خام خىيال(ھىكايە)تۆتتاش
خام خىيال Yq+1kA
(ھېكايە) lB,1dw2(T
ئابلا راخمان تۆتتاش HN7CcE+l
ـ يولداشلار يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەكتەپ مۇدىرى ئەتىدىن باشلاپ مەكتىپىمىزگە رەسمى ئىشقا چۈشۈدىكەن،ـ دىدى چەتتىكى جوزىنىڭ ئالدىدىكى ئۇرۇنداقتا سىڭايان ئولتۇرۇپ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۋاتقان ئىگىز، ئەمما ئۇرۇق كەلگەن ئەمەت مۇئەللىم. j9p6rD -NBVUUAgN يېڭى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشقا چۈشۈشى توغرىلىق نەچچە قېتىم بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاخىرى خەۋەرنىڭ يالغان چىقىپ قالغانلىقىنى بىلگەن باشقا ئۇقۇتقۇچىلار ئىشەنچ قىلالمىغاچ ئەمەت مۇئەللىمگە تەڭلا سۇئال نەزىرىدە قاراشتى. ar3L|MN Ar`+x5
ـ بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىك، مېنىڭ مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە ئىنىم ئۇقتۇرۇشنى كۈرۈپتۇ، ئەتە مەكتىپىمىزگە كىلىپ ئىشقا چۈشكىدەك-دې دى ئەمەت مۇئەللىم بوينىنى خۇددى غازنىڭ بوينىدەك ئۇزۇن سۇزۇپ ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرىدىن مەمنۇن بولغىنىچە ئەتراپقا بىر قاراپ. T+kV~ w{ 6_CP?X+T ئۇشتۇمتۇت ئاڭلانغان بۇ خەۋەردىن ئىشخانىدا قۇرۇق پاراڭ سېلىشۋاتقان بىر نەچچە ئۇقۇتقۇچىلار بىر دەم ئىشەنمەسلىك نەزەرىدە بىر-بىرسىگە قارىسا، بىر دەم يېڭى مەكتەپ مۇدىرنىڭ مىجەز خۇلقى،كەسپى ساپاسى، باشقۇرۇش سەنئىتى، ھاراق ئىچىش-ئىچمەسلىكى، ئۇغۇل بالىدەك مىجەزىنىڭ بار- يوقلىقى توغرىسىدا ئەمەت مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن يەنە قانداق خەۋەرلەر چىقاركىن دەپ ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن تىكىلىپ ئولتارماقتا ئىدى. 8Zr;n`~ 2Ez دىمىسىمۇ مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئالمىشىش توغرىلىق پىتنە-پاساتلار تارقالغىلى نېكەم.لىكىن بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرى يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئالمىشىپ ئىشقا چۈشكىلى مانا بۈگۈن ساپ-ساق ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى.بۈگۈن كىلىدىكەن، ئەتە كىلىدىكەن دىگەن خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان بۇلۇپ چىققان ئىدى. F9K%f&0 a 1Cr&6 't ئۇقۇتقۇچى دىگەن ئاجايىپ بۇلدىكەن،بىر مەكتەپ مۇدىرى توساتتىن ئالمىشىپ خىزمەت ئورنى يۆتكەلسە تەبىلا ئۇنىڭ بۇرۇنقى مەكتەپ ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمىتىنى بىراقلا يوققا چىقىرىپ بارلىق دىققىتىنى يېڭىدىن كەلمەكچى بولغان مەكتەپ مۇدىرىغا يۆتكەيدىكەن. #@R0$x XkaREE كىم كىلدىغاندۇ؟ قانداراق ئىشلەيدىغاندۇ؟ شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىشىمىز كاپالەتكە ئىگە بۇلارمۇ؟ مەكتەپتىكى ھەق-ناھەق مەسلىلەردە پوزىتسىيىسى ئېنىق بۇلارمۇ؟...دىگەندەك مەسلىلەر ئۈچۈن نەچچە كاللا بىر يەرگە جەم كۇسۇرلىشىپ بىر نېمىلەرنى ديېشەتتى. ]G/m,Zv*: O' ـ ئاڭلىسام يېشى بىزدىن كىچىك ئىكەن، تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا بىر يىللىق ئۇقۇشىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەپتۇ، ئىسمىنى پەرھات ئابلېكىم دەيدۇ، كەسپى ساپاسى ئانچە ئەمەس ،لىكىن باشقۇرۇش سەنئىتى ناھايىتى ياخشىكەن، ئۇغۇل بالىدەك سۇرۇندارچىلىقىمۇ، خۇشاللىقىمۇ. ئاچچىقىمۇ خېلى باركەن،ئىشقىلىپ نەۋرە ئىنىمنىڭ دەپ بىرىشىچە ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەننى، ھەق-ناھەق مەسلىلىرىنى توغرا ئايرىيالايدىكەن دىدى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يەنە ئەمەت مۇئەللىم بۇزۇپ، |Y9>kXM l Jj4HJ9 بۇ گەپنى ئاڭلىغان بۇ بىر نەچە ئۇقۇتقۇچىلار بەزىللىرى يېڭى مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئىسىل خىسلەتلىرىدىن خۇشال بولسا ئىشلىمەي ياغ چاينايدىغانلارنىڭ چىرايى ئېچىلىپمۇ قويمىدى، بۇلۇپمۇ بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ دەرس ئۈتۈش تەس كىلىپ ئارقا سەپ خىزمىتىنى قىلىشقا ئالمىشىۋالغان تاقىر باش بۇيى پاكار چىرايى سېرىق داۋۇتنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا زورلاپ كۈلۈپ قۇيۇشقىمۇ ئۈلگۈدى. c+Q'4E0| &K ~k'P~m داۋۇت ئۈچۈن ئەڭ يامان بولغىنى يېڭى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بۇرۇن پەقەت تۇنۇشمايدىغانلىقى ھەم ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ماشىنىسى بارمۇ-يوقمۇ؟ئولتۇراق ئۆيى نەدە ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەنلىكى بولدى. چۈنكى مەكتىپىمىزدە پەقەت داۋۇتنىڭلا ماشىنىسى بار بۇلۇپ ئۇنىڭ ماشىىنىسى مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ بىردىنبىر قورالى ھىساپلىناتتى.داۋۇت بۇ ئۇچۇرلارنى ئەمەت مۇئەللىمدىن سوراشقا خىجىل بولدىمۇ ئەيتاۋۇر بىلىش ئۈچۈن ئاستا ئىشخانىدىن چىقىپ ئادەم يوق ئارقا مەيداندا ناھىيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان مۇناسىۋەت تورى كۆپ بولغان دوستى تايىرغا دەرھال تېلفۇن قىلىپ يېڭى مەكتەپ مۇدىرى پەرھات ئابلېكىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى ھەمدە ماشىنىسىنىڭ يوقلىغىنى بىلىپ بىر خىل ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ ئىچىدە بىر خىل مەنىسىز ناخشىنى توۋلاپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. TW|K.t@5#H '{&Q&3J_ ئەتىسى تاڭ سەھەردە داۋۇت ماشىنىسىنى ئىلگىركى ۋاقىتتىن نەچچە ھەسسە پاكىز ئېيتىپ خۇددى تۇيى بولغان يىگىتتەك ياسىنىپ ناشتىلىقنىمۇ چالا-بۇلا قىلىپلا كونا ئادىتى بۇيۇچە يېڭى مەكتەپ مۇدىرىنى- كەلگۈسىدىكى« قىيامەتلىك دوستى» نى ئالغىلى يۈرۈپ كەتتى. ئۇ مۇدىرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا نەچچە سائەت تۇرسىمۇ لېكىن مۇدىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنەي دېمەيتتى. داۋۇت بىر خىل ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە تاقەتسىزلىنەتتى. «-پەيتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك،-دەيتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ،-بۇنداق پۇرسەتلەردە سەۋرچان بولماي كەتكۈزۈپ قويساڭ، مۇدىرنى ‹خالتاڭغا سولاش› پىلانىڭ ئەمەلگە ئاشمايدۇ!» ئۇ ئەشۇلارنى ئويلىنىغىچە يانفۇننىڭ سائىتىگە دەممۇ-دەم قاراپ قوياتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزى مۇدىرنىڭ ئۆيى تەرەپتە بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن پىكر-خىيالى مۇدىر بىلەن بولغان يېقىنچىلىقتىن كېلىدىغان كۆڭۈللۈك دەملىرى ھەققىدىكى شىرىن تەسەۋۋۇرلار قاينىمىدا ئۈزەتتى.ئەنە بۇغداي ئۆڭ، قوشۇما قاش، چېچىنى رەتلىك تاراپ، يارشىملىق كاستۇم –بۇرۇلكا كىيگەن مۇدىر كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ.ئەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. «-مۇدىر سىلىنى ساقلاپ تۇرغان، قېنى ماشىنىغا!-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنىڭ كېپىنكىسنى ئاچتى.-تېخى ناشتا قىلمىغانلا، ئاۋۋال تامىقى ئوخشايدىغان بىرەر يەرگە بارايلىمۇ؟» مۇدىر مەنىلىك كۈلۈمسىرەپ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ قويدى. بۇنى ئۇ «سىز بولىدىغان، ئشەنچلىك كادىركەنسىز،بۇندىن كېيىنكى ئىشلاردا ماڭا يېقىن تۇرسىڭىز زىيان تارتمايسىز»دېگەن مەنىدە چۈشىنىپ، ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى. مۇشۇنداق بىر مۇدىرنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىۋالسا، ئۇ ئۆسمىگەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق جاپا تارتماي، جان باقىدۇ دېگەن گەپ! ئىشنىڭ يولى دېگەن مۇشۇ-دە! PR:k--)D JEUU~L; تۇيۇقسىز سايرىغان يانفۇنى ئۇنىڭ شىرىن خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ ئالدىراپ تېنەپ تېلفۇنىنى ئالدى. #{i*9' sSM"~_y\ ـ ۋەي، داۋۇتما، نەدە سىلە ئاداش؟-تېلېفۇندىن ئىشخانىدىكى قاسىم ئىسىملىك خىزمەتدىشىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئاڭلاندى،- تېخىچە مۇدىرنى ساقلاۋاتقان ئوخشىمامسىلە؟ تازا قاملاشمىغان ئىش قىلىدىكەنسىلە ئاداش، مۇدىر كېلىپ بولغىنى نەۋاق، باياتىن تېخى ھەممە ئوقۇتقۇچىلاغا يىغىن ئېچىلدى، بىر سىلىلا يوق، يېرىم كۈن ئىش قالدۇرغان قاتاردا بىر تەرەپ قىلىندىغان بولدۇڭلار!..... .. `I<2 >eJ<-3L; داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا خىزمەتدىشىنىڭ كېيىنكى گەپلىرى كىرمىدى، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە خىزمەتداشلىرىنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى ئاڭلىنىۋاتقاندەك بىلىنىپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى، شۇ تاپتا پۈتۈن جىسمىدا جان قالمىغاندەك ھېس قىلغان داۋۇت ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنچە ماشىنسىنىڭ كېپىنكىسىگە ئۆزىنى ئاتتى... I G1];vX L\Se ,
2013-يىل 4-ئۆكتەبىر 8^7Oc,:~
توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا dGKo!;7{
|