدىم، سىزگە رەھمەت.

tawpek 2013-12-17 20:20
يۈرىكىم بىلەن جىگىرىم ۋاپاسىزلىق قىلىپ قويارمىكىن دەپ  سەل ئەنسىرەيىتتىم.

بۇ ھەقتىكى بىلىملەر خىلى باكەن تەشەككۇر.

نۇرلالە 2014-06-17 18:46
      

tawpek 2014-06-17 22:04
ساغلاملىق ھەققىدىكى بىلىملەرنىڭ توپلىنىشىغا تىلەكداشمەن


查看完整版本: [-- بۇ خىل ئۇسۇللارنى بىلىۋېلىڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled