查看完整版本: [-- تولۇقسىز ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تەكرار(9-يىللىقلارغا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> تولۇقسىز ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تەكرار(9-يىللىقلارغا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2013-10-29 14:23

تولۇقسىز ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تەكرار(9-يىللىقلارغا)

تولۇقسىز ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تەكرار تەييارلىقى(9-يىللىقلارغا)

تولۇقسىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپلارغا تىل-ئەدەبىيات ئالتە قىسىم كىتابتىكى ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى
قايتا تەكرار قىلىش ئېھتىياجى بىلەن
تۆۋەندىكى ئەسلەتمە خارەكتىردىكى تەييارلىق لايىھىلەنگەن.
كەسىپداشلار مۇۋاپىق پايدىلىنار دەپ يولاپ قويدۇق.

-ئوقۇش يىلى -مەۋسۈم

9-يىللىق

تىل-ئەدەبىيات


دەرس لايىھىسى



تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى


—————— ئوتتۇرا مەكتەپ

-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى


size2=تەييارلىق:201-يىلى –ئاينىڭ -كۈنى
تېما: 7-يىللىق 1-قىسىم كىتاب ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە مەقسىتى:
ئەدەبىيات دەرس تېكىسلىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن تىل بىلىملىرىنى ئالدىن ئىگىلىتىپ،
تېكىست ئوقۇتۇشىدىكى تىل مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىشقا كۆرسەتمە بېرىش مەقسىتىدە،
تېما دائىرىسىدىكى ئاساسىي مەزمۇنلاردىن چۈشەن بېرىش ھەم ماس ھالدا مەشىقلەندۈرۈش.
نىشان:
1.    ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
2.    ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى
3.    تاۋۇشلارنىڭ نۇتۇق ۋە ئىملادا ئىپادىلىنىشى
4.    ياردەمچى سۆز ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
5.    ئاھاڭداش،شەكىلداش سۆزلەر
6.    ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەر  قاتارلىقلارنىڭ قائىدە - قانۇنيەتلىرى ۋە
خۇسۇسيەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىلەرنى بېرىش بىلەن بىرگە، تىل ئەمەليىتىدىن
ماس ھالدىكى مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق تېكىستلەردىكى تىل بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
بۇ خىل مەزمۇنلار باشلانغۇچتا بېرىلگەن بولغاچقا، ئەسلەتمە بېرىش ئاساسىدا تولۇقلاش ھەم  
نەزىريىۋى بىلملەرنى ئالدىن ئوقۇپ، قائىدىلەرنى خاتىرىلەشكە تەشكىللەش، ماس ھالدىكى
مەشىقلەرنى ئىشلەش، تېكىسلەردىكى تىل بىلىملىرىنى خاتىرىلەشكە يېتەكلەش ئارقىلىق چۈشەنچىلەر مۇستەھكەملىنىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.    بىلىش قاتلىمىنى ئېنىقلاش:
1)ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
2)ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ھەرقايسى قىسىملارنىڭ
ئالاھىدىلىكى قانداق؟
3)تاۋۇشلارنىڭ نۇتۇق ئېقىمىدا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەردىن مىسال كەلتۈرۈڭ
ھەم ئىملادا قانداق ئۆلچەلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.
4) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر قانداق گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىدۇ؟ ھەرقايسى
گۇرۇپپىدا قايسى تۈركۈملەر بار؟
5)نۇتۇق ۋە ئىملادىكى پەرىقلەردىن مىساللارنى كەلتۈرۈپ، كۆرۈلگەن
مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈڭ.
6)ياردەمچى سۆز گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۈركۈملەرنى مىسال
بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
7)ئاھاڭداش، شەكىلداش سۆزلەرنىڭ ئوراقلىق ۋە پەرقىنى مىسال
بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.
8)تىلىمىزدا دائىم قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلەردىن قايسىلارنى بىلىسىز؟
2.كۆرسەتمە شەكلىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇش:
دىئاگنۇز سۇئاللىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئاجىز ھالقىلاردىن ئەسلەتمە
چۈشەنچىلەرنى بېرىش ۋە ئاساسىي قائىدىلەرنى خاتىرلىتىش.
ئاساسىي كۆرسەتمىلەر:
1)    ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى_بىرلىككە كەلگەن تەلەپپۇزدىكى ئەدەبىي جانلىق تىل بىلەن،
ئىملا قائىدىسىدىكى يېزىقنى ۋاستە قىلغان ئەدەبىي يېزىق تىلىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
2)    تىلىمزدا_ فونىتىكا، لېكسىكا، گراممماتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىب بولۇپ،
گرامماتىكا_ مورفولوگىيە، سىنتاكسىس دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
3)    ياردەمچى سۆزلەر_ تىركەلمە، باغلىغۇچى،يۈكلىمىلەردىن ئىبارەت بولۇپ،
لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلاتمايدۇ، جۈملە بۆلىكى بولالمايدۇ،مۇستەقىل سۆزلەر ۋە
جۈملىلەرگە قوشۇمچە مەنە بېرىدۇ،سۆز جۈملىلەرنى باغلاش رولىدا كېلىدۇ.
(تۈرلىرى ئايرىم كۆرسىتىلىدۇ)مىسال كەلتۈرۈپ، چۈشەندۈرۈشكە يېتەكلىنىدۇ.
4)    يېزىلىشى ئوخشاش سۆزلەر_ئاھاڭداش(تەلەپپۇزى ئوخشاش)،
شەكىلداش(تەلەپپۇزى پەرىقلىق) سۆزلەرگە بۆلۈنىدۇ.بۇلارغا تەۋە سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ.
نىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللىنىدۇ.
5)    ئاساسلىق تىنىش بەلگىلەرنىڭ قوللىنىلىشى دەرسلىك ۋە تىل ئەمەليىتىدىن ئۈلگە قىلىنىدۇ.
خۇلاسە:يۇقۇرقى ئاساسىي تىل قائىدە_چۈشەنچىلەرنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە،
تىل ئەمەليىتىگە تەدبىقلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش.
3.تاپشۇرۇق: ئاساسىي قائىدە ۋە چۈشەنچىلەرنى خاتىرىلەش ھەم ماس
ھالدىكى مىساللارنى كەلتۈرۈپ، چۈشەندۈرۈش.
دوسكاكۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلارخاتىرىسى____________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
_______________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________
_______________________________________________________________

