جەسۇر16 |
2013-12-10 11:25 |
16. كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق دەرس تەييارلىقى(1-سائىتى)
سىنىپ : 9-يىللىق ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (1-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى : كۆرسەتمىلىك دەرس. ماۋزۇسى : 16. كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇنجان لېتىپ (1945-يىلى) يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : ساۋاقداشلار، دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىنسان بار، ئۇ كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دەيمىز؟ دېگەن سۇئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئەسەر ئوقۇلىدۇ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاپتۇرھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ، بىر قىسىم كىچىك سۇئاللار ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ئەسەر مەزمۇنى ۋە يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش. (موھىم نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئاتا- ئانىلار ياشىنىپ قالغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش تەربىيسى ئېلىپ بېرىش . (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى: ئەسەرنى روللارغا بۆلۈپ ھېسياتلىق ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: 1. ئالدى بىلەن ئەسەر روللارغا بۆلۇپ ئوقۇلىدۇ. (ئوقوغۇچىلارغا ئۆلگە ئۈچۈن بىر ئاز ئوقۇپ بېرىلىدۇ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ.) 2. يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات : 1) ئاخىرەتلىك – ①كىشى ئۆلگەندىن كىيىن، شۇ كىشىنىڭ ئۆلىمىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىشلىتىلدىغان پۇل- پىچەك ۋە نەرسە- كىرەك .② كۆچمە مەنىسى: ئۆمۈرلۈك . 2) پۇرۇچ-: تېرە- رەخىت قاتارلىقلارنىڭ كىيىم- كېچەك پىچقاندا قالغان ئۇششاق پارچىسى . 3) پەرۋانە- ① بىر خىل ھاشارەت .②كۆچمە مەنىسى : مەھلىيا، ئاشىق، مەپتۇن . 4) ئونسور-① ئېلمىنىت ②دۈشمەن . 5) مېلودىيە- بەلگىلىك ئاۋاز ئېگىزلىكى، ۋاقىت سەرپىياتى ۋە ئاۋاز مىقدارىنى جانلىق بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق بېرىلگەن يەككە تاۋۇشلۇق ئاھاڭ . ( ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ، سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ مەنە ئاساسىدا جۈملە تۈزۈش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.) 3.ئاپتۇر ھەققىدە: تۇرسۇنجان سېيىت 1945-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. درامماتورگ. «ئېزىتقۇ» ناملىق دراممىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «مىھمان»، «كۆپۇك»، «يولدا» قاتارلىق ئىتوتلىرى، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتونلار» قاتارلىق دراممىلىرى مەشھۇر . ( ئاپتۇر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار خاتىرە قالدۇرىدۇ.) 4.مۇلاھىزە قىلىش سۇئالى ؛ سىز ئانىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى قايسى مەزمۇنلار ئارقىلىق ھېس قىلدىڭىز؟ ئانىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى يېڭنىگە يىپ ئۆتكۈزەلمىگەنلىكى، ماغدۇرسىزلىنىپ قالغانلىقى، نەۋرە- چەۋرىلىك بولغانلىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھېس قىلىشقا بولىدۇ. (ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ .) ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا- ئانىلار ياشىنىپ قالغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىدۇ)
دوسكا لايھىسى: 16. كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق تۇرسۇنجان لېتىپ (1945-يىلى) 1.يېڭى سۆزلەر: 2.ئاپتۇر ھەققىدە: ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: دەرسلىك دىتالى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئوقۇتۇش قوللانمىسى. تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، ئەسەرنىڭ مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىش . ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|