مەريەم مۇھەممەد(نازپەرۋەر)نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
مەريەم مۇھەممەد(نازپەرۋەر) Lhl]g^SN Y'1S`. 6ys
&zy مەريەم مۇھەممەد 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 71-كۈنى كۇچا نېفىتتە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى شىنجاڭ نېفىت تېخنىكۇمنىڭ نېفىت ئېلىش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ قاراماي نېفىىتلىكىگە خىزمەتكە بۆلۈنگەن. 1992-يىلى 4-ئايدا،قاراماي شەھەرلىك 16-باشلانغۇچ مەكتەپكە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن. 1998-يىلدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە قاراماي شەھەرلىك 11-،12 –ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تىل-ئەدەبنيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.مۇشۇ جەرياندا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرسىنى ئوقۇغان. ھازىر قاراماي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. +
,%&e مەريەم مۇھەممەت ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، كەسپىي بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان،نۇرغۇن قېتىم نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ 1-2-دەرىجىگە ئېرىشكەن،قارمااي شەھەرلىك 11-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 20-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئاتاپ چىقىرىلغان ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە مۇراسىمگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئەدەببىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر.نەسىر ،ھېكايىلەرنى ‹‹مايبۇلاق››،‹‹نېفىت گېزىتى››،‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››ۋە‹‹يازغۇچىلار تور بېتى››قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلدۇرغان.‹‹مايبۇلاق ئەسەرلىرىدىن تاللانما››،‹‹گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن ››قاتارلىق توپلالملارغا بىر قىسىم نەسىر ،شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەندىن باشقا ‹‹سېھىرلىك دوقمۇش››ناملىق نەسىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ھەم يۇقۇرىقىدەك ئىجادىيەتلىرى بىلەن 2005-يىلى قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان. xAK6pDp ئۇ 2005-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە(قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن) تولۇق-ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات گۈرۇپپىسى بويىچە ئۇتۇتۇش ماھىرى بولۇپ باھالانغان كۆپ قېتىم قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىلىرىدە ،ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن كەسپداشلىرىنى قايىل قىلىپ 1-دەرىجىگە ئېرىشىكەن. ‹‹ئىلغار مائارىپچى››،‹‹ئىلغار يېتەكچى››بولۇپ باھالانغان. ئۇ يېتەكلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى‹‹،مايبۇلاق››،‹‹قاراماي گېزىتى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.‹‹قاراماي تېلىۋىزىيە ئستانسىسى››،‹‹قاراماي رادىئو ئىستانسىسى››غا تەكلىپلىك ئوبزورچى بولۇپ، ھەر خىل تېمىلاردا سۆھبەتكە قاتناشقان.‹‹قاراماي گېزىتى››دە ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ABQa 3{v 2007-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پىسخىك يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى››دا ئوقۇپ، لاياقەتلىك ئوقۇش تامامالىغاندىن باشقا ،دۆلەتلىك پىسخىكا يېتەكچىلىرى گۇۋاھنامىسى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ‹‹ دۆلەتلىك 3-دەرىجىىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ››گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان (شۇ سىنىپتا ئوقۇغانلاردىن ئىككى ئوقۇتقۇچى بۇ گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن). W~zbm]
مەريەم مۇھەممەد ھازىر قاراماي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى غوللۇق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق ئىشلىمەكتە. |