شاپ |
2013-11-11 13:53 |
شاپ:مۇھەببەتكە قانمىغان يۈرەك1(ھېكايە)
qH=<8Iu o9XT_!Cwg -تاك!... تاك!... تاك!... #Fwf]{J ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەنلا كۈچلۈك ئەتىر ھىدى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا بوي،قارا قاش،قويۇق كىرپىكلىك،چوڭ-چوڭ خۇمار كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان،چېچىنى ئۆرۈمەيلا بوغۇۋالغان بىر قىز ئىجازەت كۈتمەيلا كىرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىچە سۆزلەپلا كەتتى: [6u8EP0xM مەن XXشىركەتتىن كەلگەن ۋاكالىتەن مال ساتقۇچى.سىلەرگە قانداق ماللار لازېمكىن؟ J1\H^gyW) -سىزدە قانداق ماللار بار،ئاۋۋال كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن؟-دېدى،كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان تاھىر. tb1w 6jaU -قېنى،كۆرۈڭلار! {Q(R#$)5+ قىزچاق شۇنداق دېدى-دە،سومكىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ماللىرىنى ئۈستەل ئۈستىگە تىزىشقا باشلىدى. u
Lq%Nu مانا ماۋۇ بولسا چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى،بۇ بولسا فرانسىيەنىڭ يۈز يۇيۇش مەلھىمى،بۇ بولسا تىرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يۈز مېيى،بۇ بولسا... GE!fh1[[u -بۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ 6V&HlJH
قىزچاقنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا سۆز قىستۇردى تاھىر. zf.&E3Sn -بۇ چاچ سوپۇنى مەخسۇس چاچتىكى كېپەكلەرنى يوقىتىپ چاچنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتە شۇنداقلا چاچنى پارقىراق قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ،بۇ سوپۇن بىلەن چېچىڭىزنى يۇسىڭىز دەسلەپتە چاچتىكى كېپەكلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ.سىز بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەي ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بەرسىڭىز،ئىككى ھەپتىدە چاچتىكى كېپەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ،چېچىڭىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ،پارقىرىتىدۇ. U6Xi-@XP -باھاسى نەچچە پۇل؟-تاھىر دەرھال سورىدى. ]S0sjN -46يۈەن! P0O=veCf -46يۈەن!،نېمانچە قىممەت؟ sV$Zf
`X) -بۇ سىزگە قىممەت بىلىنگىنى بىلەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى بار،ئەگەر چېچىڭىزغا ماس كەلمەي قالسا،بۇ ئىسىم كارتۇچكىسىدىكى نومۇرغا تېلېفونى ئۇرسىڭىز پۇلىڭىزنىڭ %50نى قايتۇرۇپ بېرىمىز. }:xj%?ki -سىز جاي-جايلارغا بېرىپ مال ساتىدىغان تۇرسىڭىز قانداق ئالاقىلەشكىلى بولىدۇ؟ .:A&5Y- -خېرىدارلارنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مەن ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى مال سېتىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارغا ئېيتىپ قويىمەن شۇنىڭ بىلەن سىز كىملىكىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ پۇلىڭىزنىڭ %50نى قايتۇرىۋالالايسىز. HE.YfD) -ئۇنداقتا مال سېتىۋالمىغان كىشىلەر كىملېكىنى ئېلىپ بارسىچۇ،سىلەر زىيان تارتمامسىلەر؟ $I4:g.gKpG ئەلۋەتتە زىيان تارتمايمىز،چۈنكى مال ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلىۋالىمىز-دە! w)Wg 8 -بولىدۇ،ئۇنداقتا مەن بىر قۇتا سېتىۋالاي-دېدى ئادەتتە بەش يۈەن خەجلەشكە قولى تىترەيدىغان تاھىر يېنىدىن 50يۈەننى چىقىرىپ قىزچاققا سۇنىۋېتىپ. @*"H{xo.U قىزچاق ئاشقان پۇلنى تاھىرغا سۇندى-دە بىر چەتتە نېمىلەرنىدۇ يېزىپ ئولتۇرغان مەمەتتىن سورىدى: [
*W l= -سىزگە بىر نەرسە لازىم ئەمەسمۇ؟ m={TBV,L -ھە!... ياق،..ھە راست، يۈز تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يۈز سوپۇنى بار دېگەندەك قىلىۋاتاتتىڭىز،ئۇ يۈز مېيى يۈز تېرىسىنى يارالامدۇ؟-مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم يۈز تېرەم بەك قۇرغاق ھەم يۈز تېرەم چىرايلىق ئەمەس،تىرىنى يېرىپ يېڭى تىرە ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولامدۇ؟ zOsk'ZE& -يۈز تېرىڭىزنى يارالمايدۇ بىراق،يۈز تېرىڭىزنى سىلىقلاشتۇرۇپ پارقىراق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ]^
BgSC -ئۇنداقتا ماڭا بىر قۇتا بېرىڭ! xQ~N1Y2W -قىزچاق سومكىسىدىن بىر قۇتا يۈز مېيىنى چىقىرىپ مەمەتكە سۇندى. wgFAPZr مەمەت پۇلىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن كۆزىنى قىسىپ ھەييارلارچە ماڭا قارىدى-دە،بىر نەرسە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقىمنى سورىدى. TM<;Nj[*n مەن ئالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ۋە قىزچاقتىن سورىدىم: X(dHhO -سىڭلىم،سىز قايسى سەۋەپتىن بۇنداق سودا يولىغا كىرىپ قالدىڭىز،ھازىر پەرىزىمچە سىزنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىڭىزغۇ دەيمەن؟ /6yH ,{(a قىزچاق سائىتىگە قاراپ قويۇپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە سومكىسىنى يېغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى. q:-1ul -خىزمەتدىشىم ماللارنى يەتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىدى G[ gfD\ ،مەن ئەمدى ماڭاي! ;k5B@z/ -تېخى ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭىزغۇ؟ B
f"L;L -مەن چۈشتىن كېيىن يەنە كېلىمەن،شۇ چاغدا پاراڭلىشايلى ، خوش ئاكىلار! M:d }
P ئۇ شۇنداق دېدى-دە،يېنىك قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى. }E&48$0h -پاھ-پاھ! ،نېمە دېگەن چىرايلىق كاساپەت بۇ،ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ سۈزۈكلىكىچۇ تېخى،ھەي...ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسا قانچىلىك ياشىرىپ كېتەر ئادەم! QM4O|x[
تاھىر شۇنداق دېدى-دە ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلدى. )UN_,'H/V -سېنىڭمۇ سىڭلىڭ بارغۇ،نېمانداق گەپ قىلىسەن؟ Q1[EiM3 -بولدى،بولدى مەن سۆزلىمىگەن بولاي،قاچان بىر ئېغىز گەپنى خاتا قىلىپ قويسام بولۇپ بېرىدۇ ساڭا... (R-( باشقا چاغ بولغان بولسا تاھىر بىلەن قىزىرىشىپ قالغان بولاتتىم،بىراق بۈگۈن نېمىشقىكىن تاھېرغا بىرنى ئالايدىم-دە،ئارتۇق سۆزلىمەيلا خىيالغا پاتتىم. QR{>]I جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق كىچىك تۇرۇپ تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرىۋاتقانلار ئازمىدى؟تۇرمۇش ھەممىنى قىلىشقا كۆندۈرىدىغۇ ئادەمنى.مەن ئۇ قىزچاقتىن يېڭى يازماقچى بولغان ھېكايەمگە بىرەر خام ماتېرىيالغا ئىرىشىدىغانلىقىمغا ئىشەنگەن ھالدا تاماققا ماڭدىم. !;E{D دېگەندەك ئۇ چۈشتىن كېيىن يەنە كەلدى.مەن بىردەم ئۇياق-بۇياقتىن پاراڭلاشقاچ ئاخىرىدا يەنە نېمە سەۋەپتىن تىجارەت يولىنى تاللىغانلىقىنى سورىدىم ھەمدە چاي قۇيۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇم. Y3bZ&G) -ئاكا،قارىسام يازغۇچىدەك قىلىسىز،مەن كىرگەن چېغىدىلا يېزىۋاتقان نەرسىڭىزنى تىزلا يېغىشتۇرۇپ قويدىڭىز،لېكىن مەن تېمىسى يېزىلمايلا "ھېكايە" دېگەن سۆزنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى ئېيتىپ بېرەي،ھېكايىڭىزگە خام ماتېرىيال بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! PZk"!I ئۇ ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا سۆزىنى باشلىدى: RSBk^ -مەن ئۆزۈمگە قاتتىق نەپرەتلىنېمەن،مەن تۇرمۇش يولۇمنى توغرا تاللىيالمىدىم. 3Uy(d,N ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن تەڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى... ASUleOI79( g[(Eh?]Sc (1) Y?\PU{O -ئاسىيەنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى،ئۇنىڭ بويېغا قارا،بۇ ياشتىكى قىزلار ئاللىقاچان بىر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغان بولاتتى.سەن بولساڭ ئۇنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلماي يۈرىسەن،سەن قىزىڭنى سېغىپ ئىچەمسەن زادى،مېنى بۇ يۇرتتا تۇرغىلى قويامسەن-قويمامسەن؟ o_n 3.O= بۇ ئائىلىدە يۈز بېرىدىغان بۇنداق زەھەردەك سۆزلەر سەلىمىگە تونۇشلۇق.ھەتتا قىزىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولىشىنى خالىمىغان سەلىمە داۋاملىق يولدىشى بىلەن سوقۇشۇپ قىلىشى بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. U3BhoD#f\ ئەمدىلا 40ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ئانا ئۈچ بالىنى قاتارغا قوشۇش جەريانىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى،ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ بولالمىغاچقا ھالسىزلىنىپ،ئاغرىپ يۈرسىمۇ يەنىلا ئۆي،بالا،ئەر دەپ تېنىم تاپماي ئىشلەۋاتمامدۇ؟ >*WT[UU مانا ئۇ ھازىر تۆتىنچى بالىغا ھامىلدار.بۇ بالا تۇغۇلسا قانداق قىسمەت ئۇنى كۈتۈپ تۇرار! }A&I@2d سەلىمە مانا مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ خۇراپات ئىددىيىلەرگە لەنەت ئوقۇدى. h6 Cqc}P دېمىسىمۇ سەلىمە ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن 12يېشىدا توي قىلىپ بۇ ئۆينى ئۆي قىلىپ ھازىرغىچە چىشىنى چىشلەپ ئولتۇرۇۋاتاتتى. 6@FGt3y مەيلى يولدىشى قانچىلىك ئۇرۇش-جېدەل قىلمىسۇن سەلىمە يەنىلا بەرداشلىق بېرىپ،قىزى ئاسىيەنىڭ تىزراق ئالى مەكتەپ چاقىرىقىنى قولغا ئېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.قىزى ئالى مەكتەپكە ئۆتسىلا ئۆزى قانچىلىك جاپالارنى تارتىشقا،قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلەشكە رازى ئىدىكى،قىزىنىڭ ئۆز تەقدىرىدەك تەقدىرگە دۇچار بولىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. czT]X
F ئاسىيەگە ئاخىرى چاقىرىق كەلدى،ئۇنداق-مۇنداق مەكتەپلەردىن ئەمەس،بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن چاقىرق كەلدى.بىراق بۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش جىدەللەر ئۆزىتېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. C/MQY:X4 - ئاسىيە بېيجىڭغا ھەرگىز بارمايدۇ، ئۇنى ئوقۇشقا ھەرگىزمۇ بارغۇزمايمەن! sBLOrbo -ياق،ئۇ ئوقۇشقا چوقۇم بارىدۇ،قىزىمنىڭ ماڭا ئوخشاش جاپالارنى تارتىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمەن! v(p<88.!m تالاش-تارتىش كۈچەيدى... +h8`8k'}-2 قادىر ئايالىنى گېپىگە كىرگۈزەلمىگەندىن كېيىن ئاچچىقىدا ئۇنى قاتتىق ئۇرۇۋەتتى. شۇ كۈنىدىكى قاتتىق تاياق زەربىسىدىن سەلىمە قورساقتىكى بالىسىدىن ئايرىلغان ئىدى. 2YK2t بۇ خورلۇقلارغا چىدىمىغان ئاسىيە سوت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىپ يولدىشىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى. g0#w
4rGF) سوت ئورۇنلىرى بۇ ئائىلىنى تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆي تۇتۇش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قاراپ ئۇلارنى مەجبۇرى نىكاھتىن ئاجراشتۇردى. RLfB]\w بۇ ئىشلار شۇنچىلىك تىز يۈز بەردىكى،ئىككى ئاي ئىچىدە بۇ ئائىلە خۇددى ئۇۋىسى بۇزۇلغان قۇشقاچ چاڭگىسىغا ئوخشاپ قالدى. A45!hhf بالىلارنىڭ چوڭى بولغان ئاسىيە بىلەن كىچىك قىزى ئانىسىغا،ئوغلى سەمەت بولسا قادىرغا بۇيرۇپ بېرىلدى. _gw paAJ بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاسىيە ئوقۇشقا بارمايمەن دەپ چىڭ تۇرغان بولسىمۇ،ئانىسىنىڭ يېغلاپ يالۋۇرۇشى بىلەن ئاخىرىدا ئوقۇشقا ماڭدى. . f!dH سەلىمە رەھمەتلىك ئانىسىدىن قالغان ئالتۇن ھالقىسىنى سېتىپ قىزىنى بېيجىڭغا ئۇزاتتى. b4Pa5w (2) -_= m j ئاسىيە ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگەندى،يول يىراق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلەت باھاسىمۇ قىممەت بولغاچقا قىشلىق تەتىلگە قايتماي ئىش تېپىپ ئىشلەيتتى. d>V#?1$h ئوقۇۋاتقان كېيىنكى يىلى يازدا تەتىلگە قايتقاندا،ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆزىتېخىمۇ جۈدەپ بىر تىرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا ئاق كېيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى،ئانىسىنىڭ چاچلىرىمۇ بىردىنلا ئاقىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.بۇ ۋاقىتتا سەمەتمۇ بۇ ئۆيگە كېلىۋالغان ئىدى.ئاسىيە بىر ئىش بولغانلىقىنى سەزگەن بولسىمۇ ئانىسىدىن سورىيالمىدى.بىر كۈنى ئاسىيە تاماقتىن كېيىن ئانىسىغا: bnJ4Edy -ئانا،ماقۇل دېگىن،مەن ئوقۇشتىن چېىكىنەي،ساڭا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلاي.ئۇكىلىرىم ئوقۇسۇن،دېدى. C7K]c4T -ياق،ھەرگىز ئۇنداق دېمە،ئەگەر مەكتەپتىن چېكىنسەڭ بەرگەن ئاق سۈتۈمگە رازى ئەمەسمەن.سېنى دەپ نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم مەن،ئەگەر سەن ئوقۇشقا بارمىغان بولساڭ داداڭ بۇ چاغقىچە سېنى بىرسىگە قەرزگە ھېسابلاپ بېرىۋەتكەن بولاتتى. شۇڭلاشقا تىزراق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ،ئۇكىلىرىڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولمايدۇ. ^bq,+1;@Q سەلىمە شۇنداق دەپلا ئۈن سېلىپ يېغلىۋەتتى. ;=WwJ Np~ -داداڭ...داداڭ بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى قىزىم، ئەمدى بىز يار يۆلەكسىز قالدۇق. wNU;gz -نېمە،دادام،دادامغا نېمە بولدى؟ txE+A/>i9 -داداڭ بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىدا باشقىلارنىڭ پىچېقىدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ساقچىلار بىزنى ئىزلەپ كەلگەن ئىكەن،شۇندىلا بۇئەھۋالنى بىلدۇق. %m+7$iD -بولدى ئانا،يېغلىما،مانا بىز ئۈچەيلەن بارغۇ،سىڭلىم ساڭا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ،ئىنىم سەمەت ئوتۇن يىرىپ سۇ توشۇپ بېرىدۇ... zRbY]dW شۇ كۈنى قاش قارايغاندا بۇ ئانا ئىككى قىزىنى ئېلىپ قادىرنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىشتى... Vf<q-3q ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەن بىر كېچىلىكى ئاسىيە "ئانا!..ئانا...!"دەپ چۆچۈپ ۋارقىرىغىنىچە ئويغىنىپ كەتتى.ئۇ قورققىنىدىن ھاسىراپ كەتكەن بولۇپ،ياتاقداشلىرى ئويغىنىپ كېتىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى،بىرسى چاي قۇيۇپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزدى. V7.g, شۇ ئىشتىن بولۇپ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندە ئاسىيە ئىنىسىنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى،خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى: \>G}DGz
"...ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاچا،تىنىڭ سالامەت ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ئۆگىنىش ئەھۋالىڭ قانداقراق كېتىپ بارىدۇ؟بىزمۇ ياخشى تۇردۇق،تىزراق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلسەڭ ياخشى بولاتتى،بىز سېنى بەكمۇ سېغىندۇق ئاچا!ھە-راسىت ،سىڭلىمنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپى بار ئىكەن،قەلەمنى ئۇنىڭغا بەردىم. %ZX9YuXQ -ئاچا،تىزراق كەلگىن،مەن سېنى بەكمۇ سېغىندىم...". n$v4$_qS سەتراق يېزىلغان بۇ خەتلەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقان بولۇپ،ئىنىسىنىڭ خېتى داۋاملاشتۇرۇلغان ئىدى.: %V+"i_{m "...ئاچا،ئانام سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى،ئۇ ساڭا خەت يازالمىدى،ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن،تاماقنى ۋاقتىدا يېگىن،خەير خوش، iQS,@6 سېنى سىغىنىپ ئىنىڭ سەمەت iJZNSRQJ}r سىڭلىڭ سانىيەدىن. P|Gwt& 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى" :`Ut.E~. خەت يۈزى ھۆل بولۇپ كەتكەنمۇ نېمە،خەتلەر سۇسلىشىپ قالغان ئىدى. zBu@a:E%H (3) Ew
kSUA>Tm ئاسىيەنىڭ كۆڭلى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى بىراق،بۇ مەزگىلدە ئۇ مەكتەپتە ئىمتىھانغا جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ئۆيىگە كېلەلمىدى. 3ce$eZE ئەسلىدە ئاسىيە چۈش كۆرگەن بولۇپ،چۈشىدە ئۇ ئانىسى بىلەن يىراق بىر جايغا سەپەرگە چىققان بولۇپ،تۇيۇقسىز يەر يېرىلىپ ئانىسى تۆۋەنگە قاراپ چۈشۈپ كېتىۋاتقۇدەك،شۇنداقلا مېنى قۇتقۇزۇۋال دېگەندەك قولىنى ئاسىيەگە ئۇزاتقۇدەكمىش...... b9m`y*My شۇ كۈنىدىكى چۈشىدىن كېيىن ئاسىيە بىر نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بوپ قالغان ئىدى،يۈرىكى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلسىمۇ بۇ مەزگىللەردە تېلېفونى تازا ئومۇملىشىپ كەتمىگەن بولغاچقا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلالمىدى. J-<_e?? ئاسىيە تەتىلگە قايتقاندا،سەمەت بىلەن سانىيە ئۆيىدە يوق بولۇپ،قوشنىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ،ئۇلارنىڭ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدى.تاغىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا سىڭلىسى ئوچاق بېشىدا تاماق ئېتىۋاتقان،ئىنىسى بولسا ئوتۇن يېرىۋاتقان ئىدى،ئۇلار ئاچىسىنى كۆرگەندىن كېيىن تەڭلا ئاچىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ تەڭلا يېغلاپ كەتتى. q?dd5JzZy, -ئۇكىلىرىم نېمە ئىش بولدى،مانا ساق سالامەت كەلدىمغۇ،نېمىشقا يېغلايسىلەر؟ y<6c*e1 -ئاچا...،ئاچا،ئەمدى بىز ئانىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق،بىز قانداق قىلىمىز ئەمدى،ئېيتقىنا ئاچا....! 7 QNx*8 p سىڭلىسىنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئاسىيەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ يەرگە يىقىلىپ ھوشىدىن كەتتى. @uCi0P t ئاسىيە كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى ھويلىدىكى كارىۋاتتا كۆردى.سەمەت ،سانىيە ۋە تاغىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدا يېغلىشىپ تۇراتتى. BDvkY -نېمىشقا بۇرۇنراق خەۋەر قىلمىدىڭلار،كېسەللىك ئەھۋالىنى ماڭا نېمىشقا بۇرۇنراق ئېيتمىدىڭلار ،زادى نېمىشقا،قىنى گەپ قىلمامسىلەر؟بۇرۇنراق خەۋەر قىلساڭلار بىر ئامال قىلىپ داۋالىتاتتۇق ئەمەسمۇ؟ئاسىيە شۇنداق دەپلا قاتتىق يېغلاپ كەتتى. E+qLj|IU -قىزىم،ئۇكىلىرىڭىزدىن ئاغرىنماڭ، ئانىڭىزنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىدۇق لېكىن،دوختۇرلار"بەكلا كېچىكىپ قاپسىلەر،كىسەل ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ،ئېلىپ كېتىڭلار" دەپ ياتاققا ئالغىلى ئۇنىمىدى،ئانىڭىزمۇ مەن داۋالانمايمەن،مېنى ئېلىپ كېتىڭلار دەپ تۇرۇۋالغاچقا ئۇنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ كەلدۇق.دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئانىڭىزنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سىزگە ئېيتىشقا يول قويمىغانتىم... 'z
AvQm -ئېيتىڭا تاغا،ئانام قاچان كۆز يۇمدى،ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا نېمىلەرنى دېدى؟ C@eL9R;N1 -ئانىڭىزنىڭ كېسىلى بەك ئېغىر بولغاچقا سۆزلەشتىن قالغىلى خىلى بولۇپ قالغان ئىكەن،ئۇ كۆز يۇمىدىغان چاغدا خىلى كۈچەپ باققان بولسىمۇ لېكىن سۆزلىيەلمەيلا كېتىپ قالدى.ئەمما ئۇ كۆز يۇمۇشتىن بىر نەچە كۈن بۇرۇن بىر كونۋېرتنى سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنىئېيتقان ئىدى. wbAwmOiZ تاغىسى شۇنداق دەپلا ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىر كونۋېرتنى كۆتۈرۈپ چىقتىدە-دە،ئاسىيەگە بەردى.ئاسىيە تاغىسىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئۇكىلىرىنى ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ كونا ئۆيىگە قايتىشتى. ئاسىيەلەر ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ئۆيلىرىنى تازىلاپ رەتلىدى ،قاش قارايغاندا سەمەت بىلەن سانىيەنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ قەبرىگە تاشلىنىپ يېغلاشقا باشلىدى. RQ=$,
i` -ئاھ،مېنى كۆرۈشكە زار بولغان ئانا،قىزىڭ سېنى يوقلاپ كەلدى!مانا ئامراق ئوغلۇڭ سەمەت بىلەن ئامراق قىزىڭ سانىيەمۇ بار.جېنىم ئانا،ئەمدى بىز ئاتا-ئانىسىز،باش-پاناھسىز قالدۇق!ئەمدى مەن كىم بىلەن سىردىشىمەن،كىمنى ئانا دەيمەن؟كىمنىڭ بوينىغائېسىلىمەن ئانا،گەپ قىلە جېنىم ئانا! g:ky;-G8b -ئانا،مەن قىزىڭ سانىيە،گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن،بىزنى تاشلاپ كەتتىڭغۇ،ئەمدى بىز قارا يېتىم بولدۇققۇ،مەكتەپتىن قايتسام پۇتۇڭنى تۇتۇپ قوياتتىمغۇ!سەنمۇ مېنىڭ چېچىمنى تاراپ قوياتتىڭغۇ،ئەمدى چېچىمنى كىم تاراپ قويىدۇ،ئېيتە ئانا!...مەكتەپتىكىساۋاقداشلىرىم ئىلگىرى مېنى دادىسى يوق يېتىم ئوغلاق دەپ تىللايتتى،ئەمدى مەكتەپكە بارسام يەنە نېمىلەرنى دەر جېنىم ئانا!،سۆزلىگىنچۇ!!! 5=I({=/> -دادا،سەنمۇ گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن،سەن مېنى بوينۇڭغا مىندۈرۈپ ئوينىتاتتىڭغۇ،ئەمدى كىم مېنى ئوينىتىدۇ؟... 5>.ATfAsV سەمەت ئۇزۇنغىچە ئۈنسىز يېغلاپ ئولتۇردى ھەمدە ئاخىرى ئاچىسى بىلەن سىڭلىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.ئۇلار ئۇزۇنغىچە كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قىلىشتى. hS8M|_ ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى،يىقىلغاننىڭ كەينىدىن يىقىلغىلى بولمايتتى-ئەلۋەتتە. ]jxyaE&%4 ئۇلار بۇ غېرىپ قەبرىلەر بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.
wg%Z ئۇكىلىرىنى ئۇخلىتىۋەتكەندىن كېيىن كونۋېرتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.
dxAGO( "-سالام قىزىم ئاسىيە!قانداقراق تۇرىۋاتىسەن؟ئوقۇشۇڭ قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟مەندىن ئەھۋال سورىساڭ مەن خىلى ياخشى تۇردۇم.راستىنى ئېيتسام،سەن قايتىپ كەلگۈچە سىنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلمەسلىكتىن ئەنسىرەيمەن قىزىم.مەن كۈندىن كۈنگە بولالماي قىلىۋاتىمەن،ئۆزۈمنىڭ كېسىلى ئۈزۈمگە بەش قولدەك ئايان،مەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بارغاندا دوختۇرنىڭ تاغاڭغا مېنى راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قاپتۇ دېگىنىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم.قىزىم گېپىمنى ياخشى ئاڭلا، سەن قايتىپ كەلگەندە مەن ئاللىقاچان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىشىم مۇمكىن،سەن قايتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ قايغۇرمىغىن،ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويمىغىن. سەن بالىلارنىڭ چوڭى،ئۇكىلىرىڭغا ياخشى قاراپ قاتارغا قوشۇش ساڭا قالدى،ھەرقانچە جاپا تارتساڭمۇ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخىشى خەۋەر ئالغىن،ئوقۇشۇڭنى چوقۇم داۋاملاشتۇرغىن.ئەگەر ئوقۇشتىن چېكىنسەڭ مېنىڭ كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ... `aAE4Ry? ئۆز ئۆيىمىزدىكى ئاشخانىغا چاپلانغان رەسىمنى سۆكۈۋەتسەڭ بىر كىچىك ساندۇقتا سەن مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ تاپقان پۇللار بار.ئۇنى ئۇكىلىرىڭنىڭ ئوقۇشىغا ئىشلىتەرمەن دەپ ساقلىغان ئىدىم.بۇ پۇللارنى تۇرمۇشىڭلارغا سەرپ قىلىڭلار.لېكىن بۇ پۇلنىڭ گېپىنى ھەرگىزمۇ تاغاڭلار ئاڭلىمىسۇن! 'RKpMdoz خوش قىزىم،ئۇكىلىرڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن،خۇدا ئىشلىرىڭغا ئاسانلىق بەرگەي! Ebs]]a>PO سېنى سىغىنىپ: t;VMtIW+E ئاناڭ سەلىمەدىن. pP":,8Q{ 1997-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى" ]^>Inh! خەت مانا شۇنداق ئاخىرلاشقان ئىدى. ,H"}Rw ئاسىيە ئاشخانىدىن ئانىسى ئېيتقان كىچىك ساندۇقچىنى ئېلىپ چىقتىدە-دە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان پۇللارغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.ئەسلىدە ئاسىيە مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن سىنىپ مۇدىرىنىڭ ياردىمىدە مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئىش تېپىپ ئىشلىگەن بولۇپ،ئىش ھەققىنى قولىغا ئالسىلا ئۆيىگە ئەۋەتەتتى. eR5q3E/;G بۇ بىچارە ئانا بۇ پۇللارنى خەجلەشكە كۆزى قىيماي ساقلاپ، ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئەنە شۇ كۈنلەردىمۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن ئىدى. zqdkt ` ئاسىيە مەكتىپىگە قايتىدىغان چاغدا بۇ ئائىلىدە مۇنداق سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى: ZrEou}z(* -ئاچا،جاھىللىق قىلما،بۇ پۇللارنى سەن ئېلىپ كەت،سەن ئوقۇش راسخۇتىڭنى تۆلىمىسەڭ بولمايدۇ،ھېلىمۇ نەچچە يىلدىن بۇيان سەن بىزلەرنى دەپ بەكمۇ جاپا تارتتىڭ،ئالى مەكتەپتە ياخشىراق يېمىسەڭ،ياخشىراق كېيمىسەڭ قانداق بولىدۇ؟سانىيەنىڭ ئوقۇش ئىشىغا كەلسەك،سەن ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭ تۇرمۇش جەھەتتە قىينىلىپ قالىسەن،شۇڭا ئۇ مۇشۇ يەردە ئوقۇسۇن،مەن ئۇنى بارچە ئاماللارنى قوللىنىپ ئوقۇتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بىلەن بىرگە بارغان تەقدىردىمۇ ئۇ يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ بولغۇچە بىر مۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ،يەنە تېخى ئۇ ماڭا تاماق ئېتىپ بەرمىسە بولماس،شۇنداقمۇ سىڭلىم؟ +
>dC سەمەت شۇنداق دەپلا سىڭلىسىغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. L@[}sMdq( -ئاكام راست دەيدۇ،مەن ئۇ شەھەرگە بارسام كۆنەلمەيمەن،ھەم بۇ يەردە ئاكام تاماقتىن قىينىلىپ قالىدۇ،شۇڭا مەن بېيجىڭغا بارمايمەن،بارساممۇ ساڭا ئوخشاش ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بارىمەن. :!Q(v(M -سەن خاتىرجەم بولغىن ئاچا،مەن سىڭلىمنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتىمەن،مەن ئەمدى ئوقۇمايمەن،سىڭلىمنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىش تېپىپ ئىشلەيمەن،تاغامنىڭ ئۆيىگىمۇ بارمايمىز،مۇشۇ ئۆي دە تۇرۇپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ چىرىغىنى ياندۇرىمىز! /m^G 99N ئاسىيە ھەر قانچە دەپمۇ بۇ ئىككىسىگە گەپ يىگۈزەلمىدى-دە،ئۇكىلىرىغا ئەگەر بۇ پۇلنى ئېلىشقا ئۇنىمىسا ئۆزىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئاران ماقۇلغا كەلتۈردى ھەمدە باغرى قان ھالدا ئۇكىلىرى بىلەن خوشلاشتى... X68.*VHh0 kK:Wr&X0H
|
|