查看完整版本: [-- نەۋايىنىڭ ئاجايىپ كەشپىياتلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> نەۋايىنىڭ ئاجايىپ كەشپىياتلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-06 11:28

نەۋايىنىڭ ئاجايىپ كەشپىياتلىرى

ئاپتور:ئىنامجان ئابدىيىۋ n+ot. -  
         %Y0,ww2  
ئۆزبىكچىدىن ئـۇيـغـۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئەھمەدجان ئابدۇرېھىم xEULV4Qw  
HUP~  
[ ;/4'  
نەۋايى مىراسلىرى چەكسىز دېڭىزغا ئوخشايدۇ. كۆك ئاسمان ئاستىدا چايقىلىپ تۇرغان ئەنە شۇ دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرى قۇياشنىڭ مۇنەۋۋەر نۇرلىرى بىلەن قارىشىپ،پۈتۈن مەۋجۇداتقا يارقىن ئىپار تارىتىدۇ. كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كۆككە ئۆرلەۋاتقان تامچىلارنىڭ ھەر بىرىدە ئىلاھىي نۇر جىلۋىلىنىدۇ. نەۋايى مىراسى ئەنە شۇنداق مەڭگۈلۈك، مەپتۇنكار. بۇ تەۋەررۈك زاتنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەيرەتكە چۈشىشىنىڭ سەۋەبى ھەم شۇنىڭدا. S-^:p5{r  
1=*QMEv1G  
ھەر بىر ئىلىمنىڭ ئۆز ئاساسچىلىرى بولار ئىكەن. ياراتقۇچىنىڭ بەندىلىرىگە مەرھەمىتىمۇ، يا شۇنچىكى تاسادىپيلىقمۇ، تارىخنىڭ زەر ۋاراقلىرىدائويغىنىش —«ئىنسانىيەتنىڭ ئالتۇن ئەسرى» نامى بىلەن ئاتالغان 15- ئەسردە — ئەلىشىر نەۋايى ياشاپ ئىجاد قىلغان دەۋردە دۇنيانىڭ نېرىقى چېكىسىدە ــ يەنى ئىتالىيەدە بىر داھىي ئىجادكار (ئەجەبلىنەرلىكى، ئۇنىڭ ئىسمىدىمۇ «شىر»دىگەن سۆز بار) لېئوناردو داۋىنچى (1452-1519) ياشاۋاتقان ئىدى. رەسسام، ئالىم، شائىر، ھەيكەلتىراش، مۇھەندىس، كەشپىياتچى، ئارخىتىكتور، مۇزىكىچى بولغان داۋىنچىنىڭ ھاياتى، قىلغان كەشپىيەتلىرى دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىنغان. ھاياتى ئىسمىغا، ئىسمى ھاياتىغا ئايلانغان ئۇلۇغ بوۋىمىز نەۋايىنىڭ بۈيۈك سىماسى ھەم لېئوناردونىڭكىدىن ئەسلا كەم ئەمەس. پەقەت يېتەرلىك تەتقىق قىلىنمىغان خالاس. r)4GH%+?fv  
ھەزرىتى نەۋايىمۇ بارچە پەنلەر بىلەن شۇغۇللاندى — ئىلمى نۇجۇم، مۇزىكا، تىبابەت، لۇگەتشۇناسلىك، ئوق ئېتىش سەنئىتى، ئەدەبىيات نەزىرىيەسى، قۇشلار ھاياتى — زوئولوگىيە. خۇسۇسەن،رەسساملىق سەنئىتدىمۇ مەشىقلەر قىلىپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا ھۈسەين بايقارانىڭ سۈرىتىنى سىزغانلىقى ھەققىدە مەنبەلەر گۇۋاھلىق بىرىدۇ.داۋىنچىنىڭ سىرلىق تەبەسسۇمى (مونالىزا) كەبى نەۋايىنىڭ ئۆز قولى بىلەن سىزغان «زەنجىرلەنگەن شىر» ناملىق رەسىمى ھەم مانا بەش ئەسردىن بۇيان تەكرار-تەكرار مۇنازىرىلەر مەنبەسىگە ئايلىنىپ كەلدى. بۇ بۈيۈك زات مۇزىكا ئىلمىدىمۇ تېپىلغۇسىز ئىستىدات ساھىپى بولۇپ، بىر قانچە كۈيلەرنى ئىجاد قىلغان. شۇنىڭدەك، باش مىمار سۈپىتىدە ئۆز مەبلىغى ھىسابىدىن كۆۋرۈك، تۈگمەن، ھاممام، باغ، مەقبەرە، مەسجىد، شىپاخانىلارنى بەرپا قىلدى، ئېرىقلار قازدۇردى. شۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك لاھىيەسىنى ئۆزى سىزدى، تۈزەتتى. n5Coxvy1  
«لىسانۇت-تەير» (نەسرىي بايان)دا مۇنداق كىلىدۇ: «(ئاللاھ) ئىنسان كۆڭلىنى تۈرلۈك بىلىملەر خەزىنىسى قىلدى ۋە بۇ تىلسىم ئىچىدە ئاللاھ ئۆزىنى يوشۇردى».بىلىنىپ تۇرۇپتىكى،نەۋايىنىڭ يازغانلىرى ھەم شۇنچىكى شېئرىي ھەۋەس ياكى نوقۇل ھالدا بىرەر مەنا ئاڭلاتقۇچى سۆزلەر تىزمىسىدىن ئىبارەت ئەمەس،بىشارەتلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، مەزمۇنى كۆپ قاتلاملىق ئاجايىپ مىسرالاردۇر.. ھەر بىر بىيتى مۆجىزىلىك سەترلىرىدىن ئىلاھىي دانىشمەنلىك بىلىنىپ تۇرىدۇ. شېئر ىيەت سۇلتانى ئىلھام تۇلپارى بىلەن شۇنچە ئۇزاقلارغا پەرۋەز قىلالىغانكى، ئۇنىڭ ئالدىدا (ھەتتا) تىزلىك، بەلكى ۋاقت — ئەسىرلەرمۇ ئىتىبارسىز. مەسىلەن، ئۇنىڭ مىسرالىرىدا ئۆز دەۋرى ئۈچۈن پۈتۈنلەي نادىر ھىسابلانغان تۈرلۈك تىمساللار (ئوبرازلار) ئۇچرايدۇكى، گويا نەۋايىنىڭ تەپەككۇر غەليانلىرى ئىچىدە پەيدا بولغان ئىلمىي كەشپىيەتلىرىنى، بىشارەتلىرى ۋە پەرەزلىرىنى سەترلىرى قېتىغا سىڭدۈرۈۋەتكەندەك. بۇ مىسالغا قاراڭ، مۇتەپەككۇرنىڭ گۈزەل غەزەللىرىدىن بىرىدە مۇنداق سەتىرلەر ئۇچرايدۇ: &3@ {?K  
"7G>  
خىلئەتىم تا ئەيلەمىش جانان قىزىل، سارىغ، ياشىل، ~g#$'dS  
شۇئلەيى ئاھىم چىقار ھەر ئان قىزىل، سارىغ، ياشىل. y}\d]*5  
4Go$OQ`  
شىشەدەك كۆڭلىمدەدۇر گۇلزارى ھۇسنىڭ يادىدىن، ;?q>F3 n  
تابادانىڭ ئەكسىدېك ئەلۋان قىزىل، سارىغ، ياشىل. uG\ @e'pr  
XABB6J]  
غەزەلدىكى روھىي ھالەتلىرى نازۇكلىقى، سىرلىقلىقى، تاشقى دۇنيا ۋە ئادەم سۈرىتى بىلەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ناھايىتى نازۇك ھالىتدە تەسۋىرلەنگەن. شائىر تاللىغان ئۈچ رەڭ قىزىل، سارىق، يىشىل — ئۆزىنىڭ بارچە تاۋلىنىشلىرى بىلەن نامايەن بولىدۇ. ئۇ گەرچە بۇ يەردە يار تەسۋىرلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يۇقىرىدىكى سەتىرلەرنى ئوقۇپ، سىزنىڭ خىيالىڭىزدا بۈگۈنكى كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيادا ماشىنىلارنىڭ قاتنىشىنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرغان قاتناش چىرىغى گەۋدىلەنگىنىگە شۇبھە يوق. توغرا، بىر قاراشتا بۇ شېئىر  بىلەن قاتناش چىرىغىنىڭ بىر-بىرىگە ئومۇمەن ئالاقىسى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما رەڭلەر ھالقىسى ۋە ئۇلار بىلدۈرىدىغان مەنا ئىككىسىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرغىنىنى ئىلغا قىلىش ئۇ قەدەر قىيىن ئەمەس. مەلۇمكى، قىزىل رەڭ توختاش بەلگىسى، يار دەستلەپ ئاشىقنىڭ سۆيگۈسىنى رەت قىلىدۇ، ناز قىلىدۇ. سېرىق رەڭ تەييارگەرلىك، ئاشىقنىڭ رەڭگى سارغيىپ پىغانى كۆككە ئۆرلەۋەرگەچ، مەشۇقنىڭ كۆڭلى ھەم ئۇنىڭغا ئىللىشقا باشلايدۇ. يىشىل رەڭ بۇ يول ئوچۇق دىگەنلىك. غەزەلدە ھەم يار ھەرخىل رەڭلەردىكى كىيىملەردە كۆرىنىش بىرىپ، ئاشىقنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدۇ. ئۇ يىشىللىققا پۈركەنگەندە يارنىڭ ۋىسالىغا يىتىدىغان كۈن باشلىنىدۇ. دەرۋەقە، نەۋايى بېيتلىرىدە تۇنجى قېتىم نامايەن بولغان بۇ بىشارەت - يەنى قاتناش چىرىغى ئامرىكىلىق ئالىم گاررېت مورگان تەرىپىدىن 1916 -يىلىغا كەلگەندە  كەشپ قىلىندى. \>G:mMk/  
ii)DOq#2  
ئەمدى مانا بۇ سەترلەرگە (فەۋايىدۇل-كىبەر) ئېتىبار بىرەيلى: `[(.Q  
LQo>wl  
نېگە تەركىڭ ئېتمەي، ئېي چەرخكى: شامۇ ئەختەرىڭدىن — !vY5X2?tr,  
قارەدۇر يۇزىڭ، ۋە لېكىن... ئاق ئېرۇر يۇزىڭدە خەلىڭ!.. 'CfM'f3uu  
 L7rEMq  
مەزكۇر بىيتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدا گويا فوتو تەسۋىرىنىڭ ئىپتىداسى — نېگاتىپ كۆرىنىشلىرى (ئاق رەڭنىڭ قارە، قارە رەڭنىڭ ئاق بولۇپ كۆرۈنىشى) ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقاندەك. ئورنى كەلگەندە ئەسلىتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بىرىنچى فوتو ئاپپارات فرانسۇز ئالىمى لۇئى جېك دېگگېر تەرىپىدىن 1839 –يىلى كەشپ قىلىندى. تۇنجى نېگاتىپلار ھەم ئەينەن شۇ يىلى پاكس تېلىپات دىگەن ئالىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىندى. نەۋايى بولسا ئۇلاردىن 350 يىل ئالدىن بۇ ھەقدە مەلۇمات بەرگەن. dBeZx1Dy  
1928-يىلى تاشكەنتتە كەشپىياتچىلار ب.گرەباۋسكىي ۋە ئى.بېليەۋسكىيلەر ئېلېكتر-نۇر ياردىمىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەسۋىرنى بىر جايدىن ئۇزىتىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان ئاپپارات يارىتىپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكەزدى. يۇرتىمىز ئۆزبىكىستان پايتەختى ‹تېلېۋېدىنىيە ۋەتىنى› سۈپىتىدە تەن ئېلىندى. ئەمما نەۋايى ئۇلاردىن نەچچە ئەسىرلەر ئالدىن بۇنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. سۆزىمىز ئىسپاتى ئۈچۈن «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانىدىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى مىسرالارنى كەلتۈرۈش كۇپايە: qrLE1b 1$  
},& =r= B  
غەرايىپ كۆپ ھۇۋەيدا بولغۇسىدۇر، =JM !`[  
بەس، ئەندە شەكل پەيدا بولغۇسىدۇر... +}Q@{@5w  
sR*.i?lN  
كۆرۇنۇب ھەر زەمانا — كۆزگە بىر شەكل، & VJ+X|Z  
كۆز ئالغاچ — بولغۇسىدۇر ... ئۆزگە بىر شەكل!.. z|Q)^  
J2f}{!b+I  
چۇ بولدى جىلۋەگەر ئەشكار يۇز نەۋئ، Tv_KdOv8  
ئەڭا ھەم بولغۇسى — تىمسال يۇز نەۋئ!.. )>QpR8 G-  
p9  
مەلۇمكى، ئېكراندا كۆرستىلىۋاتقان سۈرەتلەرنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن رەسىم سىزىلغان ياكى سۈرەت ئېلىنغان كاردلار بىر سېكۇنتتا 24 قېتىم ئالمىشىدۇ ۋە جانلىق تەسۋىر كۆرىنەدى.«شەكل» بۇ كاردلار دىسەك، ئۇلارنىڭ ئالمىشىشىدىن تۈرلۈك-تۈمەن غەرايىپەتلار، جانلىق سۈرەتلەر،ھەر رەڭدىكى قىياپەتلەر زەنجىرى نامايەن بولىدۇ. ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكرەكى، نەۋايى بۇ قۇرۇلمىنى ئۆز ھالىچە «ئايىنەئى جەھان» دەپ ئاتايدۇ. فەرھاد ئۇزاق ئەرمەن ئۆلكىسىنىڭ مەلىكىسى شىرىننىڭ ھۆسنۇ جامالىنى ئەينەن شۇ ۋاسىتە ئارقىلىق كۆرۈپ، ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ قالىدۇ. G|H+ ,B  
«پەرھاد ۋە شىرىن» داستانىنى مۇتالىئە قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق، بۈگۈن تىلىمىز ئانچە كىلىشىپ قالغان 20- ئەسر يېڭىلىقلىرىدىن بىرى — راباتلەر(ماشىنا ئادەملەر) ھەققىدىكى  سەترلەرگە ھەم كۆزىمىز چۈشىدۇ: &G\Vn,1v  
U>H"N1  
بولۇر دەرۋازا ئىچرە ئاشكارا، JfGU3d*c  
تەمۈر جىسمىكى قىلمىش پەيكار ئەرا. `|)V]<  
t 1}R#NB  
ئېرۇر ئادەمگە مانە ندۇ مۇشابىھ، eS-akx^@  
ئىلغىدە تەمۈردىن ياي قىلىپ زىھ. L{1MyR7`I+  
@ rI+.X  
ۋە لىكىن ئۇشبۇ پەيكار رەي تا فەرق، GVR/p  
بولىپ ئوتدېك تەمۈر ئارچىن ئەرا غەرق. ;}1O\nngR  
yAD-sy +/  
مەنىسى مۇنداق: «ئۇ ئادەمگە ناھايىتى ئوخشاش، قولىدە ئۆتكۈر ئوق تارتىلغان تۆمۈر ياينى تۇتۇپ تۇرار ئىدى. بېشىدىن ئاياق ساۋۇتقا ئورالغان بۇ تۆمۈر ئادەم ئىچ-ئىچىدىن ئوت ئېلىپ يېنىپ تۇراتتى». +lC?Vpi^  
خەمسەنىڭ تۆرتىنچى داستانى «سەبئەئى سەييارە»دە ئېسكىلاتور ۋە لىفت ھەققىدىكى پەرەزلەرنى ئوقىغان مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم بېرتىلس ھەم ھەيران بولغىنىنى يوشۇرمىغان ئىكەن. e_=TkG1E6  
i&mcM_ g32  
پايەلەر مەقدەمىدە بولغاي پەست، C- 5QhD  
ئەيلەگەي بىر-بىرى يۇزىگە نىشەست. _4,/uG|a O  
jRiXN %  
چۇن سەكىز پايە قەتئ بولدى تەمام، D wmK?5p  
ئەيلەغاچ شاھ ئۆز يەرىدە مەقام. UahsX  
:'`y}'  
يەنە ئۇل پايەلەر ئىگىز ئولغاي، @cB7tY*Ski  
تەختىدىن شاھ بەھرەمەند ئولغاي. sGFvSW  
9$k0  
كىم، قايسىان شاھ بولۇر نىشات ئەنگىز، uM)#T*(  
ئاز ئىشارەت بىلە يۇگۇرگەي تىز. Ty<."dyPW  
3_bqDhVI5  
مەنىسى مۇنداق: «شاھ بۇ تەختكە چىقىدىغان بولسا، پەلەمپەيلەر ئۇنىڭ قەدەم قويىشى ئۈچۈن پەسىيىپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە ياتىدۇ. شاھ شۇ سەككىز پەلەمپەينىڭ ھەممىسىنى بېسىپ ئۆتىپ، ئۆز تەختىگە ئولتۇرغاندا، ئۇ پەلەمپەيلىك قۇرۇلما يەنە ئىگىز كۆتىرىلىدۇ. شاھ قايسى تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇشنى خالىسا، ئازغىنە ئىشارەت كۇپايە. تەخت ئاشۇ تەرەپكە قاراپ ئايلىنىدۇ». بۇ يەردە كىيىنكى ئەسرلەردە، يەنىمۇ ئېنىقراقى —  1892-يىلىدا ئامرىكىلىق كەشپىياتچى جېسسى رېنا تەرىپىدىن ياسالغان ئېسكىلاتور ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقىنىغا شۈبھە يوق. +Jm~Um!  
خەمسەنىڭ بەشىنچى داستانى بولغان «سەددى ئىسكەندەرىي» مۇ مۇنداق مىسال ۋە سىموۋللار بىلەن تولغان. مەسىلەن، ئىسكەندەرنىڭ سۇ ئاستىغا چۈشۈش ئۈچۈن ئەينەك شىشىدىن مەخسۇس ئاپپارات ياساتقانلىقى ھىكايە قىلىنىدۇ: s P oh\n  
Gg e X  
قىلىپ سۇ تۇبىن كۆرمەك ئەندىشەيە، iD*21c<kd  
ھەمۇل ھىكمەت ئەھلى يەساب شىشەيە. \5|MW)x  
2##;[  
كىرىپ شىشەغە رەنجۇ تەشۋىر ئىلە، {p.^E5&  
ئەنىڭ ئاغزىن بەركىتىپ قىير ئىلە، AL !ppi  
kXV;J$1  
تەنابىكى، بولغاي نەچە مىڭ قەرى، x 
ئاشىلغان، كەلۇر چاغ‘دە دەريا سەرى.   5@DCo  
k%3)J"|/  
بىر ئۇچىن قىلىپ شىشە دېۋرىغە رۇست، D6~KLSKm  
يەنە بىر ئۇچىن تۇتتۇرىپ ئەلغە چۇست. 4E2#krE%  
^k*%`iQ  
بۇ يەڭلىغ قىلىپ چۆكتى دەريا قۇيى، ftvu69f  
ئانى قەرىغە چەكتى دەريا سۇيى. F?$Vx)HI  
vh.-9eD  
غەرايىپىكى، دەريادە بولغاي نىھان، (/2rj[F&  
ئاڭا زاھىر ئولدى جەھان دەر جەھان. i}:hmy'  
43E)ltR=]  
مەنىسى تۆۋەندىكىچە، «سۇ تېگىنى كۆرۈش ئارزۇسى (ئىسكەندەردە) تۇغۇلدى. ئالىملار تىز ئارىدا شىشىدىن بىر ئىدىش شەكىللىك بىر نەرسە ياسىدى. ئىسكەندەر خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ شىشە ئىچىگە كىردى. ئۇنىڭ ئاغزىنى مۇم ۋە پۇكەك بىلەن مۇستەھكەملىدى. دېڭىز سۈيى ئۇنى ئۆز قەرىغە تارتىپ كەتتى. مۇنداق قىلىپ، سۇ تېگىدە نامەلۇم بولغان پۈتۈن غارايىباتلار باشتىن ئاياق نامايەن بولدى». تەسەۋۋۇر قۇدرىتىنى قاراڭكى، نەۋايى — باتىسكوپنى كەشىپ قىلغان (1948 يىلى) شىۋىتسارىيەلىك ئالىم ئاۋگۇست پىكاردىن توپتوغرا 463 يىل ئالدىن سۇ تېگىگە چۈشكۈچى قۇرۇلما، ئۇنىڭ شەكلى، قىسملىرى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرۇپتۇ.   #8sy QWlG  
نەۋايى ئەسەرلىرىدە يەنە بۈگۈنكى زامانىۋىي ئاپتۇموبىللارنىڭ ماتورى-يەنى دىۋېگاتىلىغا ئوخشاش  نەرسە ھەققىدىمۇ سۆزلىنىدۇ: JNY?] |=  
HU'w[r 6a  
ئىچىندە نەمۇدار ئەنداق تىلسىم، ZR -RzT1  
كى ئۇل ھۇفرە كۇنجىدە بىر روي جىسم. :1Nc6G  
@D=B5f@(o  
كىشى ھەيئەتى بىرلە جۈنبىشنەماي، Gk+R, :  
ئۇل ئاتەشگاھ ئىچرە ھارارەتفىزاي. }-sh  
Z'`\N@c#  
يەساب ئالىدە دەم بىلە كورەيە، DLP@?]BBOA  
ھەمۇل كورە جىسمىدە ماشۇرەيە. Vpp$yM&?  
`k>C%6FG$#  
چۇ ئۇل كورەۋۇ دەمغە ئەيلەب سىتەز، x&^Xgi?  
بۇ ماشۇرە نەپخى قىلىپ شۇئلەيى تىز. $W=)-X\>  
y9?*H?f,  
سەترلەرنىڭ نەسرىي بايانى مۇنداق: «تىلسىم چۇڭقۇرلۇقنىڭ بىر بۇرجىكىگە جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرىنىشىدىن ئادەمنىڭ گەۋدىسىگە ئوخشايدۇ. ئاشۇ كىشىنىڭ ھەيۋىتىگە ئوخشىغان تىلسىمنىڭ قاينىشىدىن ئوتخانىدا ھارارەت ھاسىل بولىدى. شۇنىڭ يېنىدا بىر دەم (ھاۋا) بىلەن قورۇ بار، شۇ قورۇغا ھاۋا بىرىدىغان بىر نەي ئورنىتىلغان.بۇ دەم (ھاۋا)  ھېلىقى نەي ئارقىلىق قورۇنىڭ ئىچى پۈدىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئوت بىلەن تۇتاشتۇرىلىدۇ». c7{s'ifG  
dl[%C6  
شائىرنىڭ كىيىنكى سەھىپىلىردە بۈگۈن ئۆيلىرىمىزگە ھەم ئىسسىقلىق ھەم مۇزدەك ھارارەت بەخش ئېتىپ تۇرغۇچى كوندىتسىونېر (ھاۋا تەڭشىگۈچ) (1915- يىلى فىرانسۇز ئالىمى جېنن شېبىننىس بىرىنچى كوندىتسىونېرگە پاتنىت ئالغان) ھەققىدە سۆز كىلىدۇ: 50|nQ:u,  
b$0;fEvIJn  
كى ھەر سارى لەۋھە ئېرۇر تەبىيە، jbq x7x  
بىرىدە يەلۇ بىردە ئوت تەمىيە. J/D~]U  
"=+i~N#Sc  
مەنىسى مۇنداق: «قۇدۇقنىڭ ئىككى يېنىغا ياخشىلاپ قارىسا، بىرىگە ‹ئوت›، ئىككىنچىسىگە ‹ھاۋا› دەپ يېزىپ قويۇلغان ». «فەرھاد ۋە شىرىن»دىن ئېلىنغان مانا بۇ بىيىت ھەم ئۇنىڭغا ئاھاڭداش جاراڭلايدۇ: N %'(8%;  
#tpz74O  
كەتۇردىلەر ھەكىمى نۇكتەدانى، 7[0Mr,^  
بىلىك بىرلە جەھان ئىچرە جەھانە!.. a!4p$pR  
\!jz1`]&{  
قىلىپ تۇننى — يارۇغ، كۇننى قاراڭغۇ، g"Hl 30o  
سۇدىن — ئوت ياندۇرۇپ، ئوتدىن — سېپىپ سۇ. B5+Q%)52  
AxH`4=3<  
مەلۇماتلارغا كۆرە، خىميىۋىي-باكتىرىئولوگىك قۇرال 1763- يىلى تۇنجى نۆۋەت ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن. شۇنداقلا ياۋرۇپالىق ئىستىلاچىلار ئامرىكا قىتئەسىدە ھىندىيان قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېپىدىمىيە تارقاتقۇچى كىسەللىكتىن پايدىلىنىشتى. نەۋايى بولسا 15 ئەسردە خاتىرىنى يوقاتقۇچى، كىشىنى مانقۇرتقا ئايلاندۇرغۇچى خىميەۋىي ۋاسىتە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن: UroC8Tm  
mJd8?d  
بارىپ تۇشتى ئەدا ئەراسىغە چۇست، } ,}g](!m  
ئەزىم ئۈن چىقاردى تەگىپ يەرگە رۇست. "x.iD,>k  
0~_I9|FN  
دەگەن تۆرت ئىش تۇتتى ئەندىن ۋۇجۇد: 7&HcrkP]  
ساداۋۇ ئەپەن، ئىس بىلە ئوتۇ دۇد. |;(P+Q4lB  
nO'C2)bBSG  
سادا باتىل ئەتتى فۇسۇنلەرنى فاك. v8'XchJ  
ئوتى كۆيدۇرۇب قەلئەنى قىلدى خاك. o(> #}[N}  
ts_|7Ev  
فۇسۇنگەر يۇزىن دۇدى ئەتتى قەرا، FYu30  
ئىسى قويمەدى نۇكتە خاتىر ئەرا. b{ A/M#=  
*wX[zO+o  
مەنىسى مۇنداق: «كوپتېكسىمان قۇرال ئاسمانغا ئۇچۇپ، دۇشمەننىڭ بېشىغا يەتتى ۋە يەرگە قاتتىق تىگىپ، پارتىلىدى. ئۇنىڭدىن دەھشەتلىك سادا چىقتى. يەنە ئۇلۇغ ئوت، قاپ-قارا تۈتۈن ۋە بەدبۇي ھىد چىقاردى. سادا سېھرلەرنى تامامەن باتىل قىلدى، يىمىردى. ئوت ھەممە ياقنى كۆيدۈرپ، قەلئەنى خاراپ ئەيلىدى. تۈتۈن سىھرگەرلەرنىڭ يۈزىنى قارايتتى. ھىد ئۇلارنىڭ مىڭىسىدىكى خاتىرىنى يوقاتتى». B<Cg_C  
z<^LY]  
ئادەتتە ئۇلۇغلار ئۆز ئۆلىمىنى ئالدىن بىلىدۇ، دىيىشدۇ. رۇس شائىرى ئالىكساندر پۇشكىننىڭ (دۇئىلدا ۋاپات بولغان) «يېۋگىنىي ئونگىن» ئەسىرىدە لىنسكىي ئوبرازىدا ئۆز ئۆلىمىنىڭ مەنزىرىسنى تەسۋىرلەنىگەنلىكى، شاھ مەشرەپ (بەلخ ھاكىمى مەھمۇد قاتاغان تەرىپىدىن 1711 -يىل دارغا ئېسىلغان) نىڭ «مەنسۇر ھەللاجدەك ئىچەر شەرابى ئەنتەخۇر، چەرخ ئۇرۇپ يىغلەب تۇرۇرمەن ئۇشبۇ دەم دار ئاستىدە» دەپ نالە قىلىشى ھەم سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى. نەۋايى ھەم بۇندىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇ ئۆزىنىڭ «فەۋايىد ئۇل-كىبەر» — «قېرىلىق پايدىلىقلىرى» دىۋانىدا 45-60 ياشنى ئۆمۈرنىڭ قىشى ھىسابلايدۇ. ئاتمىش ياش ھەققىدە گەپ بولغاندا «جان بەرمەك» ئىستىلاھىنى ئىستىفادە قىلىدۇ. خوش، ئويلاپ كۆرۈڭ، نەۋايىنىڭ ئۇستازى لۇتفىي 99 يىل ئۆمۈر كۆرگەن يەردە، نەۋايىغە بۇ ياشتا ئۆلۈم ھەققىدە گەپ قىلىش نىمىگە كىرەك بولدىكىن؟..   FL^t} vA  
m :~y:.  
تەقدىرنىڭ ئەجەبلىنەرلىكلىكىنى قاراڭ،نەۋيىمۇ توپ-توغرا ئاتمىش يىل ئۆمۈر كۆردى. مەنبەلەردە يېزىلىشىچە، نەۋايى باشقا مۇلازىملار بىلەن 1500-يىل 29-دىكابىر كۈنى ئاستراباد يۈرۈشىدىن قايتىۋاتقان ھۈسەين بايقارانى كۈتىۋالغىلى چىقىدۇ. شاھ بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندا، بايقارانىڭ قولىغا يىقىلىدۇ. نەۋايىنى تىزدە ھىراتقا ئېلىپ كىلىشىدۇ. شائىردە سەكتە (ئىنسۇلت) كىسىلى ئالامىتىنى بايقىغان تارىخچى خاندەمىر شۇ زامان قان ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما تىۋىپ ئابدۇلھەي تۇنىي بۇنىڭغا قارشىچىقىپ «ھىراتتىكى تىۋىپلەر يىغىلىشىدا ھەل قىلىمىز.» دەيدۇ .ھۈسەين بايقارا «قان ئېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇغاندا ۋاقت قولدىن بىرىلگەن بولۇپ، شائىرنىڭ تومۇرىدىن قان چىقمايدۇ.  شۇ تەرىقىدە 1501-يىلنىڭ 3-يانۋار كۈنى بۇ يورۇق ئالەم ئۆزىنىڭ يەنە بىر بىنەزەر ئىجادكارى بىلەن ۋىدالىشدۇ.   Q3$DX, 8?  
ئەجەبلىنەرلىكى، شائىر خېلى يىللار ئاۋۋال يازغان شىئېر لىرىدىن بىرىدە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى مەنزىرىسىنى سىزغانىدى.«بەدايى ئۇل-ۋەسەت» — «ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى» ئەسىرىدە «يولىدە كاش مەنى پارە-پارە قىلغەيلەر، كى خەلق ھالىمە بىر-بىر نەززارە قىلغەيلەر» مەتلەئسى بىلەن باشلىنىدىغان غەزەلدە  ئۇلۇغ قەلب ساھىپى مۇنداق نالە قىلغاندى: SS8$ .ot  
(Uu5$q(  
بۇ دەرد ئىلەكى ئۆلەرمەن، مەرەز چۇ زاھىر ئەمەس، lk81IhI  
تەبىبلەر بۇ بەلاغە نە چارە قىلغەيلەر. L *|P'  
v_v>gPl,  
دەرھەقىقەت، نەۋايىنىڭ بۇ بىشارىتى توغرا چىقتى، تىۋىپلار كېسەلگە چارە تاپالمىدى. ئارىدىن يىللار، ئەسرلەر ئۆتدى. كىيىنكى دەۋرلەردە خەلق بۇ بۈيۈك زاتنىڭ ئىستىداتى ئالدىدا باش ئەگدى، شىئېر لىرىنى يادلاپ، ئۇزۇن تۇنلەردە پەرزەنتلىرىگە مەنا خەزىنىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشتىن چارچىمىدى. قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئاۋات قىلىپ تۇردى. دەرۋەقە، جاپاكەش ئافغان يۇرتى ۋە خەلقىنىڭ 20-ئەسردە ئۇرۇش ئوچىقىغا چۈشۈشىنى، ئۆز قەبرىسىنىڭ خارابىگە ئايلىنىشىنىمۇ نەۋايى بەش ئەسر ئىلگىرى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرغاندەك: \UM&|yk:  
9H:J&'Xi7  
چۇن كۇلەر يانى سۆكىلگەن جىسمۇ زارىمنى كۆرۈپ، 0yMHU[):~  
يىغلەيمۇ يانى يەمرىلگەن مازارىمنى كۆرۈپ. 2>9..c  
GiK,+M"d  
ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن تىمساللار،بىشارەتلەر، ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئاددىي بولمىغان قۇرۇلمىلار، بىشارەتلەر نەۋايى ئىجادىدا نۇرغۇن. بۈگۈنكى ئىگىز مۇنارە ئۈستىگە ئورنىتىلغان پارابولىك ۋە سپۇتنىك ئانتىننالىرىغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار، دۇنيانىڭ نېرىقى چېكىسىدىكى ئىنسان بىلەن بىۋاستە بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ھالدە (ۋېبكامىرا ئارقىلىق) سۆھبەتلىشىش، كومپيۇتىر، ئىنتىرنىت تورى، ئادەمنىڭ ھاراق ئىچكەن-ئىچمىگىنىنى ئېنىقلاپ بىرىدىغان ئەسۋاپ، كىپەرنىتىكا ھەمدە يەنە باشقا تۈرلۈك مۇرەككەپ نەرسىلەر خۇسۇسىدىكى پەرەزلەر شۇلار جۈملىسىدىن. يەنە ھەتتا 21- ئەسردىكى ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر دائىرىسىدىنمۇ ئىلگىرى كەتكەن تىمساللار، پەرەزلەر ئۇچرايدۇكى، ھەيران بولماي تۇرالمايمىز. ئەگەر ئۇلارنى بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ئۇچراتمىساق، بۇنى زامانىۋىي پەن - تېخنىكېنىڭ كەمتۈكلىكىدىن دەپ بىلىش لازىم. y@2"[fo3~  
M%Vp_ 0  
دەرھەقىقەت، ئالىملار تەكىتلىگەندەك، نەۋايى ئىجادىيىتى ھەشەمەتلىك بىر قەسر، ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ خالاس. مادامىكى، بىپايان تەپەككۇر چىگرالىرىنى ئاچقان شىئېرىيەت ساھىپقىرانىنىڭ ئالتۇن مىراسى مىللەت روھىنى تەربىيەلەيدۇ، ئۇنىڭ شۇنداق ئىجادىيىتىنى شۇ ئىجادىيەتلىرى كەبى قامۇسىي رەۋىشدە تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىش، بۇ جەرياندا ياشلاردا رىغبەت ئويغىتىش بۈگۈنكى كۈننىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.             مەنبە؛ توردۇنياسى Z0'LD <  

tawpek 2013-12-13 01:07
12 مۇقام تېكىسىتلىرىنى ئوقوۋاتقىنىمدا ناۋائى مىسرالىرىنى تامغىسى بىسىلغان پىتى تولىمۇ كۆپ ئۇچراتقان ئىدىم. [(TmAEON  
H 
ئۆزبىكىستاندا ناۋائى شىئىرلىرى كچا كوچىلاردا تەشپىقات پىلاكاتلىرى ئورنىدا يىزىۋىتىلگەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ.


查看完整版本: [-- نەۋايىنىڭ ئاجايىپ كەشپىياتلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled