查看完整版本: [-- «مېنىڭ بىر كۈنۈم» ھەققىدە تەھلىل --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> «مېنىڭ بىر كۈنۈم» ھەققىدە تەھلىل [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلسىن 2013-10-24 23:32

«مېنىڭ بىر كۈنۈم» ھەققىدە تەھلىل

. «مېنىڭ بىر كۈنۈم» ھەققىدە H4Ek,m|c  
c'R|Wyf  
بۇ ئېپىك نەسر رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا، بىرىنچى شەخس تىلىدا، تەرتىپلىك باياندا يېزىلغان. ^O m]B;  
ئاپتور ھەققىدە: ئەخمەت ئىمىن 1950- يىلى ئۈرۈمچىدە مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1957- يىلىدىن 1967- يلىغىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، يېزىغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئالغان ھەم ۋاقىتلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1979- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1981- يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. mH .I!  
ئەخمەت ئىمىن يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر نەسرچىلىكى ئۈچۈن يول ئاچقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1980- يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان «مۇقەددىمە»، «چوغ»، «سەئىدە»، «ناخشا»، «دەريا بويىدا»، «ساما تۇيغۇلىرى»، «ئانامغا خەت»، «يامغۇردىكى سەيلە»، «باش باھار»، «خاتىمە» قاتارلىق نەسرلەردىن تەشكىل تاپقان «قەلب سادالىرى»، «باھار تىنىقى»، «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» قاتارلىق نەسرلەر توپلاملىرى نەشر قىلىندى. 69yyVu_  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق Cx~z^YP'  
1. بۇ نەسردە «مەن»نىڭ «يولدا»، «مەكتەپتە»، «ئۆيدە» ئۆتكەن بىر كۈنلۈك ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. بۇ نەسردە ئاپتورنىڭ بىر كۈندىكى ھېسسىياتى قانداق ئىپادىلەنگەن؟ xE_[ = 7=  
جاۋاب: ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بۇ ئېپىك نەسرنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە ئاپتورنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھېس- تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: Cj9Tj'0@I+  
«يولدا» ناملىق بۆلەكتە، «مەن»نىڭ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە ھېرىسمەنلىكى، تەبىئەت دۇنياسىغا، تەبىئەت دۇنياسى ئارقىلىق كەلگۈسىگە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشى ئىپادىلەنگەن. HfPeR8I%i  
«مەكتەپتە» ناملىق بۆلەكتە، «مەن» نىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئاكا- ئىنى، ئاچا- سىڭىللاردەك ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم- پەنئىگىلەشكە پەيدا بولۇش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. %BKTN @;7  
«ئۆيدە» ناملىق بۆلەكتە، ئاتا- ئانىسىنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىش، بىلىم ئىگىلەش يولىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەسلىك، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش، ۋاقىتنى قەدىرلەش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. CuNHDYQ&3  
2. پارچىدا تۆۋەندىكىلەردەك جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. بۇ جۈملىلەرنىڭ قانداق سىمۋوللۇق مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. bT}WJ2}  
1) «ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىپ، دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار بىلەن سىردىشىپ، قاراڭغۇ جاڭگالدىن يېڭى بىر يول ئېچىۋاتىمەن.» jtwO\6 t&  
جاۋاب: بۇ پارچە نەسرنىڭ «مەكتەپتە» دېگەن ئىككىنچى بۆلىكىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندە بولۇپ، «مەن» تەبىئەت دەرسى ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەن بىلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى قانات يېيىپ، كەلگۈسىدە ھايۋاناتشۇناس ياكى ئۆسۈملۈكشۇناس بولۇشنى ئويلايدۇ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن جاپالىق ۋە كۆڭۈللۈك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ، بۇ ھاسالەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەتقىقاتچى بولۇپ، تەتقىقاتتا يېڭى يول ئاچماقچى بولىدۇ. D=Y HJ>-wB  
2) «تۈۋى يۇمشىتىلىپ ئوبدان ئوغۇتلانغان، تازا ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ سۇغىرىلغان يەرلەرگە تېرىلغان گۈل ئۇرۇقى تېزلا ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن بوران- چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ...» )Be;Zw.|  
جاۋاب: بۇ پارچە نەسرنىڭ «ئۆيدە» ناملىق بۆلىكىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «مەن» تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىپ، قىيىنچىلىقنى تاغدەك ھېس قىلغان چاغدا دادىسىنىڭ قىلغان نەسىھىتىدىن ئۈزۈۋېلىنغان. مەنىسى «ئادەم كىچىكىدىنلا بېلى بوش، ئىرادىسىز، چىدىماس بولسا، كىچىككىنە قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ بەل قويۇۋەتسە، جاپادىن قېچىپ راھەتكە بېرىلسە، چوڭ بولغانسېرى كىشىلىك ھاياتنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادىلىك، قەيسەر، چىداملىق، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، دادىل بولۇشى لازىم» دېگەندىن ئىبارەت. 4r*6fJ*bJ  
3) «بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يامىشىۋاتقىنىڭدا ئالدىڭغا قورقۇنچلۇق تاشلار سىيرىلىپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. سەللا بوش كەلسەڭ، تاش بىلەن قوشۇلۇپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىسەن. » I}X8-WFB  
جاۋاب: بۇ پارچە نەسرنىڭ «ئۆيدە» ناملىق بۆلىكىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «مەن»گە دادىسىنىڭ قىلغان نەسىھىتى. ئۇنىڭ مەنىسى «ئىلىم- مەرىپەت ئىگىلەش، ئىلىم- پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جاپالىق ئىش. بۇ جەرياندا ئادەم كۈتۈلمىگەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا، ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن قېتىملىق تاسادىپىي مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ، بىراق مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەسلىك كېرەك. مەغلۇبىيەت ئالدىدا بەل قويۇۋەتكەن، ئۆزىنى يوقاتقان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن كىشى مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. w#XJ!f6*_9  
3. بۇ نەسردىكى ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى (ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر)نى تېپىپ، ئاپتورنىڭ لىرىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە بۇ ىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭ. 0/Csc\Xl  
جاۋاب: بۇ نەسردە باشتىن- ئاخىر ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش، سۈپەتلەش، رىتورىك خىتاب قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلغان. !v-(O"a  
ئوخشىتىش ـــ «يەر يۈزىنى دەپتىرىمنىڭ ۋاراقلىرىدەك ئاپئاق قار قاپلىغان»، «دەل- دەرەخلەر ئانامنىڭ بېشىدىكى ئاق ياغلىقنىڭ تىۋىتىدەك قىروۋ باغلىغانىدى»، «كۆلنىڭ يۈزىگە بىزنىڭ ئۆيدىكى تاشئەينەكتەك قېلىن مۇز تۇتقانىدى»، «ھەممىمىز قوشماق مېغىزدەك ئىناق ئۆتىمىز»، «بىز ئانىسىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرگەن قۇش بالىلىرىدەك ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتۇق»، «قار ئۇچقۇنلىرى ئاشۇ ئاق كېپىنەكلەردەك ئۈستبېشىمغا قونۇشقا باشلىدى»... e/6oC~#]  
سېلىشتۇرۇش ـــ «ئانام بىزگە يەيدىغان ئوزۇق بېرىدۇ، مۇئەللىممۇ بىزگە ئوزۇق بېرىدۇ. بۇ ئوزۇق ـــ بىلىم»، «قۇشلار ئوزۇقلىرىنى چىشلەپ ئۇۋىلىرىغا قايتىدۇ. مەنمۇ ئىلىم- ساۋاق ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم»، «ئەتىيازنىڭ ئاپتىپى قار- مۇزلارنى ئېرىتىدۇ. باھارنىڭ شامىلى پاتقاق- ھۆلچىلىكنى قۇرۇتىدۇ. دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆڭلۈمگە ئۇشتۇمتۇت چۈشكەن بوشاڭلىق قىروۋلىرىنى ئېرىتىۋەتتى». "7g: u-  
جانلاندۇرۇش ـــ «تولۇن ئاي دېرىزەمدىن ماراپ تۇراتتى. ئۇ گويا مەندىن: بۈگۈن بىر كۈن ئۆتتى، قېنى، بۇ كۈندە نېمە ئىش قىلدىڭ؟ دەپ سوراۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى». ll#PCgIm  
سۈپەتلەش ـــ «پاكىز كىيىنگەن، ئېگىز بويلۇق تەبىئەت دەرسى ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپقا كىردى». &Wba2fD  
رىتورىك خىتاب ـــ «كېتىڭلار مەندىن خىياللار، مەكتىپىمگە ئالدىرايمەن»، «كېتىڭلار مەندىن خىياللار، مەن دەرس ئاڭلاۋاتىمەن»... SG~R!kN}Q  
يۇقىرىقى ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاپتورنىڭ لىرىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى رولى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش، رىتورىك خىتاب قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى لىرىك ھېسسىياتنى مەيلى چوڭلار بولسۇن، مەيلى بالىلار بولسۇن، ئۇلارغا ئەڭ تونۇش بولغان ئاددىي ئوبيېكتلارنى تاللاپ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاپتور ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىشىغا، ئۇنى چۈشىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتور ئۆز ھېسسىياتىنى كونكرېت، ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھېسسىيات جەھەتتىن بىۋاسىتە تەسىرلەندۈرۈش رولىغا ئىگە قىلغان. *M="k 1P1  
Na=q(OKN  

ياسىنجان510 2013-12-21 18:12
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

مىېھرىما 2014-01-23 16:40
رەھمەت ھارمىغھيسىز


查看完整版本: [-- «مېنىڭ بىر كۈنۈم» ھەققىدە تەھلىل --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled