جەسۇر16 |
2013-12-10 11:27 |
16. كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق دەرس تەييارلىقى(2-سائىتى)
سىنىپ : 9-يىللىق ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (2-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى : كۆرسەتمىلىك دەرس. ماۋزۇسى : 16. كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇنجان لېتىپ (1945-يىلى) يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : تۆۋەندىكى ماقالنى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ ؟ «بىر ئانا ئون بالىنى بېقىپتۇ، ئون بالا بىر ئانىنى باقالماپتۇ .» دېگەن جۈملىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئەسەر مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە تەھلىل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ مەركىزى ئدىيسى سۆزلىنىپ خۇلاسلىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ئەسەرگە «كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق» دەپ ماۋزۇ قويولىشىدىكى سەۋەب، پېرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەسەر مەركىزى ئىدىيسىنى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئاتا-ئانىلارنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ باققىنىغا ئازراق بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇش تەربىيسىگە ئىگە قىلىش . (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى: ئاتا-ئانىلارنى قەدىرلەيدىغان، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: 1. ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان؟ (ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، ئاخىرىدا خۇلاسلاپ بېرىلىدۇ) ئەسەردە تېلغا ئېلىنغان ئانا ياشىنىپ قالغان، يەنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا بېرىپ قالغان. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بالىلار ئانىنى ۋاقتىدا يوقلاپ، ھالىدىن تازا خەۋەر ئېلىپ تۇرمىغان. شۇڭا ئانا غېرىپسىنىپ قالغان. شۇڭلاشقا ئەسەرگە «كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان . (ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، ئاخىرىدا خۇلاسلاپ بېرىلىدۇ) 2.دراممىدا بوۋاي نېمە ئۈچۈن «ھىم، مانا مۇشۇنداق كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ، بالىلارنىمۇ يامان ئۇگىتىۋەتتىڭ، ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرنىلا ئويلايدۇ. » دەيدۇ؟بوۋاينىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سىز بالىلارغا، نەۋرىلەرگە زىيادە كۆيۈنىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۆپ يىتىلىشىگە ئەكىس تەسىر ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتىڭىزمۇ؟ بوۋاي ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن بالىلارنىڭ ئانىسى بالىلارغا ھەم ئانا ھەم ئاتا بولۇپ پەرزەنىتلىرىنى قاتارغا قوشقان. بالىلرىىنڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولۇپ، قېلىشىنىڭ، غېرىپسىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇمشاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان. بالىلار بولسا ئۆزلىرنىلا ئويلايدىغان ئانىسىنى يوقلاپ تۇرمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈش بالىلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە نۇرغۇن سەلبى تەرەپلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. (ئوقوغۇچىلارمۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاخىرىدا خۇلاسلاپ بېرىلىدۇ. ) 3.ئەسەر پېرسۇناژلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4.ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيسى: (ئەسەر پېرسۇناژلىرى ھەمدە مەركىزى ئىدىيسى بىر قەدەر چۈشىنىشلىك بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلر بۇ نوقتىنى ئۆزلىرى ھەل قىلالايدۇ، شۇڭا خۇلاسلاپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ) ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىلارنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ باققىنىغا ئازراق بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا ئەخلاقي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: 16. كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇنجان لېتىپ (1945-يىلى) ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: دەرسلىك دېتالى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى. تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، ئۇنۋېرىسال ئۆگنىش ۋە ئىزدىنىش دەرسىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ساۋاقداش بىر نەچچىدىن ناخشا توپلاپ كېلىش. دەپتەر تاپشۇرۇق: مەشىق 63-بەتتىن 69-بەتكىچە. ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|