查看完整版本: [-- 2014-يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇچۇرلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> 2014-يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇچۇرلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2013-10-01 23:20

2014-يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇچۇرلىرى

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 29-،30-كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى،ئۇقتۇرۇش ۋە تەكلىپكە بىنائەن خېجىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن 8 نەپەر ئوقۇتقۇچى بۇ يىغىنغا قاتناشتۇق ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يۈزلىنىشى ھەققىدە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئەتراپلىق تەييارلىغان لېكسىيىلىرىنى ئاڭلىدۇق،بۇ يىغىننىڭ خاتىرىلىرىنى كۆچۈرۈۋالغىنىمىز بۇيىچە كەڭ تەۋپىقداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ، بولۇپمۇ 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىممىتى بار دەپ قاراپ مۇنبەرگە يوللىدىم، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئۇستازلارغا ئاز بولسىمۇ پايدىسى بولسا ئەمگىكىمىزدىن خۇشاللىق تاپقان بولاتتۇق.
تۆۋەندە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى ھامۇتجان ھېكىمنىڭ لېكسىيسىنىڭ ئورگىنالىنى يوللىدىم... 
2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي تەكرارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى قاراشلىرىم
 
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى     
ھامۇتجان ھېكىم
 

تىل-ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارى ئادەتتە چوڭ جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تەكرارى،تېكست تەھلىللىرى ئومۇمىي تەكرارى،ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش بۆلىكىنىڭ تەكرارى،يېزىقچىلىق ئومۇمىي تەكرارى ۋە ئونىۋېرسال تەقلىدىي سوئال ئىشلەشتىن ئىبارەت بەش مەزمۇن بويىچە پىلانلىنىدۇ  .

 

ئۇيغۇرتىلى
I    فونېتىكا

 (‹‹پروگرامما›› دا، ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىلىرىنى  چۈشىنىش›› دېگەن تەلەپ بار. ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېتىكىلىق قائىدىلەر؛

1.تاۋۇشلارنىڭ ماسلشىشى (سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىشى؛ ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق- جاراڭسىزلىق بويىچە ماسلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇلار ئاساسەن‹‹د ـــ ت ، غ ـــ ق ، گ ـــ ك ›› تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر بىلەن بۇ تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلاردا كۆرىلىدۇ. )

2.بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى                  

‹‹ئا،ئە››تاۋۇشلىرىنىڭ ‹‹ئې،ئى››تاۋۇشلىرىغا ئاجىزلىشىشى ئاخىزلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرى:                              

1)  بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئەسلىدىكى بوغۇم ئوچۇق بوغۇم  بولۇپ، ئوچۇق بوغۇم ھالتىدە تۇرىۋەرگەن ياكى ئەسلى يېپىق بوغۇم بولۇپ، قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن يېپىق بوغۇم ئوچۇق بوغۇمغا ئۆزگەرگەن بولۇش.

2)       ‹‹ئا،ئە››تاۋۇشلىرىدىكى ئۇرغۇ كېيىنكى بوغۇمغا كۆچكەن بولۇش.

3)       بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردىكى ‹‹ئا،ئە›› تاۋۇشلىرى  ئۇرغۇ كۆچمىگەنلىكتىن  ئاجىزلىشىشى كۆرۈلمەيدىغان بىرقىسىم سۆزلەر:

نال ــ نالى،جايى،ھالى،رايى،زاتى يادى،تاجى،سازى،قارى ،جاسى مولېكۇلاسى،فورمۇلاسىچېگراسى،ئەۋلىياسى، ئوپېراسى، پاپاسى(رىم) مۇزىكانتى، تىلشۇناسى، ساپاسى، قورامى، قۇياشى، قورالى، تەلىماتى. تەۋەسى، ساھەسى، شىرەسى، قىتئەسى، مەۋقەسى، كەشى، خەجى،

بۇ مەزمۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىدا تۆۋەندىكىدەك كۆرۈلگەن:                     

2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ سوئالىدا،7-سوئال،فونېتىكا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: دېگەن سوئالدىكى Dتاللاشتا:

ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا ‹‹ئا،ئە››  تاۋۇشلىرى بولسا،شۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا ئەسلىدىكى يېپىق بوغۇملۇق سۆز يېپىق بوغۇم بويىچە قېلىۋەرگەندە،سۆز ئاخىرىدىكى ‹‹ئا،ئە›› تاۋۇشلىرى ‹‹ئى›› تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.

خاتالىق:

‹‹يېپىق بوغۇملۇق سۆز يېپىق بوغۇم بويىچە قېلىۋەرگەندە...›› دېگەندە خاتالىق كۆرۈلگەن.

2012-يىللىق سوئالدا نەزەرىيىدىن بىر سوئال،2011-يىللىق سوئالدا نەزەرىيىدىن ئىككى سوئال كۆرۈلگەن.

3) تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە قوشۇلۇپ قېلىشى

4) ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى

 

يېڭى ئىملا قائىدىسى

 1. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندا بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا ئىكەنلىكىگە قاراپ تۇرۇپ ؛ كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە ئاخىرقى  بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا ئىكەنلىكىگە قاراپ  تۇرۇپ   شۇنىڭغا ماس ھالدىكى قوشۇمچىنى  قوشىمىز .  مەسىلەن :

بېغىڭىزلار  ، قويىڭىزلار ، دەزمىلىڭىزلار ، پەيتونۇڭىزلار بېتىڭىزلەر ، گۈلىڭىزلەر ، يۈكىڭىزلەر ، سۈتىڭىزلەر لۇغىتىڭلەر ، پېچىتىڭلەر ، ئەتتىرگۈلۈڭلەر ،ئورىكىڭلەر ، باقتىڭىزلار ، باقسىڭىزلار ،يېتىڭىزلار ، ياتسىڭىزلار ، ساقلىڭىزلار ، ساقلىدىڭىزلار ، ساقلىسىڭىزلار ،ئوڭلىدىڭىزلار ،ئوڭلىسىڭىزلار ، كۈلۈڭلەر ، كۈلدۈڭلەر ، كۈلگەيلە ،ئىشلىدىڭلەر ، ئىشلىگەيلە ،يۈكلەڭلەر ،يۈكلىڭىزلەر ، يۈكلىگەيلە ، يۈكلىسىڭىزلەر ،

 2. ئارا سوزۇق تاۋۇشتىنلا تۈزۈلگەن بىر ۋە كوپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇش قائىدىسى :

تەركىبىدە «خ،غ، ق» بولغانلارغا قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋاريانتى قوشۇلدۇ . مەسىلەن :

خىشلار، خىشلىق، بىخلار، خىزىردا، خىزىرلىق، پىخسىققا، پىخسىقلىق، تىغدا، تىغلىق، زېغىرلىق، چىغرىققا ، غېرىچلىق، غېرىچتا، قىرلار، قىرلىق، ئسسىققا، ئسسىقلىق، قىلسا، قىلسۇن ..

تەركىبىدە «گ، ك» تاۋشلىرى بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدىلىق ۋاريانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن :

كىيىملەر ، كىيىملىك ، كىرپىككە، كىرپىكلىك ، كىيگەن، كىيىڭلەر، ئېگىزلىك، ئېگىزلىڭىزلەر ...

بىر قىسىم چەتتىن كىرگەن سۆزلەر بۇ قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ. مەسىلەن: كېلۋىنلىق، كېدىرلىق، گېپىستا، گېپىسقا، گېپىسلىق.

تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە «گ، ك» ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولمىسىمۇ قۇشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋشلۇق شەكلى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن :

بىزگە، بىزدە، بىزلەر، سىزلەر، بىردە، بىرلەر، ھىملىمەك، تېزلەشمەك، بىلىڭلەر، مىنگىلى، مىنىڭلەر، ئىچكۈز، ئىچىڭلەر، ئىچكەن ، ئىلىمگە، ئىلىملىك، جىددىيلەشمەك، جىددىيلىك، ئىنتىلىڭلەر، چىرىتىڭلەر، بىھىلىك، سېھىرلىك، ئېڭىشىڭلەر، چىشلار، چىشقا، ئىزلار، ئىزغا، ئىشلار، چىشلىق، چىشلەڭلەر، چىشلىگەي، ئىزلەڭلەر، ئىزلىگەي، ئىشلەڭلەر، ئىشلىگىلى.  سەلبىيلىك، قەبىھلىك، مۇئەللىملىك، ئىنتىلىڭلەر، ئىڭىشكەي.

تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا «غ ، ق» تاۋۇشلىرى كەلسە «لىق ، لىك» قوشۇمچىلىرىنىڭ تىل ئارقا ۋاريانتى بولغان «لىق» شەكلى قۇشۇلىدۇ: مەسىلەن :

ھەقىقىيلىق، مۇستەقىللىق، ئەقىللىق، مەنتىقىلىق  شېھىتلىك (شە和ھىت + لىك)، سېمىزلىق، يېلىمل

(قائىدىگە زىت ئەھۋاللارغا دۇچ كەلسەك، تىل ئادىتىمىز بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز.) ئىنگىلىزچىدە، نېمىسچىدە.

 3. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ( ئاجىزلىشىشى )

ئاخىرقى بوغۇمى «ئە» بىلەن تۈزۈلگەن ئوچۇق بوغۇملۇق  تۇرغۇن سۆزلەردە ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا كۆچسە «ئە» تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ، ئۇرغۇ كۆچمىسە نۆۋەتلەشمەيدۇ:

نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى:

پارىسى، پەدىسى، پەللىسى، ئاغىنىسى، ئاھالىسى، ئالاقىسى، مۇسابىقىسى، مۇندەرىجىسى،

نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى:

تەۋەسى، ساھەسى، قەھۋەسى، شىرەسى، لەۋھەسى، قىتئەسى، كۈرەسى، مەزەسى، مەزەگە، مەۋقەسى، ۋەقەسى، پاجىئەسى، ئەسلىھەسى، مەتبەئەسى، گۈلقەقەسى، ئېلىپبەسى، مەجمۇئەسى، مۇداپىئەسى، مۇئەسسەسى،

ئاخىرقى بوغۇمى «ىىيە» شەكلىدە تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا بوغۇم ئاخىرىدىكى «ئە» تاۋۇشى «ئى» گە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن: نەزەرىيەسى، نەزەرىيەگە. ئىدىيەسى، ئىدىيەگە.

كەشى، نەسەبى، مەسلىھەتى، نەسىھەتى.

ئاخىقى بوغۇمى «ئا» بولغان سوزلەردىكى نۆۋەتلەشتۈرۈلمەسلىك ئەھۋالى:

مولىكۇلاسى، پىلانىتاسى، راكېتاسى، فورمۇلاسى، چېگراسى، 

نۆۋەتلىشىدىغانلار: خۇمار ‐ خۇمىرى، ئابزاس ‐ ئابزىسى، زاپچاس ‐ زاپچىسى، كومپاس ‐ كومپىسى، بەنجاڭى، دادۈيجاڭى، شىپاڭى، ماجاڭى.

 4. ئېنىقسىز  كەلگۈسى زامان پېئىلىنىڭ  ۋە پۈتكەن سۈپەتداشنىڭ سوراق شەكلى ئۈچۈن «مۇ» ئۇلانمسى قوشۇلغاندىن كېيىن  ياردەمچى پېئىل «ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» لە كەلسە ، «مۇ» ئۇلانمىسىدىكى «ئۇ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

كېلەر+مۇ +ئىدى = كېلەرمىدى، بارار+مۇ+ئىدى=بارارمىدى، ساتار+مۇ+ئىدى= ساتارمىدى، تونۇغان+مۇ +ئىدى=تونۇغانمىدى

 5. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى:

سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن:

ئاتسا، ساتسا، قاچقۇن، ئىچمەك، چاچسا، توشسا، قوشسا، ساقلا، ۋاقلىق، كېرەكلىك، تۈۋرۈكلۈك، چىرايلىقراق، ياتىقى، ئاتىقى، تىلىكى، پىلىكى، تەكلىپى، ئارخىپى، باجدا، كەچتە، قاقتا، تەكتىن، ھېسابقا، كىتابتا، ئىقتىسادتا، مۇرادقا، پادىشاھقا، ئارامگاھتا، باغقا، تۇغقان، ئەگكەن، بەگكە.

 6. «ي» تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى:  پولۇيۇم، توخۇيۇم، چەيدۇيۇم، ئىملايىم، سۈيۈم

روس تىلى ۋە روس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن «-ىئا، -ىئو» قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونتىكىلىق قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ئۈزۈك تاۋۇش «ي» قوشۇلىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

پىيانىنو، رادىيو، دىيامېتىر، تىياتىر، دىيالوگ، ماتېرىيالىزم، سوتسىيالىزم، ئاككوردىيون، دىيالېكت

 

 

 7. بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى:

قوشۇپ يېزىلىدۇ:  مۈشۈكياپىلاق، ئىشقىلىپ، جاھانكەزدى، قاراماي، قاراشەھەر، قارىمۇچ، قارىقات، بالىياتقۇ، باغۇبوستان، ئەيشۇئىشرەت، دادۇپەرياد، خىلمۇخىل، قاتمۇقات، ئۈستمۇئۈست

 

ئىككىنچى تەركىبى «ب» بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بوغۇم بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى «ۋ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، ئىملادا «ب» شەكلىدە يېزىلىدۇ.

ئونبېشى، موزايبېشى، بەلباغ، پاينەكباش، قاپاقباش، يۇمشاقباش، ئۈستىباش، يېڭىباشتىن، كۆكباش، كاتتىباش، ئىشتانباغ، گۈلباغ، دۆلەتباغ، مارالبېشى، سايباغ، شامالباغ، ئەمەتباقى، توختىباقى، ئابلاباقى.

( دەرسلىك كىتابتا يەر-جاي، ئادەم ئىسىملىرىدا ئىككىنچى تەركبتىكى «ب»  «ۋ» غا نۆۋەتلەشمەيدۇ، باشقا سۆزلەردە نۆۋەتلىشىدۇ، دېيىلگەن ، بۇ يېڭى ئىملا قائىدىسىدە ھەممىلا سۆزدە نۆۋەتلەشتۈرۈشكە بولمايدىكەن.  بۇ جاي دەرسلىك كىتاب مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس، قايسىنى ئاساس قىلىدىغان گەپكىن؟! )

8. بىر قىسىم پېئىللارنىڭ ئىملاسى:

 ئال+ىپ +دۇر +مەن = ئاپتىمەن

بول+ۇپ +دۇر+مەن = بوپتىمەن

چال+ىپ+دۇر+مەن = چاپتىمەن

سال+ىپ+دۇر+مەن =ساپتىمەن

سال+ىپ   بول+ۇپ+دۇر+مەن + سېلىپ بوپتىمەن

كەل+ىپ   قال+ىپ+دۇر +مەن =كېلىپ قاپتىمەن .

ئال+ىپ +ئال+ىپ = ئېلىۋېلىپ

ياز+ا+لا+دۇر+مەن= يازلايمەن

ئىشلە+ي+ئال+ا +دۇر +مەن = ئىشلىيەلەيمەن

تاشلا +پ+ئات = تاشلىۋەت

ياسا+پ+ئات = ياسىۋەت

ياز+ا+بەر = يېزىۋەر

دە+ي+بەر = دەۋەر

ئىشلە+ي+بەر = ئىشلەۋەر

 9. ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى :

«ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلسە ئالدىدىكى سۆزدىن ئايرىپ، پېئىللار بىلەن بىللە كەلسە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

كىتاب ئىدى، ئالتە ئىكەن. شۇنداق ئىمىش.  

ئوقۇغانمىش، بارماقچىدى، ئوقۇيدىكەن،

 «مۇ ، ما ، غۇ ، چۇ ، قۇ، ئا ، ئە ، زە ،لا» ئۇلانمىلىرى سۆز يىلىتىزىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ . «د ە ، ھە ، يۇ» ئۇلانمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: ئالدىڭىزمۇ؟

شۇنداق ئويلاپسەن-دە، كەلدۇق-ھە، باردى-يۇ كۆرۈشمىدى.

10. چەتتىن كىرگەن سۆزلەر ئىملاسى: 

رۇس فامىلىلىرىدىكى «-ئوۋ، -ئېۋ، -يېۋ» قوشۇمچىلىرىدىكى «ۋ» تاۋۇشى «ف» بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

تۇگېننېف، لېف تولىستوي.

11. قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى:

ئەرەپ تىلدىن قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم ئەسلى سۈپەت سۆزلەرگە ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە «ي» قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

بەدئىي، مەنپىي، ئىجابىي، سەلبىي، ئاددىي، مەخپىي، ئەشەددىي، ئالىي، سەمىمىي، تەبئىي، تەپسىلىي.

ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق سۆزلەر

ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆت تاۋۇشتىن تۇزۇلگەن

بىر بوغۇملۇق سۆزلەر

ئاست، ئانت، ئەپت، ئەرز، ئەرش، ئەرك، ئەكس، ئەمر، ئەھل، ئەۋج، ئەيش، بەخت، بەخش، بەرق، بەرگ، بەست، بەند، بەھر، بۇرج، بۇرچ، پارس، پەرت، پەرز، پەرق، پەزل، پەند، پەيت، پەيز، پەيل، پوست، پۇشت، تارت، تاكت، تەپت، تەخت، تەرك، تورت،تورق، تۈرك، جەلب، جىنس،چورت،چىرس، خارت، خەلق، خەۋپ، خەير، خۇلق، داڭق، دەرد، دەرس، دەشت، دەۋر، دوست، ،راست، رەخت، رەنج، زەرب، سەۋر، سەير، سورت، شارت، شەرت، شەرق، شەرم، شەرھ، شەيخ، شپات، شتاپ، شتات، غەرب، غەرق، غۇرت، قارت، قەتل، قەھر، قەيت، قەلب،قەنت، قەرز، قەست، قوۋم،قۇرب، گۇرس، گىرب، لەۋز، مارت، مارس، مەرد، مەست، مەڭز، مەۋج، مۇشت، نەپس، نەرخ، نەزم، نەسر، نەشر، نىسپ(تۇن نىسپى)، ھايت،ھەجۋ، ھەرپ، ھۆسن، ئشق، ھېيت، ئۆرپ-ئادەت، ئۈست، ئىرق (موڭغۇل ئىرقى )، يۇرت، كەنت، كۆكس، كۇرس،كۇرت، كەين، كران،كەيپ .

ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش چۈشۈپ قالىدىغان سۆزلەر:

1.ئەجىر(ئەجرى)           2 .ئەقىل(ئەقلى)    3.بۇرۇن (بۇرنۇڭ)   

4.پەخىر(پەخرى)           5.پەسىل (پەسلى)    6.پىكىر (پىكرى)    

7.جىسىم (جىسمى)   8. زېھىن (زېھنى)    9.شەكىل (شەكلى)  
10.مېھىر (مېھرى)     11.مىكىر (مىكرى)   12.ئوغۇل (ئوغلى)  

13.ئۆمۈر (ئۆمرى)        14.ۋاقىت (ۋاقتى)    15.ۋەسىل (ۋەسلى)

16.ئىلىم (ئىلمى)   17.ئىسىم (ئىسمى)  18.قىسىم (قىسمى) 

19.قويۇن (قوينى)     20.سىڭىل (سىڭلى) 21.ھۆكۈم (ھۆكمى)  

22.كۆڭۈل (كۆڭلى)  23.ئورۇن (ئورنۇم)        24.سېھىر (سېھرى)

25.چىھىر (چىھرى)    26.قەدىر (قەدرى)    27.كەسىپ (كەسپى)

28.جەبىر (جەبرى)    29.زۇلۇم (زۇلمى)   30.ھەجىم (ھەجمى) 

31.بويۇن (بوينى)      32.مۈلۈك (مۈلكى)  33.رەھىم (رەھمى) 

34.رىزىق (رىزقى)      35.ۋەزىن (ۋەزنى)    36.نەسىل( نەسلى)

37. ئاغىز (ئاغزى)    38. باغىر ( باغرى ) 39. ئىلىك(ئىلكى)

40. قارىن (قارنى)

 

ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر :

باھا-باھايىم ،      پەلتۇ-پەلتۇيۇم ،

پولۇيۇم ،           تىللا-تىللايىم ،

دۇئا –دۇئايىم ،       سۇ-سۈيى ،

سۇلۇ –سۇلۇيۇم ،       غىزا-غىزايىم ، 

كولباسا-كولباسايىم ،   كىرا-كىرايىم ،  گاڭبى-گاڭبىيىم، ماتا-ماتايىم،  مۇميا –مۇميايىم، مىسرا-مىسرايىڭ، ئوقيا-ئوقيايىم، ئىشتاھا –ئىشتاھايىم، ئىلتىجا – ئىلتىجايىم، ئىمزا-ئىمزايىم،  ئىملا –ئىملايىم، ئىنشا –ئىنشايىم، ئىما-ئىمايىم، ئوقيا –ئوقيايىم، يامبۇ –يامبۇيۇم، توخۇ -توخۇيۇم، 

ئارزۇ -ئارزۇيۇم، جازا -جازايىم، يەئىلدى-يېيىلدى. دەئىلىدى-دېيىلدى، يۇئۇلدى-يۇيۇلدى، دە-دېيىش، يە-يېيىش، يۇ-يۇيۇش، 

 

Ⅱ لېكسىكا

مەزمۇن:لۇغەت تەركىبى،سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىلىرى ،سۆز ۋە سۆز مەنىسى،سۆزنىڭ  ئەسلى   مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى،بىر مەنىلىك ۋە كۆپ مەنىلىك سۆزلەر، مەنىداش سۆزلەر،شەكىلداش سۆزلەر،قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر،تۇراقلىق تەركىبلەر...

سوئال شەكلىللىرى:  

تاللاش،بوش ئورۇن تولدۇرۇش،كۆنۇكمە ئىشلەش سوئالى...      

مەسىلەن:

2011-يىللىق (نەزەرىتە 2،جۈملە2)، 2012-يىللىق (نەزەرىيە1،جۈملە3)، 2013-يىللىق (نەزەرىيە1،جۈملە3). 2013-يىللىق 8-سوئال، ‹‹لېكسىكا ھەققىدە ئىيتىلغانلاردىن خاتاسى:›› دېگەن سوئالنىڭ A،B سىدا خاتالىق كۆرۈلگەن: A دىكى: ‹‹بىز كۆرۈۋاتقان يورۇقلۇق ــ قۇياش نۇرى بىلەن قەلب نۇرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان .شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى نامايان بولغان.›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹مەنىداش سۆز قوللنىلمىغان›› دېيىش خاتا، چۈنكى، مەزكۇر جۇملىدىكى ‹‹يورۇقلۇق›› دېگەن سۆز بىلەن‹‹نۇر›› سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر بولالايدۇ.Bدىكى: ‹‹دوستۇڭغا سادىق بول،دوستلۇق گۈلشىنىنى گۈللىتىسەن، دۈشمەنگە پايدا يەتكۈز،دۈشمەنلىك زىيىنىنى كۆرمەيسەن›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹بىر  سۆز   كۆچمە   مەنىدە      كەلگەن›› دېگەن ھۆكۈم خاتا. چۈنكى، بۇ جۈملىدىكى ‹‹گۈلشىنىنى،گۈللىتىسەن›› دېگەن ئىككى سۆز كۆچمە مەنىدە كەلگەن. Cجاۋابتا، سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى بىلەن كۆپ مەنىسى ھەققىدىكى نەزەرىيە ئالماشتۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇمۇ خاتا، ABCلارنىڭ ھەممىسى خاتا،ئۈچ جاۋابنىڭ ھەممىسىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ.

 

 Ⅲ مورفولوگىيە

مەزمۇن:مورفېما،سۆزنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاراپ بۆلۈنۈشى،سۆز تۈركۈملىرىگە ئائىت نەزەرىيىۋى بىلىملەر ۋە جۈملە،پارچە تەھلىللىرى...

 سوئال شەكىللى:

تاللاش، بوش ئورۇن تولدۇرۇش،كۆنۈكمە ئىشلەش...

مورفولوگىيەدىن يۈزلىنىش بولۇۋاتقان يېڭى سوئال شەكلى:

2013-يىللىق كۆنۇكمە سوئالنىڭ18-،1)‹‹دان›› دېگەن مورفېمىنى بىر جۈملىدە تۈپ سۆز قىلىپ، بىر جۈملىدە ياسالما سۆزنىڭ تومۇرى (يىلتىزى) قىلىپ، بىر جۈملىدە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قىلىپ بىردىن جۈملە تۈزۈڭ. (3نومۇر). 2012-يىللىق سوئالدا ‹‹-ئەن›› قوشۇمچىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالما سۆز ياساڭ. بىر جۈملىدە مۇستەقىل سۆز، يەنە بىر جۈملىدە ياسالما سۆز رولىدا كەلتۈرۈپ جۈملە تۈزۈڭ. ( 3نومۇر). قوشۇمچىلار جەدۋېلىگە قارىلىدۇ.

 

Ⅳ سىنتاكسىس

مەزمۇن: جۈملە ۋە جۈملىلەرنىڭ تۈرلىرى، ئاددىي جۈمللىلەرنىڭ تۈرلىرى، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى، جۈملە بۆلەكلىرى، مۇرەككەپ جۈملە ۋە تۈرلىرى، جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر، كۆچۈرمە جۈملە ۋە ئۆزلەشتۈرمە جۈملە، تىنىش بەلگىلىرى.

2011 — 2013-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق سوئالدىكى تۆت تارماق سوئالنىڭ ھەممىسىدە جۈملە تەھلىلى بولۇپ، نەزەرىيەدىن چىقىرىلمىغان.

 

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى
تەكرار مەزمۇنلىرى (11 تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە، 5 خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى)

ئىستىلىستىكا ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئائىت مەزمۇنلار

تاللاش سوئاللىرى، بوش ئورۇن سوئاللىرى، كۆنۈكمە ئىشلەش سوئاللىرى، تەھلىل قىلىش سوئاللىرى، تاللاپ جاۋاب بېرىش سوئاللىرى (ئەدەبىي ئەسەر قىسمى) ۋە يېزىقچىلىق سوئاللىرىدا چۈشىنىپ پەرقلەندۈرۈش، تەھلىل قىلىش، ئاددىي قوللىنىش ۋە ئۇنىۋېرسال قوللىنىش شەكلىدە كۆرىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

 

تېكىستلەر تەھلىلى
زۆرۈر دەرسلىك 1— 5 كىچە تېكىستلەرنىڭ تەھلىلى.

1. شېئىرلار:

تېكىستلەر: 1.«غەزەپ ۋە زار» 2.«يىللارغا جاۋاب» 3.«يۇلتۇزلار يۇرتى» 4.«بۈگۈن ۋە ئەتە» لار.

مەزمۇن: شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ۋەزىن تۈرلىرى، ئارزۇ ۋەزىنلىك شېئىرلارغا ئائىت بىلىملەر، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىللىرى.

بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسەن تاللاش، بوش ئورۇن ۋە كۆنۈكمە سوئاللىرىدا كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ.

2. نەسىرلەر:

تېكىستلەر: 1.«ئانا تىلىم» 2.«نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» 3.«گۈل ناخشىسى» 4.«كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى 5.«دېڭىز سەپىرى» 6.«‹ئات› بىلەن ‹ئات مىنگەن كىشى›» 7.«ھاياتقا مۇھەببەت» 8.«ئىنساپ سودىگىرى»

مەزمۇن: نەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باغلاپ، تەھلىل قىلىش، ئاپتورى، دەۋرى، مەركىزىي ئىدىيەسى ۋە بەدىئىيلىكى

سوئاللار: تاللاش، بوش ئورۇن، تەھلىل.

3. ئىپىك ئەسەرلەر («نەسرىي ئەسەرلەر» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ):

ئىپىك ئەسەرلەر (ھېكايە، پوۋېست، رومان) ئۈچ يىللىق ئىمتىھاندا نەسىر قاتارىدا «نەسىرىي ئەسەرلەر» دەپ ئېلىنىپ، ئېپىك ئەسەرلەردىن ئىبارەت چوڭ تۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەزمۇنى ۋە رولى سەل قارىلىۋاتىدۇ.

تېكىستلەر: 1.«بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ» 2.«ئاقچۇق سېيىدا» 2.«دولان ياشلىرى» 4.«شىراق» 5.«ئوۋچى ئەسلىمىلىرى» 6.«ئالا ئىت قىياسى»

مەزمۇن: ئاپتور، دەۋر، پېرسۇناژ، ۋەقەلىك، مەركىزىي ئىدىيە، بەدىئىيلىك.

سوئال: تاللاش، تەھلىل قىلىش

 

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى
بۇ مەزمۇن «شېئىرىي ئەسەرلەر» دېگەن تۈر ئىچىدە سوئالدا چىقىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئايرىم سوئال چىقىرىلىشى كېرەك.

تېكىستلەر: 1.«ئاتىلار سۆزى» 2.«ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا» ـــــ (يۈسۈپ خاس ھاجىپ) 3.«پارچىلار» ــــ (ئەھمەد يەسەۋى) 4.«غەزەل» ـــــ (رەبغوزى) 5.«ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا» ــــ (ئەلىشىر نەۋائى) 6.«كاشىغەر» ــــ (گۇمىنام) 7.«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» 8.«ئاتا» ـــــ (ئابدۇللا پوسكامى) 9.«كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى»

مەزمۇن: ئاپتورى، دەۋرى، ئەسەر ۋە تارىخى، مىسرا تەھلىللىرى، ئىدىيەۋى ھېسسىيات، بەدىئىي ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار.

سوئاللار: تاللاش، بوش ئورۇن، كۆنۈكمە ئىشلەش

 

سەھنە ئەسەرلىرى
بۇ مەزمۇن «نەسرىي ئەسەرلەر» نوقتىسىدىن سوئال چىقىرىلىۋاتىدۇ.

تېكىستلەر: 1.«مۇقام ئۇستازى» 2.«گۈلدۈرماما»

مەزمۇن: دىراممىغا خاس ئالاھىدىلىك، ئاپتور، دەۋر، پېرسوناژ، مەركىزىي ئىدىيە تەھلىللىرى.

سوئال: تاللاش (2012،2013) نىڭ بىر تۈرى بولۇپ سوئال چىقىرىلغان.

 

قوللىنىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر
1. نۇتۇق:

 «مېنىڭ ئارزۇيۇم»، «يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى».

2. ساياھەت ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى:

«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلوبىدىكى قەشقەر»، «پارىژغا ساياھەت»

3. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى:

«ھايۋانلارنىڭ ئوينىشىدىكى سىرلار»، «قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ»، «بىر فىزىكنىڭ تەربىيەلىنىش جەريانى»، «جانلىقلار جەمئىيىتى»، «ئادەم بەدىنىنىڭ قورغىنى ـــ تېرە»، «يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»

4. مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەر:

«كىيىم-كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى»، «ئەكېلىشپەرۋەرلىك»، «تىل-ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا»

5. ئەدەبىي تەرجىمھال:

«كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى»، «يۈرىكىم يىغلايدۇ»، «ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇلار قىسسىسى»

6. ئەدەبىي ئوبزور:

«زۇلمەتلىك يىللاردىكى ئوت يۈرەك شائىر»، «مۇھەممەد باغراش ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى»

7. ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلار

«ئاتاقلىق مۇقامشۇناش تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ تارىخى ‹دۇنيا مۇزىكا قامۇسى› غا كىرگۈزۈلدى»، «كېلەچەككە تۇتاشقان رىشتە»، «ئوسۋىتىسىمدا خەۋەر قىلغۇدەك ھېچنىمە يوق».

يېزىقچىلىق تەكرارى بىلەن ئۇنىۋېرسال تەكرار «تولۇق 3-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى» دە تەپسىلىي بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئايرىم توختالمىدۇق. شۇ مەزمۇنغا قارىغايسىلەر.

 

 

تولۇق 3 – يىللىقلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى
 
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھانى ھەش - پەش دېگىچە ئۈچ يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 2011 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە بولغان بۇ ئۈچ يىللىق سوئال، ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات سوئالىنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنىڭ دەسلەپكى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتىكى قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنىڭ يىلدىن يىلغا مۇكەممەللىشىپ ۋە مۇقىملىشىشى، ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي تەكرارى ئۈچۈن ئېنىق نىشان بەلگىلەپ بەردى. مەزكۇر نىشاننى چۆرىدەپ ئۈنۈملۈك تەكرار ئېلىپ بېرىش مەقسىدىدە تولۇق 3 - يىللىقلار تىل - ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

1. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە يېڭى دەرسلىك بويىچە ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھاننىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ھەققىدە

«تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى» دىكى، دەرسنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىدە: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ... تىل - ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىنىش قابىلىيىتى، ئېستېتىك قابىلىيىتى ۋە ئىزدىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەكشى ۋە خاس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ... » دەپ يېزىلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى بۇ ئاساسىي ئىدىيەنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئومۇمىي ساپاسى ھەققىدىكى  بۇ ئاساسىي ئىدىيە ئالىي  مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارىدا ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى چوقۇم جارى قىلدۇرۇشى زۆرۈر. تىل - ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىنىپ يولغا قويۇلىدىغان دەرس تەكرارلاش جەريانىدۇر. ئاساس مائارىپنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي تەكرارى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ھالقا بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاساسىي مائارىپنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، ئاساسىي مائارىپنى ئورتاق قىممەت يۈزلىنىشىگە ئىگە قىلىپ، مائارىپنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئومۇمىي تەكرارى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك خۇلاسىلاش، تولۇقلاش، ئۆزئارا كىرىشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال قوللىنىشنى مەشىق قىلىش ھەمدە بۇ خىل ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدۇر، يەنى ئومۇمىي تەكرار جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئومۇمىي گەۋدە ھالىتىدە مۇستەھكەملەپ، قوللىنىش ئارقىلىق ئەقلىي تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە تىل - ئەدەبىيات ساپاسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ، ئۆزلىرىدە ياخشى خاراكتېر ۋە توغرا قىممەت قارىشى يېتىلدۈرىدۇ. ئومۇمىي تەكراردىكى مەشىقلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئىشەنچ ۋە ئىرادە تۇرغۇزۇشىغا، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك، شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي تەكرارىنى ئېلىپ بېرىشتا، ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشتە يۇقىرىقى نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ تەكرار لايىھەسى تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بەرسە بولىدۇ.

ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئىقتىدارى ۋە تىل - ئەدەبىيات ساپاسىنى سىناشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ دەل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي نىشانىدۇر. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا، بىلىم ۋە قابىلىيەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان مۇۋاپىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، بۇلار تاللىما دەرسلىكلەردە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، بۇ نۇقتا نەزەردىن ساقىت قىلىنمايدۇ. شۇڭا تەكرار جەريانىدا بۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى زۆرۈر.

2. ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي تەكرارى ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەسەۋۋۇرلار

1) «تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى» نى پىششىق ئىگىلەش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئومۇمىي تەكرار نىشانىنى توغرا بەلگىلىۋېلىش.

«ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى» دە تىل - ئەدەبىيات دەرسنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي ئىدىيەسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ يادروسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، دېيىلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات قوللىنىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇش، بەلگىلىك ئىستېتىك ئىقتىدارى ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛ ياخشى بولغان ئىدىيىۋى ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن - مەدەنىيەت ساپاسى يېتىلدۈرۈش، دېگەنلىكتۇر. بۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشتا ئاساس قىلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىلار بولغاچقا، ئومۇمىي تەكراردا بۇ نۇقتىلاردىن يىراقلاپ كەتمەسلىك كېرەك.

2) 2014 - يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ يۈزلىشى، دائىرىسى، مەزمۇنلىرى ۋە شەكىللىرى ھەققىدىكى قاراشلار ۋە پەرەزلەر.

2014 - يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ساپاسىنى تەكشۈرۈش بىلەن تىل - ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسال بىلىمىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى سىناش ئاساسىي يۈزلىنىش بولىدۇ. ئىمتىھان دائىرىسىگە بەش قىسىم زۆرۈر دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار بىلەن زۆرۈر تاللىما دەرسلىكلەردىن تاللىما (شېئىر، نەسىر)، تاللىما (پروزا)، تاللىما (فولكلور) لار غا مۇناسىۋەتلىك دەرستىن سىرتقى مەزمۇنلار كىرىدۇ. تاللىما ، تاللىما  ۋە تاللىما لار ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. زۆرۈر دەرسلىكنىڭ ھەر بىر قىسمى «ئوقۇش ۋە ھوزۇرلىنىش»،«ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش»،«ئۇيغۇر تىلى»، «ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش»، «مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە» دىن ئىبارەت بەش مەزمۇنغا بۆلۈنگەن. بۇلاردىن ھەر بىر قىسىمدىكى «ئوقۇش ۋە ھوزۇرلىنىش» قا بېرىلگەن تۆت بۆلەك ئىچىدىكى يۇلتۇز بەلگىسى   قويۇلغانلاردىن باشقا تېكىستلەر ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. زۆرۈر دەرسلىكلەردىكى «ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش» قا بېرىلگەن يېزىقچىلىق مەزمۇنلىرى بىلەن «ئۇيغۇر تىلى» مەزمۇنلىرى يېڭى دەرس بويىچە ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىدا يەنىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان مۇھىم نۇقتىلار دەپ قارىلىدۇ. زۆرۈر دەرسلىكتىكى «ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش» تاللاپ ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش نۇقتىسىدىن بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن تېكىست سۈپىتىدە ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىدىن نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە ئىزدىنىش شەكلىدە سوئال چىقىرىلىۋاتىدۇ، زۆرۈر دەرسلىكتىكى «مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە» ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى شەكىل جەھەتتىن «ئىمتىھان قەغىزى Ⅰ« (جاۋابى تاللىنىدىغان سوئاللار) ۋە ئىمتىھان قەغىزى ( جاۋابى يېزىلىدىغان سوئاللار) دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى 10 تاللاش سوئالى، كېيىنكىسى بوش ئورۇن تولدۇرۇش، كۆنۈكمە ئىشلەش، تەھلىل قىلىش، تاللاپ جاۋاب بېرىش (ئەدەبىي ئەسەر قىسمى ۋە قوللىنىش تىپىدىكى ئەسەر قىسمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ) ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق سوئاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ژۆرۈر ئىمتىھان سوئالى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئۇيغۇر تىلى (فونېتكا، لېكسكا ۋە گىرامماتىكىغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئەستە ساقلاش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش)

ھازىرقى زامان ماقالە - ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە تەھلىل قىلىش (بايان، چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقال - ئەسەرلەر، شېئىر، نەسر، پروزا، سەھنە ئەسەرلىرى ... قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۇلاردىكى مۇھىم ئۇقۇم ۋە ھۆكۈملەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلار ئوبرازىنى تەھلىل قىلىش، مەركىزىي ئىدىيىنى تەھلىل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، تىلى ۋە پىكىر يولىنى ئىگىلەش، ئاپتورنىڭ كۆز قارشى ۋە پوزتسىيىنى تەھلىل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش)

كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش (دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن كىلاسسىك ئەسەرلەردىن پارچىلار تېكىستلەرنى ئوقۇپ، مەزمۇننى ئىگىلەش، شۇ ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن دەۋر، ئەدىبلەرنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇش، قەدىمكى دەۋر شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى يېشەلەيدىغان بولۇش، مۇھىم مىسرا ۋە ماقال - تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادلىۋېلىش ... قاتارلىقلار)

3. ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي تەكرارىنىڭ باسقۇچلىرى

بىرىنچى باسقۇچ 2013 - يىلى 9 - ئايدىن 2013 - يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە)

ئومۇميلۈك تەكرار ئارقىلىق دەرسلىك بىلەن قايتا ئۇچرىشىش، ئاساس بىلىملەرنى مۇستەھكەملەش.

ئۇيغۇر تىلى ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات تەكرارىدا ئەڭ ئاۋۋال تەكرار قىلىنىدىغان مۇھىم مەزمۇن. بۇ مەزمۇن ئۈچ يىل بۇرۇن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەن ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىمۇ نۇقتىلىق ئۆتۈلگەن مەزمۇن بولغاچقا، بۇ مەزمۇننى بىر قەدەر تەپسىلىي ۋە پۇختا تەكرار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ، فونېتىكىتىكى تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدىكى ئىملاغا ئائىت بىلىملەر، لېكسىكىدىكى لۇغەت تەركىبى، سۆز مەنىلىرى، تۇراقلىق تەركىبلەر، مورفولوگىيىدىكى سۆز تۈركۈملىرى، سىنتاكسىسدىكى جۈملە، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى، جۈملە بۆلەكلىرى، مۇرەككەپ جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، تىنىش بەلگىلەر قاتارلىقلار. مۇھىم قائىدىلەر، ماقال - تەمسىل، ئىدىئوم ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەستە ساقلاش بىلەن بىرگە، ئەسەردە ئۇچرايدىغان مۇھىم سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە قوللىنالايدىغان بولۇش. ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى پەرقلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنى قوللىنىپ تەلەپ بويىچە جۈملە تۈزىيەلەيدىغان، پارچىلارنى يازالايدىغان، ماقالە - ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى قوللىنالايدىغان بولۇش، ھەر خىل ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش. ئۇيغۇر شېئىر شەكىللىرى ۋە كىلاسسىك شېئىرلارغا ئائىت بىلىملەرنى زۆرۈر دەرسلىك مەزمۇنلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ پۇختا، سىستېمىلىق تەكرار قىلىش، بۇ باسقۇچتا خالىغانچە تەقلىد سوئاللارنى ئىشلەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى باسقۇچ (2014 - يىلى 1 - ئايدىن 2014 - يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە)

مەخسۇس تېمىلىق تەكرار ئېلىپ بېرىش، مۇھىم نۇقتىلاردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مەزمۇننى بىرلەشتۈرۈپ بىر مەخسۇس تېما قىلىش مۇمكىن. مەسىلەن، «ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېتىكىغا ئائىت مەزمۇنلار تەكرارى»،«ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدە»،«سۆز تۈركۈملىرى ھەققىدە»، «جۈملە بۆلەكلىرى ھەققىدە» ... قاتارلىقلار. تېكىستلەر، كىلاسسىك ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق ... قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇلدا مەخسۇس تېمىلىق تەكرار شەكلىدە لايىھىلەپ، مۇھىم نۇقتىلارنى مەركەزلىك تەكرار قىلىش بىلەن بىرگە، قىيىن نۇقتىلارغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسەر ئوقۇپ تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە يېزىقچىلىق قىسمىنىڭ تەكرارىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ لايىھىلەش كېرەك. بۇلارنى لايىھىلىگەندە دەرستىن سىرتقى ماتېرىيال مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىپ تەھلىل قىلىشتا، دەرسلىك كىتابتىكى ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىش، ئۇلاردىكى سۆز مەنىلىرىنى چۈشىنىش، ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى دەۋرگە باغلاپ تەھلىل قىلىپ چۈشىنىش، بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ۋە بەدىئىي زوق ئېلىش جەھەتلەردىن تەكرار قىلىنسا؛ ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىشتە دەرستىن سىرتقى بەدىئىي ئەسەرلەر (ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ، ئېپىك ئەسەرلەر ، شېئىرىي ئەسەرلەر، نەسىرلەر ...) ، پەن - تېخنىكىغا ئائىت ماقالە - ئەسەرلەر ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ماقالە - ئەسەرلەر قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بۇ خىل ئەسەرلەردىن تاللاش، بوش ئورۇن تولدۇرۇش، تەھلىل قىلىش، كۆنۈكمە - مەشىق ئىشلەش (مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاش، رەت تەرتىپىنى رەتلەش كۆز قاراشنى بايان قىلىش) قاتارلىق شەكىللەردە سوئال چىقىرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بۇ ئۈچ خىل ئەسەرلەرگە ئائىت ماتېرىياللارنى تاللاپ، تېما شەكلىدە سوئال لايىھىلەپ تەكرار پىلانى تۈزۈش ۋە تەكرار قىلدۇرۇش كېرەك.

يېزىقچىلىق تەكرارىدا، ھازىرغىچە ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان ماۋزۇ بەلگىلەپ بېرىلگەن شەكىلدىكى ماقالىلەرنى يېزىش، ماتېرىيال بېرىلگەن، تېما، ماۋزۇ، ژانىرنى ئۆزى بەلگىلەپ ماقالە يېزىش شەكلىدىكى يېزىقچىلىق ۋە بېرىلگەن ماتېرىيال ۋە تېمىغا ئاساسەن ماقالە يېزىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئوقۇتقۇچى يېزىقچىلىق تەكرار پىلانىدا مەزمۇنلار بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەكرار پىلانى لايىھىلەپ، تەكرار ئېلىپ بارسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە، دەۋر رېئاللىقى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىققا، يەرلىك ئالاھىدىلىككە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىغا ئائىت مەزمۇنلار تاللىنىپ، يېزىقچىلىق تېمىلىرى قىلىنسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ (2014 - يىلى 4 - ئايدىن 2014 - يىلى 6- ئايغىچە)

تەقلىدىي سوئاللار مەشقىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھانغا ماسلىشىش، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.

بۇ باسقۇچنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، مەشىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال ئىشلەشتە پىششىق بولۇش ۋە ئۆتكۈر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتىكى تەكرار مەشىق ۋە بىر نەچچە قېتىملىق مانېۋىر (تەقلىدىي) ئىمتىھان ئارقىلىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشتىكى ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇلار: مۇجىمەل نۇقتىلار (چۈشەنچە ئېنىق بولمىغان، قاراش ئوخشاش بولمىغان مۇجىمەل بىلىم نۇقتىلىرى)، ئاجىز نۇقتىلار (تەكراردا كۈچ سەرپ قىلىنمىغان ياكى ئىمتىھان ئىزاھاتىدا تەڭشەلگەن، كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان نۇقتىلار)، قىيىن نۇقتىلار (ئىلگىرىكى باسقۇچلۇق تەكرارلاردا كۈچىگەن، ئەمما يەنىلا قىيىن ھېس قىلىپ، پەرق ئېتىش، چۈشىنىش قىيىن بولغان نۇقتىلار). يۇقىرىدا بايقالغان نۇقتىلارغا ئاساسەن نىشانلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىپ، بىلىمنى مۇستەھكەملەش، بىلىمنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەلۋەتتە، مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشتە مەشىق مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئوخشاش مەزمۇندىكى ئەھمىيىتى يوق سوئاللارنى كۆپلەپ ئىشلەپ، مەشىق مىقدارىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىشتىن، ھەددىدىن زىيادە قىيىن، غەيرىي، ماسلاشمىغان سوئاللارنى يىغىۋېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىم. تەكرار ئاددىيلىقتىن قىيىنلىققا قاراپ بولۇش، ئىلمىي بولۇش كېرەك. 2013 – يىلى 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر قىسىم سوئاللارنى ئىشلەپ باقسا بولىدۇ، ئۇنىڭدا، تەرتىپلىك، سىستېمىلىق بولۇشنى ۋە سۈرئەتنى كۆزدە تۇتسا بولىدۇ.

4. تەكرار قىلىش ئۇسۇللىرى ھەمدە بىر قانچە تەكلىپ

«ئۇيغۇر تىلى» نى تەكرار قىلىش ئۇسۇلى

1) ئۈچ قىسىم «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكىنى مۇھاكىمىلىق لېكسىيە شەكلىدە سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش. ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى ئەسلىتىش، ئۇنى قوللىنىش ئۈچۈن ئاساس سېلىش.

2) دەرسخانىدىكى لېكسىيە بىلەن تاپشۇرۇق بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش. يەنى، دەرسخانىدا لېكسىيە قىلىشتىن ئاۋۋال شۇ سائەتلىك دەرسكە مۇناسىۋەتلىك تاپشۇرۇق بىلەن، شۇ سائەتلىك تەكرار مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تاپشۇرۇق ئورۇنلاتۇرۇش. بۇ تاپشۇرۇق يېزىقچە ھەم ئېغىزچە ئىككى خىل بولۇش، ئورۇنلىنىش ئەھۋالى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىنىپ، تەكرار مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈش.

3) ھەر بىر مەزمۇن تەكرار قىلىنىپ تۈگىگەندە، شۇ مەزمۇندىن ئىمتىھان سوئالى چىقىرىپ، شۇ مەزمۇننى مۇستەھكەملەش. مەسىلەن: «فونېتىكا»، «لېكسىكا»، «پېئىل»، «ئاددىي جۈملە» قاتارلىق ھەر بىر مەزمۇن ئاياغلاشقاندا، بىر قېتىم مۇستەھكەملەش سوئالى چىقىرىپ ئىمتىھان ئېلىش. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، 1 - سائەت دەرس ۋاقتىدا ئىشلەپ، 2 - سائەتتە ئوقۇتقۇچى جاۋابىنى ئېيتىپ بېرىش ئۇسۇلىدا قەغەز تەكشۈرۈلسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلسىمۇ ياكى ئائىلىدە ئىشلەپ كېلىپ، سىنىپتا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلىكتە توغرىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى مەلۇم مەسىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئال ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلدۇرۇشى زۆرۈر.

4) ئۇيغۇر تىلىغا مىسال ئالغاندا، «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكىدىكى مىساللاردىن ھالقىپ چىقىپ، تۈرلۈك ماقال - تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەر، دەرسلىكتىكى تېكىستلەردىكى نادىر جۈملە ۋە پارچىلار، مۇھىم جۈملىلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك.

5) «ئۇيغۇر تىلى» نى بىرىنچى باسقۇچتا ئاساسەن لېكسىيە قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچتا، دەرسلىكتىكى تېكىستلەرگە ئەدەبىي بىلىملەرگە ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دەرسلىكتىكى تېكىستلەردىن نادىر پارچىلارنى ئۈزۈپ ئېلىپ، سوئال لايىھىلەپ چىقىش زۆرۈر.

6) 2 - ۋە 3 - باسقۇچلۇق ئۇيغۇت تىلى تەكرارىدا، يېقىنقى ئۈچ يىللىق سوئاللاردىكى دائىم تەكرارلىنىۋاتقان، مۇھىم دەپ قارىلىۋاتقان تىپىك سوئاللارنى ئىشلەپ كۆرۈش.

7) بىر قىسىم مەزمۇنلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سوئال چىقارغۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى بايقاش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرى تېكىستلەر تەھلىلى ۋە ماتېرىيال تەھلىل قىلىش قاتارلىقلارنى تەكرار قىلىش ئۇسۇلى

1. زۆرۈر ۋە تاللىما دەرسلىكلەردىكى بىر قىسىم ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىنى نوقۇل ھالدا لېكسىيە قىلماستىن، بەلكى ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىسال ئارقىلىق تەكرار قىلىش.

2. دەرسلىكتىكى تېكىستلەرنى قارىغۇلارچە ئوقۇتماستىن، مەلۇم تەلەپ، مەلۇم نەزەرىيە ۋە مەلۇم سوئاللار ئاساسىدا تاللاپ ئوقۇش ياكى مۇھىم پارچىلارنى تاللاپ ئوقۇپ تەھلىل قىلدۇرۇش.

3. تېكىستنى، تەكرار قىلىش جەريانىدا تېكىستلەردىكى تۇراقلىق تەركىبلەر ۋە ياخشى، ئوبرازلىق جۈملىلەرنى خاتىرىلەشكە، توپلاشقا، ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشقا يېتەكلەش، ئوبرازلىق جۈملىلەرنى قوللىنىشنى مەشىقلەندۈرۈش.

4. كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى مۇھىم سۆز، جۈملىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلەش، يادلاش تەلەپ قىلىنغان شېئىر - ئەسەرلەرنى (مەسىلەن: «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرنى يادلاش تەلەپ قىلىنغان) يادلاش، تېكىستلەردە ئۇچرايدىغان تۇراقلىق بىرىكمىلەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادلىتىش.

يېزىقچىلىقنى تەكرار قىلىش ئۇسۇلى

1) دەرستىن سىرتقى كىتاب - ژۇرناللارنى كۆپرەك ئوقۇپ، مۇھىم مەزمۇنلارنى خاتىرلىۋېلىشكە يېتەكلەش.

2) خېتى سەت، تىل بايلىقى كەمچىل ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئاۋۋال ماقال - تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىپ كېلىش، ئاندىن ياخشى يېزىلغان ماقالە - ئەسەرلەرنى تاللاپ، پارچىلاپ كۆچۈرۈشكە يېتەكلەش.

3) تەكرارنىڭ 1 - باسقۇچىدا، ھەر ئىككى ھەپتىدە دەرستىن سىرت بىر پارچە ماقالە يېزىش ئورۇنلاشتۇرۇش، يىغىۋېلىپ، باھالاش.

4) تەكرارنىڭ 2 - باسقۇچىدا، ھەر ھەپتىدە بىر پارچە ماقالە يازدۇرۇش. بۇنى دەرستىن سىرت. ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرس ۋاقتىدا باھالانسا بولىدۇ.

5) دەرسخانىدا ماقالە يازغاندا، ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇش . يەنى ، 40 50 مىنۇتتا ، 2 3 بەتلىك بىر پارچە ماقالە يازالايدىغان بولۇش، ئۆزى يازغان ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئۆزگەرتىشكە ئادەتلەندۈرۈش.

6) يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىدا كۆرۈۋېلىۋاتقان ماقالە يېزىش تەلىپىگە ئاساسەن ياكى شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ ماقالە يازدۇرۇش، مەسىلەن، ماۋزۇ بېرىلگەن ماقالە؛ ماۋزۇنى تولۇقلاپ يېزىش تەلەپ قىلىنغان ماقالە؛ ماتېرىيال بېرىلىپ، ماۋزۇ، تېمىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ماقالە؛ تېما بېرىلگەن ماقالە ۋە رەسىمگە ئاساسەن ماقالە يېزىش قاتارلىق ماقالە يېزىش تەلىپىگە ئاساسەن مەشىقلەندۈرۈش.

7) ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم تېمىدا ماقالە يازدۇرۇشتا، ئاۋۋال شۇ تېمىدا پىكىر قىلدۇرۇش، ئاندىن شۇ تېمىدا يېزىلغان مەلۇم ئۈلگىلىك ماقالىنى ئوقۇپ بېرىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى شۇ تېمىدا ماقالە يېزىشقا يېتەكلەش.

8) ئوقۇتقۇچى مەلۇم بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ئەسەر توغرىسىدا تەسىرات يازدۇرۇش.

9) ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى يېزىشقا، ئۆزى ئەڭ پىششىق بىلىدىغان، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەشكە يېتەكلەش.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا ھەرقايسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكرار ئېلىپ بېرىشتا ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بار، ئەلۋەتتە. ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچىنىڭ «تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى پروگراممىسى»، «ئىمتىھان ئىزاھاتى» ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە تەكرار ئۇسۇلىنى قوللىنىشتۇر.  

 

 

 

 

 

 

                              2013-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى


koksangun 2013-10-01 23:25
2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدىكى دەسلەپكى پىكىر
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىنى، ئوقۇغۇچىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئىمتىھان بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن جەمىيەتنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكرارنى قانداق قىلىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ قانداق ئۆگىنىشى ئىمتىھان نەتىجىسىگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ بەزى ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەجرىگە لايىق نەتىجە يارىتالمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ سرتىدا، يەنە ئىلمىي تەكرار قىلىش يەنى تەكراردىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەكرارىنى بىرقانچە قېتىم ئېلىپ بارغان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋە بۇ سەپكە يېڭى قوشۇلغان ياش ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار. مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەكرارىن سەككىز قېتىم قىلدىم، ئىككى نۆۋەت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىشقا قاتناشتىم. بۇ جەرياندا بىرئاز تەجرىبىگە ئېگە بولدۇم. بۈگۈن مەن شۇ تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتالاشاقچى. كەسپداشلارنىڭ تەكرارىغا ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
1.ئوقۇتقۇچىلار ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشى، شۇ ئاساستا، بۇ يىللىق ئىمتىھان تەكرارىنى قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھەر يىلدىكى سوئال چىقىرىش تەلىپىدە ئالدىنقى ئۈچ يىلدىكى سوئاللار تەكرارلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، دېگەن تەلەپ بار. شۇنداق بولغاندا بىز ئالدىنقى يىللاردىكى سوئالدا، بولۇپمۇ بۇلتۇرقى سوئالدا چىققان بىرقىسىم مەزمۇنلارنى بۇ يىل ئىمتىھاندا چىقمايدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز.
2.ئوقۇتقۇچىلار تەكرار ماتىرىيالىنى ئوبدان تاللاش، سۈپەتسىز، چۇۋالچاق تەكرار ماتىرىياللىرىنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئىشلەتمەكچى بولغان تەكرار ماتىرىيالىنى ئالدى بىلەن ئۆزى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشى كېرەك.
3.موھىم تېكستلەر ھەققىدىكى تەكرارنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش، تېكىستتىكى كۆنۈكمە سوئاللىرى سوئاللىرى ئاساسىدا يېڭى، ئىجادىي سوئاللارنى ھايىھەلەش، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
4.ئىمتىھان دائىرىسىدىكى بىلىم نۇقتىلىرى بىلەن دائىرىگە كىرمەيدىغان نۇقتىلارنى ئېنىق ئايرىپ تەكرار قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5.تەكرار ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئەڭ كام بولغاندا بىر نۇسخىدىن تەقلىدى سوئال سوئال ئىشلەش، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەكرار سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك.
6.ھەرقايسى مانىۋېر ئىمتىھانلىرىنىڭ سۈپەت تەھلىلى ۋە سوئال تەھلىلىنى ئەستايىدىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەكرارىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلى ئانالىز قىلىش، باشقا مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، پەرقنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
7.ئىمتىھان دائىرىسىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان يەنى ھەل بولماي كېلىۋاتقان نۇقتىلارغا ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك.
8.يېزىقچىلىق مەشقىنى كۆپ ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى تەپسىلى باھالاپ مېڭىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى تېز ۋاقىت ئىچىدە توغرا، چىرايلىق، كۆپ يازالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، بەك قىيىن تېمىلارغا ئېسىلىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىقتىن زېرىكتۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
9.ئوقۇغۇچىلارنى ماقال، تەمسىل، ئىدىيوم توپلاتقۇزۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تىل بايلىقى زاپىسىنى كۆپەيتىش كېرەك.
10.ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەريىلى ئىمتىھاندا چوقۇم چىقىدىغان مەزمۇنلار ھەققىدىكى تەرارنى كۆپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.
11.كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ يەشمىسىنى يېزىش سوئالىدا بەك ئاسىنى بىلەن بەك قىيىنىنى چىقىرىۋېتىپ تەكرار قىلىش كېرەك.
12.كىتاپنى كۆپ ئۇقۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

koksangun 2013-10-02 00:16
ئۆمەرجان ھەسەننىڭ نادىر لېكسىيىسى _ يېزىقچىلىق يېتەكچىلىكىگە قويۇلىدىغان بىر قانچە تەلەپ،ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قانچە مەسىلە

koksangun 2013-10-02 00:34
ئۆمەرجان ھەسەننىڭ لېكسىيىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://howfile.com/file/koksangun/2a86acbb/

tursun 2013-10-02 02:52
بۇ بەك ياخشى ماتىريالكەن،پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئۇچۇر قىممىتى ناھايىتى يۇقۇرىكەن.يوللىغۇچىغا ئاپىرىن...! ھامۇتجان بىلەن ئۆمەر ھەسەنلەرگىمۇ كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر...!بۇ ماتىريالنى نادىرلاشقا بىر بىلەت تاشلىۋەتتىم ئەمىسە...!       

koksangun 2013-10-02 11:10
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ماتېرىيال،كەسىپداشلار چۈشۈرۈپ پايدىلانغايسىلەر...

ئەنۋەرچەرچەن 2013-10-03 22:41
بۇ ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى چوڭ بىر تېما ئىكەن،ئايالىم بۇيىل تولۇق 3-يىللىققا دەرس بېرىۋاتقان شۇڭا پايدىلىنىش ئۈچۈن چۈشۈرۈپ بەرسەم بولغۇدەك ،تېما يوللىغۇچىغا كۆپ رەخمەت.

ئەكبەرنىياز 2013-10-05 23:43
ئۇستازنىڭ ھەقىقەتەن ئېسىل سوۋغىدىن بىرنى بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت !!!
بۇ بىز ئۈچۈن ، بۇندىن كىيىنكى ئوقۇتۇشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ماتىريال بوپقالغۇسى !!!

ozqan 2013-10-08 12:49
كۆكسانغۇن : ھەقىقەتەنمۇ نادىر تېمىكەن بۇ  ... جاپا چېكىپسىز ...
مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشمىغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى بىر ئۆگىنىش ماتىريالى بىلەن تەمىن ئېتىپسىز ... ھارمىغايسىز .


查看完整版本: [-- 2014-يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇچۇرلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled