查看完整版本: [-- ئەر -ئاياللار ئاسانلىقچە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان 8 مىنۇت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئەر -ئاياللار ئاسانلىقچە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان 8 مىنۇت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-06 11:25

ئەر -ئاياللار ئاسانلىقچە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان 8 مىنۇت

ئەر – خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇرۇشۇپ قېلىش نىكاھقا زىيانلىق ئىشتۇر . ئۇنىڭ ئالىدىنى ئالىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟
   شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، بىر كۈندىكى 1440 مىنۇت ئىچىدە ئەر – خوتۇنلارنىڭ جىدەللىشىنى ئەڭ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىغان مەزگىل پەقەت سەككىز مىنۇت ئىكەن . يەنى ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇنقى تۆت مىنۇت ھەمدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنكى تۆت مىنۇت . ئەر – خوتۇننىڭ ياش پەرقى
ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى2001 – يىلىدىن2007 – يىلىغىچە 2500 جۈپ ئەر – خوتۇن ياكى توي قىلماي بىللە تۇرۇۋاتقانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ،  ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۇزارتىدىغان ئامىللارنى يەكۈنلەپ چىققان .
   1 – ئامىل ، ئىككى تەرەپنىڭ ياش پەرقى . ئەگەر ئېرى خوتۇنىدىن توققۇز ياش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولسا ، ئاجرىشىش نىسبىتى باشقىلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .
   2 – ئامىل ، بالا . توي قىلماي تۇرۇپ بالىلىق بولغان ياكى ئالدىنقى نىكاھىدىن بالىسى بار ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %20 بولىدۇ ،لېكىن تويدىن كېيىن بالىلىق بولغان ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %9 بولىدۇ .
   3 – ئامىل ، ئىقتىسادىي ئەھۋال . ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ياكى ئەر تەرەپ ئىشسىز بولسا ، %16 ئەر – خوتۇن ئاجرىشىپ كېتىدۇ ،لېكىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت %9 ىلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ . ئاتا – ئانىنىڭ نىكاھ ئەھۋالى ، ئەر – خوتۇنلارنىڭ تاماكا چېكىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.



مەنبە ؛ئامانلىق ژورنىلى





yar130 2013-12-07 22:59
ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇنقى تۆت مىنۇت ھەمدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنكى تۆت مىنۇت .
راس دەل مۇشۇ ۋاقىت ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا جىدەللىشىش ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىتكەن .

yar130 2013-12-07 23:00
خەنداننىڭ بىزنى ئۈزۈلدۈرمەي تۇرمۇش ساۋاتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا كۆپ رەھمەت !

nadiraay 2013-12-12 21:32
ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇنقى تۆت مىنۇت ھەمدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنكى تۆت مىنۇت
تەتقىقاتچىلار پەقەت ئىشلەيدىغان ئائىلىلەرنىلا زىيارەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
بىر ئائىلىدە كەچكىچە سىلى، ئۆزلىرى دەپلا ئۆتكىلى بولمىسا - يا؟

يۇمشاق ئاۋازدا دەپ ئۆتكۈزەلمىگەن بەزى گەپلەر قاتتىق ئاۋازدا ئۆتۇپمۇ قالىدىغان تۇرسا.

مەرىپەت0999 2013-12-13 10:04
خەنداننىڭ تۇرمۇشتىن ساۋاتلىرىغا ئىزچىللىق يار بولغۇسى!!


查看完整版本: [-- ئەر -ئاياللار ئاسانلىقچە ئۇرۇشۇپ قالىدىغان 8 مىنۇت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled