查看完整版本: [-- شاپ:مۇھەببەتكە قانمىغان يۈرەك  2 (ھېكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> شاپ:مۇھەببەتكە قانمىغان يۈرەك  2 (ھېكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شاپ 2013-11-13 22:59

شاپ:مۇھەببەتكە قانمىغان يۈرەك  2 (ھېكايە)

,/eAns`ZU  
}n k [WW  
                                (4) 'Z6x\ p  
      ئاچىسى ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن سەمەت راستىنلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىدى. *$Z?Owl7  
بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تومۇز ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئاسىيە سومكا-چامادانلىرىنى كۆتۈرۈپ مەھەللىگە پەيدا بولدى.ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە سىڭلىسى كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا پىشايۋاندىكى سۇپىدا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى. pE{Ecrc3|  
    -سانىيە! L1QDA}6?_Y  
      سانىيە چۆچۈپ دەرۋازىغا قارىدى-دە،يۈگۈرگىنىچە ئاچىسىغا ئۆزىنى ئاتتى. Z) 
     -ئاچا!.. V=H:`n3k  
     -سىڭلىم!.. C/q!!  
ئىككى تەن بىر-بىرىگە سىڭىپلا كەتتى. !9_'_8  
    -سىڭلىم،يېغلاپسىەنغۇ ئاكاڭ بوزەك قىلدىما؟ 1YtK+,mz  
    -ياق! {=ATRwUL  
    -ئەمىسە ساڭا نېمە بولدى،قاپاقلىرىڭ ئىششىپ كېتىپتىغۇ؟ No*[@D]g  
     سانىيە يېغىسىنى قايتىدىن باشلىدى. &W{v(@  
    -ئاچا،ئەمدى سەمەت ئاكامدىنمۇ ئايرىلدىم...بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز،مەن بۇ ئۆيدە يالغۇز قورقىدىكەنمەن... ==EB\>g|  
    -نېمە،ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟ 9^@)R ED  
    -سەن بېيجىڭغا كەتكەندىن كېيىن ئاكام راستىنلا ئوقۇشتىن توختاپ قالدى.   بىر كۈنى ئۇ ئۆيدىكى پۇلىنى ئېلىپ سودا قىلىمەن دەپلا پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى،كىم بىلسۇن،ئۈچ كۈندىن كېيىن يېزا بازىرىدىكى ساقچىلار ئاكامنىڭ جەسىتىنى ئەكېلىپ بەردى.ئەسلىدە ئاكام شەھەرگە مال ئېلىشقا بارغان بولۇپ،قايتىشىدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ،ھۇ...ھۇ...  |^"0bu"  
    -تاغام سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولغاچقا قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە ئۇنى يەرلىككە قويدۇق.ئەمدى قانداق قىلىمىز ئاچا،ئېيتقىنچۇ؟ ھۇ...ھۇ... KtHkLYOCG  
     -سەن خاتىرجەم بولغىن سىڭلىم ،مەن سېنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتىمەن،مەن ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلدىم،سەن ئەمدى يالغۇز قالمايسەن،مەن سەندىن ئايرىلمايمەن ئوماق سىڭلىم! .AZwVP<  
ھە-!،راستما؟ < pZwM  
    -راست سىڭلىم،ئەمدى مەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەقسىماتىنى كۈتۈپ ئولتۇرىمەن،بەلكى 9-ئايلاردا خىزمەتكە چۈشۈپ قىلىشىممۇمكىن. ABcB-V4  
     ئۇلار قاش قارايغاندا ئىنىسى سەمەتنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يېغلاشتى ۋە دۇئا قىلىپ يېنىشتى. L @Q+H N  
      ئاھ-!رەھىمسىز پەلەك،مانا،ئىلگىرى بۇ ئائىلىنى دادىسى توزىتىۋەتكەن ئىدى،ئەمدى قان-قىرىنداشلارنىمۇ بىر بىرلەپ ئايرىۋېتىپ بارىسەن.بۇلار نېمىنى خاتا قىلغان بولغىيدى؟ئۇلار بۇ يېشىدا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن خۇشال ياشىشى كېرەك ئىدىغۇ،ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ئۇلار بۇنداق بۇرۇن كۆرمىسە بولاتتىغۇ؟ =}.gU WV  
      سەمەت كىلەر يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرەتتى،بەلكىم ئوقۇشتىن چىكىنمىگەن بولسا ھايات قالامدىكىن؟ _n_()at)  
     سەمەت بۇنداق كېتىۋەرسە يېتىپ يىسە تاغمۇ توشۇماپتۇ دېگەندەك ئۆزلىرىدىكى بۇ ئازغىنە پۇللارنىڭ ئاخىرى تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ،كېيىن سودا قىلىش ئويېغا كېلىپ بىر ئاغىنىسى بىلەن شەھەرگە مالغا كىرگەن ئىدى،كىم بىلسۇن،ماشىنىنىڭ ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغان سەمەتنى قارشى تەرەپتىن كەلگەن يۈك ماشىنىسى سوقۇۋەتتى... E;[Uhh|78!  
     بۇ ئىككى قىز يېغلىدى،قاقشىدى بىراق چىققان كۆز ئورنىغا كەلمىگەندەك،ئۆلۈمنىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمىدى. B9Hib1<8  
                                         (5) v*%52_   
      ئاسىيە يېزا بازىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشۈپ بىر ئايدىن كېيىن سىڭلىسى سانىيە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى... e['<.Yf+  
ئاسىيە بولسا ئەمدى يالغۇز قالدى. )]s<Czm%  
      بىر دەم ئېلىش كۈنى ئاسىيە سىڭلىسى بىلەن توردا كۆرۈشۈش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىدىكى ئىزدىنىش تورخانىسىغا كىرىپQQنى قوزغىتىپ كامېرا ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى: ZvMU3])u  
      -ئاچا،خىزمىتىڭ ئالدىراشمۇ؟ EC 1|$Co  
      -ئانچە ئالدىراش ئەمەس،سېنىڭ ئوقۇشۇڭ قانداقراق كېتىپ بارىدۇ؟ -$DfnAh  
      -ھە راست ئاچا،مەن بۇ ماۋسۇمدا ئۆگىنىش جەھەتتە سىنىپ بويىچە   ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتۈم،ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ ئالدىم ئۆزىتېخى!سەنچۇ،بەك يالغۇزلۇق ھىس قىلىۋاتقانسەن ھە ئاچا! hzRKv6  
      -ياق سىڭلىم،خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن تاماق ئېتىپ يەيمەن،دەرس تەييارلايمەن،تاپشۇرۇق تەكشۈرىمەن بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغانلىقىنى بىلمەيلا ئۇخلاپ قالىمەن.بۇنىڭ بىېلەن يالغۇزلۇقمۇ ئانچە بىلىنمەيدۇ! 1m#.f=u{R  
     -ئاچا،ئۆزۈڭنى ئاسرا،سەن ئۇ يەردە بەك يالغۇز قالدىڭ،بىخەتەرلىككە بەكرەك دىققەت قىل،ئىشىك-دىرىزىلەرنى ياخىشى تاقىغىن،سېنى بىرسى ئېلىپ قاچسا مەن ئاچىسىز قالماي يەنە! ~UZ3 lN\E  
     -ماڭە شەيتان،مەندىن ئەنسىرىمەي ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقۇ،مەن ھازىر مەكتەپنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ باردىم،خىزمىتىم بەكلا كۆڭۈللۈك،مەندىن ئەنسىرېمىسەڭمۇ بولىدۇ. IWq#W(yM  
     -ماقۇل ئاچا،ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرا،مەكتىپىڭگە بۇرۇنراق قايتىپ كەتكىن! E6Z kO/  
     -بولىدۇ سىڭلىم،سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئاسرا،سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل،تاماقنى ۋاقتىدا يېگىن! &9fQW?Czs  
     -بولىدۇ،خوش ئەمىسە! hlB\Xt  
خەير-خوش! JE7m5k Ta  
      بۇ ئىككىسى شۇنداق خوشلاشتى.ئاسىيە QQنى ئەمدىلا تاقاي دەپ تۇرىشىغا بىرسىنىڭ ئۆزىنى قوشېۋىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرى يېتىپ كەلدى.ئۇ بىردەم تۇرۇپ قالدى،قانداق قىلىش كېرەك؟ #Pp:H/b  
      ئاسىيە ئىلگىرى تورخانىلارغا بارمايتتى،سىڭلىسى ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن ئاچىسىغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ QQنومۇرى ئالغۇزدى،بۇنىڭ بىلەن ئاسىيە ۋاقىت تاپقان چاغلىرىدا سىڭلىسى بىلەن توردا كۆرۈشۈپ يۈرگەن ئىدى.ئۇنىڭ توردا باشقا تونۇشلىرى يوق بولۇپ پەقەت سىڭلىسى بىلەنلا ئالاقىلىشاتتى.مانا ئەمدى بىرسى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. OtmDZ.t;`  
      ئاۋۋال تونۇشۇپ باقمايمەنمۇ،ياخشى بولسا دوست بوپ قالارمەن،ناچار بولسا ئىشىنى قىلار.ئاسىيە شۇنداق دەپ ئويلىدى-دە،ئۇنى قوشۇۋالدى. X<$Tn60,  
      -مېنىڭ ئۆزۈمنى قوشېۋىلىش ئىلتىماسىمنى شۇنداق تەستە تەستىقلىدىڭىز-ھە!،ئەگەر سىز رەھبەر بولۇپ قالغان بولسىڭىز پۇقرالارغا خاپىلىق بار ئوخشىمامدۇ؟ }!oEj cX'  
ئاسىيە ئىختىيارسىز ئۇنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپ قالدى،شۇنداقلا قايتۇرۇپ سورىدى: {tUe(  
    -قاندق دەيسىز؟ ،مەن ئەھۋالنى ياخشى كۆزىتىپ ئاندىن ئىلتىماسنى تەستىقلايمەن. z3K$gEve  
    -ئوھۇي خانقىز،كەچۈرۈڭ،رەھبەر خانقىز دەي،سىز راستىنلا رەھبەر ئوخشىمامسىز؟ )>:~XA|?  
    -رەھبەر بولماي ئەمىسە،قول ئاستىمدا 50نەپەر ئادەم ئىشلەيدۇ. d X cbS<  
    -سىز راستىنلا رەھبەرمۇ،قايسى ئورۇن ياكى قايسى شىركەتنىڭ رەھبىرى؟ -&>V.hi7  
    -سىز راستىنلا ئىشىنىپ قاپسىز –ھە! مەن بىرەر  شىركەتتە ئىشلىمەيمەن،XXيېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيمەن.سىنىپىمدا 50نەپەر ئوقۇغۇچى بار. BZ?3=S1*  
     سىزنىڭ 50نەپەر خىزمەتچىم بار دېگىنىڭىز ئاشۇ 50نەپەر ئوقۇغۇچى ئىكەندە؟ {x_.QWe5  
    -شۇنداق. I.jqC2G  
    -ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟مېنىڭ ئىسمىم يۈكسەك. i"0Bc{cQ  
    -بولمايدۇ. O@T,!_Zf  
ئاسىيە بىردەم ئويلانغاندىن كېېيىن جاۋاب بەردى . eut2x7Z(c  
   -ھە-راسىت،بولىدۇ،مېنىڭ ئسمىم قاھىرە. 3 }fOb  
   -پاھ-پاھ !،ئىسمىڭىز بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن. W\~^*ny P6  
   -خانقىز،ئىسمىڭىزنى بىلىۋالدىم،ئۆزىڭىزنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ.كامېرانى ئېچىڭە،سىزنى بىر كۆرۈۋالاي! GEWjQ;g  
   -كەچۈرۈڭ،مەن كەتمىسەم بولمايدۇ. Y~I 
ئاسىيە شۇنداق دەپلا كومپىيۇتېرنى تاقاپ مەكتىپگە قايتىشقا يولغا چىقتى.ئۇ ياتىقىغا كەلگەندە خىلىلا كەچ كىرىپ قالغان ئىدى. ]u|fLK.|  
                                    (6) >NKJ@4Y  
        شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككى-ئۈچ ئايغىچە توردا پاراڭلىشىپ يۈردى.يۈكسەكنىڭ ھېسياتقا باي شېرىن تاتلىق سۆزلىرى،تۇرمۇشقا بولغان ئۆزگىچە قاراشلىرى،بارا-بارا ئاسىيەنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى.ھەر ھەپتىدە ئامال قىلىپ ناھىيىگە قاتراپ توردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغان،شەنبە-يەكشەنبە ئىشلەپ قالغان كۈنلىرىمۇ بىر ئامال قىلىپ سەۋەپ تېپىپ رەھبەرلەردىن رۇخسەت سوراپ ناھىيىگە چاپىدىغان بولدى. j,k3]bP  
بىر كۈنى ئۇلار توردا يەنە كۆرۈشۈپ قالدى،يۈكسەك: KxkBP/`3Q  
    -قاھىرە،سىزنى بەك سېغىندىم،مۇشۇنداق يۈرېۋىرىمىزمۇ؟نەچچە قېتىم سىز دەپ بەرگەن مەكتەپكە بېرىپ سىزنى ئىزدېدىم،بىراق مەكتەپتىكىلەر بۇنداق ئىسىملىك ئادەم يوق دەپ تۇرىۋالدى،سىزنىمۇ ئۇچراتمىدىم.ئەجەبا سىز مېنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟سىز ئۆز ئىسمىڭىزنى خاتا دەپ بەردىڭىزمۇ-قانداق؟ RuPnWx!  
       -ۋاي-ۋۇي،سۇئالىڭىزنىڭ قايسى بىرىگە جاۋاب بېرىپ بولىمەن؟ $'J3 /C7  
       -كەچۈرۈڭ،مەن سىزنى بەك سېغىنىپ كەتكەچكە ھاياجانلنىپ كەتكەن ئوخشايمەن.راسىت ئېيتىڭچۇ،بىز قاچان،قەيەردە كۆرۈشىمىز،مېنى قىينىلىپ ئۆلسۇن دېمەيدىغانسىز؟ 928_e)V  
      -نېمە ئانداق ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتىسىز؟سىز ئۆلسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟ R BYhU55B  
     -ئاسىيە شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ جىمىپ قالدى.توغرا،ئاسىيە ئىشەنگەن بۇ يىگىت قانداق ئادەم،نېمە ئىش   قىلىدۇ،ئاسىيە ئۆزىتېخى بۇئۇچۇرلارغا ئېرىشكىنى يوق. IzP,)!EE  
    -ئەمىسە مەن ئېيتىپ بېرەي،3-ئاينىڭ 21-كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولىدۇ،شۇ كۈنى مەن سىزنى ناھىيە بازىرىدىكى "ئاي گۇۋاھ"ئارامخانسىىنىڭ 21-نومۇرلۇق ئايرىمخانىسىدا ساقلايمەن.شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە كۆرۈشەيلى. jf9+H!?^N  
     -بولىدۇ،مېنى بەك خۇشال قىلىۋەتتىڭىز قاھىرە،مەن بۇ بىر ھەپتىنى قانداقمۇ ئۆتكۈزەرمەن،مېنىڭ شۇ تاپتا يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارغۇم كېلىۋاتىدۇ. q(KjhM  
    -بولدى،بۈگۈن بەك كەچ كىرىپ كەتتى،سىز ئۇچۇپمۇ يۈرمەڭ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىلايەتتىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىپ بولغىچە قاناتلىرىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەي قالمىسۇن يەنە! \9?[|m z  
-راسىت قاھىرە،سىز ئادەتتە تېلېفونى ئىشلەتمەمسىز،ھازىرغىچە پەقەت توردىلا پاراڭلىشىپ كەپتىمىز! 7~7L5PRW  
-مەن تېلېفونى ئىشلىتىشتىن،باشقىلارنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق مېنى ئاۋارە قىلىشتىن بەك قورقىمەن.  @>2pY_  
-بولىدۇ،قەدىرلىكىم قاھىرە،مەن سىز بېكىتكەن كۈنى چوقۇم بارىمەن،ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئاسراڭ!  Gl~l  
-بولىدۇ،سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،ۋاقتىدا ئارام ئېلىڭ! D-gH_ff<]9  
ئۇلار ئايرىلىشقا كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. K`4lL5oH  
3-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە ھەر ئىككىيلەن خىيالغا پېتىشتى. 1dH|/9  
"ھەي ئاسىيە،ھەي ئاسىيە،يۈكسەك بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماقچى بولۇۋاتىسەن،بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولار،يە بارمايلا قويسام بولارمۇ؟ياق،بارمىسام يۈكسەك چوقۇم مەندىن خاپا بولۇپ قالىدۇ،بولدىلا بارسام بارايچۇ،ئەگەر ئۇ كۆڭلۈمگە ياقمىسا بۇندىن كېيىن بولدى قىلىپ ئۆز يولۇمغا ماڭارمەن"،ئاسىيە ئەنە شۇنداق ئويلاۋاتاتتى. +,Eam6g{  
"مەن ئۇ قىز بىلەن راستىنلا ئارىلىشىپ قالدىممۇ ئەمدى،ساھىبەچۇ؟ساھىبە بۇ ئىشنى بىلىپ قالسا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر-ھە؟بولدىلا،ئارتۇق ئويلاپ نېمە كەپتۇ ماڭا،قاھىرە ساھىبە بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمنى بىلمىگەندىكىن چاندۇرماي ئۆتمەيمەنمۇ؟ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولمامدۇ؟". .t8)`MU6.  
تۆت-بەش سائەت ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ناھىيە بازىرىدىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن يۈكسەك شۇنداق ئويلاۋاتاتتى.ئۇ شۇنداق تەگسىز خىيالغا پاتقاچ ھارغىنلىقتىن ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى... &G {GLP?H  
تاڭ ئاتتى. ,Z`}!%?  
بۈگۈن ھاۋا رايى باشقىچە ياخشى بولۇپ،ئاسمان سەتھىسىدە ئازراقمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى.قۇياش نورى بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىنى قىزىتىشقا باشلىغاندا،بۇ ئىككى ياش "ئاي گۇۋاھ"ئارامخانسىىنىڭ  21-نومۇرلۇق ئايرىم خانىسىغا جەم بولۇشتى. NRRJlY S  
يۈكسەك ئۆز كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى، بېشىغا گىلەم دوپپا كىيىپ چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان،ئەتلەس كۆينەك  كىيىۋالغان،ئەمدىلا كۆتۈرۈلشكە باشلىغان بىر جۈپ كۆكسى بۇ گۈزەلگە  تېخىمۇ ئۆزگىچە لاتاپەت ئاتا قىلغان بولۇپ، ئالدېدىكى بۇ قىز بەئەينى ئۇستا رەسسام بارلىققا كەلتۈرگەن گۈزەل سەنئەت ئەسىرىگە ئوخشايتتى. ]J7qsMw  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! q 
-ۋە...ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! h<.5:a  
ئاسىيەنىڭ گۈزەل لاتاپىتىگە مەھلىيا بولۇپ قالغان يۈكسەك دۇدۇقلىغىنىچە دەرھال ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈۋالدى. bWe2z~dP  
-مەن قاھىرە بولىمەن،قىنى ئولتۇرۇڭ! *^?tr?e%I<  
ئۇلار ئەھۋاللىشىپ بولغىچە كۈتكۈچى قىز كىرىپ كەلدى دە-،سورىدى: s^k G]7  
-تورتنى ھازىرلا ئېلىپ كېرەمدۇق؟ 5KC Qvv\  
-شۇنداق،ئېلىپ كىرىڭ! z/7q#~J,  
يۈكسەك شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى. g"-j/ c   
-نېمە،نېمە تورت ئۇ؟ -&/?&{Q0  
ئەلۋەتتە بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈننىڭ تورتى بولمامدۇ؟ j 
-سىز تۈنۈگۈن كەلمىگەنىسىز؟ L 8 P0bNi  
-ئەلۋەتتە،تۈنۈگۈن كەلمىسەم،كېچىكىپ قېلىپ سىزدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق چىدايمەن؟ :V/".K-:J  
شۇ ئارىدا تورتمۇ كەلتۈرۈلدى،ئۇلار تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ تىلەكلەرنى تىلىگەچ تورتنى پارچىلىدى.شۇ ئارىدا يۈكسەك ئېلىپ كەلگەن بىر ئورالما قاپنى ئۈستەل ئۈستىگە ئېلىپ قويدى. Y\ [|k-6  
-قېنى،ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ،ياقتۇرامسىزكىن! *C*J1JYp+  
ئاسىيە بۇ ئورالما قاپنى ئېچىپ ھەيران قالدى.ئۇنىڭ ئىچىدە بىر دانە ساپسېرىق ئالتۇن زەنجىر بىلەن بىر دانە سېرىق رەڭلىك يانفون تۇراتتى. x'|ty[87  
-بۇ...،بۇ قىممەتلىك سوۋغاتنى قوبۇل قىلالمايمەن! v({O*OR  
-قوبۇل قىلالمايمەن؟،ئەمىسە بۇنى تاشلىۋىتەي! OUv)`K  
يۈكسەك شۇنداق دەپلا قاپنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى،ئاسىيە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى-دە،چاققانلىق بىلەن قولىنى تارتىۋالدى: vC]X>P5Px  
-بولدى ئۇنداق قىلماڭ،مەن بۇنى قوبۇل قىلاي! j0l{M c5  
-ئەمدى توغرا قىلدىڭىز،بۇلارنى سىزنى دەپلا سېتىۋالغان تۇرسام،يەنە كېلىپ بۇ يانفوننى ئىشلەتسىڭىز خالىغان ۋاقىتتا سىز بىلەن سۆزلىشەلەيمەن ئەمەسمۇ،بۇ زەنجىرغۇ ئەرزىمەسلا بىر نەرسە! 196aYLE  
-ئۇنداق دېمەڭ،بەك قىممەتلىك نەرسىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟مەن بۇ سوۋغاتلارغا لايىق كىلەرمەنمۇ؟ yfl?\X{  
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز،سىز ئۈچۈن جېنىم كەتسىمۇ   رازىمەن!بۇ ئادەتتىكى نەرسىلەر،شۇڭا قوبۇل قىلمىسىڭىز بولمايدۇ... KhjC'CU,  
ئۇلار تورتلىرىنى يېيىشىپ تۇرۇشىغا قىزلار ياخشى كۆرىدىغان تۈرلۈك ئاچچىق چۈچۈكلەر كەلتۈرۈلدى.ئۇلار شۇ تەرىقىدە خىلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ غىزالانغاندىن كېيىن ياشلار باغچىسىغا بېرىپ ئايلاندى،سۈرەتكە چۈشۈشتى... 4Kj.o  
كەچ سائەت تۆتلەردە ئاسىيە مېڭىش ئۈچۈن يۈكسەك بىلەن خوشلاشتى. z5@XFaQ  
-قاھىرە،ماقۇل دەڭ،ئەتە دەم ئېلىش كۈنى بولغاندىكىن سىزنى ئەتە يولغا سېلىپ قوياي! .s{ "NqRA  
-بولمايدۇ،بۈگۈنمۇ ياخشى ئوينىدۇق، دۈشەنبە كۈنى ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرۈشى بار ئىكەن،شۇڭا بۈگۈن مەن كېتىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى تەكشۈرمىسەم بولمايدۇ. !5,C"r  
يۈكسەك يولۇچىلار بېكىتىگە كېلىپ ئاسىيەنى ئۇزىتىپ قويدى ھەم ئۆزىمۇ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. @.;+WQE  
ئاسىيە يۈكسەك بىلەن خوشلىشىپ كۆڭلى سەل يىرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ قىلغىنىدىن رازى بولدى.چۇنكى ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆنۈپ قالغان بولسا ياخشى بولمايتتى،چۈنكى ....ئاسىيە خىيالىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. qT#e -.G  
يۈكسەكمۇ ماشىنىدا كۆزىنى يۇمغان ھالدا خىياللارغا پاتقان ئىدى: ~[CFs'`(2  
"-بەك ئاخلاقلىق قىز ئىكەنغۇ بۇ،ئەگەر قاھىرە بولغان بولسا دېگىنىمگە كۆنۈپ ياتاق ئاچقۇزايلى دېسەممۇ ياق دېمىگەن بولاتتى". cSt)Na~C  
شۇندىن كېيىن ئۇلار كۈندە دېگۈدەك يانغۇندا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بولدى. 1T|f 
بىراق ئارىدا بىر ئايغا  يىقىن يۈكسەكنىڭ يانفونى ھەم QQسى ئېتىلىپ قالدى. Y j oe|  
ئاسىيەنىڭ ئىچى تىتىلداپ تۇراتتى،بىرەر كۈن يۈكسەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىسا خاتىرجەم بولالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن بولغاچقا،ئۇنىڭدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ قالدى.كۆڭلىدىن كەچمىگەن خىيالى قالمىدى. |4\1V=(  
4-ئاينىڭ 21-كۈنى كىچىدە ئاسىيەنىڭ يانفونى تۇيۇقسىز سايرىدى،قارشى تەرەپتىن نا تونۇش بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: ^s)`UZ 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خانقىز،سىز قاھىرە بولامسىز؟مەن يۈكسەكنىڭ دوستى بولىمەن،ئۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى،سىز بىر ئامال قىلىپ كېلەلەمسىز؟ xmg 3,bO  
ئاسىيە بىرسى بېشىغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ توۋلىۋەتتى: x^1udK^re  
-نېمە،قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى؟قاچان ھادىسىگە ئۇچرىدى،ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ o[>d"Kp  
-ۋاي-ۋۇي خانقىز،قايسى بىر سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىپ بولىمەن مەن؟ =E9\fRGU  
-خاپا بولماڭ،مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىپ... f.w",S^  
-ھېچقىسى يوق،تىزراق كېلەرسىز! m. pm,  
-بولىدۇ،بىراق بۈگۈن بەك كەچ كىرىپ كەتتى،شۇڭا ئەتە ئەتىگەن يولغا چىقاي،ئۇ قايسى دوختۇرخانىدا؟ @!`__>K  
-ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا. |62` {+  
-بولىدۇ،ھە راست،يۈكسەك يانفونىنى ئېتىۋەتمىسۇن! d]DV\*v  
-نېمە،يۈكسەك!،ھە...ھە  بولىدۇ. GLsa]}m,9  
قارشى تەرەپ دۇدۇقلىغىنىچە تېلېفونىنى قويىۋەتتى. %,\JTN|g|A  
ئاسىيە بۇ بىر كېچىنى ناھايىتتى تەسلىكتە تاڭ ئاتقۇزدى-دە،ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ۋىلايەتكە قاراپ ئاتلاندى.بىراق بۇ "ھادىسە"نىڭ بىر ساختا ئويۇن ئىكەنلېكىنى ئۇ قانداقمۇ بىلسۇن؟. ! I:N<  
ئاسىيە چارچىغىنىغا قارىماي ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا باردى ۋە ئۇ ياتقان ياتاقنى تەسلىكتە تاپتى. /p !A:8  
ئاسىيە ياتاققا كىرگەندە يۈكسەك بېشى تېڭىقلىق ھالدا"ھۇشسىز" ياتاتتى. w;lpJ B\  
-يۈكسەك...،كۆزىڭىزنى ئېچىڭا!، ئاسىيەنىڭ ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. c_>Gl8J  
ئاسىيە ھەر قېتىم يۈكسەككە تاماق ئېلىپ كېرەتتىيۇ،يېيىلمىگەن بۇ تاماقلارنى ئېلىپ چىقىپ تۆكەتتى. مانا ئىككى كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى،يۈكسەك  تېخىچە ھۇشىغا كەلمىدى.ئىككىنچى كۈنى كەچتە يۈكسەك ئازراق مىدىرلىغاندەك قىلدى. v]k-x n|$j  
-يۈكسەك...،كۆزىڭىزنى ئىچىڭا، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،مەن...،مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم! s+:|b~  
يۈكسەك كۆزلىرىنى تولىمۇ"تەسلىكتە"ئاران ئاچتى دە،ھاسىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى: " 
-كەلدىڭىزما،تېخى... سىزنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دە...دەپ ئويلىغان ئىدىم.رەھمەت ...رەھمەت سىزگە! 0GUJc}fgvN  
-نەدىكى گەپلەرنى دەيدىكەنسىز،ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭا،ئاسىيە شۇنداق دېدى-دە،يۈكسەكنىڭ قولىنى ئالقىنىغا ئېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى: AYn65Ly  
-ئېيتىڭا،قانداق بولۇپ بۇنداق بوپ قالدىڭىز؟ ` @QZK0Ox  
بۇ چاغدا دوختۇر كىرىپ ئاسىيەگە "بىمار" نىڭ چارچاپ كەتسە سالامەتلېكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى،شۇڭا ئەمدى ئارام ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى-دە،قالغان گەپنى مەن سۆزلەپ بېرەي دەپ ئاسىيەنى دوختۇرخانا گۈللۈكىگە باشلاپ چىقتى: w~@"r#-  
-ئۇ سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن سىزنى يەنە ئۇچرىشىش مەقسىتىدە سىزنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن،يۈكسەك ئولتۇرغان ماشىنا بەختكە يارىشا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپ تاس قاپتۇ جېنىدىن ئايرىلغىلى. ${T/b(NM  
-ئۇ قانچىلىك ۋاقىتتا ئەسلىگە كېلىدۇ؟ d6MWgg  
-ھازىر بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.ياخشى كۈتۈنسە چوقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. _V"0g=&Hc  
-ئۇ ھوشسىز ياتسا بۇ ئىشلارنى ئەجەپ سىز تەپسىلى بىلىدىكەنسىزغۇ؟ ]^ R':YE  
-بۇ...بۇ،توغرا مەن بىلىمەن،چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولىمەن، قاتناش ساقچىلىرى ماڭا تېلېفونى ئۇرۇپتىكەن،شۇڭا... UBwl2Di  
-ھە،ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قاپسىز،رەھمەت سىزگە.يەنە بىر ئىش بار ئىدى. )Q=u[ p  
-قېنى سۆزلەڭ،نېمە ئىش؟  
-بۈگۈن مېنىڭ رۇخسەت ۋاقتىم توشاتتى،شۇڭا مەن كەتمىسەم بولمايدۇ،يۈكسەككە ياخشىراق قاراپ قويسىڭىز! MG=E 6:  
-ئۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ،ئۇ ھوشىغا كەلسىلا داۋاملىق سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چاقىرىدۇ،ئۇ ياخشىلىنىپ بولغىچە بۇ يەردىن كەتسىڭىز بولماسمىكىن؟ _}5vO$kdO  
-ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟ RZHfT0*jL  
-مەكتىپىڭىزدىكىلەردىن قايتا رۇخسەت سورىمامسىز؟ 5len} ){  
-بولىدۇ،مەن سوراپ باقاي،ھە-راست،مەن رۇخسەت سورىغاچ يۈكسەككە تاماق ئېلىپ كىرەي،سىز كىرىپ كېتىۋېرىڭ! Ll KO(Q{"  
مانا،ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.بىر كۈنى ئاسىيە يۈكسەككە تاماق ئېلىپ 8c) eaDu  
ياتاققا كىرگەندە يۈكسەك  دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى. nVs@DH  
-بۇ تاماقنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ! oL]uY5eZoe  
-گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدۇ،شۇڭا... Fn5BWV  
ئاسىيە يۈكسەكنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي تاماقنى ناھايىتتى تەسلىكتە يىگۈزدى. p<r^{y  
ئەمەلىيەتتە ئاسىيە دوختۇر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا بىر سىستېرا بۇ "بىمار"غا ئاللىقاچان تاماق يىگۈزۈپ بولغان ئىدى. w>B}w  
-يۈكسەك،مەن ئەمدى قايتىپ كېتەي،خىزمەتكە چۈشمىسەم بارلىق ئىشلار يېغىلىپ قېلىپ،كېيىن تۈگىتەلمەي قالىمەن.يۈكسەك ئاسىيەنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان ھالدا سورىدى: ;y(;7n_ a  
-ئەمدى قاچان كۆرۈشىمىز؟ J!om"h  
-بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىمەن. -Mr_Ao`E  
-كەتمىسىڭىز زادى بولمامدۇ؟ DCp8rvUI  
-ئەمدى كەتمىسەم سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ يوقلىقىمدىن پايدىلىنىپ دەرسكە قاتناشمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. "" UyfC[  
ئاسىيە كېيىن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ خىزمەت ئورنىغا قايتتى. mP*$wE9b,:  
ئاسىيە دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن ئايرىلىشىغا،يۈكسەك بېشىدىكى تېڭىقنى يېشىۋېتىپ دەرھال قىمارخانىغا ئۆزىنى ئاتتى... /rpr_Xw}  
(7) waMV6w)<  
ئاسىيەنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ كېلىشى ئىككى ئايغا ئۇلاشقاندا يۈكسەك"دوختۇر"نىڭ كۆيۈنۈپ داۋالىشى نەتىجىسىدە ساقىيىپ ئورنىدىن تۇردى.   S }`f&  
يۈكسەك ئەسلىدە ئاسىيەنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان،كۆرمەيدىغانلىقىنى سىناش مەقسىتىدە بۇ ئويۇننى ئويناپ چىققان ئىدى.ئەمەلىيەتتە،يۈكسەكنىڭ بۇ يەردە ئارىلاشقان قىزچىقى يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ،ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرسە خىزمەت ئىزدېمىسە بولمايتتى. ئاسىيە بىلەن تونۇشقاندىن بېرى نۇرغۇن كېچە قاتتىق ئويلاندى.ئاخىرى ئاسىيەنى تاللىدى.ئاسىيەگە ئوخشاش ئىش ھەققى بار تەييار لوق گۆش يۈكسەك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى -ئەلۋەتتە. -n 7 @r  
بىر كۈنى مۇنداق بىر ۋەقە بولۇپ ئۆتتى: z9 0JZA  
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاسىيە خىزمەتلىرىنى تۈگىتىپ يۈكسەك بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ۋىلايەتكە قاراپ يول ئالدى.بىراق شۇنچە ئالدىراش يولغا چىققىنى بىلەن قىرىشقاندەك يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قېلىپ يېرىم كېچە بولاي دېگەندە خوتەنگە يېتىپ كەلدى،بۇ چاغدا بەك كەچ كىرىپ كەتكەچكە يۈكسەككىمۇ خەۋەر قىلماي مېھمانخانا ئىزلەپ ماڭدى.ئۈچ-تۆت مېھمانخانىغا باردى،بىراق بوش ئورۇن يوق دېگەن جاۋابقا ئېرىشتى. 0y$VPgsKf  
قانداق قىلسۇن؟،بۇنداق كېچىدە يۈكسەككە خەۋەر قىلىش بىئەپ ئىدى.ئاخىرى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنستىتۇتى تەرەپتىن ئىزدەش مەقسىتىدە ئالغا قاراپ ماڭدى. يوللاردا ئاندا-ساندا ماشىنا ئۆتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىنسى جىنمۇ ئۇچرىمايتتى. قاياقلاردىندۇر مەسلەرنىڭ ئالا -تاغىل ۋارقىراش -جارقىراشلىرى ، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاسىيە قەدەملىرىنى تىز-تىز يۆتكەپ ئالدىراپ مېڭىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بىر نەچچە مەست مودا بولىۋاتقان ناخشىغا توۋلاپ ئۇنىڭ ئالدىغىلا چىقىپ قالدى. ئاسىيە ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ماڭدى ،ئەمما ئۇلار ئاسىيەنى كۆرۈپ قالدى-دە : #r9\.NA!  
-ۋوي ،قاراڭلار ئاغىنىلەر ! بۇ تۇمۇچۇق بىزنى ساقلاپ تۇرغانمۇ -نېمە ،ھا...ھا...! -دېدى ئارسىدىكى بىرى . :uAL(3pQ  
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالغانلارمۇ تېتىقسىز گەپلەرنى قىلغاچ ئىسقىرتىشىپ يىقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى،شۇ چاغدا ئاسىيە قورقۇپ يۈرۈكى قىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئارقىغا داجىدى. شۇ چاغدا ئارىسىدىن بىرى: k(G6` dY  
- توختاڭلار بۇرادەرلەر ،ئاۋال گەپنى دېيىشۋالايلى ! تەييار كەلگەن بۇ ئولجىنى قانداق بۆلىشىمىز؟ -دېدى . s YTJ^Kd  
ئاسىيە قول سومكىسىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە جالاقلاپ تېتىرەشكە باشلىدى. &M5v EPR  
يەنە بىرى : RCfeIHL  
- بولدى ماڭايلى بۇرادەرلەر ! ئاجىز قىز بالىنى بوزەك قىلمايلى!،- دېدى. \V'fB5  
ئاسىيەگە بۇ ئاۋاز تونۇشتەكلا قىلاتتى،بىراق... t$qIJt$  
-ۋاي- ۋوي قادىر ئاكا ، مۇشۇنداق ئوبدان ئىشلارلا بولسا تارتىشىپ تۇرىۋالىسەن!-دېدى ئەڭ باشتا گەپ قىلغان بىرى. F ]X 
-بولدى سەن ئوينىمىساڭ ئوينىما ئاكا ! بىز ئوينايمىز ، ئەمىسە تۆگە كۆردۈڭمۇ -ياق ،ھە؟-دېدى يەنە بىرى ئاسىيەگە يىقىنلاپ. w!*ZS~v/r  
ھەش پەش دېگىچە ئاسىيە ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى، ئۇلار ئاسىيەنى قىستاپ كېلىشكە باشلىدى.ئاسىيە كەينىگە داجىپ بىر چاغدا تامغا يۆلۈنۈپ قالدى.ئاسىيە ئەمدى ئۆزىتېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى. B{0]v-w  
-ئاكىلار ئۇنداق قىلماڭلار،سىلەرنىڭمۇ ئاچا-سېڭىللىرىڭلار باردۇر،مېنى قويۇۋىتىڭلار! ئاسىيە شۇنداق دېيىشىگە بىرى ئۇنىڭ قولىدىكى سومكىنى تارتىپ ئالدى-دە : r[):'ys,C  
-ئوھۇ خان،مۇشۇنداق ئاسان ئىش بولامدۇ،ئالدىمىزغا كەلگەن تەييار ئولجىنى تاشلىۋىتىدىغان،ماڭسىڭىزمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئېچىپ قويۇپ ئاندىن ماڭارسىز،ئالدىراپ نەگە باراتتىڭىز،ھەقىچان سىزمۇ ئولجا ئىزدەپ ماڭغانسىز،بولمىسا بۇنداق كېچىدە نېمە بار سىزگە؟ CC@U'9]bH  
- ئەخمەت ! تۈتە مانى ،ئېچىگە قاراپ باق نېمە باركىن؟ تەلېيىمىزگە بىر نېمە چىقىپ قالامدۇ تېخى-دەپ يىنىدا تۇرغان بىرىگە ئېتىپ بەردى. }x$@j  
ئاسىيە: Q2oo\  
- سىلەر نېمە قىلماقچى ؟ پۇل دىسەڭلار سومكامدا بار ، ماڭا چىقىلماڭلار !،-دەپ يىلىنىشقا باشلدى.ئەمما ئۇلار ھېچ بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئاسىيە شۇ چاغدا تۈنجى بۇلۇپ بۇ ئالەمگە تۆرەلگىنىگە شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئەتە يولغا چىقمىغانلىقىغا بەكمۇ پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى،بىراق پۇشايمان قىلغان بىلەن بولار ئىش بولغان ئىدى،ئەمدىكى ئامال ئۇلاردىن بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلۇش ئىدى. ئېچىدە «تۈگەشتىم »دىگەن سۆزنىلا تەكرارلايتتى .ئاسىيە ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشتى شۇنداقتىمۇ ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئېگىز بويلۇق  بىرى ئاسىيەگە يىقىنلاپ كېلىپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ چىرايېغا قارىدى ۋە : )Dms9:  
-ۋاھ ، ئاسماندىن چۈشكەن پەرىزاتمۇ -نېمە بۇ، قالتىس سەتەڭ نىمىكەن ! -دەپ ئۆزىتېخىمۇ قىستاپ ئاسىيەنىڭ كۆكرىكىگە قول ئۇزاتتى. G \a`F'Oo  
دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئېچىدىكى بايا كېتىشكە چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى: i \Yd_  
-قاھىرە ؟-دېدى.ئاھ، تونۇش ئاۋاز! ^^k9Acd~p  
ئاۋاز گەرچە ئاستا چىققان بولسىمۇ ئۇ گويا قۇتقازغۇچى ئېلاھى ئاۋازدەك ئاسىيەگە ئۇچۇق ئاڭلاندى، ئاسىيە  دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە زور ئۆمىد بىلەن قارىدى. vx6lud0k}  
ئەمما قاراڭغۇ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى بىشىنى بۇرىۋالغاچقىمۇ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. [[w-~hHH-  
شۇ ئارىدا تونۇش ھىلىقى ئاۋاز يەنە ياڭرىدى :- مۇشۇمۇ ئىشمۇ ، جۈرۈڭلار ئاغىنىلەر كىتەيلى !-دىگىنى ئاڭلاندى. -1$z=,q'  
يەنە بىرى :- قويە سىنى ! دائىم ئالدىڭغا تەييار ئولجا كەلسىلا ئىش بۇزىسەن! ئوينىغۇڭ بولمىسا مەن ئەپلەشتۈرەلمەيمەن دەپ بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ تۇرساڭلا بولمىدىمۇ؟-دېدى ئاچچىقلاپ. {{bwmNv"  
-شۇ ئەمەسمۇ ، ئالدىنقى قېتىممۇ تاۋكادا ئۇتقان مەمەتنىڭ پۇلىنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دەپ زورمۇ-زور قايتۇرۇپ بەرگۈزىۋەتتىڭ ! ئەمدى گىپىڭگە كېرىۋەرمەيمىز جۇمۇ قادىر،-دېدى ئاسىيەنىڭ ئالدېدىكى ھېلىقى ئېگىز بويلۇق ئادەم. uZf 6W 
- قېنى نوچى بولساڭلار چىقىلىپ بېقىڭلارچۇ ! مەن بىر كۆرەي!- دېدى قادىر دېگىنى . 67H?xsk@n  
- قادىر بولدى قىل ! تاقەتنىڭمۇ چېكى بولىدۇ ! -دېدى ئاسىيەنىڭ ئالدېدىكى ھېلىقى ئېگىز  گەۋدە دەرھال كەينىگە قايتىپ . ?|oN}y"i  
-بىزنىڭ ساڭا كۈچىمىز يېتىدۇ جۇمۇ قادىر ! -دېدى ئالدىدا گەپ قىلغان بىرسى. K)1Lg? j  
-توغرا ،ھەممىڭلار بىرلەشسەڭلار كۆچۈم يەتمەسلىكى مومكىن ،ئەمما بۇرۇنقى قىلغان -ئەتكەنلىرىڭلارنى مىنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ قويمىسۇن دېسەڭلار،ئاستا كەتكىنىڭلار تۈزۈكمىكىن،-دېدى قادىر قاراڭغۇلۇقتىن چىقماي تۇرۇپ نەسىھەت ئارلاش تەئەددى بىلەن. 4a!%eBhX"K  
-نېمە ! بىزنى ئۇنداق گەپلىرىڭ بىلەن قورقۇتىمەن دېمە ! ئۇنتۇپ قالما ،ئۇ ئېشلارغا سەنمۇ شېرىك جۇمۇ!- دېدى پاكار بويلۇق بىرى قادىرغا يىقىنلاپ . 5D-as9k*  
-توغرا ! سىلەر قىلغان ھەر بىر ئەسكى ئېشنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ! بۇنىڭدىن تانمايمەن، ئەگەر بۇ قىزنىڭ بىر تال مويېغا تىگىدىكەنسىلەر سىلەرگە جېنىمنى تىكىپ قويدۇم!-دېدى قادىر ئاسىيەنى گەۋدىسى بىلەن توساپ تۇرۇپ . ئاسىيە ئاخىرى ئېختىيارسىز ھىماتچىسىنى تاپقاندەك ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى ۋە سىز.... GaJE(N  
-ئاز گەپ قىلىڭ،كېيىن چۈشەندۈرۈپ قوياي! b{<$OVc  
شۇ ئاۋاز بىلەن ئاسىيە جىم بولدى. ;K4=fHl  
-نىمانداق پەيزىمنى ئۇچۇرىدۇ بۇ،بۇ پاسكىنىنى ھەجەپ ئاشناڭدەك قوغداپ كەتتىڭغۇ ؟! ...-گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا ھېلىقى ئېگىز بويلۇق قادىر قويغان بىر مۇش بىلەن يىقىلىپ چۈشتى. '%+LQ"Bp  
-مىنى ئۇرىۋاتامسەن ؟ مانا مۇش دېگەن !!! -دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇشتۇمى بىلەن ئەسئەتنىڭ بۇرنىغا قاتتىق بىرنى سالدى.ئاسىيە قورقۇپ چىقىرىۋەتتى. >po l'=  
دەل شۇ چاغدا قاياقتىندۇر ساقچى ماشىنېسىنڭ سېگىنال ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ئۇلار تەڭلا بىر -بىرىنىڭ ياقىسىنى قۇيىۋېتىشتى. q)@;8Z=_c  
-خەپ قادىر ! بۇ ئېشڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن ! يۈرۈڭلار ! -دەپ ماڭدى ئۇلار. |Ul4n@+2  
شۇندىلا ئاسىيە خەتەردىن قۇتۇلغاندەك يېنىك تىن ئالدى. [%/B"w Tt  
قادىر بايا ئۇلار ئۆرۈپ چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن سومكىنى يەردىن ئېلىپ قىقىشتۇرغاچ ئۇنىڭغا سۇندى.ئاسىيە سومكىنى ئىلىۋېتىپ: hp7ni1 V  
-رەھمەت سىزگە! -دېدى. %Zfh6Bl\X  
ئۇ ئۈندىمەي مېڭىشقا تەمشەلدى. ئاسىيە : zT!.5qd  
-ئېغىر كۆرمەي مىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويارسىزمۇ ؟-دېدى . uzp\<\d-t  
ئۇ بىشىنى لىڭشىتتى.ئۇلار خېلى بىر يەرگىچە قاتارلىشىپ مېڭىپ غۇۋا يورۇق جايغا كەلگەندە ئاسىيە ئۇنىڭغا سەپ سېلىپ جاۋغىيىدا قان يۇقۇندىسى تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئاسىيە: V.+a}J=Cw  
- ۋاي ،قاناپ كېتىپتىغۇ؟ -دەپ قول ياغلىقى بىلەن ئاغزىنى سۈرتمەكچى بولدى. لېكىن قادىر دەرھال بىشىنى ئەپ قاچتى. ئاسىيە : <P*7u\9&  
-سەت بولدى ! مىنى دەپ مۇشۇ دىشۋارچىلىققا قالدىڭىز ! -دېدى . ;d}n89DXj  
ئۇ ئۇلۇغ -كىچىك تىنىپ ئۈندىمەي ماڭدى.ئاسىيە ئۇنىڭ بىلەن كېتىۋىتىپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى: ^|!\IzDp  
-سىز ئۇلارنى تونۇمسىز؟ '7@Dw;   
-ياق،باياتىن بىر سورۇندىن قايتقاچ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم،ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەلگەنتىم،بىراق سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن.ئېيتىڭا،بۇنچە كەچتە بۇ يەرلەردە نېمە قىلىپ يۈرۈيسىز؟ Tjj27+y*\  
-نېمە قىلاتتىم،سىزنى دەپ دەرسنى تۈگىتىپلا يولغا چىققانتىم،يولدا مەن ماڭغان ئاپتۇبۇس بۇزۇلۇپ قالغانتى،يولۇچىلارمۇ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىدۇق.ماشىنا ئوڭشالغۇچە ئىككى سائەتچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يەرگە كېلىپ بەك كەچ بولغاچقا سىزنى ئاۋارە قىلماي دەپ تېلېفونى قىلمايلا مېھمانخانا ئىزدىگەنتىم بىراق ئۈچ-تۆت يەرگە بارغان بولساممۇ بوش ياتاق يوق دەپ ئىشىكنى ئاچمىدى،شۇڭلاشقا بۇ تەرەپلەردە ياتاق بارمىكىن دەپ ماڭغان ،بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام سىزگە خەۋەر قىلىپ قوياركەنمەن.  ?f5||^7  
ئاسىيەنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئۇلار ئات بازىرىدىكى مەسچىت ئۇدۇلىدىكى چوڭ مېھمانخانا ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى.قادىر كىرىپ كېتىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ياتاق ئاچقۇچىنى ئاسىيەنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن: sI#h&V,9  
-بولدى،قالغان گەپنى ئەتە دېيىشەيلى!،بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، دەپلا خۇشمۇ دېمەستىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. XNBzA3W  
ئاسىيە بۇ ئالى دەرىجىلىك ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئويلىنىشقا باشلىدى، قادىرنىڭ بۇ ئىشىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ،"مېنىڭ كەچتە بۇ يەردە يۈرگېنىمدىن خاپا بولغان ئوخشايدۇ"دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەردى. g,Rh Ut9  
تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئاسىيە قادىرنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى-دە،دەرھال ئالدىراپ ياتاقنى قايتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭدى. (5RZLRn  
ئۇلار بۇ ئىككى كۈننى بەك ياخشى ئۆتكۈزدى.كوئىنلۇن باغچىسىغا بېرىپ كېمە بىلەن سۇ ئۈزۈشتى،خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى.خەلق مەيدانىنىڭ كېچىلىك مەنزېرىسىدىن ھوزۇرلىنىشتى.لېكىن قادىر ئاسىيەنى دېسكوخانا دېگەندەك جايلارغا ئېلىپ بارمىدى.چۈنكى ئۇ جايلاردا ئەسئەتنىڭ تونۇشلىرى بار بولۇپ،ئاسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھېلىقى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.تەلىيىگە يارىشا بۇ چاغلاردا ھېلىقى قىز ئازراق ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەتكەن بولۇپ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرىشى ھاجەتسىز ئىدى.شۇنداقتىمۇ يۈكسەك دىققەت قىلمىسا بولمايتتى،چۈنكى تامنىڭمۇ قۇلىقى بار-دە! \x _$Pu  
ئاسىيە قايتىدىغان چاغدا ئۇلار "ئۈچ بۇرجەك باغچا"دىكى بىر خالى جايدا  ئارام ئېلىشتى،تاغدىن-باغدىن سۆزلەشكەندىن كېيىن يۈكسەك ئۇنى ئۆزىگە قارىتىپ سۆزلەشكە باشلىدى: K=P LOC5  
قاھىرە،مانا بىز يۈرگىلىمۇ بىر يىلغا يېقىن بوپ قاپتۇ،بىر گەپنى ئىيتاي دەپمۇ ئىيتالمىدىم. ?J"Y4,{  
-ئەمدى مېنى قاھىرە دەپ ئاتېماڭ،بۈگۈن ھەقىقى ئىسمىمنى ئېيتىپ بېرەي ،ئىسمىم ئاسىيە،ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ئالدىنىپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ سىزگە ھەقىقى ئىسمىمنى ئىيىتمىغان ئىدىم،مېنى كەچۈرۈڭ! OJ7y  
-ئوخشاش ئىكەنمىز،مېنىڭمۇ ھەقىقى ئىسمىم قادىر،سودا ئىشى بىلەن شۇغۇللىنېمەن،مېنىمۇ كەچۈرۈڭ، En8L1$_  
-ھېچقىسى يوق،ئىككەيلەن بىردە بىر بوپتىمىز،بۇندىن كېيىن بىر-بىرىمىزنى ئالدېمىساقلا بولىدىغۇ! /\pUA!G)BD  
-شۇنداق،ئەمدى ھەرگىز يالغان گەپ قىلىشمايلى! pTYV@5|  
ئاسىيە قايتۇرۇپلا سورىدى: sgB|2cj;j  
-گېپىم بار دەۋاتمامتىڭىز،نېمە ئىش ئىدى،شۇنچىلىك تارتىنغۇدەك؟ ,^T0!k$  
-شۇ،سىزنى خاپا بولامدىكىن دەپ... d5=yAn-+=  
-خاپا بولىدىغان گەپنى دېسىڭىز ئەلۋەتتە خاپا بولىمەن-دە! u z:@  
قادىر يانچۇقىدىن بىر ئۈزۈكنى چىقاردى-دە ئاسىيەگە سۇنغاچ سۆزلىدى: S|B S;VY  
-جىنىم ئاسىيە،ئىككىيلەن  توي قىلايلى! :-b-)*TC;  
-نې...نېمە؟! 2AjP2  
ئاسىيە دۇدۇقلاشقا باشلىدى. l{3ZN"`I  
-شۇنداق جېنىم ئاسىيە،ئىككىمىز توي قىلايلى،ئائېلەمدىكىلەر مېنى ئالدىرىتىۋاتىدۇ،مەن ئالدىرېمىسام ئۇلار ئۆزى باشقىلارغا ئەلچى بولىدىغانلىقىنى ئىيىتتى. RgVg~?A@  
-ئاسىيە تۇرۇپ قالدى.ئۇ نېمە دېيىشنى بىلمەي بىردەم تېڭىرقاپ قالغاندىن كېيىن ئېسىگە كېلىپ: ]Ai!G7s8P  
-ماڭا ئويلىنىشقا بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ،بولامدۇ؟-دەپ سورىدى. `?vI_>md'!  
-بولىدۇ،بىراق ئۇزۇنغا سوزېۋەتمەڭ. S)A;!}RK6  
قادىر شۇنداق دەپلا تۇيۇقسىز ئاسىيەنى تارتىپ باغرىغا شۇنداق چىڭ باستىكى،ئاسىيەنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى ئاجراپ كېتىدىغاندەك غېرىسلاپ كەتتى.بىر ئىللىق سىزىمنىڭ تەسىرىدە ئاسىيەنىڭ بەدىنى بوشۇشۇپ كەتمەكتە ئىدى،شۇ تاپتا قارشىلىق قىلىشقا ئاسىيەنىڭ ماغدۇرى يوق ئىدى.قادىرنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.قادىر دەرھال ئۆزىنى تارتتى-دە: V5d|Lpm  
-جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن،ھازىر جىددى ئىشىم بارئىدى،بېكەتكە بارالمايدىغان بولدۇم دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ،بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى. z-h7v5i"  
ئاھ،ئاسىيە تېخىچە ئەسلىگە كىلەلمەيۋاتاتتى،ئۇ بۇنداق ھالەتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشنى نەقەدەر خالايتتى-ھە؟... k%({< ul  
ئاسىيە ئېسىنى يېغدى-دە بېكەتكە قاراپ يول ئالدى... h,2?+}Fn  
ئەسلىدە قادىرنىڭ نە بېرەر خىزمىتى،نە بېرەر ھۆنۈرى يوق بولۇپ،سودا قىلىمەن دېگىنىمۇ يالغان ئىدى.ئۇ ئەنە شۇنداق بولمىغۇر قىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كوچا"يىگىتلىرى"دىن ئىدى.قەيەردە ئەسكى ئىش بولسا ئۇ شۇ يەردە بوپ قالاتتى.نەچچە قېتىم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كىرىپ يېتىپمۇ چىققان ئىدى. :J6FI6  
تۈنۈگۈنكى ۋەقە ئۇنى ئازراق چۆچۈتۈپ قويدى.ھېلىمۇ بىرگە كەلگەن ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويمىدى.ئەگەر ھەقىقى ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغان بولسا ئۇ ئاسىيەدەك بىر  ياخشى ئولجىدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. ]\J(  
ئارلىقتا قادىر بىر نەچچە قېتىم بۇ ئىشنى سۈيلەپ تېلېفونى قىلدى.ئاسىيە سانىيە بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفونىنى قويۇۋەتتى. <h1J+  
-`(0  
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سانىيەمۇ تەتىلگە قايتىپ كەلدى.ئاسىيە قادىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى،ھېلىقى ۋەقەدە قادىرنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالغانلىقى...قاتارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.سانىيەمۇ ئويلىنىپ كۆرۈپ بۇ تويغا قوشۇلدى.سانىيە كىچىكىدىن باشلاپ ئاسىيەنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئويلىشپ توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.ئارىدا ئۇلار ئۆينى رېمۇنت قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. z%WOv ~8~  
8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇلار توي قىلدى،تويدا خىزمەتداشلىرى،قولۇم قوشنىلىرى بەكمۇ ئەسقاتتى،تاغىسى ئالدىنقى يىلى ئۆلۈپ كەتكەچكە بۇ تويغا ئاسىيەنىڭ مەكتەپ مۇدىرى باش بولدى. K|{&SU_m  
قىز كۆچۈرىدىغانلار ئاسىيەنى يۆتكەپ ماڭىدىغان چاغدا ئاسىيە سىڭلىسى سانىيە بىلەن قۇچاقلىشىپ شۇنداق قاتتىق يېغلاشتىكى،ئەتراپتا تۇرغانلار ھەيران قىلىشتى. ))#_@CwRr  
ئاسىيە يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن سانىيە بىر نەچچە كۈن ئۆيىدە تۇردى-دە بىر كۈنى بۇ ئۆينى پاكىزە تازىلاپ بولغاندىن كېيىن،ئۆينىڭ بارلىق جايلىرىغا قاراپ چىقتى. :X- \!w\  
ئەنە،ئۇنىڭ ئانىسى سانىيەنىڭ چېچىنى تاراۋاتىدۇ،ئاكىسى بولسا بىر تەرەپتە ئوتۇن يارماقتا... 4 {3< `  
سانىيەنىڭ كۆز ياشلىرى ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس،ئۇ ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردى-دە،تەتىل ۋاقتى توشمىغان بولسىمۇ يالغۇز تۇرۇشنى خالىماي مەكتىپىگە قاراپ يولغا چىقتى... v`u>; S_  
(داۋامى بار) D z5(v1I9A  
.FAuM~_99b  

tawpek 2013-11-22 22:25
تولوق ئوقوپ چىقتىم ، داۋامىغا تەشنامەن. 5&*B2ZBzH  
,0Y5O?pu\  
تويدىن كىيىنكى ساختىلىقنى قانداقمۇ داۋاملاشتۇرار ئەمدى. \3@AC7  
Wd_cNR\  
ھەقىقەتەن ئۇستىلىق بىلەن توقوپ چىقىپسىز. /8` S}g+  
xBC:%kG~#  
بىچارە يىگىت دوختۇرخانىدا يىتىپ قىز ئالداشقا خۇش يىقىپتۇ دىسە. l AwOp  
RZ[r XV5  
نىمىدىگەن تىرىشچان. FT* o;&_QS  
O$%C(n(  
9J?G"JV?  
داۋامىنى سۇنغايسىز.

nadiraay 2013-11-23 10:19
ياخشى تېمىنى تاللاپ يېزىپسىز. تور ئومۇملىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە توردىكى ساختا ھېسياتلارغا ئالدىنىپ يۇرىۋاتقان بايىقۇشلارغا ئويغىنىش سىگنالى بولغۇدەك.


查看完整版本: [-- شاپ:مۇھەببەتكە قانمىغان يۈرەك  2 (ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled