查看完整版本: [-- «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى» ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى» ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلسىن 2013-10-24 23:27

«كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى» ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل

. «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى» ھەققىدە g6o-/A!Q3  
'31pb9@fH  
ئاپتور ھەققىدە: نۇرمۇھەممەت توختى 1949- يىلى 12- ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1984- يىلى ئېلان قىلىنغان «بويتاق ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا «شەھلا كۆز»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا»، «چۆل ئوغلى» قاتارلىق پوۋېستلارنى، «بەش تۈپ سەگۈ تېرەك»، «ئاجايىپ كەسپىي ئائىلە»، «ئىككى بوتۇلكا ماۋتەي»، «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «شاھ مەشرەپ خوتەندە» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان. نەسر ئىجادىيىتىمۇ مۇستەقىل قارشى، ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھدىلىكى بىلەن نۇرغۇن نەسرلەرنى روياپقا چىقىرىپ ئوقۇرمەنلەرگە ئېستېتىك تۇيغۇ ئاتا قىلغان بولۇپ، «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر» ناملىق نەسرلەر توپلىمى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا»، «چۆل ئوغلى»، «شەھلا كۆز» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلار توپلاملىرى ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. 5|f[evQj 
مۇھاكىمە ۋە مەشىق fq ZqPcT0  
1. نەسردىكى «ئالدىنقى پەللىدىن كەلگۈچى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قوللىرىمغا تۇتقۇزغاندا، مەن ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقاللىرىنى غۇۋا كۆرۈپ قالدىم.» دېگەن جۈملىدە ئاپتور نېمە ئۈچۈن كۆرۈشنى «ئېنىق كۆردۈم» ياكى «كۆردۈم» دېمەستىن، «غۇۋا كۆردۈم» دەپ يازىدۇ؟ Iz,a Hrq  
جاۋاب: نەسرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدىكى يىپ ئۇچلىرى ۋە بايانلارغا ئاساسەن، يەنى «... قولۇمدا چىرايلىق كەشتىلەنگەن چىمەن دوپپا تۇراتتى، ئالدىنقى پەللىدىن يۈگۈرۈپ كەلگۈچى ماڭا چىمەن دوپپا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.» دېگەن بايانلىرىغا ئاساسەن، بوۋاي بىلەن «مەن» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. «مەن» گەرچە ئالدىنقى پەللىدىن كەلگۈچى بوۋاينىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، بىراق «مەن » ئۆز ئەجدادىدىن ياتلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئەجدادى كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭۈل كۆزى بوۋاينى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، يۈرىكى بوۋاينى تونۇيالمايدۇ. مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلىشىش نەتىجىسىدە «مەن» بوۋاينىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. پەقەت يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقاللىرىنىلا غۇۋا كۆرىدۇ. دېمەك، ئاپتور نەسردە ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈشنى «غۇۋا كۆردۈم» دەپ يازغان. |B<+Y<)f^  
2. «مەن» نىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە يۈگۈرۈۋاتقان مۇسابىقىداشلىرىنىڭ قوللىرىدىكى ھەر بىر يۈگۈرۈش كالتىكى نېمىلەرگە سىمۋول قىلىنغان؟ ]S9~2;2^,  
جاۋاب: «مەن» نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىرىنچى مۇسابىقىدىشىنىڭ قولىدىكى «ئالتۇن كالتەك» بايلىققا، مال- دۇنياغا سىمۋول قىلىنغان. «مەن»نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىدىشىنىڭ قولىدىكى «مېخانىزاتور مودىلى» يېڭى، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق كەشپىياتقا سىمۋول قىلىنغان. «مەن»نىڭ سول تەرىپىدىكى بىرىنچى مۇسابىقىدىشى كۈچ ئۇۋلاش كالتىكى قىلىۋالغان «كىتاب» ئىلىم- پەن بىلىملىرىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. «مەن»نىڭ سول تەرىپىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىدىشى كۆتۈرۈۋالغان «ساز» سەنئەتكە سىمۋول قىلىنغان. eyBLgJt8P  
3. بوۋاي «مەن»گە، «مەن» ئوغلىغا يەتكۈزگەن چىمەن دوپپا نېمىگە قارىتىلغان؟ c7X5sMM,  
جاۋاب: نەسردىكى بوۋاي «مەن»گە، «مەن» ئوغلىغا يەتكۈزگەن چىمەن دوپپا ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلار ۋارىسلىق قىلىشى ھەمدە قەدىرلىشى زۆرۈر بولغان مىللىي ئەنئەنىۋى سىمۋولى، مىللىي كىملىكنىڭ شاھىتى دېيىشكە بولىدۇ. «چىمەن دوپپا» مىللىي ئەنئەنىدىن ياتلىشىش، ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن «مەن»گە ئۆز ئەسلىنى، ئۆز ئەجدادىنى تونۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى «كۆۋرۈكلۈك» رولىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۇيغىتىدۇ. >M[wh>  
4. نەسردىكى «مەن بىر مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم» دېگەن جۈملىدىكى «مەن» ھېس قىلغان «بۇرچ تۇيغۇسى» نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ. "f/lm 2<  
جاۋاب: يۇقىرىقى جۈملىدىكى «مەن» ھېس قىلغان «بۇرچ تۇيغۇسى» ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان رىشتە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى مەڭگۈلۈك دەستەك قىلىۋالماي، ئىلگىرىكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۆزىنى ئىلىم- پەن بىلىملىرى ۋە يېڭى پەن- تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مول مەزمۇنلۇق مىراسلارنى قالدۇرۇش يولىدا تىرىشىپ مېھنەت سىڭدۈرۈش لازىملىقى ... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. &l2oyQEF)  
5. ئادەتتە كۈچ ئۇلاپ يۈرگۈزۈش مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەللىگە تەڭلا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن بۇ نەسردە ھەممەيلەن تەڭلا يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ \L}aTCvG  
جاۋاب: بۇ نەسردە يېزىلغان كۈچ ئۇۋلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھايات مۇساپىسىدىكى كەسكىن رىقابەتنىڭ سىمۋولى. كىشىلىك ھاياتتىكى رىقابەتتە ئەزەلدىن چىمپىيون بولمايدۇ. لېكىن غالىبلار بىلەن مەغلۇلىيەتچىلەر بولىدۇ. ئاپتور نەسردە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم- پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىقتىساسلىقلار تاللىنىپ، ئىختىساس ئىگىسى بولمىغانلار شاللىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە، ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچ تۇيغۇسىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇلۇغۋار غايىنى نىشانلاپ، تىنىمسىز ئەجىر- مېھنەت سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنى، خەلقنى، ۋەتىنىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قان- تەر ئاققۇزغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز نىشانى- پەللىسىگە يېتىپ بارالايدۇ دېگەن ھايات ھەقىقىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان. ?ORG<11a  

تىلسىن 2013-10-30 23:59
ئۆزىمىز تەييارلىغان.پايدىلانمىلار 9gR@Q%b)  
«ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى»شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى2008يىل6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى نەشىرى

چېچەك 2013-11-02 00:38
ناھايتى ياخشى تەھلىل بوپتۇ،رەھمەت

gulnar 2013-11-22 14:52
بەك ياخشى تەيارلىنىپتۇ .ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

ھەزرەت 2013-11-26 16:10
خەق  پايدىلىنىش  ماتىريالىغا نىمە يازشا  شۇ  بولامدۇ  ؟ vt)u`/u  
بۇ  نەسىردە  نەدىمۇ  ئەۋلاد ئەجدەد ئوتتۇرسىدىكى  ياتلىشىش بولسۇن ... eT 8(O36%  
نەسىردىكى مىللى  ئەنئەنىنىڭ سىموۋلى بولغان چىمەن دوپپا بوۋايدىن  مەنگە ،مەندىن ئوغلىغا ساق سالامەت يۈتكۈزۈپ بېرىلدى ... مىللى ئەنئەنىگە ۋارسىلىق قىلىندى ...  g=W1y  
T^FeahA7;  
بۇ ئەسەردىكى كۆرۈنۈش  چۈش ھالىتىدە تەسۋىرلەنگەن ...چۈش ھالىتىدە بولغاچقا غۇۋا كوردۈم دەپ يازغان بولۇشى مۇمكىن ... بۇنىڭغا زورلاپ ئىدىيە قېتىۋىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى . D|m]  ]B  
ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسىر 85- 88-يىللار ئارلىقىدا يېزىلغان ... ئۇ دەۋردە مىللىتىمىزدە ياتلىشىش ئۇقۇمى ئاساسەن يوقتۇر ،،،، v&}+ps_W  
:)7{$ OR&  


查看完整版本: [-- «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى» ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled