باھادىر |
2013-11-21 16:45 |
يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەلەر
«جوۋنەن»نىڭ يۇمشاق مۇھىتىغا يەنە بىر چامدام ... s!eB8lkcT ئامىرىكا ھاۋاي ئونۋىرسىتىداجەمىيەتشۇناسلىق كەسپى بۇيىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان،مېللىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جەمىيەتشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان،زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئىسىملىك ئىلىم ئوغلى «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»ناملىق كىتابىدا دۇنيادىكى ئالغا كەتكەن مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ،بىز ئۇيغۇرلاردا، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىلىرىدانەزىرىيە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك بىرخىل ئەجەللىك ئاجىزلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرغا قۇيغان.دىمىسىمۇ بىزدە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر ئاجىزلىق مەۋجۇت،پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانونىيەتلىك نەزىريىۋى بىلىملەرنى ئۆگۈنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيمىز،سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ قالساق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئارسىدىمۇ قىممەتكە ئىگە نەزىريىۋى بىلىملەردىن،بىر لاۋزا خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئىككى تۆت تال سېرىق يۇمۇرىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيىدىغانلار يوق ئەمەس. ئەمىليەتتە نەزىريىۋى سېستىمىسى يوق ئىلىمنى ئىلىم ھىساپلىغىلى بولمايدۇ. pj/w9j G6 جۇۋنەن ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بىزنى تەقسىم قىلغان يىللىقلار گۇرۇپىسى مەسئوللىرى بىزگە دەرسلىك پىلان دەپتىرى،دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى... دېگەندەك ماتىرياللارنى تارقىتىپ بەردى،ئوقۇتقۇچىلار دەرس پىلان خاتىرىسىگە كىرىشتۈرۋېتىلگەن،يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك نەزىريىۋى بىلىملەرنى كۆرۈپ ئۆزگۈچىلىك ھىس قىلدىم.ئوقۇپ باقسام يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى شارائىتىدا دەرس ئۈتۈۋاتقان بىزلەرگە نىسپەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.شۇڭا يۇرتىمىزنىڭ مائارپ تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ قاراپ بۇ نەزىريىۋى بىلىملەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ تەرجىمە قىلىپ قېرىداشلىرىمغا يوللۇدۇم. rQM$lJ[x بىرىنچى تېما %K7wScz7 ئوقۇتقۇچىلار يېڭى دەرسلىككە قانداق كىرىشى كىرەك؟ e=#'rDm ئاساسى مائارپ دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق دەۋرى يىتىپ كەلدى.يېڭى دەرسلىك سېستىمىسىدا دەرسلىك ئىقتىدارى،قۇرۇلمىسى،مەزمونى،ئەمىللەشتۈرۈش،باھالاش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئەسلىدىكى كونا دەرسلىككە سېلىشتۇرغاندا غايەت زور يېڭىلىق ۋە بۈسۈش بار. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى مائارپ ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ شۇنداقلا ئاساسى كۈچ.ھەر قانداق مائارپ ئىسلاھاتى سىياسەت ۋە بويرۇققا تايانمىسا تاماملانمايدۇ.ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېڭى قارىشى،قىزغىنلىقى،مۇددىئاسى،ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق. LktH*ePO ئۇنداقتا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى دېگەن زادى نىمە؟ئاتاقلىق پىداگوگ ئەللىئوت مۇنداق دەيدۇ:«دەرسلىك ئىسلاھاتى ئادەمنىڭ ئىسلاھاتى»،«دەرسلىكنىڭ تەرەققىياتى،ئادەمنىڭ تەرەققىياتى»،«ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرەققىياتى بولمىسا،ئادەمنىڭ تەرەققىياتى بولمايدۇ»شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار قوشونى دەرسلىك ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا ئاساسى قوشون. ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىك ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە كۆڭۈل بۈلىشى كىرەك. :$5$H 1.يېڭى بولغان مائارپ قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كىرەك. g+ P
ھازىرقى زامان ئاساسى مائارپ دەرسلىك تەرەققىياتى نەزىريىسى ئادەمنىڭ تەرەققىياتىنى دەرسلىكنىڭ قىممەت تارازىسى قىلىشنى تەكىتلەيدۇ.تۇرمۇشقا،يېڭىلىق يارىتىشقا،ئونۋىرساللىققا يۈزلىنىشكە،يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلىنىشكە ئەھمىيەت بىرىدۇ.بىز يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ئىلغار نەزىريىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز،پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان نوقتىدىن يېڭى دەرسلىكنى كۆزىتىشىمىز،يېڭى دەرسلىككە كىرىشىمىز لازىم. # @~HpqqR ئالدى بىلەن دەرسلىك قارىشىمىزنى تۇرغۇزىشىمىز،بىز چوقۇم يېڭى بىر قېتىملىق دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ پەقەت بىر قىتىملىق دەرسلىك كىتاپتىكى ئۆزگىرىش بۇلۇپ قالماستىن بەلكى بىر قېتىملىق مائارپ قارىشىدىكى ئۆزگىرىش،ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدىكى ئۆزگۈرۈش،بىر مەيدان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوسولىدىكى ئۆزگىرىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئوسولىدىكى ئۆزگىرىش ۋە كۈندۈلۈك مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئۆزگۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كىرەك. b<1+q{0r بۇ قېتىملىق دەرىسلىك ئىسلاھاتى،دەرسلىك قۇرۇلمىسىنى قايتا تەڭشەش بولماستىن يەنە دۆلەتنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمىنى قايتا تۈزۈشى،ئوقۇتۇش مەزمونىنى قايتا تاللىشى،دەرسلىك كىتابنى ئۆزگەرتىشى،شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان مائارپ نەزىرىيىلىرىنىڭ كونكىرت مائارپ ئەمىليىتىگە سىڭدۈرۈلۈش جەريانى بولدى.يېڭى دەرسلىك شۇ نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ئۆگۈنۈشىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى،يىتەكلىگۈچىسى ۋە ئۆگىنىشىگە بىۋاستە قاتناشقۇچىسى.ئوقۇتۇش جەريانى بولسا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش،ئورتاق تەرەققى قىلىشتا ئۆز ئارا تۈرۈتكە بۇلۇش جەريانى.يېڭى دەرسلىك ھەر بىر ئادەم ئاكىتىپ قاتنىشىدىغان،قاتناشقۇچىلار باراۋەر ئىدىيە ئالماشتۇرۇدىغان،ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىدىغان،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىدىغان جەريان.يېڭى دەرسلىكتە دەرسلىك ئېچىۋېتىلىپلا قالماستىن ئوقۇتۇش ئوسولىمۇ ئېچىۋېتىلگەن.مەسىلەن دەرسلىك ماتىريالىدا نۇرغۇن «بوشلۇقلار» بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىپ ئېچىشىغا «بوز يەر»قىلىپ قالدۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى چەكلىمىسىز جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقى قالدۇرۇلغان.ئەمما مۇشۇ بوشلۇقتا ئوقۇتقۇچى نىمە قىلىش كىرەك؟مانا بۇ يېڭى بىر تۈرلۈك مەسىلە،يېڭى دەرسلىك قارىشى شۇنى نوقتىلىق تەكىتلەيدۇكى،دەرسلىك بولسا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئورتاق قۇرغان يېڭى بىلىم ئىگەللەش جەريانى.شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ئوقۇتۇش ئىلگىرىكى ئوقۇتۇشقا ئوخشاش دەرسلىكتە نىمە بولسا شۇنى ئوقۇتۇپ قۇيۇش جەريانى ئەمەس،بەلكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجىربىسىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇشتا ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش،ئوقۇتۇش بايلىقىنى موللاشتۇرۇش كىرەك.بۇنداق ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشتە،ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئىلغار مائارپ نەزىريىلىرىنى مول ئوقۇتۇش ئوسوللىرىنى بىلىشى،دەرسلىك ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيەلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم.ئوقۇتۇش ئۇسولىدىكى ئىسلاھات شۇ چاغدىلا يېڭى ئىدىيە ئاساسىغا ۋە يېڭى نىشان نوقتىسىغا ئىگە بۇلىدۇ. 4Ow0g-{ 2.ئوقۇتقۇچىلارمول كەسپى بىلىمگە،كۆپ خىللاشقان بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك. _dk/SWb) ئىنچىكە،ئەستايىدىل ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇنلا بايقىغان بۇلۇشى مۇمكىن.يېڭىدىن تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى توملۇشۇپ كەتتى،ئوقۇشلۇقلار نىڭ مىقتارى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى.%60 دىن ئارتۇق تىكىسلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى.مۇشۇنداق شارائىتتا تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنى قانداق ئۈتۈش كىرەك؟بۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دۈچ كەلگەن بىر چوڭ مەسىلە.مۇشۇنداق ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشتە،ئوقۇتقۇچىدا چوقۇم مول بىلىم زاپىسى بۇلۇشى،ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى موللاشتۇرۇشى،كۆپ قىسىم ئوقۇشلۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپ زاپىسى بۇلۇشى كىرەك.شۇندىلا كۈندىن-كۈنگە ئىچىۋىتىلۋاتقان دەرسخانىنى بىمالال باشقۇرالايدۇ. {Z!x]}{M بىلىمنىڭ ئونۋىرساللىقى بۈگۈنكى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ بىر چوڭ يۈزلىنىشى.ئىلىمنىڭ ئونۋىرسال دەرسلىكىنى تەسسىس قىلىش دەرسلىك ئىسلاھاتىدىكى دۇنياۋى يۈزلىنىش بۇلۇپ قالدى.بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆزى ئۈتىۋاتقان پەندىلا« ئالتۇن سوقىدىغان زەرگەر»ياكى «قۇشقاچ سۇيىدىغان قاسساپ»بۇلۇپ قالماستىن بەلكى كەڭ كۈلەملىك،چوڭقۇر ھەم ئەتىراپلىق پەن بىلىملىرىگە ئىگە بۇلۇشى ھەم «قۇشقاچ سۇيالايدىغان»ھەم«ئالتۇن سوقالايدىغان»بۇلۇشى كىرەك.بۇرۇنقى كەسىپلەر ئوتتۇرسىدىكى بىرىنى تاغقا،بىرىنى باغقا،بىرىنى كۆلگە،بىرىنى چۆلگە قۇيىدىغان،كەسىپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى كېڭەيتىۋىتىدىغان قالاق ئىدىيىلەرنى چۈرۈپ تاشلاش لازىم.يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى شارائىتىدا تەكىتلىنىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم كۆپ خىللاشقان بىلىم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كىرەك.بۇمۇ ئۆلىما تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ يولى.ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئاكىتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئەتىراپلىق بىلىم ئىگەللىشى،خۇلاسىلاشقا ماھىر بۇلۇشى كىرەك.ئوقۇتقۇچىلاردا كەسىپكە دائىر مول بىلىم بۇلۇپلا قالماستىن تېخىمۇ مۇھىمى خىلمۇ-خىل مەدەنىيەتنى چۈشۈنىدىغان،مىللى مەدەنىيەتنى قەدىرلەيدىغان ھازىرقى زامانغا خاس ئىلغار ئىدىيە بىلەن ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇشى كىرەك. |^k&6QO5 3.ئوقۇتقۇچىلار سەنئەتلىك ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كىرەك. 0,whTnH| ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە جەريانى بىر خىل ئۇچۇر تارقىتىش جەريانى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىر تۈرلۈك سەنئەتنىڭ قايتا ئىپادىلىنىش جەريانى.ئەگەر بىر تۈرلۈك مۇكەممەل تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە قايتا ئىپادىلەش ماھارىتى بولمىغاندا،تەلىم-تەربىيىدە دىگەندەك ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلاردا تەلىم-تەربىيە مۇتەخەسىسلىرىگە خاس كەسپى ئىقتىدار بۇلۇشى،ئىنسانىيەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى پىشىقلاپ چەكلىمىلىكلەرنى بۈسۈپ ئۈتۈشى،ئۇچۇر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئۇچۇرلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە،ئەمىلى قوللۇنۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.مەسىلەن تەتقىقات خارەكتىرلىق ئۆگىنىشتە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئوليىتى ئوقۇغۇچىنى ئۆزلىكسىز مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا يىتەكلەش،ئۆگىنىش جەريانى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىكسىز مەسىلە ئوتتۇرغا قۇيۇش،مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئىزدىنىش جەريانى؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ماتىرياللىرىنى يىغىش ۋە قوللىنىشىغا ياخشى يىتەكچىلىك قىلغاندا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئاپىق ئۆگىنىش پائالىيىتىنى لاھىيلىشىگە ياردەم بەرگىلى بۇلىدۇ.ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش مەزمونىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۇرغۇزغىلى بۇلىدۇ.ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش ئوسولىنى تاللاش دېگەندە مەسىلەن،قۇبۇل قىلىش،ئىزدىنىش،تەقلىد قىلىش،باشتىن كەچۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشى مول خاسلىققا ئىگە.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكىتىپلىقىنى قوللاش پىسخىك مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى جەريانىنى باھالاش ۋە نەتىجىنى باھالاشقا ياردەم بىرىش كىرەك. | |