查看完整版本: [-- ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ھەركەتلىك قويولمىلار -> ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلسىن 2013-10-28 19:06

ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈش

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا A1x?_S"a  
(خوتەن ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تىلسىن) P31}O2 Nh  
        نۆۋەتتە  پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ،بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى تېزلىشىپ ،كونىراش نىسبىتى ئۈزلۇكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان ،مائارىپتايېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىغا بىرلىشىپ‹قوش تىل›ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش چىڭ تۇتۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ؛ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىن زېرىكىش،بىزارلىق ھېس قىلىپ ئويۇنغا بېرىلىدىغان بىر خىل قاتماللىق Ⅰشەكىللىنىپ قېلىۋاتقان بىر خىل ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.   p't>'?UH|  
      شۇڭا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى –يېتىلدۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم  خەزىنىسىگە كىرىدىغان ‹.ئالتۇن ئاچقۇچ› نى قولىغائالالايدىغان رولغا ئىگە قىلىش ھازىرقى باسقۇچتا ھەر قايسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشىدىكى يېتىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەسىلە بولۇپ قالماقتا. 6j@3C` Yd  
    Ⅰ  بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مائارىپ تۈزۈلمىسىدە يەنە بىر ئىزدىنىپ بېقىشى 1.يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، Bh?K_{e  
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى،يەڭگىللىتىش ئىچىدە ئېغىرلىتىش ئاۋۇتۇش كۆپ بولۇپ قالماسلىقى ، vBAds  
3.ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئىزدىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى. oUXu;@l  
     ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ئۆگىنىش سورۇنى بولغان تەجرىبىخانىلار،مەكتەپ قىرائەتخانىلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ قولۇپلىنىپ ،ئىچىنىڭ توپا بېسىپ كېتىشى ،مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرىشى كۆلگەندە تېزدىن تازىلىنىپ،كېرەكلىك ھۆججەتلەر تولۇقلىنىپ ئىشلەنمىگەن تەجىرىبىلەرنىڭ دوكلاتلىرى ئىشلەنگەن ھالدا يېزىلىپ،ئېچىلمىغان قىرائەتخانىلارنىڭ تازىلىنىپ رەتلىنىپ كىتاپ ئارىيەت ئېلىم بېرىم داكومۇنتلىرى چىسلالار بويىچە توشقۇزۇلۇپ يوقۇرىنىڭ كۆزىنى بوياشلار،شەكىلۋازلىق قىلمىشلار تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىلىشى كېرەك. tK{2'e6x  
    ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا  ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. Q.Uyl:^PxU  
  Ⅱ    ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە قويۇلىدىغان تەلەپ: X>l  
1.ئوقۇتقۇچىدائۆز كەسپنى سۆيۈش،قەدىرلەش روھى كۈچلۈك  بولۇش. p>7 !"RF:U  
ھەممە كەسىپىنىڭ ئۆزىگە يارشا ئەۋزەلىكى ،يېتەرسىزلىكى بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن  ئۆزى ۋايىساپ يۈرسە باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتشىدىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئېرشەلمەيدۇ ،ئەكسچە بۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى بولمىش ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەئۆز كەسپىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن كەسىپ بىلەن غۇرۇرنى بىرلەشتۇرۈپ جان كۆيەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىنسا ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشنىڭ بىرنجى قەدىمىنى ئالغان بولىدۇ . zk= 3L} C  
2.ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسىپى ئەخلاقىنىڭ رىئايىچىسى بولۇش بىلەن ھەر دائىم ئۆز كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرش. A$ v Cm  
كۆپ ساندىكى ئىنىسان مەكتەپ تەربىيسى كۆرمەي تۇرۇپ باشقا ساھاگە قەدەم باسمايدۇ.مەكتەپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككنچى ئائىلسى ھىسابلىندۇ.شۇڭا كۆپ سانلىق كىشلەر  جەمئيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئومۇمەن مەكتەپتىكى ئۈگەنگەنلىرى ،كۆرگەنلىرى ئاساسىدا ئىش باشلايدۇ.مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم ،مىتود ساپاسى ئوقۇغۇچىغا ئۈنسىز ئۈلگىدۇر.ئادەم ئۆزى ياقتۇرغان كىشىنى ئۈلگە قىلىپ دورايدۇ.شۇ ئاساستا يېڭىلىق يارىتىدۇ. ئوقۇغۇچى دەل شۇنداق شارائىتتا تۇرغان بولىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىنى ئەتراپىغا ئۈنسىز ئۇيۇشتۇرۇشتۇر. Kg^L 4Q  
3.يۈرۈش- تۈرۈشىكە ئەھمىيەت بېرىش. Ex^|[iV  
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىياپىتى ،سۆزى، ھەركىتى ،پىسخىكىسى ئوقۇغۇچىغا ئۈنسىز ئۈلگە.ئوقۇغۇچى قەلبىگە بۆسۈپ كىرەلىگەن ئوقۇتقۇچىلا ئوقۇغۇچى قەلبىدە ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.ئوقۇغۇچىنىڭ دوراش،تەقلىد قىلىش ئۆزىنى تەڭشەش يېتىلدۈرۈش ئوبېكتىغا ئايلىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ئىككى تۈر قوشۇلۇپ مۇكەممەللىككە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنى شەكىللەندۈرىدۇ.بۇ مۇكەممەللىك ئەددىيلىق ئىچىدىكى تەبىئىي گۈزەللىك بولىشى كېرەككى سۈنئىي گۈزەللىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاندا تۆتىچى شەرتنى ھازىرلاشقا يول ئالغان بولىدۇ. "mr;|$Y  
4.ئوقۇتقۇچى ماددىي بايلىقنى قوغلىشىدىغان ئەمەس ،مەنىۋىي بايلىقنى قوغلىشىدىغان بولۇش. sr ,8zKM)  
بۇخىل مەنىۋىي بايلىق قەلىپ توقلۇقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.شۇ ئاساستا ئۆزىنى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ھەقىقى چاكىرى ھېساپلايدىغان ،مائارىپنى سۆيىدىغان ،مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بىر ئۆمۈر بېغىشلىيالايدىغان  ئالدىدىكى ئۈچخىل ئامىلنى ئۆزىدە ھازىرلاشقا تېرىشىدىغان مەنىۋىي يۈكسېلىش بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ. r!+-"hS!  
دېمەك ،يۇقارقى پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇچراشقان ئوقۇغۇچى روھىدا ئاستا ئاستا شۇ ئوقۇتقۇچىغا يېقىنلىشىش،ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىش،ئۇنىڭ سۆزىگە تەشنا بولۇش،ھەتتا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنسە چۇقۇم ياخشى ئىستىقبال تاپالايدىغانلىقىغا ئۆزىدە ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ ۋە شۇ ئوقۇتقۇچىنى ئۆز قەلبىدە ئۆزىگە مەنىۋىي تۈۋرۈك ،مەنىۋىي يۆلەنچۈك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەرقانداق ھەركىتىنى ئۆزىدە نامايەن قىلىشنىڭ ئۆلگىسى قىلىدۇ. بۇلار ئوقۇتقۇچى روھىيىتىدە ۋە ئەمىلىيىتىدە نامايەن بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە يۈزلىنىشنىڭ ئۈنۈمى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ];bB7+  
Ⅲ ئوقۇغۇچىغا ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر wjYwQ=y5  
1 . ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگۈنۈشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇش تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش . C(7uvQ  
     دەرسخانا ئوقۇ _ئوقۇتۇش سورۇنىدۇر،بالىلارنى قورقۇتۇش،تەنقىتلەش سورۇنى ئەمەس،بەلكى ئوقۇتقۇچى بۇ سورۇندا ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق، مېھرىبانلىق يەتكۈزەلسە ،ئوقۇغۇچىلار شۇ ئىللىق كەيپىيات ئىچىدە خۇشال –خورام ئۆگىنەلىسە ،ئاندىن ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلىنالايدۇ.ئامال بار ئۇلارغا تەپەككۇر ۋە پىكىردەمۇستەقىللىق ،ئەركىنلىك بېرىش كېرەك..بولمىسا ئىجادكارلىقى يوق بىر ئوچۇم ئوخشاش بىر قىلىپتا بېسىپ چىقارغان بىر باش تېمىلىق كىتاپقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.مانا بۇ مائارىپتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىش ئامىلىدىن بىرسىدۇر.   CI$pPY 
. 2 ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى مۇستەقىل ئۆگىنىدىغان تەپەككۇر بوشلۇقى يارىتىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش.      دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئامال بار ئاز سۆزلەش،دەرىسنىڭ نېگىزىغا باشلاپ كېرەلەيدىغان سۇئاللارنى لاھىيەلەپ ئىزدىنىش يولىنى  بىلىندۈرمەي كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك .شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ .ئىقتىدارىغىمۇ ئىشىنىش، ئۇلارنىڭ قول-مىڭىسىنى ئىشلىتىشىگە شارائىت ھازىرلاپ ،ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئۆزىنى تونۇتقىلى ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىلى ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى ئېچىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ.م:كىتابنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش،ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سۆزلىتىش،ئاچقۇچلۇق سۆز-جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دەرىسنىڭ مەركىزىگە يۈرۈش قىلالايدىغان نوقتىلىق سۇئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلدۇرۇش،خۇلاسىنى ئۆزلىرىگە يازدۇرۇش....تەك ئۇسسۇللارنى قوللىنىپ بېقشنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ.                                     &z;F'>"  
    .3ئالدىن ئۆگىنىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش. 2)(P;[m^o  
      ئۆزلۈگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرىسنى ئالدىن كۆرۈپ ئۆگىنىپ كېلىشكە يېتەكلەش ،بۇ ئۆگىنىشكە ئوقۇتقۇچىلار جەزمەن  ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش تېزىسى ئىزدىنىش نوقتىلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك..دائىرە بەلگىلەپ دەرىستە ياخشىلارنى ،ئاكتىپلارنى كېيىنكى سائەتتە ئۆتۈلمەكچى بولغان نوقتىلارنى ئالدىن كۆرۇپ ،تەلەپ بويىچە ئىزدىنىپ، تەييارلاپ،مەشىقلىرىنى ئىشلەپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش.ئارىلىقتا كۆرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش.دەرىستە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆتۈلۈپ بولغان نوقتىلاردىن دائىرە بەلگىلەپ ئۆگىنىپ كېلىشكە يېتەكلەش، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ،رىغبەتلەندۈرۈش خارەكتېردە يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇش. بۇ ئۇسسۇلدا ئوقۇتقۇچى جەزمەن مەسئۇلىيەتچان ،تەلەپچان بولۇش،ئىزچىللىققا ئېگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.دولقۇنسىمانلىق بۇ خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى بەكلا تۆۋەنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.پەقەت بەركەتلىك جاپا تارتىپ، قۇرۇق خالتا قۇچاقلاپ قېلىشتىن باشقا ھوسۇلغا ئېرىشەلمەيمىز. J2VhheL`J  
.4ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش. Q.: SIBP  
    ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان تەپەككۇر قىلىش ،كۆزىتىش،پىكىر قىلىش،مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ،ئوموملاشتۇرۇش،خۇلاسىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشى،زۆرۈر كەلگەندە  ئۆگىتىشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ ئاستا-ئاستا بىلىم ئۇچۇرلار ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان شارائىتقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.لېكىن ئۆگۈنىشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇقىم بېكىتىلگەن بولمايدۇ،ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك.                                  ئەمما ،شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى ،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭمۇ بىر جەريانى بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى تەدرىجى ھالدا ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئۆگىنىش ،قانداق ئالدىن ئۆگىنىش،قانداق مەشق قىلىش ،قانداق دەرس ئاڭلاش،قانداق تەكرار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ ئۇلارنى ئۆگىنىشنى  بىلمەسلىكتىن ئۆگىنىشنى بىلىدىغان قىلىش،ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىشنى مۇستەقىل ئۆگىنەلەيدىغان قىلىش كېرەك. g|_-O" l  

ئۇيغۇرجان 2013-10-29 00:00
ئۆزلىكىدىن ئۇگىنىش روھىنى يىتىلدۇرۇش ھەرقەر قايسى پەنلەرگە مەس كىلىدۇ.چوقۇم بۇروھنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بەرسەك ئوقۇتقۇچى يوق شارائىتتىمۇ بىلىم ئالالايدىغان شارائىتقا ئىگە بولىدىكەن.بۇنىڭدا مىنڭ ھىس قىلىشىمچە ئۆرۇمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆرنەك بولالايدۇ.

tursun 2013-10-29 16:24
دىگىنىڭلار  ئورۇنلۇق...بۇنى تەدبىقلىسا...خىلى بىر قىسىم مەكتەپلەر بۇ ئۆلچەمدىن يىراق ئەمەس...ياخشىە تىما ئىكەن...ئاپتورغا تەشەككۈر...!     

ئەكبەرنىياز 2013-10-29 23:47
مۇلاھىزىلەر ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

تىلسىن 2013-10-30 23:54
ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىمنىڭ يەكۈنى بۇ.يەنە قانداق مەنبە لازىم سىلەرگە.


查看完整版本: [-- ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled