查看完整版本: [-- ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىدا تۇلدۇرغۇچىنى ئايرىش ئۇسۇلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىدا تۇلدۇرغۇچىنى ئايرىش ئۇسۇلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇمۇت2 2013-10-23 16:41

ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىدا تۇلدۇرغۇچىنى ئايرىش ئۇسۇلى

تولدۇرغۇچى _  جۈملىدە پىئىل ۋە پىئىل بىرىكلىرىمىگە بېقىنىپ، پىئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى شەيئىنى بىلدۇرىدىغان ئەگەشمە بۆلەك تولدۇرغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ.
دىمەك، تۇلدۇرغۇچى جۇملىدە ئىپادىلەنگەن ھەركەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھالەت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لىكىن مۇنداق رۇشەن پەرقى بار.
يەنى ، تۇلدۇرغۇچى پىئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى شەيئىنى بىلدۇرىدۇ.
    ھالەت   پىئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تۈرلۈك بەلگە- ھالەتلىرىنى ( ھەركەتنىڭ ئورۇن ئالاھىدىلىكىنى، ۋاقتىنى، ئۇسۇلىنى، دەرىجىسىنى، چېكىنى، سەۋەپ- مەخسىدىنى، ۋە يۆنىلىشىنى ) بىلدۈرىدۇ.
بۇ ئىككى بۆلەكنى «ياغچى» «كەمچەن» ياسىۋالغاندەك ئاددى ئۆلچەم بىكىتىۋالساق. 
تۇلدۇرغۇچى جۈملىدە ئاساسەن چۇشۇم كىلىش قوشۇمچىسى «نى» بىلەن كىلىدۇ.( «نى» چۇشۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن بىراق سۇئال قويۇش ئارقىلىق بايقىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئۆتۈملۇك تۇلدۇرغۇچىدۇر.
يەنە بىرقىسىم يۆنىلىش كېلىش، چىقىش كېلىش،  ئورۇن- پەيت كېلىشتە  كەلگەن لىكىن ئورۇن- جاينىڭ نامىنى بىلدۇرمەيدىغان سۆزلەرمۇ
بەشكە 
ئۆتۇمسىز   
تولدۇرغۇچى بولىدۇ. بۇ ئۆتۈمسىز تۇلدۇرغۇچىدۇ

ئەكبەرنىياز 2013-10-28 22:11
ئويلىغانلىرىڭىز ئىنتايىن توغرا ، بىز ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزدىمۇ شۇنداق ئۆگەنگەن ئىدۇق . ھازىر مەسىلىلەر ئاددىيلىشىپ سىز دېگەندەك قاتتىق ئۆلچەملەرنى بېكىتىپلا ئايرىيدىغان بوپكەتتۇق ، بىر كىم سورىسا بۇ ئىمتىھاننىڭ تەلىپى دەپلا گەپنى تۈگەتتۇق . ئەمما مۇشۇ بىر قائىدىنىڭ ئاددىيلىشىشى كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا تىلدا بىر مۇجىمەللىكنى قالدۇرغىنىمىز ئىكەنلىكىنى ئويلىشىدىغانلار قانچىلىكتۇ !؟

شاھتۇرك 2013-12-26 18:34
بۇمۇ ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن، يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا تولدۇرغۇچىنى بىكىتىش، ئېنىقلاش مەسىلىسى ئالاھىدە بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ،

ھسداەىقكل 2014-02-15 15:20
    
بۇمۇ ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن، يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا تولدۇرغۇچىنى بىكىتىش، ئېنىقلاش مەسىلىسى ئالاھىدە بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ،

گۈلنىھال 2014-02-15 16:01
‏كۆپىنچە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى «   غا ، قا ، گە، كە »
‏چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى « دىن ، تىن »
‏ۋە ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى «  دا ، دە، ، تا ، تە »
‏ قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كېلىپ ، تۇرۇق ھالەتنى ، سەۋەب مەخسەتنى ، ئورۇن ، ۋاقىتنى بىلدۈرمىسە تولدۇرغۇچى بوپ كېلىدۇ ...  دىگەن قائىدىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن يولداشلار .

قەلبىنۇر4 2014-03-05 09:15
يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا تولدۇرغۇچىنى بىكىتىش، ئېنىقلاش مەسىلىسى ئالاھىدە بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، سىز بۇ ماسىلە ۇستىدە يلىنىپسىز.ئەجىرڭىزگە راخمات.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىدا تۇلدۇرغۇچىنى ئايرىش ئۇسۇلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled