查看完整版本: [-- تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2013-11-22 14:08

تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى

تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى OKj\>3  
u=#_8e(9Z  
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن بەش تۈرگە بۆلۈش خېلى ئومۇملاشقان چۈشەنچە.يەنى، تۈپ سۆز، ياسالما سۆز، بىرىككەن سۆز، جۈپ سۆز، قىسقارتىلما سۆز قاتارلىقلار. uw`J5TND  
ئىلگىرى بەزى كىتابلاردا سۆزلەرنى تۈزۈلۈشى جەھەتتىن  ئالدى بىلەن ‹‹تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز›› دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈپ، ئاندىن ‹‹سۆزلەرنىڭ ياسىلىش يوللىرى››دېگەن مەزمۇن ئاستىدا ‹‹ياسالما سۆزلەر_ تۈپ سۆزگە ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسىلىشى؛ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ(باش مورفېمىنىڭ) بىرىكىشىدىن ياسىلىشى؛ ئىككى سۆزنىڭ ياكى مۇستەقىل تەركىبنىڭ جۈپلىشىشىدىن ياسىلىشى؛ سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ باش ھەربلىرىنى ياكى باش تەركىبلىرىنى قىسقارتىپ ئېلىش ئارقىلىق ياسىلىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ دەيدىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىدى. دېمەك، بۇ خىل بۆلۈش بىرقەدەر ئىلمىي بولسا كېرەك. 4]%MrSjS  
ئەمدى سۆزلەرنىڭ(مۇتەقىل سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ)‹‹ تۈرلىنىش-تۈرلەنمەسلىك››ئوقۇمىغا كەلسەك، تۈرلىنىشچان سۆزلەرگە نىسبەتەن ‹‹تۈرلەنمەسلىك›› مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.يەنى تۈرلىنىشچان سۆزلەرگە نىسبەتەن تۈرلىگۈچى قوشۇمچە قوشۇلمىغان ھالىتىنى‹‹نول تۈرلىنىش›› دەپ قارايمىز. دېمەك، نول تۈرلىنىشكە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنداكتىمۇ، ئىمتىھان تەكرار ماتىريالىدا ئۇچرايدىغان ‹‹ تۈرلىنىش-تۈرلەنمەسلىك›› ئۇقۇمى_‹‹تۈرلىگۈچى  قوشۇمچىلىرىنىڭ بار-يوقلىقى››، يەنى ئاشكارە قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغان. شۇڭا، تىل ئوقۇتۇشتا ئۇچرايدىغان ‹‹ تۈرلىنىش-تۈرلەنمەسلىك››نى مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە(تۈزۈلۈش ئۆلچىمى) ئايرىم تۈر قىلىپ قاراشقا بولىدۇ. G?:5L0g  
قىسقىسى،تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى ‹‹قۇرۇلما_تۈزۈلۈش جەھەتتىن تۈرگە بۆلۈش››تە ئىككى چوڭ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىش، ئاندىن تارماق ئۆلچەملەر بويىچە بۆلۈش ئېلىپ بېرىلسا، نۆۋەتتىكى تۈرگە بۆلۈش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگەن بولىدۇ دەپ قارايمىز. يەنى تىلىمىزدىكى سۆزلەر قۇرۇلما_تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئالدى بىلەن ‹‹تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز››، تۈرلىنىش_تۈرلەنمەسلىك(تۈرلىنىشكە ئىگە سۆزلەرنىڭ تۈرلىگۈچىسىنىڭ قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقىغا ئاساسەن)جەھەتتىن‹‹ تۈرلىنىشلىك سۆز ۋە تۈرلىنىشسىز سۆز›› دېگەن تۈرلەرگە، _sCzee&uQ  
ئاندىن ‹‹ياسالما سۆزلەرنى_1.ياسىغۇچى قوشۇمچە بىلەن ياسالغان سۆز_ياسىغۇچىلىق سۆز؛ 2.بىرىكىش ئارقىلىق ياسالغان سۆز_بىرىككەن سۆز؛ 3.جۈپلىشىش ئارقىلىق ياسالغان سۆز_جۈپ سۆز؛4  قسقارتىلما سۆز››دېگەن تۆت تۈرگە بۆلسەك ، ‹‹تۈرلەنمە سۆزلەرنى_ 1.پېئىل تۈرلىگۈچىلىرىدە تۈرلەنگەن سۆزلەر؛ 2.ئىسىم تۈرلىگۈچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەر؛ >[P`$XkXd4  
3.سۈپەت تۈرلىگۈچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەر››دېگەن تارماق تۈرلەرگە بۆلسەك تۈرلەرنىڭ ئۆتۈشۈپ_ئارلىشىپ كېتىشىدىن  ساقلانغىلى بولىدۇ. I5rAL\y-G  
   تىلىمىزدىكى بارلىق سۆز ۋە بەلگىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ‹‹سۆزنام›› شەكلىدە كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىم تۈرلىگۈچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلەلەيدۇ. i | *r/  
ئىسىم پېئىل، سۈپەتلەرنىڭ تۈرلىگۈچىلىرىنى تۈپ سۆزلەرگە كېگۈزۈش-كېرگۈزمەسلىك توغرىسىدا ئالاھىدە توختالمىلار بولمىسىمۇ، ‹‹تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىق شەكىللىرى››نى يەنىلا تۈپ سۆز دەپ قاريمىز D}nRH@<`  
A$::|2~  
q]P$NeEiZ"  

nadiraay 2013-11-22 15:20
رەھمەت.  پايدىلىنىش ئۈچۈن  ساقلىۋالدىم.

鱼姑娘 2013-11-22 15:30
   ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز ،رەخمەت سىزگە.سۆزلەرنىڭ تۈزىلىشىدىكى ئۇقۇم ئېنىق يېزىلىپتۇ. ~s) `y2Y  

تۆتتاش 2013-11-22 15:35
ھەقىقەتەن پايدىلنىش قىممىتى باركەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

تىلداش 2013-11-22 16:42
يولانمىنىڭ داۋامى: G^qt@,n$;  
يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئىسىم پېئىل، سۈپەتلەرنىڭ تۈرلىگۈچىلىرىنى تۈپ سۆزلەرگە كېگۈزۈش-كېرگۈزمەسلىك توغرىسىدا ئالاھىدە توختالمىلار بولمىسىمۇ، ‹تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىق شەكىللىرى›نى يەنىلا تۈپ سۆز دەپ قاريمىز .›› دىكى ‹‹تۈپ سۆزگە تەۋەلىرى››_ تۈرلەنگەن تۈپ سۈزلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. GfL: 0  
بىراق، توپتا كەسىپداشلار ئېيتقاندەك، يۇقۇردىكى ‹‹بۆلۈش ئۇسۇلى››نى ئىمتىھان سۇئاللىرىغا تەدبىقلەشكە بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت. يەنى تەتقىقات تىلسىنى(گرامماتىكىسى)غا تەۋە نۇقتىلارنى ئوقۇتۇش تىلسىنىغا(گرامماتىكىسىغا) تەدبىقلەشكە بولىدىغان -بولمايدىغانلىقىنى تەكرار سۇئاللىرىغا يېتەكچى بولۇۋاتقان ‹‹تىل نەزىريىسى››نى ئىمتىھان سۇئاللىنىڭ جاۋابىغا ئۆلچەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.(يېڭى پىكىرلەر پەيدا بولسا داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.)

otkal 2013-11-22 18:37
تەتقىقات خارەكتىرلىك نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى مۇئەييەنلەشتۇرىۋەتمەيلى . بۇنى ھەم دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشتىن ساقلىنايلى . بولمىسا بالىلار قالايمىقان بولۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ .

ياسىنجان510 2013-11-28 23:02
يوللىغان ماتىريالىڭىزنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.

xatgvl 2013-12-02 11:53
بىللە ئۆگىنەيلى!تەتقىق قىلايلى!قائىدىلەرنى سېستىمىلاشتۇرۇشقا تىرىشايلى!سىزگە رەھمەت

tawpek 2013-12-02 15:34
بۇ قائىدە -قانۇنىيەتلىرىڭىز مەنتىقىغە ئۇيغۇن بولسىمۇ لىكىن ئىلگىركىگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. A#8J6xcSrL  
>.&E-1[ +:  
ئەلۋەتتە ئاددىينى ئەمەس توغرىنى ئۈگىنىش بۇ بەرھەق، لىكىن مۇھىمى بىز توغرىدىن قارىغاندا ئىمتاھاندا ئالىدىغان نوموغا بەكرەك ئىھتىياجلىق بولغاچقا بۇلارنى دەرىسخانىغا ئەكىرىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئوموملاشتۇرۇپ ھەممە بىر قاراشقا كەلگەندىن كىيىن ئاندىن ئوموملاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدىغۇ دەيمە. %Z+F X,AK  
`CY c>n"  
تىل تەتقىقاتىغا بىغىشلانغان ئاتەش قەلبىڭىز كەسىپداشلارنى سۆيۆندۈردى.   a [@Y >  
ئەجىر مىھنەتلىرىڭىزنى خالىس سۇنىۋاتقىنىڭىزغا ئاپىرىن.

يۈسۈپجان001 2013-12-02 22:47
رەھمەت.  پايدىلىنىش ئۈچۈن  ساقلىۋالدىم

تىلداش 2013-12-06 13:04
ئوقۇتۇش گرامماتىكىسى(تىلسىنى) بىلەن تەتقىقات گرامماتىكىسى(تىلسىنى)نى ئارلاشتۇرۋالمايلى. بەزى كەسىپداشلار يۇقىرقى يوللانمىنى ئوقۇتۇش دائىرىسىدىن كۆرسىتىلگەن دەپ قالغان ئوخشايدۇ. ئەگەر مەزكۇر مۇنبەرگە تەتقىقات دائىرىسىدىكى مەزمۇنلارنى يولاشقا بولمىسا، مۇنبەر ئۇختۇرۇشى قىلىپ قويساڭلار، توغرا چۈشىنىمىز... s9SUj^  
زۆرۈر بولسا، بىر كۇنۇپكا بىلەن چېكىندۈرۋەتسەممۇ بولىدۇ... o1thGttVDg  
بەلكىم بەزىلەر ‹‹ تىلسىن›› دېگەن ‹‹قايسى كىتابتا بار›› دەپ سورىشى مۈمكىن. بۇ سۆزمۇ مېنىڭ يازمامدا ،ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىۋاتقان ‹‹گرامماتىكا›› دېگەن روسچىدىن كىرگەن  سۆزنىڭ ئورنىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى. #Q BW%L  
ئەلۋەتتە بۇ ئاتالغۇنى ھازىرغىچە ھىچكىم ئومۇملاشتۇرمىغان. شۇڭا بۇ يەردىنمۇ ‹‹كىتابلار يوقكەنغۇ...›› دەپ خۇسۇر چىقىپ قالمىسۇن...

ablat0997 2014-01-02 16:49
ئۇزتازلىرىمىز كۆپ ئەجىر قىپتۇ،تەپەككۇرىڭلارغا قانات بەرگەي!

ئىمام 2014-01-13 21:30
ماقالىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ،لېكىن مېنىڭ بىلىشىمچە،تۈپ سۆز دېگىنىمىز - مەلۇم لېكسىكىلىق مەنا ئاڭلاتقان ،مەنىلىك بۆلەككە بۆلۈنمەيدىغان سۆز يىلتىزى - تۈپ سۆز بولىدۇ،ئۇندىن باشقا  بارلىق سۆزلەر ياسالما سۆزبولىدۇ.ياسالما سۆزلەر - تۈرلۈك قوشۇمچىلارنىڭ قوشلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ.م:ئاق-قارا   جۈپ سۆز:ھەسەل+ھەرە (ھەسەلھەرىسى) بىرىككەن سۆز:تۈگ+مە(تۈگمە) ياسالما سۆز  - دىگەنلەردەك.

تىلداش 2014-01-14 10:35
‹‹ئىككى سەككىز_ ئون ئالتە››

مىېھرىما 2014-01-20 21:39
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز ،رەخمەت سىزگە.سۆزلەرنىڭ تۈزىلىشىدىكى ئۇقۇم ئېنىق يېزىلىپتۇ. سىزگە كۆپ رەھمەت.

نۇرسىمانگۇل 2014-01-25 10:37
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-01-25 18:46
‏بۇ خىل بۆلۈش ئۇسۇلى ماڭىمۇ بىر يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى ،  بىلىۋالساق بولغۇدەك ، رەھمەت .

گۈلنىھال 2014-01-25 18:50
‏مۇشۇنداق ماتىرىياللار يوللىنىۋەرسە ،بىزمۇ بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ياسالما سۆزگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدىكەنمىز . رەھمەت .

مىېھرىما 2014-01-26 21:15
دائىم يوللاپ تۇرۇڭ نادىر تىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. IjRUL/\=  

koksangun 2014-01-31 11:44
مېنىڭچە تىلداش دوستىمىزنىڭ قاراشلىرى يېڭى، تىل بىلىملىرىدىكى بۇ نازۇك نۇقتىغا يېڭىچە تەبىر بېرىلگەن. ھەر تۈرلۈك ئىمتىھانلاردا مۇشۇ نۇقتىغا ئائىت سىناش سۇئاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ.تىلداش دوستىمىز بۇ يازمىسىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن بولسا،بىزمۇ شۇ مەنبەلەردىن ئۆگەنسەك،ئوقۇتۇش داۋامىدا بارلىققا كېلىۋاتقان تىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشساق،بىرلىككە كەلگەن قاراشلار بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلساق بەكمۇ ياخشى ئىش بولاتتى. NE-c[|rq  
ئومۇمەن، بۇ يازمىنىڭ ئىلمىلىكى كۈچلۈك، ئەگەر بۇقاراشلار بويىچە سۆزلەرنى تۈرگە ئايرىساق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب چىققان بولاتتى...

گۈلنىھال 2014-02-07 10:19
otkal:تەتقىقات خارەكتىرلىك نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى مۇئەييەنلەشتۇرىۋەتمەيلى . بۇنى ھەم دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشتىن ساقلىنايلى . بولمىسا بالىلار قالا .. (2013-11-22 18:37) 
Bu,VLIba  
‏پىكىرىڭىزنى مەنمۇ قوللايمەن .

بابۇر0725 2014-03-15 23:58
بەكمۇ ياخشى پايدىلىنىۋاتىمەن


查看完整版本: [-- تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled