查看完整版本: [-- مۇھەببەتلىك بولۇڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> مۇھەببەتلىك بولۇڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-09 16:46

مۇھەببەتلىك بولۇڭ



پاكىز ھەم يېقىملىق بولۇڭ .
يۈرۈش -تۇرۇشى پاكىز ،رەتلىك بولسا ،ھېچكىم يىراق تۇرمايدۇ ،ھەركىم يېقىنلىشنى خالايدۇ .
ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسۇن .
ئۆزىگە ئىشىنىش غەلبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل .قىسقىسى ،سىز ئۆزىڭىزنى جەلىپكار دەپ ھېس قىلمىسىڭىز ،باشقىلارنى قانداق ئىشەندۈرەلەيسىز ؟
قىزىقىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ .
قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ ،بىلمىگەننى سوراڭ ،قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى  قوزغايدىغان تېمىدا سۆزلەڭ .مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت زەن سېلىپ ئاڭلاش ۋە ئىزھار قىلىشنىڭ نۇقسانسىز بىرىكىشىدۇر .
تۇنجى كۆرۈشۈشنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇشى كېرەك .
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق ،ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك ئاياغلاشسا .يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە ئاساس بولىدۇ .
سەمىىمىي بولۇڭ .
نۇرغۇن كىشى باشقىلارغا چوقۇنىدۇ ،ئۇلارنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ .ياخشىسى يەنىلا ئۆزىڭىز بولۇڭ .
ئۈمىدۋار بولۇڭ .
ھەممە كىشىگە ياراپ كېتىشىڭىز ۋە ھەممە كىشىنىڭ سىزگە ياراپ كېتىشى ناتايىن .ئەگەر ئۇچرىشىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا مەيۈسلەنمەڭ ،ئۈمىدۋار بولۇڭ .
ئالدىراڭغۇلۇق قىلماڭ .
بەزىلەر تىزلا بەختىنى تاپىدۇ .بەزىلەرنىڭ بەخىتى  سەل كىچىكىپ كېلىدۇ .
مۇھەببەتنى ھېس قىلىڭ .
مۇھەببەتنىڭ بىشارىتى ئاشكارىمۇ ،يوشۇرۇنمۇ بولىدۇ .ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە دىققەت قىلىپ بېقىىڭ ،بەلكىم بەختىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن

ozqan 2013-12-11 16:41
خەندان : ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ساۋاتلارنى يوللاۋاتسىز . مەنبەسىنى بىللە يوللاشنى ئۇنتىمىغايسىز .

خەندان 2013-12-12 10:43
كەچۇرىڭلار قىرىنداشلار مەن داۋاملىق ئۇنتۇپ كىلۋاتىمەن

tawpek 2013-12-16 01:04
ئۇنۇغاقلىقىڭىز تۈپەيلى قەرىزگە بوغولوپ كىتىۋاتىسىز.

ئۇيەردىكىنى بۇيەرگە يوللاۋەمەي  قورساقتىن چىقىرىپمۇ يوللايلى ماندا.

مەرىپەت0999 2013-12-17 13:21
تۇرمۇش ساۋاتلىرىڭىزغا ھەشقاللا-خەندان!


查看完整版本: [-- مۇھەببەتلىك بولۇڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled