تولۇقسىز 3-يىللىق ئەدەبىيات ئىزاھلار
- مەۋسۇم Y#c439 & iYB c4'X d(|?gN^ 1. ياتۇر a_!H_J ياتۇر - ياتار، ياتىدۇ. LT$t%V0?.e قۇتلۇق شەۋقى ــ (1876-1937) شائىر ۋە ژۇرنالىست. قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىسىر، تۈركىيەلەردە ئوقۇغان. 1920-ۋە 1930-يىللاردا قەشقەردىكى ئاقارتىش ھەركەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. c3Ig4 n0Y> كۆرمىگىل ــ كۆرمە، دەپ ئويلاپ قالما -cXVkH{ بۇغرا ــ ئەركەك تۆگە. م: بۇغرا تۆگىلەرنى باشلاپ يايلاق تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. #DTBdBh?I سۇتۇق بۇغراخان ــ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، دىنىي ئالىم، سىياسىئۇن، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە. سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ، قاراخانلىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلغان. ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىكىنى دۆلەتنى قوغداش يولىدا ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر قويۇلغان جايغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇ يەر ‹‹شىھىت ماكانى›› يەنى ‹‹مەشھەد›› دەپ ئاتالغان. ئۇ يەردە ھازىرمۇ ‹‹ھەز سۇلتان››، ‹‹ھەز سۇلتۇنۇم›› دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كىلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى بار. ‹‹ھەز سۇلتان›› دىگەن سۆز ‹‹ھەزرەت سۇلتان›› دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشى بولۇپ، ‹‹ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان›› دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. ‹‹سۇلتان›› دىگەن سۆز ئەرەبچە ‹‹سەلتەنەت ئىگىسى›› دىگەن مەنىدە بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى ۋاقتلىرىدا قۇشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخى ماتىرىياللاردا بولسا ‹‹سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ‹‹ئابدۇكېرىم›› ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇيۇلغان ئىسمى. } ئول ــ ئۇ، ئاۋۇ \l;H!y[ شەھىدۇ ــ شاھىد، شاھىد بولماق، گۇۋاھلىق بەرمەك GZFL
Ju ئارسلان ــ ① مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان، سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان: ئارسلان بالىسى ئارسلان بولىدۇ (ماقال). ② كۆچمە. باتۇر، قەيسەر، زەبەردەست، قورقماس، قاپ يۈرەك: تۇغۇلدۇم، «ئارسلان بول» دەپ ئانام سۆيگەن پېشانەمگە، سېلىپ زەڭ ھەر سۆزۇم، قەلبىم، مىجەز- خۇلقۇم، ئىپادەمگە. ③ ئەرلەر ئىسمى. BtWm ZaKi ‹‹قۇتادغۇبىلىگ›› ــ 11- ئەسىردە ئۆتكەن پۈيۈك پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. مەنىسى بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم. TH}+'m يۈسۈپ خاس ھاجىپ ــ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019 - يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462 - يىلى (مىلادىيە 1069 - يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. خاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە ‹‹خاس ھاجىپ››لىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى، ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ئەدىب مىلادىيە 1085 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان. {5:V
h
W} ئېرپان ــ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى، مەدەنىيىتىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەلىم- تەربىيە؛ مەرىپەت، مائارىپ: ئىلىم- بىلىم مەنبەسى نۇرى ئېرپاندۇر كىتاب، تېخنىكىسىنىڭ خەزىنىسى كەڭرى ئىمكاندۇر كىتاب. {~d8_%:b يادىكار ــ ① بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى شەخسنى ئەسلىتىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن تەقدىم قىلىنغان نەرسە، سوۋغا، نىشانە: يادىكار قىلماق. * جىمجىتلىق ئىچىدە قولۇمدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ② ئەر - ئاياللار ئىسمى. 5/{gY{ ‹‹دىۋانۇ لۇغەت›› ــ ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس، مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرىنىڭ ئەسىرى. مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يىزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا «قەشقەرى» دېگەن نامنى قوللۇنۇشنى زۆرۈر كۆرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە فولكلور، مەدەنىيەت، تارىخ، ئارخىئولوگىيە، دىن، توپونومىيە _ يەر ناملىرى، سوتسىئولوگىيە، ئېتنوگىرافىيە، پەلىسەپە، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكىلوگىيە جەھەتلەرگە چىتىلىدىغان قامۇس ئەسەر بولۇپ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن، سۆزلۈكلەرنى ئورگانېك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا 242 كۇپلېت شېئىر- قوشاق، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال- تەمسىلنى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونېتىكىلىق، گرامماتىكىلق قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. .!J,9PE مەھمۇد كاشغەرى ــ (1008-1105) بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس. شاھانە ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدىرسە ئېچىپ مۇدەرىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئالىمىمىزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم. s*j0uAq)up شەرەپشان ــ ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا پەخىرلىك نامغا، ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلەر. &ExYul ]jS+ItL@ 2 . ئانا تىلىم U= PG0 تېيىپجان ئېلىيېف ــ (1930-1989) قورغاس ناھىيسىدە تۇغۇلغان، تۇنۇلغان شائىر، كۆپلىگەن توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. 7L:$Amb_F جىلۋىدار ــ ① گۈزەل، نازاكەتلىك. م: ئۇ تاماشىبىنلارغا بىر جىلۋە قىلىۋەتكەندىن كېيىن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ يەنە پىرقىراشقا باشلىدى. ② رەڭمۇرەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش. م: سەھەردىكى گۈللەر باشقىچە جىلۋە قىلاتتى. ~T[m{8uh زۇلپىقار ــ ناھايىتى ئۆتكۈر قىلىچ. مەسىلەن: ئۇ زۇلپىقارىنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. tXTa>Q تۆھپىكار ــ تۆھپىسى بار، تۆھپە ياراتقۇچى كىشى: پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغان تۆھپىكارلار تەقدىرلەندى. ∥ تۆھپىكار قىز. \TrhJ ئابىدە ــ مەڭگۈتاش. ئۈستىگە ئەستىلىك خەت-ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چېكىلگەن چوڭ خاتىرە تاشلار. ئەسلەتمە بۇيۇملار؛ {^bs
}($J چېقىن ــ چاقماق : چېقىن تاغدا كۆپرەك چاقىدۇ. قارا بولۇت قويۇق يەردە ھاۋا گۈلدۈرلەيدۇ ئەمەسمۇ! }cE,&n ئاپرېنچۇر تېگىن ــ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىر. s Hu~;) ھەيرەت ــ كۈتۈلمىگەن نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارغا ئۇچرىغاندا سېزىلىدىغان ھەيران بولۇش ھېسسىياتى، ھەيران بولۇش، ئەجەبلىنىش: ھەيرەتتە قالماق. P~:W+!@5v قامۇس ــ مۇكەممەل، تولۇق لۇغەت، ئېنسىكلوپېدىيىلىك لۇغەت: «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى، ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن مۇكەممەل قامۇس. g!O(@Sqp1 دەستۇر ــ ① ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما، نىزام، كىتاب؛ قائىدە- قانۇنلار توپلىمى: پۈتۈلگەن دەستۇرنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ② تېبابەت رېتسېىپلىرى مەجمۇئەسى: سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قورساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى. o=2y`Eq
pVw)"\S% 2`l$uEI3oJ 3. ياز تۈنى H>`?S{J ئابدۇخالىق ئۇيغۇر- (1901-1933) تولۇق ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇر. _'dsEF ‹‹ئۇيغۇر›› ئۇنىڭ تەخەللۇسى، ئۇ 1901-يىلى تۇرپان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 10 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان،ئۇنىڭ يازغان مۇھىم ئەسەرلىرى ‹‹پىغان›› (1927)، ‹‹كۆڭۈل خاھىشى›› (1930)، ‹‹قىزىل باھار››، ‹‹ئىستىمەس››، ‹‹ئارمان››، ‹‹قىزىلگۈل›› قاتارلىق 200نەچچە پارچە ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلاردىن ئىبارەت. 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرپىدىن دەھشەتلىك ئۆلتۈرۈلگەن. jpaY:fcF تاپ ــ ① ھايۋانات ياكى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى؛ مۇردا، جەسەت: ئاسماندا تاپ يېگۈچى قۇزغۇنلار ئەگىپ ئۇچۇشاتتى. ② ئېتىزنى ئاغدۇرغاندا قالغان قوش ئىزى، قۇر: تاپ ئاچماق. تاپ سالماق. ③ ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ: بەش تاپ بۇغداي. ④ پەيت، پۇرسەت، ۋاقىت: شۇ تاپ تەشنالىقىم قاندى، ۋۇجۇدۇم- جان بېغىم ياشناپ. /z,sM"d بىئىختىيار ــ ئىختىيارسىز، ئۆزلىگىدىن، كونتېرولسىز. X1i6CEa< مەگەر ــ ئەگەر \A5cM\- ALwkX"AN (( Ec:(:c 4. نەۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيىتى l8%x(N4 ئازاد سۇلتان ــ 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەدەبىياتشۇناس پىروفېسور . ئۇنىڭ ‹‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغۇرسىدا›› قاتارلىق بىر نەچچە پارچە تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنغان . .F?yt5{5No ئەلشىر نەۋائىي ــ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىيات خەزىنىسىگە ئاجايىپ چوڭ مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلاۇغ شائىردۇر. ئۇ 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ھىراتتا تۇغۇلۇپ، 1501- يىىل 1- ئاينىڭ 3- كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ‹‹خەمىسە››، ‹‹چاھار دىۋان››، ‹‹ھەيرەتۇل ئەبرار›› (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)، ‹‹پەرھاد- شېرىن››، ‹‹ لەيلى- مەجنۇن››، ‹‹سەبئەئىي سەييارە›› (يەتتە سەييارە)، ‹‹ سەددى ئىسكەندەر›› (ئىسكەندەر سېپىلى)، ‹‹سراجىل مۇسلىمى›› (مۇسۇلمانلار چىرىغى)، ‹‹لسسانۇت تەير›› (قۇشلار تىلى)، ‹‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين›› (تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە)، ‹‹ئارزۇ تۈركى›› قاتارلىق بەدىئىي، ئىلمىي ئەسەرلەرى بار. _$wWKJy9 مۇتەپەككۇر ــ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستېداتىغا ئىگە بولغان كىشى، تەپەككۇر ئىگىسى: بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە يازغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىشكەن. v(=fV/ شېئىرىيەت ــ ① بىرەر مىللەت ياكى خەلقنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ پوئېزىيە: ئۇيغۇر شېئىرىيىتى. شېئىرىيەت خەزىنىسى. ② شېئىر يېزىش سەنئىتى: ئۇ شېئىرىيەتتىن خەۋەردارلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان نېغمەت خەلپىتىم دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كۈنلەردە ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى قاتارىدا ئىدى. #'
^p-Jdm پەلسەپە ــ ① دۇنيا قاراش ھەققىدىكى تەلىمات، كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا (تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر) توغرىسىدىكى تۈپ كۆز قاراشلىرىنىڭ سىستېمىسى، تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە يەكۈنى. ② كۆچمە. ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان، پاكىتسىز، ئاساسسىز پىكىر، سەپسەتە، قۇرۇق گەپ: روزى سادىقنىڭ گېپىنى كېسىپ: - پەلسەپە ساتمىساڭچۇ، ھويلىغا نەدىن كىردىڭ؟ - دېدى. omECes) ئېستېتىكا ــ تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئاساسلىقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى، سەنئەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. FD#?pVyPn^ ئۆرنەك ــ ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا، قىلىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۈلگە بولىدىغان نەرسە: ئۆرنەك ئالماق. ئۆرنەك قىلماق. ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسە، ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى؛ ئۈلگە: تاشۋاي پەدە بېسىشتىن زەخمەك ئۇرۇشقىچە زېرىكمەي- تېرىكمەي ئۆگىتەتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئاھاڭلارنى چېلىپ ئۆرنەك كۆرسىتەتتى. ~0|~
Fg سېيما ــ ① قىياپەت، كۆرۈنۈش؛ چىراي، يۈز، ئوبراز: ھەر قېتىم بىرەر نەتىجە قازانغىنىمدا دادامنىڭ مۆمىن ھەم مېھرىبان سېيماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. ② سىمۋول، ئوخشىتىلىدىغان ياكى ئوخشايدىغان نەرسە: شۇڭا تاغ مەردانىلىك ھەم قەد كۆتۈرمەككە مىسال، قارىغاي، چىنار ۋە شەمشاد مەردلىككە سېيما ھەر زامان. ③ ئىپادە؛ ئالامەت، ئىز: سەن تۇغۇلدۇڭ، مەسۇم يۈزۈڭدىن، كۆرۈنمەيدۇ ھەسرەت سېيمايىسى. سەن تۇغۇلدۇڭ قۇياش قوينىدىن، غۇنچە يەڭلىغ كۈلۈپ گوياكى. 7u!R 'D ۋارىس ــ ① مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان شەخس، مىراسخور. ② كۆچمە. ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئىزىنى باسقۇچى، ئىزباسار: سەن ئەسلىدە ئابنۇس ئارىلىنىڭ ئىگىسى، شاھ ئارمانۇسنىڭ ۋارىسى ئىدىڭ. ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . E7^tU416 [_L:.,]g8 Puily9# 5. قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ 2y
~]Uo پاۋلوف ــ (1849-1936) روسىيەلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى. o*f7/ZP1o فىزىئولوگىيە ــ جانلىقلارنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئادەتتە ئۇ ئادەم فىزىئولوگىيىسى ، ھايۋانات فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. SG8|xoL رېفلېكس ــ جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ئىچكى - تاشقى غىدىقلاشلارغا نىسبەتەن نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق قايتۇرىدىغان ئىنكاسى. kIrME: مەرھۇم ــ ① ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى، ئۆلگەن ئادەم: كىمدۇر بىرى مەرھۇمنىڭ روھىنى مەندىنمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەتلىسە كېرەك . ② ۋاپات بولۇپ كەتكەن ، رەھمەتلىك ، رەھمىتى : مەرھۇم ئاتام .
,Ztj مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ــ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى . ئۇ مېڭە بىلەن يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . {\;CGoN| ئىنېرىتسىيە ــ جىسىمنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ھەرىكەت ھالىتى ياكى جىمجىت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش خۇسۇسىيىتى . مەسىلەن ، مېڭىۋاتقان پاراۋۇزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توختىغاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىلەشنى شۇئان توختاتماسلىقى ، جىمجىت تۇرغان جىسىمنىڭ سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغۇچە تۇرغان ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنېرتىسىيىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ . NLoJmOi;L7 پەۋقۇلئاددە ــ ① باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ، ئادەتتە ئۇچرىمايدىغان؛ كۈتۈلمىگەن، تاسادىپىي: پەۋقۇلئاددە ئەھۋال. پەۋقۇلئاددە ھادىسە. ② ئادەتتىن تاشقىرى، ھەددىدىن زىيادە، غايەت، ئىنتايىن: ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ بىر مەۋسۇم ئىچىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى . ③ ئالاھىدە ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ياكى مەخسۇس شارائىت تەلىپى بىلەن بەلگىلىنىدىغان، سادىر بولىدىغان؛ نۆۋەتتىن تاشقىرى: پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە. پەۋقۇلئاددە ئەلچى. * ئۇ ساقچى ئەمەلدارى بىلەن يىپەك سەللىلىك ئاخۇننىڭ سۆزىدىن پەۋقۇلئاددە بىر يېڭىلىقنى سەزدى. 4}W*,&_ ئوبيېكتىپ ــ ① ئاڭدىن تاشقىرى بولغان ۋە ئاڭغا، كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشىغا بېقىنمىغان، باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، «سۇبيېكتىپ» نىڭ ئەكسى: ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئوبيېكتىپ شارائىت. ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ② نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقىرىلغان، شەخسىي ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇلمىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي، دۇرۇس، ھەقىقىي: ئوبيېكتىپ باھا. ئوبيېكتىپ خۇلاسە. ;5PXPpJ ئىزاھ ــ ① سۆز، ئىبارە ھەم ئۇنىڭ مەنىسى ياكى ۋەقە- ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارغا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھات، يەشمە، شەرھ: ئىزاھ بەرمەك. بوۋاي ئىزاھ تەلەپ قىلىپ ئادىلغا قاراپ قويدى. ② تېكىستلارنىڭ ئايرىم يېرىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى ئايرىم مەسىلىگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ قوشۇمچە مەلۇمات، ئەسكەرتىش: تەرجىمان يەنە ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇكەممەل ئىزاھلارنى قوشقان. _?Rprmjx} ئاكادېمىيە ــ دائىرىسى نىسبەتەن چوڭ بولغان ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگان : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى . -PBm@}* كاندىدات ــ ① تەيىنلىنىش، سايلىنىش ياكى بىرەر تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنىش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن: كاندىدات پارتىيە ئەزاسى. كاندىدات تەتقىقاتچى. كاندىداتلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىدىن بەلگىلىنىپ قويۇلغانىدى. ② بىرەر پەن بويىچە دىسسېرتاتسىيە ياقلاش ئاساسىدا بېرىلىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئىلمىي ئۇنۋاننى ئالغان كىشى : تېخنىكا پەنلىرى كاندىداتى . پەلسەپە پەنلىرى كاندىداتى . deQ0)A 4g ئىستىپا ــ ئۆز مەنسىپىدىن ياكى خىزمىتىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن چېكىنىش ، ۋاز كېچىش ، بوشىنىش : ئىستېپا سورىماق . ئىستېپا بەرمەك . x`WP*a7Fk] زولوگىيە ــ ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىسى ، فىزىئولوگىيىسى ، ئېكولوگىيىسى ، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش ، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ^0pd- n@pn كومىسسىيە ــ① بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا : ئىمتىھان كومىسسىيىسى . ② شۇنداق گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى : قادىر مۇئەللىم فىزىكا ئىمتىھانىغا كومىسسىيە بولۇپ كىردى . =v:vc~G6 ئىمپېرىيە ــ تېررىتورىيىسى ئىنتايىن زور ياكى مۇستەملىكىسى بولغان پادىشاھلىق دۆلەت . brl(7_2 fN1b+d~*6 xnC:?d 6. ‹‹ئەقىللىق›› ئوسكار بېلىق ? 'qyI^m@ يالقۇن روزى ــ 1966-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئەدەبىي ئوبزورچى. Ge @qvP_ ئىجابىي ــ ① قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ماقۇل تېپىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان: ئىجابىي باھا. ئىجابىي پىكىر. ئىجابىي مۇناسىۋەت. ② ماقۇللايدىغان، ياقلايدىغان؛ ماقۇللاشقا، ياقلاشقا، ماختاشقا سازاۋەر بولغان؛ ياخشى؛ پايدىلىق: ئىجابىي تەسىر. ئىجابىي قارىماق. ③ ياخشى خىسلەت، پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان؛ ئۈلگىلىك: ئىجابىي ئوبراز. ئىجابىي پېرسوناژ . ئىجابىي قەھرىمان. BoQ%QV69% پىرىنسىپ ــ سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇن، نىزام: پرىنسىپتا چىڭ تۇرماق . پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلماق . a)4%sX*I
تەپەككۇر ــ ① ئادەم مېڭىسىنىڭ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبيېكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر : سىلەر ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر ، بىز مەنتىقىي تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىمىز . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە ؛ ئويلاش ، خىيال : مېڭىنىڭ ئوتتۇرا ، يۇقىرى قىسمى زەخىملەنسە ، تەپەككۇر قۇۋۋىتىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ . ?yxQs=&-q~ ئەپلەپ ــ بىرەر ئامال تېپىپ ، بىرەر چارە - تەدبىرلەر ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق : ئۇلار ئىشنى ئەپلەپ - سەپلەپ تۈگىتىشنى مەقسەت قىلاتتى . mr2Mu qX`Hi9ja 2~4&4 7.پالۋان كەلدى @ze2'56F
} تېيىپچان ھادى ــ (1925-1989) غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان، يازغۇچى، تارىخچى. pGfGGY>i% سۇنبۇلە ــ مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى – كەينىدە قۇياش بۇرجقا كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم كۈزكى تېرىم بولىدۇ. Ch3MwM5] قىيام ــ ① شېكەر، شىرنىلەر ئېرىتمىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان قويۇق شەربەت. ② مۇراببا: ئالما قىيامى. ئەنجۈر قىيامى. قىيام بولماق. قىيامىغا كەلمەك. ③ ئۆرە تۇرۇش ، تىك تۇرۇش : قىيامدا تۇرماق . ④ كۈن تىكلەنگەن چاغ ، چۈش : سۇنبۇلە ئېيىنىڭ باشلىرى ، قىيامدىن ئېگىلگەن ئوچۇق كۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە يالتىرايتتى . ⑤ بىرەر ئىش ، پائالىيەت قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجە ، چەك . TqL+^:cq زىندان ــ يەر ئاستىدىكى زەي ۋە قاراڭغۇ قاماقخانا ؛ سولاقخانا ؛ تۈرمە : زىندانغا تاشلىماق . زىنداندا ياتماق . o مىغىلدىماق ــ توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماق (نۇرغۇن جانلىق ھەققىدە) : يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن ، بازاردا كىشىلەر مىغىلدايتتى . gwsIzYV سىپايە ــ تەمكىن ، ئېغىر - بېسىق ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ؛ كەمتەر ، مۇلايىم : سىپايە ئادەم . ^
كەكە ساقال ــ ① ئېڭەك قىرى قىرىۋېتىلىپ ، پەقەت زاڭاق قىسمىغىلا قىسقىراق قىلىپ قويۇلغان ساقال: يۈسۈپ تەيجى پەي ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، شالاڭراق كەلگەن كەكىساقىلىنى سىلىدى. ② شۇنداق ساقىلى بار كىشى: - ھەي كەكىساقال، - دېدى بىر چېرىك ھاشىم ئاكىغا ۋارقىراپ، - سېنى دەۋاتىمەن، بۇ ياققا كەل! G&Dl($ دوقا ــ ① باشنىڭ ئارقا قىسمى ياكى پېشانە تەرىپىدىكى دۆڭ يېرى : ئۇنىڭ مەڭزى قىزىرىپ ئىششىغان ، پېشانىسىنىڭ دوقىسى كۆكىرىپ كەتكەنىدى . ② مەلۇم بىر قىسمى ئەسلىي دائىرىدىن بىرئاز چىقىپ تۇرىدىغان : دوقا چاق . دوقا ماڭلاي . ~".@;Q كىمخاب ــ ئۆرۈشى يىپەك ، ئارقىقى زەر يىپتىن توقۇلغان رەخت . nT}Wx/
aT موۋۇت ــ ئوڭ تەرىپى سىلىق قىلىپ پۈتۈنلەي يۇڭدىن ياكى يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللاردىن توقۇلغان بىر خىل رەخت : رەھبەرلىك ئىشخانىسىدا موۋۇت قاپلانغان ساپالار قاتار تىزىۋېتىلگەنىدى . Vs{\ YfF سەللىلىك ــ ① سەللىسى بار، سەللە ئورىغان. ② سەللە قىلسا بولىدىغان ۋە سەللە قىلىشقا يارايدىغان ياكى سەللىگە باب كېلىدىغان رەخت . \>pm (gF تۆپە ــ ① يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز ، يۇقىرى بولغان جاي، دۆڭ : تۆپىدىن تونۇش بىر ئادەم چۈشۈپ كەلدى . ② بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، ئۈستى : مامۇت زور شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن تام تۆپىسىگە چىقتى . ③ مەلۇم بىرنەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇق ؛ كۆك ، ئاسمان : ئېگىز بىنانىڭ تۆپىسىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرەتتى . ④ مەلۇم بىر ئىش بولۇۋاتقان جاي، نەق مەيدان: مامۇت ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىپ تۇرغاننىڭ تۆپىسىگە دادىسى كىرىپ قالدى . ⑤ بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ ، «بېشىغا ، يېنىغا ، قېشىغا» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ : دېۋە كۆل تۆپىسىگە كېلىپ بېلىقچىنى قىچقىرىپتۇ .⑥ تېرىدىن تىكىلگەن ، پوسمىغا ئوخشاش تاشلانمىغان ، سىرتى ئاق باش كىيىمى : بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىراشلىقتا دادىسىنىڭ تۆپە ۋە قۇلاقچىلىرىنى كۆزلىرىگە چۆكۈرۈپ كىيىۋالغانىدى . :{ZwzJ ياسىداق ــ چىرايلىق ياسالغان ، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ، بېزەلگەن : ياسىداق ئۆي . ياسىداق ساراي . z'$1$~I يامۇل ــ خانلىق دەۋرىدىكى ناھىيە ، ۋىلايەت ئۆلكە دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى : يامۇل بېگى . * ئەنە شۇنداق پۈتمەس - تۈگىمەس خىياللار بىلەن كېچىچە پىيادە يۈرۈپ ، چاي ۋاقتى بىلەن دوتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم . aA52Li گۈرەن ــ قۇلاقنىڭ ئاستى ، قوۋۇزنىڭ ئارقا قىسمى : گۈرەن تومۇرى . گۈرەن بېزى .
UWqD)6 لوزۇڭ ــ ① كونا جەمئىيەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى :لوزۇڭ بولماق . ② شۇ مەنسەپكە ئېرىشكەن شەخس . _fu <`|kc قۇللۇق ــ ① قۇل بولغان ھالەت ، قۇل بولۇش : قۇللۇقتىن قۇتۇلماق .② قۇللارغا ئائىت ، قۇللارغا خاس : قۇللۇق تۈزۈم . ③ ئىتائەتمەنلىكنى ، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيدىغان تەكەللۇپ سۆزى : ھىكمەت ئۆزىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغان يىگىتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ : - قۇللۇق ، قۇللۇق ئىنىم! ئاغزىڭىزغا شېكەر ، - دەپتۇ . ④ مىننەتدارلىق ، رازىلىق : قۇللۇق بىلدۈرمەك . ⑤ ئىتائەتمەنلىك : قۇللۇق قىلماق . h*C!b?:" شەنگەن ــ كونا جەمئىيەتتىكى ناھىيە باشلىقى : شەڭگىنىڭدىن قورقمايمەن ، قوناقلىقتىن چىقمايمەن . \>Rfa+ ئەييۇھەنناس ــ ① كۆپچىلىككە ، توپلانغان ، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب ، نىدا ؛ ئەي خالايىق ، ئەي ئادەملەر : موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى : - ئەييۇھەنناس - ئىشىتىڭلار ئامۇخاس ، گۇناھ رىيا بولسىمۇ ، جازا دېگەن راست . ② ھاياجان ، قايغۇ ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد - پەرياد ، شاۋقۇن - سۈرەن ، كۈچلۈك ئاۋاز : كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم ، ئەييۇھەنناس ، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان - يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى . qf\W,SM ساراسىمە ــ نېمە قىلىشنى بىلمەي ھودۇققان ، تەمتىرىگەن ، گاڭگىرىغان ھالەت : ئىستىھكامغا يېقىنلاپ ، قول بومبىلار تاشلاندى . دۈشمەنلەرنىڭ ئىچىدە ساراسىمە باشلاندى . S ئەسەبىيلەشمەك ــ ئەسەبىي ھالەتكە كەلمەك ؛ خۇيىنى بۇزماق ، چېچىلماق : دەل شۇ مىنۇتتا ئېلشات بىردىن ئەسەبىيلەشتى . uf#h~;B سۈيقەست ــ بىراۋغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش ، يوق قىلىش ، ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت ، قەست : سۇيىقەست قىلماق . {~ F|"v ھەر باب بىلەن ــ ھەر تۈرلۈك ، ھەر خىل ئۇسۇل ، ئامال - چارە بىلەن؛ ئەپلىك پەيتنى قولدىن بەرمەي ، ئەپلىك پەيتنى كۈتۈپ تۇرۇپ : ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن ، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال) . 4xm
JQ>/ ئاۋام ــ ① ئاممىۋى ، ئومۇمىي : ئاۋام خەلق . ② ئاددىي خەلق ، ئامما، پۇقرا : بەگدە بارى ئاۋامدىمۇ بار . jL^@;"/XhC گاداي ــ ①يوقسۇل ، نامرات ، كەمبەغەل . ② كىشىلەردىن سەدىقە سوراپ، نەرسە-كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى ؛ سائىل ، تىلەمچى ، دىۋانە . 4BCe;Q^6 پەرىشان ــ ① ھەر تەرەپكە چېچىلغان ، بىسەرەمجان ، تەرتىپسىز : لەيلىگۈل دۈشمەنلەرنىڭ ياردەمسىز ، پەرىشان ۋەزىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولدى . ② پىكىر - خىيالى ، دىققەت - ئېتىبارى (زېھنى) بىر نۇقتىغا مەركەزلەشمىگەن ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنگەن، چېچىلغان، يىغىنچاق ئەمەس، تارقاق: ئەتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى . }#H,oy;Dz پىشايۋان ــ ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە چىقىرىلغان ئايۋان : پېشايۋان چىقارماق . پېشايۋان ياسىماق . 8.B'O>
\T ئاغچا ــ ① كونا جەمئىيەتتە باي ، بەگ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى : ۋاڭ ۋە شاھزادە ئۈچۈن ئىككىدىن ئات قوشۇلغان پوچتا ، خېنىم ۋە ئاغىچىلار ئۈچۈن چىلان رەڭ دۇخاۋىدا تاشلانغان پەنجىرىلىك مەپە تەييار قىلىندى . ② بىراۋغا نىكاھلانغان ، بىراۋ بىلەن توي قىلغان ئايال ؛ خوتۇن : (باسىت) - باشقا ئاغىچىلىرى شەرۋانەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايدۇ دەيمەن ، - دېدى شاڭيۇغا .
F/5G~17 شىلماق ــ ① نەرسىلەرنىڭ سىرتى ياكى تېنىنى ئوراپ تۇرغان تېرە ، پوست قاتارلىق نەرسىلەرنى تارتىپ سويۇپ ئالماق : ئۇ جادۇگەرنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار ، شۇنى ئېلىپ كەلسەڭ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن ، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن . ② ئالدامچىلىق ياكى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالماق ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق ، قان-تەرىنى شورىماق : شىلغانىدى بىر چاغ گومىنداڭ ، ئەلنى شۇنداق سېلىقلار سېلىپ . تىرىلدى شۇ سېلىقلار يەنە ، كەلدىمۇ يا گومىنداڭ يېنىپ؟ w/nohZF6H ئادالەت ــ ① ئادىل ، خالىس ۋە توغرا ئىش تۇتۇش ، ھەققانىيەتلىك ؛ ھەققانىيەت ، ئادىللىق : ئادالەت زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى . &/WM:]^?0) خو ــ ①تارس . ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب . ② بەش كۈرىگە تەڭ ئۆلچەم بىرلىكى : بىر خو بۇغداي . W"vLCHTh ئۆسكىلەڭ ــ ① بويى ئېگىز ئۆسكەن ، بوي تارتقان ، ئېگىز بويلۇق (ئادەملەر ھەققىدە) : ئۆسكىلەڭ ئادەم . ئۆسكىلەڭ بالا . ② ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇزۇن (نەرسىلەر ھەققىدە) : ئۇلار دەرەخلىق ئارىسىدىكى چىغىر يوللاردا ئۇزاق ماڭدى . ئۆسكىلەڭ ئوتلار گويا ئۇلارغا سالام بېرىشەتتى . <3B^5p\/ جىيەك ــ ① دوپپا ، تون قاتارلىقلارنىڭ گىرۋىكىگە تۇتۇلىدىغان مەخسۇس لېنتا . ② بىرنەرسىنىڭ گىرۋىكى ، چېتى ، لېۋى ، گەردىشى : نۇرنىسا ئۇنىڭ جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قارىدى . ③ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى . /
\/^= j ھوسۇل ــ تېرىلغان زىرائەت ياكى باغۋەنچىلىكتىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلات ، ئۈنۈم : ھوسۇل ئالماق . ھوسۇل بەرمەك . xOe
1v9< تەيجى ــ ۋاڭلىق تۈزۈمىدە ، خان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋاڭدىن كېيىنكى ئەمەل . تەيجى ۋاڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ ، ۋاڭنىڭ ئىككى تەيجىسى بولىدۇ . 1PwtzH.w جياڭجۈن ــ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن كىشى . larv6ncV پېقىر ــ ① كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇل : پېقىر ئادەم . * بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا . پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا (ماقال) . ② ئال «كەمىنە ، مەن» مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر تۇتۇشنى بىلدۈرىدىغان سۆز : ئەمەت ئۇستا بايىقى خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن : - ئەپەندىم ، بايا قوشنىلارغىمۇ خەۋەر قىلىپ قويدۇم . بۈگۈن پېقىرنىڭ خانىسىغا مېھمان كەلمەكچى ، چەت ئەللىك دوستلار ، - دېدى .
pRobx مەكتۇپ ــ بىركىمگە يېزىپ ئەۋەتىدىغان خەت ، سالام خەت : مەكتۇپ يازماق . مەكتۇپ ئەۋەتمەك . /(BS يۇتۇم ــ بىرقېتىم ئىچىشكە ، ئوتلاشقا بولىدىغان ئىچىملىكلەر ھەققىدە ئېيتىلىپ «ئوتلام» سۆزى بىلەن باراۋەر قوللىنىلىدۇ : بىر يۇتۇم چاي . ..8t1+S6] تاۋى ــ ① كىشى ئورگانىزمىنىڭ نورمال ھالىتى ، ساقلىق ؛ مىجەز : ئاپامنىڭ خېلىدىن بېرى تاۋى يوق . ② قۇۋۋەت ، كۈچ ، مادار : بۇ ئىشنى قىلىشقا تاۋىم يەتمەيدۇ . 5?>4I"ne كەمىنە ــ باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت ، ئەدەپ ۋە كەمتەرلىك ، كىچىك پېئىللىق يۈزىسىدىن «مەن»نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز : - كەمىنە يەمەن شەھىرىدىن بولىمەن ، - دەپتۇ ھاتەم . caQ1SV^{9 دەرقەم ــ روبىرو ، بىريەردە ، كۆز ئالدىدا : دەرقەم تۇرماق . دەرقەم قىلماق . Qf=^CQ=lV بەجا ــ كۆپىنچە «كەلتۈرمەك ،ئەيلىمەك» قاتارلىق پېئىللار بىلەن كېلىپ «جايىدا ئورۇنلىماق ، ئىجرا قىلماق ، ئەمەلگە ئاشۇرماق ، ئادا قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : مەشۇر بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا بەجا كەلتۈردى . ?C2(q6X+s كېڭەش ــ ① بىرەر ئىش ھەققىدىكى پىكىر ، يوليورۇق ، مەسلىھەت : ئۇ : - ئەمدى مەن سىزگە قانداق كېڭەش بېرەلەيمەن ، - دېدى . ② ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ۋە پىكىرلىشىش ئاساسىدىكى مۇزاكىرە ۋە شۇنداق مۇزاكىرە يىغىنى ، يىغىلىش : كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس (ماقال) . * كېڭەشتە ئولتۇرغانلار بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرمىگەچكە ، دەرھال بىرنېمە دېيەلمىدى . ③ جەمئىيەت ، سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىش ، كېڭىشىش يىغىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى : جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى . * مەن كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن. &s`)_P[ ئىلتىپات ــ كىشىلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىلىنغان ياخشى مۇئامىلە ؛ غەمخورلۇق ، مېھرىبانلىق ؛ نەزەر-ئېتىبار : ئىلتىپات قىلماق . ئىلتىپاتقا مۇيەسسەر بولماق . * ئۇ يىگىتكە بۆلەكتىن ئىلتىپات بىلەن تىكىلىپ ، مۇلايىملىق بىلەن قارىدى . u*
pQVU چېرىك ــ ئەسكەر ، لەشكەر : چېرىك ئالماق . چېرىك تۇتماق . { }/ ۋەج ــ ① سەۋەب ، مۇددىئا ، مەقسەت ؛ باھانە : ۋەج كۆرسەتمەك . ② مال- مۈلۈك ، دەپىنە - دۇنيا : ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال) . ;&j'`t
P بويۇنتاۋلىق ــ ئىتائەت قىلماسلىق ، بويسۇنماسلىق ؛ قارشىلىق قىلىش : بويۇنتاۋلىق قىلماق . EcHZmf پىدا ــ ① بىرەر شەخس ، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ؛ قۇربان بېرىش : «ئانا يۇرتۇم بولسا ئامان ، رەڭگىرويىم بولماس سامان» ، قەلبىم سۆزى شۇكى مېنىڭ : ۋەتەن ئۈچۈن پىدا بۇ جان! ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . \2/X$x خامان ــ ① زىرائەتنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان ، جاي : سابىر ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش دۈيىنىڭ خامىنىدىن كەچ قايتتى . ② شۇنداق جايغا قۇرۇتۇش ، تېپىش ، تازىلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات : خامان سورۇماق . خامان تەپمەك . ③ تېپىپ ، يانچىپ پاكىزلەنگەن تەييار چەش ؛ ئاشلىق : خامان ئالماق . ئېكىندە يوق ، تېپىنىدە يوق ، خاماندا تەييار (ماقال) . la{?&75] بۇزاقى ــ ① بۇزۇلۇپ ئىشلىمەيدىغان ھالغا كەلگەن ، ئىشتىن چىققان : بۇزۇق تراكتور . ② ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار ، ئەخلاقسىز : بۇزۇق ئايال . ③ نىيىتى يامان ؛ نىيىتىنى ، پەيلىنى بۇزغان ؛ يامان نىيەتكە كەلگەن : بىز بۇزۇق ئادەملەرنى قەتئىي جازالايمىز . Nt8"6k_ ساندىخوزا ــ شىنجاڭدىكى يەر جاي نامى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ . ODu/B'*
ئېغۋا ــ ئارىنى بۇزۇش ، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان يالغان گەپ-سۆز ، ئويدۇرما ، بوھتان ۋە شۇ قاتارلىقلار : ئىغۋا تارقاتماق . ئىغۋا توقىماق . * بۇ ئادالەتسىز ئىش ، پەسكەشلىك بىلەن ئويدۇرۇلغان ئىغۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى . 'n7|fjX?Y سوپىيو ــ شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت تارقاتقان پۇل . L?u{v X ئەپيۇن ــ ئەپيۈنگۈلنىڭ تولۇق پىشمىغان ياكى پىشىش ئالدىدا تۇرغان غوزىسىنىڭ شىرنىسىدىن تەييارلىنىدىغان ، قاتتىق مەست قىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك . TSFrv8L قوۋۇز ــ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى يان تەرىپى ، يەنى ئىككى يان دىۋارى : قوۋۇز تاۋۇشى . قوۋۇز خالتىسى . A&1EOQ=N چۈشىمەك ــ ① ئۇخلىغاندا ھەر خىل ئوبرازلارنى ، نەرسىلەرنى كۆرمەك ، چۈش كۆرمەك : توخۇ داڭگال چۈشەر ، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر(ماقال) . ② ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئويلارنى ئويلىماق ، خام خىيال قىلماق : - نېمە ، چۈشەۋاتامسەن ، بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ، - دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ . ③ باغلىماق ، چاتماق ، كىشەنلىمەك : ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشىمەك . ④ ئالغا بېسىش يولىنى توسماق ، قامال قىلماق : دۆلىتىمىزنىڭ كونا جەمئىيىتىدە ، فېئوداللىق ئەخلاق خەلق ئاممىسىنى مەھكەم چۈشەپ قويغانىدى . ]Yt3@ug_f گوجەي ــ پۇتىنىڭ تىزىدىن ئوشۇقىغىچە بولغان قىسمىغا ئورىلىدىغان ئېنى تار ، ئۇزۇن پايتىما . V
T>-* شۇمپەن ــ ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ، قاتىل : ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ، شۇمپەندەك قورقۇنچلۇق ھالەتتە ئولتۇراتتى . h(q4
B
~ قازانچى غولى ــ غۇلجىدىكى مەلۇم جاينىڭ نامى . ;woK96"{t پوتا ــ بەلگە باغلىنىدىغان رەخت ؛ بەلۋاغ : پوتا باغلىماق . * يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق ، بېلىدە پوتىسى يوق (ماقال) . \t{4pobo بىڭسى ــ كۈچ - قۇۋۋەت ، ئىقتىدار ، قابىلىيەت ، كارامەت ، ماھارەت ، گۇمپا : بىڭسىسى بار كىشى . 7y& |