查看完整版本: [--
ئۇيغۇر تىلىدىن مۇھىم نۇقتىلار
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى
->
ئۇيغۇر تىلىدىن مۇھىم نۇقتىلار
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
ozqan
2013-10-14 11:05
ئۇيغۇر تىلىدىن مۇھىم نۇقتىلار
ئەسسالام : تەۋپىقداشلار : قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . ھەممەڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ... بارلىق ياخشى تىلەكلەر سىلەرگە خوشاللىق ۋە ئامەت ئېلىپ كەلسۇن .
;v2eAe@7
W|2| v?v
تۆۋەندە ئوقۇغۇچىلارغا ھېيت جەريانىدا پىششىق يادلاپ كېلىشكە بەرگەن تاپشۇرۇق ــ ئۇيغۇر تىلىدىن ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم نۇقتىلارنى سىلەرنىڭمۇ پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم :
Q1x&Zm1v
\R]2YY`EP
ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلار :
z |~+ 0
تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار : ئە ، ئۆ ئۈ تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلار : ئې ، ئى
4=|Q2qgFV
تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار : ئا . ئو . ئۇ
sRT H_]c
لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار : ئو ، ئۆ ، ئۇ ، ئۇ لەۋلەشمىگەنلەر : ئا ، ئە ، ئې ، ئى
s=jYQ5nv
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار : ب ، ج ، د ، ر ، ز ، ژ ، غ ، گ ، ڭ ، ل ، م ، ن ، ھ ،ۋ ، ي
0{bl^#$f
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار: پ ، ت ، چ ، خ ، س ، ش ، ق ، ف ، ك
^IuhHP
مورفىما = باش مورفىما + ئەگەشمە مورفىما
#.HnO_sK_
ئەگەشمە مورفىما = قوشۇمچىلار+ ياردەمچى سۆزلەر
8Z9>h:c1
ياردەمچى سۆزلەر = باغلىغۇچى + تىركەلمە + يۈكلىمە
)/)u.$pi
قوشۇمچە = ياسىغۇچى قوشۇمچە + تۈرلىگۈچى قوشۇمچە
N'EZJoH
سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاراپ بۆلۈنۈشى :
Icg-rwa
تۈپ سۆز ، ياسالما سۆز ، بىرىككەن سۆز ، جۈپ سۆز ، قىسقارتىلما سۆز .
CA`V)XIsP
ئىسىملارنىڭ شەخس قوشۇمچىلىرى :
q%kCTw
1- شەخس بىرلىك : م ، ىم ، ۇم ، ۈم كۆپلۈك : مىز ، ىمىز
)Wq1af
2- شەخس بىرلىك : ڭ ، ىڭ ، ۇڭ ، ۈڭ ھۆرمەت تۈرى : ڭىز ،ىڭىز ،لىرى
=Vs?=|r
كۆپلۈك : ڭلار ، ىڭلار ، ۇڭلار ، ۈڭلار
0$Rn|yqf%
3- شەخس : بىرلىك ۋە كۆپلۈك : ئوخشاش بولۇپ : ئى ، سى
}9 \6!GY0
ئىسىملارنىڭ كېلىش قوشۇمچىلىرى : باش كېلىش : قوشۇمچىسى يوق
xP>cQEL ot
ئىگىلىك كېلىش : قوشۇمچىسى ــ نىڭ ، چۈشۈم كېلىش ــ نى
`!N}u
يۆنىلىش كېلىش : غا ، قا ، گە ، كە ، قە ، چىقىش كېلىش : دىن ، تىن
s|XWw
ئورۇن- پەيت كېلىش ــ دا ، دە ، تا ، تە
EmO[-W|2
سۈپەت دەرىجىلىرى : 1- ئەسلى دەرىجە ، 2- كېمەيتمە دەرىجە : قوشۇمچىسى : ۇش ، غۇچ، متۇل ، راق ، رەك 3- سېلېشتۇرما دەرىجە : قوشۇمچىسى : راق ، رەك
iP9]b&
4- ئاشۇرما دەرىجە : قوشۇمچىسى سۈپەتنىڭ بىرىنچى بوغۇمىغا پ نى قوشۇپ قايتا تەكرارلاش ، ياكى سۈپەتنىڭ ئالدىغا دەرىجە رەۋىشلىرىنى قوشۇش .
,sc#l
5- ئەركىلەتمە دەرىجە : قوشۇمچە : غىنا ، قىنا ، گىنە ، كىنە
3x W:"
ساننىڭ مەنە جەھەتتىكى تۈرلىرى :
%fS1gSfh
1.ساناق سان : پۈتۈن سانلاردۇر
7Z:HwZ
2. مۆلچەر سانلار : تۈرلىنىشى :
\6a' p Q,
چە ، دەك – تەك ، لىغان - لىگەن لاردا-لەردە ئىككى ساننىڭ قاتارلىشىپ كېلىشى ئارقىلىق ، تەخمىنەن ، ئەتراپىدا ،ساق ، يېقىن سۆزلىرى بىلەن بىرگە كېلىش ئارقىلىق .
<`Fl Igo
3.تەرتىپ سان : نچى ، ىنچى 4. كەسىر سان : سۈرەت ، مەخرەج قوشۇمچە: دىن ، تىن
5. تەقسىم سان : دىن ، تىن : بەشتىن –ئالتىدىن ، ئىككىدىن ئىككىدىن دېگەندەك .
L T`T~|pz
6. رەۋىش سان : قوشۇمچىسى : لاپ ، لەپ . 7. كىشىلىك سان : قوشۇمچە : يلەن ، ەيلەن
+|S)Mm8-
8. ئالماش سان : سانلارغا شەخس ، كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ .
%jj-\Gz!
مىقدارلار ( خاس مىقدار + كۆچمە مىقدار ) (شەيئي مىقدار ) ( ھەركەت مىقدار )
1. ئالماشنىڭ تۈرلىرى : شەخس ئالماشلىرى ( مەن ، بىز ، سەن ، سىلەر ، ئۇ ، ئۇلار )
{c?{M.R
2. كۆرسىتىش ئالماشلىرى : ئۇ ، بۇ ، شۇ ، مۇشۇ ، مۇنۇ ، ئاشۇ ، ئاۋۇ ، ئەنە ، مانا ، ئۇنداق ، مۇنداق ، بۇنداق ، شۇنداق ، ئاشۇنداق ، مۇشۇنداق ، ئانچە ، مۇنچە ، شۇنچە ، ئانچىلىك ،مۇنچىلىك ، شۇنچىلىك ، ئانچىۋالا، مۇنچىۋالا ، شۇنچىۋالا ...
1=+S'_j
3. سوئال ئالماشلىرى بارلىق سوئالنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر : كىم ، قاچان ، نېمەن ؟..
;A"i.:ZT
4. ئۆزلۈك ئالماشلىرى : ئۆز 5. بەلگىلەش ئالماشلىرى : ھەممە ، بارلىق ، پۈتكۈل ، جەمئىي ، ھە ر ، ھەرقاچان ، ھەر يەر . ھەر ؟ .. 6. بولۇشسىز ئالماش : قوشۇمچىلار ؛ ھېچ + نەرسە ، يەر ، بىر . . 7. ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى : قوشۇمچىلىرى : « دۇ ، تۇ » « ئاللا ، بىر » لەرگە سوئال ئالماشلىرى قوشۇلۇش ئارقىلىق ...
0#yH
رەۋىشنىڭ تۈرلىرى : ۋاقىت ، ئورۇن ، ھالەت ، دەرىجە ، سەۋەب-مەقسەت رەۋىشلىرى
4s>L]! W$8
پېئىل راي شەكىللىرى : بايان راي ، شەرت راي ( سا ، سە ) بۇيرۇق راي ( اي ، ەي ، ي ، ايلى ، ەيلى ، يلى ، غىن ، قىن ، گىن ، كىن ، ڭ ، ىڭ ، ۇڭ ، ۈڭ ، سىلا ، سىلە
>3 p8o@:
پېئىل دەرىجىلىرى ( ئەسلى ، مەجھۇل ، ئۆزلۈك ، ئۆملۈك ، مەجبۇرى دەرىجە )
(Y&gse1}!
پېئىلنىڭ شەخسسىز شەكىللىرى : ئىسىمداش ، سۈپەتداش ، رەۋىشداش
GmUm?A@B
سۈپەتداش : غان ، قان ، گەن ، كەن ، ار ، ەر ، ماس، مەس ، ىدىغان ، يىدىغان
*6_>/!ywI
ئىسىمداش : ش ، ىش ، ۇش ، ۈش ، ماق ، مەك ، غۇ ، قۇ ، گۈ ، كۈ ، قانلىق ، قانلىق ..
?gK|R
رەۋىشداش : غۇچە ، قۇچە ، گۈچە ، كۈچە ، غىلى ، قىلى ، گىلى ، كىلى ، غاچ ، قاچ ، گەچ ، كەچ ، غانسېرى ، قانسېرى ، گەنسېرى ، كەنسېرى ، پ ، ىپ ، ۇپ ، ۈپ ، ئا ، ئە ، ي ، ماقچى ، مەكچى
|t$%kpp
تەقلىد سۆزلەر : ئاۋاز تەقلىدى ، ھالەت تەقلىدى ، ھېسسىيات تەقلىدى
[e|9%[.V
ئىملىق سۆزلەر : ھېس-تۇيغۇ ، قاراتما ، بۇيرۇق-چاقىرىق ئىملىقلىرى
Yv{$XI7
ياردەمچى سۆزلەر : باغلىغۇچىلار 1. بىرىكتۈرگۈچى : ۋە ، ھەم ، ھەمدە ، يەنە ، بىلەن
@%MGLR{pH
2. قارىمۇ قارشى باغلىغۇچىلار : ئەمما ، لېكىن ، بىراق ، ئەكسىچە ، دېگەن بىلەن ، ۋاھالەنكى ، ئەپسۇس ، ئۇ ، يۇ .
>n&+<06
3. كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچىلار : ھەتتا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەلكى ، بولۇپمۇ ، خۇسۇسەن 4. تاللاش – ئايرىش باغلىغۇچىلىرى : يا ياكى ، گاھى
`- 9p)@'8k
5. سەۋەب – نەتىجە باغلىغۇچىلىرى: چۈنكى ،شۇڭا ، سەۋەبى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ،شۇڭلاشقا
|t58n{V.O
يۈكلىمىلەر : دۇ ، غۇ ، چۇ ، ما ، مۇ ، غۇ ، قۇ ، لا ، زە ، ئا ، ئە ، چۇ ، دە ، ھە
.g_Kab3?L
بېقىندىلىق باغلىنىشنىڭ تۈرلىرى : 1. ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋېتى
DnB :~&Dw
2. چىرمىشىش مۇناسىۋېتى « نىڭ » 3 . باشقۇرۇش مۇناسۋېتى : نى ، غا ، قا ، گە، كە ، قە ، دىن ، تىن ، دا ، دە ، تا ، تە . 4. ياندىشىش مۇناسۋېتى ( ئورۇن تەرتىپ مۇھىم )
:{#w-oC>6P
جۈملە بۆلەكلىرى : باش بۆلەك ( ئىگە ، خەۋەر ) ئەگەشمە بۆلەك ( ئېنىقلىغۇچى ، تولدۇرغۇچى ، ھالەت ) ئىگە باش كېلىشتە كېلىدۇ ، شەخس ۋە كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىدۇ .
ir;az{T#U
تولدۇرغۇچى« نى» بىلەن بىرگە كېلىدۇ . ئېنىقلىغۇچى :
QIcc@PGT9a
نىڭ ، دەك ، تەك ، دىكى ، تىكى ، ئىسىمنىڭ ئالدىدا باش كېلىشتە كېلىدۇ .
/yO0Z1G
ھالەت : غا ، قا ، گە ، كە ، دا ، دە ، تا ، تە ، دىن ، تىن ، باش كېلىشتە كېلىپ ، پئېلنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ . ۋاقىت ، ئورۇن ، دەرىجە ، سەۋەب ، مەقسەت ... لەرنى بىلدۈرۈىدۇ .
K3J,f2Cn$
خەۋەر ئادەتتىكى جۈملىلەردە جۈملىنىڭ ئاخىرىدا ، شېئرلاردا ، ماقال-تەمسىللەردە بېشىدا ھەم ئوتتۇردىمۇ كېلىدۇ .
}}d,xI
جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر:
v==/tr)
1. قاراتما سۆز ( ئىگە بىلەن ئارلاشتۇرۋەتمەڭ ) 2. قىستۇرما سۆزلەر تۆۋەندىكىلەر :
rn-CQ2{?
ئەمىسە ، مەيلى ، تېخى ، قېنى ، ئېھتىمال ، ھەرھالدا ، جۇمۇ ، خۇددى ، ھېلى بىكار ، زادى ، خالاس ، ھېلىمۇ ، خۇدايىم بۇيرىسا ، مېنىڭچە ، خەيرىيەت ، ئەلۋەتتە ، بەختىمىزگە يارىشا ، سۆزسىز ، ھېچبولمىغاندا ، بەختىمىزگە ، قارىشى ، ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ، دەرۋەقە ، نەزىرىمدە ، شۈبھىسىز، بىر تەرەپتىن ، يەنە بىر تەرەپتىن ، تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ، بەرىبىر ، شۇنداق قىلىپ ، دېگەنبىلەن ، نېمىلا قىلغان بىلەن ، ئىشقىلىپ ، نېمە بولسا بولسۇن ، قانداقلا بولمىسۇن ...
eh6=-
3. ئىملىق سۆز 4. ئىزاھلىغۇچى سۆز ( ) ـــ ئارقىلىق پەرقلەندۈرىمىز .
+)e+$ l
ئاددىي جۈملە ( يىغىق- يېيىق ، ئىگىلىك- ئىگىسىز ، تولۇق – تولۇقسىز .
;Z-%'5hKM
مۇرەككەپ جۈملە ( تەڭداش ، بېقىندىلىق ، ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە )
LVBE+{P\5?
جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى ( ئەسلى جۈملە بولسىمۇ يەنە بىر جۈملە ئىچىدە كېلىپ بىر ئەگەشمە بۆلەكلىكلا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كۆچۈرمە جۈملىلەردۇر .
#HmZe98[%
كۆچۈرمە جۈملىنى ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇشتا ئۆز سۆزىمىز ئىچىدە ئىشلەتكەن باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ كەينىگە « لىقىنى ، لىكىنى » قوشۇمىز .
9<1dps=c
ئۇيغۇر
2013-10-14 13:36
ئالامەت ئىسىل ماتېريالدىن بىرنى يوللاپسىز. ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، مۇشۇنداق تىمىلارنى نادىرلاپ قويۇش كېرەكمۇ يوق؟ تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرى يەردە قالسا بولماس...
koksangun
2013-10-14 21:57
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرىنىڭ نامى بىكاردىن شىنجاڭغا مەشھۇر ئەمەس، بۇ نام ئامىنە مۇئەللىمدەك مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ مەرىپەت بۆشۈكىگە يىغىلىپ ، مىننەتسىز ۋە تېنىمسىز ئەمگەكلىرىدىن بارلىققا كەلگەن...
"*ww>0[
ئامىنە مۇئەللىمنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى،ياخشى دەم ئېلىۋېلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن...
koksangun
2013-10-14 21:59
بىزگىمۇ قىممەتلىك ماتېرىيال بولغاچقا چۈشۈرۈۋالدىم، بالىلار قايتقاندا ئۇلارغا تەمىنلەپ بېرىمەن...
R 0YWe
رەھمەت سىزگە ، ھارماس باغۋەن.
ئەكبەرنىياز
2013-10-15 22:43
ھەقىقەتەن ئېسىل تاپشۇرۇق بوپتۇ ، ھارمىغايسىز ئۇستاز !!!
گۈلخان
2013-10-16 00:45
مەن ئۈچۈنلا يېزىپسىز بۇنى. تۈزۈت قىلمايلا كۆچۈرۈپ ئەكەتتىم.
W0U|XX!&
ئەمما «تاپشۇرۇقنى ئاز بېرىڭلار »دەۋاتسا، بىر مەۋسۈملۈك دەرسنى 5 كۈنلۈك تاپشۇرۇق قىلىپ بېرىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلدىڭىزمۇ قانداق؟
ئايزىبا
2013-10-16 12:21
ئوبدان پايدىلانمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ئايەم كۈنىدىمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز، ھېيت كۈنلىرىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتكەي !
ئايزىبا
2013-10-16 12:24
ئوبدان پايدىلانما يوللاپسىز، ئايەم كۈنلىرىدىمۇ مۇنبەرنى ئۇنتۇماپسىز، ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۇق ، رەھمەت!
alga~nap
2013-10-16 13:11
تارتىنمىدىم ئەمىسە ئۇستاز. بۇ قىتىملىق مۇھاكىمە يېغىنىدا ئاۋازىڭىزنى ئاڭلايمەنمىكىن دېگەن ئىدىم. ئەپسۇس ئۇچرىتالمىدىم. خىزمەتلىرىڭىزگە يەنىمۇ نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.
alga~nap
2013-10-16 13:20
باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە تىركەلمىلەر بىلەن كەلگەن سۆزلەرنىڭ جۈملىنىڭ پىئىلدىن بولغان خەۋىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. بۇ تەرەپ ھەريىللىق ئىمتىھانلاردا كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا چۈشۈن كېلىش قوشۇمچىسى «نى»ئۇلىنىپ، ھەرىكەتنىڭ قىتىم سانىنى بىلدۇرسە تولدۇرغۇچى ئەمەس ھالەت بولۇپ كېلىدۇ.ئۆزلۈك ئالماشتا «ئۆز»سۆزىگە بىرىنچى ،ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىسى ئۇلانسا شەخس ئالمىشىغا ، ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى ئۇلانسا ئۆزلۈك ئالمىشىغا تەۋە. ئۇندىن باشقا «ئۆز»سۆزىگە كېلىش قوشۇمچسى «گە»ئۇلانغاندا كۆپرەك سۈپەتكە تەۋە .
I)G.tJZ e
دېمەك، بۇ ماتىريال بىز ئۈچۈن تازىمۇ موھىم بولغان بىلىملەردىن توپلىنىپتۇ. يەنە بىر قىتىم رەھمەت .
ئەنۋەرچەرچەن
2013-10-16 17:37
مۇنبىرىمىز ھارماس،قەلىمى تالماس ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەمگىگى ئارقىلىق تېخىمۇ جۇلالانغۇسى.
gulhan
2013-10-16 20:18
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ئامىنە مۇئەللىم. سىزدىكى ھەقىيقى ئۇقۇتقۇچىغا خاس ھارماس ،مىنەتسىز روھ بىزنى زەررەتلەپ تۇرماقتا.
g\,HiKBXd
y `w5u.'
سىزگە سالامەتلىك ، ئۇماق قىزىڭىزغا ۋە ئائىلىڭىزگە ئامانلىق تىلەيمەن.
گۈلزار
2013-10-17 17:38
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تىل - ئەدەبىيات دەرسى بىرلەشتۇرۇۋېتىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەپسىلى ئۆتۈلمەي كېلىۋاتقان ئىدى . سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز ئاشۇ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ھەم ئاتا - ئانىلارغىمۇ ئېسىل سوۋغا بولۇپتۇ . رەھمەت سىزگە .
چېچەك
2013-10-19 12:53
رەھمەت سىزگە مۇئەللىم!
nazperwer
2013-10-20 16:42
ئۆزقاننىڭ ئەستايىدىللىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ .بەك ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ ...
maaripqi
2013-10-22 22:08
ئۆزقاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت!
ياسىنجان510
2013-10-26 22:05
ئىزدىنىشچان روھىڭىزغا بارىكاللا ، كۆپ ئىزدىنىپسىز !!!
ياسىنجان510
2013-10-27 23:08
بۇ تەييارلىق ياخشى تەييارلىنىپتۇ،ھارمىغايسىز دوستۇم.
ياسىنجان510
2013-10-27 23:10
مەنمۇ تېما يوللاپ باقسام بولادۇ؟
ozqan
2013-10-28 17:44
ياسىنجان : تەۋپىققە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ...
u@]rR&h`
سىزمۇ تېما يوللىسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ ، تېما يوللىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ...
6;C2^J @
يوللايدىغان تېمىڭىز ماس كېلىدىغان سەھپىنى چېكىپ ، ئاندىن تېما يوللاش دېگەن جاينى بېسىپ ، تېما يوللاش كۆزنىكىگە ماۋزۇ ھەم تېكستنى چاپلاپ يوللاش دېگەن كونۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
ياسىنجان510
2013-11-21 23:17
ئىزدىنىپسىز، ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا،ھارمىغايسىز...
ياسىنجان510
2013-11-21 23:18
ئىزدىنىپسىز، ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا،ھارمىغايسىز...
查看完整版本: [--
ئۇيغۇر تىلىدىن مۇھىم نۇقتىلار
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled