تىلسىن |
2013-10-24 23:38 |
«ئاتىلار سۆزى» ھەققىدە
. «ئاتىلار سۆزى» ھەققىدە O`pqS\H MzWVsV نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ شېئىرلار ئابدۇقەييۇم خوجا، ئىسراپىل يۈسۈپلەر تۈزگەن «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان. $}* bZ~ مۇھاكىمە ۋە مەشىق
a*oqhOTQ 1. بۇ شېئىردا قانداق نەسىھەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ DF>LN%a~ جاۋاب: كىشىلەرنى ۋىجدانلىق، ئادەمگەرچىلىك بىلەن ياشاشقا ئۈندەپ، ئىش قىلغاندا ئالدى- كەينىنى ئويلاپ پۇختا قىلىشنىڭ لازىملىقى، قىلىپ بولغان ئىشقا ئۆكۈنمەي، ئۇنىڭدىن تەجرىبە ساۋاققا ئىگە بولۇش، ۋىجدانسىز، نائىنساب ئەردىن ۋىجدان، ئەقىل، ۋاپانى ئۆزىگە يار قىلغان ئايالنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى، ئادەمنىڭ ئازراق كەمچىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۇنى پۈتۈنلەي يامانغا چىقىرىۋەتمەي، كەمچىلىكلىرىنى تۈگىتىپ، ئۇنى توغرا يولغا باشلىسا، ياخشى دوستتىن بىرسى كۆپىيىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، پەزىلەتلىك ۋە ساۋابلىق ئىش قىلغۇچى ماختىلىپ، پەزىلەتسىز كىشى ۋە ساۋابلىق ئىش قىلمايدىغانلار كۆكۈلگەن. ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش قوللىنىلىپ، پىكىر ئىخچام، مەنتىقلىقى كۈچلۈك ئىپادىلىنىپ، ساۋابلىق ئىش قىلغۇچى بۇرخان دەرىجىسىدە ئۇلۇغلانغان. كېيىنكى كۇپلېتلاردا باتۇرلۇق، قەھرىمانلىقنى ئۇلۇغلاشتەك ئىدىيەۋى ھېسسىيات گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئەرنىڭ خاسىيىتى قورقماسلىق ئىكەنلىكى، سۇنىڭ چوڭقۇر بولۇشى ئۇنىڭ ئىنسانغا يەتكۈزىدىغان مەنپەئەتىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يامانلاردىن ھەزەر ئەيلەش، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىش، سەگەكلىك، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ئۈگۈت- نەسىھەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سەمىمىي، بىر- بىرىگە ۋاپادار بولۇشىنى تەكىتلىگەن. iFypKpHg~ قىسقىسى، بۇ شېئىردا ئەينى دەۋردىكى قوچو ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، دۇنيا قارىشى، بەدىئىي دىتى، شۇنداقلا تەجرىبىلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، خەلقنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى، دانىشمەنلىكى ۋە ئۆتكۈر مۇلاھىزىلىرى ئىزھار قىلىنىپ، كىشىلەرنى ۋىجدان، نومۇس، ئادەمگەرچىلىك بىلەن ياشاشقا، بىلىم، ئەقىل، چىدام- غەيرەت ۋە ياخشى خۇلق ئىگىسى بولۇشقا ئۈندىگەن. 6hW ~Q 2. تۆۋەندىكى مىسرالاردا قانداق پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ. - s} 1) سۆز كىرىنى يۇيۇپ چىقىرىشنىڭ ھېچقانداق ئامالى يوق. +kMVl_`V سىز يۇقىرىقى قاراشقا قوشۇلامسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ 3\ !DsPgW جاۋاب: بۇ پىكىر كىشىلەرنى سۆز گۈزەللىكىگە ئۈندەشنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئېغىزدىن چىققان ھەر قانداق سۆزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغاندەك، ئادەم كۆڭۈلگە قاتتىق تېگىپ، دىلىنى چىگكەن سۆزلەرنى، ئىشلارنى ئالدىراپ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ. بەزىدە بىراۋلارنى بىلىپ- بىلمەي، غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز رەنجىتىپ، قەلبىدە تىل يارىسى، كۆڭۈل زىدىسى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئازابقا دۇچار قىلساق، بۇنداق كۆڭۈل كىرىنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ بەئەينى داۋاسى يوق ساقايماس كېسەلنىڭ ئۆزى. بۇ خۇددى «تىغ يارىسى ساقىيار، دل يارىسى ساقايماس» دېگەن ماقالنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەك، كۆڭۈل دېگەن تولىمۇ نازۇك نەرسە، گەپ- سۆزدىكى ئېھتىياتسىزلىق، قوپاللىق، ئورۇنسىزلىق ناھايىتى ئاسانلا سۆز كىرىنى ــ كۆڭۈل يارىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق سۆز كىرىنى يۇيۇپ تازىلاش بەك قىيىن، بۇ نۇقتىن قارىغاندا يۇقىرىقى قاراش توغرا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گەپ- سۆزدە باشقىلارغا ئورۇنسىز ئازار بېرىشتىن، ئۇلارنى ھاقارەتلەش، كەمسىتىشتىن ساقلىنىپ، سۆزدە مۇلايىم، سىلىق- سىپايە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. 7;wx,7CUq 2) ئەمەل تۇتمىغان كىشى ئەمەل تۇتسا ھەر دوقمۇشقا قامچا قويار. EGY'a*]cU ئالدى بىلەن بۇ مىسرانىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىپ، شۇ پىكىرگە ماس كېلىدغىان ماقال- تەمسىلدىن بىرنى يېزىڭ. 3p %B جاۋاب: يۇقىرىقى پارچىدا ئەمەل تۇتمىغان، ئەمەل تۇتۇشنى بىلمەيدىغان كىشى ئەمەل تۇتقاندىن كېيىن خۇدىنى يوقىتىپ، ھاكاۋۇرلىشىپ تەدرىجىي ئۆزىنى بىلەلمەي، زالىم، مۇستەبىت ئەمەلدارغا ئايلىنىپ، ئاخىرقى ھېسابتا كۆرگەنلا كىشىگە كۆرگەنلا يەردە ھەيۋە كۆرسىتىپ، يوقىلاڭ باھانە- سەۋەبلەر بىلەن خەلق ئاممىسىغا زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ئاھۇ زارى، ئۆلەر- تېرىلىشى بىلەن كارى بولماي مۇشتۇمزورلۇق- زوراۋانلىقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. /F(wb_! بۇ پىكىرگە ماس كېلىدىغان ماقال- تەمسىل: ;j#(%U]Vp قۇل ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماس، e13{G@ دېدەك مۇنچاق ئاسسسا كىرمىگەن ئۆيى قالماس. )t$<FP بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن كارى يوق. wfecM( 3. گۇمانىتار روھ (ئادىمىيلىك) تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر، پەزىلەتسىز كىشى پېتەك» دېگەن سۆزنىڭ قانداق تەربىيەۋى رولى بار؟ قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. HB>&}z0 جاۋاب: ئىنساننىڭ ئادىمىيلىكى يىگىلەپ، ھايۋانىيلىقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ بېرىۋاتقان، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، ئەنئەنىۋى ئەخلاق- پەزىلەت ئۆز ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا قاتتىق خىرسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، گۇمانىتار روھ يەنى ئادىمىيلىك يېڭىباشتىن كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت جىددىي ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر بولغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئادىمىيلىك مەنىۋى كامالەتنى، ئىنسانىي پەزىلەتنى يادرو قىلىدۇ. «پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر، پەزىلەتسىز كىشى پېتەك» دېگەن ھېكمەتتە پەزىلەتلىك ئىنساننىڭ خۇددى گكھەردەك بىباھا ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئىنسان قەدىر- قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ پەزىلىتىگە باغلىق ئىكەنلىكى يەنىمۇ تەكىتلىنىپ، ئىنسان قەدىر- قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ پەزىلىتىگە باغلىق ئىكەنلىكى، گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ پەزىلىتىگە باغلىق ئىكەنلىكى يەنىمۇ تەكىتلەنگەن. چۈنكى كىشى بىلىمسىز بولسىمۇ بولىدۇكى، بىراق پەزىلەتسىز بولسا بولمايدۇ. ھەر قانداق مىللەتنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەتتىن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق- پەزىلەتتىن ياتلىشىشى، ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا شۇ مىللەتنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرگەنلىكتۇر. شۇڭا يۇقىرىقى سۆز ئادىمىيلىك تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەش، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى ئەدەپ- ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەشتە مۇھىم تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار. s!vvAD;\ f>*D@TrU
|
|