ئەرك |
2013-12-06 20:16 |
ماندىلا كەتتى
#t:S.A@ ماندىلا كەتتى. لىكىن ئۇ ئەركىنلىكنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى. x,|hU@h • ماندىلا(Nelson Rolihlahla Mandela) كىم 2(u,SQ ماندىلا باشقا ئافىرقىلىقلارغا ئوخشاشلا دورداي كالپۇك، تېرىسى قارا ئادەم ئىدى. بالىلىق ۋاقىتلىرىدا باشقا نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش ئېتىزدا ئىشلىگەن، پادا باققان، يالىڭاچ يۈگرەپ ئوينىغان ئىدى. كەچلىرى گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چوڭلاردىن ھىكايە- چۆچەك ئاڭلايىتتى. پەقەت ئۇ كىچىك بىر قەبىلىنىڭ باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەمما ماندىلا تۇغۇلغان ۋاقىتلار ئۇلارنىڭ نە بايلىقى، نە كەڭرى زىمىنى يوق ئىدى. ھەتتا قەبىلە باشلىقىنىڭ ھۆكۈمەت ئالدىدا بىزنىڭ بۇ يەردىكى كەنىت باشلىقىچىلىك ھوقۇقى يوق ئىدى. ماندىلا كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسى تۈگەپ كەتكەن ئىدى. V )x$|!( بۇ ۋاقىتتا ئەسلى بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قارا تەنلىكلەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 10% تىنى تەشكىل قىلىدىغان «ساقلاپ قېلىنغان يەر»لەرگە پالانغان ئىدى. خۇددى ئامىركىدا ئىندىئانلار سۈرگۈن قىلىنغانغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىنغان ئىدى. شەھەرگە كىرىش ئۈچۈنمۇ چەتئەللىكلەر پاسپورت كۆتۈرۈپ يۈرگەنگە ئوخشاش «يول خېتى» كۆتۈرۈپ يۈرۈشى كېرەك ئىدى. R`DKu= ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرگە بولغان ئىرقىي كەمسىتىشى شۇنداق دەرىجىگە بارغانكى تۈرلۈك قانۇن تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەيىتتى. «يول خېتى قانۇنى» يەرلىكلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلىسە، «بەنتۇلار ھوقۇقى قانۇنى» پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئەپ تاشلىغان، «گورۇھلار بۇيىچە رايۇنلاردا تۇرۇش قانۇنى» قەبىلە، ئىرىق، مىللەت، تەبىقە بۇيىچە چەكلىك رايۇنلاردا قامىلىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. )4
gJd?
8R ماندىلا توغۇلىشىدىنلا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كەلگەن. قەبىلىسى بۇيىچە يەكلەنگەن. ئەركىنلىكى چەكلەنگەن. ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان. ئەمما ئۇ ئادۇۋكاتلىق ئورنىدا پىراكتىغا قىلغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئاق تەنلىكلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان ئىدى. aWWU4xe ئەينى ۋاقىتتا ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تولۇق قۇراللانغان، نىگىرلارنىڭ قولىدا تۈمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئىدى. جەنۇبى ئارفىرقىنىڭ قانۇنىدا قارا تەنلىكلەر سىرىتقا چىققاندا نەيزە، پالتا، پىچاق، قەلەمتىراچ، بېشى ئۇچلۇق ھاسا ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. EN;}$jZ>47 قارا تەنلىكلەرنىڭ ئويغۇنۇش ھەركەتلىرى قانلىق باستۇرۇلغان. كىچىدە ماڭغانلىقى، يول خېتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، تۈرمىلەرگە سۇلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. ۋوگزال، مىھمانخانا ۋە بەزى ئاق تەنلىكلەر رايۇنىغا قارا تەنلىكلەرنىڭ كىرىشىگىمۇ بولمايىتتى. ماندىلا مانا شۇنداق بىر زاماندا تۇغۇلغان ۋە ياشىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇلارنى ئۆزگەرتكەن ئىدى. 5_I->-< aE&,]'6 ئۇ بىلىملىك ئىدى. ماندىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىدى. مەكتەپتىن قوغلانغاندىن كىيىنمۇ ئىشتىن سىرت ئەدەبىيات ئوقۇپ باكلاۋىرلىق ئۈنۋانى ئالغان. ئشىتىن سىرت قانۇن ئۆگەنگەن. چەتئەلگە چىققاندىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى توختاتمىغان. ئۇ سوتلىنىۋاتقان، ئۈلۈم خەۋپى كىلىپ تۇرغان شۇۋاقىتتا لوندون ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىمتاھانىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىۋاتاتتى. ماندىلا تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئېدىنبورگ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن. OjJXysslXO ئۇ كۆپنى كۆرگەن، تەجىربىلىك، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئادەم ئىدى. روبىن ئارىلى تۈرمىسىگە قامالغان ۋاقتىدا ھەتتا گۇندىپايلارمۇ ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورايىتتى. x(etb hxVKV?Fl ئۇ باتۇر ئىدى 8/i!' 0r\ ئاق تەنلىكلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان چەكلەش قانۇنلىرى قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكى قاتمۇ-قات توساقلار بىلەن چەكلەۋاتقان ۋاقىتتا ماندىلا «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى»نى قوزغاپ قانۇنغا قارشى چىققان ئىدى. «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى»دە نۇرغۇن پىدائىلار ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقى، سولاقتا ياتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ «ياۋرۇپالىقلارلا كىرىشكە بولىدۇ»دېگەن ۋوگزال، «رۇخسەتسىز كىرىشكە بولمايدىغان رايۇن» لارغا كىرگەن ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، قاماقتا ياتقان ئىدى. 1952-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى «مەنسىتمەسلىك ھەركىتى» باشلانغان كۈنى، ماندىلا «كىچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت»تا تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىندى. ئۇ ئۆزى باشلىغان ئىشتا ئالدىدا ماڭاتتى. باشلامچى ئىدى. ھاكىمىيەتتىن قورقۇپ قالمايىتتى. Szq/hv=Q ئۇ داھىيلارغا خاس يىراقنى كۆرەرلىكى، باتۇرلۇقى بىلەن قۇرۇلغىنىغا 50 يىل بولغان «مىللى مەجلىس» نىڭ غەيرىي زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئەركىنلىككە ئىرىشىش ھەركىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇق قول خەلققە قۇرال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن بىر ئۈستەلگە كىلىپ سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇش كىرەكلى، قاتتىق ۋاستىلەرنىمۇ قوللىنىش كىرەكلىكىنى تونۇپ يىتىپ زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللىنىشنى يولغا قويدى. شۇنداقلا ئۆزى باشلامچىلىق قىلدى. DoJ\ q+ ئۇ زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللانغان ئىدى. لىكىن ئۇ قاتىل ئەمەس ئىدى. پارتلىتىش، ئوت قويۇش، بۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما ئادەم ئۆلتۈرمىگەن. ھەم باشقىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىنى چەكلىگەن. ( M7pT 1912-يىلى قۇرۇلغان مىللى مەجلىس 50 يىل بولاي دىگەندە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاشكارە ۋاقىتتا غەيرىي زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئادالەتسىز قانۇنغا قارشى تۇرغان بولسا. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن يۇشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ سىتراتىگىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياساپ زوراۋانلىق ۋاستىسى قوللىنىشقا باشلىدى. ?YZ- P{rTS زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللىنىشنى يولغا قويغاندىن كىيىن ماندىلا «مىللى مەجلىس»تە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنىلا ئاشكارە تۇتۇپ باشقىلارنىڭ سالاھيىتىنى يۇشۇرۇن تۇتتى. شۇنداق بولغاندا ئۆز ئابرويىغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرالايىتتى. ۋە بارلىق مەسئۇلىيەت، خىيىم- خەتەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ باشقىلارنى قوغداپ قالالايىتتى. g=QDu7Ux ھۆكۈمەت ماندىلاغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ سەبداشلىرى ئۇنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە دەۋەت قىلدى. ئەمما ئۇ رەت قىلدى. ماندىلا:«مەن جەنۇبىي ئافىرقىدىن چىقىپ كەتمەيمەن. ئۆزۈمنى مەلۇممۇ قىلمايمەن. ئەركىنلىككە پەقەت خىيىم خەتەر، كۈرەش ۋە قۇربان بېرىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۈرەش مىنىڭ ھاياتىم. مەن ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىمنىڭ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن.» f
>W
- جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ داھىيسى Nelson Mandela مۇنداق دەيدۇ. نەقىل: «دەسلەپتە، بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەركىنلىك ئىزدىگەن ئىدىم. مېنىڭ خىيالىمدىكى ۋاقىتلىق ئەركىنلىك ئاخشىمى سىرتقا چىقالايدىغان بولۇش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ۋە ئۆزۈم تاللىغان يەرگە بارالايدىغان بولۇش ئىدى. كېيىنچە Johannesburg دىكى بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئاساسىي ۋە شەرەپلىك ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلدىم. ئۇ ئەركىنلىك ئۆز ئىقتىدارىم يار بەرگەن پەللىگە يېتىش، ئۆز-ئۆزۈمنى باقالايدىغان بولۇش، ھەم توي قىلىپ بىر ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەركىنلىك بىر قانۇنلۇق جەمئىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىك ئىدى. ئەمما، مەن تەدرىجىي ھالدا شۇنى كۆردۈمكى، مەن ئۆزۈملا ئەركىن بولماي قالماستىن، مېنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىم ۋە ھەدە-سىڭىللىرىممۇ ئەركىن ئەمەسكەن.... شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمگە بولغان تەشنالىقىم مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان تېخىمۇ چوڭ تەشنالىققا ئۆزگەردى. مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئۆز غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشىيالايدىغان ئەركىنلىكىگە بولغان ئارزۇيۇم مېنىڭ ھاياتىمنى جانلاندۇردى. مەندەك بىر قورقۇنچاق كىچىك بالىنى بىر جاسارەتلىك ئادەمگە ئايلاندۇردى. مەندەك بىر قانۇنغا ئوبدان رىئايە قىلىدىغان ئادۋۇكاتنى بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىشقا قىستىدى. مەندەك بىر ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان ئەرنى بىر ئۆيسىز ئەرگە ئايلاندۇردى. ... مەن ئۆزۈمنىڭ قېشىدىكى ئادەمدىن بەكرەك پەزىلەتلىك ياكى بەكرەك ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالايدىغان كىشى ئەمەس. لېكىن مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئەگەر مېنىڭ خەلقىم ئەركىن بولمايدىكەن، مەن ئۆزۈمگە ئاتا قىلىنغان بىچارە ۋە چەكلىك ئەركىنلىكتىن ھۇزۇرلىنالمايدىكەنمەن.» cIav& | |