تەييارلىق: 201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنى
تېما: 7-يىللىق 2-قىسىم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.    لوغەت تەركىبى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ئەسلەتمىسى
2.    ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلىي ۋە كۆچمە مەنىسىنى پەرىقلەندۈرۈش
3.    بەزى تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولىنى ئىگىلەش
موھىم نۇقتىلار:
ئاساسىي ۋە ئادەتتىكى لوغەت تەركىپلىرىنىڭ دائىرىسىنى پەرىقلەندۈرۈش،
كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىگىلەش، تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش
قىيىن نۇقتا:ئاساسىي ۋە ئادەتتىكى لوغەت تەركىپلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش،
سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى بىلەن كېڭەيگەن مەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: تىل قائىدىلىرىنى ئەسلەتمە ئاساسىدا خاتىرلىتىشبىلەن بىرگە،
تىل ئەمىليىتىدىن مەشىقلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى:
كۆرسەتمە سوئاللار:
1)    لۇغەت تەركىبى تىلىمىزنىڭ قايسى تەركىبى قىسمىغا تەۋە؟
2)    ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىنىڭ دائىرىسى قانداق بولىدۇ؟
3)    ئادەتتىكى لوغەت تەركىبى بىلەن ئاساسىي لوغەت تەركىبىنىڭ ئكتۈشۈش
شەرتلىرى قانداق بولىدۇ؟
4)    سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنىسى بىلەن ئىدىئوماتىك مەنىسىنىڭ
پەرقى قانداق بولىدۇ؟
5)    كۆچمە مەنە بىلەن ئوخشىتىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
6)    تىنىش بەلگىلەرنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىلگە تەۋەلىرىنى ئايرىپ كۆرسىتىڭ.
7)    تىنىش بەلگىلەر بىلەن شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ ئورتاقلىق ۋە پەرقى قانداق؟
مۇھىم كۆرسەتمىلەر:
تىلىمىزدىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى لوغەت فۇندى بولۇپ، لېكسىكىنىڭ تەتقىقات
دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە_ ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەر(ئومۇنىم سۆزلەر)،
يېڭى پەيدا بولۇۋاتقان سۆزلەر، پەن تېخنىكا ئاتالغۇلىرى، كەسپىي سۆزلەر،
دىئالىكىت سۆزلەر، چەتتىن كىرگەن سۆزلەر كىرىدۇ.
كۆچمە مەنە_ سۆزلەرنىڭ كېڭەيگەن مەنىسى بولۇپ، بەزى سۆزلەرنىڭ ئېنىق بولغان تىل شارائىتىدا ،
باشقا يېڭى مەنەدە كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
تىنىش بەلگىلەرنىڭ ھەرپلىك يازمىلار بىلەن رەقەملىك يازمىلاردىكى قوللىنىلىشىدا
مەلۇپ پەرقى بولۇپ،بەزى تىنىش بەلگىلەر_ تاۋۇش ئۇرانىغا ئاساسەن پىكىر شەكلىگە
ماس ھالدا ئىشلىتىلسە، بەزىلىرى پىكىرنىڭ مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ قوللىنىلىدۇ،
بەزىلىرى ھەر ئىككىلىسىنى بىرلىك قىلپ ئىشلىتىلىدۇ. شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن تىنىش
بەلگىلەر بىر بىرىنى تولۇقلاش رولىدا كېلىدىغان بولۇپ، بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
مەشىق كۆرسەتمىسى:
1)    ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىستىمالدىن قالغان
شەكلىگە مىسال كەلتۈرۈڭ.
2)    ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىنىڭ ھەر بىر دائىرىسىگە ماس مىساللارنى كۆرسىتىڭ.
3)    قانداق سۆزلەرنى كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىغا مىسال كەلتۈرۈڭ.
4)    كۆچمە مەنىدىكى سۆز بىلەن ئوخشىتىشنىڭ مۇناسىۋېتىگە مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ.
5)    تىنىش بەلگىلەردىن قايسىلىرىنىڭ قوللىنىشىنى قىيىن دەپ قارىسىڭىز،
ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، مىساللار ئۈلگىسىنى توپلاپ خاتىلەڭ.
خۇلاسە:يۇقۇرقى ئاساسىي تىل قائىدە_چۈشەنچىلەرنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە،
تىل ئەمەليىتىگە تەدبىقلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش.
3.تاپشۇرۇق: ئاساسىي قائىدە ۋە چۈشەنچىلەرنى خاتىرىلەش ھەم ماس
ھالدىكى مىساللارنى كەلتۈرۈپ، چۈشەندۈرۈش.
دوسكا كۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلار خاتىرىسى_____________________________________
___________________________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
___________________________________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________
______________________________________________________________________________________________________


تەييارلىق: 201-يىلى –ئاينىڭ -كۈنى
تېما: 8-يىللىق 1-قىسىم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.    ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش؛
2.    كۆچۈرمە ۋە ئۆزلەشتۈرمە جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش؛
3.    ھىكمەتلىك سۆزلەرنىڭ تۇراقسىز سۆز بىرىكمىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش.
4.    تۇراقلىق بىرىكلەر، كۆچۈرمە جۈملىلەرنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسىنى ئىگىلەش؛
5.    ماقال بىلەن تەمسىلنىڭ ئوتاقلىق ۋە پەرقىنى ئىگىلەش.
مۇھىم نۇقتا:
تۇراقلىق ئىبارىلەر بىلەن ئادەتتىكى سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش؛
كۆچۈرمە جۈملە بىلەن ئۆزلەشتۈرمە جۈملىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش.
قىيىن نۇقتا:
تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ پەيدا بولۇش ، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
ئەسلەتمە خارەكتىرلىك ئىنكاس ئارقىلىق ئالدىن دىئاگنۇز قويۇش بىلەن بىرگە،
تىل ئەمىليىتىدىن مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش،
مۇھىم نەزىريىۋىي قائىدىلەرنى خاتىرىلەشكە تەشكىللەش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى:
كۆرسەتمە سوئاللار:
1)    تىلىمىزدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرقانداق شەكىللەنگەن؟
2)    تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق؟ مىشال بىلەن
چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.
3)    ئىدىئوم بىلەن‹‹ كۆچمە مەنە›› نىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
4)    تىلىمىزدىكى ماقال بىلەن ئەقلىيە سۆزلىرىنىڭ ئورتاقلىق ۋە پەرقى قانداق؟
5)     ھىكمەتلىك سۆزلەر بىلەن ماقال-تەمسىلللەرنىڭ تۈپ پەرقى قانداق؟
مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
6)    كۆچۈرمە جۈملىلەرنى ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ جۈملە قېلىپلىرى قانداق بولىدۇ؟
ئىمكانىيەتلىك جەدۋېلىنى (شەكلىنى) ئىيتىپ بېقىڭ.
7)    كۆچۈرمە جۈلىلەرنىڭ ئىملاسى قانداق شەكىللەردە بولىدۇ؟ تۈرلىرىگە مىسال كەلتۈرۈڭ.
8)    تۇراقلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
مۇھىم مەزمۇنلار كۆرسەتمىسى:
ئىدىئوملار ئاساسەن سكز بىكمىلىرى شەكلىدە، ماقال-تەمسىللەر_جۈملە شەكلىدە
(كۆپ ھاللاردا قوشما جۈملە شەكلىدە،يەنى بېيت شەكلىدە ) كېلىدۇ، ھېكمەتلەك سۆزلەر
جۈملە شەكىلدە( بەشىلىرى نەسرىي جۈملە شەكلىدە، بەزىلىرى نەزمە جۈملە_ بېيت شەكلىدە كېلىدۇ.
ماقالدا ئەسلىي مەنە، تەمسىلدە كۆچمە مەنە ئاساس قىلىنىدۇ. ھېكمەتلىك سۆزلەردىمۇ
ئەسلىي مەنە ئاساس قىلىنىدۇ.
كۆچۈرمە جۈملىنىڭ جۈلىدىكى ئورنى تۆت خىل بولۇپ، يېزىلىش ئۆلچىمى مۇشۇ تۆت
خىل شەكلىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
ئۆزلەشتۈرمە جۈملە ئاڭلىشىلغان ۋە بىۋاستە ئاڭلىغان ئۆتكەن زامان  بايان جۈملە
شەكلىدە بولۇپ، ئاپتۇرى ئاساسەن شۇ ئۆزلەشتۈرمە جۈملىنىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

خۇلاسە:
تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەم تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۇراقلىق
ئىبارىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئەستايىدىل تولۇق ئىگىلەش، نۇتۇق ۋە ماقالىلەرنىڭ
مەزمۇنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆچۈرمە جۈملىلەردىن پايدىلىنىش ھەم
ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تاپشۇرۇق: مۇھىم قائىدە ۋە چۈشەنچىلەرنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە، ھەر بىر مەزمۇنغا ماس
ھالدىكى مەشىقلەرنى ئىشلەپ كېلىش.(سىنىپتا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ تولۇقلاش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ)
   دوسكا كۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلار خاتىرىسى_____________________________________
___________________________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
___________________________________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________
______________________________________________________________________________________________________




تەييارلىق: 201-يىلى-ئاينىڭ  -كۈنى
تېما: 8-يىللىق 2-قىسىم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1)    موفولوگىيە ھەققىدىكى ئاساسىي چۈشەنچە ؛
2)    مورفېما ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى ئايرىش ؛
3)    سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش تۈرلىرىنى ئىگىلەش؛
4)    قوشۇمچىلارنىڭ تۈرلىرىنى ئىەىلەش؛
5)    ئىسىملارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بويىچە بۆلۈنگەن تۈرلىرىنى
(خاس ۋە ئومۇمىي_تۈرداش ئىسىم) ئىگىلەش؛
6)    پېئىلنىڭ راي شەكىللىرىنى ئىگىلەش؛
7)    مۇستەقىل ۋە ياردەمچى پېئىللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش.
مۇھىم نۇقتا:
ھەرقايسى تىل بىلىملىرىنىڭ قائىدە –قانۇنيەتلىرىنى ئىگىلەش
قىيىن نۇقتا:
مورفېما بولالمايدىغان سۆزلەر، تۈپ مورفېما بىلەن ياسالما سۆزنىڭ مۇناسىۋىتى،
ئۈنۈمسىز ياسىغۇچىلار ، تۈرلىگۈچى سۆزلەرنىڭ ‹‹سۆز ياساش›› رولىنى چۈشىنىش،
كۆچمە ياردەمچى پېئىللار بىلەن كۆچۈرۈلمە مۇستەقىل پېئىلنى پەرقلەندۈرۈش
قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلەش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
ئەسلەتمە خارەكتىرلىك ئىنكاس ئارقىلىق ئالدىن دىئاگنۇز قويۇش بىلەن بىرگە،
تىل ئەمىليىتىدىن مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش، مۇھىم نەزىريىۋىي
قائىدىلەرنى خاتىرىلەشكە تەشكىللەش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى:
كۆرسەتمە سوئاللار:
1)    سۆزلەر قانداق ياسىلىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈپ  چۈشەندۈرۈڭ.
2)    تىلىمىزدىكى قايسى سۆز تۈركۈملىرى، قانداق تۈرلىگۈچىلىرى بىلەن تۈرلىنىدۇ؟
مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ.
3)    سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش تۈرلىرىگە مىسال ئىلىپ چۈشەندۇرۈڭ.
4)    ‹‹مەكتەپ››دېگەن سۆزنى ئالدى بىلەن كىچلىتىپ، ئاندىن چوڭايتىپ تۈرگە ئاجرىتىڭ.
5)    پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشىنى ئېيتىپ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6)    خاس ياردەمچى پېئىللارغا مىسال ئېلىپ جۈملە تۈزۈڭ.
مۇھىم مەزمۇنلار كۆرسەتمىسى:
(1)    سۆزلەر ئالدى بىلەن تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ۋە قىسقارتىلما سۆز دەپ ئۈچ چونە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ياسالما سۆز_ تار مەنىلىك ،كەڭ مەنىلىك دەپ ئىككى خىل ئىستىمال قىلىنىدۇ. تارمەنىلىك
ياسالما سۆز_ لېكسىكىلىك ياسالما بىلەن فونىتىكىلىق ياسالما، ئانالىتىك ياسالما(سۆزگە سۆز قوشۇلۇش)
سۆز دېگەن مەنىلەرنى ئىچىگە ئالىدۇ.
(2)    ياسالما سۆز _لېكسىكىلىق ياسالمىنىمۇ كۆزدە تۇتقان بولۇپ، سۆز تومۇرى ۋە يىلتىزىغا ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئارقىلىق سۆز ياساشنى كۆرسىتىدۇ.
(3)    ئانالىتىك ياسالما سۆز_بىرىككەن سۆز،جۈپ سۆزنى كۆرسىتىدۇ.
(ئانالىتىك بىرىكمە_ سۆز بىرىكمىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
(4)    دېمەك، سۆزلەر_ تۈپ سۆز، ياسالما سۆز، جۈپ سۆز، بىرىككەن سۆز،
قىسقارتىلما سۆز دەپ بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
(5)    مورفېما_ سېنتىتىك قۇرۇلمىدىكى سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق مەنىلىك بۆلەكلىرىنى
كۆرسەتكەن بولۇپ،باش لېكسىكىلىك تەركىبى(لىكسىكىلىق مەنە بىلدۈرۈدىغان قىسمى) _ مۇستەقىل مورفېما،
پەقەت گرامماتىقىلىق مەنە بىلدۈرىدىغان قالغان قىسمى_ياردەمچى مورفېما دەپ ئاتىلىدۇ.
(6)    ئىسىملار بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ تارماق_تۈر ئىسىملارغا بۆلۈنۈش-بۆلۈنمەسلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ،
ئومۇمىي(تۈرداش)، خاس ئىسىملارغا بۆلىنىدۇ.
(7)    سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ھەركەتكە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيىدە ئىكەنلىكىنى
بىلدۈرىدىغان گرامماتىكىلىق شەكىللىرى راي تۈرلىنىش شەكىللىرى بولۇپ،ئۇلار_بۇيرۇق(تەلەپ،خالاش)
رايى، شەرت رايى ۋەخەۋەر(بايان) رايى دېگەن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(8)    مۇستەقىل پېئىللار جۈملىدە مۇستەقىل بۆلەك بولالايدۇ.(ئەسلىي لېكسىكىلىق مەنىسىنى ساقلاپ قالىدۇ)
ياردەمچى پېئىللار_مەنبەسىگە ئاساسەن، خاس ياردەمچى، كۆچمە ياردەمچى پېئىللار دەپ ئىككى
خىلغا بۆلۈنىدۇ.
خاس ياردەمچىلەر‹‹ئىدى، ئىكەن،ئىمىش›› لەردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇستەقىل سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتالغان ‹‹پېئىل››نىڭ ‹‹ياردەمچى سۆزلەر››گە تەۋە قىسمى بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن پېئىلنىڭ
‹‹مۇستەقىل سۆز›› بولۇشىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
كۆچمە ياردەمچى پېئىللار_ ئەسلى مەنىسىدە مۇستەقىل بۆلەك بولۇپ كېلىدىغان، باشقا سۆزلەرگە
( كۆپۈنچە ‹‹-پ››لىق رەۋىشداشلارغا باغلىنىپ) قوشۇلۇپ، قوشۇمچە مەنە ئىپادىلەيدىغان
پېئىللاردىن ئىبارەت.

خۇلاسە:
مورفولوگىيە دائىرىسىدىكى  مورفېما، سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، ياسىلىشى، خاس ۋە ئومۇمىي
ئىسىملار پېئىلنىڭ رايلىرى ، مۇستەقىل، ياردەمچى پېئىللار ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى
ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تاپشۇرۇق: ئاساسىي قائىدىلەرنى خاتىلەش ۋە ماس ھالدىكى مەشىقلەرنى ئىلەش.
           دوسكا كۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلار خاتىرىسى_____________________________________
___________________________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
___________________________________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________
_______________________________________________________
_______________________________________________


تەييارلىق: 201-يىلى –ئاينىڭ -كۈنى
تېما: 9-يىللىق 1-قىسىم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى(1-سائىتى)
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.سۈپەتلەرنىڭ دەرىجە تۈرلىنىشىنى ئىگىلەش؛
2.رەۋىشلەرنىڭ مەنە ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىكى تۈرلىرىنى ئىگىلەش؛
موھىم نۇقتا:
ئاساسىي قائىدە، چۈشەنچىلەرنى ئىگىلەش ھەم تىل ئەمىليىتىگە تەدبىقلەش،
قىيىن نۇقتا:
سۈپەتلەرنىڭ دەرىجىدە تۈرلىنىش ئىمكانىيەت دائىرىسى ۋە سەۋەپلىرى؛
رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ ئورتاقلىق-پەرقىنى ئىگىلەش،(ۋاقىت ئىسىملىرى بىلەن
ۋاقىت رەۋىشلىرىنى پەرىقلەندۈرۈش)
سۈپەتلەرنىڭ رەۋىشلىشىش شەرتىنى ئىگىلەش،
ئوقۇشۇش ئۇسۇلى:
ئەسلەتمە خارەكتىرلىك ئىنكاس ئارقىلىق ئالدىن دىئاگنۇز قويۇش بىلەن بىرگە،
تىل ئەمىليىتىدىن مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش، مۇھىم نەزىريىۋىي
قائىدىلەرنى خاتىرىلەشكە تەشكىللەش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى:
كۆرسەتمە سوئاللار:
1)سۈپەتلەرنىڭ دەرىجىدە تۈرلىنىش شەكىللىرى قانداق بولىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
2)رەۋىشنىڭ تۈزۈلۈش تۈرى بىلەن سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ.
3)رەۋىشلەرنىڭ مەنە تۈرلىرىنى قانداق پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟
مۇھىم مەزمۇنلار كۆرسەتمىسى:
1)    تىلىمىزدا دائىم ئىشلىتىۋاتقان بەش مىڭدىن ئارتۇق سۈپەتلەرنىڭ ناھايىتى
ئاز قىسمىلا دەرىجە تۈرلىنىشىدە كېلىدىغان بولۇپ، كېمەيتمە، ئاشۇرما ئەركىلەتمە
دەرىجىلەردە مەلۇم قوشۇمچىلار بولۇش(سېنتىتىك شەكلى_ قوشۇمچە قوشۇلۇش شەكلى) بىلەن بىرگە،
كېمەيتمە، ئاشۇرما دەرىجىلەردە  ئالدىغا سۆز بېقىنىدىغان شەكلى(ئانالىتىك شەكلى)مۇ
مەۋجۇت بولۇپ، ئانالىتىك تۈرلىنىشتە دەرىجىلەرنىڭ بىر قىسم شەكلى بارلىققا كەلكەن.
2)    رەۋىشلەرنىڭ تۈزۈلۈش تۈرىدىكى ‹‹قوشما رەۋىش››_ جۈپ سۆز، بىرىككەن سۆزلەردىن
باشقا يەنە، سۆز بىرىكىكمىلىرى شەكلىدىمۇ كېلىدۇ.
3)    رەۋىشنىڭ مەنە تۈرىدىكى بەزى ھالەت رەۋىشلىرى ئىسىملارغا بىۋاستە باغلانغان
شەكلىدە كەلسىمۇ، ئەمەليەتتە شەخىسسىز پېئىل ‹‹ سۈپەتداش››نى ۋاستە قىلغان بولۇپ،
بۇ سۆز يوشۇرۇن كەلگەن ھالدا ، شۇ خىل ھالەت رەۋىشلىرى ئىسىم بىلەن بىۋاستە
باغلانغاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، قىسقىسى، بۇلار ئىسىم بىلەن شەرتلىك بارلانغان بولىدۇ.
بەزى ۋاقىت ئىسىملىرى بىلەن ۋاقىت رەۋىشلىرى ئوخشاشلا ‹‹قانداق؟›› دېگەن سوئالغا
جاۋاپ بولۇپ كەلسىمۇ، ئۇلارنى ‹‹نېمە؟›› دېگەن سوئالنى قويۇش ئارقىلىك پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ. (مەسىلەن:شەنبە، جۈمە...، ياز، باھار...قاتارلىقلار بىلەن ھازىر، دەرھال،  ئاخشام...قاتارلىقلار)
4)    بەزى دەرىجە رەۋىشلىرى مۇستەقىل بۆلەك بولغان بىلەن، ئايرىم تۇرغاندا لېكسىكىلىق
مەنە بىلدۈرۈپ كېلەلمەيدىغان ئالاھىدە سۆزلەر بولۇپ، ‹‹نۇرغۇن››غا ئوخشاش دەرىجە
سۈپەتلەردىن پەرىقلىنىدۇ.
خۇلاسە:
دېمەك، سۈپەتلەرنىڭ پەقەت دەرىجە تۈرلىنىشى بىلەن تۈرلىنىدىغانلىقىنى ھەم قىسمەن
سۈپەتلەرنىڭ بۇخىل تۈرلىنىشتە كېلىپ، كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلىي دەرىجە ھالىتىدە
قوللىنىلىدىغانلىغىنى ئىگىلىۋىلىش كېرەك.
رەۋىشلەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش تۈرلىرىگە تەدبىقلەپ ئۆگىنىش؛
مەنە تۈرلىرىنى بەزى ئىسىم ۋە سۈپەتلەردىن پەرىقلەندۈرۈپ ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
  دوسكا كۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلار خاتىرىسى_____________________________________
___________________________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
___________________________________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________
______________________________________________________
________________________________________________





تەييارلىق: 201-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
تېما: 9-يىللىق 1-قىسىم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى(2-سائىتى)
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشىنى ئىگىلەش؛
2.جۈملە بۆلەكلىرىنى ئىگىلەش؛
3.جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنى ئىگىلەش.
جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش،
تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن تەڭداش باغلىنىشنىڭ ‹‹بىر ئوقۇم›› ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش.
موھىم نۇقتا:
ئاساسىي قائىدە، چۈشەنچىلەرنى ئىگىلەش ھەم تىل ئەمىليىتىگە تەدبىقلەش،
قىيىن نۇقتا:
جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش،
تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن تەڭداش باغلىنىشنىڭ ‹‹بىر ئوقۇم›› ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش.
ئوقۇشۇش ئۇسۇلى:
ئەسلەتمە خارەكتىرلىك ئىنكاس ئارقىلىق ئالدىن دىئاگنۇز قويۇش بىلەن بىرگە، تىل
ئەمىليىتىدىن مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش، مۇھىم نەزىريىۋىي قائىدىلەرنى
خاتىرىلەشكە تەشكىللەش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى:
كۆرسەتمە سوئاللار:
1.جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى بىلەن تۈرلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
2.جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورنى قانداق بولىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
3.ئاددىي جۈملىنىڭ ئىستىمالدىكى تۈزۈلۈش تۈرى قانداق شەكىللەردە بولىدۇ؟
مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
مۇھىم مەزمۇنلار كۆرسەتمىسى:
1.جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەر تەڭداش باغلىنىشتا كېلىدىغان بولۇپ، تەڭداش
مۇناسىۋەتتىكى ئاددىي جۈملىلەرگە خۇسۇسيەت جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
2.جۈملىدىكى بېقىندىلىق بالىنىشلار بىلەن جۈملە بۆلەكلىرى گرامماتىكىلىك بىرلىكلىككە
ئىگە بولۇپ، باغلىنىشلار ئارقىلىق جۈملە بولەكلىرىنى تولۇق ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.
يەنى ئىنىقلىغۇچى بۆلەك_ چىرمىشىش، ياندىشىش باغلىنىشنىڭ سۆز بىرىكمىسى
شەكلىدىلا مەۋجۇت بولىدۇ؛ تولدۇرغۇچى_ پەقەت باشقۇرۇش باغلىنىشتا بولىدۇ.
يەنى ‹‹-نى ››بىلەن كەلگەن سۆز بىلەن خەۋەر ئوتتۇرسىدىلا بولىدۇ؛ ھالەت
باشقۇرۇش باغلىنىش، يانداش باغلىنىشلاردىلا بولىدۇ.ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتى _ ئىگىلىك
جۈملىنىلا شەرت قىلىپ مەۋجۇت بولىدۇ.
خۇلاسە:جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىنى
شەرتلەندۈرىدىغانلىقىنى ،يەنى كېلىش قوشۇمچىلىرىنىڭ جۈملە بۆلەكلىرىنى
ئايرىشتا ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىغانلىقىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  دوسكا كۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلار خاتىرىسى_____________________________________
___________________________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
___________________________________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى-ئاينىڭ -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________


تەييارلىق: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تېما: 9-يىللىق 2-قىسىم ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.    جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ
خۇسۇسيىتىنى ئىگىلەش؛
2.    مۇرەككەپ جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە،
بۇخىل جۈلىلەرنى تۈزەلەيدىغان ھەم تىل ئەمىليىدە پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش.
3.     مۇرەككەپ جۈملىلەردىن پايدىنىش ئىقتىرانى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش.
مۇھىم نۇقتا:
         خۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ رولى ۋە تۈزۈلۈش
ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش؛
         مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ۋە ئۇلاردىن
پايدىلىنىش يوللىرىنى ئىگىلەش.
قىيىن مۇقتا:
      جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈم تەۋەلىكى
بىلەن ئۇلارنىڭ جۈملىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئىمكانىيىتى ئوتتۇرسىدىكى
مۇناسىۋەتنى پەرىقلەندۈرۈش.
     مۇرەككەپ جۈملىنىڭ تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ مەزمۇن
باغلىنىشىنى ئىگىلەش.
ئوقۇشۇش ئۇسۇلى:
ئەسلەتمە خارەكتىرلىك ئىنكاس ئارقىلىق ئالدىن دىئاگنۇز قويۇش بىلەن بىرگە،
تىل ئەمىليىتىدىن مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش، مۇھىم نەزىريىۋىي
قائىدىلەرنى خاتىرىلەشكە تەشكىللەش.
ئوقۇتۇش جەريانى ۋە مەزمۇنى:
كۆرسەتمە سوئاللار:
1.    گرامماتىكىلىق باغلىنىش دېگەن نېمە؟
2.    سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت دېگەن ئۇقۇم بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىش
ئۇقۇمىنىڭ پەرقى بارمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.( ئىنكاسلارغا تولۇقلىما كايتارما ئىنكاس بېرىلىدۇ)
3.    جۈملە بىلەن  گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر قايسىلار؟ سىز بۇلار توغرىسىدا
قانداق چۈشەنچىلەرگە ئىگە؟ مىسال بىلەن چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
4.    مۇرەككەپ جۈملە توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.
5.    مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ باغلىنىش جەھەتتىكى تۈرلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى بىسىز؟
چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.
6.    بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىنىڭ تەركىبىدىكى بېقىنىش- بېقىندۇرۇش ئورۇن تەرتىپى
ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.
مۇھىم مەزمۇنلار كۆرسەتمىسى:
1.گرامماتىكىلىق باغلىنىش_ جۈملىدىكى پىكىرنى بارلىققا كەلتۈرگەن سۆزلەرنىڭ
باغلىنىش مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولسا، سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت_جۈملە تەركىبىدىكى
سۆزلەر بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
2.گرامماتىكىلىك مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر_ پىكىر قاراتمىسى ئوبيېكىتلىرىنى قارىتىش،
جەلەپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قاراتما سۆزلەر، سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدىكى
پىكىرگە قارىتا مۇناسىۋىتى ۋە پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدىغان قىستۇرما سۆزلەر،
سۆزلىگۈچىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق سۆزلەر، جۈملىدىكى
مەلۇم بىر بۆلەكنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش رولىدا كېلىدىغان ئىزاھلىغۇچى سۆزلەردىن
ئىبارەت بولۇپ، بەزىلىرى سۆز بەزىلىرى سۆز بىرىكمىلىرىدىن تۈزىلىدۇ.
3.    مۇرەككەپ جۈملە_ باغلىنىشلىق بولغان ئاددىي جۈملىلەردىن تۈزۈلۈپ،
مۇرەككەپ ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىدىن ئىبارەت.
4.    بۇ خىل جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن،
تەڭداش ،بېقىندىلىق، ئارلاش مۇرەككەپ جۈملىلەرگە بۆلۈنىدۇ.
5.    تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى ئاددىي جۈملىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
6.    بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىكى ئادددىي جۈملىلەرنىڭ باش جۈملىسى كۆپ ھاللاردا ئارقىدا،
باش جۈملە ئالاھىدە تەكىتلەنگەندە ‹‹-كئ›› باغلىغۇچىسىنىڭ ياردىمىدە ئادىدا كېلىدۇ.
7.    ئارلاش جۈملە ھەم بېقىندىلىق، ھەم تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى ئاددىي جۈملىلەردىن
تۈزۈلگەن بولىدۇ.
خۇلاسە:
دېمەك، تىل ئەمەليىتى ۋە يېزىقچىلىقتا گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر بىلەن،
مۇرەككەپ جۈملىلەردىن توغرا پايدىلىنىشقا تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
     دوسكا كۆرسەتمىسى:
ئاساسىي تېمىلار خاتىرىسى_____________________________________
___________________________________________________
مۇھىم كۆرسەتمىلەر خاتىرىسى___________________________________
___________________________________________________
ئۆتۈلۈشى:201-يىلى –ئاينىڭ  -كۈنى(ئىجراسى_                                        )
گۇرۇپباش تەستىقى:201-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرستىن كېيىنكى ئىنكاسلار:___________________________________
_____________________________________________________
_________________________________________________

مەنبە:دەرس لايىھىسىدىن

nadiraay 2013-10-29 15:51
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. ساقلىۋالدىم رەھمەت.

قەلبىنۇر 2013-11-18 11:15
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. ساقلىۋالدىم رەھمەت.

قەلبىنۇر 2013-11-18 11:27
  
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. ساقلىۋالدىم رەھمەت

پاراسەت 2013-12-19 17:42
nadiraay:كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. ساقلىۋالدىم رەھمەت. (2013-10-29 15:51) 

كۆپ ئەجىر قىپسىز،رەىمەت.

kangdala 2014-01-24 17:47
ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز ،كوپ رەخمەت!

ھسداەىقكل 2014-02-15 12:45
رەخمەت بەكمۇ لازىمىتى بۇ ماترىيال

مىھرىبانىم 2014-03-29 18:47
مەنمۇ بۇ يىل تولۇقسىز 3- يىللىقنىڭ كونسۇلتاتسىيىسىگە كىرمەكچى ئىدىم . تولىمۇ ياخشى بولدى ، رەھمەت سىزگە .

گۈلباغ 2014-08-21 00:28
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن


查看完整版本: [-- تولۇقسىز ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تەكرار(9-يىللىقلارغا) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled