查看完整版本: [-- دوقمۇشتىكى خىياللار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> دوقمۇشتىكى خىياللار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

handan 2013-11-12 10:56

دوقمۇشتىكى خىياللار

مەن بىر لاياقەتلىك ئانا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى لاياقەتلىك ئايال ئىدىم بىراق نىمە دىسەم بولار لاياقەتلىك ئائىلىگە ئىگە بولالمىدىم ،يولدىشىم باشقا بىر يولدىشى بار بىر ئايال بىلەن چىقىشىپ قاپتۇ ،مەن كەچۇرۇشنى  خالىمىدىم ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللىدىم ئىككى بالام بار ،ئەرلەر ئۇچۇن ئەمدى بەدەل تۆلىگىم يوق، ھىلىمۇ 10يىل كۇتتۇم ،مەنمۇ ئۆزەم ئۇچۇن باللىرىم ئۇچۇن دەس تۇرۇشۇم كىرەك،دۇنيادا ئەرلەر ئەڭ مەردانە بولۇش كىرەك بىراق ھازىر ئاياللار شۇنداقكەن .

nadiraay 2013-11-12 14:34
بىر ئادەمنىڭ ھەممىدە لاياقەتلىك  بولالىشى ناتايىن. بىر كۈنلەردە بالىلارمۇ چوڭ بولسا چۇشىنىپ قالىدۇ. ;UpJ=?W  
ئۆي ، بالىلار ئۈچۈن ئويلىمىغان كىشى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

خى 2013-11-12 16:33
ئۇنداق ئەرلەر ئۇچۇن ئاھ ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق سىزنىڭ تاللىشڭىزنى توغرا دوپ قارايمەن ،

خى 2013-11-12 16:35
مەن مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققان ئاياللارغا شۇنداق دىگۇم كىلىدۇ ،نىمە ئۇچۇن ئەرلەرنى كەچۇرسىلەر

خى 2013-11-12 16:39
مەن بىر تىل -ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىراق مەكتەپ ماڭا تارىخ دەرىسنى قۇشلاپ بەردى ،مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇ    

خى 2013-11-12 16:43
بۇندەق ئىشلار مىنىڭ بىشىمغىمۇ كەلگەن خەندان مەن ئىغىر ئاياق مەزگىلدە يولدىشىم شۇنداق قىلغان ئۇ شۇنداق توۋۋھ قىلغان بولسىمۇ كەچۇرمىدىم ئۇنىڭ غورۇرى يوق ئىكەن بىراق مەندە بار ،بالىلارغا ئكزەم قاراۋاتىمەن ئۇنداق ئادەمنىڭ سالاھىتى توشمايدۇدوپ قارايمەن

azat 2013-11-12 23:37
كەڭ قۇرساق بولۇڭ  ئاۋۇ يۇندا ئىچكەن ئادەم بوپقالار  ئىككى بالاڭلار بار ئەكەن ئۆزىڭىزمۇ ئۇقۇنۇشلۇق ئايال ئىكەنسىز يولۋاسنى يېڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىغىنى يېڭگەن باتۇر دەيتى بوۋام H+`*Y<F@  
باللىرىڭىز نامەرت لەرنىڭ قولىغا قاراپ قالمىسۇن ئېغىر بېسىق بولۇڭ [#Fg\2bq_y  
بۇھەببەت تۆت نەرسىگە مۇختاج بولىدۇ؟ 1ktHN: ta  
1-ساداقەت fYn{QS?  
2-مەس ئۇلىيەت f~*K {7  
3-ھۆرمەت `p1DaV  
4-كەچۈرۈم   !sG"n&uZq  

yaxar 2013-11-13 00:31
ئازات ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق، چىن كۆڭلىدىن پۇشايمان قىلسا كەچۈرىۋىتىش ئاقىلانىلىق، كەچۈرۈشنىڭ خاسىيىتى ئۆزىڭىزگە بولىدۇ، چۈنكى باشقىلارنى كەچۈرسىڭىز ئەمىلىيەتتە ئۆزىڭىز يەڭگىللەپ قالىسىز.

ئەكبەرنىياز 2013-11-13 00:51
ئويلىنايلى ، ئويغىنايلى قېرىنداشلار !!! *k4+ioFnKE  
10نەچچە يىللىق ئەجر- مېھنەتتە قۇرغان روزىغارىڭىز شۇنداقلا نابۇت بوپ كەتمىسۇن ! ئىككى بالىڭىز تىرىك يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتىپ قالمىسۇن ! تەنھا ياشاش بەكلا تەس ، راست دەۋاتىمەن ، تەنھا ياشاش مەيلى ئەرلەر ئۈچۈن بولسۇن ، ياكى ئاياللار ئۈچۈن بولسۇن بەكلا تەس . كونىلار «تويدىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ ، تويدىن كىيىن بىر كۆزۈڭنى يۇمۇۋال!» دەپتىكەن . مېنىڭچە سىز يولدىشىڭىزنى يەنىمۇ ئەستايىدىل كۈزىتىپ بېقىڭ ، ئۇ نىمىلەرگە قىزىقىدۇ ، نىمىلەرگە ئامراق ، ئادەتتە قانداق ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، قانداق تاماققا ئامراق ، قانداق رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ ، قانداق فىلىملەرنى بېرىلىپ كۆرىدۇ ، ئارىلىشىۋاتقان ئاغىنىلىرى قانداق ئادەملەر ، ئائىلىدە سىزدىن قانداق ۋاقىتتا نېمىلەرنى كۈتىدۇ ، بۇرۇن سىزنىڭ ئائىلىدە قانداق گەپ-سۆزلىرىڭىز ، ئىش-ھەركەتلىرىڭىز ئۇنى خۇشال قىلغان ؟ ...دېگەندەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يولدىشىڭىز بىلەن گۇمان قىلىۋاتقان ھېلىقى «ئالۋاستى »نىمۇ بىرەر قۇر كۈزىتىپ بېقىڭ . ئۆزىنى بىلگەن دانا دەپتىكەن . بىز ئۆزىمىزنى بىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە باشقىلارنىمۇ بىلىپ بېقىشىمىز زۆرۈرمىكىن دەيمەن . سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن دەپتىكەن . ئائىلىڭىزگە، ئاشۇ سەبىي بالىلىرىڭىزغا مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ، ئىللىقلىق يار بولغاي!!!

gulhan 2013-11-13 12:35
قەدىرلىك دۇستۇم، ئادەم بۇ دۇنيادا ھەر ئىشلارغا دۈچ كىلىدۇ. بۇ ئىش ھەرقانداق ئايالنىڭ بىشىغا كەلسە دەسلەپ نىكاھنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويغان ئۇنداق نا ئەھلىنى كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. YLigP"*~^  
بىراق، دۇستۇم، سەۋرى قىلىڭ. بالىڭىز بار ئەمەسمۇ؟! جىنىم دۇستۇم. سەۋرى قىلىڭ. GeVc\$K-  
گۈلدەك چوڭ بولغان بالىڭىز ئۈچۈن بارلىق جاپاغا چىدالايدىغان ئانىغۇ سىز. چىداڭ، سەۋرى قىلىڭ. كەڭ قۇرساق بولۇڭ. 38"cbHE3  
كەچۈرۈم بالىلىرىڭىزغا بەخىت ئاتا قىلىدۇ. K]9tc)  
  دوست بولايلى. مېنىڭ چ چ نومۇرىم: 2684872900 $CM4&{B"i  
_m" ^lo  
ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايمەن. قەدىرلىك دۇستۇم. سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار.

dilrus 2013-11-13 21:12
قەدىرلىك تەۋپىقدىشىم ،ئالدى بىلەن بىشىڭىزغا كەلگەن شۇكۈنلەرئۈچۈن سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن . p_A5C?&  
بىراق،دوستۇم ئادەم بۇدۇنيادا ياشايدىكەن تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغان گەپكەن .ئەمما بۇكۈنلەرمۇ 3zk:59  
ئۆتۈپ كېتىدۇ .ئائىلىدە مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرسە ھەممىدىن بەك زىيان تاتىدىغىنى يەنىلا شۇ گۇناسىز *;>V2!N=U  
بالىلاركەن .شۇڭا ،مەنمۇ ياشار مۇئەللىم،گۈلخان ،ئەكبەر نىيازمۇئەللىملەرنىڭ  پىكرىنى قوللايمەن .ئاللايىمدىن سىزگە چەكسىز سەۋىر تىلەيمەن .باشقىلارغا تەسەللى بەرمەك ئاسان بىراق ئۆز بىشىغا كەلسە چىدىماق تەس .ئاشۇ بىگۇنا نارسېدىللىرىڭىز ئۈچۈن غەيرەت قىلىڭ .ھەمىشە قىشنىڭ كەينىدىن باھار كېلىدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .

nadiraay 2013-11-14 17:40
بەك بولمىغاندا بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇڭ، ھەسەلنىمۇ يەۋەرسە ئەمەن تېتىپ قالىدۇ. ئۇمۇ ئويلىنىپ قالار. 1v >  

گۈلزىبا 2013-11-19 21:37
سالام  قىرىندىشىم ! zav*  
بىز  ھاياتلىقتا  تۈرلۈك  ئىشلار ئارقىلىق  سىنىلىمىز ،  سىز  دۇچ  كەلگەن ئىشنىمۇ  بىر  سىناق  دەپ  بىلىڭ . V{7lltu  
ھىلىھەم  سىز  نۇرغۇن كىشىلەردىن ياخشىغۇ ؟  مەسىلەن :  راك  كىسىلىنىڭ  ئاخىرقى باسقۇچىدا  ئەمەسكەنسىز ، مىيىپ  بولۇپ  قالماپسىز ، بالىلىرىڭىزغا  قازا  يەتمەپتۇ ، ھەممىڭلار  ھايات  ئىكەنسىلەر ، پەرىزىمچە  تۆلەپ  بولالمىغۇدەك  قەرزىڭىزمۇ  يوققۇ  دەيمەن ؟ يەنە  نۇرغۇن  يامان  ئىشلارنى  تەسەۋۋۇر  قىلىپ  بېقىڭ ،  ئەھۋالىڭىزنىڭ  ئۇنچە  يامان ئەمەسلىكىنى  ھىس  قىلىسىز . #QJ4o_  
بالىلاردا  نىمە گۇناھ ! ئۇلارنى  ئۇنىڭ  خاتالىقى  بەدىلىگە  بىر ئۆمۈر  ئازاب  ئىچىدە ، دىلى سۇنۇق  ياشىسۇن  دەمسىز ؟ نىمىشقا  ئاجىرىشىسىز ؟ ھەرگىز  ئاجىراشمايسىز . ئۇنىڭ  مەۋجۇت  بولۇش  بولماسلىقى  سىزگە  تەسىر كۆرسەتمىگەندەك (يالغاندىن بولسىمۇ ) قىياپەتكە كىرىۋىلىڭ ، بالىلارغا  بۇرۇنقىدەكلا كۆيۈنۈڭ ،ئۇلارنىڭ  ئالدىدا  يىغلىماڭ ، ئاچچىقلانماڭ ،  سىناپ  بىقىڭ ، ئۈچىڭلارمۇ  چوقۇم كۆڭۈللۈك  ياشىيالايسىلەر ، ھەممە  ئىش  ئىدىيىمىزگە  باغلىق  بولىدۇ . خىزمەتداشلىرىڭىزگىمۇ بۇرۇنقىدەكلا  مۇئامىلە قىلىڭ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئۆز ھىسىياتىڭىزنى ، ئاچچىقىڭىزنى  بىلدۈرۈپ يۈرمەڭ ، بارا-بارا  سىزدىن باشقا ھەننىۋاسى بۇ ئىشلارنى  ئۇنتۇپ  كېتىدۇ ، ئۆزىڭىزنى  تاشلىۋەتمەڭ ، ھەممە ئىشڭىز  بۇرۇنقىدەك  بولىۋەرسۇن ،  ئىرىڭىز  بىلەن  ئۇرۇشماڭ ، گەپ  سورىماڭ ، ئۇ  سىزنى ئۇرمىسىلا  باشقا  ئىشنى  خىيالىڭىزغا  كەلتۈرمەڭ ، ئائىلىدىكى  ، خىزمەتتىكى لاياقەتلىكلىكىڭىز  مانا  ئەمدى  سىنىلىدۇ ، سىزگە  سەۋىر ، مەدەت  تىلەيمەن ، سىز  چوقۇم  بۇ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈپ كېتەلەيسىز ، ئىشىنىمەنكى ، ئىرىڭىز  ئاز  ۋاقىتتىن كىيىنلا پۇشايماننى ئالغىلى  قاچا  يوق  ، يىلىنىپ  قايتىپ  كېلىدۇ . < -@,  
ئىچىڭىز  سىقىلسا  مەن  بىلەن  ئالاقىلەشسىڭىزمۇ  بولىدۇ . b3CspBgC  
چ چ :1759551600

تۆتتاش 2013-11-22 15:53
ئۆزىڭىزنى ئەركىن قۇيۇۋېتىپ  دوقمۇشتىكى خىياللىرىڭىزنىڭ داۋامىنى يىزىپى بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

nadiraay 2013-11-22 17:20
سىز ئەشۇ ئەرگە ئۇنىڭسىزمۇ ياشىيالايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ،  بىر مەزگىل كارىڭىز بولماي يۇرۇڭ ،دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىڭىزدا بالىلىرىڭىزنى ئېلىپ ، ئېرىڭىزگە  دەپمۇ قويماي  شۇ ئۆي، شۇ ئەرنى دەپ ئۇنتۇلۇشقا يۇزلەنگەن دوستلىرىڭىزنى ئىزدەڭ. 9L)&n.t1  
ئۆزىگە تۇشلۇق مۇستەقىللىقى يوق ئادەمنىڭ جەلىپكارلىقىنىڭمۇ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

گۇلچى 2013-12-19 11:57
   ;&t1FH#=  
ئازات ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق، چىن كۆڭلىدىن پۇشايمان قىلسا كەچۈرىۋىتىش ئاقىلانىلىق، كەچۈرۈشنىڭ خاسىيىتى ئۆزىڭىزگە بولىدۇ، چۈنكى باشقىلارنى كەچۈرسىڭىز ئەمىلىيەتتە ئۆزىڭىز يەڭگىللەپ قالىسىز. Kj1#R  

خەندان 2013-12-19 18:29
گۇلخان ۋە بارلىق ئەزالارغا رەھمەت ،گۇلخان مىنىڭ كوت كوت 1252209089 دوسىت بولايلى سىزنى كۇتىمەن .

خەندان 2013-12-19 18:38
كەچۇرۇڭلار ، ھەممە ئىشنى دىگىلى بولمايدىكەن پەقەت شۇ ئىشلا بولسا مەيلىتى بىراق سىزلەرگە دىگىلى بولمايدىغان گەپلەر كۆپ نىمە دىيىشنى بىلمەيۋاتىمەن مەن ئۆزەمنى ئالداپ كەلگىلى 10يىل بولدى خەققە دىسە گەپ ئىچىمگە پاتمايۋاتىدۇ ،ئۆيۇمنى دەپ مەن قىلمىغان ئىش قالمىدى ،سىزلەرنىڭ بولغىنىڭلار مەن ئۇچۇن كۆپ مەدەت قىرىنداشلىرىم ،ئوقۇمىغان ئادەم نىمە دىسەم بولار ...................................................

nadiraay 2013-12-20 10:34
ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداپ يۇرمەي ۋاقتىدا ۋاز كېچىڭ. ۋاز كېچىشمۇ ئېرىشىشنىڭ باشلىنىشى. $j4?'-i=e  
بالىلارمۇ بىر كۈنلەردە چوڭ بولىدۇ، شۇ چاغدا چۈشىنىدۇ. ئون يىلغۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ، ئەمما سىز يەنە شۇ بالىلىرىڭىز بىلەن يەنە شۇ ئۆيدە يەنە نەچچە ئون يىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىز كېرەك. #uw*8&%0  
مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق چىداش كېرەك دەپ قارايتتىم ، ئەمما بۇيىل بىر ئاچامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدىم. ئۆز ۋاقتىدا ئۇمۇ بەخىتسىز نىكاھتىن قۇتۇلماقچى بولغان، ئەمما بىز بالىلار يېتىم بولمىسۇن دەپ ئۇنىمىدۇق. ئۇمۇ ئۆيىنى تۇتۇپ يۇرىۋەردى، ئەمما ئۇنىڭ بېسىمى يەنىلا شۇ پېتى تۇرىۋەردى ئاخىرى سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىپ بىز بىلەن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. بالىلار يەنە يېتىم بولدى. UmI@":|-  
بالىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئاجىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ بۇنداق بولماس ئىدى ، بىزمۇ چوڭ بولار ئىدۇق دېيىشىدۇ ، ئەمما ھازىر ھەممە كېچىكتى. ve]95w9J  

handan 2013-12-20 11:42
\ l:C0:m%  
hoxal  kay pi ya tig lar ni buz hi nim dim hi jil man ka qu ruilar .

گۈلنىھال 2013-12-23 16:48
مەن دەيمەن قېرىندىشىم ، سەبىر قىلىڭ . بەلكىم بىزمۇ بېشىمىزغا كەلمىگەندىكىن ئانچە چۈشەنمەسلىكىمىز مومكىن . باللار دادىسىز قالمىسۇن ، ئۇ تۆۋە قىلغان بولسا ، ئۇنى ئەپۇ قىلىڭ . T`DlOi]Z_  

گۈلنىھال 2013-12-23 16:58
ئااللا قىيامەەت كۈنى مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزى يوق قوينىڭ دەردىنى ئېلىپ بېردىكەن

گۈلنىھال 2013-12-23 18:27
بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن بالا-قازا ھەمىشە بىزنى ئوراپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىشىمىز خالاس، لېكىن بۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتىمىزدا باسقۇچ خاراكتىرلىق بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، بالا-قازا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان تىركىشىشنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ، كۆڭۈلدىن ئىبارەت بۇ<< ئارامگاھ>>قا پاكىز مۇھىت قالدۇرىشىمىز كېرەك.شۇڭا ئادەم چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك.بەزى ئىشلارنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كېتىمىز، مەسلەن ئىمتىھاندىكى مەزمۇنلارنى... TF2'-"2Y  
بەزى ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ بىزدىن يىراقلاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇ خۇددى ھازىر بولغاندەكلا بىزدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ئىگىلىشى، ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىك مۇغەمبەرلىك ئىگىلىمەسلىكى كېرەك..

گۈلنىھال 2013-12-23 18:33
مەن دەيمەن دوستۇم ، بۇ كۈنلەر كۆپ ئاياللارنىڭ بېشىغا كەلگەن ، غەيرەتلىك بولۇڭ ، دىمەك ئاسان ، لىكىن چىداش بەك قىيىن ، ئاللا سەبىر بەرسۇن جېنىم ، سەبىلىرىڭىزنى ئويلاڭ ..... ئاللا ئاسان قىلسۇن

گۈلنىھال 2013-12-23 18:40
ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈش ئاسانمۇ ياكى تېشىدا كۆتۈش ئاسانمۇ؟ ئۇ 10 يىلدىن بېرى شۇنداق ئۆزگەرمىگەن بولسا ،  ھەي ...... نىمە دىگۈلۈك ،،،،، ئاللاھتىن تىلەيلى ئاسانلىقنى .... u2Qs}FX  

handan 2013-12-24 10:19
گۇلنىھال سىزگە ۋە بارلىق قىرىنداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت  ،توغرا بۇنداق ئىىشلار دا سەبىر كىرەككەن ،سىلەرنىڭ كەيپىياتىڭلارنى بۇزۇپ  قويغۇنىمدىن ئەپۇ سورايمەن .

گۈلنىھال 2014-01-15 22:02
‏خەندان ، تۇرمۇشتا مۇنداق ئىشلار بەك - بەك كۆپ . ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماس .... دىگەندەك ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شۇنداق بىر ۋاقتى كېلىدىكەن ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر جېنىم . ھەممىمىز نىمىلا  دەيلى ، دەردنى تارتىپ ئازاپلىنىدىغان ئادەم يەنىلا سىز ، ئۆينى تۇتىدىغان ، باللارغا قارايدىغان ئادەم يەنىلا بىز ئانىلار ، جاپاكەش ئاياللار .   شۇ تاتلىقلارغا  قارىساق ، دادا مېھرىدىن ئايرىلىمىسۇن . ئاياللار بىر ئۆمۈر ئەرلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ ياشايدىكەنمىز. يەنە  دىسەم ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىپ ، سىز بەخىت ئىچىدە ۋىلىقلاپ كۈلىدىغان ، شىرىن مۇھەببەت لەززىتىدىن مەس بولىدىغان شىرىن كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ . ئاللا بۇ كۈنلەرگە  تېزرەك يەتكۈزگەي جېنىم . غەيرەت ، ئۈمۈد سىزگە يار بولسۇن ، ئازاپلارنى چۆرۈپ تاشلاش ئوڭاي ئەمەس ئەلۋەتتە . لىكىن ، ئاللاھ سىزگە سەبىر بەرسۇن .  بالىلاربى سىزگە تورداشلار ، دوستلار ، مۇڭداشقانلار ئەمەس بەلكى ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز دادىسىلا بېقىشىپ بېرەلەيدۇ ، ھەمىمىز نىمىلا دىسەك ، جايىمىزدىلا تۇرۇپ دەيمىز .  شۇڭا بۇ ئىشلاردا تېخىمۇ كەڭ قوساق بولۇڭ . خەيىر ، ئاللاھ سىزنى پاناھىدا ساقلىسۇن ،  ئاللاھقا ئامانەت  ، ئامان بولۇڭ .    سىزگە بەخىت تىلەيمەن .

خەندان 2014-01-16 11:55
ئاللاھ ماڭا شۇنداق سەبىر بەردىكى ھەتتا كىم ئۇچۇن ياشاپ كىم ئۇچۇن رىيازەت چەككەنلىگىمنىمۇ ئۇنتۇپ كىلۋاتىمەن ،مەيلى قولىدىن كەلگىننى قىلسۇن ،چۇنكى ئۇ مەن ئۇچۇن ‹‹ھەجەپ ئايرىلىپ قالدىم ›› دەپ ھەسرەت چەككىدەك ئادەم ئەمەسكەن ،..................كۆڭلۇمدە  دەيدىغان گەپلىرىم كۆپ ئىدى بىراق باشقىلارنىڭ خاتا چۇشنىپ قىلىشتىن .ئەنسىردىم ،بۇنداق چاغدا باشقىلارنىڭ تەسەللىسگە مۇختاج بولمىزكەن ،بىراق  ئاللاھ باشقا بەندىگە كۆرسەتمىسۇن ،گۇلنىھال سىزگە كۆپ رەھمەت .،بارلىق ئەزالارغىمۇ ئوتلۇق سالىمىم بار.

گۈلنىھال 2014-01-20 10:43
خەندان ، ئىسمىڭىزدىن بىر خىل جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇرىدۇ .  ھاياتىڭىزنىڭمۇ شۇنداق جۇشقۇن ، مەنىلىك ، خاتىرجەم ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈپ ، مەڭگۈ خەندان ئۇرۇپ سايرىشىڭىزنى تىلەيمەن ، ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي  ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ قېرىندىشىم ، ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق بەرگەي !

مىېھرىما 2014-01-20 20:34
سالام قېرىندىشىم خەندان. ئەھۋالىڭىزنى بۇگۈن بەكمۇ كېچكىپ بىلىپتىمەن شۇنداقتىمۇ سىزگە مەسلىھىتىم. ئاجراشماڭ. نىمە ئىش قىلسا ئۇنى سىز مەن تونمىغان بىر ئادەم  دەپ بىلىڭ ۋە پەرۋا قىلماڭ. ئايرىلىپ تۇرۇڭ. سىز توپتا بامۇ يوقمۇ ؟ توپتا بولسىڭىز . ئككىمىز ئايرىم پاراڭلاشساق سىز بوپتۇ مەن ئۆيۈمنى تۇتاي دەپ كېلىشىڭىز مۈمكىن. دۇنيادا رېشىك ئوتدا كويگەنلەرگە قىيامەتتە دوزاخ ئوتنى ھارام  دەپتۇ  . سىزگە ئىگەم ئاللا ئەڭ يېقىنكەن . خالىسىڭىز ئايرىم پاراڭلىشايلى. پەقەت بالىنىلا ئويلاڭ. باشقىنى ئويلىماڭ بولامدۇ.

مىېھرىما 2014-01-20 21:35
توپتىن سىزنى ئىزداپ تاپالمىدىم.

مىېھرىما 2014-01-20 21:36
توپتا باشقا ئىسىم قوللانمىغان بولغىيتىڭىز؟

مىېھرىما 2014-01-20 21:37
مېنىڭ نۇمۇرۇمنى قالدۇرايچۇ. QE5 85s 5  
* #;r p~  
 N _r*Ig  
1343770521

خەندان 2014-01-21 10:45
1252209089 نومۇرىم ئىسمىم لىفى

مىېھرىما 2014-01-21 11:11
بىلدىم بولدۇ بىىز كورشىلى +I\ bs.84  

ياسىنجان510 2014-01-23 18:49
قايغۇرماڭ ،جاسارەتلىك بولۇڭ ،كەتكەنلەر كېتىۋەرسۇن ھايات يولى ئۇزۇن......

مىېھرىما 2014-01-23 18:53
سالام بەرسەم گەپ كىلمىدىڭىز ؟ مەن بىلەن پاراڭلاشقىسى يوقمىدۇ يا... دەپ قالدىم.


查看完整版本: [-- دوقمۇشتىكى خىياللار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled