查看完整版本: [-- مىېھرىما:ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ساداسىنى تىڭشاپ باقايلى! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> مىېھرىما:ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ساداسىنى تىڭشاپ باقايلى! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2013-10-09 23:03

مىېھرىما:ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ساداسىنى تىڭشاپ باقايلى!

مەن يېزىقچىلىق دەرسىدە ئوقۇغۇچلارغا  ‹ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش › دېگەن تېمدا ماقالە يېزىپ كېلىڭلار،يازغىنىڭلاردا ھەقىقىي ۋەقەنى ئاساسى قىلىپ يازساڭلار ماقالە تەسىرلىك ياخشى چىقىدۇ دەپ ئورۇنلاشتۇرسام سىنپتىكى بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق يېزىپتۇ:
                                   ‹ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش›
بۇگۈن   2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15 - كۈنى چارشەنبە  ئىدى ، سەھەر تۇرۇپ چېيىمنى ئىچىپ خۇشھال ھالدا مەكتەپكە يول ئالدىم ، چۇنكى  ، ئىمتاھانغا ياخشى تەييارلىق قىلغان ئىدىم  . بۇ مېنىڭ باشلانغۇچنى پۇتتۇرۇپ  شىنجاڭ تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتاھان بېردىغان كۈنۈم ئىدى . مۇئەللىم بىزنى قاتار قىلىپ 3-  ئوتتۇرا مەكتەپكە  ئېلىپ ماڭدى  ، مانا  بۇ مەكتەپكىمۇ يېتىپ كەلدۇق ، بىز ئىمتاھان  مەيدانىغا قاراپ ماڭدۇق .  سىنىپقا كىرىپ مەيداندىكى بالىلارغا بىرقۇر قاراپ چىقىپ ، ئورنۇمغا بېرىپ ئورۇن ئالدىم . قوڭغۇراق چېلىندى ، كومسىيە ئوقۇتقۇچلار كىرىپ قەغەزنى تارقىتىپ بەردى ، بۇ خەنزۇتىلى ئىمتاھانى ئىدى ، مەن قەغەزنى قولۇمغا ئېلىپلا بارلىق سوئاللارنى تولۇق كۆرۇپ چىقىپ بىلدىغانلىرىمنى  ئاۋال يېزىش قارارىغا كەلدىم دە قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدىم ئىمتاھان باشلىنىپ 15 مىنۇت ئوتكەندىن كىيىن مەيدانغابىر ئوقۇتقۇچى كىرىپ كومسىيە ئوقۇتقۇچغا بېرىپ قۇلقىغا بىر نىملارنى دەپ پىچىرلاپ ئالدىمدا ئولتۇرغان بىرىنى  ئېما قىلىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى . مەن نېمە ئىش بولغاندۇ ،-دەپ دىقتىمنى كومسىيە ئوقۇتقۇچغا بۇراپ قاراپ قاپتىمەن ، ئوقۇتقۇچى ماڭا قەغەزگە قارىماي نىمگە قاراپ ئولتۇرسىز ؟دەپ ماڭا چالۋاقىدى ، شۇندىمۇ ، يەنلا دىققىتىم شۇنىڭدا ئىدى .ئوقۇتقۇچى ھېلىقى  باغاقچىنى ئالدىمدىكى بالىغا بەردى -دە ، يېزىپ بولۇپ ماڭا بەرگىن دەپ ئۇنى توسۇپ تۇردى ،  ئەسلى ئۇ ئىمتاھاننىڭ جاۋابى ئىكەن ئەمەسمۇ ؟! بۇ قەغەز ئۇ ئوقۇغۇچى  بىلەنلا توختاپ قالماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ  يەنە 6 ئوقۇغۇچىنى تەمىنلەپ ئۈلگۈردى  ، بۇنى كۆرۈپ ئەتىگەنكى خۇشاللىقىم يوقىدى ئىچىم  ئېچىشىپ كەتتى . ئىچىمدە، ئەجىبا باشلىق ، ئەمەلدارلانىڭ بالسى بالا ؛ ئادەتتىكى پۇقرالارۋە دېھقانلارنىڭ بالسى بالا ئەمەسمىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ سائەت توشۇشقا ئاز قالغىنىغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن . كومسىيە ئەسكەرتكەندىلا ئاندىن ، ھۇشۇمنى تاپتىم  .ئىمتھان ئاخىرلىشىپ سىرتقا قاراپ يۇگۇردۇم .دادام مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن قىزىم قانداق ئەھۋالىڭ دېيىشىگىلا  ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم . دادام نېمە بولغىنىنى  ئاڭقىرالماي : قىزىم ، بولدى قىلغىن ، ياخىشى بېرەلمىسەڭ ھىچقىسى يوق كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ،-دېدى مەن مىڭ تەستە ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ دادامغا بولغان  ئىشنى دەپ بەردىم  ، لىكىن دېگنىمدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم ،چۇنكى دادام مەندىنمۇ بەكرەك ئازاپلانغان ئىدى .
ــ ھەي ...........تەڭسىزلىك قاچانمۇ تۇگەر ؟ يۈر بالام   قايتايلى ،-دېدى دادام ئۆزنى زورغا بېسىپ .
بىز ئۆيگە قايتىپ كەتتۇق .  بۇ مېنىڭ بالىلىقتىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈنۈم بوپ قالدى...

مىېھرىما 2013-10-09 23:09
مەن تىما يوللاشتا تېخى پىشىپ يېتىلمىگەچكە ئىملادا خاتالىق كۆپ بولۇپ قالغانلىقنى كۆرۈپ كۆڭلىم يېرىم بولدى .ئۇستازلارنىڭ ياردىمنى ئايماسلىقنى ماڭا تەلىم بېرشنى سورايمەن

ozqan 2013-10-10 12:35
تەھرىرلاپ قويدۇم .
بۇ ماقالىنىڭ گەرچە تىلى ئاددىي ،بايانلىرىدا تەكرارلىق كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ساداسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ ...
ئارىمىزدا مۇشۇنداق  ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس ، بىر قازان ئاشنى بىر چىۋىن بۇلغايدۇ ، ئاقىۋەتتە ...

جەسۇريىگىت 2013-10-10 18:18
راس دەيسىز، بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن ئادمنى غەزەپلەندۈرىدۇ. بۇنداق ئشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك تەسىر پەيداقىلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا..............ھەي! ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ.

مىېھرىما 2013-10-11 22:06
ئۆزقان سىزگە كۆپ رەخمەت تەھرىرلەپ قويۇپسىز شۇنداق خۇشال بولدۇم. بۇ ئىش بىزنىڭ ناھيىدە ھەقىقەتەنمۇ ھەر يىلى بوپتۇردۇ  .بۇ وقۇغۇچى ھەقىقەتەن راس بولغان ئىشنى يېزىپتۇ. ماقالىنى سىنىپتا ئوقۇتقۇتۇپ باھالىغان ئىدىم بۇ ئوقۇغۇچى،ئوقۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتى . مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدىم دەڭە.     

مىېھرىما 2013-10-11 22:14
دەرىس دىتالى يوللاي دىسەم يوللاشنى بىلەلمەدىم. ئۇستازلادىن ياردەم سورايمەن.

ئەكبەرنىياز 2013-10-11 22:51
مۇنبىرىمىزدە مۇنبەرگە دېتال يوللاش تەرتىپى تەپسىلىي توبۇشتۇرۇلغان بىر تېما بار ، شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز قىينالمايسىز !

tursun 2013-10-12 12:46
بالىلارنىڭ قەلب-دۇنياسىنى چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم،بۇ يوللانمىنىڭ ئىگىسىگە بارىكاللا...!   

ئەنۋەرچەرچەن 2013-10-13 22:46
تېما ئىگىسىگە رەخمەت.

koksangun 2013-10-13 23:45
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت،ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تېمىكەن،بالىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى بېرىمىز-يۇ،ئۆزىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىمىز...
دىتال يوللىماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، مەن يوللىشىپ بېرەي.

مىېھرىما 2014-03-22 23:31
ئەكبەرنىياز:مۇنبىرىمىزدە مۇنبەرگە دېتال يوللاش تەرتىپى تەپسىلىي توبۇشتۇرۇلغان بىر تېما بار ، شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز قىينالمايسىز ! (2013-10-11 22:51) 

ئەكبەرجان ئۇستازغا رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-03-22 23:32
ئەنۋەرچەرچەن:تېما ئىگىسىگە رەخمەت. (2013-10-13 22:46) 

ئەنۋەر مۇئەللىمگىمۇ كۆپ رەھمەت ۋاختىدا كۆرمەي قاپتىمەن .كەچۈرۈڭ!!!

مىېھرىما 2014-03-22 23:33
tursun:بالىلارنىڭ قەلب-دۇنياسىنى چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم،بۇ يوللانمىنىڭ ئىگىسىگە بارىكاللا...! [ئىپادە]  [ئىپادە] (2013-10-12 12:46) 

بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئەسىرنى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كۆرگىنىڭزگە رەھمەت .

مىېھرىما 2014-03-22 23:34
koksangun:تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت،ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تېمىكەن،بالىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى بېرىمىز-يۇ،ئۆزىمىز ئوقۇغ .. (2013-10-13 23:45) 

سىزگە كۆپ رەھمەت  كۆكسانغۇن مۇئەللىم !  ۋاختىدا كۆرمە قاپتىمەن بۇ  ئىنكاسىڭىزنى .گالۋاڭلىقىمنى كەچۈرۈڭ.

مىېھرىما 2014-03-23 00:27
سىز بىلەن قانداق ئالاقلىشامەن.


查看完整版本: [-- مىېھرىما:ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ساداسىنى تىڭشاپ باقايلى! --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled