查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچىلاردا- يېزىقچىلىق ئىقتىدار ...بۇژغۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ئوقۇغۇچىلاردا- يېزىقچىلىق ئىقتىدار ...بۇژغۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2013-09-21 03:07

ئوقۇغۇچىلاردا- يېزىقچىلىق ئىقتىدار ...بۇژغۇن

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە قايسى جەھەتتىن ئىزدىنىش كېرەك؟ alyA#zao|  
                 dl+c+w"  
         (ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات) P?zL`czWd  
AZnFOS  
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن p%5(Qqmlk  
vZIx>  
يېزىقچىلىق ئىلمىنىڭ تۈپ مەقسىدى-ئۇنىڭ ئالاھىيدىلىكى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئاساستا،بۇ ھەقتىكى نەزىريە ۋە ئەمەلىيەت ئۆزئارا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي ساۋات خاراكتېرىدىكى بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ،چۈشەنچىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ،كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق بىلىمى ۋە ئەمەلىي ماھارىتىنى {mA#'75a#  
ئۆستۈرۈپ،ھەر خىل ژانىر،شەكىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى ئۆز ئىقتىدار دائىرىسىدە بىمالال يازالايدىغان قىلىپ،تەدرىجى ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئىنتىلىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ،ئۆزلىرى تەلمۈرگەن،ھەۋەس قىلغان گۈزەل تىل-ئەدەبىيات باغچىسىنىڭ  ئىشىكىنى بىمالال ئاچالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر... jNAboSf2Y  
_J0(GuG=~  
بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى تەرەپلەردىن ئىزدىنىشكە تېگىشلىك...؟ KXcE@q9  
(~^KXJ{->  
1.ئالدى بىلەن تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدا  يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بولۇشتەك خاراكتېرىگە قارىتا تونۇشى ئەتراپلىق ھەم پۇختا بولۇش،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا gO bP  
نىسبەتەن«يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇنچىۋالا سىرلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.» |q 0iX2W  
2.ئوقۇتقۇچى-ئۆز نۆۋىتىدە ماھىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەدرىجى ھالدا ئەدەبىياتنىڭ `12Y2W 9  
رەڭدار باغچىسىغا باشلاپ كىرىپ،ئۇلارغا ئۆزلىرى ھېس قىلمىغان دەرىجىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى،سەنئەت تۇيغۇسى،سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىش كېرەك. wArzMt}[  
3.ئوقۇتقۇچى -دەرسخانا ئوقۇتۇش تىلىغا(نۇتقىغا) ئالاھىيدە دىققەت قىلىش؛سۆزلىگەندە،سۇئال تاشلىغاندا،باھالىغاندا ھەم يەكۈنلىگەندە سەگەكلىك بىلەن سۆزلەش؛سۇئاللارنى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك،شۇنداقلا باغلىنىشلىق لايىھەلەش؛ئىلمىي ھەم توغرا باھالاشقا ئەھمىيەت بىرىش؛شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا سۆزلەش،ئەتراپلىق ئويلاش،لوگىكىلىق تەپەككۇر يۇرگۇزۇش،ئۆزئارا قايىل قىلارلىق ھالدا باھالاش ھەم خۇلاسىلاش،شۇنداقلا نۇتۇق جەھەتتىن ئەركىن رىقابەتلىشىش،سۇئاللار ئۈستىدە دادىل مۇلاھىيزە ئېلىپ بىرىشتەك جۇشقۇن كەيپىياتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. s+a#x(7{  
4.تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى-«ئۈلگىنىڭ كۈچى-چەكسىزدۇر»دېگەن ھېكمەتتىن قىلچە يىراقلىشىپ كەتمەسلىك !-8y;,P  
كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ھەقىقى سىڭدۈرۈش-تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 67wq8|  
ھەم شۇ كەسپنىڭ نېنىنى يەۋاتقان  تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتىدۇر. IKnXtydeI}  
ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك شەكىل،تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى يېزىقچىلىق تاپشۇرىقىنى ئورۇنلاشتىن ئاۋۋال ,sn 9&E  
ئوقۇتقۇچى ئۆز قەلىمى،ئۆز تەپەككۈرى ئاساسىدا يېزىپ چېققان شۇ قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاپشۇرۇق تەلىپىگە I>@Qfc bG  
ماس كېلىدىغان ئەسىرىنى كۆز ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىش،ئەسەر يېزىش پەقەت قولىدىن كەلمىگەن ئەھۋالدا شۇ تاپشۇرۇق مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ماقالە-ئەسەرلەرنى ئالدىن تەييارلاپ ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندا:بىرىنجىدىن-ئوقۇغۇچىلاردا:«بىزنىڭ مۇئەللىممۇ بوش ئەمەسكەن...» دېگەن تۇيغۇنى قوزغىساق؛ئىككىنجىدىن_بالىلارنىڭ ماقالە-ئەسەر ئوقۇش جەھەتتىكى ھېسىياتىنى يېتىلدۈرەلەيمىز. @BqSu|'Du,  
ئۈچىنجىدىن_ئوقۇغۇچىلارنى تۇيدۇرماستىن يېزىقچىلىق باغچىسىغا بىمالال باشلاپ كېرەلەيمىز. ,/..f!bp  
تۆتىنجىدىن_ئوقۇغۇچىلاردا كۆپ كىتاپ ئوقۇش، چۈشىنىپ ئوقۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيمىز.شۇڭا،«ئۈلگىنىڭ ^-K ~y  
رولى»غا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. |3 v+&eVi  
5.ئوقۇغۇچىلار تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىن مەمنۇنلۇق،رازىمەنلىك،خۇشاللىق ھېس قىلىشقان چېغىدا،ئوقۇتقۇچى  
ماھىرلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كۈندە بەش بەت كىتاب ئوقۇپ،ئوقۇغانلىرىدىن«كىتاب ئوقۇش خاتىرسى»يېزىشقا RU,!F99'1  
يېتەكلەش،كۈندە بىر سائەت (دەرستىن سىرت) ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار يېزىپ كەلگەن ھەر كۈنلۈك كىتاب ئوقۇش خاتىرسىنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ باھالاش،ياخشى يېزىلغانلىرىنى  سىنىپتا ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجى &y.6Hiy&  
ھالدا ئوقۇغان مەزمۇنلاردىن ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان سۆز-جۈملىلەردىن: q%k _C0  
(1)تىل تەسۋىرى،پىسخىك تەسۋىر،تاشقى قىياپەت تەسۋىرى،دىئالوگ،مونۇلۇگ،رتورىك خىتاپ،رتورىك سۇئال، Z+C&?K  
جانلاندۇرۇش،ئوخشىتىش،سىمۋول،مۇبالىغە،سىلىشتۇرۇش،تەكرارلاش ....قوللىنىلغان ئۈلگىلەردىن خاتىرە قالدۇرسا؛ S&;D  
(2)شۇ پارچىدا ئۈلگە قىلىنغان ھېكمەتلىك سۆزلەر،ئىدىيۇملار ھەم ماقال-تەمسىللەرنى ئۆزئارا پەرەقلەندۈرۈپ ئىشلىتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. BI 0 A 0  
(3)پىرسۇناژلار خارەكتېرىنى پىششىق ئىگىلەپ،ئۆزلىرىگە تەسىر قىلغانلىرىنى خارەكتېر جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ 1<3!   
خاتىرە قالدۇرالايدۇ.  
(4)ئابزاس-بۆلەك،قاتلاملارغا ئايرىشنىڭ پىرىنسىپ،قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى،رولى ۋە ئەھمىيتىنى ئەمەلىي كۈزىتىش ئارقىلىق بارا-بارا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. kS$m$ D  
(5)كىتاب ئوقۇش جەريانىدا تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قانداق  رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.  g=x1}nm  
(6)ۋەقەلىك ۋە ۋەقەلىك يۈز بەرگەن تۈرلۈك مۇھىت ھەمدە شۇ مۇھىت تەسۋىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ،شۇنداقلا مۇھىت تەسۋىرىدىكى ئوبرازلىق،تەسىرلىك نوقتىلاردىن قىسقا خاتىرە قالدۇرۇپ،ئۆزلىرىنىڭ W1p5F\ wt  
كېيىنكى ئىجادىيەت قەدىمى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تۇرغۇزۇپ،مۇستەقىل قەلەم تەۋرىتىشكە ماس كېلىدىغان ئىقتىدار قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ. ?FwjbG<  
6.تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ يېزىقچىلىق مەشقى ئوقۇتۇشىدا چوقۇم ئىمكانىيەت يارىتىپ،ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ تەبىئەت RaLc}F)9   
قوينىغا باشلاپ بېرىپ،ئۇلارنى شەيئىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ھالەتلىرىنى،تەبىئەت ھادىسلىرىنى،تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل قاتلاملىق مەنزىرىلىرىنى كۈزىتىشكە تەشكىللەپ،ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشقا،تەبىئەتكە ھەمدە تۈرلۈك شەيئىلەرگە 2Jc9} |,  
يېقىنلاشتۇرۇپ،كەڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن ھوزۇرلاندۇرۇپ،تۈرلۈك شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا كۈزىتىش_قول سىلىپ 41jlfKiOm  
ئىشلەش_پىكىر يۈرگۈزۈش_ماتىريال تاللاش_قەلەم تەۋرىتىش_قايتا-قايتا پىششىقلاش_باھالاش_ئۈلگە تىكلەش_ lF.y Q  
ئومۇمىيۇزلۇك خۇلاسىلاش ئارقىلىق ئويلىغانلىرىنى ئىجاد قىلالايدىغان،ئىجاد قىلغانلىرى ئۈستىدە دادىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان جانلىق تەپەككۈر شەكلىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 'K|tgsvgme  
7.دەرسلىككە بېرىلگەن تېكىستلەر ۋە ئوقۇغان دەرستىن سىرتقى ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بايقاشقا j\.\ePmk]  
تەشكىللەش ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ«تەتقىقاتلىق،گۇمانتارلىق،ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش ئىقتىدارى»نى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. _=R K  
   قارايدىغان بولساق،بالىلار كۈزىتىشكە ماھىر،بايقاشقا ۋە تەسسەۋۇر قىلىشقا ھېرىسمەن كىلىدۇ. m kHcGB!~  
مەسىلەن:تولۇقسىز 8-يىللىق 2-مەۋسۇم ئۈچۈن تۈزۈلگەن «2-قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرسلىكى» 14-تېما ZMI vzQYI  
«مۇساپىرلار قاۋىقى»دا دېگەن تېكىستنى ئوقۇتقاندا...« /yS/*ET8  
(1) ئا  ئوقۇغۇچى:«...ئولتۇرغانلار تاماقلىرىنى چېكىپ كېتىشتى...»دېگەن بىر تەسۋىردە «تاماقلىرىنى...»دېگەن B!zqvShF  
سۆز جايىدا قوللىنىلمىغان؛بۇنى«تامغاقلىرىنى» دېسە توغرا بولاتتى دەپ يەكۈنلىگەن بولسا؛ Y;6%pm$  
(2) ب  ئوقۇغۇچى :«...يۈزۈمنى سىيلىسام بەش قولنىڭ ئىزى بىلىنىپ قاپتۇ...»دېگەن بىر تەسۋىر بار بولۇپ،بۇنىڭدا u}~%9Pi  
«قولنىڭ»نىڭ ئەمەس،«بارماقنىڭ» دەپ ئالغان بولسا تېخىمۇ جايىغا چۈشكەن بولاتتى،دەپ پىكىر بايان قىلدى. =FtJa3mHK  
(3) س ئوقۇغۇچى:«...بىر نەچچە لوبەننى تۇتۇۋىلىپ...»دېگەن پارچىدىمۇ «لوبەننى...»دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا njN]0l{p  
     «خوجايىنلارنى»دەپ ئىشلەتكەن بولسا،ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتنىڭ خارەكتېرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىنغان بولاتتى 9 ?~Y  
ئەمەسمۇ؟-دەپ تەھلىل يۈرگۈزدى.دېمەك،بالىلارنى ئوقۇغان كىتاب،دەرسلىك تېكىستلىرى ئۈستىدە كۈزىتىشكە، c/\$AJV.H  
ئىزدىنىشكە،تەھلىل قىلىشقا ياخشى تەشكىللىگەندىلا،ئۇلار تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش،سۆزلەرنى جايىدا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ساغلام يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. bxA1fA;  
8.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چوقۇم توغرا چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. pRLs*/Bw  
2007-يىلى شىنجاڭ  ئۇنۋېرىستېتى نەشىرياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان «يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچەتۈزۈلگەن |U4t 8  
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك تېكىستلىرىدە ئۇچرايدىغان يېڭى سۆزلۈكلەر ئىزاھاتلىق لوغىتى» r9d dVD  
(3-قىسىم)دا يۇقارقى مەسىلىلەرگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. {BlKVsQ  
(1)پوكەي_«دۇكان،ماگىزىن»دەپ ئىزاھلانغان؛ئەسلىدە«پوكەي»نى:«دۇكان،ماگىزىنلاردا پىركازچىك بىلەن خېرىدارنى ئايرىپ تۇرىدىغان توساق،ياكى پۇل يېغىدىغان ئۈستەل...» دەپ ئىزاھلىغان بولسا ھەم توغرا،ھەم چۈشىنىشلىك بولاتتى. }.R]. 4gT  
(2)  سىپتا_«نېپىز،قىلىن ئەمەس -يوپكا»دەپ ئىزاھلانغان.   «سىپتا» دېگەن سۆزنى «سېلىق،كۆركەم،يارىشىملىق» 8 K/o/  
دەپ ئىزاھلىغان بولسا  توغرا بولاتتى... ^,M&PP6  
  مەسىلەن:«بۇ كىيىم تولىمۇ سىپتا(سېلىق،يارىشىملىق...)تىكىلىپتۇ-ھە!» دېگەن جۈملىنى «بۇ كىيىم تولىمۇ نېپىز qm&Z_6Pw  
(قىلىن ئەمەس،يوپكا) تىكىلىپتۇ-ھە!»دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. :9Vd=M6,  
دېمەك،بۇ لوغەتتە بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ،شۇڭا،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى سۆز- @~l?hf  
ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرگەندە توغرا چۈشەندۈرۈش،مەنىسىنى خاتا ئىزاھلاشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئەمەلىيتىدە سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى توغرا،دەل جايىدا ئورۇنلۇق قوللىنىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ,LHQ@/}A C  
9.ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىق مەشقى ئورۇنلاشتۇرغاندا ،سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي بوشلۇقتىكى رەڭدار ئۆزگۈرۈشلەردىن  ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىپ،ئوخشىمىغان ئوبېيكتىغا قارىتا قىيىنلىق +.b@rU6H  
دەرىجسى ماس كېلىدىغان يېزىقچىلىق تاپشۇرىقى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئەستايىدىل باھالاش،باھا سۆزىنىمۇ ئالاھىيدە X0.-q%5  
ئويلىشىش،ئەستايىدىل تۈزىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىيغا ۋە قىزىقىشىغا ئىلھام بېرىش؛سەل ئاددىي يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ يىنىكلىك بىلەن خۇلاسىلىۋەتمەسلىك كېرەك.ئەگەر«يىنىكلىك»پوزىتسىيىسىنى قوللانسىڭىز QF fKEMN  
ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش نىشانىغا مۇۋاپىقىيەتلىك يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن،يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش f @cs 
قانۇنىيىتىگىمۇ خىلاپلىق قىلغان بولىسىز...! s;0eD5b>x  
yeCR{{B/'  
مەن بۇ جەھەتتە ئۆزگىچىراق ئۇسۇل قوللىنىپ،تاپشۇرۇققا بالىلارنىڭ ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق ھالدا باھا يېزىپ، N+vU@)_lC  
ئۇلارغا ھەر دائىم مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ كەلدىم.... {xC CUU  
مەسىلەن:بىر قىسىم باھالىرىمدىن ئۆرنەك يوللاي... yMNLsR~rh  
(1) >t"]gQHtx  
ۋاقىت دېگەن ئاتقان ئوق، k"P2J}4eO  
ئاڭا سالما تاشلىغىن. s'^zudx  
چۈشەنمىگەن سۇئالنى، 4Pljyq:  
سوراپ ئۆگەن،قاچمىغىن...! fJ Ch  
باش ئەگدۈرۈپ ۋاقىتنى، e^@/ Bm+B  
مۈشكۈللەرنى قاتلىغىن. (oxe\Qk  
ئارزۇيۇم شۇ سېنىڭدىن، r2T?LO0N{  
داۋانلاردىن ئاتلىغىن...! cLl fncI  
(2) qD\%8l.]Z  
نېمە بولدى ساڭا؟ $ Yz &x%Lb  
جاۋاپ بەر ماڭا. EGwY|+3  
«ئانا«-ھەققىدە، lkg-l 
ئويلىرىڭ شۇما.؟ ^BM/K&7^  
مەن ئىشەنمەيمەن، Ut-6!kAm  
سېنىڭ ئويۇڭغا. 3i(k6)H$4  
ئويلىرىڭ چەكسىز، Kc udWW]  
ئوخشار دولقۇنغا. A2&&iL=j/  
قايتا ياز ،بالام... savz>E &  
بېرەي مەن-سالام.! M{kPEl&Z  
GIVs)~/Eq  
(3) M]` Q4\  
يۇقارقى سۇئاللىرىڭىز ئاساسىدا قاناتلانغان تەسەۋۋۇرىڭىزنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇڭ،ئۈمىد بار سىزدە...! W,{`)NWg  
(4) J+*rjdI  
ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ كىتاب، e3>Re![_.  
كىتابسىز ئىنسانلار ئۆمرىدۇر-بىتاپ. /1li^ 
قانچە كۆپ ئوقۇساڭ كىتاب دېگەننى، >!)VkDAG  
بۇلبۇلدەك تىنمايدۇ تىللىرىڭ ئويناپ. 9_>4~!x`  
ئوقۇغىن،ئويۇننىڭ ئورنىدا كىتاب، b"FsT  
قەلبىڭگە ئورنىسۇن ئۇنىڭدىن-ھېكمەت. $g$`fR )  
شۇ مۈشكۈل داۋاندىن ئۆتسەڭ بىمالال، |16 :Zoq  
تۇيۇلار ئەل-يۇرتقا ھاياتىڭ قىممەت. Na~_=3+a  
ئەي ئوغلۇم،ئوقۇغىن،ھارماي ئېزدەنگىن، fd,~Yj$R?  
ئاتاڭنىڭ ئارزۇسى سەندە مۇجەسسەم. $GO'L2oLwn  
ئىزىڭدىن رەڭدار گۈل خۇش پۇراق چاچسا، *i?qOv /=>  
«مۈشكۈللەر ئالدىڭغا بوپ كېلەر-سەنەم!» {H+?DMh  
(5) 4a @iR2e  
مۈشكۈللەر ئالدىدا ئەگمە ھەرگىز باش، |TUpv*pq  
ئىرادەڭ چىڭ بولسا يەنجىلىدۇ-تاش...! _(z"l"l=$  
(6) aXJe"IT.u  
ئىملاغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭ سىز، V]O :;(W_  
بىر ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانساق-بىز. xqtjtH9X  
(7) QLUe{@ivc  
ھايالىق بولغىن،ھاياسىز بولما، e"CLhaT  
ئەلگە ۋاپادار بول،ۋاپاسىز بولما. c~'kW`sNV  
ھەر بىر قەدىمىڭ ئەلگە باغلانسۇن، E nvs[YZe  
ھالال ياشىغىن،نىشانسىز بولما. 3PA'Uk"5Z  
(8) `-H:j:U{  
بەش نومۇرنى ئىملاغا،  mb/[2y<  
تارتىۋالدىم-بىلسىڭىز. 3I5WDuq  
ئەسەر ياخشى چېقىپتۇ، i-?zwVmn  
خەتكە كۆڭۈل بولسىڭىز.؟ !T*B{+|  
(9) W\,lII0  
ئىملا دېگەن چىرايلىق بولسا، .NT&>X~.V  
كۆرگەنلەرگە ھوزۇر بېغىشلار. i'wF>EBz  
ساڭا قانچە ئېيتتىمغۇ-ئوغلۇم، :6?&FzD`  
يەنە شۇنداق كەتتى بىقىشلار. 3~ 
دېققەت قىلىڭ ئىملا دېگەنگە، aELT"b,x  
ئاغرىتمىسۇن قولنى سىقىشلار...! ?0mJBA  
%-/:ps  
2w|u )ow )  
مۇشۇنداق ئىلھام ۋە مەدەتلەر تۇرتكىسىدە،بۇۋىمەريەم ئابلىمىت ھەم ئابدۇۋىلى ئابدۇشۈكۈر (ئۆتكۈر قاپىيە)دەك TDIOK  
بالا شائىرلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشالىدىم.مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. FRt/{(jro  
10.يېزىقچىلىق مەشقىدە ئوقۇغۇچىلارغا«قىلىپ»بەلگىلەپ تەپەككۈرنى بوغۇپ قويۇشتىن ساقلىنىپ،ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى بىمالال،ئەركىن نامايەن قىلالايدىغان ئازادە مۇھىت يارىتىش،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى خالىغان تېمىدا،خالىغان ماۋزۇ ۋە ژانىردا بىرەر پارچە ماقالە-ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چېقىرىشىغا مەدەت بېرىش ھەم بۇ تەسەۋۋۇرنى ئەركىن M3@fc,Ch  
قاناتلاندۇرۇپ،ئىخچام ئەمما ئوبرازلىق ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئىشىنىش،شۇنداقلا تولۇق ھۆرمەت قىلىش كېرەك. Z 034wn\N  
ئەكسىنچە،ئۇلارغا چەكلىمە،دائىرە بەلگىلەپ شۇ دائىرىدىن چەتنەپ كەتنىگەن ئاساستا يېزىشنى ئورۇنلاشتۇرساق، b*F~%K^i$  
ئوقۇغۇچىلار تەپەككۈرنى ئەركىن،ئوبرازلىق قاناتلاندۇرالماي قالىدۇ-دە،تەسەۋۋۇر-خىياللىرى نابۇت بولىدۇ.شۇڭا،بۇ نوقتىغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىش كېرەك. J+ZdZa}Ob  
11.ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى خىياللىرىمۇ يېزىقچىلىق ھەۋىسىنى قوزغاشتىكى بىر ياخشى پۇرسەت ۋە مۇھىم پەيتتۇر.سىز دەرس سۆزلەۋاتقاندا«خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچى»نى كۆرسىڭىز ھەرگىزمۇ خىيالىنى بۆلىۋەتمەڭ. [l%fL9  
ئەكسىنچە،ئۇنىڭ يىنىغا بېرىپ:«دەرھال قەلەم ئېلىپ ھازىر ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ چېقىڭ،بىر ئورتاقلىشىپ باقايلى» C.)&FW2F_  
دېسىڭىز،ئوقۇغۇچى دەماللىققا خىجىل بولىدۇ؛ئەمما خىياللىرىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىگىنى يېزىپ سىزگە كۆرسىتىش نىيىتىدە يېزىشقا كېرىشىدۇ.بۇ جەرياندا سىز ۋاقىت،دەرس سۈرئىتى جەھەتتىن ئازراق قۇربانلىق بىرىسىز.بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس.بۇ ئارقىلىق سىز ئۇلارنى شۇ خىياللىرى ئاساسىدا ئەپچىللىك بىلەن ئەدەبىيات يېزىقچىلىقىنىڭ ئاجايىپ رەڭدار دۇنياسىغا بىمالال قەدەم بېسىشىغا يېتەكلىيەلەيسىز ھەم زور مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز. uU(G_E ?  
a]Da`$T  
12.ئوقۇغۇچىلاردىكى«سىز بىلەن بىز ھەم ئۇ» ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان «غەلىتە مىجەز»لىك خارەكتېرىگىمۇ ئالاھىيدە ئەھمىيەت بېرىش - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق  ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈشتە بىر ياخشى كۆزنەك. a^\- }4yR  
   ئادەتتە،ئوقۇتقۇچىلار يېزىقچىلىق  ئوقۇتۇشىدا «بۇ كۆزنەك»نىڭ مۇھىملىقىغا سەل قاراپ،يېتەكلەش ئۇسۇلىغا دېققەت قىلماي،ھە دىسىلا بۇ خىل  مىجەزلىك ئوقۇغۇچىلاردىن«ئىنتىزامسىز،كاللىسىنىڭ دەردى بار...» دېگەندەك wJos'aTmE  
سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ،ئۇلارنى رەنجىتىپ يۈرۈشكە كۆنۈپ كەتكەن.بىراق«بۇ خىل مىجەزلىك بالىلار» مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە،ئىنتايىن كۈچلۈك تىل بايلىقىغا ئىگە بولىدۇ.شۇڭا،ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا زەربە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن پىكىرداش،سىرداش بولۇش،ئۇلارنىڭ شۇ خىل «غەلىتە مىجەز-قىزىقىش»دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش yCkW2p]s,K  
ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ئاساسىدا يېزىقچىلىققا تەبىئىي قىزىقىدىغان خارەكتېرىنى a.}:d30   
يېتىلدۈرەلەيمىز. iWN.3|r  
13.ئوقۇغۇچىلاردىكى «دورامچىلىق ۋە تەقلىت قىلىپ يېزىش»ئادەتلىرىگىمۇ مەلۇم  مەزگىل پۇرسەت ۋە ۋاقىت بېرىش كېرەك.بۇنداق قىلىش ئوقۇغۇچىلاردا تەدرىجى مۇستەقىل ئىجادچانلىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. 'tV"^KQHI  
14.تەتىل ۋە دەم ئىلىش مەزگىللىرىدىكى تاپشۇرۇق ئۈنۈمىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل ۋە 1YIux,2\  
دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن مۇۋاپىق ۋاقىت چېقىرىپ،:«بىر ياخشى كىتاب ئوقۇپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىش»،«بىر ياخشى بالىلار كارتون فىلىمى كۆرۈپ،ئالغان تەسىراتىنى يېزىپ كىلىش»،«بىر ياخشى ناخشا ئۆگىنىش ھەمدە ئۇنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنى تەھلىل قىلىپ يېزىپ كىلىش» ،«تەتىل جەريانىدا ئۆز بىشىدىن بىۋاستە ئۆتكۈزگەن مەلۇم بىر dW{o+9nw  
ۋەقەنى چۆرىدەپ،خالىغان ژانىردا بىر پارچە  ئەسەر يېزىپ كىلىش».....قاتارلىق شەكىللەردە  يېزىقچىلىق مەشىقى = JbdsYI(  
(تاپشۇرۇقى)ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆز قىزىقىشى بويىچە )Vg{Y [!  
تۈرلۈك ژانىردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ كېلىپ،ساۋاقداشلىرى ھەمدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ,p* ntj{  
ئورتاقلىشىشقا ئالدىرايدۇ. ]cLEuE^&  
        دېمەك،يۇقارقىدەك نوقتىلاردىن ئىزدەنگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە <r7qq$  
ئاجايىپ مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.! , Y g5X  
vh. Wm?qQ  
liugaRO8J  
   eHR&N.2  

tursun 2013-09-22 10:16
كۆرۈپ قويۇڭلار،پايدىسى تېگىپ قالىدۇ.ئەسلىدە   بۇ تېمامنى (2007-يىلى يېزىپ پۈتتۈرۈپ قويغان،ھەتتا شەھەر بويىچە لېكسىيە قىلىپمۇ سۆزلىگەن) يوللىماي دەپ،ئۇزاق ۋاقىت باشقا ماقالە -ئەسەرلىرىمنى يوللاپ تۇرغان ئىدىم،يەنە مۇشۇ كۆڭلۈم ئۇنماي قويدى دېسە...!

alga~nap 2013-09-22 17:13
بۇ ماقالە ماڭا بەكلا يارىدى. قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بارئىكەن. بولۇپمۇ ئاۋۇ ئىلھاملاندۇرۇش سۆزلىرىنى بەكلا ياقتۇردۇم. ئاپتۇر ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلامدىكىن؟

tursun 2013-09-22 18:35
يارىغان بولسا....كونىلاردا:«ئەلدىن-ئەلگە نەپ»دەيدىغان ھېكمەت بارغۇ... LXfCmc9|Z  
ئەلۋەتتە قوشىلىمەن،مەرھەمەت...!     

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-09-22 21:59
ئوستازنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىدىن بەھىرلىنىپ تۇرۇش بىزنىڭ بەختىمىز !بەك ياخشى يېزىپسىز ئوستاز .مھنەت ئونتۇلمايدۇ .سالامەت بولغايسىز .     

tursun 2013-09-23 10:49
ھەممىمىزنىڭ تىنى سالامەت،ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن...!     

ozqan 2013-09-23 16:50
تۇرسۇن مۇئەللىم : ھەقىقەتەنمۇ بىزدىن ئايىغىدەكلا ياخشى تېمىكەندۇق بۇ ! L:f)i,S"5q  
تەجىربىلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم ...ناھايىتىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كونكىرىت قىلىپ يېزىپسىز ... %vqT#+x  
بولۇپمۇ ، ئوقۇغۇچىلار ماقىلىلىرىگە يازىدىغان شېئرىي باھالىرىڭىز ماڭا بەكلا ياقتى . D'i6",Z>  
ھەي ئىسىت ، دەپلا قالدىم ، ئەگەر پىلان تۈزگەن كۈنى بۇ تېمىڭىزنى كۆرگەن ، بۇنچىلىك تەجىربىلىرىڭىز بارلىقىنى بىلگەن بولسام ، بىر قېتىملىق لېكسىيەگە تەكلىپ قىلاتتۇقكەن سىزنى ... بولارمىدى - يا؟  بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ ئېلىپ كېلەتتىكەندۇق بۇ تەجىربىلىرىڭىز ...

mikray418 2013-09-23 20:43
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !

tursun 2013-09-24 12:41
رەھمەت تەۋفىقداشلىرىم...!   

bahadir 2013-09-26 20:30
ياخشى تىمىكەن،بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق ئىقتىدارىنى شۇنداق قىلساق ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتىرەلەيمىز. xrnH= >.;m  
ئەمما ئوقۇغۇچىلارغا قاچانمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەش خوش ياقار- ھە!

tursun 2013-09-27 10:44
مەيۈسلەنمەڭ...«ئەمما ئوقۇغۇچىلارغا قاچانمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەش خوش ياقار- ھە!»دېمەيلى... بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ھالدا تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان بولۇش n &\'Hm  
-بولالماسلىقى يەنىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ  
مېھېر -مۇھەببىتىگە باغلىقتۇر...ئورتاق تېرىشايلى...سىز-بىز بىرلىكتە تېرىشساقلا i B!hEbz  
بۇ ئىشلار تەبىئىي رەۋىشتە ھەل بولۇپ كېتىدۇ...رەھمەت...!     

ئەكبەرنىياز 2013-09-28 17:59
ئۇستازنىڭ ھەر بىر تېمىسى بىز ئۈچۈن يېڭى بىر يول كۆرسەتكۈچى ماياك !!!

ئۇيغۇر 2013-10-03 00:36
خەلقىمىز ئەجرىڭىزنى ئۇنۇتمايدۇ،قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن جەننەتنىڭ قۇچىغى سىزگە ئۇچۇق. چۇقۇم...

tursun 2013-10-12 12:24
ھەممىمىزگە شۇنداق بولسۇن....رەھمەت...!   

tawpek 2013-10-12 15:19
بۇ تېمىنىڭ قەدرىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ كاتتا  سوۋغىسى  بوپتۇ. x0Yse:RE^  
Kmz7c|  
PUdM[-zjh  
ئوقىۋىتىپ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. zf[`~g  
U__(; /1;  
نىمانچە ئەستائىدىلدۇرسىز  دەيمە. ~8T(>!hE1h  
$gpG%Qj  
مەن نۇرغۇن قىتىم ئوقوپمۇ ھىس  قىلمىغان نۇختىلار جىقكەن، ھازىرمۇ شۇپىتىكەن بەزىسى. L,,*gK  
f~{}zGTM:  
بىلىم بىلگۈچىدە ئەقىل سەزگۈچىدە دىگەن شۇ ئوخشايدۇ.

چېچەك 2013-10-19 13:14
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر مۇئەللىم!

ياسىنجان510 2013-11-03 14:13
نۆۋەتتە يېڭى دەرسلىك ئاساسىدا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىش خىزمىتى يوقۇرى تەلەپ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاقان ،ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان تەلىپى يوقۇرلاۋاتقان شارائىتتا  تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ساپاسىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈۈش مۇھىم مەسىلە بولدى.بۇنىڭ .بۇنىڭ ئۆچۈن تىل-ئەدەبىيات دەرس ئېگىلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنى مەشىقلەندۈرىشنى كۈچەيتىپ،يازغان مەشىق ماقالىلىرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋەباھالاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

tilak 2013-11-04 16:24
ياخشى يېزىلىپتۇ ئوقۇپ قويغىدەك

قەلبىنۇر 2013-12-06 15:39
قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بارئىكەن.ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !  

ياسىنجان510 2013-12-24 20:37
قىممەتلىك يازما ئىكەن ،نۇرغۇن ئەمەلىي تونۇشلارغا ئىگە بولدۇم.رەھمەت سىزگە.

ياسىنجان510 2013-12-25 23:40
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز.

ياسىنجان510 2014-01-01 11:32
بۇ يېزىقچىلىق دەرس تەييارلىقى دەرسخانىدا ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەرس تەييارلىقى ئىكەن  ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئىمام 2014-01-06 23:05
ياخشى تېمىكەن،بەكمۇ تەپسىلى يېزىپسىز،تىل- ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ...

tursun 2014-01-07 15:59
ئوقۇرمەنلىرىمگە ئالىي تەشەككۈر...! سىلەر ئۈچۈن ئازراق بولسڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى !VNbj\Bp  
بولغان بولسا...مەن شۇنىڭغا خۇشالمەن...رەھمەت...!

ئىمام 2014-01-07 21:42
ماقالىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ،رەخمەت ئەجرىڭىزگە...

ياسىنجان510 2014-01-21 14:20
ئوقۇتۇستا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يازما ئىكەن رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچىلاردا- يېزىقچىلىق ئىقتىدار ...بۇژغۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled