تىلسىن |
2013-10-24 23:30 |
«دېڭىز سەپىرى» ھەققىدەتەھلىل
. «دېڭىز سەپىرى» ھەققىدە :cTi$n 4<|u~n*JF ئاپتور ھەققىدە: تۈر گېنېف (1818- 1883) رۇسىيە يازغۇچىسى، دىراماتورگ ۋە شائىرى. «ئوۋچى خاتىرىلىرى»، «رودىن»، «ئاتىلار ۋە بالىلار»، «ئاقسۆڭەك ئائىلىسى»، «ھارپا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. تۈرگېنېفنىڭ يەنە بىر قىسىم درامىلىرى ۋە 82 پارچە نەشرىي شېئىرى بار. تۈرگېنېف فىرانسىيەدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە شۇ يەردە ئەۋج ئالغان سىمۋولىزم ئېقىمى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن، شۇڭا ئۇ «مۇھەببەت يولى»دىكى نۇرغۇن نەسرىي شېئىرلاردا سىمۋولىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. zYgLGwi{ مۇھاكىمە ۋە مەشىق P6Ei!t,> 1. تېكىستتىكى «مەن» بىرىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە، ئۇنىڭغا قانداق ھېسسىياتتا بولدى؟ )1/O_N6C جاۋاب: تېكىستنىڭ بېشىدىلا مايمۇن بىلەن «مەن»نىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بايانلار بېرىلگەن. ئۇزۇن زەنجىر بىلەن پاراخوتنىڭ پالۇبىسىدىكى بىر ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇلغان، تىنىم تاپماي ئۇيان- بۇيان قاتراپ خۇددى قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك ئېچىنىشلىق چىرقىراۋاتقان مايمۇن «مەن» ئۇنىڭ يېنىدىن ھەر بىر ئۆتكەندە ھەم قارا، ھەم سوغۇق كىچىك قوللىرىنى ئۇنىڭغا سوزىدۇ، غەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان كىچىك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىدۇ، «مەن» مايمۇننىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە جاۋابەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مايمۇن چىرقىراشتىن ۋە قاتراشتىن توختايدۇ، بىرىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە «مەن» مايمۇنغا ئىچ ئاغرىتىش، ئۇنىڭ قەدىر- قىممىتىگە ھېسداشلىق قىلىش، ئۇنىڭ بىچارىلەرچە ھالىتىگە ئېچىنىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. گەرچە «مەن» مايمۇنغا ئىچ ئاغرىتقان، ھېسداشلىق قىلغان، ئېچىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئانچە نەزەرگە ئالمايدۇ. wr`eBPu 2. ئىككىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگگندە، «مەن» باشقىچە ھېسسىياتتا بولىدۇ. بۇ يەردىكى «باشقىچە ھېسسىيات»نىڭ قانداقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ باقالامسىز؟ O);V{1P جاۋاب: «مەن»نىڭ بۇ قېتىمقى ھېسسىياتى بىرىنچى قېتىم مايمۇن ئۆزىگە قول بەرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مايمۇننىڭ قېشىغا ئۆزى كېلىپ ئولتۇرىدۇ. مايمۇن بىلەن ئۆزىنى بىر قورساق قېرىنداشلاردەم ھېس قىلىدۇ. مايمۇننىڭ خۇددى يېقىن تۇغقىنىغا ئوخشاش ئۆزىگگ يېپىشقانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ. ئىككىنچى قېتىم مايمۇن قول بەرگەندە «مەن»دە پەيدا بولغان ھېسسىيات مايمۇن بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتتىن تۇغۇلغان مەمنۇنلۇق ھېسسىياتى، «ھەر ئىككىمىزلا بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ئىدۇق.» دېيىش ئارقىلىق ھامبورگدىن لوندونغا بارغۇچە سەپەرداش بولغان بىرى تىللىق، بىرى تىلسىز جانلىقنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق مايمۇننىڭ سەۋەبىدىن «مەن»دىكى غېرىبسىنىش، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇشتىن ھاسىل بولغان خۇشاللىق ھېسسىياتى ئىپادىلىگەن. 8Ex0[e 3. تېكىستتىكى «مەن» بىلەن مايمۇننىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار قايسىلار؟ xQQ6D جاۋاب: «مەن» بىلەن مايمۇننىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: W8)GT`\ 1) «مەن»نى چىرمىۋالغان غېرىپ، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇسى. «مەن» بۇ خىل غېرىبلىق تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كېمە باشلىقىنىڭ يېنىغا پاراڭلىشىشقا بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى يوققا چىقىدۇ. شۇڭا «مەن» ئاخىرى مايمۇننىڭ قېشىغا بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ZYG"nmNd 2) مايمۇننىڭ تەشەببۇسكارلىقى. ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتماي، يالغۇز قالغان مايمۇن «مەن» ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە «مەن»گە قولىنى سوزىدۇ. «مەن» ئۇنىڭ قولىنى تۇتسا، چىرقىراشتىن، قاتراشتىن توختايدۇ. مايمۇننىڭ بۇ خىلدىكى ئىلتىجالىق ئىش- ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەمخۇمارلىقى «مەن»نى مايمۇنغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. 3iB8QO;pp 3) كېمە باشلىقىنىڭ بىپەرۋالىقى. «مەن» ئۇزۇن سەپەردىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن كېمە باشلىقى بىلەن پاراڭلىشىش مەقسىتىدە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىپەرۋا مۇئامىلىسى ۋە «مەن»نىڭ سوئالىغا ۋايساش بىلەن جاۋاب بېرىشى «مەن»نى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «مەن» ئۈمىدنى مايمۇنغا باغلايدۇ. ئادەمنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى بىلەن مايمۇننىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى «مەن»نىڭ ئېڭىدا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ مايمۇنغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ,Fb#%r% 4. سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلاندىڭىز؟ F)C8LH جاۋاب: ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن «ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم» دەيدىغان ھېكمەت قالغان. دۇنيادا ئادەملەر ياشىغان ئىكەن، ئۆز ئارا بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە، بىر- بىرىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا، بىر- بىرىگە ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل مۇئامىلىدىن يىراقلاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مەنىسىزدۇر. چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇئامىلە، پەرۋاسىزلىق كىشىلەرنى بىر- بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، تەنھالىق تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خىل ھالەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنداق ھالەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز ئارا مېھرىبانلىقنى (ساۋاقداشلىق مېھرى، ئۇرۇق- تۇققاندارچىلىق مېھرى، دوست- بۇرادەرچىلىك مېھرى، يۇرتداشلىق مېھرى، ۋەتەنداشلىق مېھرىنى) ئۆگىتىش، قەلبىدە مېھرىبانلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىش كېرەك. 4R6X"T9- ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئالغاندا، تەبىئەت – ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتى تەبىئەت ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئادەملەر بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەت ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى. شۇڭا ئادەملەر بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلار قېرىنداشتۇر. ئادەملەر تەبىئەت دۇنياسىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، تەبىئەت بىلەن قارشىلاشماسلىقى، ئەكسىچە تەبىئەتكە دوستانە مۇناسىۋەتتە مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈردۇر. TWy1)30x
M`bK
|
|