查看完整版本: [-- يولۇق 1- يىللىق زۆرۈر دەرىسلىك ئەدەبىيات سۇئال جاۋاپلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ھەركەتلىك قويولمىلار -> يولۇق 1- يىللىق زۆرۈر دەرىسلىك ئەدەبىيات سۇئال جاۋاپلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلسىن 2013-09-17 12:07

يولۇق 1- يىللىق زۆرۈر دەرىسلىك ئەدەبىيات سۇئال جاۋاپلار

زۆرۈر دەرسلىك >r{3t{  
بىرىنچى بۆلەك [A|W0  
*u>2"!+Ob  
1. «غەزەپ ۋە زار» ھەققىدە -}{\C]%  
-2 v|d]3qG  
بۇ شېئىر 1926- يىلى يېزىلغان. شېئىرىي شەكلى: غەزەل. خاراكتېرى: سىياسىي لىرىكا. ئىجادىيەت ئۇسۇلى: تەنقىدىي رېئالىزىم. Z@ h 
ئاپتور ھەققىدە: شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان شەھرىدە ئابدۇراخمان مەخسۇم ھاجى ئىسىملىك ئابرۇيلۇق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 1916- يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن بىللە رۇسىيەگە چىقىپ شەمەي شەھىرىدە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل- يېزىقىنى ئۆگەنگەن. 1923- يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىلىك مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات، داڭلىق كارخانىچى، تەرەققىيپەرۋەر ئىنقىلابچى مەخسۇت مۇھىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئۈچ يىل تۇرۇپ مول بىلىم ئالغان ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1926- يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا يېڭى مائارىپنى ۋە ئىلىم- پەن ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلغان. a: iIfdd4'  
1927- يىلىغا كەلگەندە مەخسۇت مۇھىتى، پىچانلىق ئىسكەندەر خوجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر مەرىپەت ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاپ پەننىي مەكتەپلەرنى ئاچقان. *Zt)J8C  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ يىللاردا بالدۇر ئويغانغان ئادەمگە خاس جاسارەت، مەرىپەتپەرۋەرگە خاس پاراسەت ۋە ئوت يۈرەك شائىرلارغا خاس مەسئۇلىيەت بىلەن نادانلىق ۋە زۇلۇم بىلەن تولغان ئىجتىمائىي قاباھەتكە قارشى كۈرەشنى باشلىغان. بۇ مەزگىل ئۇنىڭ شېئىر دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرىنى ۋە جەمئىيەت رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغان، نادان خەلقنىڭ مەنىۋى ئىللەتلىرىنى قاتتىق قامچىلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، كۈچلۈك ئىسيانكارلىق روھ، يىراقنى كۆرەر نەزەر ۋە چاقىرىق كۈچىگە باي پىكىرلەر كەڭ خەلق ئاممىسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا باشلىغان. 1932- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا تۇرپاندا قوزغىلاڭ پارتلىغان. ئىچ- ئىچىدىن ھاياجانلانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قولىغا قورال ئېلىپ قوزغىلاڭغا قاتنىشىش بىلەن بىللە قايناق ئىلھامى بىلەن «ئاچىل» ناخشىسىنى ئىجاد قىلغان. بۇ ناخشا ناھايىتى تېزلىكتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ جەڭ ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. o80pmy7@  
بۇ ئوت يۈرەك شائىر 1933- يىل 3- ئاينىڭ 13- كۈنى جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن سەپداشلىرى بىلەن بىللە 32 يېشىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. j!mI9*hP  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ۋە چاقىرىق كۈچىگە باي ئېسىل شېئىرلىرى بىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئۆچمەس مەنىۋى بايلىق. ئەۋلادلار 1980- يىللارغا كەلگەندە ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشتى. شېئىر توپلىمى قايتا- قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن شېئىرلىرى ھازىرغىچە 60 پارچىغا يېقىن. L]9!-E  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق (z2)<_bXJ  
1. سىز بۇ شېئىرنى ئوقۇغىنىڭىزدا، شائىرنىڭ شېئىردا ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر، قايناق ئىدىيەۋى ھېسسىياتى، ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى بەدىئىي ماھارىتى سىزنى تەبىئىيلا جەلپ قىلىۋالىدۇ. ئۇنداقتا قايسى مىسرالار سىزگە ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ھەم نېمە ئۈچۈن تەسىر قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭ. oVoTnGNM6  
جاۋاب: شائىر شېئىرنىڭ بىر قىسىم مىسرالىرىدا ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش، رىتورىك خىتاب قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان. بىز بۇ مىسرالاردىن پەن- مەدەنىيەتتىن مەھرۇم بولۇپ، قالاقلىقتا قېلىۋاتقان مىللەت بىلەن تەرەققىي قىلغان مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئېچىنىشلىق سېلىشتۇرمىدىن تۇغۇلغان ئەلەملىك پىغاننى، مىللەت ئالدىدا ئۆزلىرى ئەڭ چوڭ گۇناھكار بولۇپ تۇرۇقلۇق، مىللەتكە نىجاتلىق بەخش ئەتكۈچى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىلىم- پەنگە ئىنتىلگۈچىلەرنى چوڭ گۇناھكار ساناپ جازالايدىغان مۇتتەھەم جاھالەتپەرەسلەر دەستىدىن ئۆرتىنىپ ئاتەشكە ئايلانغان قەلبنىڭ ئىسيانكار ساداسىنى ئاڭلايمىز. شۇڭا شېئىردىكى مىسرالار ئوقۇرمەننى تەبىئىيلا جەلپ قىلىۋالىدۇ، خىلمۇ خىل تەسەۋۋۇرلارنى قوزغايدۇ. ئوقۇرمەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا شائىرنىڭ قايناق ئىدىيەۋى ھېسسىياتىغا ئەسىر بولۇپ قالىدۇ. شائىر ئېچىنغان نەرسىلەرگە تەڭ ئېچىنىدۇ، نەپرەتلەنگەن نەرسىلەرگە تەڭ نەپرەتلىنىدۇ، ئۇ ئۆكۈنگەنگە ئۆكۈنىدۇ، ئارزۇ قىلغاننى تەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. (oq(-Wv  
2. شېئىردىكى «دورا، كونا كېسەل، باھار گۈلى، زۇلۇم ئوكيانى، پاراغەت ئارىلى...» قاتارلىق ئوبرازلىق سۆزلەردە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەزمۇننى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىڭ ۋە شېئىردا شائىرنىڭ قانداق ئىدىيەۋى ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. RK'3b/T  
جاۋاب: w#Nn(!VR  
ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن، -jC. dz  
ئىزدىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېس دارىمەن. %|SbZ)gcQ  
بۇ كۇپلېتتىكى «دورا» دېگەن سۆزدە تەتۈر پەلەكنىڭ دەستىدىن خەلقنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا شائىرنىڭ خەلقنى بۇنداق ئازاب- ئوقۇبەتلىك تەقدىر- قىسمەتتىن قانداق قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە كۆپ ئويلىنىپ ھېچبىر ئۈنۈملۈك چىقىش يولى تاپالمىغانلىقى، خەلقنى قارا قىسمەتتىن ئازاد قىلىشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىش بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيەۋى ھېسسىياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، دېمەك «دورا» دۇچ كەلگەن كرىزىسقا، كۈلپەتلىك قىسمەتكە ئۈنۈملۈك چارە- ئامال تاپالمىغان ئەھۋالنى ئوبرازلاشتۇرغان سۆز. umrRlF4M;  
ئاتا- بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە، GgA =EdJn  
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن. C9gF2ii|?  
بۇ مىسرالاردىكى «كونا كېسەل» خەلقنى گاھ ئۆلتۈرۈپ، گاھ تىرىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان مىللىي زۇلۇم، سىنىپىي زۇلۇم ۋە دىنىي خۇراپاتلىق، ھۇرۇنلۇق، قۇلچىلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، غايىسىزلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. &\0LR?Nh  
بىر پۇراپ ئۆلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى، >/e#Z h  
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش رازىمەن. EHzU`('?[  
بۇ كۇپلېتتىكى «باھار گۈلى»، «بۇلبۇل» دېگەن سۆزلەر سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە، يەنى ۋەتەننىڭ ئازادلىقى بىلەن خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى باھارغا، ئۆزىنى باھارغا، ئىشقىۋاز بۇلبۇلغا ئوخشىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلىگەن. يەنى، «باھار گۈلى» ئەل- ۋەتەننىڭ گۈللەنگەن، زامانىۋى، روھى ئازاد جاھان مىللەتلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك قەدىر- قىممىتى ۋە ھەق ھوقۇقى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن مەزگىللىرىگە سىمۋول قىلىنغان، «بۇلبۇل» ھۆرلۈككە، ئادالەتكە، باراۋەرلىككە، بەختىيار تۇرمۇشقا سىمۋول قىلىنغان. |8+ 
زۇلۇمنىڭ ئوكياندىن تاپماي پاراغەت ئارىلى، .]r[0U  
تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن. 0>Mm |x*5  
بۇ كۇپلېتتا تىلغا ئېلىنغان «زۇلۇم ئوكيانى»، «پاراغەت ئارىلى» دېگەن ئوبرازلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى يەنى «زۇلۇم ئوكيانى» ــ ئەل- ۋەتەننىڭ بېشىدىكى ئازاب- ئوقۇبەتكە تولغان قۇللۇق قىسمەتكە سىمۋول قىلىنغان بولسا، «پاراغەت ئارىلى» ھۆرلۈككە، ئەركىنلىككە، يېڭى بەختىيار پاراۋان تۇرمۇشقا سىمۋول قىلىنغان. قىسقىسى شائىر بۇ شېئىردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە سىياسىي جەھەتتە رەھىمسىز باستۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتە تالان- تاراج قىلىنغانلىقى، مەدەنىيەت- مائارىپ جەھەتتە ئاسارەتتە قالدۇرۇلغانلىقى ۋە يۇقىرى قاتلام ئەكسىيەتچىلەر، دىنىي روھانىيلاردىن پايدىلىنىپ خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قەبىھ سىياسىي ھۆكۈمرانلىقى كەسكىن ۋە ئۆتكۈر پاش قىلىنغان، شائىرنىڭ ياڭ زېڭشىن ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن كۈچلۈك غەزەپ- نەپرىتى، شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تەڭسىزلىككە بولغان زارى ئىپادە قىلىنغان، خەلقنى قاراڭغۇ زۇلمەتلىك فېئودال ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. Qx.E+n\  
E8%O+x}  
>^ 
2. «يىللارغا جاۋاب» ھەققىدە j{p0yuZ)<  
!o*oT}6n  
بۇ شېئىر 1944- يىلى يېزىلغان. شېئىرىي شەكلى: مۇرەببە. خاراكتېرى: سىياسىي لىرىكا. ئىجادىيەت ئۇسۇلى: تەنقىدىي رېئالىزم. ld9 zOq  
ئاپتور ھەققىدە: لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922- 1945) ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئورنى يۇقىرى ئىنقىلابچى، شائىر. ئۇنىڭ قىسقارتىلغان ئىسمى ل. مۇتەللىپ، ئەركىلەتمە ئىسمى لۇتۇن، تەخەللۇسى «قاينام ئۆركىشى». _9L2JN$R6  
ل، مۇللىپ 1922- يىلى 11- ئايدا بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ رايونىدىكى چۇنجا ناھىيىسىنىڭ سايبويى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1931- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە دەسلەپتە ئىلى چاپچال ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا، ئاندىن نىلقا ناھىيەسىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. :dLS+cTC  
ل. مۇتەللىپ باشلانغۇچ مەكتەپنى غۇلجىدا «تاتار مەكتەپ»تە ئوقۇغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى «رۇس گىمنازىيەسى» دە ئوقۇغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ھېسسىياتچان، سەنئەتخۇمار، ئىجادىيەت ھەۋىسى كۈچلۈك بالا ئىدى. $#t&W&  
1930- يىللاردا ئىلى رايونىدا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى كۈچىيىپ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. يېڭى مەكتەپلەر كۆپلەپ ئېچىلغان، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرى راۋاجلانغان. دىراما- تىياتىرلار سەھنىلەردە كۆپلەپ ئورۇندالغان. ساپ ئانا تىلدا شېئىر يازىدىغان، خەلقنى ئويغىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، مىللىي ئاڭنى كۈچەيتىشنى ئىستەيدىغان شائىرلار بارلىققا كەلگەن. بۇنداق پايدىلىق شارائىت قايناق ھاياتقا ئوتتەك ئىنتىلىۋاتقان، تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھەۋەسكار ل. مۇتەللىپنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولغان. )}paQmy#  
ل. مۇتەللىپ «رۇس گىمنازىيەسى»دە ئوقۇۋاتقان يىللاردىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ نامى چىقىشقا باشلىغان. «ئىلى گېزىتى»نىڭ تەھرىرلىكىنى ئۆتەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا كۆپ ياردەملەرنى قىلىپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئىلھام بەرگەن. q/4PX  
1939- يىلى ل. مۇتەللىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئىمتىھان بېرىپ، ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇ بۇ يەردە ئەدەبىيات- سەنئەت ئۈستىدە مۇنتىزىم ئىزدەنگەن. شېئىر- فېليەتونلىرى گېزىتلەردە ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، «تالانتلىق ياش شائىر» دەپ نام ئالغان. X_%78$N-a`  
ل. مۇتەللىپ دارىلمۇئەللىمىندىكى ئىككىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن «جەنۇبىي شىنجاڭنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى»گە رۇس تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر قىلغان. ئۇ شۇ ئۆمەك بىلەن بىللە 1940- يىلى 5- ئايدىن 11- ئايغىچتە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى كېزىپ چىققان. بۇ سەپەردە نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچۈن مول خام ماتېرىياللارنى توپلىغان. -Ep-v4}  
ل. مۇتەللىپ جەنۇب سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ھەمدە ئېھتىياج بويىچە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. بۇ يىللاردا ل. مۇتەللىپنىڭ ماقالە، شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ ۋە سەھنىلەردە ئورۇندىلىپ زور شۆھرەت قازانغان. ئىدىيەسىنىڭ ئىلغارلىقى، پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، ئىنقىلابىي روھىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخقا ئايلىنىپ قالغان. ل. مۇتەللىپنى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت 1943- يىلىنىڭ ئاخىرىدا سۈرگۈن قاتارىدا ئاقسۇغا يۆتكىگەن. ئۇ ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن، «ئاقسۇ گېزىتى»دە تەھرىرلىك قىلغان، «جەنۇب شامىلى» ناملىق ئەدەبىيات بېتىنى تەسىس قىلىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە شائىر- قەلەمكەشلەرنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرغان. yP-.8[;  
ئاقسۇدىكى يىللاردا ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. مەيلى ئىدىيەۋىلىك، مەيلى بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن، يۇقىرى سەۋىيەلىك شېئىر- غەزەللەرنى يېزىپ چىققان، ئىدىيەسىمۇ، دۇنيا قارىشىمۇ پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغان. «شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ»، «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش»، «خىيالچان تىلەك»، «يىللارغا جاۋاب» قاتارلىق نادىر شېئىرلىرى شۇ يىللاردا يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان. _Z8zD[l  
ل. مۇتەللىپ ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە شائىر بولغاچقا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى قاتارلىق ياش زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىققان. i(U*<1y  
1945- يىلى كۈزدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەنۇبقا يۈرۈش ئارمىيەسىنى تەشكىللەپ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا، گومىنداڭ جاللاتلىرى چوڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ل. مۇتەللىپ قاتارلىق ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە كىشىلەرنى قولغا ئالغان. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىنى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان گومىنداڭچىلار 9- ئاينىڭ 18- كۈنى ل. مۇتەللىپ قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە زىيالىينى ئۆلتۈرۈپ چوشقا قوتىنىغا كۆمۈۋەتكەن. "]JS,g {m  
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى، سۆيۈملۈك ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ 23 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئۇ تۈرمە تاملىرىغا قان بىلەن يېزىپ قالدۇرغان مۇنۇ مىسرالار مەڭگۈلۈك يادنامە بولۇپ قالغان: RQe#X6'h  
بۇ كەڭ زېمىن مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ، xY_/CR[,  
ياش گۈلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ. e%UFY-2  
L0uN|?}  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق (c[|k  
1. بۇ بىر جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكا بولۇپ، شېئىردىكى «يىللار» ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر شېئىردىكى «يىللار»نى نوقۇل ۋاقىتنى قەدىرلەشنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ، بەزىلەر ئەينى دەۋردىكى زۇلمەتلىك يىللارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ھەر ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. سىز قايسى قاراشقا قوشۇلىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ X0 %k`3  
جاۋاب:  ھەر ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر زۇلمەتلىك يىللارنى كۆرسىتىدۇ دېسەك، شائىرنىڭ «يىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ، مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى» دەپ يېزىشىنى تەسەۋۋۇرغا سىغدۇرغىلى بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ل. مۇتەللىپتەك ئوت يۈرەك شائىر ھەرگىزمۇ زۇلمەتلىك يىللارنى «تىللاش توغرا كەلمەيدۇ» دەپ يازمايدۇ. چۈنكى، ئۇ زۇلمەتلىك يىللارنىڭ ئىسيانكار شائىرى، ئەمما بۇ شېئىر باشتىن- ئاخىر نوقۇل ۋاقىت ئۇقۇمىدىكى يىللارنى تېما قىلىش بىلەنلا چەكلەنمىگەن. UHR)]5Lt  
مەسىلەن: j_ :4_zdBy  
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، e'7!aysj  
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى. 2;6p2GNSh  
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، .!=g   
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى. B23R9.FK  
دېگەن كۇپلېتتا چوڭقۇر سىياسىي كەيپىيات، روشەن كۈرەش پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ كۇپلېتتىكى «يىللار» قاباھەتلىك سىياسىي قىسمەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، شېئىرلاردا پىكىرنىڭ ئەڭ مۇھىم، ھالقىلىق نۇقتىسىنى شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىغا سىڭدۈرۈپ، خۇلاسىلەيمىز. شائىر گەپنى ۋاقىت ئۇقۇمىدىكى يىللاردىن باشلاپ، ئاخىرىنى قاباھەتلىك يىللارنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش، كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بىلەن تاماملىغان. i<&2Ffvq  
2. بۇ شېئىرنى ئوقۇغاندا، شائىرنىڭ يىللارغا جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى، يىللارنىڭمۇ شائىرنىڭ ئالدىغا سوئال قويۇۋاتقانلىقىنى تەبىئىيلا ئويلاپ قالىسىز، ئۇنداقتا «يىللار» شائىرنىڭ ئالدىغا قانداق سوئاللارنى قويغان؟ شائىر بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟ 4Jo:^JV  
جاۋاب:  شېئىردىكى «يىللار» ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، قاراڭغۇ زۇلمەتلىك يىللار قوينىدا تۇرۇپ كىشىلەرگە ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش، ئادەم زادى كىم ئۈچۈن ياشىشى، نېمە ئۈچۈن ياشىشى كېرەك؟ قانداق ياشىغاندا ھاياتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى تاشلىغان. شائىر بۇ سوئاللارغا ئادەم ئۆز ھاياتىنى كۈرەش بىلەن، ئىجاد بىلەن، تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە گۈزەل ئارزۇ- ئىستەك بىلەن ئۆتكۈزسە، مەڭگۈ قېرىمايدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن. "4L' 2w+  
3. «ئىجاد يىللارنى قېرىتسىمۇ» دېگەن مىسرانى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ #ljfcQm  
جاۋاب: ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ توغرا يول ئىجادچانلىق دەپ چۈشىنىش كېرەك. rEZa%)XJ  
ئادەم ئۆز ھاياتىنى ئىزدىنىش، تىرىشىش بىلەن ئۆتكۈزگەندىلا، يەنى ھەر بىر كىشى يىللارغا ئۆز قابىلىيىتى، ئىقتىدارى، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرى بىلەن جاۋاب بەرسە، يىللار كىشىلەرنى ئەمەس، بەلكى كىشىلەر يىللارنى قېرىتىپ تاشلاپ، ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى مەنىلىك ھايات قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇزاققىچە چاقناپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ل. مۇتەللىپ 23 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تا ھازىرغىچە بىز بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. WvN5IHo 8i  
4. شائىر شېئىردا ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلانغان، سىز شېئىردا قوللىنىلغان ئاساسلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەر بىر تۈرىگە بىردىن ئىككىگىچە مىسال كەلتۈرۈڭ ۋە ئۇنىڭ شائىرنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىشتىكى رولىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈڭ. G~YV6??  
جاۋاب: شېئىردا ئوخشىتىش، سىمۋول، رىتورىك خىتاب، جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. [l'~>  
1) ئوخشىتىش: «يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى»، «يورغا يىللار»نى «ئوغرى»غا ئوخشاتقان. «شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا» (سىمۋوللۇق ئوخشىتىش)، «يىللار سېخىي قۇرۇق كەلمەيدۇ، كېلىپ بېرىدۇ» يىللارنى «سېخىي ئادەم» گە ئوخشاتقان (جانلاندۇرۇش بىلەن بىرىكىپ كەلگەن). VN;Sz,1Z  
2) سىمۋول: «يىللار دېڭىز دولقۇنلۇق بولساڭمۇ، ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراب»دىكى «يىللار دېڭىزى» كەڭ رېئاللىققا، «كاۋاب» شائىرنىڭ ئىرادىسىگە سىمۋول قىلىنغان. ]36R_Dp  
3) جانلاندۇرۇش: «ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا بايماي»، «ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ»، «يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە»... بۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن جاسارەتلىك لىرىك قەھرىمان ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، لىرىك قەھرىماننىڭ قايتماس ئىرادىسىنى تولۇق ھەم جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان. O2A Z|[*I  
5. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» شېئىرىنى ئارزۇ ۋەزىن ۋە بارماق ۋەزىن ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزگە ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ. Po=)jkW  
جاۋاب: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرى ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ فائىلاتۇن ۋەزنى تۈرىدە، رەمەل بەھرىدە يېزىلغان. مەسىلەن: qTiX;e\W  
بىر پۇرال ئۆل︳ سەم نە ئارمان︳   بېغىم باھارى︳  گۈلىنى b6oPnP_3P  
ھەر سەھەر گۈل︳  ئىشقىدا بۇل︳ بۇلغا ئوخشاش︳  زارىمەن ?u 9) GJO[  
— Ⅴ—︱ — — Ⅴ—︱ — — Ⅴ—︱— — Ⅴ— y] M/oH  
فائىلاتۇن︳ فائىلاتۇن ︳ فائىلاتۇن ︳ فائىلۇن A-.j v  
غەزەللەر ئاساسەن ئارزۇ ۋەزىننىڭ رەمەل ۋە ھەزەج بەھرىلىرىدە يېزىلىدۇ. >iWl-hI-  
ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرى بارماق ۋەزىندە يېزىلغان مۇرەببە بولۇپ، قاپىيە شەكلى ئالماش قاپىيەدە كەلگەن. مەسىلەن: xdp{y =,[  
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ، `%F.]|Y0  
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ پورغىسى. / gXli)  
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ، j:$2 ,?|5  
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. A3yVT8  
بۇ كۇپلېتنىڭ قاپىيە شەكلى ABAB شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، يەنى 1- مىسرا بىلەن 3- مىسرا، 2- مىسرا بىلەن 4- مىسرا ئۆز ئارا قاپىيەداش كەلگەن بۇنداق قاپىيە شەكلىنى ئالماش قاپىيە دەيمىز. Z4bN|\I  
دېمەك، ئارزۇ ۋەزىنىدە بىر پۈتۈن شېئىر چوقۇم ئوخشاش قاپىيە ۋە ئوخشاش ۋەزىن، ئوخشاش بەھىردە كېلىشى كېرەك. لېكىن بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارغا بۇنداق ئۆلچەم قويۇشقا بولمايدۇ. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ قاپىيە شەكلى، بوغۇم سانى، ئاھاڭدارلىقى بىر قەدەر ئەركىنرەك بولىدۇ. ئارزۇ ۋەزىنلىك شېئىرلاردەك قاتىق ئۆلچەم قويۇلمايدۇ. $U"/.Mh\  
دېمەك، يۇقىرىقى جەھەتلەردىن «يىللارغا جاۋاب» بىلەن «غەزەپ ۋە زار» تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. =@V4V} ?  
%|oY8;0|A>  
ئارزۇ ۋەزىنلىك شېئىرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە LDr!d1A  
$9Y2\'w
 
1. قانداق شېئىرلار ئارزۇ ۋەزىنلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ؟ ئارزۇ دېگەن نېمە؟ C6CX{IA]  
جاۋاب: شېئىر مىسرالىرىدىكى سوزۇق (ئۇزۇن) ۋە ئۈزۈك (قىسقا) تاۋۇشلار مەلۇم تەرتىپ بىلەن ئالمىشىپ كېلىپ، شېئىردىكى رىتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېئىرىي سىستېما ئارزۇ ۋەزىنلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ. u\&oiwSIP  
ئارزۇ ۋەزىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قەدىمدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مىللىي شېئىر شەكلى، شۇنداقلا ۋەزىن قائىدىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان شېئىرىي شەكىل ھېسابلىنىدۇ. lb`P9mbr+  
«ئارزۇ» ئەرەبچە ئاتالغۇ بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «ئەن» (بىر نەرسىنىڭ ئېنى)، «كەڭلىك» دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىستېمال مەنىسى «ئۆلچەم» ياكى «قېلىپ» دېمەكتۇر. (!DH'2I[  
تىلىمىزدىكى ھەر قانداق بىر سۆز بەلگىلىك بىر ۋەزىنگە ئىگە بولىدۇ. ئارزۇ ۋەزىندە ۋەزىنلەردىن مىسرالار ھاسىل بولىدۇ. ۋەزىنلەرنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن بەھرلەر ھاسىل بولىدۇ. ۋەزىن مىسرا ۋە بەھرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىكتۇر. v ?n`kw  
2. ئارزۇ ۋەزىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىن تۈرلىرى قايسىلار؟ ئۇزۇن بوغۇم دېگەن نېمە؟ قىسقا بوغۇم دېگەنچۇ؟ ئۇزۇن بوغۇم ۋە قىسقا بوغۇم قانداق بەلگە ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ؟ DT n=WGm)  
جاۋاب: ئارزۇ ۋەزىندە 30 دىن ئارتۇق ۋەزىن تۈرى بار، تۈرلەرنىڭ ھەر بىرى مەخسۇس ئەرەبچە ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسلىق ۋەزىن تۈرلىرى: فەئۇل (Ⅴ—) ۋەزنى؛ فەئۇلۇن (Ⅴ— —) ۋەزنى؛ مافائىيلۇن (Ⅴ— — —) ۋەزنى؛ مەفائىلۇن (Ⅴ— Ⅴ— ) ۋەزنى؛ مەفئۇل (— —) ۋەزنى؛ مەفئۇلۇن (— — — ) ۋەزنى؛ فائىلۇن  (— Ⅴ— ) ۋەزنى؛ فائىلاتۇن (— Ⅴ— — ) ۋەزنى؛ مۇستەفئىلۇن (— — Ⅴ — ) ۋەزنى قاتارلىقلار. RAXqRP,iw  
ئارزۇ ۋەزىننىڭ مۇزىكىلىقلىقىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدىكى بوغۇملار قائىدىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يەنى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدىكى ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار (ۋەتىنى، بەختى، تېخىمۇ...) ئوچۇق بوغۇم بولۇپ، ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىدە قىسقا بوغۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گىرامماتىكىدا ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار (ئاي، ساي، كۈن، يۇلتۇز، مىللەت، ژۇرنال، ئەمگەك...) يېپىق بوغۇم بولۇپ، ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىدە ئۇزۇن بوغۇم ھېسابلىنىدۇ. p5c'gziR  
ئارزۇ ۋەزىنلىك شېئىرلاردا قىسقا بوغۇم (ئوچۇق بوغۇم قىسقا، ئىتتىك ئوقۇلىدۇ. ئۇزۇن بوغۇم (يېپىق بوغۇم) بىر ئاز سوزۇپ ئوقۇلىدۇ، ھەتتا ۋەزىننى تەڭشەش ئۈچۈن ئۇزۇن بوغۇم ئەتەي ئۇزارتىلىپ، ئەسلىدىكى بوغۇم سانىغا بىر بوغۇم قوشۇپمۇ ئوقۇلىدۇ. Z]uN9c  
ئادەتتە ۋەزىنلەرنىڭ ئۇزۇن بوغۇمى تۈز سىزىق (—) ياكى A بىلەن، قىسقا بوغۇملىرى ئاچا سىزىق (Ⅴ) ياكى B بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. J0mY=vX  
3. بەھر دېگەن نېمە؟ سىز قايسى بەھرلەرنى بىلىسىز؟ 1}KNzMHk9  
جاۋاب: ۋەزىنلەرنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەر بىر تۈرى «بەھر» دېيىلىدۇ. «بەھر» ئەرەبچە «دەريا، غول» دېگەن مەنىدە، ئارۇزنى دېڭىزغا تەمسىل قىلساق، ئۇنىڭ تۈرلىرىنى «بەھر» (غول، دەريا) دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ. بىر خىل ۋەزىنىدىن تۈزۈلگەن ياكى ئاھاڭ جەھەتتىن بىر- بىرىگە يېقىن بىر نەچچە ۋەزىندىن تۈزۈلگەن مىسرالار گۇرۇپپىسى بىر بەھرنى تەشكىل قىلىدۇ. ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ بەھرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇلار رەمەل بەھرى، تەۋىل بەھرى، مەدىد بەھرى، بەست بەھرى، ۋافىر بەھرى، مۇقتەزەپ بەھرى، مۇشاكىل بەھرى، قەرىب بەھرى، خەفىف بەھرى، مۇتەقارىب بەھرى، مۇزائىل بەھرى، مۇتەدارىك بەھرىدىن ئىبارەت. كىلاسسىك شېئىرلاردا ھەر بىر بەھرىدىن ئۆزىگە خاس يېڭى تۈرلەر يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بەھرلەر بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بەھرلەر ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. بىر تۈركۈمى، «بەھرى تەۋىل»، يەنى ئۇزۇن بەھرلەر (13 بوغۇمدىن 17 بوغۇمغىچە)؛ يەنە بىر تۈركۈمى «بەھر قەسىر»، يەنى قىسقا بەھرلەر (7 بوغۇمدىن 12 بوغۇمغىچە) بولىدۇ. z`>a,X  
4. قانداق شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار رەمەل بەھرىگە كىرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. 8X5;)h   
جاۋاب: «رەمەل»نىڭ لۇغەت مەنىسى «كۆپ، تولا» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بەھر «فائىلاتۇن»نىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق قۇشاقلىرىدا ۋە كىلاسسىك يازما شېئىرىيەتتە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: /$&~0pk  
ئاھ ئۇرارمەن      ئاھ ئۇرارمەن   ئاھلىرىم تۇت      قاي سېنى /PQg>Pa85  
كۆز يېشىم دەر    يا بولۇپ بې    لىقلىرىم يۇت     قاي سېنى u0w2v+  
فائىلاتۇن          فائىلاتۇن      فائىلاتۇن         فائىلۇن i*W8_C:S  
— Ⅴ— —      — Ⅴ— —    — Ⅴ— —    — Ⅴ— =h5&\4r=  
5. قانداق شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار رەجەز بەھرىگە كىرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. r7JILk  
جاۋاب: «رەجەز»نىڭ لۇغەت مەنىسى «شېئىر ئېيتىش، كۈيلەش» دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ قىسقا- قىسقا، ئۇلاپ تېز ئوقۇلىدىغان ئۇزۇن بەھر. رەجەز بەھرى ئومۇمەن مۇستەفئىلۇن ۋەزنىنىڭ تەكرارلىنىشى ياكى مۇستەفئىلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلىدۇ: مەسىلەن: j4ypXPY``!  
ئاتقاندا تاڭ     چىقتى قۇياش    كەلدى باھار     كۆكلەم مانا، dH#S69>  
نۇر ئىلكىدە     كۈلدى زېمىن،    نۇر ئىلكىدە     كۈلدى ساما. ;9=9D{-4+  
ئاچتى قىزىل   گۈللەر پورەك،     قىلدى تەبەس   سۇم لالىلەر، P,CJy|[L  
گۈل نەۋباھار    چاچتى ئىپار،     ئالساڭ نەپەس   تەنگە داۋا. f ,K1a9.  
مۇستەفئىلۇن   مۇستەفئىلۇن    مۇستەفئىلۇن    مۇستەفئىلۇن %q2dpzNW  
— — Ⅴ —    — — Ⅴ —     — — Ⅴ —    — — Ⅴ — J);1Tpm  
6. قانداق شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار ھەزەج بەھرىگە كىرىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭلار. A9p$5jt7  
جاۋاب: «ھەزەج»نىڭ لۇغەت مەنىسى «نەغمە، كۈي» دېگەنلىك بولىدۇ. ھەزەج بەھرى مەفائىيلۇن ۋەزنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مەفائىيلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلىدۇ. i3rvD ch  
1- خىل شەكلى ـــ سالىم ھەزەج (تولۇق ھەزەج)، مەفائىيلۇننىڭ بىر بېيىتتا تولۇق سەككىز قېتىم تەكرارلىنىشى. مىسال: [-s0'z  
زىمىستان كۆر       مىگەن بۇلبۇل      باھارنىڭ قەد      رىنى بىلمەس s:jr/ j!  
جاپانى چەك          مىگەن ئاشىق      ۋاپانىڭ قەد        رىنى بىلمەس >fdS$,`A  
مەفائىيلۇن          مەفائىيلۇن         مەفائىيلۇن         مەفائىيلۇن Y\dK- M{$  
Ⅴ — — —          Ⅴ — — —         Ⅴ — — —         Ⅴ — — — i.0}qS?  
2- خىل شەكلى — بىر مىسرادا ئىككى كەمتۈك مەفائىيلۇننىڭ ئىككى قېتىم تەكرارلىنىشى. مىسال: .7+_ubj&,  
l OI(+74  
باي يەيدۇ         پولو – بەتتە       بىزلەر ئاچ         شۇ ھالەتتە d3 fE[/oU  
مەفئۇلۇن         مەفائىيلۇن        مەفئۇلۇن          مەفائىيلۇن 75Jh(hd(  
— — —         Ⅴ — — —         — — —           Ⅴ — — — v|t^th,  
31Zl"-<#-  
/D 2v 1  
.;/@k%>   
ئىككىنچى بۆلەك SZ1+h TY7d  
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى توغرىسىدا  UZmz k  
c6E@+xU  
1. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۆپرەك قوللىنىلىدىغان شېئىرىي شەكىللەر قايسى؟ Y]B2-wt-  
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ۋەزىنلىك شېئىرلار مىسرا تۈزۈلۈشى، قاپىيەلىنىش تەرتىپى، بىر- بىرىگە ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن مەسنەۋى، غەزەل، مۇسەللەس، مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇسەممەن، مۇتەسسە، تەرجىبەند، مۇستەھزاد، مۇۋەششەھ، مۇساۋىيات تەرەپەيىن، مۇھتەمىلات، رۇبائىي، مۇئەمما، قىتئە ... قاتارلىق خىلمۇ خىل شەكىللەرگە ئىگە بولغان. بىز تۆۋەندە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ۋەزىنلىك شېئىرىي شەكىللەرنىڭ مۇقىملاشقان ناملىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز. Hd2Sou4-j  
2. مەسنەۋى دېگەن نېمە؟ شەكلى قانداق بولىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. :E@"4O? 
ئىككى مىسرالىق شېئىرلار مەسنەۋى (ئىككىلىك) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى زېمىنىدا ئۆسۈپ راۋاجلانغان شېئىرىي شەكىللەردىن بىرى بولۇپ، ئادەتتە «بېيىت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (`!?p ^>A  
مەسنەۋىنىڭ قاپىيە تۈزۈلۈش شەكلى cc, bb, aa ... دېمەك، ئۇنىڭدا ھەر بىر كۇپلېتى ئىككى مىسرادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا جۈپ- جۈپ بولۇپ قاپىيەلىشىدۇ. ئەمما بىر خىل قاپىيەلەنگۈچى جۈپ مىسرا (بېيىت)نىڭ كېيىنكى مىسرالار بىلەن قاپىيەلىك باغلىنىشى بولمايدۇ. lwQI 9U[O2  
شېئىرىيىتىمىزنىڭ مەسنەۋى شەكلى قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كەڭ جارى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەمۇنىلىرىنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى شېئىرىي پارچىلار ئارىسىدا كۆپ ئۇچرىتىمىز، شۇنداقلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» (بەخت- سائادەت كەلتۈرگۈچى بىلىم) ناملىق ئەسىرى، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» داستانى، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «خەمىسە»س ئەنە شۇ مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. ئۇ ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزدىمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغان شەكىللەرنىڭ بىرى. vxk1RL*Xu  
مىسال ئۈچۈن ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ «ئەقىدە» ناملىق شېئىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز: RfEmkb<9Z  
بۈيۈك ۋەتەن، سۆيگۈنۈم سەن، ساڭا جانپىدا، NU I|4X  
بوۋام، قېنى تۆكۈلگەندۇر ئېسىل باغرىڭدا. $@}6P,mg  
تۇغۇلغاچقا مەنمۇ ھەم بوۋام نەسلىدىن، g[q1P:I@W  
سېنى كۈتۈپ ساقلايمەن دۈشمەن قەستىدىن. 6$ 9n_AS  
psgXJe$  
شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتىنىم دەپ باغرىڭنى بويلاپ، T AwA)Zg  
مېھرىڭ بىلەن يانىمەن ئەركىڭنى ئويلاپ. l?pZdAE  
3. غەزەل دېگەن نېمە؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. مەسنەۋى بىلەن غەزەل قانداق پەرقلىنىدۇ؟ Rkw)IdB  
تۈزۈلۈش شەكلى جەھەتتىن ئىككى مىسرا بولۇپ، مەسنەۋىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەمما قاپىيە شەكلى ad, ac, ab, aa ... بولۇپ تۈزۈلگەن شېئىرىي شەكىل غەزەل ياكى تەكرار ئىككىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. غەزەل مەسنەۋىدىن ئىككى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، غەزەل ئاساسەن لىرىكىلىق بولۇپ، قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن يېزىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەكىل جەھەتتە ئۇنىڭ دەسلەپكى بېيىتى (ئىككى مىسراسى) ئۆز ئارا قاپىيەداش بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر بىر بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسراسى ئوچۇق (قاپىيەسىز) قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى مىسرا دەسلەپكى بېيىت بىلەن قاپىيەداش بولۇپ كېلىدۇ. بېيىت سانى تاق بولۇپ، ئادەتتە بەش بېيىتتىن 13 بېيىتقىچە يېزىلىدۇ (ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزدە بېيىتلەر سانى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ). q 1Rk'k4+  
غەزەللەر ئاساسەن ئارزۇ ۋەزنىنىڭ رەمەل، ھەزەج بەھرىلىرىدە يېزىلىدۇ. ئۇ مىللىي شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە سالماققا ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە شېئىرىي شەكىل بولۇپ، بۇ شەكىل بىلەن يېزىلغان شېئىرلاردىن تۈزۈلگەن توپلام «غەزەلىيات» دەپ ئاتىلىدۇ. #-f7hg*  
مىسال ئۈچۈن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ياخشى» ناملىق غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: ]y2(ZTNTs  
تىرىكتاپ قاغا- قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى، Gv?'R0s  
سەھەر گۈلىشەنىدە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى. _F;(#D  
كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار، =S|SQz5%w  
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى. Tsf Ood   
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زور تاۋار تونغا، M})2y+  
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرساق قەلەندەرگە كۇلا ياخشى. m!$"-nh9  
4. مۇرەببە دېگەن نېمە؟ قانچە خىل شەكىلدە بولىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. OzA"i y  
تۆت مىسرالىق كۇپلېتلاردىن تۈزۈلگەن شېئىر مۇرەببە دېيىلىدۇ. مۇرەببە (تۆتلۈك) شەكلى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ ئارزۇ ۋەزنىدىمۇ، بارماق ۋەزنىدىمۇ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ قاپىيەلىنىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ: H9x xId?3u  
1) كۇپلېتلار سانىنىڭ قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر كۇپلېتنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىق قاپىيەداش بولۇپ، تۆتىنچى مىسراسى پۈتۈن كۇپلېتلارنىڭ تۆتىنچى مىسراسى بىلەن ئوخشاش قاپىيەلىنىپ كېلىدىغان شەكلى. يەنى (ئۇدا قاپىيە) 1Ty{k^%  
aaab, cccb, dddb… "F7g8vu  
ئەي ۋەتەن، جانلارغا ئاسايىش شارائىت سەندە بار، fM]zD/ g  
ئادەم- ئىنسان ئېتىبارى، قەدرى- ھۆرمەت سەندە بار، zF>| 9JU  
شۇڭا ساڭا پاسىبانمەن تاكى جانىم تەندە بار، C o4QWyt:  
كىمكى قەدرىڭ بىلمىسە، تۇپراق ئارا دەسسەپ كۆمەي. Ep|W>  
2) ھەر بىر كۇپلېتنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرى ئۆز ئارا قاپىيەداش بولۇپ، ئۈچىنچى مىسراسى قاپىيەسىز (تاق) كەلگەن شەكلى. يەنى razVO]]E  
aaba, bbcb, ccdc, ddgd… s_N?Y)lS+(  
ئازاد تارىم ئۆركەشلىگىن قاينام ياساپ، p uV(eG  
بوغالمايدۇ ئېقىمىڭنى ھېچكىم توساپ. ~c%H3e>Jcq  
مەرۋايىتتەك سۈزۈك ئاققان سۇلىرىڭدىن، JK4vQWy  
بېزەكلەيمىز گۈل ۋەتەننى بىز بىھېساب. bF;g.-.2  
tY-{uHW&h  
3) ھەر بىر كۇپلېتنىڭ ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرى ئۆز ئارا قاپىيەداش، بىرىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىرى قاپىيەسىز كەلگەن شەكلى. يەنى l`G .lM(  
abcb, bdgd, kptp… 3qR%Mf'  
ھەر باھاردا باغ تولۇپ چېچەك، wWB-P6  
گۈل ئېچىلار كەلگىنىدە ياز. )R.y>Ucb0  
نېمە ئۈچۈن ۋە نېمە ئۈچۈن، 2fM*6CaS  
بىلمەيمەنكى گۈلنىڭ ئۆمرى ئاز. M >#kfSF+  
4) ھەر بىر كۇپلېتنىڭ تۆت مىسراسى ئۆز ئارا توق قاپىيەلىشىپ كەلگەن شەكلى يەنى B~K@o.%  
aaaa, bbbb, cccc, dddd… :_E=&4&g  
گۈل ئۇزارىم تاغ ئىچىدە مەن سېنى دائىم كۆرەي، ^}vLZA  
تۈرلى- تۈرلى ئارزۇ نېمەتلەر ئارا دەۋران سۈرەي. OPH f9T3H  
دىلغا ئارام بەخش ئېتۈچى ساپ ھاۋادىن ئۆرگىلەي، / qp)n">  
مەن بۈيۈك ئازاد ۋەتەن پەرزەنتى ئۈچۈن مەغرۇر كۈلەي. Y Bb%D  
(نىمشېھىتنىڭ «يۈرەك سۆزى» دېگەن شېئىرىدىن) QS.t_5 
5) ھەر بىر كۇپلېتنىڭ بىرىنچى مىسراسى بىلەن ئۈچىنچى مىسراسى ھەمدە ئىككىنچى مىسراسى بىلەن تۆتىنچى مىسراسى ئۆز ئارا قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن شەكلى. مەسىلەن: z2 p@d1  
abab, bcbc, dtdt… Plpt7Pa_  
بىلمىدىم، ئېسىمنى تاپتىم قايسى كۈن، P?D;BAP2  
ئاھ يۇرتۇم، تۇرقۇڭغا يۈزلىنىپ باقتىم. ^PHWUb+``  
بولدۇم تىك تاغلىرىڭ ئىشقىدا مەجنۇن، )w\E^  
ساي-سالالىرىڭغا يۈزۈمنى ياقتىم. 7S+_eL^  
6) شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىنىڭ بارلىق مىسرالىرى ئۆز ئارا قاپىيەداش بولۇپ، باشقا كۇپلېتلارنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مىسرالىرى ئۆز ئارا قاپىيەداش تۆتىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتتىكى مىسرالارغا قاپىيەداش بولۇپ كەلگەن شەكلى. يەنى mhTi{t_fHM  
aaaa, bbba, ccca… cF6eMml;  
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە مۇرەببەنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا شەكىللىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. Wl!|+-  
5. مۇخەممەس دېگەن نېمە؟ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ. 9&(d2  
ھەر بىر كۇپلېتى بەس مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى مۇخەممەس دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە مۇخەممەس قانچە كۇپلېت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى بارلىق مىسرالار بىر خىل قاپىيەلىشىپ كېلىدۇ. كېيىنكى كۇپلېتلاردا بولسا ئالدىنقى تۆت مىسراسى ئۆز ئارا ئوخشاش قاپىيەلىشىپ، ئاخىرقى بەشىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتتىكى مىسرالارغا قاپىيەداش بولۇپ كېلىدۇ، يەنى قاپىيە شەكلى مۇقىم ھالدا مۇنداق بولىدۇ: :f1Q0klwP  
aaaaa, bbbba, dddda… HHd;<%q  
مەسىلەن: w=]id'`?q  
بىباھا دەستۇر قىلىپ يەنئەندىكى سۆھبەتنى مەن، %p?+r  
قەلىمىمگە سىڭدۈرۈپ دەۋرىمگە خاس خىسلەتنى مەن، {{'GR"D  
يۈرىكىمگە تولدۇرۇپ لىق ئىشتىياق، رىغبەتنى مەن، Ns3k(j16  
پارتىيە، خەلقىمگە ئاۋۋال بىلدۈرۈپ ھۆرمەتنى مەن، frsqnvm;+  
قەلب سۆزۈمنى يازغىلى ئالدىم يەنە نۆۋەتنى مەن. j^ y9+W_b  
xV]eEOiLM  
ئەسلىسەم ئۆتمۈشنى مەن، يەر خۇددى تەتۈر چۆرگىلەر، }a= 
ۋەھشىي ئادەمخور زاماننىڭ تەكتى روشەن كۆرۈنەر، RXo!K iQO  
«زۇۋلىسى يوغان ئۈزۈلگەن» باي، بېگىملەر، تۆرىلەر، kX0hRX  
نېمىلەر كۆرسەتمىگەن ئۇ ئىكى پۇتلۇق بۆرىلەر، .O h4b5  
كەلتۈرەي شاھىت قىلىپ مۇدھىش، قارا قىسمەتنى مەن. :[hZn/  
Wc6Jgpl  
مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغاي ئۆتمۈشتىكى كەچمىشلىرىم، huPAWlxT  
يازلىرىممۇ قىش بولۇپ ئۆتكەن جاپالىق قىشلىرىم، nTy8:k']  
تەر تۆكۈپ، جان كۆيدۈرۈپ قىلغان ئېتىز پەرۋىشلىرىم، 7EI5w37  
ئەمگىكىمنىڭ قەنتىنى چاقمايلا سۇنغان چىشلىرىم، wW. V>$q  
كۆزلۈكى ئۇسقان ئىدىم ئاش ئورنىغا ھەسرەتنى مەن. [i"6\p&  
c >8I M  
6. رۇبائىي دېگەن نېمە؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ]U4)2s  
رۇبائىي تۆتلۈك شەكىلدۇر. تۆتلا مىسرادىن تۈزۈلۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەىل بىر پەلسەپىۋى ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن شېئىر شەكلى رۇبائىي دەپ ئاتىلىدۇ. ZmXO3,sf)  
رۇبائىي ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان شېئىر شەكلىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىمۇ خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. رۇبائىيدا شائىر ئۆز پىكىر ۋە تەسىراتلىرىنىڭ خۇلاسىسىنى ياكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بىرەر يېڭى پەلسەپىۋى پىكىرنى بايان قىلىدۇ. قاپىيە تۈزۈلۈشى جەھەتتە رۇبائىيلاردا كۆپرەك بىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالار ئۆز ئالدىغا بىر خىل قاپىيە بولۇپ، ئۈچىنچى مىسرا ئوچۇق (قاپىيەسىز) قالدۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇبائىينىڭ AAAA قاپىيە شەكلىمۇ بار. %oee x1`=  
رۇبائىيچىلىقتا دۇنيادا ئەڭ چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەن كىشى پارس شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى ئۆمەر ھەييام ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 11- ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ شائىرنىڭ رۇبائىيلار توپلىمى 1000 يىللاردىن بويان ئىنسانلار ئارىسىدا يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: fV "gL(7  
مەسىلەن: B_kjy=]O.  
كىمكى مەستانە بولسا شۆھرەتكە، o0Z~9iF&  
بولىدۇ مۇھتاج ئۇ خۇشامەتكە. [iO*t, 3@h  
ساختا شۆھرەتتىن ئالتۇن تاپقانلار، Qm(KvL5  
ئايلىنار ئاخىرى ئۆزى ئەخلەتكە. G/)]aGr  
(ت. ئېلىيېف «تاللانما شېئىرلار» توپلىمىدىن) q r<+@Q  
7. مۇئەمما دېگەن نېمە؟ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ. m4m,-}KNi  
مۇئەمما شېئىرىي تېپىشماق بولۇپ، بۇ شەكىل قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى ۋە يازما ئەدەبىياتتا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مۇئەممانىڭ مىسرا تۈزۈلۈشى ۋە قاپىيە شەكلىدە مۇقىم ئۆلچەم بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۆز تارىخىدا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر خىل شېئىرىي شەكىل. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ شەكىلمۇ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن تېخىمۇ بېيىدى ۋە تەرەققىي قىلدى. ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرى، تۈرلۈك شەيئىلەرنى مەزمۇن قىلغان ھالدا، بالىلار ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم شەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەسەۋۋۇر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. مەسىلەن: )q8!:Z  
يەر ئاستىدا تورۇق ئات، GV"X) tGo  
تېرىسىدۇر يەتتە قات. ExW3LM9(  
سويماق بولساڭ سەن ئۇنى، l`b%imX  
يىغلايسەن كۈنى- تۈنى. {0IC2jE  
< cUaIb;(4  
جاۋابى: (پىياز) U8]BhJr$Q  
:&-j{8p-  
*D:"I!Ho  
IPxK$nI^  
.CAcG"42  
D/<;9hw  
&"/IV$H  
=e!o  
j%TcW!D-_  
6. «بۈگۈن ۋە ئەتە» ھەققىدە &LM ^,xx}  
fd&=\~1_$  
بۇ شېئىر شائىرنىڭ 2004- يىلى نەشىر قىلىنغان «كومزەك كۆتۈرگەن قىز» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى. تۈزۈلۈشىدىن چاچما شېئىر. ئىجادىيەت ئۇسۇلى: رېئالىزم. #->#mshd4  
ئاپتور ھەققىدە: شائىر بۇغدا ئابدۇللا 1941- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى لەنجۇدا بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950- يىلىدىن 1960- يىلىغىچە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىن قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە، 1960- يىلىدىن 1965- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان. Ix1[ $9  
شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ «ئانا»، «تاغلارنى قۇچاقلاپ»، «تاش ئابدىلەر»، «چۇغلۇق باللادىسى»، «سالغا تېشى» قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى بار. شائىرنىڭ «ئانا»، «چۇغلۇق باللادىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ئوقۇلۇپ كەلمەكتە. gsD0N^  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق t w?\bB  
1. «بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق شېئىردا شائىر بۈگۈن ۋە ئەتە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئوبيېكتىپ دۇنيادىن ھالقىپ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىغا قايتىپ كېلىدۇ-دە: pQ/ bIuq  
«يالغۇزلۇقتا كۆڭۈل شۇنداق ساپ، & ~*qTojj  
ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى گۈزەل نەقەدەر»  دەپ يازىدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭچە شائىرنىڭ نەزەرىدىكى يالغۇزلۇقتىكى ساپ گۈزەل دۇنيا قانداق دۇنيادۇر. ;+W9EbY2  
جاۋاب: شائىر ئوبيېكتىپ دۇنيانى كۆزىتىدۇ، ئۇنىڭدىكى زىددىيەت- توقۇنۇشلاردىن، ئاۋارىچىلىكلەردىن بىزار بولىدۇ. ھەتتا رېئال دۇنيادىن ھالقىپ بىردەملىك ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىغا قايتىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ گۈزەل، غايىۋى دۇنياسىدا ياشاشنى ئىستەيدۇ، شېئىردىكى ئاشۇ ساپ گۈزەل دۇنيا بىزگە ئىختىيارسىز شائىرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئۆزلۈك دۇنياسىنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ گۈزەل دۇنيا، تەمەنناس، جېدەل- ماجرادىن، غوۋغالاردىن خالىي بولغان، ئۆز خاھىشى بويىچە ياشىيالايدىغان تىنچ، خاتىرجەم، شەخسنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولغان دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. {;[W'Lc  
2. «بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق شېئىرنى ئوقۇغاندا، شائىرنىڭ شېئىرىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جەھەتتە، شېئىردا مەلۇم بوشلۇق قالدۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. ئۇنداقتا بىر خىل ئەۋزەللىك دەپ قاراشقا بولايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ 9YjO  
جاۋاب: بۇ شېئىر «گۇڭگا شېئىر»لارغا خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، پىكىردە سەكرەتمىلىك بار. بۇ خىل سەكرەتمىلىك تەبىئىي ھالدا مەلۇم بىر بوشلۇقنى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇنى بىر خىل ئەۋزەللىك دەپ قاراشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇرمەن جەزمەن ئىزدىنىپ، ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ پىكىر يۈرگۈزمىسە، شېئىردىكى ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ۋە دېمەكچى بولغان پىكىرنى بىلمەسلىكى، ھەتتا خاتا ئىنكاس قايتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن. «گۇڭگا» شېئىرلاردىكى بۇ خىل سەكرەتمىلىك كىتابخانلارنى يېڭى- يېڭى شېئىرىي مەنىلەر ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. $hGiI  
TP- 
7. «يۇلتۇزلار يۇرتى» ھەققىدە wn-{V kpm  
i rRe}  
بۇ ئەسەر 1983- يىلى يېزىلغان. خاراكتېرى: داستان. شېئىرىي شەكلى: مۇرەببە. ,*}5xpX  
ئاپتور ھەققىدە: شائىر ۋە ژۇرنالىست ئارسلان 1946- يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىك چېغىدىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا يۇرتى ئاتۇشقا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا تاماملاپ، 1962- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان. 1968- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- مائارىپ باشقارمىسىدا ئىشلىگەن. 1976- يىلى 6- ئايدىن ئارتىپ « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1996- يىل 11- ئاينىڭ 26- كۈنى 50 يېشىدا ۋاپات بولغان. XnCrxj  
ئارسلاننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «ياشلىق يۇلتۇزلىرى» (1984- يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «ئۆلمەس تۇيغۇلار» (1988- يىلى، قەشقەر مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «سېھىرلىك ھەيكەل» (1993- يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىرمۇنچە شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. fL7u419=  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق b}OOG  
1. تۆۋەندىكى مىسرا ۋە كۇپلېتلاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قايسى تەرىپى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن؟ *wOuw@09  
يالقۇنتاغ يالقۇنلار بەرگەن قەلبىگە، Ad@Odx=o*R  
ۋە ئاچقان بورانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يول. qauZ-Qoc9  
كۆڭۈلگە يۈكسەك بىر تۇيغۇ ھۆكۈمران، QlFt:?7f  
تۇرۇپتۇ ئىلھامغا- ئويغا كۆمۈلۈپ. (3;dtp>Xx  
d'yA"b]  
مەن قۇملۇق ئېدىرنى ئاتلاپ يۈگۈردۈم، er[%Nt+99  
يېقىنلاپ باردىم ۋە شائىر يوقالدى. v-J9N(y"  
%%w/;o!c  
مەن چىقتىم گۈزەللىك تاجى چوققىغا، P(Fd|).j$  
يۇلتۇزلار كۆكسىگە بېشىم تاقالدى. =c>w  
!w[io;  
جاۋاب: بۇ مىسرا ۋە كۇپلېتلاردا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەن، خەلقنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى، بەختى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈش قىلىدىغان خاس ئالاھىدىلىكى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. f~3_Rv!  
2. بۇ پارچىنى ئوقۇغىنىڭىزدا، شائىرنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى مول تەسەۋۋۇرى، شېئىرىي تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىزنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. ئۇنداقتا سىز تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. Viu+#J;l  
1) پارچىدىكى قايسى تەسەۋۋۇرلار سىزنى بەكرەك ھەيران قالدۇردى؟ نېمە ئۈچۈن؟ P K]$D[a0  
جاۋاب: بۇ شېئىردا تەسەۋۋۇر ناھايىتى مول بولۇپ، ھەر بىر كۇپلېت ئاجايىپ شېئىرىي تەسەۋۋۇرغا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. «مەن خالىق ئۇيغۇرنى ئىزدىدىم مېڭىپ» دېگەن مىسرادىن باشلاپ «ئەجدادلار چۈشىنى كۆرسەتتى ماڭا» دېگەن مىسراغىچە تەسەۋۋۇر ئىزچىللىققا ئىگە. G\?q{  
ئاسماندىن قاچتى ئاي، قايغۇلىرىمغا، Wy'H4Rg8  
چىدالماي بۇ يەردىن قاچقاندەك گويا. p$5+^x'(  
ھۇ تارتتى بوستانلار، ئۆكسۈدى ۋادا، _l`s }yC  
يىغىلدى بۇلۇت سۇ چاچقاندەك گويا. +;}XWV  
دېگەن كۇپلېتتىكى شائىرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ «ئاي» نىڭ ئاسماندىن قېچىشى، «بوستان»لار، «ۋادا» لارنىڭ بۇلۇت سۇ چاچقاندەك يىغلىشى تولىمۇ ئەركىن ھەم دادىل تەسەۋۋۇرلاردۇر. بۇ خىل تەسەۋۋۇرلار ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن چەكتىن ئاشقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلماستىن، ئەكسىچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىنى يارقىنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. \ ZjE!? '(ef  
2) پارچىنىڭ تىلى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ بۇ ئالاھىدىلىكنى قايسى مىسرالار ئارقىلىق ھېس قىلدىڭىز؟ >?$+hZz<  
جاۋاب: شائىر شېئىردا رىتورىك خىتاب، رىتورىك سوئال، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شېئىرنىڭ ئوبرازچانلىقىنى ئاشۇرغان. dJhT}"x  
3. داستانغا نېمە ئۈچۈن « يۇلتۇزلار يۇرتى » دەپ ماۋزۇ قويۇلغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىڭ. uM8YY[b  
جاۋاب: مەزكۇر داستانغا «يۇلتۇزلار يۇرتى» دەپ ماۋزۇ قويۇشتىكى سەۋەب شۇكى، تەڭرىتاغ باغرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەتلىك، تارىختىن بويان باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەرلەر، شائىر، يازغۇچى، ئالىملار، شۇنداقلا ھەر ساھەلەر بويىچە مەشھۇر شەخسلەر كۆپ چىققان مىللەت ھېسابلانغاچقا، داستانغا «يۇلتۇزلار يۇرتى» دەپ ماۋزۇ قويغان. 0Wf,SYx`s  
{e4ILdXM  
JNzNK.E!m-  
ئۈچىنچى بۆلەك g+ik`q(ge  
U!"+~d)  
نەسىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە P5+FZzQ  
_5^p+  
1. نەسىر دېگەن نېمە؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ xz FV]  
«نەسىر» دېگەن ئاتالغۇ كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، شېئىرىي يول بىلەن يېزىلمىغان، يەنى قاپىيەسىز، كۇپلېت، مىسرالارغا ئايرىلماي يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا بەدىئىي ئەدەبىياتقا تەئەللۇق بولمىغان ھەر قانداق ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تار مەنىدىكى نەسىر بولسا شېئىرىي ئەسەرلەر، ئىپىك ئەسەرلەر، سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان، ھەم لىرىك، ھەم ئېپىك، ھەم دىراماتىك ئەسەرلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ئومۇملاشتۇرغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىرنى كۆرسىتىدۇ. :^DuB_  
نەسرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: bJD2c\qoc  
نەسر ـــ ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەركىن، ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىخچام بىر تۈر بولۇپ، ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنى مول ھەم كەڭ، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل. نەسرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى «شەكلى تارقاق، ئەمما مەزمۇنى يىغىنچاق» دېگەن سۆزگە ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: EPCu  
1)    نەسرنىڭ ماتېرىيال تاللاش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ. %C%~f {4  
2)    نەسر قويۇق لىرىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ۋە كۈچلۈك ئوبرازچانلىققا ئىگە. t)74(  
3)    نەسرنىڭ كومپوزىتسىيەسى ئەركىن ۋە جانلىق بولىدۇ. j+:q:6=  
4)    نەسرنىڭ ھەجمى ئىخچام، سەھىپىسى كىچىك بولىدۇ. }d2]QD#O  
5)    نەسرنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ. F/[vg  
2. نەسر قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟ قايسىلار؟ B:=*lU.n  
نەسرنىڭ تۈرلىرى: نەسر مەزمۇن خاراكتېرى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا قاراپ ئېپىك نەسر، لىرىك نەسر ۋە مۇھاكىمىلىق نەسر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. oc,a  
3. لىرىك نەسر دېگەن نېمە؟ A-vK0l+  
لىرىك نەسر ـــ ئاپتورنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى لىرىك ھېسسىيات بىلەن بىۋاستە ئىپادە قىلىدىغان نەسر لىرىك نەسىردۇر. S(jbPQT  
لىرىك نەسردە ئاپتورنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىياتى مەلۇم بىر ۋەقەلىك، مەلۇم بىر مەنزىرە كۆرۈنۈشى ياكى پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش جەريانىدا بىۋاستە ئىزھار قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھېسسىيات مەنزىرە ئىچىگە سىڭدۈرۈلۈپ، مەنزىرە ئارقىلىق كۈچلۈك لىرىك ئىپادىلىنىدۇ، كۆركەم مەزمۇن مۇھىتى يارىتىلىدۇ. بىراق، لىرىك نەسر ئېپىكىلىق (ۋەقەلەر بايانى)نى چەتكە قاقمايدۇ، ئەمما ھېس- تۇيغۇنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىدۇ. _NA KVzo-  
4. ئېپىك نەسر دېگەن نېمە؟ hf rF7{yj  
ئىپىك نەسر ـــ ئېپىك ۋەقەلەرنى (ئادەم ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرنى) تەسۋىرلەش ئاساس قىلىنغان نەسرىي ئەسەر بولۇپ، ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئۆزگىرىش، راۋاجلىنىش جەريانىنى نۇقتىلىق ھالدا پېرسوناژلار ئارقىلىق تەسۋىرلەپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئەدەبىي شەكىلدۇر. بۇنىڭدا ئىپادە قىلىنغان ۋەقەلىكنىڭ مۇكەممەل ھېكايە سۇژىتى بولۇشى تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، ئەمما مۇئەييەن پېرسوناژ ئوبرازى ئارقىلىق بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئېپىك نەسرلەردە ئىش ۋە ئادەملەرنى تەسۋىرلەش جەريانىدا لىرىكا بىلەن مۇھاكىمە ئۇسۇلى زىچ بىرلەشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىكى لىرىكا ئاساسەن كونكرېت ۋەقەلەرنى سۈرەتلەش جەريانىغا زىچ تەبىئىي ھالدا سىڭىشىدۇ. X62h7?'Pd  
5. مۇھاكىمىلىق نەسر دېگەن نېمە؟ ;w@PnY  
مۇھاكىمە بىلەن باياننى ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلغان، ھەم سىياسىي خاراكتېرلىك، ھەم ئەدەبىي خاراكتېرلىك نەسرلەر مۇھاكىمىلىق نەسر دەپ ئاتىلىدۇ. -J4?Km  
6. مۇھاكىمىلىق نەسرلەر قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟ Lz2 AWqR  
1) مۇھاكىمىلىق نەسرلەردە جانلىق، ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر تىپىك شەخس، ۋەقە ياكى مەلۇم كۆز قاراش ئۈستىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىدۇ ۋە مەلۇم ئىدىيە ئالغا سۈرۈلىدۇ. wy"^a45h  
2) مۇھاكىمىلىق نەسرلەردە ئوخشىتىش، كىنايە، سۈپەتلەش قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەر قوللىنىلىش ئارقىلىق، ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋەقەلەر ئۈستىدە، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، پەن- مەدەنىيەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىپ، مۇئەييەن سىياسىي پوزىتسىيە ۋە مۇھاكىمە، نۇقتىئىنەزەرلەر ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. f m. -*`ax  
3) مۇھاكىمىلىق نەسردە ئېپىك نەسرنىڭ ئامىللىرىمۇ بولىدۇ. بەزىدە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن لىرىك نەسردە بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەردىنمۇ پايدىلىنىدۇ. gbM#jhQ  
QN:gSS{30  
6T0E'kv S  
9. «ئانا تىلىم» ھەققىدە C72?vAc,F  
JyWB Li;Z  
بۇ ئەخەت ئىمىننىڭ نەسرى بولۇپ، ئاپتورنىڭ 2000- يىلى نەشىر قىلىنغان «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى. خاراكتېرى: لىرىك نەسر. ئىجادىيەت ئۇسۇلى: رېئالىزم، ئاپتور ھەققىدە «مېنىڭ بىر كۈنۈم» ناملىق تېكىستكە قارالسۇن. _In[Z?P}  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق B) J.(k`p  
1. تېكىستنى ئۈنلۈك، ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىڭ. تېكىستنى ئوقۇش جەريانىدا ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلىگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە چوڭقۇر مەنىلىك، ئوبرازلىق سۆز- جۈملىلەرنى تاللاپ چىقىڭ. l j*ELy  
جاۋاب: (1) ئانا تىلىم، سېنىڭ ھەر بىر تاۋۇشۇڭدا ئانامنىڭ يېقىملىق تىنىقلىرى بار؛ سېنىڭ ھەر بىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھېسسىياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار. سېنىڭ ھەر بىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غۇرۇرى بار، ئىپتىخارى بار. K <7# ;  
(2) سەن ئارقىلىق ئورخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلار سىرىنى ئۇقتۇم. ئەجدادلىرىمنىڭ گۈللىنىش ۋە جارابلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى. ئۇنىڭدىكى غالىبلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۈمنى يايراتتى، مەغلۇبىيەتكە ئوقۇلغان مەرسىيە يۈرىكىمنى قاقشاتتى. 5OP$n]|(  
(3) شۇنداق! ئانا تىلىم ـــ پاراسەتلىك، باتۇر، ئەمگەكچان مىللىتىمىزنىڭ تىلى! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ، سەن ماڭا نۇرغۇن ھېكمەتنى سىڭدۈردۈڭ، سەنسىز مەن مەۋجۇدىيىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، سەنسىز مەدەنىيىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. eW#U<x%P  
2. بۇ نەسردە ئاپتورنىڭ ئانا تىلغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى گۈزەل تىل، قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلەنگەن. سىز تېكىستتىن شۇ خىل ئىدىيەۋى ھېسسىيات ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن بىر نەچچە جۈملىنى تېپىپ، ئاپتورنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق ئىپادىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ باقالامسىز؟ Yf >SV #  
جاۋاب: (1) مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان؛ سەن ئارقىلىقلا ئەجدادلارنىڭ كىملىكىنى ئۇققان؛ سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇققان. ;xaOv e;9  
(2) سەن ئارقىلىق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئوقۇدۇم، «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئوقۇدۇم، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»نى ئوقۇدۇم، قەدىمكى شېئىر- داستانلارنى ئوقۇدۇم، نۇرغۇن- نۇرغۇن بىباھا ئىلمىي ھەقىلەتلەرنى ئوقۇدۇم. Yi1* o?  
(3) ھەر جۈملەڭدە بىر ھېكمەت، ھەر جۈملەڭدە زور قىممەت. w V&{w7  
ھەر جۈملەڭدە بىر سەنئەت، ھەر جۈملەڭدە زور رىغبەت. 'jWd7w~(  
شۇنداق، سەن مەن ئۈچۈن قۇۋۋەت، سەن مەن ئۈچۈن قۇدرەت. c(Zar&z,E  
سەن مەن ئۈچۈن سۆلەت، سەن مەن ئۈچۈن دۆلەت! YgiwtZ5FY  
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزگىچىلىكى دۇنيادا سەن بىلەن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. سەن گويا ئىنسانىيەت تىل دېڭىزىغا قويۇلۇپ تۇرغان بىر دەريا، ئىنسانىيەت دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرىدا سېنىڭ پىچىرلاشلىرىڭ بار. ئانا تىلىم! y]Q G;  
يازغۇچى ئەخمەت ئىمىن يۇقىرىقى پارچىلار ئارقىلىق ئىچ- ئىچىدىن قايناپ چىققان قايناق ھېس- تۇيغۇلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلى بولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر تەرىپلىگەن، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ يىراق كەچمىشلىرى، شانلىق تارىخىنى، پارلاق مەدەنىيىتىنى ئاشۇ تەسەررۈك تىل بىلەن بىلگەنلىكىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ بايان قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، خىسلىتىنى، ئىززىتىنى، غۇرۇرىنى ئىپتىخارىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ئانا تىلى ـــ ئۇيغۇر تىلىغا باغلاپ چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. D7cOEL<  
3. تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ھەققىدە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پىكىرلىشىڭ. |g]TWKc*  
1) «ئەي ئانا تىلىم- ئانىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل، سىڭىللىرىم سخزلىگەن تىل، سەن بالىلىرىمنىڭ تىلى؛ سەن ھەممىمىزنىڭ تىلى! ھەممىمىزنىڭ تىلى سەن بىلەن؛ پەقەت سەن بىلەن چىققان.» +cv7]  
يۇقىرىقى لىرىكىلىق جۈملىلەردىكى «ئانا، ئاتا، ئاكا، ئاچا...» قاتارلىقلار سۆزلىگەن تىل پەقەت شۇنىڭلا تىلىنى كۆرسىتەمدۇ ياكى باشقىچە مەنىسىمۇ بارمۇ؟ -IhFPjQ  
جاۋاب: بۇ پارچىدا ئاپتورنىڭ «ئانا، ئاتا، ئاكا، ئاچا...» قاتارلىقلار سۆزلىگەن تىل دەپ تەرىپلىشىدە ئۇقۇم شۇلارنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئاشۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ئورتاق ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلگەن تىلدۇر. f2Frb  
مەسىلەن: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىن 10- ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي تىللىق خەلقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغان. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى 14- ئەسىردە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «چاغاتاي تىلى»، «قەشقەر تىلى» دېگەن ناملاردا شەرقىي تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېھتىياجى، ئالاقە  ۋە ئىلىم- پەن، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 49n.Gc  
2) «ئاتامنىڭ ‹قارا، بالام› دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرق قىلىدىغان كومپاسقا ئېرىشىمەن. iA*Z4FKkT  
ئانامنىڭ ‹ئويلا، بالام› دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن. Et~b^8$>  
جانانىمنىڭ ‹بېقىڭ جېنىم› دېيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغىرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن. 0L10GJ"(  
بالامنىڭ ‹مانا، دادا› دېيىشلىرىدىن مەن گويا مېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن.» يۇقىرىقى پارچىدا ئاپتورنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي، ئادەتتىكى سۆزلەرنى تاللىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. -e7|DXj  
جاۋاب: بۇ  پارچىدا ئاپتورنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي، ئادەتتىكى سۆزلەرنى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئادەمگە ھاياتنىڭ ھەقىقىي ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان سۆزلەر تۇرمۇشتىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىي سۆزلىرىدۇر، تۇرمۇشتىكى ئاددىي سۆزلەر تۇرمۇشنى مول مەنىگە ئىگە قىلىدۇ، ئاپتور شۇ سەۋەبتىن ئانا تىلىمىزدىكى دائىم دېگۈدەك ئىستېمال قىلىنىدىغان مانا مۇشۇنداق ئاددىي سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ قەلب تارىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سېھرىي قۇدرىتىنى نامايان قىلغان. R_ J=x  
4. سىز بۇ نەسرنى ئوقۇغاندىن كېيىن لىرىك نەسرنىڭ قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالدىڭىز؟ ,t5X'sY L  
جاۋاب: ئادەتتە ئاپتورنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى لىرىك ھېسسىيات بىلەن ئىپادە قىلغان نەسر لىرىك نەسىر دەپ ئاتىلىدۇ. لىرىك نەسرنىڭ تىلى ئوبرازلىق بەدىئىي خۇسۇسىيەتكە ۋە مۇزىكىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئىخچام قىلىش، تەپسىلىي، نەپىس قىلىش، شۇنداقلا كۆپ قاتلاملىق يوشۇرۇن مەنىلىك قىلىشمۇ مۇمكىن. لىرىك نەسرنىڭ تىلى جانلىق، ئوبرازلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە شېئىرىي تۈسكە ئىگە بولىدۇ، يەنى لىرىك نەسرنىڭ تىلى شېئىرىي تىلدەك تاۋلانغان، تاللانغان، ئاھاڭدار بولىدۇ. ;hR!j!3}  
مۇشۇ قائىدە بويىچە «ئانا تىلىم» دېگەن بۇ لىرىك نەسرگە قارايدىغان بولساق، ئاپتورنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە مىللىي ھېسسىياتىمىزدا تۇتقان ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى كۆز قاراش، پىكىر- چۈشەنچىلىرىنى جانلىق، ئوبرازلىق، ھېسسىياتلىق، شۇنداقلا شائىرانە تىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. U I|L;5  
p.i$[6M  
h-hU=I8  
10. «نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» ھەققىدە cAC2Xq  
&3v{~Xg)  
بۇ ئەسەر 1927- يىلى يېزىلغان. خاراكتېرى: لىرىك نەسر. ئىجادىيەت ئۇسۇلى: رېئالىزم. 7 t` <`BY^  
ئاپتور ھەققىدە: جۇزىچىڭ (1898- 1948) نىڭ ئەسلىي ئىسمى زىخۇا، يەنە بىر ئىسمى زى پېيشۈەن، لەقىمى چيۇشى. جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسىدىن. 1898- يىلى جېجىياڭنىڭ دۇڭخەي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1903- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ياڭجۇغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى «ياڭجۇلۇق» دەپ ئاتايدۇ. 1916- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئۆتكەن. شۇ يىللاردا ئىسمىنى زىچىڭغا ئۆزگەرتكەن. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1948- يىلى 8- ئايدا بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. pW O-YZ#+  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق ^T"9ZBkb  
1. ئاپتور نېلۇپەر كۆلىنىڭ قانداق مەنزىرىلىرىنى يازغان؟ بۇ مەنزىرىلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ تېكىستتىن پىسخىك ھالەت تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى تېپىپ، ئاپتورنىڭ كەيپىياتىنىڭ مەنزىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېقىڭ. "lLt=s2>L  
جاۋاب: ئاپتور نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسىنى يازغاندا ئۆزىنىڭ زىيارەت يۆنىلىشىنى يىپ ئۇچى قىلىپ، ئىلگىرى- كېيىن نېلۇپەر كۆلىگە بارىدىغان خىلۋەت يول، نېلۇپەر كۆلى، ئاي شولىسى، نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى، نېلۇپەر گۈللىرى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى، كۆل سۈيى ۋە كۆل ئەتراپىدىكى دەرەخ قاتارلىق مەنزىرىلەرنى يازغان ھەم بۇ مەنزىرىلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى بىرمۇبىر يازغان. كۈندۈزدىمۇ «ئادەملەر ناھايىتى ئاز» ماڭىدىغان، ئايدىڭ بولمىغان كېچىلىرى «ئادەمنىڭ سەل قورققۇسى كېلىدىغان» لىقى ئارقىلىق يولنىڭ خىلۋەتلىكلىكى يېزىلىپ، كېيىنكى مەنزىرىلەر ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت كەيپىياتى ياراتقان. نېلۇپەر كۆلىنى يازغاندا ئاي شولىسىنىمۇ يېزىپ، بىر- بىرىنى تولۇقلىغان. كۆل يۈزىنى يازغاندا بىر گۈل، بىر يوپۇرماقنىلا يازماستىن، بارلىق نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى ۋە گۈللىرىگىچە يازغان. ئاي شولىسى چۈشۈپ تۇرغان نېلۇپەرنىڭ يوپۇرماق ۋە گۈللىرى مەيىن شامالدا ئاستا تەۋرىنىپ، «خۇددى چاقماق چاققاندەك بىردەمدىلا كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتەتتى»، شۇنداقلا يوپۇرماقلار «ئىنتايىن كۆركەم» كۆرۈنەتتى دەپ يازغان. ئاي شولىسىنى يازغاندىمۇ يوپۇرماق ۋە گۈللەرنىڭ ئاي نۇرىدىكى رەڭدارلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاي شولىسىنىڭ تولۇق چېچىلمىغانلىقى يېزىلغان. دەرەخ سايىلىرىنىڭ جىمىرلاشلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاي كۆلەڭگىسىنىڭ گۈزەللىكى يېزىلغان؛ كۆلنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى يازغاندا «يىراق- يېقىن»، «ئوي- دۆڭلەرنىڭ ھەممىسى»، «نېلۇپەر كۆلىنى قاتمۇ قات ئورىۋالغان دەرەخلەر ئىس- تۈتەكتەك كۆرۈنەتتى»، «دەرەخلەر ئۈستىدىن يىراقتىكى تاغ غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى» دەپ يازغان. سىرلىق رەڭدارلىق نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسىگە جىمجىتلىق ئىچىدە بىر گۈزەل شېئىرىي تۇيغۇ قوشقان بولۇپ، يېقىندىكى مەنزىرىدىن يىراقتىكى مەنزىرىگىچە ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. -yfyd$5j  
جۇزىچىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە زىيالىي. كۆز ئالدىدا جياڭ جيېشى «12- ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگۇ ئىنقىلابى يەر ئاستى شەكلىگە بۇرالدى. ئۇ ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشنى قوللىمايتتى ياكى قارشى تۇرمايتتى. بىراق يەنە ئىشچى، دېھقانلار ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە بۇرۇلۇش پوزىتسىيەسى ۋە قىزىقىشىدىنمۇ خالىي ئەمەس ئىدى. رېئاللىققا رازى ئەمەس ھەم ئامالسىزلىق ھېس قىلاتتى. كۈندۈزدە ئۇنىڭ «چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، چوقۇم سۆزلەشكە تېگىشلىك سۆزلەر» بار ئىدى. تېنى ئۆزىنىڭ ئەمەس، تىلى ئەركىن ئەمەس ئىدى. پەقەت ئاي يورۇقىدا نېلۇپەر كۆلى بويىدا ئايلىنىش جەريانىدا ئۆزىنى «ئەركىن» لىككە ئېرىشكەندەك، خۇددى «باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك» ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل پىسخىك ھالەت ئاپتورنىڭ ئىدىيەۋى ئازابى ۋە يورۇقلۇققا بولغان تەلپۈنۈشىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق ئەينى دەۋردىكى تېررورلۇق قاپلاپ كەتكەن كونا جەمئىيەتتە ئاپتور ئۆز قەلب ئىزھارىنى بىۋاسىتە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويالمىغاچقا، مەنزىرىلەر ئىچىدە يوشۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باشقا ئىمكان يوق ئىدى. 0TU~Q  
2. ئەسەردىكى نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى، نېلۇپەر گۈللىرى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى، ئاي شولىسى، كۆل سۈيى قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەشتە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تېپىپ چىقىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەردە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. *{tn/ro6a  
جاۋاب: ئاپتور مەنزىرىلەرنى تەشكىل قىلىۋاتقان ھەر بىر شەيئىگە نىسبەتەن تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى كىتابخانلار ئالدىدا جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بەزى شەيئىلەرنى ئۆز سۈپىتى بىلەن روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، بەزىلىرىنى كونكرېت شەيئىلەرگە ئوخشاش، بەزىلىرىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئوبرازلاشتۇرۇپ كۆرسەتكەن. AC,$(E  
مەسىلەن: نېلۇپەرنىڭ يوپۇرمىقى «تاۋاق»قا ئوخشىتىلىپ، ئۇنىڭ قارامتۇل يېشىل رەڭگى بىلەن دۈگىلەكلىكى روشەن گەۋدىلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ مەلۇم گىرادۇستا يانتۇ تۇرۇشى ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ كۆڭلىكىگە ئوخشىتىلغان. 3?Y%|ZVM  
نېلۇپەرنىڭ ئېچىلغان گۈلتاجىسىنىڭ نۇرلۇقلىقى مەرۋايىتلارغا ئوخشىتىلغان بولسا، زىچلىقى يۇلتۇزلارغا ئوخشىتىلغان. N^q*lV#kob  
يوپۇرماقلارنىڭ دالدىسىدا يېرىم- يارتا كۆرۈنگەن بەزى گۈللەر «ئۇياتچانلىق بىلەن مارىغاندەك» دەپ جانلاندۇرۇلغان. Nt67Ye3;  
سېخىيلىق بىلەن گۈل- گىياھلارغا چۈشۈۋاتقان ئاي شولىسى «خۇددى قۇيۇلۇۋاتقان سۇ»غا ئوخشىتىلغان بولسا، گۈل ئۈستىدىكى سۇس تۇمان نېپىز شايىغا ئوختىلىپ، كىتابخانلارنىڭ كۆز ئالدىغا روشەن كەلتۈرۈپ بېرىلگەن. FB@c +*1  
ئاي شولىسىدا ئاقىرىپ كۆرۈنگەن يوپۇرماقلار «سۈتتە يۇيۇلغاندەك» دەپ ئوخشىتىلىپ روشەن قىياپەت ئالغان. كېچىدىكى قويۇق ئورمانلار ئىس- تۈتەككە، ئورمان ئارىلىقىدىن كۆرۈنگەن يول چىراغلىرى ئۇيقۇسىرىغان كۆزلەرگە ئوخشىتىلغان. J/w?Fa<  
ئومۇمەن يۇقىرىقىدەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر كۆل مەنزىرىسىنى خۇددى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغاندەك جانلىق، كونكرېت ھەم ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينىغان. ;3Fgy8 T  
3. «ئانا تىلىم» بىلەن «نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» دېگەن ئىككى نەسرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ، قايسىسىدا ئاپتورنىڭ ئۆز ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ، قايسىسىدا ۋاسىتىلىك ئىپادىلىگەنلىكى ھەققىدە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. N::_JH? ^=  
جاۋاب: «ئانا تىلىم» دېگەن نەسردە ئاپتور ھېسسىياتى بىۋاستە ئىپادىلەنگەن، «نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» دېگەن نەسردە بولسا ئاپتور ھېسسىياتى ۋاسىتىلىك ئىپادىلەنگەن. ,!kqEIp%  
R`G%eG)+  
`kyr\+hp  
11. «گۈل ناخشىسى» ھەققىدە -x3QgDno  
M]jzbJ3Q  
بۇ ئەسەر 1986-يىلى نەشر قىلىنغان «ياش ۋە كۈلكە» ناملىق نەسرلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان. خاراكتېرى: لىرىك نەسر. u)&6;A4  
ئاپتور ھەققىدە: جىبران 1883- يىل 1- ئاينىڭ 6- كۈنى لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ئاقباش تاغلار ئوراپ تۇرغان بۇئىل يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1931- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «ياش ۋە كۈلكە» ، «بوران»، «ساراڭ»، «مۇزىكا»، «ئاسىي روھ»، «سۇنغان قانات» قاتارلىق توپلاملىرى نەشر قىلىغان. .,l ?z  
جىبران تاگورغا ئوخشاش قوش تىللىق يازغۇچى، ئۇ ئەرەب تىلى بىلەن ئىنگىلىز تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى تۈپەيلىدىن غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنى ۇغۇرۇۋەتتى، ئىجادىيەت جەھەتتە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتتى، ئۇنى «ياش ۋە كۈلكە»، «بوران»، «دۇردانىلەر»، «ساراڭ»، «قۇم ۋە بۇژغۇن»، «دانىشمەن»، «ئادەم بالىسى ئىسا»، «سەرگەردان»، «دانىشمەن بېغى» قاتارلىق نەسرىي شېئىر توپلاملىرىدا نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ھېكايىلەر توپلاملىرى «مۇزىكا»، «ئاسىي روھ»، پوۋېستى «سۇنغان قانات» قاتارلىقلارمۇ شېئىرىي تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردۇر. nE]R0|4h  
جىبران 20- ئەسىردىكى مەشھۇر شائىرلارنىڭ ۋە ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازىدىغان  مۇنەۋۋەر يازغۇچىنىڭ بىرى، ھازىرقى زامان ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، ئەرەب نەسرچىلىكىنىڭ جۈملىدىن دۇنيا نەسرچىلىكىنىڭ پىرى، ھازىرقى زامان ئەرەب ئەدەبىياتىدا نەسرىي شېئىر ژانىرىنى ياراتقان يازغۇچى، ئۇ دۇنيادا يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە شۆھرەتلىك ئۈچ شەرق يازغۇچىسىنى بىرى (قالغان ئىككىسى ئۆمەر ھەييام، رابىندرانات تاگور). 1981- يىلى جىبران تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى، ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا جىبراننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكا پارلامېنتى مەخسۇس جىبراننى خاتىرىلەش باغچىسى ياسىدى، زۇڭتۇڭ بۇش ئۆز قولى بىلەن لېنتا كەستى، ئەدەبىيات بىلەن رەسساملىق جىبراننىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى قوش قانات، جىبراننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىجادىيىتىدە پىروزا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىجادىيەتلىرىدە نەسرىي تەنقىد، خەت- چەك قاتارلىقلار بار. «پەيغەمبەر» جىبراننىڭ دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىگە قەدەم قويغاندىكى كامالەتكە يەتكەن ئەسىرى بولۇپ، 20 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەشر قىلىنغان. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە 700 پارچە نادىر رەسىم ئىجاد قىلىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا سەنئەت مۇزېيى ۋە لىۋاندىكى جىبران خاتىرە سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. +F&w~ UT  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق >T.U\,om7  
1. ئاپتور نەسرىي شېئىردا باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق گۈلنىڭ «كەچۈرمىشلىرى»نى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلىگەن. سىز تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ. I6YN&9Y  
1) بۇ نەسرىي شېئىردا ئاپتور گۈلنى نېمىلەرگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغان؟ -[`,MZf   
2) ئاپتور نەسرىي شېئىردا باغلانما تەسەۋۋۇر قىلغاندا قايسى خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان؟ :uZcN  
جاۋاب: 1) ئۇقۇملارنى بىر- بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش قابىلىيىتى باغلانما ياكى ئۇلانما تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەنە جەھەتتىكى پەرقىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى باغلاش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاپتور بۇ نەسرىي شېئىردا گۈلنى تەبىئەتكە، يۇلتۇزغا، ئېلېمېنتلارغا، شامالغا، قۇياشقا، شەبنەمگە، قۇشقا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغان. $oq&uL  
2) «مەن ئاسماندىن يېشىل پايانداز ئۈستىگە ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزمەن؛ مەن ئېلېمېنتلارنىڭ قىزىمەن؛ توپنىڭ گۈلتاجىمەن؛ باھار ئېچىلدۇرىدۇ. مەن ھايات قالغۇچىنىڭ ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى نەزىرلىكىمەن؛ مەن ئەتىگەندە سابا بىلەن بىللە نۇرنى قارشى ئالىمەن. كەچتە قۇشلار بىلەن بىللە ئۇزىتىپ قويىمەن؛ مەن تاڭ شەبنەملىرىدىن ھاسىل بولغان ئېسىل شارابنى ئىچىمەن...» كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتور نەسردە باغلانما تەسەۋۋۇر قىلغاندا سىمۋول بىلەن ئوخشىتىشتىن ئەڭ كۆپ پايدىلانغان. Z)|*mJ  
2. ئاپتور نەسرنىڭ ئاخىرىدا «ھالبۇكى، بۇ پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى تېخى ئىنسانلار تولۇق چۈشىنىپ كەتكىنى يوق» دەپ يازغان. بۇ جۈملىدە ئاپتور قانداق پەلسەپىۋى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى؟ x V~`sqf  
پەلسەپىۋىلىك ــ شېئىر مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھەم ئۇنىڭ سەنئەت ئىچىدىكى يۈكسەك ئورنىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى، شېئىرلاردا پەلسەپىۋى مەزمۇن قانچە چوڭقۇر بولسا، ئۇنىڭ كىتابخاننى تەسىرلەندۈرۈشى شۇنچە تېرەن ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدۇ. بۇ نەسرىي شېئىرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا گۈلنىڭ ئوبرازى تەبىئەتنىڭ ئەركىسى سۈپىتىدە يارىتىلغان، ئاز بىر قىسىم جايلىرىدا ئەلچى ۋە بېغىشلىغۇچى ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلغان، ئاپتور گۈلنىڭ بايانى ئارقىلىق تەىىئەتتىكى بىر- بىرىگە قانۇنىيەتلىك ھالدا باغلىنىپ تۇرىدىغان شەيئى ۋە ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت رىشتىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن. گۈل بەھرىلەنگۈچى ھەم تەقدىم قىلغۇچى! ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھاياتلىق ئالىمىدىكى رولىنى ۋە ئورنىنى بەك روشەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ بەھرىمەن بولۇپ ياشاش بىلەن تەقدىم قىلىپ ياشاشتىن ئىبارەت «پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى تېخى ئىنسانلار تولۇق چۈشىنىپ كەتكىنى يوق» دەپ خۇرسىنىدۇ. دېمەك ئاپتور بۇنداق دېيىش ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئۆزگىرىشچانلىقىدىن ئىبارەت قانۇىيەتنى كىتابخانلارغا يورۇتۇپ بەرمەكچى. ^&h|HO-5  
Z99%uI3  
jToA"udW/  
13. «بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ» ھەققىدە v\c.xtjI5x  
x>!#8?-h  
بۇ ئەسەر 1886- يىلى يېزىلغان. خاراكتېرى:ھېكايە. ئىجادىيەت ئۇسۇلى: تەنقىدىي رېئالىزم. y2TJDb1  
ئاپتور ھەققىدە: لېف نىكولايىۋىچ تولستوي (1828- 1910) رۇسىيەنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىسى. ئۇ 1828- يىل 9- ئاينىڭ 9- كۈنى رۇسىيەنىڭ تۇلا ئۆلكىسىدىكى ياسىنايا پوليانا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1910- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋاپات بولغان. @Ej{sC!0T  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق Fj7cI +  
ھېكايىدا باخۇمنىڭ «يەرلا كۆپ بولغان بولسا ئالۋاستىدىنمۇ قورقۇپ قالمايتتۇق» دېگەن سۆزى ئاۋالستىنى خۇشال قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالۋاستى باخۇمنى ئازدۇرۇشقا تۇتۇنىدۇ. ئاپتور مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسى ئارقىلىق باخۇمنىڭ ئىچىنى توختىماي چۇخچىلايدۇ. باخۇم گەرچە نۇرغۇن يەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقىۋەتتە ئىككى مېتىر يەرگىلا كۆمۈلىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. (Y)$+9  
1. باخۇم قانداق ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كەچۈرمىشىدىن قانداق ھەقىقەتنى چۈشەندىڭىز؟ -SlLX\>p  
جاۋاب: ئەسەردىكى باخۇم ئەسلى زېمىندارلارغا ياللىنىپ، بەزىدە ناھەق جەرىمانە تۆلەپ، ئۆز تۇرمۇشىدىن بىزار بولغان شەخس ئىدى. كېيىن بىر ئايال خوجايىننىڭ يەر سېتىۋاتقانلىقىنى قوشنىسى ئارقىلىق ئۇقۇپ، 20 مو يەرنى يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى بىر يىللىق سۈرۈك بىلەن سېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ يەرگە بولغان تويماس نەپسى، ھېرىسمەنلىكى، قارا نىيەتلىكى، نىشانسىز ئارزۇ- ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ تويماس ئارزۇنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن باشقىرتتىن 1000 رۇبلىغا بىر كۈن يەر سېتىۋېلىپ، ئاچ كۆزلۈك بىلەن جىق يەرلەرنى ئارىلاپ، قايتىپ كەلگۈچە ھالسىراپ قان قۇسۇپ ئۆلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، باخۇم، ئاچ كۆز، نەپسانىيەتچى، ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىغان، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ھىمايىسىدە يەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن، نەزەر دائىرىسى تار، مۇتەئەسسىپ، جاھىل، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى توغرا مۆلچەرلىمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇغان، «شەيتان»نىڭ ئازدۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالمايدىغان، شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى. ](aXZ<,  
بۇنىڭدىن ئادەمنىڭ تويماس نەپسىنىڭ بىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بالا ئىكەنلىكى، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەنلىك بىر ئادەمنىڭ خەتەرلىك دەۋرگە قەدەم باسقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدىانلىقىنى، ھەر قانداق كىشىدە ئىنساب، دىيانەت، ئىنسانغا خاس بولغان چەكلىك ئارزۇ- ئىستەك يېتىلىدىكەن، ئۇ مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ئۇ چوقۇم خۇشال- خۇرام، بەختلىك ياشايدۇ، ئەكسىچە بولسا ئادەمگە غايەت زور بالايىئاپەتلەرنى، پاجىئەلەرنى، تىراگېدىيەلەرنى ئەكېلىدۇ دېگەن كىشىلىك تۇرمۇش ھەقىقىتىنى چۈشىنىۋالدىم. \.POb5]p0  
2. ھېكايىدىكى ئاۋاستى ۋەسۋەسىسى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئارزۇ- ئارمان ۋە رىقابەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ؟ qYl%v  
جاۋاب: ھېكايىدىكى ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسى باخۇمنىڭ تويماس نەپسىنى، قانائەتسىز روھىي دۇنياسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بىر ئادەم چەكسىز مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولۇپ بولالمايدۇ، پەقەت ۋۇجۇدىدىكى چەكلىك قابىلىيەت ۋە كۈچنى مۇئەييەن مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغاندىلا ئاندىن بەختلىك بولالايدۇ، ئادەمدە يېتەرلىك بايلىق بولۇش بىلەن بىرگە قېرىنداشلار ئارا مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتا «شەيتان»نىڭ ئازدۇرۇشىغا كەسكىن تاقابىل تۇرمايدىكەن، ھامان پاجىئەلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ دېگەننى چۈشەندۈرمەكچى. ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئارزۇ- ئارمان ۋە رىقابەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماسلىقتىكى سەۋەب، ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسى بولسا، ئادەمنى ھالاكەتكە، تويۇق يولغا باشلاپ، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنى تەلتۆكۈس يىمىرىپ تاشلاپ، شەخسىيەتچى، ئاچ كۆز، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، قانائەتسىز، نەپسانىيەتچى، روھىي دۇنياسى پۇل، مال- دۇنيانى دەپ ئۆتكەن ھالەتكە ئەكەلگەچكە، رىقابەتكە، ئارزۇ- ئارمانغا مۇئامىلە قىلىنغاندەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ. \{\*h/m  
3. ئاپتور ھېكايىدە يەنە باخۇمنىڭ باشقىرتلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە كۆرگەن چۈشىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ ۋە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىپادىلەشتىكى بىر ئۆزگىچىلىك، ئاپتور ھېكايە راۋاجىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن بۇ چۈشنى قىستۇرىدۇ؟ بۇ ئارقىلىق باخۇمنى نېمىگە دەۋەت قىلماقچى؟ Y#=0C*FS  
جاۋاب: باخۇمنىڭ باشقىرتلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە كۆرگەن چۈشى يامانلىقنىڭ بېشارىتى، چۈنكى چۈشىدە كۆرگەن دېھقاننىڭ ئۆلۈكى دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئىدى، سودىگەر باشقىرتلارنىڭ ئاقساقىلىنىڭ ھالىتىدە چۈشىدە كۆرۈنۈشى ئەسلى باخۇمغا بېرىلگەن ئالدىن بىر سىگنال ئىدى. باخۇم ئەسلى، ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان خېيىم- خەتەرنى ئازراق بولسىمۇ سېزىشى ۋە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن باخۇم يەرگە بولغان قۇللارچە ھېرىسمەنلىك، ئاچ كۆزلۈك، نەپسىنىڭ غەپلەتتە قالدۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ چۈشكە سەل قارايدۇ. بۇ چۈش باخۇمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى زىددىيەتنىڭ بىر ئىپادىسى ھەم ئەسەر كۇلمىناتسىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۇ ئارقىلىق باخۇمنى تويماس نەپسىدىن، ئاچ كۆزلۈكتىن، يەرگە بولغان قۇللارچە ھېرىسمەنلىكتىن ۋاز كېچىپ، «شەيتان»نىڭ كەينىگە كىرمەسلىككە دەۋەت قىلماقچى. :tl* >d~  
f 0~ 
Q=)$  
K63OjR >H  
14. «ئاقچۇق سېيىدا» ھەققىدە Y^M3m' d?  
@>}!g9c  
ئاپتور ھەققىدە: شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر («ئۆتكۈر» ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923- يىلى 7- ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940- يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغىچە ئىزچىل شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ يەنە نەسر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،  «دېڭىزدىن سادا»، «باش ئەگىم»، «شېئىر ۋە شائىر»، «قاشتېشىغا مەدھىيە» قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغان. 80- يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يۈكسەك تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-، 30-، 40- يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى يازدى. ئۇ يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق مۇھىم كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. 1995- يىل 10- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. j2#RO>`,I  
مۇھاكىمە ۋە مەشىق `aD~\O  
1. تۆۋەندىكى دىيالوگلاردا قايسى پېرسوناژلارنىڭ قانداق خاراكتېر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن؟ 7?9QlUO  
1) « ــ ئۇ ياۋايىلار تاغ ئۆچكىلىرىنى قارىغا ئېلىپ ئېتىشقا ماھىر بولغان بىلەن مېنىڭ زەمبىرەكلىرىم گۈمبۈرلىگەندە، بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ دەپ ئىشىنىمەن، مەن ئۆزەمنى ئۇلارغا شۇنداق تونۇتۇپ قويايكى، بۇنىڭدىن كېيىن بىزگە كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالمايدىغان بولسۇن، شيەنتەي يامۇل بىلەن ئامبال يامۇل ئاتخانىلىرىدىكى بېدە توغرايدىغان جادۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن بارىدىغان ئاقچۇق سېيىغا ئاپىرىپ بېرىڭلار، ئوقتا ئۆلمەي قالغانلىرىنى شۇ يەردە توغراپ ساينىڭ تېشىغا قوشۇۋېتەي!» tBd-?+~7  
جاۋاب: يۇقىرىقى دىيالوگدىن ئەكسىيەتچى زالىم كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان سەلبى پېرسوناژ چيەن دارىننىڭ ئىنتايىن پوچى، زالىم، قانخور، رەھىمسىز، مەغرۇر، مەنمەنچى، كۆرەڭ، قابىلىيەتسىز، مەمەدان خاراكتېرى ئېچىپ بېرىلگەن. r7+"i9  
2) «بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئۆزۈڭ تۈزۈك ئاتمايسەن، ئەمدى مېنىمۇ ئاتقىلى قويمايسەن؟ ـــ دېدى تۆمۈر خەلىپە ئاچچىقى بىلەن. w[YiH $  
ـــ ئۇنىڭ ئۆلگىنىدىن بىر كۆزى بىلەن تىرىك بېرىپ، كۆرگەن- بىلگەنلىرىنى شامەخسۇت بىلەن جاڭجۇڭلارغا سۆزلەپ بەرگىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ـــ دەپ كۈلدى خوجىنىياز پالۋان.  
ـــ ئوھوي، مەرگەنلىكىڭ بىلەن دانىشمەنلىكىڭمۇ جايىدا ئىكەن، ـــ دېدى تۆمۈر خەلىپىمۇ كۈلۈپ كېتىپ.» A=JPmsj.  
جاۋاب: يۇقىرىقى دىيالوگلاردا بىر تەرەپتىن تۆمۈر خەلىپىنىڭ خەلق دۈشمەنلىرىدىن بىرنىمۇ تىرىك قويماسلىقتەك ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرسە، ئەڭ مۇھىمى خوجىنىياز پالۋاننىڭ قورقۇمسىز، قەيسەر، تۈز كۆڭۈل، باتۇر بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن ئەقىللىق، زېرەك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئېچىپ بەرگەن. 4 3V {q  
3) «ـــ قېرىنداشلار! كۆرۈۋاتىسىلەر، ئىش يوغىناپ كەتتى، ئەمدى ئۈرۈمچى چېرىكلىرىمۇ بىزنى يوقىتىشقا كەلدى. ئاق ئىت- كۆك ئىت ھەممىسى بىر ئىت. مەيلىگە قويۇپ بەرسە، ھەممىسىلا ئادەم چىشلەيدۇ؛ ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ چيەندارىن دېگەن چوقۇر ئىككى ھارۋىغا جادۇ بېسىپ كېلىۋاتقۇدەك. بىزنى ئاقچۇق سېيىدا بېدە توغرىغاندەك توغراپ تاشلىغۇدەكمىش.» &OQ37(<_  
يۇقىرىقى دىيالوگدىن تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئەلنىڭ خۇشلۇقىغا كۆلۈپ، قايغۇسىغا يىغلايدىغان، تەڭسىزلىككە، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغان ئىسيانكار روھقا يۇقىرى تەشكىللەش قابىلىيىتىگە، قوماندانلىق تالانتىغا ئىگە، باتۇر، قەيسەر، قورقۇمسىز خاراكتېرى ئېچىپ بېرىلگەن. +txFdc  
4) ئەسەرنىڭ بېشىدا ئىنتايىن ئىنچىكە، تەپسىلىي مۇھىت تەسۋىرى بېرىلگەن. ئاپتورنىڭ مۇنداق يېزىشتىكى مۇددىئاسى نېمە؟ ]dIcW9a  
جاۋاب: شامەخسۇت چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخىدىن بۇيانقى شەكىللەندۈرۈلگەن قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەۋلادى. ئاپتور ئۇنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىتابخانلارنى ئېنىق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر قىسىم تارىخىي جەريانلار ئوردا تەشۋىرىگە ۋە باشقا مۇھىت تەشۋىرىگە يوشۇرۇن رەۋىشتە سىڭدۈرۈۋېتىلگەن. e}>3 
پىروزىدا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئۇنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىت بىلەن گىرەلەشكەن ھالدا قانات يايىدۇ. مەزكۇر تېكىستتىكى پېرسوناژلار بولسا، تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش يازغۇچىدىن مۇئەييەن تەسەۋۋۇر كۈچىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، تارىخىي رېئاللىقنىڭ ئىچىگە چۆكۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاپتور ئۆز پېرسوناژلىرىنىڭ خاراكتېرىنى تىپىك تارىخىي شارائىتقا قويۇپ رېئال سۈرەتلەش ئۈچۈن كونكرېت مۇھىت تەسۋىرىنى بەرگەن. CoZOKRoaH  
5) ئەسەرنىڭ بېشىدا ئىككى پارچە ئېپىگراف بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئەسەر مەزمۇنى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ. 3MX&%_wUhB  
جاۋاب: تېكىستنىڭ بېشىدا ئىككى پارچە ئېپىگراف بېرىلگەن. ئۇنىڭ باشتىكىسى يەنى، OD[q u  
كۆر ئىتقا بولۇۋەرسە باش ئارسلان، =EFCd=i  
بولۇر ھەممە ئىتلار ئارسلانسىمان. 8]h~jNku  
گەر بولسا ئىت ئارسلانغا باش، #1fL2nlP*E  
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان. =$mPReA3v  
بۇ ئاساسەن تۆمۈر خەلىپىگە ئوخشاش ئەزىمەتكە ئەگەشكەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ باتۇرانە ئىش- ئىزلىرىغا قارىتىلغان. ھەر قانداق بىر ئاجىز كۈچكە دانا، ئەقىللىق، باتۇر، يىراقنى كۆرەرلەر رەھبەرلىك قىلسا چوقۇم نۇسرەت قازىنىدۇ. كۈچلۈك، جاسارەتلىك كۈچكە قابىلىيەتسىز، ئىقتىدارسىز، يىراققا نەزەر تاشلىمايدىغانلار رەھبەرلىك قىلسا ھامان مەغلۇپ بولىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەكچى. كېيىنكى ئېپىگرافتا يەنى: «مەغرۇر قوماندان چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ». بۇنىڭدا چيەن دارىن، يۈەن داخۇادەك خەلقنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە سەل قارايدىغان، كۆرەڭ، نادان ھۆۆۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئاخىر خەلقنىڭ قۇدرىتى تەرىپىدىن مات بولۇشىدەك ئاقىۋەتكە ئىشارە قىلىنغان. sg`   
2. بۇ تېكىست تارىخي روماندىن ئېلىنغان پارچە بولۇپ، تارىخىي رومان تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا سىز ئەسەرگە ئاساسەن، تارىخىي روماننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. GHNw.<`l?  
جاۋاب: تارىخىي رومان تارىخىي تېمىدا يېزىلغان رومان بولۇپ، چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا ھەم ھەقىقىي تارىخ، ھەم ئەدەبىي ئەسەر، يەنى تارىخشۇناسلىق بىلەن رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ جانلىق بىرىكمىسى، شۇڭا تارىخىي رومانلار ھەممىدىن ئاۋۋال تارىخىي چىنلىقنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئاپتوردىن تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى ۋە تارىخ ئىچىدىن ھالقىپ چىقىش ماھارىتىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. )DB\du   
*Xcqnu('  
8+i=u"  <  
فونېتىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە ^'\JI  
@U+#@6  
1. فونېتىكا دېگەن نېمە؟ قانداق مەنىدە قوللىنىلىدۇ؟ HmiG%1+{A  
فونېتىكا ـــ گىرېكچە «Phone» (تاۋۇش، ئۈن) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ تىلشۇناسلىق ئاتالغۇسى، رۇس تىلى ئارقىلىق تىلىمىزغا كىرىپ ئۆزلەشكەن. ھازىر بۇ ئاتالغۇ «تىل تاۋۇشلىرى» ۋە «تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. ZyM7)!+kPa  
2. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دېگەن نېمە؟ قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ 'Zs3b 4n8  
ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىلدا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە شۇ تاۋۇشنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىش ۋاقتىدىكى لەۋنىڭ ھالىتى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىشى سوزۇن تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دېيىلىدۇ. gLm,;'h%u  
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. =MU(!`  
3. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىشى دېگەن نېمە؟ مىسال. C(8VXtx_  
تۈپ سۆزلەردىكى شۇنىڭدەك تۈپ سۆزلەر بىلەن تۈپ سۆزلەرگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلارنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىشى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىن مەسلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئانار، ئارغامچا، بايراق، تاختاي باھاسى، ھاياجانلاندۇرۇش، ئۆيگە، مەكتەپكە. |k$6"dXSO  
4. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىشى دېگەن نېمە؟ مىسال. /!?b&N/d)  
سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش ئاساسىدا يەنە لەۋ ھالىتى جەھەتتىنمۇ ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىدۇ. لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش پەقەت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. }.a{;{y  
تىل ئالدى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە ياكى ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تىل ئالدى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: ~&?57Sw*m  
كۆز ـــ كۆزۈم، كۆزۈڭ، كۆزلۈك $l2`@ia"  
ئۆرۈك ـــ ئۆرۈكۈم، ئۆرۈكۈڭ، ئۆرۈكلۈك 3! #|hI> f  
ئۈزۈك ـــ ئۈزۈكۈم، ئۈزۈكۈڭ، ئۈزۈكلۈك "cyRzQ6EH  
تىل ئارقا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە شۇنداقلا ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئارقا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تىل ئارقا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: XV/7K "  
بوي ـــ بويۇم، بويۇڭ zMRa <G7  
ئوغۇل ـــ ئوغلۇم، ئوغۇللۇق Td ade+  
ئويۇنچۇق ـــ ئويۇنچۇقۇم، ئويۇنچۇقۇڭ =;+gge!?bB  
ئارا سوزۇق تاۋۇش «ئى، ئې»لارنىڭ باشقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ماسلىشىش خۇسۇسىيىتىدە ئىككى خىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە ئۇلىنىدۇ:  V~VUl)  
ئارا سوزۇق تاۋۇش «ئى، ئې»لار بىلەنلا تۈزۈلگەن بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە «ك، گ» تاۋۇشلىرى بولسا، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ؛ «ك، گ» تاۋۇشلىرى بولمىسا، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: gg.]\#3g  
ئېگىز+دە = ئېگىزدە، تېرەك + تە = تېرەكتە، ئېرىق + تا = ئېرىقتا، ئېغىز + دا = ئېغىزدا. L pq)TE#  
لېكىن، تەقلىد سۆزلەر بۇ قائىدىگە بويسۇنمايدۇ. مەسىلەن: 'z^'+}iyv  
چىك + ىلدا  = چىكىلدا !ui t  
گىژ +  ىلدا = گىزىلدا >;XtJJS  
ئاخىرىقى بوغۇمى «چە» بولغان سۆزلەر ياكى «چە» قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلاشتا، «چە» بوغۇمىنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: 'j*Q   
باغچە ـــ باغچىلار، باغچىغا، باغچىدا `-%dHvB^R  
قەلەمچە ـــ قەلەمچىلەر، قەلەمچىگە z Ohv>a  
ئۈنچە ـــ ئۈنچىلەر، ئۈنچىگە lX%-oRQ/os  
لېكىن، «چە» بىلەن ئاياغلاشقان بارلىق ئالماشلارغا يەنىلا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: ^mjU3q{;  
بۇنچە ـــ بۇنچىلىك، بۇنچىگە %f'=9pit  
سەنچە ـــ سەنچىلىك، سەندەك q6N{N>-D  
شۇنچە ـــ شۇنچىلىك، شۇنچىگە CVvl &on  
«ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە «ئى» تاۋۇشى بىلەن تۈزۈلگەنقوشۇمچىلار ئۇلىنىپ، شۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرى «ئى» ياكى «ئې» غا ئۆزگەرگەندىن كېيىن يەنە قوشۇمچە ئۇلاشقا توغرا كەلسە، شۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلىي ھالىتى بويىچە ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: .?rs5[th*  
بار ـــ بېرىش، بېرىشقا، بېرىشتا، بېرىشقان X31%T"  
بەر ـــ بېرىش، بېرىشكە، بېرىشتە، بېرىشكە 5 =8v\q?)c  
5. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دېگەن نېمە؟ مىسال. Q|P M6ta  
سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولۇشىغا قاراپ، قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس شەكلىنىڭ ئۇلىنىپ كېلىشى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: b:'8_jL  
قول ـــ قولغا، قولدىن ( tq);m&  
ئاش ـــ ئاشقا، ئاشتىن X.>~DT%0Lm  
بازار ـــ بازارغا، بازاردىن ern\QAhXX  
ياتاق ـــ ياتاققا، ياتاقتىن g]JRAM  
سۆزلەرگە قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە ئۇلىنىدۇ: J zFR9DEt  
«د، ب» تاۋۇشلىرىدىن باشقا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باغلانغان شەكلى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: #tpz74O  
باغ ـــ باغدىن، باغدا `n-/~7  
نان ـــ ناندىن، نانغا، ناندا 7Y-Q, ?1  
قورال ـــ قورالدىن، قورالغا، قورالدا l" ~ CAw;  
كەپتەر ـــ كەپتەردىن، كەپتەرگە cUP1Uolvn  
«د،ب» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: 3? 
كىتاب ــ كىتابقا، كىتابتا، كىتابتىن -K$ugDi  
ئەۋلاد ــ ئەۋلادقا، ئەۋلادتا، ئەۋلادتىن _t;^\"\  
ئاخىرى «غ، گ» ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە يەنە «غ، گ» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، «ق، ك» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن: #@w/S:KbJt  
تاغ + قا = تاغقا (تاققا ئەمەس) (pM& eow}  
تۇغ + قان = تۇغقان (تۇققان ئەمەس) G;#xcld  
ئەگ + كەن = ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس) tUZfQ  
چىگ + كەن = چىگكەن (چىككەن ئەمەس) 6C"zBJcGc  
تۈگ + كەن = تۈگكەن (تۈككەن ئەمەس) 7&HcrkP]  
6. بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى قانداق بولىدۇ؟ مىسال. m5] a  
بىر قىسىم سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى سوزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلىشىدۇ ۋە ئاجىزلاشقىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: k^ fW /  
باش  + ىم = بېشىم ~*\ *8U@7  
ياتاق + ىم = ياتىقىم hyJ&~i0P{J  
خەت + ى = خېتى K0o${%'@7  
ئال + ىپ = ئېلىپ، )+Z.J]$O-  
كەل + ىڭ = كېلىڭ vA Z kT"  
«ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن: sUR5Q/Q  
ئات + ى = ئېتى m~W[,7NE0&  
مال + ىڭ = مېلىڭ [4bE"u  
قان + ىم = قېنىم bUM4^m  
كەل + ەر = كېلەر  
«ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ. L:?Ew9Lf  
مەسىلەن: 3QVUWhJ  
ياسا+ غان= ياسىغان o$U{.#  
بالا + لار= بالىلار #cW :04  
ئاسان + ئى = ئاسىنى `m#G'E I  
ئاتاق + ئى = ئاتىقى SD8>,  
سۆزلە + مەك = سۆزلىمەك xC0y2+)|  
ئائىلە + دە = ئائىلىدە "H@I~X=  
دەپتەر + ىم = دەپتىرىم SdMLO6-  
بەزى سۆزلەر تۇراقلىق ئۇرغۇغا ئىگە بولغاچقا، قوشۇمچە ئۇلانغاندا «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشمايدۇ ھەم ئاجىزلاشتۇرۇلماي ېيزىلىدۇ. مەسىلەن: O7.eq524  
سان ـــ سانى، تەم ـــ تەمى، ئەخلاق ـــ ئەخلاقى، گۇناھ ـــ گۇناھى " s_S!;w@  
7. تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى دېگەن نېمە؟ مىسال. =;) =,+V~q  
تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قانداق تاۋۇش ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. :=!6w  
سىڭىل + ىم = سىڭلىم (سىڭلىسى) cG@W o8+  
ئىملا + ىم = ئىملايىم (ئىملايىڭ) -*ZQ=nomN  
ۋاقىت + ىڭلار = ۋاقتىڭلار (ۋاقتى، ۋاقتىمىز) $3ZQ|X[|+  
ئوغۇل + ۇڭ = ئوغلۇڭ (ئوغلى، ئوغلىمىز)  2,Z@<  
نەسىل + ى = نەسلى (نەسلىڭلار، نەسلىمىز) Rp:I&f$Hk/  
قىسىم + ى = قىسمى #hu`X6s"  
ھۆكۈم + ى = ھۆكمى V}Q`dEk2r  
يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى «ئى، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن: 3Y +;8ld  
كۆڭۈل + ى = كۆڭلى 5UK}AkEe&x  
ئورۇن + ۇم = ئورنۇم !kh:zTP  
جىسىم + ى = جىسمى wk^$DM/KJ)  
ئۆمۈر + ى = ئۆمرى =t~]@?]1D  
ئىلىم + ى = ئىلمى 5dX0C  
زېھىن + ى = زېھنى (58r9WhS  
8. تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى قانداق ھادىسە؟ مىسال. GQjU="+  
ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان بەزى سۆزلەرگە بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى ئۈچۈن ئوخشاشلا «سى» قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: n#4T o;CS  
ئىملا + ىم = ئىملايىم، ئىملايىڭ، ئىملاسى "/taatcH  
پولو + ۇم = پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى ,Vz-w;oDn  
توخۇ + ۇم = توخۇيۇم، توخۇيۇڭ، توخۇسى Vy=+G~  
بىنا + ىم = بىنايىم، بىنايىمىز، بىنايىڭ، بىنايىڭلار، بىناسى C8(0|XX  
سۇ + ۇم = سۈيۈم، سۈيۈڭ wjOJn]  
پەقەت ئوچۇق بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، قوشۇمچىلار ئالدىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 9El{>&Fs4  
دە + ىش = دېيىش %hz5)  
يە +    = يېيىش ,kFp%qNj  
يە + ىلدى = يېيىلدى l @E {K|  
يۇ + ۇش = يۇيۇش 6mxzE3?G  
سۇ + ى = سۈيى .`&k`  
يۇ + ۇلدى = يۇيۇلدى >LVGNicQ  
ئارزۇ + ۇم = ئارزۇيۇم * COC&  
9. ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملا قائىدىسى قانداق؟ مىسال. dI%Nwl%  
ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا پەيدا بولىدىغان تەلەپپۇزدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يېزىقتا ئىپادىلەنمەيدۇ. مەسىلەن: sM9utR  
ئاتاق + لىق = ئاتاقلىق (ئاتاغلىق ئەمەس) &hM7y7  
كېرەك + لىك = كېرەكلىك (كېرەگلىك ئەمەس) $+U 6c~^^  
چىرايلىق + راق = چىرايلىقراق (چىرايلىغراق ئەمەس) pMf ?'l  
ساق + لا = ساقلا (ساخلا ئەمەس) ;[:IC^9fv  
ئاچ + قان = ئاچقان (ئاشقان ئەمەس) ]r\!Z <<(  
ئاخىرى «ق، ك، پ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، سۆز ئاخىرىدىكى «ق، ك، پ» تاۋۇشلىرى ئېغىزدا «غ، گ، ۋ» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، ئەمما يېزىقتا «غ، گ، ۋ» تاۋۇشلىرىغا ئۆزگەرتىلمەي، «ق، ك، پ» بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: kJCeQK:W  
قوشاق ـــ قوشىقى (قوشىغى ئەمەس) #9HX"<5  
تىلەك ـــ تىلىكى (تىلىگى ئەمەس) {m_ y<  
تەكلىپ ـــ تەكلىپى (تەكلىۋى ئەمەس) M'pIAm1p  
ئېرىق ـــ ئېرىقى (ئېرىغى ئەمەس) \ #la8,+9  
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئاخىرى «غ» ۋە «گ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە يەنە «غ» ۋە «گ» تاۋۇشلىرى بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئەپسىز بولغاچقا، «ق» ۋە «ك» بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ، بۇ چاغدا سۆز ئاخىرىدىكى «غ، گ» تاۋۇشلىرى «ق، ك» تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، ئەمما يېزىقتا يەنىلا «غ، گ» بويىچە ئۆزگەرتىلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن: *y|zF 6  
باغ ـــ باغقا (باققا ئەمەس) vPrlRG6  
چوغ ـــ چوغقا (چوققا ئەمەس) cG1iO:  
ئەگ ـــ ئەگكەن (ئەككەن ئەمەس) !L2!:_  
تۈگ ـــ تۈگكەن (تۈككەن ئەمەس) @yF >=5z:  
بوغ ـــ بوغقان (بوققان ئەمەس) PlwM3lrj  
چىگ ـــ چىگكەن (چىككەن ئەمەس) ^AoX|R[1%  
بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «د،ب» تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا «ت، پ» ئېيتىلسىمۇ، ئەمما شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، يەنىلا «د، ب» بولۇپ ئېيتىلسا، يېزىقتا «د، ب» قىلىپ يېزىلىدۇ، بۇ قوشۇمچىلارنىڭ تەسىرى بىلەن سۆز ئاخىرىدىكى «د، ب» تاۋۇشلىرى «ت، ۋ» بولۇپ ئېيتىلسىمۇ، يېزىقتا يەنىلا «د، ب» بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: b&RsxW7  
مۇراد ـــ مۇرادقا @h/-P'Lc=7  
ئىقتىساد ـــ ئىقتىسادقا  %Nx,ZD@  
ھېساب ـــ ھېسابقا، ھېسابتا، ھېسابى  %\~U>3Q  
بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ت» تاۋۇشى قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا پەيدا بولسا، چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ، پەيدا بولمىسا، چۈشۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 0IBQE  
دوست ـــ دوستى (دوس ئەمەس) s|X_:3\x  
راست ـــ راستىڭنى (راس ئەمەس) nQ{~D5y,,  
گۆش ـــ گۆشى (گۆشت ئەمەس) ! >/J]/4>  
1- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇپ، سۆزلەر تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ قايسى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ. T&}KUX~Q/  
بىلىم بەرگەن ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىنمۇ ئارتۇق بىل، A+FQmLS  
ئۇنىڭغا دىلىڭدىن ئىززەت، ئىكرام قىل. f*T}Ov4  
جاۋاب: بۇ مىسرالاردىكى سۆزلەر تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. مەسىلەن «بەرگەن» تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە ئۇلانغان؛ «ئۇستازىڭنى، ئاتاڭدىنمۇ، ئارتۇق، ئۇنىڭغا» دېگەن سۆزلەر تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار بولۇپ ئۇلىنىپ كەلگەن. باشقىلىرى ئارا سوزۇق تاۋۇش جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. 3} C-Hg+gt  
2- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى توغرىمۇ؟ توغرا بولغانلىرىدا «√» بەلگىسىنى، خاتا بولغانلىرىغا «×» بەلگىسىنى قويۇڭ. 'Zqt~5=5  
ئائىلىلەرگە (       )، ئائىلىمىزدە (       )، ساپاگە (      )، يوقسۇللارغا (         )، سەنئەتكە (         )، ئۈمىدلىق (      )، ئارزۇلەرگە (       )، دۆلەتلارغا (         ) G;U SVF-'K  
جاۋاب: ئائىلىلەرگە (√ )، ئائىلىمىزدە (√ )، ساپاگە ( × )، يوقسۇللارغا (√  )، سەنئەتكە (√  )، ئۈمىدلىق ( × )، ئارزۇلەرگە ( × )، دۆلەتلارغا ( × ). =5:kV/p  
3- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئۇيغۇن بولمىسا، توغرىلاپ كۆچۈرۈڭ. JV+Uy$P!  
ئۆگىنىشكە، ئۆگۈتۈش، پۇتلۇرۇم، كۆرسۈتىمەن، سائەت بەشدە، ئەۋلاددىن، كىتابغا، ئەگگەن، تۈزۈتۈڭ، قۇلۇقۇم، ئۈنلەر، مىڭلار، سانسىزلىگەن، تاپشۇرمەيمەن، قوزغۇلۇش ^x_.3E3Q  
جاۋاب: «ئۆگىنىشكە  ـــ ئۆگەن + ىشكە » ETR7% 0$r  
ئۆگىتىش ـــ ئۆگەت + ىش _T=";NSa  
پۇتلىرىم ـــ پۇتلار + ىم zB\ 8<97 C  
كۆرسىتىمەن ـــ كۆرسەت + ىمەن C[+?gQJ[9  
سائەت بەشتە، ئەۋلادتىن، كىتابقا، ئەگكەن J|cw9u  
تۈزىتىڭ ـــ تۈزەت + ىڭ n"R$b:  
قۇلىقىم ـــ قۇلاق + ىم :MH=6  
ئونلار، مىڭلار، سانسىزلىغان، تاپشۇرمايمەن 9mpQusM  
قوزغىلىش  ـــ قوزغال + ىش (8em5  
4- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇپ، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشقان تاۋۇشلارنىڭ ئاستىغا سىزىڭ. "{jVsih0  
ئائىلىمىزنىڭ، مەملىكىتىمىزگە، ساۋاقداشلىرىڭ، بېشىمغا، كېلىۋاتىدۇ، ئىشلىمىدى، ئېتىڭىز، كۆڭلىكى، قائىدىسى، كۆزلىرىم، يېزىۋاتىمەن، كېتەمسىز، كۆز يېشى، ئۆگىنىش، سېلىنمىدى، يوقىلىپتۇ. XW{cC`&  
جاۋاب: ئائىل ىمىزنىڭ، مەملىك ىتىمىزنىڭ، ساۋاقداش ل ىلىرىڭ،        ب ېشىمغا، ك ېلىۋاتىدۇ، ئىشل ىمىدى، ئېتىڭىز، كۆڭلىكى، قائىدىسى، كۆزلىرىم، يېزىۋېاتىمەن، كېتەمسىز، كۆز يېشى، ئۆگىنىش، سېلىنمىدى، يوقىلىپتۇ. vTp ,j-^  
5- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە بېرىلگەن قوشۇمچىلارنى ئۇلاپ يېزىڭ، ئۇلاردا قانداق تاۋۇش ئۆزگىرىشى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. x+1-^XvK  
ئوغۇل + ۇم = ئوغلۇم («ئۇ» چۈشۈپ قالغان) BJsN~` =r  
ئەزا +  ىم = ئەزايىم («ي» قوشۇلۇپ قالغان) GVdJ&d\x  
ئورۇن + ۇڭ = ئورنۇڭ («ئۇ» چۈشۈپ قالغان) *`tQX$F  
Ba n^wX  
AgdU@&^  
لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە UD5f+,_;  
oMN Qv%U  
1. لېكسىكا قانداق مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ؟ ئۇ قانداق پەن؟ 0#F<JsO|u  
لېكسىكا تېخىمۇ توغرىسى لېكسىكولوگىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇ گىرېك تىلىدىكى «lexikos » (سۆز) «logos» (تەلىمات، ئىلىم- پەن) دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان تىلشۇناسلىق ئاتالغۇسى بولۇپ، «سۆز ھەققىدىكى تەلىمات»، «لۇغەت تەركىبى ھەققىدىكى پەن» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ، دېمەك، لېكسىكا تىلنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولغان سۆز ۋە لۇغەت تەركىبىي سېستېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، تەركىبىي قىسمى بولغان سۆز ۋە لۇغەت تەركىبىي سېستېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. *0 ;|  
2. لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ zM'2opiUY  
بىرەر تىلغا مەنسۇپ بولغان بارلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ. FsfP^a  
لۇغەت تەركىبى بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق تىلدىكى لۇغەت تەركىبىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن. vn96o] n  
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر قوللىنىلىش دائىرىسىگە قاراپ ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 4[K6ZDBU  
3. ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ qTnk>g_oS&  
لۇغەت تەركىبى ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقلىق، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان ۋە يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا ئاساس بولىدىغان سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دېيىلىدۇ. 4)d#dy::\  
ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە: z%L\EP;o}  
1) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ سۆزلىشىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان، كەڭ قوللىنىلىدىغان سۆزلەردۇر. شۇڭا ئۇ لۇغەت تەركىبىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. i>@"&  
2) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر شۇ تىلدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ياسىلىشىغا ئاساس بولىدۇ. تىلىمىزدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنى قوشۇش ياكى باشقا سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان. ZDl( q~4?z  
4. ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دېگەن نېمە؟ ئالاھىدىلىكى نېمە؟ 8'Bik  
تىلىمىزدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەردىن باشقا بارلىق سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ.  .t RWL!  
ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرنىڭ خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرنىڭ خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاشمايدۇ، يەنى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان ئومۇمىي كىشىلەرگە بىردەك چۈشىنىشلىك بولمايدۇ. ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر ئايرىم كەسىپلەردە، يەنە بىر قىسىم سۆزلەر زىيالىيلار ئارىسىدىلا قوللىنىلىدۇ. '~kAsn*/  
ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى تۇراقسىز بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، پەن- تېخنىكىسى، تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، بېيىپ تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئۆزگىرىش ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرگە قارىغاندا تېز ھەم زور بولىدۇ. qi-!iT(fe  
5. چۈشەنچە دېگەن نېمە؟ سۆز دېگەنچۇ؟ بۇلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟ EU-= \Y  
ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدە ئەكىس ئېتىشى چۈشەنچە (ئۇقۇم) دەپ ئاتىلىدۇ. F m{`?!  
مەسىلەن:«قەلەم» دېسەك، بۇ سۆز يېزىقچىلىقتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل قورال نامى (تىل بەلگىسى)نى بىلدۈرىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن خەت يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان مېتال ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان يېزىقچىلىق ئەسۋابى دېگەن مەنىنى بىلەلەيمىز. `O|PP3S  
بەلگىلىك بىر مەنىگە ئىگە، ئەركىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان تىل بىرلىكى سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. hM @F|t3  
مەسىلەن: كۈن، كۆمۈر، سۇ، باغ، ئادەم، ئوقۇغۇچى، كىيىم، گۈزەل، بەش ۋە باشقىلار. uyITUvPg[  
جۈملە سۆزلەرنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىدىن تۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزنى جۈملىنىڭ ئەڭ زۆرۈر قۇرۇلۇش ماتېرىيالى دەيمىز. سۆز بولمىسا، جۈملە تۈزگىلى بولمايدۇ. Fi^Q]9.@{  
چۈشەنچە بىلەن سۆز بىر- بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، لېكىن ئۇلار بىر نەرسە ئەمەس. ئىككىسىنىڭ پەرقىنى مۇنۇ بىر قانچە تەرەپلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: Ju"*>66  
1) ھەر قانداق چۈشەنچە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن ياردەمچى سۆزلەر بىلەن ئىملىق سۆزلەر گەرچە سۆز ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما نەرسىلەر توغرىسىدا بىرەر چۈشەنچە، ئۇقۇمنى بىلدۈرەلمەيدۇ. 71ctjU`U2  
2) چۈشەنچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بەزى چۈشەنچىلەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: «ئاقبۇلاق» مەلۇم جاينىڭ نامى بولسىمۇ، لېكىن بۇ چۈشەنچە «ئاق» ۋە «بۇلاق» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. I?mU_^no  
بەزى چۈشەنچىلەر بىر قانچە سۆز ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: «يۈز ــــ چىراي، جامال، رۇخسار، ھۆسىن» دېگەن سۆزلەر بىر خىل مەنىگە ئىگە. ^gpswhp 5  
3) بەزىدە بىر سۆز ئارقىلىق بىرلا چۈشەنچىنى ئەمەس، بەلكى بىر قانچە چۈشەنچە ۋە مەنىنى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ. «ئاق رەخت»، «ئاق يول»، «ئاق كۆڭۈل» دېسەك، «ئاق» سۆزى رەڭنى، ئوڭۇشلۇقنى، سەمىمىيلىكنى بىلدۈرۈپ كەلدى. «ئىشىك ئوچۇق»، «ھاۋا ئوچۇق»، «كۆڭلى ئوچۇق» دېسەك، «ئوچۇق» سۆزى ئۈچ خىل مەنىدىكى چۈشەنچىنى ئىپادىلەيدۇ. {- ( B  
6. سۆز شەكلى ۋە سۆز مەنىسى دېگەن نېمە؟ d?)C} 2  
سۆز تاۋۇشلاردىن تۈزۈلىدۇ، سۆزلەردىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى ۋە بىرىكىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. n3t0Qc  
سۆزلەر تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ. سۆزنىڭ تاۋۇشلۇق تۈزۈلۈشى ئۇنىڭ شەكلى بولىدۇ. lth t'|  
تاۋۇش سۆزىنىڭ تاشقى پوستى، شەكىل سۆزىنىڭ گىرامماتىكىلىق شەكلى، مەنە سۆزنىڭ مەزمۇنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزدىكى تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشى مۇقەررەر بىر مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر مەنە مەلۇم شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، ھەر قانداق سۆز تاۋۇش، شەكىل، مەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولىدۇ. ptXLWv`  
بىر تىلغا نىسبەتەن، سۆز شەكلى بىلەن سۆز مەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تۇراقلىق بولىدۇ. سۆز شەكلى ئۆزگەرسە، سۆز مەنىسىمۇ ئۆزگىرىدۇ. )/u?_)b4"  
سۆزدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن سۆز مەنىسى دېيىلىدۇ. z (,% 
7. سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە كۆچمە مەنىسى دېگەن نېمە؟ مىسال. E.$1CGd+  
مەلۇم بىر سۆزنىڭ ئەسلىدىكى سۆزىگە خاس لېكسىكىلىق مەنىسى سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ON{&-  
ئېگىز تاغ، گۈزەل يېزا /h=:heS4$  
«سال» سۆزىنى ئەسلىدە «ساندۇققا سال»، «قازانغا سال» دەپ ئىشلىتىمىز. ھازىر ئۇنى يەنە «يولغا سال»، «قۇلاق سال»، «بەس سال»، «نەزەر سال»، «تەرتىپكە سال»، «ئاھاڭغا سال»، «مەبلەغ سال» دېگەندەك نۇرغۇن مەنىلەردە قوللىنىمىز. P %8zxU;  
سۆزنىڭ ئەسلىي مەنە ياكى كۆچمە مەنىدە كەلگەنلىكى يەككە سۆزدە ئىپادىلەنمەيدۇ، پەقەت جۈملە ئىچىدە كەلگەندىلا بىلىنىدۇ، سۆز بىرىكمىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ^T bw#x]2  
«قۇشنىڭ قانىتى»  دېسەك، بۇ يەردىكى «قانات» سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىدە كەلگەن. «ئىشىكنىڭ قانىتى»، «ئايروپىلان قانىتى»، «ئات ــ ئوغۇل بالىنىڭ قانىتى»، «قانىتىمدىن ئايرىلدىم»، «قانات يايدۇرۇلدى»، «قانات ئاستىغا ئالدى» قاتارلىق سۆزلەر ئەسلىي مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسىدە كەلگەن. /`YHPeXu  
بۇلاقنىڭ بېشى، تاغنىڭ بېشى، ياشلىق باھارى، ئۈستەلنىڭ پۇتى، ئىشنىڭ يولى، تاغ ئېغىزى، خام خىيال، بەختلىك كۈنلەر، ئۆمۈر يولى، تۇرمۇش ئېگىز- پەس بولىدۇ، ناخشا چولپىنى، ئەقىل بوسۇغىسى، ئىلىم نۇرى J+3PUfg>@R  
سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى شەيئىلەرنىڭ ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىرىنى جانلىق ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغاچقا، شېئىرلاردا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. :zk69P3  
8. بىر مەنىلىك سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. 1=x4m=wV  
ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدە بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىر مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: d Ybb>rlu  
قەشقەر، پېرسوناژ، سىنئالغۇ... }R#YO$J7  
ئۇيغۇر تىلىدا بىر مەنىلىك سۆزلەرنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ئۇلارغا خاس ئىسىملار، پەن- تېخنىكا ئاتالغۇلىرى، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان سۆزلەر كىرىدۇ. -EV_=a8[y  
9. كۆپ مەنىلىك سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. qk pnXQ  
بىر ئاساسىي مەنە ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بىر قانچە مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر كۆپ مەنىلىك سۆزلەر دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ. مەسىلەن: }Wf\\  
«ئاچ، سال، تاش، ئىسسىق، سوغۇق، ئاچچىق، تاتلىق، ئوچۇق» دېگەنگە ئوخشاش. #wH 
كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئەسلىي مەنىدە ۋە كۆچمە مەنىدە كېلەلەيدۇ. مەسىلەن: +$Q33@F5l  
ئوچۇق ـــ ئىشىك ئوچۇق (ئەسلىي مەنىسى)، ھاۋا ئوچۇق، كۆزى ئوچۇق، قولى ئوچۇق، ئاغزى ئوچۇق (كۆچمە مەنىلىرى) f.ku v"  
10. مەنىداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. -g'[1  
شەكلى ھەر خىل، ئەمما مەنىلىرى ئوخشاش ياكى بىر- بىرىگە يېقىن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: |,c\R"8xS  
«ئۇلۇغ، بۈيۈك، يۈكسەك؛ يۈز، ھۆسن، چىراي، جامال، رۇخسار، بەت؛ تېتىك، جانلىق، جۇشقۇن» قاتارلىقلار. F;l*@y Tq  
مەنىداش سۆزلەر مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن بولسىمۇ، جۈملە ئىچىدە قوللانغاندا بەزى پەرقلەر بولىدۇ. يەنى بەزى مەنىداش سۆزلەرنى جۈملىدە ئالماشتۇرۇپ قوللانسىمۇ بولىدۇ، بەزى جۈملىلەردە ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولمايدۇ. Iuk!A?XV  
11. شەكىلداش سۆزلەر دېگەن نېمە؟ 9mW95YI S  
تىلىمىزدىكى يەنە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن يېزىلىشى تامامەن ئوخشاش، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىلىرى تامامەن ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن: B.nq3;Y  
ياش ـــ (ئىسىم) كۆزنىڭ يېشى، ياش ـــ (سۈپەت) ياش بالا، يۈز ـــ  (ئىسىم) ئادەمنىڭ يۈزى، يۈز  ـــ (سان) يۈز يىل. ]F[ V6`H  
تەلەپپۇزى، يېزىلىشى ئوخشاش، ئەمما مەنىلىرى ئوخشاشمايدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. R(Y4nw+Y-  
شەكىلداش سۆزلەرنى بىر نەچچە خىل مەنە بىلدۈرىدىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، شەكىلداش سۆزلەر شەكلى ئوخشاش، مەنىلىرى باشقا- باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت. ).HYW _Yih  
12. قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەر دېگەن نېمە؟ مىسال. .\1{>A  
ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەر مەنە جەھەتتىن قارىمۇ قارشى، بىر- بىرىگە زىت ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: l n}2   
ياخشى - يامان، قىش - ياز، پايدا- زىيان، ھەق-ناھەق، ئاق- قارا، كېچە- كۈندۈز، قىز- ئوغۇل، شەرق- غەرب، ئاز- كۆپ... NYb eIfL  
قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆز بولۇش ئۈچۈن بىر سۆزگە قارشى ياكى زىت مەنىلىك يەنە بىر سۆز بولۇشى كېرەك. pq0F!XmU  
مەنىلىرى ئۆز ئارا قارىمۇ قارشى بولغان سۆزلەر قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. > D:( HWL  
تىلىمىزدىكى قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەر بىر- بىرىگە زىت سانسىز شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، شەكىللىرى، ھەرىكەتلىرى، ھالەتلىرى، ۋاقتى ۋە ئورنى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈپ، روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. cY1d6P0  
13. تىلىمىزدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ 9(`d h  
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر مەنىسى ۋە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئىدىيوم، ماقال- تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. (9bFIvMc  
14. ئىدىيوم دېگەن نېمە؟ مىسال. Ik_u34U  
ئىدىيوم ئوخشىتىش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ، مۇنداق ئىدىيوملار شۇ سۆزلەرنىڭ يەككە تۇرغان چاغدىكى مەنىسىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۈرىدۇ. I8=p_Ie  
تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلىي مەنىلىرىدىن باشقىچە مەنىنى بىلدۈرگەن تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئىدىيوم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: 8RS=Xemds  
«ئاغزى قولىقىغا يەتمەك» دېگەن ئىدىيوم ھەرگىز ئاغزى يوغىناپ قولىقىغا يەتكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. w-9FF%@<  
15. ماقال- تەمسىل دېگەن نېمە؟ مىسال. $6~ J#;  
تىلىمىزدىكى تۈزۈلۈشى پۇختا، چوڭقۇر مەنىلىك، ئۈلگە، نەسىھەت، ئىبرەت خاراكتېرىدىكى تۇراقلىق جۈملىلەر ماقال- تەمسىل دەپ ئاتىلىدۇ. ":t'} Eg=6  
ماقال- تەمسىل ئاتا- بوۋىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن، ئۈلگە، نەسىھەت، تەنبىھ، ئىبرەت خاراكتېرىدىكى جۈملىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇن دائىرىسى كەڭ. ئۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى بىلىم جەۋھەرلىرى دېيىشكە بولىدۇ. }%z {tn  
ماقال بىلەن تەمسىل بىر- بىرىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، ئادەتتە بىرىنىڭ ئورنىدا يەنە بىرى ئاجرىتىلماي قوللىنىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پەرقى بار. 5$C4Ui{ 
ماقالدا خەلقنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا يەكۈنلەنگەن ئوي- پىكىرلىرى ئۇدۇللا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: Oy>u/g~  
«بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى يېڭەر»، «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس»، «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» ۋە باشقىلار. `Mj>t(  
تەمسىلدە بولسا ئوي- پىكىرلەر ئۇدۇل ئەمەس، بەلكى باشقا شەيئىلەرنىڭ خىلمۇ خىل خۇسۇسىيەتلىرى ۋاسىتە قىلىنىپ، ئەگىتمە يول بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 7g'jg7  
«گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن». بۇ تەمسىلدە گۆش، ياغ بىلەن پىياز ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇسىيەت ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەمسىل قىلىنغان. n)]]g3y2  
16. ھېكمەتلىك سۆز دېگەن نېمە؟ مىسال. _ ^5w f  
ھېكمەتلىك سۆز «ئەقلىيە سۆزلەر»، «تەپەككۇر جەۋھەرلىرى»، «تەپەكۇر ئۇچقۇنلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر خىل ھېكمەت، چوڭقۇر پىكىر- چۈشەنچە جىلۋە قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئېغىزدىن ئېغىزغا، كىتابتىن كىتابقا ئەينەن كۆچۈرۈپ، تۇراقلىق شەكىل بىلەن ئىشلىتىدۇ. Yvky=RM  
مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆزىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە پەلسەپىۋى پىكىر ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق جۈملىلەر ھېكمەتلىك سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: 9 F"2$;  
مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ. 5v&mK 5zZ  
                                                          ــــ ماۋزېدۇڭ BT?)-wS  
قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. fU@{!;|Pz  
                                                   ــــ مەھمۇد كاشغەرى V K7lm|J+  
ئۆز تارىخىدىن شۆھرەت نامايەندىلىرى بىلەن نەپرەت ئوبيېكتلىرىنى بايقاپ تۇرمىغان مىللەت خامۇش مىللەتتۇر. . 4$SNzv3V  
                                          ـــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن "RZV v~BD  
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر.  
                                                   ـــ يۈكنەكى AD_aI %7  
بىز ئۆمۈر بويى قەرزدار بولغان ئەڭ ئۇلۇغ بىر زات بار، ئۇ بولسىمۇ ئانا. xy/B<.M1  
                                           ـــ ن. ئا. ئوستروۋېسكى rKK{*%n  
6- كۆنۈكمە: ئەدەبىي كىتابلاردىن قىسقا بىر ئابزاسنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭ. (جاۋابى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلدى.) =TTk5(m  
7- كۆنۈكمە: ئۆز يۇرتىڭىزدىكى يەرلىك شېۋە سۆزلىرىدىن 10 نى يېزىپ كېلىڭ. (جاۋابى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلدى.) 5)IJ|"]y  
8- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەردە چۈشەنچىلەرنىڭ قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىڭ. H%}ro.u  
قەلب، سەلتەنەت، دەريا، گۈلدەستە، سوۋغا، تاپشۇرۇق، پائالىيەت، ساپ، ئويلاش، سالام، ساغلام 8$c_ M   
جاۋاب: «گۈلدەستە» دېگەن سۆزدە چۈشەنچە ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن، قالغانلىرىدا بىر سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. mX4u#$xs:  
9- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئەسلىي مەنە ۋە كۆچمە مەنە بويىچە تۈزۈلگەن ئىككى خىل جۈملە تۈزۈڭ. X {[" 4  
كۈن، قىل، سىر، ئىللىق gM0 ^k6bB8  
جاۋاب: 1) كۈن: كۈن تۇتۇلۇپ، ھاۋا بۇزۇلدى. (ئەسلىي مەنە) ?Aewp$Bj  
كۈن: مېنىڭ ئوچۇق كۈنلىرىم تۈگىدى. (كۆچمە مەنە) MS_@ Xe  
2) قىل: ئاشقا قىل چۈشۈپ كەتتى. (ئەسلىي مەنە) y([""z3 
قىل: يوق يەردىن قىل ئىزدەپ نېمە قىلىسەن؟ (كۆچمە مەنە) =p1aF/1$I  
3) سىر: مەن بازاردىن كۆك سىر سېتىۋالدىم. (ئەسلىي مەنە) %lr<;   
سىر: بۇ ئىشنى ھەر خىل سىر بىلەن سىرلاپ، قانداق كۆرسەتمەكچىسەن؟ (كۆچمە مەنە) h1 y6`m9  
4) ئىللىق: ئىللىق باھار ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرەتتى(ئەسلىي مەنە) fn!(cE|`E  
ئىللىق: ئۇنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قويمايتتى. (كۆچمە مەنە) _cWz9 ;  
10- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى سۆزلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى تېپىپ يېزىڭ. l$i^e|*  
مەززىلىك، ئاتاقلىق، كۆپ، سەزگۈر، يۈرەك .g|D  
جاۋاب: مەززىلىك: تاتلىق، لەززەتلىك، تەملىك، شېرىن RWN2 P6  
ئاتاقلىق: داڭلىق، مەشھۇر، شۆھرەتلىك، نامدار R^fk :3  
كۆپ: جىق، مول، نۇرغۇن، ئاۋۇن، سانسىز، ئاز بولمىغان Ik92=' Z  
سەزگۈر: ھوشيار، ئەقىللىق، زېرەك، تاپقۇر NwK( 
يۈرەك: قەلب، كۆڭۈل، دىل 4_#y l9+  
11- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى شېئىرلاردىكى ئاستى سىزىلغان شەكىلداش سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ. STC'j1U  
1) دەۋېرىش بەك ئۇيات «بىلمەيمەن، ۋاي- تاڭ»، F-=W7 D:[c  
بىلىمنى ھەر قاچان دىلىڭغا چىڭ تاڭ. /r4QDwu  
تىرىشقىن ئىجتىھات بىلەن، بىزنى كۈتىدۇ، y=L9E?  
ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن ئاشۇ گۈزەل تاڭ. t/6t{*-w  
2) ئايرىماي يۈرۈپسەن «ئا»نى «ئە» دەپ، %N"9'g>  
غەپلەتتە ھەددىڭدىن ئېشىپ، بەك ئەدەپ. cVzOW|NVx  
ئالىمەن دېسەڭ ئەل قەلبىدىن ئورۇن، ar0y8>]3  
نومۇس قىل، ئۆزلەشتۈر ئەخلاق ۋە ئەدەپ. ^-CQ9r*  
جاۋاب: 1) بىرىنچى مىسرادىكى «تاڭ» ــ «بىلمەيمەن، قانداقكىن» دېگەن مەنىدە. ئىككىنچى مىسرادىكى «تاڭ» ــ «باغلار، چىگ، ئورا» دېگەن مەنىدە. تۆتىنچى مىسرادىكى «تاڭ» ـــ ئەسلىي مەنىدە «سەھەر، يورۇقلۇقنىڭ يېتىپ كېلىشى» بولۇپ، كۆچمە مەنىدە «كەلگۈسى، كېلەچەك» دېگەن مەنىدە كەلگەن. zSYh\g"  
2) بىرىنچى مىسرادىكى «‹ئە› دەپ» - ‹ئە› تاۋۇشى دەپ» دېگەن مەنىدە. ئىككىنچى مىسرادىكى «ئەدەپ» ــ «كۈچەپ» دېگەن مەنىدە. تۆتىنچى مىسرادىكى «ئە – دەپ » ــ «پەزىلەت» دېگەن مەنىدە كەلگەن. B}= WxG|)  
12- كۆنۈكمە: قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ماقالدىن بەشتىن يېزىپ كېلىڭ. LB<,(dyh  
جاۋاب: (ئۈلگە): يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن تۇرسا چىشلىشەر. تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت يەر. M(,npW  
13- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى ئىدىيوملارنىڭ ئاستىغا سىزىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەنە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. DrD68$,QN  
جاۋاب: 1) بېشىنى تاشقا ئۇرماق. ھەر قانچە قىلىپمۇ، ئامال قىلالماسلىق. !]tZE%?  
2) خورىكى ئۆسۈپ قالماق. يوغانچىلىق قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، چوڭچىلىق قىلىش، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش. ,!"\L~6  
3) مېغىزىنى چاقماق. ھۇزۇر – ھالاۋىتىنى كۆرمەك، پايدىسىنى كۆرمەك، پايدىلانماق دېگەن مەنىدە. kLKd O0  
4) قولى ئۇزۇن. ھوقۇقلۇق، كۈچ- قۇۋۋىتى تولۇقلۇققا، باي، ئىقتىسادى كۆپلۈككە ئىشارە. lx<]v^  
5) كۆڭلى تۈز. كۆڭلى ياخشى، باشقىلارغا يامانلىق قىلمايدىغان. hSmu"a,S  
14- كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى ماقال- تەمسىللەرنى تولۇقلاپ يېزىڭ. (بېرىلىشى بىلەن جاۋابى بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى.) $=8?@My<  
1) مەرد بىر قېتىم ئۆلەر، نامەرد مىڭ قېتىم. _ i )Z8#  
2) قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. v4}kmH1  
3) ياخشى تېپىپ سۆزلەيدۇ، يامان كۆپۈپ. pA9:1*+;;  
4) بىلىم ــ بىلگۈچىدە، ماھارەت- ئۆگەنگۈچىدە. fL7ym,?  
5)يېمەيدىغان ھەسەل بار، يەيدىغان زەھەر. CtwMMZXX3  
6) پالتا چۈشكىچە، كۆتەك ئارام ئاپتۇ. 8phc ekh+  
7) قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ. y 1fl=i  
8) ئېغىزدا بار، ئەمەلدە بار. apk06"/  
9) كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تارت، چىشىڭ ئاغرىسا تىلىڭنى. F"9 f6 
15- كۆنۈكمە: ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئالتىنى توپلاڭ. 4NxtU/5-sU  
ئۈلگە: ئىلھام ــ ھۇرۇننى يوقلاشنى ياقتۇرمايدىغان مېھمان. 28M! G~|  
                                                        ـــ چايكوۋىسكى 1c  S{3  

تىلسىن 2013-09-17 12:13
تەۋپىق تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاش بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن .مۇشۇ ئاساستا دەرىسلىك ھۆججىتى تۈزۈشۈپ باقساق ئەجەپ ئەمەس.قالغان تۆت قىسىمنىمۇ ئاستا ئاستا يوللايمەن.تولۇقلاش ،تۈزىتىش تەنقىدى پىكىر تەكلىپلەر بولسا ئېرىنمەي بەرگەيسىلەر.بۇمۇ مېنىڭ تەلىيىم ۋە بەختىم.

lala 2013-09-18 14:55
ۋاھ!  ماڭا  نەق چۈشتى. رەھمەت جۇمۇ!

alkadir 2013-09-26 10:35
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ozqan 2013-09-26 13:29
تىلسىن : تەۋپىققە باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ... ~: Dr]kt  
بۇ تېمىنى بەكلا كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن . L m"a3 Nb  
تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزگەن شۇنچە كۆپ ماتىريالىڭىزنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپسىز ... )#Ea~>v  
رەھمەت سىزگە . . .

ئەكبەرنىياز 2013-09-26 21:24
ھەقىقەتەن ئېسىل ماتىريال بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ھەزرەت 2013-10-25 11:13
مەنمۇ  پايدىلىنىدىغان  بولدۇم ...

پاراسەت 2013-12-25 14:05
رەخمەت،كۆپ جاپا چېكىپسىز.


查看完整版本: [-- يولۇق 1- يىللىق زۆرۈر دەرىسلىك ئەدەبىيات سۇئال جاۋاپلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled