جەسۇر16 |
2013-12-10 11:19 |
9-يىللىق دەرس تەييارلىقى 3-دەرس
سىنىپ : 9-يىللىق ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (1-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى : ئادەتتىكى دەرس ماۋزۇسى : 3. چەتئەل شېئىرلىرىدىن ئىككى پارچە ‹1› ۋەتەن (لېرمونتوف) يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ "كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن" ناملىق ناخشىسى ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيتى تونۇشتۇرۇلىدۇ.ئەسەر ئوقۇلىدۇ ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرلىدۇ ، مۇناسىۋەتلىك كۆنۈكمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە تەھلىل قىلنىدۇ . ئوقۇتۇش نىشانى: 1. بىلىم نىشانى: يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلدۈرۈش.(مۇھىم نوقتا) 2. ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز ۋەتىنىنى قەدىرلەش، ۋەتىنىگە مېرى-مۇھەببەت بىلەن قاراش تۇيغۇسىنى يىتىلدۇرۇش. (موھىم نوقتا) 3. .ئىقتىدار نىشانى ؛ ئوقۇغۇپچىلارنى ھەر خىل تەسۋىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: 1. ئاپتۇر ھەققىدە: مىخئىل لېرمونتوف (1814-1841)- پۇشكىن بىلەن زامانداش، روس شائىرى . تولۇق ئسمى مىخائىل يۇپىۋىچ لېرمونتوف روسىينىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان. ئاقسۆڭەك ھەربىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <<يەلكەن>>، <<كاۋكاز>>، <<ۋادىم>>، <<نىقابلىق تانسا>>، <<چوڭ ئاقسۆڭەك ئۆلچار>> قاتارلىقلار بار. 2.سۇئال ئارقىلىق يىتەكلەش 1) سىز ۋەتەننى قەدىرلەمسىز ؟ 2) ۋەتەننى قەدىرلەش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلدىڭىز؟ 3) كەلگۇسىدە ۋەتەن ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ 4) ۋەتەن توغرىسىدا قانداق ھېكمەتلىك سۆز، ماقال-تەمسىللەرنى بىلىسىز؟ 3.<<ۋەتەن>> دىگەن شئېردا شائىر ئۆزۋەتىنىگە بولغان ئىشقىنى ئىپادىلەشتە روسىيە تۇپرىقىنىڭ كىچىسىنى ۋە كىچىدىكى ئادەملىك ھەرىكىتىنى تەسۋىرلىگەن. بۇنداق يېزىشنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟قارشىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭ. (ئوقۇغۇچىلار شئېردا تەسۋىرلەنگەن مەنزىرلەرگە بىرلەشتۇرۇپ، ئاپتۇرنىڭ ۋەتەن ھەققىدە ئوتتورىغا قويغان ئىددىيسنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئاخىرىدا مەن خۇلاسىلاپ بېرىمەن) كۆرسەتمە؛ <<ۋەتەن>> ناملىق شئېردا ئاپتۇر ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئىشقىنى ئىپادىلەشتە روسىيە تۇپرىقىنىڭ كېچىسىنى ۋە كىچىدىكى ئادەملەر ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۆز يۇرتىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، ئۆز يۇرتىدىن پەخىرلىنىش ، يۇرتىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى ئوتتورىغا قويغان. ) ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ۋەتىنىنى قەدىرلەش، ۋەتىنىگە مېرى-مۇھەببەت بىلەن قاراش توغرىسىدا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: لېرمونتوف (1814-1841) ۋەتەندۇر-بەخت،ۋەتەندۇر-تەخت، ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ. ۋەتەن ئۇ بىر بىباھا بايلىق، ۋەتەنسىز ئەر قالار ئاقساپ. ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: ناخشا پىلاستىنكىسى ۋە تېلىفون .ئوقۇتۇش قوللانىمىسى. تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش ، ھىيۇسنىڭ «نېگىرلارنىڭ نەزەرىدىكى دەريا» ناملىق شېئىرىنى ئالدىن ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئىگىلەپ كېلىش . ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|