tawpek |
2013-10-10 13:45 |
بارماق ھەققىدە پاراڭ،چىم ،تەبەسسۇم،
بارماق ھەققىدە پاراڭ la[xbv %70sS].@ ژانېرى: مۇھاكىمىلىك نەسىر .ئاپتورى: ئەخمەت ئىمىن hqmKUlo مۇھىم مەزمۇنلىرى: ^Bf@ I ①قىسقىچە مەزمۇنى: ئاپتور نەسىردە بارماقنىڭ ئېلىش ۋە تۇتۇشتىن ئىبارەت رولىنى تۇتقا قىلىپ،ھاياتلىق ھەقىقىتىنى شەرھىلىگەن.شۇنداقلا،دۇنيانىڭ تەڭشەلمىگەنلىكى،ئۆملۈك،ئىتتىپاقلىقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى يەكۈنلىگەن.بارماق قانداق بولۇشتىن قەتئىنەز ،يەككە ئايرىم ھالەتتە بىر نەرسىنى تۇتالمايدۇ.ئاپتور بارماقنىڭ مۇشۇ تەرىپى ئارقىلىق،ئىناقسىزلىق،ئىتتىپاقسىزلىقنى تەنقىتلىگەن.بەش بارماقنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق، ھەمكارلىقنىڭ، ئىجىل-ئىناقلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ،پەقەت ئىتتىپاقلاشقاندىلا يېڭىلمەس كۈچ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. !
jm> ② تېكىستتە ئاپتور بارماقنىڭ رولى ئارقىلىق قانداق تۇرمۇش ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن؟ـــــ ئۆملۈكنىڭ زور كۈچ ۋە ئىمكانىيەت ھاسىل قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھايات ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. TLU^ad#9E ③ ئاخىرقى ئابزاستا بايان قىلىنغان ھېكمەتنى قانداق چۈشىنىسىز؟ ئۆملۈك ۋە دۇنيانىڭ تەڭشەلمىگەنلىكى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ:ـــــــ ئاخىرقى ئابزاستىن «ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەن ئېلىپ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ،قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۇلاتلارنى بىرلىكتە يېڭىشكە كۈچ چىقىرىش ــــ ئاقىلانىلىك » ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشكا بولىدۇ.
.;8T* |X,T>{V?y چىم PF+v[h;, ژانېرى: لېرىك نەسىر . ئاپتورى نۇرمۇھەممەت توختى . ,W;\6"Iwx' مۇھىم مەزمۇنلىرى: sDL@e33Yb تېكىستتە چىم سىمۋول قىلىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىكى ئېسىل روھ ،يەنى، تۇرمۇش تەلىپى ئىنتايىن ئاددى، قانائەتچان،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنغان.ئاددى، لېكىن، ھاياتى كۈچى شۇنچە قۇدرەتلىك چىم بىلەن زامانداشلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تۈگىمەس تەلەپلەر ،كىشىنىڭ ئېچىنغۇسى كەلگۈدەك زەئىپلىك سېلىشتۇرۇلغان.بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاددى-ساددا،قانائەتچان بولۇشقا ،ھە دېسىلا ھاياتتىن، تۇرمۇشتىن ئاغرىنىشنىڭ ،تۇرمۇشقا يۇقىرى ئۆلچەم قويۇۋېلىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ،كىشىلەرنى ئۈمىتۋار،قىزغىن پوزىتسىيە بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۈرگەن. Mn7nS: c+|,qm تەبەسسۇم . P#H|at ژانېرى: لېرىك نەسىر . ئاپتورى ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن WX$mAQDV مۇھىم مەزمۇنلىرى: !4cO]wh5 ①ئاپتور تەبەسسۇمنى نېمىلەرگە ئوخشاتقان؟مۇشۇنداق ئوخشىتىشلاردىن ئاپتورنىڭ كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى قانداق تەسىراتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟ ـــــ تەبەسسۈمنى گۈل-چېچەككە، ئىپار- ئەنبەرگە، ئەڭگۈشتەرگە،مەرۋايىتقا گۈل جىلۋىسىگە،گۈل شىرنىسىگە،گۆھەرگە،ماياكقا،يالقۇنلۇق يۈرەككە،مەلىكىگە، ئالتۇن چىراققا ئوخشاتقان.بو ئوخشىتىشلاردىن ئاپتورنىڭ ئۈمتۋار ھايات پوزىتسىيەسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.ئاپتورنىڭ قارىشىچە، چىن تەبەسسۇملا يوقالمايدىكەن،ئىنسانىيەت جەمىيىتى ساغلام راۋاجلىنىدۇ. ھەقىقىي،چىن،پاك تەبەسسۇم ھەممە جايدا مەۋجۇت بولىدىكەن،ئۇرۇش،زوراۋانلىق،ئالدامچىلىق،ئېزىش –ئېزىلىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ. EkS7j>: ② ئاپتور«تەبەسسۇمسىز مۇھىت ــ كېسەلچان مۇھىت »دەپ يازغان.سىز ئاپتورنىڭ بۇخىل قارىشىنى قانداق چۈشىنىسىز؟ــــ ھەقىقىي،چىن،پاك ،غەرەزسىز تەبەسسۇم ساغلام قەلبنىڭ مەھسۇلى.ساختا،غەرەزلىك تەبەسسۇم ــ ساغلام بولمىغان،قەلبنىڭ مەھسۇلى.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تەبەسسۇمسىز مۇھىت ــ كېسەلچان مۇھىت بولۇپلا قالماي ، ساختا ،غەرەزلىك تەبەسسۇم قاپلىغان مۇھىتمۇ ئوخشاشلا كېسەلچان مۇھىت ھېساپلىنىدۇ.بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كېسەلچان مۇھىت ئەلۋەتتە، شەخسىيەتچىلىك،مەنپەئەتپەرەسلىك،ئاچكۆزلۈك يامراپ كەتكەن ؛ ئالىجاناپلىق ۋە سەمىمىيلىك ئازلاپ كەتكەن مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ. #
~SuL3 ③قىسقىچە مەزمۇنى : ئاپتور نەسىردە تەبەسسۇمنىڭ ئىنساننىڭ مۇھىم خىسلەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ، تەبەسسۇمنىڭ كىشىلەرگە ھۆرمەت ،،پەخىرلىنىش ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، خىزمەتكە خوشاللىق، ئائىلىەە ئىناقلىق،بەرىكەت، بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ، تەبەسسۇمسىز ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى ... ، شۇڭا ئادەم چوقۇم تەبەسسۇم بىلەن ياشىشى كېرەكلىكىنى ، ھاياتقا ،تۇرمۇشقا ، ئائىلىگە ، پەرزەنتىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراشنى تەۋسىيە قىلغان. s*$
Re)}S q;co53.+P) /bbs/read.php?tid=8331 n#@/A
|
|