查看完整版本: [-- مىڭ بىر كېچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> مىڭ بىر كېچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-10-20 17:46

مىڭ بىر كېچە

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(12) _,p/2m-Pj  
'3E25BsL  
مىڭ بىر كېچە kpQN>XV#  
)"E1/$*k  
1.    ژانېرى: چۆچەك ، مەسەل ، ئەپسانىلەر توپلىمى Gxt6]+r  
[Qqs s8a  
2.    ئاپتورى:  خەلق C2DAsSw  
1ZvXRJ)%  
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: )R"UX:Q>  
دەسمايە(مەبلەغ،قول ئىلكىدىكى نەرسە)، تىللا(ئالتۇن تەڭگە)، شېرىك(ھەمكارلاشقۇچى)،سۈرمە(خىمىيىلىك ئېلمېنت نامى، قاش-كۆزلەرنى زىننەتلەيدىغان گىرىم بۇيۇمى)،قازى(ئىسلام دىنىدىكى سوتچى)، شەرىئەت (ئىسلام دىنى قانۇنى)، كاززاپ(ئالدامچى،ساختىپەز)،دەرقەم(روبىرو،بىر يەردە)،سېرىقتال(باياشات ئەمەس)،سۇبھاناللا(قورقۇش،ئەجەپلىنىش،ھەيران قېلىشنى ئىپادىلەيدىغان ئىملىق سۆز )،مۇدھىش(قورقۇنۇشلۇق،دەھشەتلىك)،لىباس(ئۈست كىيىم)،زىنھار(پەقەت)،دېۋە(ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى ئوتنىڭ تۈتۈنىدىن يارىتىلغان غايەت زور مەخلۇق)،سۇلايمان پەيغەمبەر(ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى ئادەم، ھايۋانات ۋە ئۇچار قاناتلارغا پادىشاھ بولغان پەيغەمبەر)،مەلئۇن(لەنىتى،ئۆلگۈر)،بەيئەت قىلماق(ئىتائەت قىلماق)،كەپشەر(سۇۋاركا،مېتاللارنى بىر بىرىگە ئۇلاش ئىشى)، m\|EM'@k  
#aKUD  
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى:   _) UnH p_^  
① «مىڭ بىر كېچە»ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇڭ : «مىڭ بىر كېچە»ــ قەدىمكى ئەرەپلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەدەبىي ئەسىرى.. ئۇنىڭغا قەدىمكى يېقىن شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چۆچەك،رىۋايەتلىرى،مەسەل –ھېكايىلىرى توپلانغان.ئۇ ئاجايىپ –غارايىپ فانتازىيەلىك ۋە سېھرى كۈچكە ئېگە. گوركىي ئۇنى «خەللق ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر سەلتەنەتلىك ئابىدە » دېگەن ئىدى.بۇ ئەسەر بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمىغان،بەلكى، ئۇ ئۆتكەن خانىدانلىقلاردىكى ئەرەپ مەدداھلىرىنىڭ تەكرار پىششىقلاپ ئىجاد قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ دەسلەپ ئەرەبىستاندا تارقالغان. بۇ تەخمىنەن مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىش بولۇپ، 16-ئەسىردە رەسمى كىتاب قىلىنغان.ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى ـــ «ھەزار ئەپسەنە » (مىڭ ھېكايە)دېگەن بىر پارىس ھېكايىلەر توپلىمى ئېدى.«مىڭ بىر كېچە» دىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر باغدادنى پايتەخت قىلغان ئەرەپ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ۋە كېيىنكى مىسىر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. jRW@$  
② «مىڭ بىر كېچە » ھېكايىلىرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟ ــــ بۇ ھېكايىلەردە گۈزەل،پاك مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەدھىيىلەنگەن.ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خىلمۇ-خىل تەۋەككۈلچىلىكلەر بايان قىلىنغان. ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك كۈيلەنگەن. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەيش-ئىشرەت، كەيپ –ساپاغا بېرىلىشى، ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە زوراۋانلىقى پاش قىلىنغان.خەلق ئاممىسىنىڭ غەزەپ-نەپرەت ساداسى ۋە قارشىلىق ئېڭىمۇ ئىپادىلەنگەن. «مىڭ بىر كېچە» ساددا رىئالىزىم بىلەن ئاجايىپ ۋە ئۆزگىرىشچان رومانتىزىمنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭ خىلمۇ-خىل ھېكايىلىرى رىئال تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان. رىئال تۇرمۇش خەلق ئاممىسىنىڭ غايە ۋە ئارزۇ-ئارمانلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى تەسەۋۋۇر گۈللىرىنى ئېچىلدۇرغان. ئۇلار ئۆزارا ماسلىشىپ ، بىر-بىرىنى تولۇقلىغان. )k4&S{=  
③ ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن «مىڭ بىر كېچە» دەپ ئىسىم قويۇلغان؟ ـــ پادىشاھ شەھرىيار ئايالىنىڭ ئۆزىگە خىيانەت قىلىشى سەۋەپلىك  ئاياللاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەركۈنى بىر خوتۇن ئېلىپ ئەتىسى ئۆلتۈرىۋەتكەن. ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد ئاياللارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن پادىشاھقا ياتلىق بولۇپ ھەركۈنى ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق ، پادىشاھنى قىزىقتۇرىۋالغان. پادىشاھ  ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن. نەتىجىدە ، ھېكايە جەمى مىڭ بىر كېچە داۋاملاشقان . شۇڭا ، بۇ ئەسەرگە « مىڭ بىر كېچە » دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. V7 hO}  
④ «بەش ياشلىق بالىنىڭ ھېكايىسى» دېگەن چۆچەكنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ ـــ بۇ چۆچەكتە بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ،ۋۇجۇدى خىيانەتكارلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان تۆت سودىگەرنىڭ بىر بىگۇناھ ئايالنى ئۇۋالچىلىققا قويغانلىقى ، بەش ياشلىق بىر ئوغۇلنىڭ پەم-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، سودىگەرلەرنى  ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن باپلاپ ، ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىدەك ۋەقەلەر ئارقىلىق ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. bPuO~#iN~  
⑤ «بېلىقچى بىلەن دېۋىنىڭ ھېكايىسى» دە نامرات بېلىقچىنىڭ ئائىلىسىنى قامداش يولىدىكى تىرىشچانلىقى، ئۈمىدۋارلىقى ،ھالاللىقى سەۋرىچانلىقى ، شۇنداقلا، خەتەرگە يولۇققان چاغدىكى تەمكىنلىكى ، ئەقىل-پاراسىتى بايان قىلىنىپ، ئىنسان ئەقلىنىڭ كۇچ-قۇدرىتى نامايەن قىلىنغان. >U]KPL[%  
hF5(1s}e$  
/bbs/read.php?tid=8331

nazperwer 2013-10-21 11:09
مەن ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ <<مىڭ بىر كېچە>> ناملق چۆچەكمىكىن دەپتىمەن. ئەسلى دەرس لايىھەسىكەن ئەمەسمۇ؟!

گۇلخان0903 2013-10-21 17:28
مەنمۇ شۇ،مېنىڭ بىر شىئرىم بار ئىدى ،مىڭبىر كىچە دەيدىغان،يەنە كىم شئېر يازغاندۇ دەپتىمەن،ئېلاندەكلا

ئەكبەرنىياز 2013-10-22 09:27
ياخشى لايىھە بوپتۇ ، داۋاملىق ئالغا !!!

گۈلنىھال 2013-12-19 17:01
مەن دەرس دىتالىمىكى دەپتىمەن ، ياخشى بوپتۇ

مىېھرىما 2014-01-23 16:43
         رەھمەت


查看完整版本: [-- مىڭ بىر كېچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled