查看完整版本: [-- سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(1)...بۇژغۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(1)...بۇژغۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2013-10-23 13:04

سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(1)...بۇژغۇن

 C0rf  
ئىككىنچى باپ M>Q]{/V7T  
98m|&7  
سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(1) yNTd_XPL  
0mw1CUx9K  
(مىكرو مۇلاھىزىلەر) 0.aXg"  
xNz(LZ.c  
رەتلەپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن 4aayMS !#  
8^mE<  
1)ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشىنى،ئۇلارنىڭ مەكتەپكە قانداق كەيپىياتتا كېلىدىغانلىقىنى ئىگىلەشكە تىرىشىشى لازىم،بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ سەزگۈر قەلبىدىكى ئازاپقا يەنە يېڭى ئازاپ قوشماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ. 'H1 ~Zhv  
2) ئازاپلىق كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن،قەلبى جاراھەتلەنگەن بالىلارغا ئالاھىدە ۋە كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. .qBc;u  
3)بالىلارنىڭ چىۋەرلىك بىلەن خىيال قىلىش ئۇسۇلىنى بىز چوڭلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىتىشقا بولمايدۇ.بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىددىيۋى ھېسىياتىنى ئۆزئارا ئۆز تىلى بىلەن ئىپادىلىشىگە يول قويۇش كېرەك. xATx2*@X2  
4)بالىلارنىڭ نېمىلەرنى سىزغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگۈسى بار،سۆزلىگەندە ئاندىن بۇ روشەن ئوبراز ۋە ئوخشىتىشلار ياقۇتتەك جۇلالىنىدۇ.رەسىم سىزىش بالىلار تىلىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. +{UY9_~\3  
5)تۆۋەن يىللىقلاردىكى بالىلارغا رەسىم سىزدۇرغاندا،نىسبەتەن كۆزىتىش،ئۆزئارا بىر-بىرىگە ماس كەلتۈرۈش قاتارلىق قائىدىلەرگە دىققەت قىلىش توغرا،لېكىن،بالىلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن ،كەڭ زېمىن يارىتىپ بېرىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم.بالىلارنىڭ دۇنياغا بولغان ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. F)3+IuY  
6)ئاق كۆڭۈللۈك بولمىسا ياكى بىر كىشىدە باشقىلارغا قارىتا ساداقەتلىك،قىزغىنلىق بولمىسا،ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا گۈزەللىكنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. T"wg/mT  
7)ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ يىلتىزى-ئىجادىيەتتە،جانلىق نەرسىلەرنى ئاسراش ۋە گۈزەللىكنى يارىتىشتا.چۈنكى،ياخشىلىق بىلەن گۈزەللىك زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ. !Tzo &G  
8)ئاق كۆڭۈللۈك تۇيغۇسىنى بالىلىق دەۋردىن باشلاپ سىڭدۈرۈش-تەلىم-تەربىيە جەريانىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى. \J LGw1F  
9)بالىلار خەتتىكى خۇش-پۇراقنى تېخى ھېس قىلمىغان ،خەتتىكى چىرايلىق رەڭنى تېخى كۆرۈپ يەتمىگەن چاغدا،خەت تونۇتۇش-ئوقۇتۇشنى باشلىماسلىق كېرەك.ئەگەر ئوقۇتقۇچى بۇنداق چاغدا خەت تونۇتۇش-ئوقۇتۇشنى باشلايدىغان بولسا،بالىلارنى جەزمەن قىيىن يولغا ئىتتىرىۋېتىدۇ.بالىلار بۇ قىيىنچىلىقنى ئاخىر يېڭىدۇ.لېكىن،ئىنتايىن زور بەدەل تۆلەيدۇ. IjI 'Hx  
10)ئوقۇتۇش جەريانىدا ،بالىلاردا ئۇلار تۇرمۇشتا ئۇچراتقان ئوبراز،ئاۋاز ۋە رېتىملارغا نىسبەتەن چۇڭقۇر قىزىقىش قوزغالغاندا،ئوقۇش-يېزىش،ئوقۇتۇشنى ئاندىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشقا يول قويۇش كېرەك.شۇڭا،ئوقۇش-يېزىش ئوقۇتۇشىنى رەسىم سىزىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم. -CPtYG[s  
11)بالىلارغا«بۇ ھەرپلەرنى جەزمەن تونۇپ كېلىڭلار،بۇ سۆزلەرنى ئوقۇشنى جەزمەن ئۆگىنىپ كېلىڭلار...!»دېگەندەك تەلەپلەرنى قويماسلىق كېرەك.بۇ نوختا ئىنتايىن مۇھىم.چۈنكى،بالىلار تونۇش باسقۇچىنىڭ تۈنجى پەلەمپىيىگە ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا قەدەم تاشلايدۇ. ?Y"%BS+pt  
12)بالىلار ئەقلىي پائالىيەتتە ھەر ۋاقىت گۈزەللىك،رىۋايەت،مۇزىكا،ئوي-پىكىر،ئىجادىيەت،تەپەككۈرنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھاملاندۇرىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئومۇمەن،ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى قوزغىغان،ئۇلارنى جەلپ قىلغانلىكى نەرسىلەر ،ئۇلارنىڭ ئېسىدە چىڭ تۇرىدۇ.نۇرغۇن بالىلار ئۆز ئىددىيىسىنى ئېغىزچە ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلىپ قالماستىن،يەنە خەت بىلەن يېزىپ چىقىشنىمۇ ئۈمىد قىلىشىدۇ. _E '? U  
13)بالىلار گۈزەللىكنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغاندا،ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى خىيال،ئىجادىيەت ۋە ھەر خىل ئوي-پىكىرلەر بۇلاق سۈيىدەك ئېتىلىپ چىقىدۇ. UPtj@gtcY  
14)ئۈنلۈك ئوقۇلغان مەزمۇن بالىلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرغاندا،ئاندىن ئۈنلۈك ئوقۇش بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تولۇقلىيالايدۇ. LR=Ji7  
15)ئاڭلىق ھالدا راۋان ۋە ھېسىياتلىق ئۈنلۈك ئوقۇش قانچە بالدۇر باشلانسا،ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۈنچە يېقىن بولىدۇ.ئوقۇغاندا،تەپەككۈر قىلىش جەريانىدا بۇ قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى ،ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتە يېتىلىشىنى شۈنچە ئىلگىرى سۈرىدۇ. '$FF/|{  

ozqan 2013-10-23 14:16
تۇرسۇن مۇئەللىم : بەك ياخشى قىلىپسىز ، مېنىڭمۇ  مۇشۇ تېمىنى يوللاش ئارزۇيۇم بار ئىدى . سىز بالدۇر باشلاپسىز ... U:8[%a  
سۇخۇملىنىسكىي  ھەم باشقا داڭلىق پىداگوكلارنىڭ قاراشلىرى ھەم تەجىربىلىرى بىلەن تونۇشۇش بىز ئۈچۈن بەك ئەھمىيەتلىك ئىش ... 5NSXSR9c  
داۋامىغا تەشنامەن ...

tursun 2013-10-23 15:00
چوقۇم داۋامىنى يوللايمەن،خاتىرجەم بولسىلا ئۆزقان...؟بېراق خەتنى ئاستىراق I$n+DwKcN  
ئۇرىدىغان بولغاچقا ،تىز-تىز يوللىيالمايدىكەنمەن....شۇنداقتىمۇ داۋامىنى Fav?,Q,n  
يوللايمەن...رەھمەت...!     

ياسىنجان510 2013-12-21 17:35
پىداگوكىلىق ساۋاتلار ناھايىتى قىممەتلىك ساۋاتلار ئىكەن .


查看完整版本: [-- سوخۇمۇلىنىسكى ۋە مائارىپ(1)...بۇژغۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled