查看完整版本: [--
سىنىپ مۇدىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ زىيىنى (ئۇيغۇر)
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش
->
سىنىپ مۇدىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ زىيىنى (ئۇيغۇر)
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
ئۇيغۇر
2013-09-20 10:55
سىنىپ مۇدىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ زىيىنى (ئۇيغۇر)
سىنىپ مۇدىرلىرىنى تاللاش ۋە ئالماشتۇرۇپ بىكىتىش جەھەتتە ھىس قىلغانلىرىم
`X^4~6/q
( چىرا ناھىيە 1- ئوتتۇرا ئالىمجان ئابدۇللا)
ix !u#7
مەن يېقىندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ساۋاقدېشىغا باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۆزىگە 18 ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغانلىقىنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ سەل ئويلىنىپ قالدىم . يېزا مەكتەپلىرىگە نىسىبەتەن بۇ بىر ئۇمۇملىشىپ كەتكەن ئەھۋال بولسىمۇ ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەربىيلىنىشىگە ئېغىر تۇسالغۇ بۇلىدۇ دەپ قارايمەن .
`+zr PpX
سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى مەكتەپلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا بۇلۇپ ، سىنىپلار خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ياكى ئىشلەنمەسلىكى شۇ مەكتەپ خىزمىتنىڭ ياخشى بولۇش ياكى بۇلالماسلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاخىرىدا بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ، ئەخلاق ، پەننى دەرسلەرنى ئوقۇش ، تۇرمۇش ، جىسمانى جەھەتلەردىكى تەربىيە . . . قاتارلىقلار سىنىپ مۇدىرى ئارقىلىق ئەمىللىشىدۇ . شۇڭا مەكتەپلەردە سىنىپ مۇدىرلىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىش ۋە ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش زۈرۈر . ھازىر قارايدىغان بولساق بەزى مەكتەپلەردە ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىگە بەلگىلمەسلىك ، بەلگىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇش ئەھۋاللىرى ناھايتى ئېغىر . مېنىڭچە سىنىپ مۇدىرلىرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرساق مەكتەپلەر خىزمىتىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەربىيلىنىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاقىۋەتتە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ .
OvK_CN{
1-ئەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگۈنىشكە يىتەكلەش ئۇسۇلى بىلەن كېيىنكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدا پەرق بۇلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار ئەمدىلا ئادەتلىنىپ كەلگەن بۇ خىل ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ – دە ، كېيىنكى ئۇسۇلنى ئگەللەپ بولغۇچە كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ . نەتىجىدە دەرسلەردە چىكىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ .
|{oKhC^yG
2-ئىلگىركى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسى ، مىجەز-خارەكتىرى ، ئائىلە ئەھۋالى ، قىزىقىش – ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قەدەر پىششىق بىلىدۇ ، مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى ئۇلارنى يىتەكلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ، ئۇمۇمەن ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ئاساسەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇلىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋالدا سىنىپ مۇدىرنى ئالماشتۇرۋەتسەك ، ئوقۇغۇچى ئۆزنى بىر ھىماتچىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ ، يىتىمسىرايدۇ ، كېيىنكى ئوقۇتقۇچى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا بىر « ئۆگەي ئانا » خالاس . ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىڭ كۆيۈنىشىنى ئىتىراپ قىلىشى تەس . شۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتۇرىسىدا سۈركىلىش كىلىپ چىقىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال سىنىپ كوللىكتىپى ، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ھەممىسىگە پايدىسىز .
Zs{ `Yf^ Q
3-سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوتۇرىسىدىكى ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ ، ئاتا –ئانىلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رۇلى يۇقايدۇ ، ھەم ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇلار ئوتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئىلگىركىدەك كۆڭۈللۈك بۇلىشى ناتايىن . بۇنداق ئەھۋالدا جەمئىيەت ، ئائىلە ، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلەشكەن تەربىيە شەكلى قۇرۇق شۇئار بۇلۇپ قالىدۇ .
=e._b 7P
4- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىتپاقلىق بۇزۇلۇپ ، ئۆز – ئارا سوقۇشىدىغان ، سىنىپ مۇدىرى بىلەن قەستەن جىدەللىشىدىغان ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا ئىشەنچ يۇقاپ ، بىر – بىرىدىن قاچىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ .
P_ZguNH
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا سىنىپ مۇدىرلىرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغاندا ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەكتەپلەرنىڭ ئۇمۇمى خىزمەتلىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ . شۇڭا ئامال بار سىنىپ مۇدىرلىرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرماسلىق ، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ، ئوقۇتقۇچىدا ئازىراق يىتەرسىزلىك بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنى يىتەكلەش ئاساسىدا ، داۋاملىق شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرلىقىنى ئىشلەشكە بەلگىلەش كېرەك . سىنىپ مۇدىرلىرىنى بىكىتىشتە ئويلاپ مۇۋاپىق نامزات بىكىتىپ ، قۇبۇل قىلىنغاندىن باشلاپ تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە مۇقىم بۇلۇش ، سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ تۇراقلىقى ، ئىتپاقلىقى ، ئۆگۈنىش جەھەتلەردىن بىر قوللۇق تۇتۇشنى ئەمىللەشتۈرۈش كېرەك . بۇ مەكتەپلەر خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن .
R2~Rqlti
مەنبە: چىرا ناھىيە 1- ئوتتۇرا ئالىمجان ئابدۇللا(ئۇيغۇر)
&12aI|u^<
ozqan
2013-09-22 13:08
مۇھاكىمىڭىز ئەتراپلىق بوپتۇ ...
;hZ(20
ئەمەلىي تېمىنى يوللاپسىز ... رەھمەت ئەجرىڭىزگە .
ئوتقاشئەرقۇتى
2013-09-22 14:50
ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي !
ئەنۋەرچەرچەن
2013-09-23 21:44
ئەمەلىي تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت.
bahadir
2013-09-25 11:57
بىزنىڭ بۇ يەرلەردە كىم باشلىقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالسا شۇنىڭغا سىنىپ بىرىدۇ
ئەكبەرنىياز
2013-09-28 17:29
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!
گۈلرۇز
2013-09-28 18:26
ياخشى تېما ئىكەن. ئەمەلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.
مەرىپەت0999
2013-10-28 12:45
ناھايىتىمۇ ياخشى بىر تىما يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!!!!!!
tutya
2013-11-05 14:55
سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ماقالىڭىزدە دىيىلگەندەك مەكتەپنىڭ مۇھىم خىزمىتى.سىنىپ مۇدىرنى ياخشى تاللاش تاللىماسلىق،شۇ مەكتەپنىڭ ياخشى يامانلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.سىنىپ مۇدىرنىڭ خىزمىتىنى كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى خىزمەت قاتاردا كۆردىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى،شۇ مەكتەپنى ياخشى تەشكىلللەش،ياىشى باشقۇرۇش باشقۇرالماسلىققا بىۋاستە چىتىلىدۇ.
FHD6@{{Gp"
بىرقىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش،ئوقۇتۇش سۇپىتىنى ئوستۇرۇش جەھەتلەردە كوپ قىتىم مۇزاكىرلىشىپ،كۆپ ئۇيلىنىپ سىنىپ مۇدىر تاللاپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئەكىسچە كىم كۆزىگە سەت كۆرۇنىپ قالسا،سىنىپ بىرىپ ئۇنى بۇيۇن ئەگدۇرۇش،جازالاشتىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش يۇلىنىشىگە خىلاپ ھاللاردا بەزى خاتالىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ،مىللەت،خەلىق ئالدىدا ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالىۋاتىدۇ.
0 #q_LB
شۇڭا سىنىپ مۇدىر تالللاش مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ تۇپكى كاپالىتى......لىكىن بۇيەردە بىرنەرسىنى ئەسكەرتىش كىرەك....ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىنىپ باشقۇرۇش،پىشقەدەملەردىن ئۇگۇنىش كىرەك...سىنىپ باشقۇرمىغان سىنىپ مۇدىر بۇلمىغان ئوقۇتقۇچى مەيدىسىنى كىرىپ مەن ئوقۇتقۇچى دەپ يۇرگەن بىلەن ئۇ ھەقىقى بىر ئوقۇتقۇچى ئەمەس....ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ئارقىلىق،ئۆزىنى پەدەزلەپ جان باققۇچى ھىساپلىنىدۇ..
1S=I(n?E
ئەلۋەتتە ھازىرقى مەزگىللەردە مەكتەپتىكى ھەرقايسى پۇنكىسىيىلىك ئاپراتلار ھەممە ئىشنى سىنىپ مۇدىرغىلا بۇيرۇپ،ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە بىسىم قىلىپ،سىنىپ مۇدىر بۇلغانغا پۇشايمان قىلدۇرۋىتىدىغان مەسىلللەر كۇندىن كۇنگە ئىغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ...بۇنى رەھبەرلىك« نىمە ئۇچۇن؟»دىگەن سۇئالنى قۇيۇپ تۇرۇپ ياخشى ئويلىنىپ باقسا ئەڭ ياخشى جاۋاپقا ئىرىشەلەيدۇ....
C*KRu`t
ئۇيلىنىڭ بىقىڭ.....خىزمەتنى كۆپ قىلغان كىشىنىڭ .سىنىپ مۇدىرنىڭ كەمچىلىكى كۆپ بۇلىدۇ...ئەكىسچە خىزمەتنى ئازراق ئىلىپ چۇرگىلىپ يۇرگەنلەرنىڭ كەمچىلىكى ئەلۋەتتە ئاز بۇلىدۇ....سىنىڭ كەمچىلىكىڭ كۆپ دەپ تەنقىت قىپ بىسىم قىلسا، باشقىلار خالىزىم بۇپ كەتسە،..خىزمەتنى ياىشى ئىشلەيدىغان شۇ سىنىپ مۇدىرنىڭمۇ رايى قايتىپ كىتىدۇ........
`@`CZg
شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇر
2013-11-07 00:51
ماقالەمنى ياقتۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت قېرىنداشلىرىم.
ئەخمەتجانمەمەت
2013-11-25 23:49
پىكرىڭىز چوڭقۇر بوپتۇ
abral777
2013-11-26 12:52
ئۇيغۇر
:
ماقالەمنى ياقتۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت قېرىنداشلىرىم.
(2013-11-07 00:51)
;B tRDKn
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن،ئويلىنىشقا تېگىشلىك
شەرق
2013-11-26 13:50
مەن ھازىر سىز دېگەندەك سىنىپ مۇدىرى تۇلا ئالماشقان سىنپقا دەرس ئوتۋاتمەن.
akida228
2013-11-26 14:17
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپسىز، يارايسىز
akida228
2013-11-26 14:23
بۇ مەسىلە مىنىڭمۇ بېشىمنى قاتۇرىۋاتقان مەسلىلەردىن بىرى ، مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ، سىنىپ مۇدىرىنى ئىمكانقەدەر ئالماشتۇرماسلىق كېرەك ، بىراق ھازىر تۈرلۈك تەربىيلىنىش ، خىزمەت يۆتكىلىش ، تۇغۇتلۇق دەم ئېلىش ...قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن يىلدا 3-4 سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز ، يىلدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىدىغاندا مۇشۇ مەسىلە بەك بېشىمنى قاتۇرىدۇ ،يۆتكىلىدىغانلار ،ئوقۇشقا بارىدىغانلار يىل بېشىدا ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن ، تەتىل مەزگىلىدە بېكىتىلسىكەن دەيمەن
查看完整版本: [--
سىنىپ مۇدىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ زىيىنى (ئۇيغۇر)
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled