,SBL~JJ
سەن بىلەن بىللە بولغاندا بەزىدە سەن بىلەن ئۇرىشىدۇ،بەزىدە گەپ تالىشىدۇ،ھەتتا بەزىدە سېنىڭ ئامراق نەرسەڭنىمۇ تالىشىدۇ،ئاتا_ئاناڭغا سېنى چاقىدۇ،بىراق سېنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ،سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار بەك چوڭقۇر،دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر،مانا بۇ __ قېرىنداش .
#f[yp=uI:
دۇنيادا مۇنداق ئادەملەر بار:
كۆرۈشمىگەن چاغدا سېغىنىشىدۇ،كۆرۈشكەندە ئاغزىغا گەپ كەلمەيدۇ،ئۇ يۈرىكىڭدىن زادىلا چىقمايدۇ،ھەتتا سېنى شېرىن خىياللارغا غەرق قىلىپ ئۇيقۇ بەرمەيدۇ،مانا بۇ __ ئاشىق _ مەشۇق .
7HzKjR=B
دۇنيادا مۇنداق ئادەملەر بار:
سېنىڭ باشقىلار بىلسە بولمايدىغان مەخپىيەتلىكىڭنى بىلىدۇ،خاتالىق ئۆتكۈزگەن چېغىڭدا سەن تەرەپتە تۇرۇپ سەۋەپ كۆرسىتىدۇ.بىرسىنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغان چېغىڭدا سەن ئۈچۈن ئەلچى بولىدۇ.سۆيگۈنۈڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان چېغىڭدا،بار دەردىڭنى ئۇنىڭغا تۆكىسەن.لېكىن ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى:سەن ئۇنى پەقەت ئاۋارىچىلىققا يۇلۇققىنىڭدا ئەسكە ئالىسەن،بىراق ھاياتىڭدا بۇنداق ياخشى ئادەمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىسەن،مانا بۇ _ دوست .
tqHXzmsjW
ئۇلار ئاتا _ ئانىسىنىڭ قانىتى ئاستىدىلا ئۆسۈپ يېتىلگەن،قېرىنداشلىرىغا تايىنىپ ئۆز ئورنىنى،ئاشىقىنىڭ مۇھەببىتىدىن ھەقىقىي بەختىنى تاپقان،دوستلىرىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ئىللىقلىققا ئېرىشكەن.سەن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ساڭا ئوخشاش ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى،شۇنىڭدەك بۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىڭنى بېيىتقانلىقىنى بىلىسەن،سەن ئۇلارنىڭ ساڭا ئېلىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت ئېيتىسەن_ يۇ،لېكىن دائىم ئاغزىڭدىن چىقىرالمايسەن،مانا بۇ _ ئۆزۈڭ .
d{0>R{uac
5K8\hoW{
«<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>دىن ئېلىنغان I%%$O'S
:`_wy-}V
)sW1a