查看完整版本: [-- كىم جالاپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> كىم جالاپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-09 16:13

كىم جالاپ

ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۇيغۇر ئالىمى ياشىغان ئىكەن. بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەت ئۈچۈن قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ. بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن، قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم-دەرەم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي-ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كىتىپتۇ. بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە، يەنە بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە يەنە بىرىنىڭ باشلىنىپ، بۇ ئالىمنىڭ«ئۇھ» دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ. شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى سۆھبەتلەردە بۇلارمەنمىكىن دەپ كەلگەن ئالىمنىڭ ئايىغى تۈگمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلاردىن: wWW~_zP0  
           -كەمىنە قەشقەرگەكەلگەندىن بىرى ھەر قايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت-ئىكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تار نەزىرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم. كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى سانى بۇخارا(يەنى ئىككىنچى بۇخارا) ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى. بىلمىدىم بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بېرىشەرلىمىكىن ؟!.....-دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ. L6:h.1 U$  
           -ۋاي،بۇلىدۇ!.... قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن!-دېيىشىپ، مۇسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ. suJ_nb  
         مۇسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل، ئاجىز، ئەمما نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىنگىلىز، رۇس، شىۋىت،.... يەنە ئامبال، لۇيى، دوتەي... دېگەندەكلەر ناھايىتى كۆرەڭ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغۇدەك. ھەتتا بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نېمىلەرمۇ مۈشۈكنىڭ ئالدىدىكى چاشقاندەك لاغ-لاغ تىترەپ تۇرغۇدەك. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم غەزىپىنى تەستە بېسىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئايلىنا-ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن، ھېلىقى «كاتتىلار»: PY\PUMF>  
           -ياق تەقسىر، بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا!-دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ. ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرمەسلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ : tgFJZA  
         -نىمە سەۋەپتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز؟-دەپ سوراپتۇ. E,G<_40  
       «كاتتىلار» :  -بۇ كوچىغا پاھىشخانا ۋە ئەپيۇنخانا، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان. بۇ يەر سىلى بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس. شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىرى تۈزۈك.-دەپ توسۇپتۇ. Id8wS!W`7  
           ئالىم گىپىدە چىڭ تـورۇپـتۇ. شۇنىڭ بىلەن «كاتتىلار»مۇ ئامالسىز ئالىم نىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. ئالىم قارىغۇدەك بولسا، ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىكەن (ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى باشقا مىللەت ئىكەن). بىچارە ئۇيغۇر قىز-جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ، كۆزلىرگە ياش ئولىشىپ كىتىپتۇ. ئالىم بىرچەتتە چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، زورىغا كۈلۈمسىرەپ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ. «كاتتىلار» نېمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ: Ayx^Wp*s  
         ئى بىچارە قىزىم نېمە سەۋەپتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟          مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ: J07O:cjyu  
           «مەن پالانى يېزىدىكى پوكۇنى ئادەمنىڭ قىزى پۇستانىخان بولىمەن.مەن 14 ياشقا كىرگەن چاغدا ئانام سىل كىسىلى بىلەن قازا قىلدى. بىز چۆچۈرىدەك تۆت بالا يىتىم قالدۇق. دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ، ھەم ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ  كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلىپ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ. بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى. دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلسا يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە قۇيۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز قىلامدىغان  دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ، چالا ئۆلۈك ھېسابىدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ ئويدى. بىز دادىمىزنىڭ مىڭ بىر مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق. ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتلىرىمىزنى سېتىپ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تىۋىپقا كۆرسەتتۇق. داداممۇ ئاخىرى نىمجان بولۇپ ساقايدى. ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دەملا؟ ..ئۇرۇق-تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيلا؟! يۇرت كاتتىلىرىچۇ دەمدىلا؟......بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دېگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بولۇۋاتقاندۇ؟!.....دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى. ئارىدىن يىرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولدى. ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ يۈرۈپ جاڭگالدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئون-يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىچارىنىڭ ئۆلۈكىنى بىر توختام سۇ بويدىن تېپىپ ئەكىلىپ بەردى. يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇنى ئۇقمايمەن. جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن يېزىمىزغا بارسام مەھەللىدىكىلەر مىنى تىللاپ پاتقۇزمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇيەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن.... 9V!-ZG  
         جۇۋان ئۈزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئالىم بولسا كۆز ياشلىرىنى تارام-تارام تۆككەن ھالدا جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ: w8M2N]&:  
           -ئى ناتىۋان قىزىم، سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كېيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز؟-دەپ سوراپتۇ. جۇۋان: 9/TY\?U  
           بەزىدە سالالايمەن، بەزىدە سالالمايمەن.......-دەپ جاۋاب بىرىپتۇ. ئالىم: z_SagU,\  
           -مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەرقىتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كېيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ شۇنداق قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ،-دەپتۇ. ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان «كاتتىلار» غۇلغۇلا قىلىشىپ: cy3ww})  
         يا تەقسىر ! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ، ئارقىدىن غۇسلى-تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتاپتا بار؟!....ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەردىنىگە يۈكلىندۇ؟-دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا. Df=q-iq<{/  
           -ئەلۋەتتە ھەرقايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنى ھەقىقي ئوغۇل بالا، ئەركەك ھېساپلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىندۇ.-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئالىم.   SE`l(-tL  
         -نېمە سەۋەپتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇنىڭ گۇناھى؟ H^(L90  
           -بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت«ئاتا»لىرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى.سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگدارچىلىق قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن،ئەلۋەتتە سىلەرگە يۈكلىنىدۇ....سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەر-يۇ، ئەجەبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى «جالاپ خوتۇن» دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر؟!...شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس، سىلەر، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيتى...بەلكىم سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر. ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن. مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياقى بەزمە-زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر-بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار. تەييارلانغان نازۇ-نىمەتلەر يېگىلى ئىغىز يوق شۇ پىتى تۆكۈۋېتىلدى. دەسلەپتە ئەل يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن. خەلق نامرات ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ. ئىلاجسىز ئۆلۈۋېلىشقا، ئىپپەت -نۇمۇسىنى سېتىشقا مەجبۇربولۇۋېتىپتۇ. سىلەر بولساڭلار سېسىق كىكىرىپ يۈرۈپسىلەر. ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ-نىمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ؟ خىيال قىلىپ بېقىڭلار،. سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟ سىلەر مۇشۇنداق غورۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان، شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى! ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە، كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ «جالاپ»...! >Q2). E  
 4#rAm"H  
بۇ  ئەسەر  چىن سۆيگۈ مۇنبىرىدىكى تۇرسۇنجاننىڭ  تىمىسىدىن كۆچۈرۈپ  ئەكىلىندى . * BOBH;s  
ئەسلى مەنبەسى

yar130 2013-12-10 17:48
شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى! ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە، كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ «جالاپ»...!

nadiraay 2013-12-10 18:06
شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس، سىلەر، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيتى... V_]-`?S  
Y n>{4BZ>#  
ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە، كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ «جالاپ»...! Fe4esg-B<  
نېمە دېگەن ئورۇنلۇق، ئۇرغۇلۇق جۈملىلەر - ھە!

مەرىپەت0999 2013-12-12 09:58
خەندان ، يۈرەكلەرنى تىترەتكۈدەك ،ئاجايىپ ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر!!!!!ئىلھام بۇلاقلىرىڭىزغا كۆز تەگمىگەي،ئىجادىيىتىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولغاي!!!

ئىدىقۇت 2013-12-12 12:17
ئادەمنىڭ رۇھىنى بىر نەرسە چىرمىۋالسا ئۇ بىر ..... ھېلىقى ! جالاپلىق چىن مەنىسىدىن بىر دىنسىزلىق !،ئاجايىپ ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر!!!!!ئىلھام بۇلاقلىرىڭىزغا كۆز تەگمىگەي،ئىجادىيىتىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولغاي!!!  

ئەلقۇت825 2013-12-12 15:38
ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ دىگەن گەپ ئىنتايىن توغرا جۇمۇ .ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

tawpek 2013-12-15 23:54
ئۈندىدار دوسىت چەمبىرىكىدە ئوقوپتىكەنمەن، ياخشى بىر تېمىنى ئۇلىنىش قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر. vaCdfO &  
08n%% F  
ئەرلەرنى ئويلاندۇرغۇدەك تېمىكەن.

بابۇر0725 2014-03-01 01:02
سىلەر مۇشۇنداق غورۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان، شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى! ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە، كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ «جالاپ»...! A%8`zR  
بۇ مەزمۇنلار قەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ

گۈلنىھال 2014-03-01 01:50
-بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت«ئاتا»لىرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى.سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگدارچىلىق قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن،ئەلۋەتتە سىلەرگە يۈكلىنىدۇ....سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەر-يۇ، ئەجەبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى «جالاپ خوتۇن» دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر؟!...شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس، سىلەر، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيتى...بەلكىم سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر. ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن. مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياقى بەزمە-زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار. زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر-بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار. تەييارلانغان نازۇ-نىمەتلەر يېگىلى ئىغىز يوق شۇ پىتى تۆكۈۋېتىلدى. دەسلەپتە ئەل يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن. خەلق نامرات ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ. ئىلاجسىز ئۆلۈۋېلىشقا، ئىپپەت -نۇمۇسىنى سېتىشقا مەجبۇربولۇۋېتىپتۇ. سىلەر بولساڭلار سېسىق كىكىرىپ يۈرۈپسىلەر. ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ-نىمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ؟ خىيال قىلىپ بېقىڭلار،. سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟ سىلەر مۇشۇنداق غورۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان، شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى! ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە، كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ «جالاپ»...! d*:qFq_  
.lj!~_  
بەكلا تەسىر قىلدى بۇ جۈملىلەر ، ھەقىقەتنى سۆزلەپتۇ ! @`*YZq>p  
*_rGBW  
}`FC__  
سىزگە كۆپ رەھمەت !  بەك ياخشى تىمىكەن !

ئۇيغۇر 2014-03-01 15:00
بەك ياخشى تىمىكەن.

ياسىنجان510 2014-03-01 15:36
مۇنداق تېمىلار بىزنىڭ بۇ مۇنبىرىمىزگە يارىشىدۇ ، بىزگە ھازىر كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تېما كېرەك دەپ قارايمەن.

رەيھان 2014-04-02 10:41
بەك ياخشى تېمىكەن . ھەقىقەتەن ئاياللار بۇزۇلسا دۇنيامۇ بۇزىلىدۇ. ھازىر بىر قاچا تاماق ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى سېتىۋاتقانلار، ئياللارنى زار - زار قاقشىتىپ ئۆيلىرىنى بۇزۇپ ۋىجدانسىز ئەرلەر بىلەن بىرلىشىپ نىكاھسىز بالا تېپىۋاپقانلار، ئاياللىرىغا قارىتىپ قويۇپ ئەرلىېرىنى ئېلىپ كېتىپ كۆڭۈل خوشى قىلىۋاتقان بۇزۇق ئاياللار ھەقىقەتەن يامان ئۆسمىدەك يامراپ كەتتى.

تارىم 2014-04-02 18:32
misranimda okighanlikim yadimda

مىېھرىما 2014-04-02 22:00
ياخشى تىما ئىكەن سىزگە رەھمەت !!


查看完整版本: [-- كىم جالاپ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled