查看完整版本: [-- بالىلارغا خوشاللىق كېرەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> بالىلارغا خوشاللىق كېرەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

layli 2010-07-30 18:38

بالىلارغا خوشاللىق كېرەك

 بالىلارغا خوشاللىق كېرەك
TK[[6IB  
بالىلار ئويۇنلىرى 3*2~#dh=  
<< بالا بەزلەش >> ئويۇنى ~ZSX84~@u  
8 b~  
<< بالا بەزلەش >> ئويۇنى يېشى ئوخشاش بولمىغان قىز ئوغۇل ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدىغان ،پەسىل ئايرىماي ئوينىلىدىغان ئويۇن .بۇ ئويۇن ئاز بولغاندا ئىككى بالا تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ .چوڭ -كىچىك بالىلار خالىغان مەيدانغا يىغىلىپ ،ئۆز ئىختىيارى بويىچە گۇرۇپپىلاغا بۆلىنىدۇ ، ئەمما گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ياش پەرقى چوڭ بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.ئويۇن جەريانىدا ياشتا چوڭ بالىلار ئاساسلىق ئويۇن كۆرسىتىدۇ .ئۇلار ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋال شۇ ئويۇندا سۆزلىنىدىغان مەزمۇننى ئۆگىنىۋېلىپ ،ئاندىن ئويۇن جەريانىدا ئۆزىدىن كىچىپ بالىلارغا ئۆگىتىدۇ .ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ شۇ مەيداندا تەربىيەلەيدۇ .ئويۇن باشلانغاندا ياشتا كىچىك بالا :<< ئانا، مەنمۇ بارىمەن ،مەن تويغا بارىمەن ،مەنمۇ تويغا بارىمەن ...ھۈ ...ھۈ ...>> دەپ يىغلاپ ، بىر تەرەپكە ( ئۆي ئىچى بولسا ئىشىك تەرەپكە )يۈگىرىدۇ .باشتا چوڭ بالا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ،قولىنى مەھكەم تۇتىۋېلىپ :<< ئوبدان ئۇكام ،ياخشى بالا دېگەن گەپ ئاڭلايدىغان ،چوڭلارغا ئەگەشمەيدىغان ،ئۇلار ھېلىلا قايتىپ كېلىدۇ ...>> دەپ ئۇنى بەزلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ دېققىتىنى چېچىپ ،چوڭلارنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكى قوشاقنى توقۇيدۇ : saP%T~  
Nc{&AV8Y_v  
باش بارماق ، .R"VLE|  
بادام تىرناق . :??W3 ROn  
ئوتتۇرا ئىلىك ، t,JX6ni  
قۇللەللەي بوۋاق . hk:>*B}  
ئېرىشمەك يۆللەللەي بوۋاق . 9t)Hi qj  
?{aJ#w   
باش بارماق تويغا بارىمەن دەيدۇ ، >4Tk#+%Jj  
بادام تىرناق مەنمۇ بارىمەن دەيدۇ . 2XeyNX  
ئوتتۇرا ئىلىك ئۇستىخان كۆتۈرۈپ بارىمەن دەيدۇ ، a`%`9GD  
قۇللەللەي بوۋاق چاي كۆتۈرۈپ بارىمەن دەيدۇ . 0{z8pNrc  
ئېرىشمەك قۇللەللەي ئۆيدە قېلىپ vbeE}7 *2  
كۆۈندۈككە چۈشىمەن دەيدۇ . oj Y.6w  
بۇ قوشاقلارنىڭ باش -ئاخىرىنى چۈشەنمىگەن كىچىك بالا ئانىسىنىڭ خەقىشىنى تېخىمۇ قىلىپ ،ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالىدۇ ، يەردە ئۆمىلەپ كىيىمىلەرنى پاسكىنا قىلىشقا باشلايدۇ .بۇنداق چاغدا چوڭراق بالا يىغلاۋاتقان بالىنى تەنقىدلەش ،خىجىل قىلىش مەخسىتىدە يەنە قوشاق توقۇيدۇ : dt "/4wCO  
F sWp>}o  
بالام -بالام كۆتى پوق ، JFX}))7  
ئېرتاي دېسەم لاتا يوق . W@r<4?O at  
لاتا دېگەن ئۆگزىدە ، VED~v#.c  
چىقاي دېسەم شوتا يوق . +u g2p; 
شوتا دېگەن دەرەختە ، `u_MdB} 
كېسەي دېسەم پالتا يوق . q%q+2P>  
پالتا دېگەن بازاردا ، g.!k>_g`  
ئالاي دېسەم پۇلۇم يوق . gV9bt ~  
پۇلۇم دېگەن ساندۇقتا ، ;AVIt!(L~V  
ئاچاي دېسەم ئاچقۇچ يوق . x\ # K2  
ئاچقۇچ دېگەن ئاكامدا ، T YR \K  
ئەكېلەي دېسەم چارە يوق . %zY5'$v `  
' e!WZvr  
قوشاق توقۇلۇپ بولغىچە ھېلىقى كىچىك بالا يىغىسىنى توختىتىپ ، ئاتا -ئانىسىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ ياكى باشقا ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولىدۇ .ئاندىن چوڭ ياشتىكى بالىلار كىچىكلەرنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ .لېكىن ، ئۆزىدىن كىچىكلەرنىڭ قىلىقىغا دېققەت قىلىپ ،ئورۇنسىز ھەرىكەلەرگە چەك قويىدۇ ،ئامان -ئېسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ . pQc-}o"  
]LxE#R5V  
<< بارات كەلدى >> ئويۇنى H0])>1sWB  
0k5uqGLXe  
بۇ ئويۇننىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا پەيدا بولۇش تارىخىي خېلىلا ئۇزاق ھەم بىر قەدەر مۇرەككەپ . بۇ ئويۇننىڭ نامىدىكى << بارات >> سۆزى ھىجىريە يىل ھېسابىدا 8- ئاينىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇغۇر ھىجىرىيە 8- ئاينىڭ يەنى بارات ئېيىنىڭ 14-كۈنى كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش ئادىتى زامان -زامانلاردىن بېرى مۇراسىم شەكلىدە داۋاملىشىپ كەلگەن . }!Pty25j  
بارات كېچىسى چوڭلار تائەت- ئىبادەت بىلەن تۈنەپ چىقسا ،ياشلار يىغىش قىلىپ بىرەر مال سويۇپ بىر سورۇنغا جەم بولۇپ ،نەغمە ناۋا قىلىپ ،ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇش قىلىدىغان بولغان . ئۆسمۈرلەر كونا ياغلىق قاپاقتىن بىرنى خادىغا بېكىتىپ ،ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ ،مەھەللە ئارىلاپ ،ھەر بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە : B6Ajcfy  
a-F I`Dv  
بارات كەلدى بۈگۈن كېچە ، zv;xxAX  
ئۇخلىماڭلار تاڭ ئاتقۇچە . oqbz!dM(Z  
بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ ؟ %-K5sIz  
قازانغا ياغ قۇيدۇڭلارمۇ ؟ ;&}z L.!jo  
پوشكال -قۇيماق سالدىڭلارمۇ ؟ kkb+qo  
بىزگە ئاتاپ قويدۇڭلارمۇ ؟ r1vS~ 4Z  
|7A}LA  
بارات ئامەت ،ھايات ئامەت ، 5|pF*8*  
ئەجەپ ياغدى بۈگۈن رەھمەت . (^g XO  
بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ ؟ W+"^!p|  
يامان ئىشنى قويدۇڭلارمۇ ؟ 'yA/sZ  
باراتۇللا ، ھەبىبۇللا ، vp!F6ZwO  
مۇھەممەدۇن روسۇلىللا . |%F4`gz8KP  
SVn@q|N  
بارات كەلدى ئۇيۇماڭلار (1)، HOPy& Fp  
باشنى ياستۇققا قويمايلار . GU@#\3  
قەلەم چالۇر بېرىڭ قالماي ، fvi0gE@bd  
باراتۇللا ،ھەبىبۇللا ، 4`:POu&  
مۇھەممەدۇن روسۇلىللا . w4TQ4 Y  
u SQ#Y^V_  
بارات كەلدى ئاجايىپ تۈن ، &}2@pu[S?7  
قەدىر بولدى شۇبۇ تۈندە . Y \B6c^E)  
ئۇخلىماي ئولتۇرۇڭ ئەمدى ، {GnZ@Q:F  
شۇبۇ سوۋمەن (2) ئۇزاق تۈندە . vWeY[>oGur  
باراتۇللا ،ھەبىبۇللا ، zi xG}'  
مۇھەممەدۇن روسۇلىللا . +>!n qp  
 @,k5T51m  
بارات قوشاقلىرىنى ئېيتىپ قاپاقلىرى كۆيۈپ تۈگىگەندە بىريەرگە جەم بولۇپ ،ھەرقايسى ئۆيلەردىن سوۋغات قىلىنغان پوشكال -قۇيماق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى يىگەچ ،ھېكايە تېپىشماق ئىيتىشىپ يېرىم كېچىگىچە ئوينايدۇ . 5BXku=M  
!Pnjr T  
------------------------------------------- +D]raU  
(1)ئۇيۇماڭلار - قېتىپ قېلىش ،ئۇخلاپ قېلىش . Bz-jy.  
(2)سوۋمەن - قىرائەت ،دۇئا- تىلاۋەت قىلىدىغان ئۆي . XJ3sqcS  
LAf#Rco4  
<< ھاشىم ياتىلاق ،قاسىم تاپىلاق >> ئويۇنى ms fE;  
بۇ ئويۇن تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئويناشقا ماس بولۇپ ،بالىلار (قىز -ئوغۇللار ئايرىم -ئايرىم ياكى ئارىلاش ھالدا )نىڭ ئوينىشىغا باب كېلىدۇ .ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلارنىڭ سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ ،ئادەتتە ئىككىدىن كۆپ بولسا بولىۋېرىدۇ . ~:T@SrVI  
ئويۇن باشلاشتىن بورۇن شۇ ئويۇن باشلامچىسى بېكىتىلىدۇ .ئاندىن ئويۇن باشلامچىسى باشقىلارنى جىم ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلغاندىن كېيىن ،<<ھاشىم ياتىلاق ،قاسىم تاپىلاق >> ئويۇننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ ، بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئويۇننىڭ <<مۇكاپات >> ۋە <<جازا >>سىنى بېكىتىپ چۈشەندۈرىدۇ .بالىلار بۇ ھەقتە بەلگىلىك ساۋاتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ،باشلامچى : %ZWt 45A  
<< يۇقىرىسى قاسىمكان ئۆيى ،ئايىغى تاھىركام ئۆيى ،بىر ئوغۇل ،ئىككى قىز كىمنىڭ ئۆيىدە بار ؟ئانىسى بار ،بالىسى يوق ،بالىسى بار ئانىسى يوق ؛دادىسى بەڭگە ،ئانىسى سەت يەڭگە كىمنىڭ ئۆيىدە بار ؟....>>دېگەن سوئاللارنى قويىدۇ . !.mR]El{K  
باشلامچىنىڭ جاۋابىغا كىم بورۇن جاۋاپ بېرەلىسە ،ئويۇننىڭ داۋامىغا شۇ بالا باشلامچى بولىدۇ . MAFdJ +n#  
ئويۇن مانا شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ،ئاخىرىدا بىر نەچچە قېتىملىق سۇئالغا بىرەر قېتىممۇ جاۋاپ بېرەلمىگەن ياكى ئويۇن داۋامىدا زادىلا باشلامچى بولالمىغان بالىغا << جازا>> بېرىشكە باشلايدۇ . ]&Y^  
بالىلار بىردەك ئاۋازدا : TMPk)N1Ka  
I)FFh%m<}a  
ئاق باش كالا تۇغۇپتۇ ، b}0h ()v  
ئوبداق كالىكەن . ;Hk3y+&]a  
تېپىشماقنى تاپالمىغان ، 04|ZwX$>+  
تېخى بالىكەن . PZ8,E{V  
;NRh0)%|o  
تۇرقىغۇ بىر ئوبدان ، [ZSC]w^  
ئەقلى چالىكەن ؛ 0x-g0]  
ئوبدان قاراپ بېقىڭلار ، [//i "Nm  
بېشى چالىكەن . \Yr*x7!  
lF}@@e)N  
ئاق باش ،ئالا باش ، ^w1+b;)  
ئانىسىمۇ قاقۋاش ، ! s =$UC  
دادىسىمۇ قاقۋاش ، %BkE %ZcZ  
ئۆزى كىچىك ساق باش . lUEbxN  
a pa&'%7  
دېگەن يەرگە كەلگەندە توختاپ ،<<جازا >> غا تارتىلغان بالىنىڭ قولىقىنى يەڭگخل سوزۇپ قويىدۇ -دە ،يەنە : $oQOOa@;i)  
Bzwll  
ھاشىمكامنىڭ بېغىدا ، m6e(Xk,)  
يوغان سېدە بار . .2JZ7  
سېدىلىكنىڭ يېنىدا ، Y0,{fw<  
كۆپكۆك بېدە بار . ,Lp"Ia  
C<^i`[&P$  
دەيدۇ .شۇ ئارىدا باشلامچى بالا : ^;PjO|mD Z  
- ھە ،قېنى يەنە باشلاندى ، - دەيدۇ . بالىلار تەڭلا ئېيتىدۇ : fW2NYQP$:  
C:Rs~@tl  
چوڭ قىزىنىڭ قۇلىقىدا زىرە بار ، J l\xE`-7  
كەنجىسىنىڭ سول مەڭزىدە زېدە بار . 1w7tRw  
8`+=~S  
باشلامچى : &qXobJRM  
- كىم تاپىدۇ ؟ - دەپ سورايدۇ . ?Sh]kJ O  
بۇ خىل تېپىشماقنى تاپالمىغان بالا يەنە شۇ تەرىقىدە نىشانى بولىدۇ - دە ، بالىلار : 6NV592  
Z]b;%:>=  
ئاق باش ،ئالا باش ، ,HDhP  
ئانىسىمۇ قاقۋاش ، `"CA$Se8  
دادىسىمۇ قاقۋاش ، ZskX! {  
ئۆزى يۇغان قاپاق باش . Nut&g"u2  
D1y`J&A>Q  
دەپ تەكرارلاپ ،<<جازا >> ئىجرا قىلىشقاندىن كېيىن ،ئويۇن يەنە شۇ تەرىزدە داۋاملىشىدۇ . M4)U [v  
[(*Eg!?W=  
<< ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى >> دىن ئېلىندى .

tawpek 2010-07-31 13:31
بىرىنجىسىدىن باشقىنى ئويناپ باقماپتىكەنمەن مەن. &X:;B'   
بولسا باللىرىمىزغا مۇشۇنداق مىللى ئەنئەنىگگ ئىگە ئويونلارنى ئۈگىتىشىمىز ، ئويون ئارقىلىق زىھنىنى ئىچىشتا ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 11:07
بالامغا راسا ئەسقاتىدىغان تىما ئىكەن رەخمەت جاپا چىكىپسىز.     

مىېھرىما 2014-03-12 13:05
بالام چوڭ بوپ قالدى ئەپسۇس . ياخشى ئويۇنكەن بولمىسا .

زۇبەيدە 2014-03-14 11:39
بالامغا راسا ئەسقاتىدىغان تىما ئىكەن رەخمەت جاپا چىكىپسىز

ئەلدىيار 2014-03-14 23:50
بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپكەن،ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىرىمۇ كۆپ ئىكەن،ئىمكان بولسا تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز.رەھمەت!

ياسىنجان510 2014-03-15 19:07
بالىلار قوشاقلىرى ياخشى بېرىلىپتۇ  مەن ھەممىسىنى يېزىۋالدىم.

قارار1 2014-07-19 17:19
ھەقىقەتەن شۇنداق

ئەكبەرنىياز 2014-08-17 15:00
راستلا ياخشى ئويۇنلاركەن . كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- بالىلارغا خوشاللىق كېرەك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled