查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچىلارنى قانداق مۇكاپاتلايسىز؟(نادىرەئاي) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئوقۇغۇچىلارنى قانداق مۇكاپاتلايسىز؟(نادىرەئاي) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nadiraay 2013-12-10 13:25

ئوقۇغۇچىلارنى قانداق مۇكاپاتلايسىز؟(نادىرەئاي)

ئوقۇغۇچىلارنى قانداق مۇكاپاتلايسىز؟ 79J@`  
e=t?mDh#E  
ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى  مۇكاپاتلاش ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىشىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھېسابلىنىدۇ.  ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. Xq&x
 
بىر كىچىك چامدىنىم بار ، ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمدا ساۋاقداشلىرىم سوۋغا قىلغان ئاددىي ئەمما مەن ئۈچۈن ناھايتى قىممەتلىك بولغان ھەر خىل كىچىك نەرسىلەر بىلەن تولغان . ھەر قېتىم چامداننى ئاچسام، شۇ دوستلىرىم بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. دېمەك سوۋغات ئۇچۇن ئۇنىڭ باھاسى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ سىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا  ئېرىشىش، ئېرىشەلمەسلىكى. 5*1wQlL  
بىر قېتىم بىر قىز ئوقۇغۇچۇمغا بىر قىزىل شارپا سوۋغا قىلغان ئىدىم،  ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن  كېيىن  قۇربان ھېيت ھارپىسىدا كىچىك بالامنى يەڭگىپ دوختۇرخانىدا  ياتتىم. ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە ئۇ قىز بىر قولىدا تۇخۇم، يەنە بىر قولىدا بىر قاچا شورپا كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدى، ۋە يولدىشىمغا : <<مۇئەللىمگە چۈشكىچە مەن قاراي، ئۆيدىكى ئىشلىرىنى قىلىۋالسىلا .>> دېدى. t#|E.G:=  
چۈشكىچە ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن شۇنداق ياخشى خەۋەر ئالدى ۋە ماڭا : << مۇئەللىم، بېشىمدىكى قىزىل شارپىنى تونۇدىلىمۇ، ئۇنى ماڭا سىلى ئېلىپ بەرگەن، ئادەتتە چىگىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ، مۇشۇنداق ھېيت، بايراملاردىلا چىگىپ يۈرىۋاتىمەن.>>، - دېدى. گەرچە مەن ئېلىپ بەرگەن ئۇ شارپا ئادەتتىكى بىر شارپا بولسىمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر قىممەتلىك سوۋغات ئىدى. N}\Da: _  
كېيىن ئۇ ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. تۇنجى بولۇپ ماڭا تېلىفۇن قىلغان ئىكەن. مەن بەك سۆيۈندۈم، ئۇنىڭغا بىر پارچە كىتابنى يوللۇق سۈپىتىدە سوۋغا قىلدىم. شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىغاندا بىر خىلدا  پەقەت دەپتەر، قەلەم دېگەندەك ئوقۇش قوراللىرى بىلەنلا مۇكاپاتلاپ قالماستىن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلار خاتىرە قىلىپ ساقلىيالىغۇدەك  نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلىسا م، ئۇلارمۇ مەن مۇكاپات تەرىقىسىدە بەرگەن بۇيۇملارنى ساقلاپ قويسا ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم . h Ia{s)  
ھەر ئايلىق ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالغانلارغا  قىزلارغا چاچ بوققۇچ، ئوغۇللارغا ئاچقۇچ ئاسقۇ، چىرايلىق چاي قۇتىسى دېگەندەك  ئۆزى ئاددىي ، ئەمما باشقىلارمۇ ھەۋەسلەنگۈدەك نەرسىلەرنى، مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالغانلارغا ئۆز قولۇمدا ياسىغان  زىننەت بۇيۇملىرىنى ياكى <<قىزلارغا نەسىھەت>>، <<ئوغۇللارغا نەسىھەت>> دېگەندەك كىتابلارنى ، لۇغەت، ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ . . . سوۋغاقىلىشنى ئادەت قىلىۋالدىم. ئىشلىتىپ بولۇپلا تاشلىنىپ قالىدىغان بۇيۇملارنى ئىمكان بار مۇكاپات قىلىپ بەرمىدىم. ھەر قېتىمقى مۇكاپاتلىرىم ئوخشىمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ كېيىنكى مۇكاپاتىمنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ. . iq.H  
-5\aL"?4  
يۇقارقىلار مېنىڭ  ئوقۇغۇچىلارنى  مۇكاپاتلاش ئۇسۇلۇم، مۇنبەرداشلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئېيتىپ باقسا، ئورتاقلىشىپ باقساق. UQ>GAzh  
CT tF=\  
مەنبە: ئۆزۈم }M/w 0U0o  
2013-يىل 12- ئاينىڭ 10-كۈنى ^Gv 

ablat0997 2013-12-10 13:35
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مۇكاپات بوپتۇ،ئومۇملاشتۇرساق بولغىدەك.

yar130 2013-12-10 17:36
مائاشنىڭ تۆۋەنلىكىدە نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى  . . .

nadiraay 2013-12-10 17:48
ياخشىراق بىر خاتىرە دەپتەر ئالسىڭىز 10 يۇەن ئەتراپىدا پۇل خەجلەيسىز. ئەرزانلىرىنى ئالسىڭىزمۇ 2يۇەن ئەتراپىدا، ئەمما 2يۇەنگە چىرايلىق چاچ قىسقۇچ، ياكى ئاچقۇچ ئاسقۇچ ئالغىلى بولىدۇ.ھېلىقى مەن ئىسمىنى ئاتىغان كىتابلارنى 5 يۇەندىن ئالغىلى بولىدۇ. بىر بوتۇلكا ھاراق ياكى بىر قاپ تاماكىنىڭ پۇلىغا بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟

رەيھانگۇل 2013-12-10 18:22
توغرا دەيسىز، نادىرەئاي. ھەقىقەتەنمۇ ئومۇملاشتۇرگىدەك ياخشى ئىش ئىكەن. مەنمۇ بۇندىن كېيىن چوقۇم سىناپ باقىمەن.

تۆتتاش 2013-12-10 23:34
راست  دەيسىز.مەنمۇ  بۇرۇن  نەدە  ئەرزىمەس  نەرسىلەر  بىلەن مۇكاپاتلاش  ئېلىپ  باراتتىم،بۇ  تېمىنى  كۆرگەندىن كىيىن  بىلىۋالدىم. pK'WJ 72U  
تېما  يوللىغۇچىغا   رەھمەت.

ozqan 2013-12-11 16:00
ياخشى تېمىكەن ، ھەر بىرىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئاز-تولا نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان ھەممە ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرىدۇ ، سىز بىر ئوقۇتقۇچىلىققا بولغان مېھىر مۇھەببىتىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىكەنسىز ... '^/E2+  
ماددىي نەرسىلەرمۇ ياخشى سوۋغات ، ئەگەر ئىقتىساددىمىزنى ئويلىساق ، مەنىۋىي سوۋغىلارمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىق سېزىم بىلەن تولدۇرالايدۇ . :?UIy N?  
شۇنى دەۋېتىپ بىر ئوقۇغۇچۇمغا بەرگەن سوۋغىتىم يادىمغا كەلدى . تولۇق 1-يىللىقتا تۇنجى كۆرۈشۈپ بىر قېتىملىق ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرسەم بۇ ئىنتايىن ياخشى يېزىپتۇ ، دەرسخانىدا ماقالە باھالاپ بۇ قىز ماقالىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېىيىن مۇنبەردىن چۈشۈپ ئۇنىڭ  ئالدىغا باردىم : Ne &Xf  
ـ قولىڭىزنى چىقىرىڭا ، مەن چىڭ بىر سىقىۋالاي ، مۇشۇ مۇبارەك قوللاردىن كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگۈدەك ،- دېدىم c@RT$Q9j  
بۇ قىز تارتىنىپقىنە قولىنى چىقاردى ، ھەممە بالىلار چاۋاك چالدى ، بۇ قىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە شۇ چاغدا ئۇ كاللىسىدا ھەقىقەتەنمۇ كەلگۈسىدە شۇنداق بىر ئادەم بولۇشنى قەلبىگە پۈككەنمىش . ھازىر ھەم شۇ ئارزۇسى بويىچە ئىجتىمائىي پەندە مېنىڭ سىنىپىمدا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئەينى چاغدا باشقا سىنىپتا ئوقۇيتتى . Ho|o,XvLv  
بەزىدە بالىلارنىڭ ئۆزىمىزگە يارىغان بىر ئىششى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ چىن يۈرىكىمىزدىن چىققان كۈلكىمىز بىلەن كۈلسەك ، بۇ كۈلگە ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ، P7's8KOoS  
يەنە بەزى ياخشى نومۇر ئالغان ، تىرىشىۋاتقان ، ئوقۇغۇچىلارنى پۇرسىتى كەلگەندە بىر قۇچاغلاپ قويۇش ، سۆزلەشكەندە قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ،  چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ، ياققىسىنى ئوڭشاپ تۇرۇپ پاراڭلاشساق ... بۇلارمۇ  ئۇلار ئۈچۈن زور رىغبەت بولىدۇ . 9wAA. -"  
ئاتا-ئانىلارغا تېلفون ئۇرغاندىمۇ تەنقىدلەش ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈنمۇ تېلفون ئۇرۇپ ، ئۇنى ماختىساق ، ئۇلارغا ئۆگىنىش روھىغا يەنىمۇ قىزغىن روھ  قوشۇلىدۇ ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ، كەم نەرسىلىرىگە قاراپ ئۇلارغا ماس كېلىدىغان جەھەتتىكى بىر تۈردە ئۇلارغا بېرىلگەن ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىكى مۇكاپات ئۇلارغا زور مەدەت بولالايدۇ .

ئەلقۇت825 2013-12-12 15:22
مەن پەقەت ئايلىق ئىمتاھاندا ۋە مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىرىغىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان بالىلار ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلىمەن .

مەرىپەت0999 2013-12-16 17:43
نادىرەئاي،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ،تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر!!!

parixta 2013-12-27 12:02
بۇ ناھايتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. تەۋپىقداشلار ھەممىمىزنىڭ قوللىنىشىغا ئەرزىيدىكەن.

ياسىنجان510 2014-01-20 14:49
ئىلغار ئۇسۇللار ئىكەن،تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاپ تۇرۇش ياخشى ئۇسۇل.

مىېھرىما 2014-01-20 19:05
مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدىم ئەمدى سىنپىمدىكى ئوقۇغۇچۇللىرىمغا سىناپ كۆرەي چۇ ئئۈنىمى قانداق بولاركىن؟

arzu 2014-01-20 19:41
نېمىشقا ئىنكاس يازالمايمەن.... چىقمايدىغۇ....

قاراخان 2014-01-27 22:14
ياخشى ئۇسۇللاركەن، مەنمۇ سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمغا مۇشۇنداق ساقلاش قىممىتى بار نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئىلھاملادۇرسام بولغىدەك.

kaqur 2014-01-28 01:26
بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بىزگە سوۋغا بەرمەمتى، دېگەننى ئويلاپ قالدىم، بۇ يازمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن... x0a.!  
بىر قېتىملىق ئەدەبىيات ئىمتىھاندىن كېيىن، مۇئەللىم ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىۋاتقاچ «ماقالىڭىزنى ئىمتىھاندا يازغاندەك ئەمەس، نەچچە يىل تەييارلىق قىلىپ، كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ يازغاندەك يېزىپسىز، سىز مېنىڭ ئۇستازىم» دەپ بېشىمنى سىلاپ قويغان ئىدى... C@o%J.9"#  
تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىمىزدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىمىز دائىم سۇئاللارنى بالدۇر ئىشلەپ بولغان ئوقۇغۇچىلارغا تاش ئالما، ئۆرۈك دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرەتتى، ئۆيگە قايتقۇچە قورسىقىم خېلىلا تويۇپ قالاتتى... wHz?#MW 3L  
تولۇقسىزدىكى خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىمىز (قازاق مۇئەللىم ئىدى)، ياز كۈنلىرى دائىم بىزگە چوكا مۇز ئېلىپ بېرەتتى... (ھەممىمىزگە) 1|,Pq9  
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇم ئۆزى يازغان كىتابنى ئۆز ئىمزاسى بىلەن تەقدىم ئېتىپتۇ، «ئوقۇتقۇچۇم بەرگەن» دەپ ساقلىغۇدەك نەرسەمدىن شۇلا بار ئوخشايدۇ... كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى...


查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچىلارنى قانداق مۇكاپاتلايسىز؟(نادىرەئاي) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled