查看完整版本: [-- مۇنبەر ئەھلىگە تەكلىپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> مۇنبەر ئەھلىگە تەكلىپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2013-11-24 14:11

مۇنبەر ئەھلىگە تەكلىپ

مۇنبەر ئەھلىگە تەكلىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «تەۋفېق مائارىپ » مۇنازىرە  مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار، مۇنبىرىمىزنى سىرتتىن كۆرۈپ ھوزۇر ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەر، مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاساسىدا قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ مۇشۇ باسقۇچقا كەلدى، «تەۋفېق مائارىپ » ئىشخانىسى ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچىلار ئورتاق پىكىرلىشىپ تېما   يوللاشتا تۆۋەندىكى ئىشلارنى بېكىتىپ چىقتۇق.
1. تېما يوللاش
       1) مۇنبىرىمىزنىڭ كۈچلۈك  بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى يۇقۇرى بولغان پىشقەدەم بەدەلكار مائارىپ خىزمەتچىللىرى بىز بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ھەسسىسىنى قوشتى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىپ، بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان  بولسىمۇ شۇنداقتىمۇ بەزى ئەسەرلەرنى مۇنبەردىن ئۆزلىرىگە ماس كەلگەن سەھپىگە تاللاپ ئېلان قىلماي  مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى ۋە كەڭ مۇنبەر ئۇقۇرمەنلىرى  ئۈچۈن بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
2) مۇنبىرىمىزنى يېقىندىن قوللىغان تېما يوللاشتىكى چولپان ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى  ياخشى  بۇلۇۋاتىدۇ. لېكىن بەزى ئەزالار بىر كۈندە يوللىغان بارلىق تېمىلىرىنى(نەزمى ئەسەرلەر) ئىمكان بار بىر تېما ئاستىغا يولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.بىر ئەزا بىر كۈندە ئەڭ كۆپ  بولغاندا ئۈچ پارچە ئوخشاش ژانىردىكى تېمىنى ئايرىم-ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسا  بۇلۇدۇ، بىراق بىر كۈندىكى يوللانغان  ئوخشاش ژانىردىكى ئەسەرلەر ئۈچ پارچىدىن ئېشىپ كەتسە چۇقۇم ئىخچاملاپ بىر تېما ئاستىغىلا يوللاشنى ئۈمىد قىلىمىز.
3)ئاپتورلار مۇنبەرگە ئەسەر يوللىغاندا ئەسەرنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن سىرت مەنبەسىنى ئېنىق  كونكىرتنى يىزىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
4)تېما پەخەللىكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئەزالارنىڭ  كىچىككىنە تەلەپ-تەكلىپى  بولسا مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىغا ئېيىتىشى، مۇڭداشقۇ توپتا ئوتتۇرغا قۇيۇشى  ياكى مەلۇم باشقۇرغۇچىنىڭ يوللىغان تېمىسىغا  ئىنكاس  سۈپىتىدە  قالدۇرۇپ  قۇيۇشى ھەرگىزمۇ  بىر  ياكى ئىككى قۇرلا  خەتنى تېما  قىلىپ  تېما يوللاش  ۋەزىپىسى  باردەك پۈچەك  تېمىلارنى يوللىماسلىقىنى   ئۈمىد قىلىمىز.
5) مۇنبەردىكى سەھىپىلەر مۇنبىرىمىزدە قۇرۇلغاندىن بېرى ئەسلى بار بولغان سەھىپىلەرگە تېمىلار يوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ سەھىپىلەر ئىچىدە بەزى سەھىپىلەر ئاساسىي جەھەتتىن بوش قالدى ياكى يوللانغان تېما سانى  ئاز  بۇلۇۋاتىدۇ. يەنە بەزى تېمىلارنى بولسا يوللايدىغان ماس سەھىپە يوق بولۇشتەك كەملىكمۇ مەۋجۇت. شۇنىڭغا ئاساسەن قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئورنىغا قانداق سەھىپىلەرنى قوشۇش كېرەكلىكىنىمۇ ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە يېڭىدىن تەسىس قىلىپ قوشۇشقىمۇ تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەگەر بۇ ھەقتىمۇ قىممەتلىك پىكىر تەكىپلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن :

«تەۋفېق مائارىپ » مۇنازىرە   مۇنبەر ئىشخانىسى

«تەۋفېق مائارىپ » مۇنازىرە  مۇنبىرى مۇنبەر گۇرۇپپىسى

2013-يىل 23-نويابىر

natiwan 2013-11-24 15:42
بۇلىدىغان پىكىركەن

ياسىنجان510 2013-11-24 17:19
تېما يوللاشنىڭ قائىدە-تەرتىبىنى ئەمدى چۈشەندىم، بۇ بەلگىلىمىنى بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام جازالانماسكەنمەن.بۇ مۇنبەر كەڭ ئانا تىل دەرىسى ۋە ئەدەبىيات پېنى ئوقۇتىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆچۈن ياخشى يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىماقتا،نۆۋەتتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش ئەمەس،بىزدەك مەركىزى شەھەرلەردىن يىراقراق رايونلاردا تۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆچۈن ياخشى يېتەكچى،مەسلىھەتداش دەپ قارايمىز.سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلارنى قەدىرلەيمىز،سىلەر بىزنىڭ تىرىكىمىز،شۇڭاسەۋەنلىكلەرگەتۈزىتىش بېرىشڭلارنى سەمىمى قللايمەن.

attila 2013-11-24 23:45
مېنىڭمۇ  پىكىرىم بار: 1. مۇنبەر ھەرگىزمۇ بىر قىسىملار جاپا تارتسا بىر قىسىملار تەييار نەپ ئالىدىغان سورۇن بوپ قالماستىن، بەلكى ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئورتاق بېيىتساق.
2. مۇنبەرنىڭ رەڭدارلىقىغا كۆڭۈل بۆلسەك. كۆپىنچىمىز تەييار دەرس دېتالى ۋە دەرس تەييارلىقىغا دۈم چۈشمەي ئۆزىمىزنى ئەتىراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن دەرسكە مۇناسىۋىتى بىۋاستە بولمىسىمۇ ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇردىغان ۋە تەپەككۈرىمىزنى جانلاندۇرىدىغان. بىلىش دائىرىمىزنى كېڭەيتىدىغان تېمىلارنى كۆرۈش ۋە ئىنكاس يېزىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويساق.

nadiraay 2013-11-25 09:52
مەنمۇ قوللايمەن.

لىللا 2013-11-25 11:44
ياخشى پىكىركەن.مەنمۇ قوللايمەن.

azat 2013-11-25 22:44
ياخشى پىكىركەن.مەنمۇ قوللايمەن.

مەرىپەت0999 2013-12-02 12:36
تكتتاش،دىگەنلىرىڭىز بەرھەق.قوللايمىز ،‹تەۋپىق›مۇنبىرى بىزنىڭ ئورتاق جەمگاھىمىز!!!!

tawpek 2013-12-03 21:32
كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقىنىغا تەشەككۇر،  


ئەگەر بىر تېمىڭىز ئۆچۆرۆلسە10 تېما يوللىغاننىڭ جۇغلانمىسى تۇتۇپ قىلىنىدۇ،

شۇڭا تېما يوللاشتىن بۇرۇن ئەستائىدىل بولوپ تەكرار يوللىنىپ قىلىشنىڭ، يوللانغان تېمىنىڭ تېمىغا ئوخشىماي قىلىشىدىن ساقلىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاتتىلا ئاكىمىز ئىيىتقاندەك بۇ مەخسۇس دەرىس پايدىلانمىللىرى چۈشىرىدىغان بەتلا بوپ قالماي يەنە ئەركىن مۇنازىرە سورىنى شۇندا بولغانكەن ئۆز قاراشلىرىمىزدىمۇ ئورتاقلىشىپ مۇنبەردىكى ئاتتىلا، دانىش ، تىلداش......قاتارلىق قەلەم ساھىپلىرىنىڭ ئىلغار قاراشلىرى بىلەن تەپەككۇىمىزنى بىيىتىۋىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

رەيھان 2014-04-28 17:16
ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر بار ئىكەنغۇ


查看完整版本: [-- مۇنبەر ئەھلىگە تەكلىپ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled