查看完整版本: [-- ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-09-22 19:09

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك ap! <8N  
),eiJblH  
1.ژانېرى: داستان1979-يىلى يېزىلغان.مەسنىۋى شەكلىدە،تەرتىپلىك بايان ئۇسۇلىدا، 3-شەخس تىلىدا ، رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان R<)uvW_@  
+^.(3Aw  
2.ئاپتورى G7yxCU(I\  
cX2b:  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر(1923-1995)قۇمۇلدىن.شائىر .يازغۇچى،ئالىم.ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن«ئۆمۈر مەنزىللىرى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«ئىز»،ئويغانغان زېمىن»قاتارلىق رومانلىرى،«قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى ئىلمى ماقالىلىرى بار. بۇ داستان ئۇنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىنغان.   )}R0'QGd  
5ZPl`[He  
3.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: 61]6N;kJ;  
Z7(hW,60  
ئىن(ئۇۋا)،مۇشتاق(تەشنا)،ياياق(پىيادە)،چۈشكۈن(قونالغۇ)،مەغرىپ(غەرپ)،مۆھتەرەم(ھۆرمەتلىك،ئۇلۇغ)،كاشانىسى(كۇلبە ،ئۆي)،مەۋج(دولقۇن)،شامۇ-سەھەر(ئەتىگەن-كەچ)،رەشىك(قىزغىنىش ،كۈنلەش)،ھىندۇ-ئەجەم(ھىندىستان ۋە ئىران)،مەسرۇر(خوشال)،ئىقبال(بەخت)،تاۋغاچ(ئۇيغۇر، ھەممىدىن چوڭ)،ئەفغان(پىغان،ھەسرەت)،ماقام(مەرتىۋە)،شىۋىقەدىر(بەخت ئىلاھى)،تەلۋەسە(تەلۋە ، مەجنۇن)،قاياش(ھەمرا،ئۆز خلى)،رىزا(رازى)،ئەلۋىدا(خوش)،مەلۇل(غەمكىن)،نىھان(يوشۇرماي.مەخپىي)،تەسەددۇق(قۇربان قىلىش ،بېغىشلاش ،جاننى سەدىقە قىلىش)،گېزى (ۋاقتى)،مىرشەپ(ئامانلىق مۇدىرى)،زىرۇ-زەۋەر(ئوڭ-تەتۈر)،نىزا(زىددىيەت،ئىختىلاپ)،مەھرەم(خىزمەتكار)،سايان(تەرەپ)،،ئالاۋ(ئوت)،قەتلىئام(ئۆلتۈرۈش)،يۇھان(يەھۇدا،ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ خائىن شاگىرتى)،پەيۋەند(ئۆزىنى بېغىشلاش)،نىگاھى(نەزىرى)،يەكمۇ-يەك(ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل،بىرگە بىر)،سۈكۈنات(جىمجىتلىق)،قىيان(تاشقىن،سەل)،ئاساۋ(شاش ،كۆندۈرۈلمىگەن)،ئارغىماق(ئالاھىدە نەسىللىك چاپقۇر ئات)،پېرىخون(باخشى)،رەپتارى(ئەھۋالى)،شىكار(ئوۋ)،مارال .    
(چىشى بۇغا)،ھونۇز(ھازىرغىچە)،ئېرەم(رىۋايەتلەردىكى گۈزەل باغ)، dsh}-'>  
te1lUQ  
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى: J%n JO3,  
L-fAT'!'  
①پىرسۇناژلار ئوبرازى: ئانا-باش ۋە ئىجابى پىرسۇناژ بولۇپ،پەرزەنتىگە ۋاپادار ،لېكىن،ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇدىغان ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ تىپىك ئوبرازى.ئوغۇل- باش ۋە سەلبى پىرسۇناژ بولۇپ ، شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ئانىسىنى ،ھەتتا،ئانا ۋەتىنىنى سېتىشتىن يانمايدىغان مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىلى.تېكىستتىكى ئانا بىلەن ئوغۇلدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى يانداش پىرسۇناژلاردۇر. }JI5,d  
TiH(HW|:  
②ئانىنىڭ باشتا ئوغلىغا يۈرىكىنى تەقدىم قىلىپ ،كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرىشىدىكى سەۋەپ: ئانا ئوغلىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى بولىدۇكى،ئوغلىنىڭ يامان نىيەت ۋە قارا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز ئېلىنى قۇربان قىلىشنى خالىمايدۇ.شۇڭا ، ئانا دەسلەپتە ئوغلىنىڭ بەخت-تەلىيى ئۈچۈن يۈرىكىنى تەقدىم قىلدى.لېكىن،ئۆز ئېلىگە تىغ كۆتۈرگەن ،خائىنلىق تونىنى كەيگەن ئوغلىنى كۆرگىنىدە خەنجەر تىقىپ جېنىنى ئالدى. [}FP_Su$6  
;]p#PNQ0  
③داستاننىڭ قۇرۇلمىسى:بۇ داستان مۇقەددىمە ۋە خاتىمىدىن باشقا يەنە 8بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. m(9E{;   
p_[k^@ $  
④"تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر "دېگەن جۈملىنىڭ مەزمۇن ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىكى تەھلىلى: مەزمۇن جەھەتتىن: ئۆز ۋەتىنىگە ساتقىنلىق قىلغان كىشىنىڭ ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلگەن.تۈزۈلۈش جەھەتتىن بۇ جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، 1-ئاددى جۈملە بېقىندۇرغۇچى، 2-ئاددى جۈملە بېقىنغۇچىدۇر. z. 7 UfLV9  
ww=< =  
⑤«جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟...»دېگەن كۇبلېتتىن نېمىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ؟-بۇ كۇبلېتتا ۋەتەننىڭ قىممىتى جان بىلەن جاناننىڭ قىممىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى،ۋەتەن بولمىغاندا جان بىلەن جاناننىڭ كېرىكى قالمايدىغانلىقى ،جان بىلەن جاناننى ئادىمىيلىككە ئىگە قىلغان نەرسىنىڭ ۋىجدان،غۇرۇر ۋە ساداقەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھايات ھەقىقىتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. No j6Ina  
?"J5~_U.  
⑥ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن ئىددىيە: داستاندا ئاپتور ئانا ۋە بالا ئوبرازىنى چۆرىدەش ئارقىلىق،ئوغۇلغا ئوخشاش شەخسىيەتچى،نائىنساپ ۋەتەن خائىنلىرىنى كۈچلۈك پاش قىلغان.ئانىغا ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر قەيسەر كىشىلەرنى مەدھىيىلىگەن.نادانلىقنىڭ ئەل-ۋەتەننى بالايىئاپەتكە باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. oU67 
GQT|T0>Ro  
H!HkXm"  
/bbs/read.php?tid=8331

nadiraay 2013-09-22 19:39
قاياش -  رايى، مەيلى،     سېنىڭ قاياشىڭ بويىچە ئىش قىلامدىم؟

nadiraay 2013-09-22 19:40
ياخشى تەييارلاپسىز. رەھمەت، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز.

dahai 2013-09-22 20:48
ئابدۇرىھم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبىرىكلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كۇچا ناھىيە دوڭقۇتان مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ozqan 2013-09-23 16:06
تاۋغاچ(ئۇيغۇر، ھەممىدىن چوڭ) WfL5. &  
.................................................... t9;yyZh  
"at*G>+  
!:'%'@uc  
بۇ ئويلىمىغان بىر  مەنىسى بولدىغۇ بۇ سۆزنىڭ ؟ y_;LTCj?  
9~J  
مەن  « تاۋغاچ »دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار دەپ كۆرگەن .

mikray418 2013-09-23 20:50
    

ئەكبەرنىياز 2013-09-28 23:07
سىز ئويلىمىغان مەسىلىلەرمۇ باردەك قىلىدۇ ، ئەمدى بولسىمۇ تەپسىلىي ئويلىشىپ باقايلى !!! تەۋپېق ئەپەندىمنىڭ دېگىنىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى باردەك ئويلاپ قالدىم !؟


查看完整版本: [-- ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled