查看完整版本: [-- ئاياللارنىڭ ساغلاملىق قاتىلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئاياللارنىڭ ساغلاملىق قاتىلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2013-12-06 10:30

ئاياللارنىڭ ساغلاملىق قاتىلى



ئاياللار ياخشى ئانا، ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن، ياخشى قىز بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ساغلام بولىشى كېرەك. يېقىندا ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان 10 چوڭ قاتىلنى باھالاپ چىققان بولۇپ، بۇ ئەشەددىي قاتىل لار تۆۋەندىكىلەر:
1. سىرتقى كۆرۈنۈشىگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش: بەزى ئاياللار ئەسەبىيلەرچە ئورۇقلاپ، يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا بەكلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىش: تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ روھىي بېسىم سەۋەبلىك ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.
3. كەيپىياتىغا ئاساسەن تاماق يېيىش: بەزى ئاياللار كەيپىياتى ناچار بولسا قەتئىي تاماق يىمەيدۇ، بەزى ئاياللار بولسا كەيپىياتى ناچار بولسا ئەسەبىيلەرچە يىمەكلىك يەپ ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ، بۇمۇ ساغلاملىققا بەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. سومكىسىنىڭ زىيادە ئېغىر بولىشى: زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاياللار كۆتۈرىدىغان يۈدۈمە سومكا زىيادە چوڭ بولۇپ بارماقتا، بۇ ئاياللارنىڭ فىگورىسىنى بۇزىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق قاتىل.
5. باغىرداقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى: ئاياللار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان باغىرداق تاقىغاندا، كۆكسى ئاغرىش، نەپەس ئېلىشى قىيىن بولۇش، بويۇن، دۈمبە قىسىملىرى ئاغرىش قاتارلىق بىئارامچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا ئاياللارنىڭ چىرايى نۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولىدۇ-دە، ئاسانلا يۈرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
7. ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش: بەزى ئاياللار ئائىلىسىنى زىيادە مۇھىم ئورۇنغا قويىۋىلىپ، ئۆزىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۆزى ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەك.
8. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش: ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بوغۇملارنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ساغلاملىقى ئۈچۈن ئايىغىنىڭ پاشنىسىنى 3.8 سانتىمېتر ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىشى كېرەك.
9. ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىمىنى يۇيماي ئۇخلاش: ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىملىرىنى يۇيىۋەتمەي ئۇخلىغاندا، كۆز قىسمى ۋە يۈز تېرىسىگە بولغان زىيان زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.
10. ھاراق ئىچىش: ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن يېنىك بولغانلىقتىن بەدىنىدىكى سۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئىسپىرتنىڭ زىيىنىغا بەكرەك ئۇچرايدۇ.
خانىم -قىزلار سالۇنىدىن ئىلىندى .

ئەكبەرنىياز 2013-12-07 20:10
ئاياللار چوقۇم دڭققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاركەن ، ئايالىمغا ئوقۇپ بەرسەم تازا خوش بولغۇدەك ! كۆپ رەھمەت !!!

مەرىپەت0999 2013-12-12 16:10
مەندە 2-3-6-8-نومۇرلۇق ھالەتلەر خىلى ئىغىر ئىكەن.خەنداننىڭ ككرسەتمىسىگە تەشەككۈر!!!ئەمدى دېققەت قىلاي.

ozqan 2013-12-12 16:29
دىققەت قىلساق بولغۇدەك ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە ...

tawpek 2013-12-12 17:04
ئاياللىرىمىزغا ئوقوپ بەرسەك بولغۇدەك.


ئەرلەرنىڭ يوقمىكەن؟

خەندان 2013-12-12 18:15
ئەرلەرنىڭمۇ بار ئىدى ئۇنىمۇ يوللاپ قوياي تۆتتاش پايدىلىنىڭ

دىلخۇش 2013-12-21 01:30
ھارمىغايسىز.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت!!!!


查看完整版本: [-- ئاياللارنىڭ ساغلاملىق قاتىلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled