查看完整版本: [--
ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ھەققىدە
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئەدەبى بىلىملەر
->
ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ھەققىدە
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
koksangun
2010-10-26 22:27
ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر ھەققىدە
ئەپسانە ۋە رىۋايەت ھەققىدە
{*U:Wm<
"^z=r]<5
?vFh)U
6ZpcT&yL
ئەپسانىلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار ئوخشىمايدۇ.ئادەتتە،ئەپسانىلەردە تەسۋىرلىنىدىغان تۈرلۈك ئىلاھلار تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئادەملەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىدۇ.ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلارنڭ قارىشىچە،تاغ-دەريا،قۇياش،ئايدىن تارتىپ گۇل-گىياھ،قۇرت-قۇڭغۇزلارغىچە،ھەتتاھاۋارايىدكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرمۇ ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدۇ.بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئەپسانىلەر مول ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلاردىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي تۈزۇمى،دىني ئېتىقادى،ئەخلاق قارىشى قاتارلىقلارنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ،ئۇلاردا ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئىجتىمائي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۇرۈلگەن.
A#S:_d
ئەپسانىلەردىكى ئوبرازلار ئەپسانىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەلگىلىك ئۆزگىرش جەريانلىرىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. تارقىلىش جەريانىدا تۈرلۈك ئەپسانىلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.بەزى ئەپسانىلەردىكى پېرسوناژغا مەركەزلىشىدۇ.بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان‹‹ئوغۇز خاقان›› ھەققىدىكى ئەپسانە ئەنە شۇنداق پەيدابولغان.
wG5RN;`V
ئەپسانىلە رمەزمۇنى بويىچە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
EAw#$Aq=
1) ئالەمنىڭ يارىلىش ئەپسانىلىرى. بۇ ئەپسانىلەردە ئاساسلىقى،ياشاۋاتقان تەبىئي مۇھىتنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى،ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلانىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئالەم ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدۇر.
$af}+:'
2)تەبىئەت ھادىسىلىرى ئەپسانىلىرى.ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە چۇشىنىشى بويىچە، تەبىئەت ھەم جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە ھەر خىل شەرھىيلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەتىجىدە مانا مۇشۇ خىل ئەپسانىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇخىلدىكى ئەپسانىلەر ئىنتايىن مول،شۇنداقلا ناھايىتى ئومۇمىيلاشقان بولۇپ، ھەممە مىللەتلەردە دېگۈدەك بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تارقالغىنى قۇياش ۋە ئاي ھەققىدىكى ئەپسانىلەردۇر.
Q5nyD/k4c
3)قايتا يارىلىش ھەققىدىكى ئەپسانىلەر. بۇ دۇنيادا ئومۇمىيلاشقان ئەپسانە تۈرى بولۇپ،ئۇنىڭدا تۇپان بالاسىدىن كېيىن،ئىنسانلارنىڭ قانداق قىلىپ قايتا كۆپەيگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايىلەر سۆزلىنىدۇ. ئەڭ مەشھۇرى‹‹نۇھ كېمىسى››ھەققىدىكى ئەپسانىدۇر. ئۇنىڭدا قەدىمكى ئىبرايلارنىڭ تۇپان بالاسى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ تۇپان بالاسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر كۆپرەك ئۆچرايدۇ.
%K'*P56
4)توتېم ئېتىقادى ئەپسانىلىرى.بۇلاردا ئاساسلىقى،بىر مىللەتنىڭ مەلۇم ھايۋان ياكى ئۆسۇملۈكتىن بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر بايان قىلىنىدۇ،
C2rj ]t
5)مەدەنىيەتنىڭ تۆرىلىشى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر. بۇ، ئىنسانيەتنىڭ تەجىربە ۋە ئختىرالىرىنىڭ ئەپسانىلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ،ئىپتىدائي ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم تېخنىكا ۋە كەشپىياتلىرىنى بۇ خىلدىكى ئەپسانىلەر ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزگەن.ئىنسانلارئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئوۋچىلىق،تېرىقچىلىق،بېلىق تۇتۇش،يېزىق كەشىپ قىلىش،يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى كەشپىياتلارنى ياراتتى. بۇلار ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.لېكىن،ئىپتىدائىي ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇ كەشپىياتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاز ساندىكى ئەجدادلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.
'0')6zW5s
6)باشقا مەزمۇنلاردىكى ئەپسانىلەر.ئەپسانىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇش ياكى تۇرالغۇ مۇھىتقا ئاساسلانغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھادىسىلەر ۋە تەبىئىي جانلىقلارنى ئىلاھىيلاشتۇرىدۇ.بۇخىلدىكى ئەپسانىلەرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەممە مىللەتلەرگە تارقالغان.
B9IXa;
;%7XU~
2.رىۋايەت
uxC
HS6Imi
كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تارىخىي شەخسلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مانا بۇ رىۋايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.رىۋايەتلەرنىڭ سۇژىتىدا كۆپلىگەن توقۇلما تەركىبىلەر بولىسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن شەخس، ۋەقەلىكلەرگە بولغان تەنقىد ۋە باھالىرىدا چىنلىق مەۋجۇت.رىۋايەتلەردە ئىپادىلەنگەن شەخس ۋە ۋەقەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تارىختا ئۆتكەن ياكى سادىر بولغان ئىشلار.مۇشۇ نۇقتىدا ئېيتقاندا،رىۋايەتلەر بىلەن تارىخنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ‹‹ئاغزاكى تارىخ››دەپ ئاتىلىدۇ.
dD^_^'i
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئارسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ،شەخسلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەر،ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، مەنزىرە،كۆرۈنۈشلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەر قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.
ok3
رىۋايەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى رېئال تۇرمۇش ئاساسىدا ئاۋام تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ،ئايرىملىرى ئەپسانىلەردىن ئۆزگىرىپ كەلكەن.تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى كۆپلىگەن رىۋايەتلەر كىشىلەرنىڭ رېئال ،چىن كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئارىسىدىكى ھېكايىلەردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.
}.MoDR3\
رىۋايەت تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
/%uZKGP
1)رىۋايەتنىڭ سۇژىتى ئاساسەن توقۇلما بولىدۇ.لېكىن،سۆزلىگۈچى ئۇنى سۆزلەۋاتقاندا ئامال بار باشقلارنى ئۇنىڭ چىن، ھەققىي ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ.
WE 5"A| =
2)رىۋايەتنىڭ سۇژىتى رېئال تۇرمۇش لوگىكىسىغا ئۇيغۇن بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە،مۇبالىغە،تاسادىپىيلىق قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلىەر ئارقىلىق ئەگرى-توقاي، قىزىقارلىق ھېكايە ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ.
=tS[&6/
3)مۇتلەق كۆپ ساندىكى رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيانى چۇشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق چۈشەندۈرۈش مول تەسەۋۋۇر ئارقىلىق قىزىقارلىق ئىپادىلنىدۇ.
iM/*&O}
4)رىۋايەتنىڭ سۇژىتى پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى تىپىكلەشتۈرۈشكە مايىل بولۇپ،تىپىك ۋەقە دائىم ئوخشىمىغان پېرسوناژلارنىڭ ئۈستىگە مۇجەسسەملىنىپ،كۆپ خىل پېرسوناژلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
I|F~HUzA"
5)رىۋايەتلەر تارقىلىش جەريانىدا ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەزمۇنىمۇ تەدرىجىي موللىشىدۇ،پىشىپ بارىدۇ.
!bZhj3.
رىۋايەتلەر ئاۋامنىڭ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر بىر كۈنلۈك جاپالىق ئەمگەكتىن،قىزىقارلىق رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ،مەنىۋىي جەھەتتىن ئوزۇق ئالىدۇ.ئازاب ۋە تۈرلۈك بېسىملارنى يەڭگىللىتىدۇ.رىۋايەتلەردە ھامان نامرات،ئاجىز كىشىلەر ئەۋلىيا ئەنبىيالارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ،مۇراد-مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ، بۇلاردىن كىشىلەر زور تەسەللى تاپىدۇ.
B:3+',i1
رىۋايەتلەر يەنى ئاۋامنىڭ دۇنيا قارىشى،ئەخلاق قارىشى ۋە ئىجتىمائىي غايىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ.شۇنداق بولغاچقا،رىۋايەت ئارقىلىق ئەمگەكچانلىق،باتۇرلۇق،چېچەنلىك،ئادىللىق، سادىقلىق قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەرنى تەسەببۇش قىلىغىلى ۋە يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ رىۋايەت ئارقىلىق ساقلىنىپ بىزگىچە يېتىپ كېلىدۇ.بولۇپمۇ يېزىقى يوق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،رىۋايەت ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر.
t
ئۇنداقتا،ئوخشاشلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھېسابلىنىدىغان رىۋايەت بىلەن ئەپسانىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى قانداق؟ ئومۇمەن ئېيتقاندا،رىۋايەت بىلەن ئەپسانە ھەم ئوخشاشلىققا،ھەم بەزى پەرقلەرگە ئىگە.
t+=1 2{9;f
ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە كۆرۈلىدۇ: بىرىنچى ،ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە ئەپسانىلەر بىلەن رىۋايەتلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتكەن ھالەتتە بولىدۇ.ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئەپسانىلىك تۈس بارغانچە سۇسلىشىپ، رىۋايەتلىك تەركىب كۆپىيىپ بارىدۇ.ئىككىنچى،ژانىر جەھەتتىن، ئەپسانە بىلەن رىۋايەتنىڭ ھەر ئىككىسى نەسرىي شەكىلىدە ئېغىزچە ئېيتىلىدۇ.ئۈچىنچى،رىۋايەتلەرمۇ سىرلىقلىقنى قوغلىشىدۇ.غەيرىي ۋەقەلىكەرنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيەتتىكى ئەپسانىۋى تەپەككۇر بىلەن بىردەكلىكى بار.لېكىن، ئۇ ئەپسانىلەردە ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ، رىۋايەتلەردە بولسا خۇرۇچلۇق رولىنىلا ئوينايدۇ.
A*7Io4e!
رىۋايەت بىلەن ئەپسانىنىڭ پەرقى:بىرىنچىدىن ئەپسانىدىكىلەردىكى پېرسۇناژلار ئىلاھ، رىۋايەتىكى پېرسۇناژلار ئادەملەردۇر. ئىككىنچىدىن،نۇرغۇن ئەپسانىلەرنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىك بىلەن تولغان، لېكىن ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنىدى. رىۋايەتلەر سۆزلىنىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ راست،ھەقىقىيلىقى تەكىتلىنىپ تۇرسىمۇ،لېكىن سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.
>a&