lala |
2013-09-18 15:09 |
تەۋپىققە ھەشقاللا
P$sxr مەن تاساددىپىي پۇرسەتتە تەۋپىق تورىغا ئەزا بولدۇم. مۇنبەردىكى مىننەتسىز، خالىس ئەزالارنىڭ ياردىمىدە مەشغۇلات قىلىشنى، ماتېرىيال ئىزدەشنى ، يوللاشنى ئۆگەندىم. توردا تەبىئىي پەنننىڭ، خەنزۇتىلىدىكى پەنلەرنىڭ ماتېرىيالى ئىنتايىن كۆپ. ئەمما ئۇيغۇرتىلىدىكىسى بەك ئاز. بۇلۇپمۇ تىل-ئەدەبىياتنىڭ . تەۋپىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى. ھەرقاچان بىرەر ماتېرىيالغا ئېھتىياجلىق بولسام ياكى بىرەر مەسىلىنى بىلەلمىسەم توپقا ياكى مۇنبەرگە يوللپ قويسام مەن ئويلىغىندىنمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. مەن مۇنبەردىن پايدىلىنىپلا كەلدىم. ھاجىتىم چۈشسە ئاچىمەن، تاپىمەن، توردىن چۈشىمەن. مەن تەۋپىققە ھەقىقەتەن جىق قەرىز. تەۋپىق ئانا تىل ئىشقىدا سايراۋاتقانلارنى بىر يەرگە يىغدى، مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلدى، يوللارنى يېقىن قىلدى. ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلارغا ۋاقتىنى سەرىپ قىلىۋاتقانلارنى ئۆز قوينىغا تارتتى، ھەممەيلەن ئۈنسىز تۆھپىكارلارغا ئايلاندى. تىل-ئەدەبىات ئوقۇتقۇچىلىرى تەۋپىقتا ئۆملەشتى، تەۋپىقتا يەملەشتى. ھازىر مەيلى تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ خېلى كۆپ ماتېرىياللىرى تېپىلىدىغان بولدى. مەن بىر بەھىرلەنگۈچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن تەۋپىققا ھەشقاللا ئېيتىمەن. كونا ماتېرىياللارنىڭ يوقاپ كەتمەي ساقلىنىشىنى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|