ئىللىققۇياش |
2013-11-27 16:59 |
سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمى،مەكتەپ ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،غەلبىلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولىشى بۇ خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلىنىش ئىشلەنمەسلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن،ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىمىزدىكى بەزى يېتىشسىزلىكلىرىمىز بايقىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىچە تەلەپلەر مەيدانغا كەلدى. مەن داۋاملىق تەربىيەدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىر نەچچە قېتىم ”سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى“ توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدىم. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم.بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەتلىرىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار،تۈزىتىشكە ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر يەنىلا خېلى كۆپكەن. شۇڭىلاشقا، دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا پايدىلىق بولغان بىر قىسىم ماتىرىياللارنى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيتىگە كەلدىم. تۆۋەندە سۆزلىندىغان ئون ھېكايە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۈنېۋىرسىتىتى مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفسورى چيەن جىلياڭ ئەپەندىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدىن رەتلەلىنىپ تەرجىمە قىلىندى. ئەگەر بۇ ھېكايىلەر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئازدۇر-كۆپتۇر مەنپەئەت قىلسا ئەمگىگىمدىن رازى بولغان بولاتتىم. $-E<{ _ تەرجىماندىن e`5:46k| 1.سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنىڭ قائىدىسى،دوست تۇتۇشنىڭ قائىدىسى بىلەن ئوخشاش =sS= ]0{,P
! بىر قاغا جەنۇپقا قاراپ ئۇچماقچى بوپتۇ.ئۇچۇش سەپىرىدە بىر كەپتەر بىلەن ئۇچىرىشىپ قاپتۇ.ئۇلار بىرلىكتە بىر دەرەخكە قونۇپ ئارام ئاپتۇ.كەپتەر قاغىدىن:“سەن بۇنچىۋىلا جاپا تارتىپ،نەگە ئۇچۇپ بارماقچى،نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىن كېتىسەن؟“دەپ سوراپتۇ. 475jmQ{q قاغا چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ،مەيۈسلەنگەن ھالدا: ”ئەمىلىيەتتە مېنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق،ئەمما بۇ يەردىكى ئاھالىلارنىڭ بىرسىمۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ياقتۇرمايدۇ.ئۇلار مېنى كۆرسىلا قوغلايدۇ،ھەتتا بەزىلىرى تاش ئاتىدۇ.شۇڭىلاشقا بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدۇم“ دەپتۇ. #4Cf-$J كەپتەر ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن ھالدا:“ئارتۇقچە ئاۋارە بولما،ئەگەر سەن بۇ ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ،نەگىلا بارساڭ باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيسەن.“دەپتۇ. 7[}WvfN8# نۇرغۇن كىشىلەر دائىم باشقىلارنى ئەيىپلەشنى ياخشى كۆرىدۇ“موھىت بەك ناچار،باشقىلار مېنى ياقتۇرمايدۇ“دەپ ئاغرىنىدۇ.ھەرگىزمۇ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى،باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە ياخشى كۆرىشىگە لايىق ياكى لايىق ئەمەسلىكىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ.ئەگەر بىر ئادەم دائىم ئۆز-ئۆزىنى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇرمىسا،پەقەت باشقىلارنىلا ئەيىپلەشنىلا ئۆگىنىۋالىدۇ.ھەم بايىقى قاغىغا ئوخشاش نەگىلا بارسا باشقىلار چەتكە قاقىدىغان ئوبىكىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ. /EvT%h?p شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،باشقىلارنىڭ بىزارلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلار بىلەن دوست بولۇش.سىنىپ مەسئۇلىمۇ ھەم شۇنداق.ئەگەر بالىلار سىزدىن بىزار بولمىسىلا سىز ئەڭ ياخشى سىنىپ مەسئۇلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. E7]
a# ياخشى سىنىپ مەسئۇلى بولۇش ئانچە تەس ئەمەس.ئەمما نۇرغۇن سىنىپ مەسئۇللىرى بۇ ئىشنى قىيىن دەپ قارايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە باھا بېرىش ئۆلچىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىمىز غەلبىلىك بولدىمۇ يوق؟بۇ يەردە مەن ئەڭ ئاددىي بىر ئۆلچەمنى دەپ ئۆتەي:ئوقۇغۇچىلىرىڭىز سىزگە يولۇققاندا كۈلۈمسىرىگە ھالدا ئالدىڭىزغا كېلەمدۇ،يوق؟ L_IvR 4:j~ h:vI:V[/X
2.غەمسىز سىنىپ مەسئۇلى بولۇڭ a$
Ghb] r;fcBepO بىر كۈنى بىر دېھقان ئېشىكىنى مىنىپ بىر چىغىر يولدا كېتىۋاتسا،ئېشەك بىردەم بىردەم توختاپ يول بويىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەپ مېڭىپتۇ.بۇ ۋاقىتتا دېھقان“ھەي،جانىۋار سەن پەقەت ياخشى ئىشقىلا تۇرىسەن-ھە؟“دەپتۇ-دە،ئۇنى قامچا بىلەن يېنىڭ ئۇرۇپ قويۇپتۇ.ئېشەك شۇنىڭ بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كېتىپتۇ. p vu% p8 بۇ مەنزىرىدىن بىز دېھقانننىڭ ئېشىكىنىڭ ناھايىتى بىر بەختلىك ئىشەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.ئويلاپ كۆرەيلى،بىز ئويلىغان ياخشى ئىشلار ئەمەلگە ئاشسا،ئۆزىمىزنى بەختلىك سانايمىزمۇ،سانىمايمىزمۇ؟ ~@iYP/=/Q ”پەقەت ياخشى ئىشقىلا تۇرۇش“دېگەن بۇ سۆز قارىماققا بەزىدە سەل سەلبىي مەنە بېرىپ قويۇشى مومكىن.نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر،ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ياخشى ئىش قىلىشنى ئويلاش،ھېچ ئىش قىلىشنى ئويلىمىغاندىن مىڭ ياخشى.سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئىكەنمىز كۆڭلىمىزدە ھەر قاچان بىر گۈزەل ئارزۇ ئارمان بولىشى،ھامان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز لازىم. S,C/l1s =5h,ZB2A 3.سىنىپ مەسئۇلى ھەيكەلتاراش بولماستىن،شۇ ھەيكەلدىن زوق ئالغۇچى بولىشى كېرەك. $`/F5R! ybgw#jv= ئىلگىرى بىر تاغدا،بىر-بىرىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى تاش بار ئىكەن.بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن.بۇلارنىڭ تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل بوپتۇ.بىرى ئىنتايىن نەپىس ھەيكەلگە ئايلىنىپ،باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتالايدىغان ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلەيدىغان بوپتۇ.يەنە بىر تاش يول بويىدىكى ئادەتتىكى بىر تاشقا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرپىدىن ھېلى ئۇ يەر ھېلى بۇ يەرگە يۆتكىۋىتىلىدىغان،دائىم دەسىلىدىغان تەقدىرگە دۇچ كەپتۇ.بىر كۈنى يول بويىدىكى تاش نارازى بولغان ھالدا:“بۇرادەر ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر تاغدىكى ئوخشاش تاشلار ئىدۇق،بۈگۈن بىزنىڭ پەرقىمىز ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى.شۇڭا مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم“دەپتۇ. 6x!
q ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇلغان تاش بۇرادىرىگە:بۇرادەر ئېسىڭدە بارمۇ؟ئۈچ يىل ئىلگىرى،بىر ھەلكەلتاراش كەلگەن ئىدى.سەن ئۆزگىرىشنى قۇبۇل قىلمىدىڭ.بەدىنىڭنى پىچاق بىلەن كەسكەن ۋە ئويغان چاغدىكى جاپالارغا چداشنى خالىمىدىڭ.سەن ئۇنىڭغا“مېنىڭ پەقەت ئۇ يەر بۇ يەرلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ“دەپ تۇرىۋالدىڭ.ئەمما مەن ئۇۋاقىتتا،ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى ھالىتىمنى ئويلاپ،ئۆزگەرتىشنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم.بەدىنىمنىڭ ھەر قانداق يېرىنى كەسسە بەرداشلىق بەردىم.شۇڭا ھەيكەلتاراش ساڭا ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا بولدى قىلدى.ئەمما مېنىچۇ؟بولقا بىلەن چوقۇدى،ھەرە بىلەن كەستى،پىچاق بىلەن ئويدى،قۇم قەغەز بىلەن سۈرتتى.مېنىڭ تارتقان ئازاپلىرىم سېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغاچقىلا،مېنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىم بارلىققا كەلدى.“دەپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يول بويىدىكى تاش ھەم خىجىل بوپتۇ.ھەم پۇشايمان قىپتۇ. %XZdz=B بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ”ھەيكەلتاراش“ى بولىمەن دەپ ئويلىماڭ.ئوقۇغۇچىلارنى“بولقا بىلەن ئۇرۇپ،ھەرە بىلەن ھەرىدەپ،پىچاق بىلەن ئۇيۇش“نىمۇ ئويلىماڭ.ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئەسلىدىنلا سىزگە زوق ئاتا قىلالايدىغان“ئېسىل سەنئەت بويۇمى“.ئوقۇغۇچىلار قانداق ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ؟بۇ پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا باغلىق.بىز ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز.بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز،ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى،ئاكتىپ ئالغا باسىدىغان جايلىرىنى لوپا ئەينەكتە چوڭايتىپ كۆرسىتىش.ئۇلارنى تۇرمۇشقا،جەمىيەتكە ئاكتىپ يۈزلىنىشكە،ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشقا،ئۆز تەقدىرىنىڭ“ھەيكەلتاراش“ى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. ZRoOdo94 EeS VY 4.سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئادەم تەربىيلەش نىشانى Z_?r5M; 9vz"rHV بىر پادىشاھ دائىم ئۆزىنى بەختسىز ھېساپلايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىراق-يېقىنغا ئادەم ئەۋەتىپ،ئۆزىنى بەختلىك ھېساپلايدىغان ئادەمنى تېپىپ،ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. +J%9%DqF ”بەختلىك ئادەمنى ئىزدىگۈچىلەر“ئۇچىرىغانلا ئادەمدىن:“سىز بەختلىكمۇ؟دەپ سوراپتۇ.ھەمدە:“مەن بەختسىز،چۈنكى مېنىڭ پۇلۇم يوق؛مەن بەختسىز،چۈنكى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇققىنىم يوق؛مەن بەختسىزچۈنكى مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزغا ئېرىشەلمىدىم….“دېگەندەك جاۋاپلارغا ئېرىشىپتۇ.ئۇلار ”ئەمدى بەختلىك ئادەمنى تېپىشتىن ئۈمىد قالمىدى“دەپ تۇرغان ۋاقىتتا،قارشى تەرەپتىكى بىر تاغ باغرىدىن ئىنتايىن يېقىملىق بىر ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.ئۇلار ناخشا ئاۋازىغا ئەگىشىپ مېڭىپ،ئۇ ئادەمنى تېپىپتۇ.ھەمدە ئۇنىڭ يالىڭاچ ھالدا يوغان بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئاپتاپسىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن“سىز بەختلىكمۇ؟“دەپ سوراپتۇ. )I9W a*
I -شۇنداق مەن بەختلىك.دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ ئادەم. +;wu_CQu -سىزنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشتىمۇ،سىز ئەتىڭىز ئۈچۈن قايغۇرمامسىز؟دەپ سوراپتۇ. X{bqG]j -شۇنداق،قاراڭلار!ئالتۇندەك قۇياش نۇرى،مەيىن شامال،ساپ ھاۋا…نىمە دېگەن راھەت! tV,Y38e مېنىڭ قورسىقىممۇ ئاچمىدى،ئۇسساپمۇ كەتمىدىم.ئاسمان كۆپكۆك،يەر پىپايان،مەن مۇشۇنداق گۈزەل بىر جايدا ئارام ئېلىۋاتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ماڭا دەخلى قىلمىدى.مەن يەنە نىمىگە بەختسىز بولغۇدەكمەن؟ `l8^n0- -سىز ھەقىقەتەن بەختلىك ئىكەنسىز،مومكىن بولسا،بىر تال كۆينىكىڭىزنى پادىشايىمىزغا بەرسىڭىز،ئۇ سىزگە زور ئىنئام بېرىدۇ،دەپتۇ ئۇلار. uyITUvPg[ ”كۆينەك دېگەن نىمە؟مەن ئۇنداق نەرسىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم“دەپتۇ جاۋاپ بېرىپتۇ ھېلىقى ئادەم. rwUKg[
1N ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئىزدەيدۇ.ھەم ئۇنىڭغا ئوخشمىغان نوقتىدىن تەبىر بېرىدۇ.بۇ ھېكايە بىزگە بەختنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر سىموۋۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.بەخت كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى بىر خىل ئۆزلۈك ھېسىياتى.ئەمدىكى مەسىلە بىزنىڭ بۇ خىل سىمۇۋۇل ياكى ھېسىياتقا قانداق پوزىتسىيەدە بولىشمىزدا. J_^Ml)@iy ئوخشاش بىر ھەقىقەت،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئادەم تەربىيلەش نىشانى،ئوقۇغۇچىلار بەختىنىڭ سىموۋۇلى ۋە بەختلىك بولۇش ھېسسىي تۇيغۇسىنى ئىزدەپ تېپىش.بۇ خىل سىمۇۋۇل ياكى ھېسىيات زادى نېمە؟بۇنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈش بىر ئاز قىيىن.ئەمما شۇنداق بىر نوقتىغا دېققەت قىلىشىمىز كېرەككى،ئوقۇغۇچىلار بەختىنىڭ سىمۇۋۇلى ۋە بەختلىك بولۇش ھېسىياتى دائىم ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئىتىپ تۇرۇشى مومكىن. ?`%)3gx| `:XrpD 5.ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار 7#BpGQJQ A7!=`yA$ قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا دېڭىزنى بىر كۆرۈشنى بەك ئارزۇ قىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چوڭ تاشپاقىنى ئۆزىنى ئېلىپ دېڭىزنى كۆرسىتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىپتۇ.تاشپاقىنىڭ ئۆمىرىدە تۇنجى قېتىم باشقىلارغا يول باشلىغۇچى بولىشى ئىكەن.شۇڭا ئۇ بۇ تەكلىپكە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇدۇقتىن ئايرىلىپ،دېڭىز تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرلەپتۇ.ھەم دېڭىز بويىغا يىتىپ كەپتۇ.پاقا پايانسىز كەتكەن دېڭىزنى كۆرۈپ،بەك ھەيران قاپتۇ.ھەم ھاياجانلىنىپ كىتىپ،كوركىرىغان پېتى ئۆزىنى دېڭىزغا ئېتىپتۇ.ئەمما كۈچلۈك بىر دولقۇن ئۇنى بىرلا ئۇرۇپ دېڭىز ساھىلىغا ئاچىقىپ قويۇپتۇ.پاقا بىر نەچچە يۇتۇم تۇزلۇق ھەم قىرتاق دېڭىز سۈيىنى ئېچىۋالغاچقا،بېشى قىيىپ،پۇتلىرى ئالمىشىپ كىتىپتۇ. 4|*H0}HOm تاشپاقا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،پاقىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ دېڭىزنى كۆرسىتىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھەم ئۇنى ئېلىپ دېڭىز ساياھىتىنى باشلاپتۇ.ئۇلار ئىككەيلەن دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ،ئىنتايىن خۇشال ئويناپتۇ.پاقىمۇ دېڭىز سۈيىگە ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قاپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەن بىر نەچچە كۈن خوشال سەيلە قىپتۇ.بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن،پاقا بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ،لىكىن دېڭىز سۈيى بەك تۇزلۇق بولغاچقا ئىچەلمەپتۇ.قورسىقى ئېچىپتۇ.لىكىن دېڭىزدىن يىگۈدەك بىرەر قۇرت-قوڭغۇز تاپالماپتۇ.پاقا ئاخىرى ئويلىنىپ،تاشپاقىغا“دېڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.لىكىن مېنىڭ تەن شارائىتىم بۇ يەردە ياشاشقا ماس كەلمەيدىكەن.ئەڭ يامان بولغىنى مەن بۇيەردىن يەيدىغان يىمەكلىك تاپالمايدىكەنمەن.قارىغاندا مەن يەنىلا ئاشۇ كىچىك قۇدۇقۇمغا كەتسەم بولغىدەك“دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاشپاقىدىن ئايرىلىپ،ئۆز قۇدۇقىغا كېلىپ خۇشال ھەم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. 'mz
_JM دېمەك،سىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى.ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تەربىيلەش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى تەربىيلەش ئۇسۇلى.ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ باشقىلارنىڭ ياكى داڭلىق كىشىلەنىڭكىگە ئوخشىماي قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ.بەلكىم سىز“قۇدۇق ئاستىدىكى پاقىنى بىلىدىغىنى تايىنلىق،شۇڭا بايقىدەك قىلىدۇ“دېيىشىڭىز مومكىن.بۇ گەپنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسىي بار.بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ھەقىقەتەن قىزىقارلىق،ھەممە ئىشنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق،ئاكتىپ ۋە پاسىپ دېگەنگە ئوخشاش ئىككى تەرىپى بولىدۇ.سىز پەقەت ئۆزىڭىز كۆرۈپ يىتەلىگەن تەرەپكە بەكىرەك ئەھمىيەت بەرسىڭىز،باشقىلارنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنى ھەققىي تۈردە ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئايلاندۇرسىڭىز،تەربىيلەش تاكىكىڭىزنى بارغانسىرى ئۆستۈرۈپ،ئۆز خاسلىقىڭىزنى نامايەن قىلالالىسىڭىز غەلبە قىلىشىڭىدا شەك يوق. [WDtr8L .ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تەربىيلەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش. :_% ناپالىئۇن شېر ئېلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.بۇنىڭ ھەممىمىزنى قوزغىتىش رولى بار. w1-/U+0o سارما ئىسىملىك بىر قىز يولدىشىغا ھەمرا بولۇپ،قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىدا يولدىشى بىلەن بىللە تۇرغىلى بېرىپتۇ.بىر كۈنى يولدىشى بۇيرۇققا بىنائەن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە مانىۋېرغا قاتناشقىلى كېتىپتۇ.ئۇ ئۆزى يالغۇز بازىدىكى كىچىك بىر ئۆيدە قاپتۇ.ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولۇپ،كاكتۇسنىڭ ئاستىدىمۇ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىكەن،ئۇنىڭغا يېقىن جايدىكىلەر مىكسىكىلىقلار ياكى ئىندىئانلار ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىنگىلىز تىلىنى بىلمەيدىكەن.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ھەتتا بىرەر پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىمۇ يوق ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا قاتتىق زېرىكىشلىك ھېس قىپتۇ.ئاخىرى چىدىيالماي،ئاتا-ئانىسىغا خەت يېزىپ،نىمىلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن بىر جاۋاپ خەت تاپشۇرۋاپتۇ.بۇ خەتكە ئىككىلا جۈملە يېزىلغان ئىكەن.بۇ ئىككى جۈملە سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قاپتۇ ھەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپتۇ. GVT+c@Gx
خەتتە:ئىككى ئادەم تۈرمىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇپتۇ.بىرىنىڭ كۆرگىنى توپا ۋە چاڭ-توزان،يەنە بىرنىڭ كۆرگىنى يۇلتۇز بوپتۇ. iEG`+h' سارما خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،گەپنىڭ تەكتىگە يىتىپتۇ ھەم خىجىللىق ھېس قىپتۇ.شۇنداقلا قۇملۇق ئىچىدىن يۇلتۇزىنى ئىزدەپ تېپىشقا بەل باغلاپتۇ. m"P"iK/Av( سارما يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقا باشلاپتۇ.ئۇلارنىڭ ئىنكاسى ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ.سارما ئۇلارنىڭ توقۇمىچىلىق،ساپالچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.ئۇلار ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە سېتىپ بېرىشقا كۆزى قىيمىغان نەرسىلىرىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىپتۇ.سارما يەرلىكتىكى ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈپتۇ.يەرلىكتىكىلەرنىڭ چاشقان تۇتۇش ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىۋاپتۇ.قۇملۇقتىكى كۈننىڭ ئولتۇرشىنى تاماشا قىپتۇ.قۇملۇقنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قۇلۇلە قاپلىرىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ.ئەسلىدە چىدىغۇسىز ناچار دەپ قارىغان موھىت،كىشىنى خۇشال قىلىدىغان،ئۆيگە قايتىپ كېلىشنىمۇ ئۇنتۇلدۇردىغان ھالەتكە ئۆزگىرىپتۇ. `2S G{5o; قانداق بىر كۈچ بۇ قىزچاقنىڭ مۇشۇنداق زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.قۇملۇق ئۆزگەرمىدى،يەرلىك كىشىلەرمۇ ئۆزگەرمىدى.ئەمما بۇ قىزچاقنىڭ ياشاش پەلسەپىسى ۋە مەقسىتى ئۆزگەردى.كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى،ئەسلىدە جاپا-مۇشاقەتلىك،زېرىكىشلىك ئەھۋالنى ھاياتىدا ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەۋەككۇلچىلىققا ئايلاندۇردى.ئۇ يېڭىچە بىر دۇنيانى بايقىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولدى.ھەمدە توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا“قورغاندىكى خۇشال كۈنلەر“دېگەن بىر كىتاپنى يېزىپ چىقتى. #WD}XOA
ئوخشاش بىر مەكتەپتە،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىدە زور پەرق يوق.پەرق ناھايىتىمۇ كىچىك.ئەمما مانا مۇشۇ ئەڭ كىچىك پەرق،تەربىيلەش ئۈنۈمىدىكى زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئاكتىپ تەربىيلەش پوزىتسىيىسى ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىدە ئاسانلا غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.پاسىپ تەربىيلەش پوزتسىيىسى ئېنىقلا مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ. ln#Jb&u 7.ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. VY)!
bjW. بىر ئايال دائىم بەش ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.لىكىن قىزچاق دائىم ئاپىسى بىلەن بىللە چىقىشنى رەت قىلىدىكەن.ئاپىسى بۇنىڭدىن بەك غەلىتىلىك ھېس قىپتۇ.بازاردا رەڭگارەڭ،قىزىقارلىق نەرسىلەر شۇنچە كۆپ تۇرسا،بۇ بالا بازارنى نىمىشقا ياقتۇرمايدىغاندۇ؟دەپ ئويلايدىكەن.بىر قېتىم بازار ئايلىنىۋىتىپ،قىزچاقنىڭ ئاياق يىپى يىشىلىپ كىتىپتۇ.قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئاياق يىپىنى چىگىپ قويۇش ئۈچۈن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.ھەمدە تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقاپتۇ.ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇتلارنىڭ چوڭلارنىڭ پۇتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.ھەم شۇئان قىزىنى كۆتۈرگەن پېتى دۇكاندىن چىقىپ كېتىپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بازارغا چىقىش زۆرۈر بولغان مەزگىللەردىلا چىقىدىغان،بوش ۋاقتى بولسىلا بازارغا چىقىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپتۇ. -,NiSh}A دېمەك،قىزچاقنىڭ ئاپىسى پەقەت ئۆزىنىڭ قىزىقىش نۇقتىنەزىرى بويىچىلا بالىنى دائىم بازارغا چىقىشقا زورلىغان.بالىنىڭ ئۇ ئىشقا قىزىقمايدىغانلىقىغا سەل قارىغان.بالىنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقمىغان. d(RSn|[0 سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئىكەنمىز،بەزىدە ئوقۇغۇچى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرەيلى.ئوقۇغۇچىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە،دائىم ئۇلار قوپال تېگىش،ئەيىبلەش،تۇرغۇزۇپ قويۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز.بۇ خىل ئۇسۇل بالىلاردا بىر خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلىگەندە،بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئۇۋال قىلغاندەك ھېس قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. tSK{Abw1B تەربىيەدە چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىنى ئويلىشىش لازىم.ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا كۆيۈنگەن ھالدا تەربىيە قىلغاندىلا،ئۇلارنىڭ بىزدىن ئەيمىنىش ۋە قورقۇش تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتالايمىز.بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىدا ئاندىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇغۇلىدۇ،بىر ئىشلارنى دادىل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. qF m=(J% &]gw[
` 8.ئۈچ بالا 2fp\s5%J} 2x-67_BHY= بۇرۇن مۇنداق ئۈچ بالا ئۆتكەن.بىرىنچى بالا تۆت ياشقا كىرگەندە ئاندىن گەپ قىلالىغان،7 ياشقا كىرگەندە ئاندىن خەت يازالايدىغان بولغان.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا“ئىنكاسى بەك ئاستا،تەپەككۇرى لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس،كاللىسى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىياللار بىلەن توشۇپ كەتكەن.“دەپ باھا بەرگەن.ئۇ ھەتتە مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. @RW=(&<1 ئىككىنچى بالا ئىلگىرى ئاتىسى تەرپىدىن ئاقنانچى،ھارامتاماق دەپ قارالغان.كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ قىلچە ئىستىقبالى يوق بالا ئىدى.ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن. ^ ئۈچىنچى بالا دائىم دادىسىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچىرىغان.دادىسى ئۇنىڭغا“سەن دائىم دۇرۇس ئىشلارنى قىلماي ئوۋ ئوۋلاش،چاشقان تۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيسەن،كىيىن قانداقمۇ قىلارسەن.“دېگەن.ئوقۇتقۇچىلار بۇ بالىنىڭ ئەقلى قابىيلىتى ئادەتتىكىچە“ئەقىللىق“دېگەن سۈپەتكە ئازراقمۇ يېقىنلىشالمايدۇ دەپ كەمسىتكەن. )8Defuxk بۇ ئۈچ بالا بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىينىشتىيىن،رودىن ۋە دارۋېندىن ئىبارەت. 4J3cQ;z بۇ جاۋاپ ئادەمدە بىر خىل تاسادىيبىيلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.بىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان چاغلاردا مۇشۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلغان بولغىيمىدۇق؟ئىلگىرى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىستىقبالى يوق دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىچىدە،زور ئۇتۇق قازانغانلىرى يوقمىدۇ؟ئوندان كۈزىتىدىغان بولساق،بۇرۇن قىلغان گەپلىرىمىز ۋە ئىش ھەركەتلىرىمىز بىزنى خىجىل قىلىپ قويۇشى مومكىن.ئەمەلىيەتتە ھەر بىر بالىنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە يارىشا ئارزۇ-ئىستەك بولىدۇ.ئۇلارنىڭ يەنە ئۆزىگە تەۋە جەننىتىمۇ بار.لىكىن بىز ئۇنى بالىلار كىچىك ۋاقتىدا بايقىيالىشىمىز ناتايىن.بۇ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا،بىر جۈپ ئەقىل كۆزىنىڭ بولىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. p`ai2`qC` d6ZJh xJ 9.زىيادە كۈيۈمچانلىقمۇ بالىلارنى نابۇت قىلىشى مومكىن. P+r-t8 "I.PV$Rxl بۇرۇن بىر خىلۋەت جايدا بىر كۆل بار ئىكەن.بۇ كۆلنىڭ نامى ئاققۇ كۆلى ئىكەن.كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر كىچىك ئارال بار ئىكەن.ئارالدا بىر ياشانغان بېلىقچى بوۋاي،مومىيى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن.بوۋاي كېمىسى بىلەن كۆلدە يۈرۈپ بېلىق تۇتىدىكەن.موماي توخو توشقانلىرىنى بېقىپ ئۆيدە قالىدىكەن.ئۇلار تۇز ۋە ماي قاتارلىق تۇرمۇشقا كېرەكلىك بويۇملارنى سىرتتىن سېتىۋالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،سىرتتىكى كىشىلەر بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمايدىكەن.كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى بىر توپ ئاققۇ بۇ ئارالغا كەپتۇ.ئۇلار جەنۇپ تەرەپكە قىشىنى ئۆتكۈزش ئۈچۈن ماڭغان ئىكەن.بوۋاي بىلەن موماي بۇ يىراقتىن كەلگەن مىھمانلارنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ.چۈنكى ئۇلار بۇ جايدا شۇنچە ئۇزۇن يىل تۇرغان بولسىمۇ،ھېچكىم ئۇلارنى كۆرگىلى كېلىپ باقمىغان ئىكەن.بوۋاي بىلەن موماي توخو باقىدىغان يەملىرى ۋە ئۇششاق بېلىقلىرى بىلەن ئاققۇلارنى مىھمان قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر توپ ئاققۇ بارا-بارا ئۇلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىپتۇ.ئۇلار ئارالدا ئەركىن –ئازادە يايلاپ يۈرۈپلا قالماستىن،بوۋاي بېلىق تۇتقىلى چىققاندا،كېمە بىلەن ئەگىشىپ ئۇچۇپ بوۋايغا ھەمرا بولىدىكەن.قىش كەپتۇ،لىكىن بۇ ئاققۇلار جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئۇچماپتۇ.ئۇلار كۈندۈزلىرى كۆلدىن ئۇزۇقلۇق تېپىپ يەپ،كېچىسى ئارالدە ئارام ئاپتۇ.كۆل يۈزى مۇز تۇتقاندا،ئۇلار ئۇزۇقلۇق تېپىپ يىيىشكە ئامالسىز قاپتۇ.بۇ ۋاقىتتا بوۋاي بىلەن موماي كەپىسىنىڭ ئىشىكىنى يوغان ئېچىپ،ئاققۇلارنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ.ھەم ئۇزۇقلۇق بېرىپ بېقىپتۇ.بۇ خىل كۆيۈنۈش باھار بەسلى كېلىپ قار-مۇزلار ئېرىگەنگە قەدەر داۋاملىشىپتۇ.كۈنلەر،ئايلار،يىللار ئۆتۈپتۇ.بوۋاي بىلەن موماي ھەر يىلى قىشتا ئاققۇلارغا ئاشۇنداق مىھرىبانلىق كۆرسىتىپتۇ.بىر يىلى بوۋاي بىلەن موماي ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاققۇلارمۇ غايىب بوپتۇ.ئەمما ئۇلار جەنۇب تەرەپكە ئۇچۇپ كەتمەپتۇ،بەلكى شۇ يىلى قىشتا كۆل يۈزى مۇز تۇتقاندا ئۇزۇقلۇق تاپالماي توڭلاپ ئۆلۈپتۇ. cl s-x@
Kd بەزىدە زىيادە كۆيۈنۈشمۇ كىشىلەرنى نابۇت قىلىشى مومكىن.سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەريانىدا،ھەمىشە بالىلارنىڭ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ قويۇشىدىن،تەرتىپنى بۇزۇشىدىن،ئويناۋىتىپ يىقىلىپ كېتىشىدىن،تازلىقنى ياخشى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپلا يۈرۈيمىز.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈيۈندۇق دەپ كۆزىگە كىرىۋالىمىز.بۇ خىل كۈيۈنۈش ئۇلارنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن ئاجىز،ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مومكىن.ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمىيەتتە ئۇچىراشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىراپ تۇرۇشى،قىيىنچىلىق جەريانىدا ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشنى ئۆگىنىۋىلىشى لازىم. "NqB_?DT s UX%{|T_ 10.كىچىككىنە ئۈمىدتىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك لازىم. V6%J9+DK {1
fva^O بالىلار ئىككى ياشقا كىرىپ تۇنجى قېتىم چۈمۈلىنى كۆرگەندە بەلكىم نۇرغۇن ئانىلار بالىسىغا يۈرەكلىك ھالدا ئۇنى دەسسەپ مىجىۋىتىشكە ئىلھاملاندۇرشى مومكىن.لىكىن بۇ ھىكايىدىكى ئانا بالىسى تۇنجى قېتىم چۈمۈلىنى كۆرگەندە مۇلايىملىق بىلەن“ئوغلۇم!قارا،بۇ چۈمۈلە باللىرى نېمە دېگەن ئوماق،چۈمۈلە ئانا ئۇلارنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدۇ“دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بالا بىر چەتتە تۇرۇپ چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قىزىقىش ئىچىدە كۈزىتىپتۇ.ئۇلار بىرەر توساقتىن ئۆتەلمىسە،قولىنى كۆۋرۈك قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئانا ئىچ-ئىدىن خۇشال بوپتۇ. XBi}hT كىيىن بالا چوڭ بولۇپ يەسلىگە كىرىپتۇ.بىر قېتىم ئۇ يولدا كېتىۋىتىپ يەپ بولغان بانان شۆپۈكىنى يەرگە تاشلاپتۇ.ئانا بۇ ۋاقىتتا ئايرىم ئانىلارغا ئوخشاش كۆرمەسكە سالماپتۇ.بەلكىن ئوغلىغا بانان شۆپۈكىنى ئالغۇزۇپ،ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاتقۇزۇپتۇ.ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ: Ar@"
K!TS بىر قىزچاق ئاپىسىنىڭ تەربىيىسى بىلەن دائىم ئەخلەتنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپتۇ.بىر قېتىم ئۇ مىۋە يەپ بولۇپ شۆپۈكىنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىماقچى بوپتۇ.لىكىن پەقەت يولنىڭ قارشى تەرپىدىلا ئەخلەت چېلىكى بار ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن قىزچاق ئەخلەتنى تاشلىۋىتىش ئۈچۈن يولدىن ئۆتۈپتۇ.ئاپىسى قىزچاققا قاراپ تۇرۇپتۇ.قىزچاق يولدىن ئۆتىۋاتقاندا،بىر ماشىنا ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇنى سوقۇپ ئۇچىرۋىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئېلىشىپ قاپتۇ.ئۇ ھەر كۈنى قىزىنى ماشىنا سوقىۋەتكەن جايدا تۇرۇپ،كىشىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەرنى تېرىپ،ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن.يەرلىك كىشىلەر بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ،قەتئىي قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايدىغان بوپتۇ.ئۇلار شۇ جايدىكى ئەخلەت تۇڭلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ پاقىرتىپ،تېشىغا ھېلىقى قىزچاقنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتىنى چاپلاپ قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر ئىنتايىن پاكىز ۋە گۈزەل شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. R
<>ptwy ھېكاينى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن،ئانا بالىسىنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن بالا ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايدىغان بوپتۇ.
G-?y;V 1 بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىپتۇ،ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋىتىپ تۇيۇقسىزلا دائىم دەرسكە كېچىكىدىغان بولۇپ قاپتۇ.مۇئەللىمى بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن سۆزلىشىپتۇ.ئانا بالىنى تىللىماپتۇ ياكى ئۇرماپتۇ.لىكىن ئۇ ئۇخلاش ئالدىدا“بالام نېمە ئۈچۈن ئۆيدىن سەھەر چىقىپ كىتىپمۇ،مەكتەپكە ۋاقچە باردىڭ؟دەپ سوراپتۇ.بالا ئاپىسىغا ئەتىگەنلىكى كۆل بويىدىكى قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان مەزگىلدىكى ھالىتىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ كۈندە شۇ مەنزىرنى كۆرگىلى بېرىپ،مەكتەپكە مېڭىشنى ئۈنتۇپ،كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە،ئانا بالىسى بىلەن كۆل بويىغا بىللە بېرىپتۇ.
[0v`E5 ”پاھ!نېمە دېگەن گۈزەل،بالام سەن ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن“دەپتۇ ئانا،قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان مەزگىلىدىكى كۆرۈنۈشنى تاماشا قىلىۋىتىپ.بۇ كۈنى بالا مەكتەپكە كېچىكمەپتۇ.كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئۈستىلىدە ناھايىتى چىرايلىق بىر سائەتنىڭ تۇرغانلىقىنى،سائەتنىڭ ئاستىدا كىچىك بىر باغاقچىنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ.باغاقچىغا“قۇياشنىڭ چىققان مەزگىلىدىكى كۆرۈنىشى ئىنتايىن گۈزەل،قۇياش ھەر كۈنى يېڭى ھالىتىدە بىزگە كۆرۈنىدۇ.تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن،بىز ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك“دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن. uZ}=x3B كېيىن بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپتۇ، بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلى ئاپىسىغا تېلېفۇن بېرىپ،ئىنتايىن موھىم بىر ئىشنىڭ بارلىقى،دەرھال مەكتەپ بىر كېلىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە ئوغىلى دەرس ۋاقتىدا ئوغۇرلۇقچە بىر پارچە رەسىملىك كىتاپنى كۆرگەن ئىكەن. ئۇ كىتاپنىڭ ئىچىدە يەنە بىر نەچچە پارچە يالىڭاچ بەدەن سۈرىتىمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ ئاپىنىڭ مېڭىسىدىن ئوت چاقناپ كېتىپتۇ. ئاپا مۇئەللىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوغۇلىغا ۋاكالىتەن ھېلىقى رەسىملىك كىتاپنى قايتۇرۇپ ئەكەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئوغۇل كارۋىتىنىڭ بېشىدا ھېلىقى رەسىملىك كىتاپنىڭ تۇرغانلىقىنى،كىتاپنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە خەتنىڭ قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقاپتۇ. خەتتە: ئوغلۇم،ھايات گۈلگە ئوخشاش شۇنچىلىك گۈزەل. شۇڭىلاشقا بىر تال گۈل قۇرۇپ كەتسىمۇ، نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىز يەنىلا ئۇنى ئېسىمىزگە ئالالايمىز. بىر ئايال كۆز يۇمسا،مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ،ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىشىمىز مومكىن. مەسىلەن : لى چىڭجاۋ( سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق شائىرە،جىنەنلىك)، چيۇ چىن( جۇڭگۇ يېقىنقى زامان دېمىكۇراتىك ئىنقىلابىچىسى، فۇجيەن شيامىنلىق). ئوغلۇم، گۈزەللىك نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سېنى تەسىرلەندۈرگەن تەپسىلاتلارنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. مەسىلەن بىر تال يۇپۇرماقنىڭ تۆكۈلىشى، ئاپاڭ ساڭا توقۇپ بەرگەن بىر دانە پوپايكا، ئىلگىرى بەللىرىنى ئىگىپ تۇرۇپ ئاياق يىپىڭنى چىگىپ قويغان بىر قىزچاق……….. بىر كۈنلەردە، سەن چوقۇم رەڭدارلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان كۆڭۈل چەشمىلىرىڭ بىلەن بارلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيسەن. خۇددى مەن ساڭا كىچىك ۋاقتىڭدا سۆزلەپ بەرگەن ئەخلەت ساندۇقىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتى چاپلانغان ھېلىقى قىزچاقتەك. ھەممە كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ بىر پەرىشتە…….
a`XXz بۇ ئەقىللىق ئانا بالىسىنىڭ ھەر بىر ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن كىچىككىنە جايلىرىنى تۇتىۋىلىپ بالىسىغا ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن تەربىيە بەرگەن. بالىنىڭ ھاياتىدىكى كىچىكىنە ئۈمىد نۇرلىرىنىمۇ چوڭقۇر ئانىلىق مىھرى بىلەن قوغدىغان.بالىنىڭ كىچىكىنە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئاكتىپ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغان. شۇنداق، ئىلگىرى ئۆچۈرۋېتىلمىگەن ئاشۇ كىچىكنە نۇرلار،كەلگۈسىدە چاقناپ تۇرغان سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارغا، ئاي ۋە قۇياشقا ئايلىنىپ،كىشىلەر قەلبىنى يۇرۇتقۇسى. Un{hI`3] شۇڭا بىزمۇ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەريانىدا بالىلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىدە چاقنىغان كىچىككىنە ئۈمىد نۇرلىرىغىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز.كەمچىللكلىرىنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. n_}=G
RR خۇلاسە e.X*x4*>~ بۇ ھېكايىلەرنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ،كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىپ باقايلى،ھېس قىلىپ باقايلى. تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزنىڭ ئەقلىيلىككە كۆتۈرلىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ ئەقىل كۆزىمىزنىڭ بولىشى كېرەكلىكىنى ئونتۇپ قالمايلى.باللىرىمىزدا چاقنىغان ھەر بىر دەستە ئۈمىد نۇرلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى نۇرلۇق چولپانلارغا ئايلىنىپ كائىناتنى يۇرىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن گۈزەل مەنزىرىنىڭ ھەر بىرىمىزگە ئوخشىمىغان ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى V-Ebi^gz5W
|
|